ismail يوللانغان ۋاقتى 2014-7-7 18:59:45

جۇڭگوچە، شىنجاڭچە ئىلمىي تەرەققىيات يولىدا ماڭايلى

ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8–نۆۋەتلىك كومىتېتى7 –ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن)يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈش توغرىسىدا(6)
گېزىتىمىز ئوبزورچىسى
   يولداش جاڭ چۈنشيەن ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 7 – ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەركەز ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچەش نۇقتىسى، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مەركەز، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇشنى مۇھىم پۇرسەت، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئەلنى مايىل قىلىشنى مەقسەت قىلىپ، جۇڭگوچە، شىنجاڭچە ئىلمىي تەرەققىيات يولىدا مېڭىشنى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئاساسىي نىشانى قىلىپ بېكىتتى.
   تارىخىي تەجرىبىلەردىن بىزگە شۇ مەلۇم بولدىكى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش شارائىتى ۋە ئاساسى روشەن خاسلىققا ئىگە، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ھەقىقىي ماس كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا ماڭغاندىلا، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ غايەت زور ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتالايمىز. يېڭى مۇساپىدە بۇ يولنىڭ يادروسى تەرەققىياتنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، يەرلىككە نەپ يەتكۈزۈش، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇ يادرونى ياخشى ئىگىلىگەندىلا، ئەلنى ھەقىقىي مايىل قىلغىلى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئومۇمىي نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن ئۇل سالغىلى بولىدۇ. شۇڭا، بۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى مۇشۇ يادرونى چۆرىدەپ پىلانلىشىمىز زۆرۈر.
   تەرەققىياتنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، يەرلىككە نەپ يەتكۈزۈش ۋە ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى مەنپەئەتلەندۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك. ھەر مىللەت ئامما شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ كۈچ مەنبەسى، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ئاساسلىق كۈچ. تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ھەر مىللەت خەلقنى مەنپەئەتلەندۈرگەندىلا، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى پۇختا ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە قىلالايمىز، دەۋر بىزگە يۈكلىگەن مۇقەددەس بۇرچنىمۇ ئىشقا ئاشۇرالايمىز. بىز خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق يولغا قويۇش بىلەن بىللە، ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان كىچىك تۈرلەر ۋە قۇرۇلۇشلارنى كۆپرەك يولغا قويۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى ئامما كۆرەلەيدىغان، ھېس قىلالايدىغان بەختلىك تۇرمۇشقا ھەقىقىي ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.
   بەزى جايلاردا ھازىر ئىشقا ئورۇنلىشىش، مائارىپ، نامراتلىق قاتارلىق مەسىلىلەر بىر قەدەر گەۋدىلىك، يەنە بەزى جايلاردا بايلىق ئېچىشتىن يەرلىككە يېتەرلىك نەپ يەتكۈزۈلمەيۋاتىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى چەكلەيدىغان قىيىن نۇقتا، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن يەرلىككە، ئاممىغا نەپ يەتكۈزۈشكە توسالغۇلۇق قىلىدىغان گەۋدىلىك مەسىلەر بولۇپ قالدى. بۇ مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلغاندىلا، تەرەققىياتنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، يەرلىككە نەپ يەتكۈزۈش، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىشتە ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرگىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە مائارىپتىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك خىزمەت ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى ئىشى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ نېگىزى. شۇڭا، ئۇنى چىڭ تۇتىشىمىز كېرەك.
   شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىلمىي تەرەققىياتقا جەزمەن ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك. خىزمەتلەرنى يادرونى چۆرىدىگەن ھالدا قانات يايدۇرۇش دېگەنلىك، باشقا تەرەپلەر بىلەن كارى بولماسلىق دېگەنلىك ئەمەس. شىنجاڭنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىق تەرەققىياتىنى چەكلەۋاتقان بەزى زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى كۆزلەپ، ئىلمىي تەرەققىياتقا داغدام يول ھازىرلىشىمىز كېرەك. مۇھىت ئاسراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئېكولوگىيەسى ياخشى رايون قۇرۇش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹بايلىق ئېچىش ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش›› يولىدا داۋاملىق بوشاشماي مېڭىپ، ئۇزاق مۇددەتلىك رىقابەت كۈچى يېتىلدۈرۈشىمىز كېرەك.
   بىز پەقەت جۇڭگوچە، شىنجاڭچە ئىلمىي تەرەققىيات يولىدا بوشاشماي مېڭىپ، تەرەققىياتنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، يەرلىككە نەپ يەتكۈزۈش، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىشتە قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرسەكلا، ھەر مىللەت ئاممىغا تېخىمۇ كۆپ بەخت – سائادەت ئاتا قىلالايمىز.
مەنبە http://uyghur.ts.cn/homepage/content/2014-07/06/content_361575.htm

arslan428 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-8 13:10:07

كىلاسسىك قېلىپقا چۈشكەن گەپلەر. بۇنداق يادا بۇلۇپ كەتكەن گەپلەرگە تولغان نەرسىنى يوللاپ نىمىمۇ قىلارسىز. ئەھمىيەتسىز

diktatur يوللانغان ۋاقتى 2014-7-8 13:49:03

arslan428 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-8 13:10 static/image/common/back.gif
كىلاسسىك قېلىپقا چۈشكەن گەپلەر. بۇنداق يادا بۇلۇپ كەتك ...

ئىنكاس يىزىپ نىمىمۇ قىلاتىڭىز

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-8 14:19:30

قولىڭىزغا دەت كەلمىسۇن. ياشاڭ.{:136:}

begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-7-8 14:31:20

ئەمەلىيلەشمىگەن بۇنداق نەزەرىيىلەرنى تولا ئاڭلاپ، قۇلاقمۇ قىتىپ كەتتى.

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-7-8 15:05:57

دارا ساتىدىغانلار بارمۇ ؟
تىرەم ئاپتاپ زىيان قىلىدىغان بولۇپ قاپتۇ .

dolqun يوللانغان ۋاقتى 2014-7-8 15:51:00

diktatur يوللىغان ۋاقتى  2014-7-8 13:49 static/image/common/back.gif
ئىنكاس يىزىپ نىمىمۇ قىلاتىڭىز

:lol

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-8 16:04:06

چار چاپاننى كىيىپ ئاپتاپتا قاغجىراپ 10 ئادەم بىر تۆمۈر دەرۋازىنى بېقىپ ئولتۇرغاندا غەزەپ خوشياقتى ما تېما :lol يەنە بارمۇ ؟

kurbanjannn يوللانغان ۋاقتى 2014-7-8 16:33:08

uqkun1 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-8 16:04 static/image/common/back.gif
چار چاپاننى كىيىپ ئاپتاپتا قاغجىراپ 10 ئادەم بىر تۆمۈر  ...

:lol :lol :lol

dilara يوللانغان ۋاقتى 2014-7-9 07:30:59

مىسىردىن كەلگەن يېڭى خەۋەر:
转:《艾资哈尔》官方报刊最新报道:

艾资哈尔各大长老会见中国驻埃大使,就中国部分地区实施干涉穆斯林公民自由斋戒问题提出要求:希望尽快恢复稳定中国穆斯林履行宗教法令的宗教自由权!
驻埃大使做出回应:我们会尊重中国穆斯林自由的履行宗教法令。

无论该回应中的“尊重”含金量有多高,我们要等待多久,穆斯林同胞都当积极予以关注,发出呼吁的声音,祈求伟大的安拉给穆斯林平安!

dilara يوللانغان ۋاقتى 2014-7-9 07:33:18

بۇ گەپلەر راستمۇ؟

国家宗教局叶小文回答:中国政府一贯奉行宗教信仰自由政策。在《中华人民共和国宪法》中,宗教信仰自由是公民的一项基本权利。它规定,任何国家机关、社会团体和个人不得强制公民信仰宗教或者不信仰宗教,不得歧视信仰宗教的公民和不信仰宗教的公民;国家保护正常的宗教活动。按照这些规定,中国政府采取各种措施在各个方面切实保障公民的宗教信仰自由权利,因此不存在什么对l 8岁以下的青年进行礼拜或从事信仰的活动进行限制的问题。众所周知,第十一世班禅现在也才只有9岁,这就很说明问题。……同世界上许多国家一样,中国注意对少年儿童权利包括信仰自由权利的保护。这与有关国际文书和公约在这方面的主要内容是基本一致的。 请各届政协领导,宗教领导,清真寺理事,阿洪,乡佬,教民。还有所有的中国公民,农民转发。为了政府公开宣布(中华人民共和国宪法)宗教信仰自由是全中国伊斯兰教教民的一项基本权力,是不受年龄限止的,中国政府是公正,公平,公开的。中国宪法是真实,威严的。民主的。

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-7-9 08:25:58

ئاۋۋال گەپ چىقسۇن، ئاندىن ئەمەلىيلىشىدۇ، گەپمۇ چىقمىسا نەدىن كەلگەن ئەمەلىيلىشىش ...
سىياسى ئۆگىنىش جەريانىدا ھەرخىل كىشىلەرنىڭ ھەرخىل تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ۋە بەزى سىياسەتلەرنى ئەيىپلىشى توغرىلىق بىر كىچىك باشلىقنىڭ بەرگەن چۈشەندۈرىشى: ھۆكۈمەتمۇ 'تاشنى سىيپاپ دەريادىن ئۆتۈۋاتىدۇ 摸着石头过河'،بەزى سىياسەتلەر بىر كۈندىلا چىقىپ قالمايدۇ ۋە مەڭگۈ ئۆزگەرمەي قالمايدۇ. بۇ چۈشەندۈرۈش توغرىمۇ-خاتا، بىلمىدىم. كۆپىنچە ھاللاردا توغرا چۈشەندۈرۈلۇپ كېلىۋاتىمىزغۇ.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-7-9 08:26:14

dilara يوللىغان ۋاقتى  2014-7-9 07:33 static/image/common/back.gif
بۇ گەپلەر راستمۇ؟

国家宗教局叶小文回答:中国政府一贯奉行宗教信仰自由政策。在《中华人 ...

中国注意对少年儿童权利包括信仰自由权利的保护
جوڭگۇ ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ دىنى ئەركىنلىك ھوقۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھوقۇقلىرىنى قوغداشقا دىققەت قىلىپ كەلدى ...
بۇ گەپ مائارىپ قانۇنىغا خىلاپ گەپ بولۇپ قاپتىغۇ ، مائارىپ قانۇنىدا، ياش- ئۆسمۈرلەرنى دىندىن خالى مۇھىتتا تەربىيىلەيمىز دىگەندەك تېرمىنلار بارغۇ دەيمەن .
第八条
教育活动必须符合国家和社会公共利益。国家实行教育与宗教相分离。任何组织和个人不得利用宗教进行妨碍国家教育制度的活动。

yigana523 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-9 08:38:53

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yigana523 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-9 08:46  

ماۋۇ تېمىنى ئوقۇپ يازغان تەسىرات ماقالەمنى كىمگە تاپشۇرىمەن؟

ismail يوللانغان ۋاقتى 2014-7-9 12:28:49

uqkun1 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-8 16:04 static/image/common/back.gif
چار چاپاننى كىيىپ ئاپتاپتا قاغجىراپ 10 ئادەم بىر تۆمۈر  ...

غاجاپ قويغان دەرەختەك چاپانما؟

azharbag يوللانغان ۋاقتى 2014-7-9 14:16:34

ma..gap..alamat..kaptu...

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

ismail يوللانغان ۋاقتى 2014-7-9 19:01:38

dilara يوللىغان ۋاقتى  2014-7-9 07:33 static/image/common/back.gif
بۇ گەپلەر راستمۇ؟

国家宗教局叶小文回答:中国政府一贯奉行宗教信仰自由政策。在《中华人 ...

بۇ گەپنى چۈشەنمىدىم
因此不存在什么对l 8岁以下的青年进行礼拜或从事信仰的活动进行限制的问题。众所周知,第十一世班禅现在也才只有9岁,这就很说明问题。……同世界上许多国家一样,中国注意对少年儿童权利包括信仰自由权利的保护

ismail يوللانغان ۋاقتى 2014-7-9 19:02:54

DOLANMAN88 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-9 16:14 static/image/common/back.gif


ش ج ت ۋ يا ش ج گ غا

birmoo يوللانغان ۋاقتى 2014-7-9 19:31:24

قوسقۇم ئاشتى {:99:}
بەت: [1] 2
: جۇڭگوچە، شىنجاڭچە ئىلمىي تەرەققىيات يولىدا ماڭايلى