Qashqari يوللانغان ۋاقتى 2014-7-7 14:00:17

كونا فىلىملەر

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qashqari تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-7 14:09  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىنداشلار رامىزان مۇبارەك !
مەن تۇنۇگۇن مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن سوھورلۇقنى سىرىتتا قىلىپ قالدىم ، سوھورلۇق يەۋەتقىچە قۇلۇقۇمغا مىنىڭ  ئوسمۇر چاغلىرىمنى ئەسلىتىشكە سەبچى بولىدىغان بىر كىنونىڭ ئاۋازى كىرىپ تۇرۋاتاتتى ، سوھورلۇقنى يەپ بولۇپ ئاشخانىنىڭ سىرتىغا چىقىپ بۇ ئاۋازنىڭ 10 مىتىر يىراقلىقتىكى بىر دوغخانىدىن  چىقىۋاتقانلىقىنى بىلدىم ، بۇ كىنو ھىندىستاننىڭ داڭلىق كىنو چولپىنى ئامىتاپ باچچا رول ئالغان «تۇفان » دىگەن كىنوسى ئىدى ، بۇ كىنونى بۇندىن 15-20 يىللار ئىلگىرىمۇ قەشقەردىكى دوغچىلار بەس -بەستە خىرىدار كەلتۇرۇش مەقسىتىدە قويلۇشۋالاتتى ، لىكىن رامىزان ئايلىرىدا ئۇ زامانلاردا ئاساسى جەھەتتىن ئاشخانا ۋە دوغچىىخانىلاردا كوپىنچە ھەج پائالىيتىنىڭ ۋە ئابدۇراخمان سوۋدەيىسنىڭ قىرائەتلىرىنى ۋە تۇركىيەنىڭ «ئوغلۇم ئوسمان » «دانىيەلىك كىلىن » قاتارلىق فىلىملەرنى  قويۇپ قوياتتى . بۇ كىنو مىنىڭ ئوسمۇر چاغلىرىمدىن تارتىپ ، تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۇتتۇرگىچە ئارلىققىچە شۇ ۋاقىتلاردا قىززىق تىما بولىدىغان كىنو كورۇش قىزغىنلىقىمىزنى ئەسلەشكە ئۇندىدى .
مەن ئەقلىمگە كەلسەم تىلۋۇزۇرلاردا «سايىماخۇن»نىڭ دىراممىسىنى بىرەتتىكەن ، كىيىن «ئەلقىساسىى مىنەلھەق » دەيدىغان بىر دىراممۇ شۇنداق ياخشى كورۇلگەن ، كىنولاردىن «ساھىبجامالنىڭ ئولۇمى » « ئارتىس بولالمىغان قىز » « مەمەت ھەققىدە پاراڭ » «تۇتقۇن قىلىنغان قاچقۇن » «ئىزىتقۇ » . ئۇ ۋاقىتلاردا كىنوخانىدا قويلۇدىغان كىنولاردىن «چىڭگىزخان »نىڭ كىنوسىنىڭ ئازراق بىر قىسمى ئىسىمدە قاپتۇ ، يەنى چىڭگىزخاننىڭ چىدىرسىنى بىرەر يۇز كالىنىڭ ئۇستىگە قۇرۇپ مىڭىپ جەڭگە قۇماندانلىق قىلىشى ، يەنە «سالاھىددىن » ۋە دولىتىمىزنىڭ «يىپى ئۇزۇلگەندىلو » ، تىلۋىزىيە فىلىملەردىن «سىمايىڭسەي » ،شاڭگاڭنىڭ كىنولىردىن چىڭلۇڭنىڭ ، چىنزىدەننىڭ ، لىلەنجىنىڭ كىنولىرنى ئالدىن تاللاپ كورەتتۇق يەنى «ئا پىلانى » «زومىگەر » دىگەندەك ، يەنە ئامرىكىنىڭ كىنولىرىدىن شىۋاسسىنگىر بىلەن رامبونىڭ كىنوسىنى ئالدىن تاللايتۇق يەنى «بىرىنجى تامچى قان » . ھىندىستاننىڭ كىنولىردا كوپىنچە شۇ ئامىتاپ باچچانىڭ كىنولىرى يەنى «ۋاپادار ئات » «تۇفان » «ۋاپادار قۇش » دەيدىغان ، يەنە ئەڭ كوپ كورلۇش قىتىم سانىغا ئىگە شۇ زامانلاردا ئوزىنىڭ كوپ كورگەنلىكىنى ماختايدىغان كىنوسى «دىسكو چولپىنى » .
ئۇ زامانلاردا يەنە «لۇشاڭخانا » ئىچىش ۋە ئۇ يەرگە كىرىپ كىنو كورۇش قىزغىنلىقىمۇ يۇقىرى ئىدى ، ئىسىمدە قىلىشىچە ياۋاغ كىنوخانىنىڭ يازلىق زالىدا ۋە گۇزەر كىنوخانىڭ يىنىدا ۋە ھازىرقى شەرقى كول باغچىسىنىڭ كىرىش ئورنىدا بىر خەنزۇنىڭ «لۇشاڭخانىلىرى » بارئىدى ، بىر كىنو كورسەك بىر يۇئەن ئىدى لىكىن ، ئۇ خەنزۇنىڭ «لۇشاڭخانىسىدا » بىر يۇئەن تولەپ قويساق شۇ يەردىن چىقىپ كەتمىسەكلام كەچكىچە نەچچە كىنو كورسەك بولىۋىرەتتى ، كوپىنچە بىكارچە ۋاقىتلاردا ئاغىنىلەر بىلەن شۇ يەرگە بىرىپ كىنو كوروپ ۋاقىت ئوتكىزەتتۇق ، ئۇنىڭ قىزىقتۇردىغان يەنە بىر تەرىپى ئۇ خەنزۇدا ھازىرقى دىۋى قويغۇچقا ئوخشاش تەخسىلىك پىلاستىنكا سالىدىغان بىر كونا تىپتىكى دىۋىدىسى بار ئىدى ، بەلكىم شۇ زاماندا قەشقەردە شۇنىڭدىلام بولىشى مومكىن ، ئۇنىڭدا كوپىنچە ئامرىكىنىڭ ، ياۋرۇپانىڭ كىنولىرىنى قويۇپ بىرەتتى سۇزۇكلىكى شۇ ۋاقىتتىكى لۇشاڭلاردىن ئالاھىدە سۇزۇك ئىدى .
قالغانلىرنى شۇ ۋاقىتلارنى ئەسلىيەلەيدىغان قىرىنداشلار بىر ئەسلەپ ئىنكاس قىلىپ باقسۇن مەن شۇنچىلىك ئەسلىيەلىدىم .

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-7-7 18:08:13

ئاشۇ زامانلاردا مەنمۇ داڭلىق دىگەن يىگىرمە كىنونىڭ لۇشاڭ پىلاستىنكىسىنى ساقلاپ قويغان ئىدىم .
«غىرىپ سەنەم '»
«نەسىردىن ئەپەندىم»
«يۇل باشلىغۇچى »
«ئىشخانىدىكى ئىشلار »
« تەقدىرنىڭ چاقچىغى »
« قوغلاپ تۇتۇش »
«ۋارتانىڭ سارائىۋۇنى قوغدۇشى »
« كۆرۇك »
« رامبۇ » نىڭ ئۇچ قىسىم پىلاستىنكىسى
« خالىس ساقچىنىڭ خىسلىتى »
«قەھرىمانلىق جاسارىتى » ئۇچ قىسىم .
«چىڭلوڭ» بىر قانچە دىيى
« شىۋاسىنگىر» بىر قانچە قىسىم .
تىما ئىگىسى سوھۇرلۇق دەپ قايسى ۋاقىتنى كۆزدە تۇتىڭىز ؟
شىپتا ۋاختىنىمۇ ياكى زو ۋاختىنىمۇ ؟

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-7 18:33:03

قەشقەردىن ھەرقانداق كونا فىلىملەرنى تاپقىلى بولىدۇ، پېشقەدەم يېغىپ ساقلىغۇچىلارنىڭ قولىدا قىممەتلىك،ھۆججەتلىك فىلىملەر،درامىلار،فاتىفون تەخسىلىرى تېپىلىدۇ

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-7-7 18:34:31

ھىندىستاننىڭ :
موتو قاراقچىسى ،ھاراقكەش ،،كارۋان ،قىساس ئوتى ،پىل ساۋەبىدىن ،مىھرى -شاپقەت ،قېرىنداشلار ،...........
شىنجاڭنىڭ :
غەربى دىياردىكى ئۇسۇلچىلار ،بويتاقلار ئائىلىسى ،ئۈچ ياش,چۆلدە بوستان ،ئانارخان ،مۇزتاققا كەلگەن مېھمان ،......

function يوللانغان ۋاقتى 2014-7-7 19:19:02

ئالماس بىلەن ئۆتكەن ھايات

sewda يوللانغان ۋاقتى 2014-7-7 19:23:06

ماركونىڭ ئاپىسىنى ئىزدىشى يوقمۇ ؟

uyghur7800 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-7 19:24:09

uyghur7800 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-7 19:24:46

yigana523 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-7 19:47:54

جىڭگاڭشەننى پەم بىلەن ئېلىش{:92:}

bayawat يوللانغان ۋاقتى 2014-7-7 19:53:23

خاسپىنىڭ دىڭىز سەرگۈزەشتىسى

aplapsaplap يوللانغان ۋاقتى 2014-7-7 19:59:09

مىم، مەشھۇرۈكىشىلەر ھەققىدە ھىكايە، قىساسكار-ھېلىقى گاڭگانىڭ، تۆھمەت، ئېرەن باغقا قايتىش، 5-باشقارما ھەركەتتە، نۇرى، گەرچە بەك قېرى بومىساممۇ كۆرگەن كونا كىنولىنى يېزىپ قويدۇم

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-7 20:29:34

5-باشقارما ھەرىكەتتە،جەننەتنىڭ قەھرى،ئۇچار بۆرە.دىدەك ئىزورا.زورو.

arslan428 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-7 21:45:24

خاسبىنىڭ خەتەرلىك سەرگۈزەشتىلىرى
، مۇشۇنى ھازىرغىچە تۇگىتىپ كۇرۇپ باقمىدىم. قايەردە ئۇيغۇرچە تۇلۇق نۇسخىسى بار، بىر ئاخىرىنى كۈرىۋالغىم بار:'(  تىۋىگو بىلەن ئاپىسى بەك قىززىيتى

begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-7-7 22:00:37

شەيتان بىلەن ساقچى ، ئانا مىھرى.

guzal0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-7 22:04:05

بىر كىنو بولىدىغان ئىسمى ئىسىدە قەتئىلا يوق ۋەقەلىكى : مىسىرلىق قىز ئابلەي دىگەننىڭ پارىژدىكى ئۇقۇش ھاياتى ، كىيىن ، ئىسرائىلىيە جاسۇسلۇق ئۇرگىنىغا باغلىنىپ قالىدىغانلىقى ، ئۇنىڭ يىگىتى قۇرۇقلۇق ئارمىيىدە سام ناملىق باشقۇرىلىدىغان بازىدا ئىشلەيدىغانلىقى ، كىيىن ئۇ قىز تەمىنلىگەن يىپ ئۇچىغا ئاساسەن ، ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى ، مىسىرنىڭ باشقۇرىلىدىغان بومبا بازىسىنى ۋەيران قىلىۋېتىىغان .كىيىن مىسىرنىڭ ئاخبارات خادىملىرى ،ئۇ قىزنىڭ دادىسىنى كىسەل ھالەتتە تۇنىسقا يۇللاپ ، ئۇ قىزنى تۇنىسقا چاقىرتىپ ئەكىلىپ قۇلغا ئېلىپ مىسىرغا قايتۇرۇپ ئەكىتىدىغانلىقى ،،، شۇندىن كىيىن مانچىنجى قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى پارتىلايدىغانقى ...................................... مۇشۇ كىنونىڭ ئىسمى ، ئاددىرىسى ، ئىشقىلىپ مۇشۇ كىنونى بىلىدىغان تورداشلار بولسا بىر ياردەم قىلىۋەتسەڭلار ئىدى ئالامچە خۇشال بولاتتىم ، كۆپ تەشەككۇرلەر بىلدۇرەتتىم .

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-7 22:19:17

مەن كۆرگەن ئۇيغۇرچە ئىشلەنگەن فىلىملەر

بوستانلىقتىكى تەنتەنە(1959)
ئىككى ئەۋلات
يىراقتىكى ئۇچقۇنلار
ئانارخان(1962)
قۇملۇقتىكى يېشىل دولقۇن
قىزىل چىراق
يول باشلىغۇچى
غېرىب سەنەم
تېنىچسىز قۇمباغ
نەسىردىن ئەپەندىم(1980)
پۇل دېگەن نەرسە
رەنانىڭ تويى
بەخت ناخشىسى
ئۈچ ياش(1984)
نۇرنىسا
پاراشوت چىچەكلىرى
بويتاقلار ئائىلىسى
تۇتقۇن قىلىنغان قاچقۇن
يېتىم قىزنىڭ مۇھەببىتى
قىز قەبرىسى
مۇھەممەت ھەققىدە پاراڭ
مەدەتكار
ئاق بۈركۈت(تاجىك فىلىمى)
ۋاقىتسىز ئۆچكەن يۇلتۇز
ئۆي ئىشىمى ئىشمۇ(مىكرو فىلىم)
پەندىيات (مىكرو فىلىم)
كەچۈر ئانا(مىكرو فىلىم)
كۈتۈلمىگەن توي(تېلىۋىزىيە ھېكايە فىلىم)
ئانىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى
تۇمانلىق سەھەر
قوغۇنچىنىڭ ھېكايىسى

90-يىللارنىڭ ئوتتۇرىدىن كېيىن تۈزۈكرەك فىلىم ئىشلەنمىدى،

كېيىن ئىشلەنگەن ياخشىراق فىلىملەردىن «قىرلىق ئىستاكان» «قەبرىگە تۆكۈلگەن ياش» «بۇ چۈش ئەمەس» «ساراڭ»  «داپ»  «چىن سۆيگۈ» «تەڭرى گۇۋاھ» «ئالىمجان بولۇمسىزمۇ؟»  «كۆزۈمدە لىق ياش» «ئۈچ ئوغۇل»
قاتارلىقلار بار قالغىننى تىلغا ئېلىشقا ئەرزىمەيدۇ

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-7 22:38:57

yigana523 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-7 19:47 static/image/common/back.gif
جىڭگاڭشەننى پەم بىلەن ئېلىش

ۋېيخۇشەن دەڭ.

kvzyapriqi يوللانغان ۋاقتى 2014-7-7 22:40:20

ۋاي باللا جاننى قىينىماي قۇتيارغا كىرىڭلار.
www.terjimefilim.com

elipba يوللانغان ۋاقتى 2014-7-7 23:05:48

زېرەك رازۋېتچىك  دەپ بىر كىنو بولىدىغان ، باش پىرژۇنازنىڭ ئېتى مەكىس ، يەنە بىر قىزنىڭ ئىسمى قىززىق 99  دەپ :lol

yarkin92 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-7 23:22:49

harunjan يوللىغان ۋاقتى  2014-7-7 18:33 static/image/common/back.gif
قەشقەردىن ھەرقانداق كونا فىلىملەرنى تاپقىلى بولىدۇ، پ ...



ماۋۇ كىنونى تاپقىلى بولارمۇ؟
بەت: [1] 2 3 4
: كونا فىلىملەر