tawpik يوللانغان ۋاقتى 2014-7-7 08:48:19

جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ «ئۆرۈك شاھى» مۇسابىقىسى يېڭىساردا ئۆتكۈزۈلدى

جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: «جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ئۆرۈكلۈك بېغى» دەپ نام ئالغان شىنجاڭ يېڭىسار ناھىيىسىدە 3-ئىيۇل 2014-يىللىق ئۆرۈك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى، 153 نەپەر دېھقان بۇ قېتىمقى «ئۆرۈك شاھى» مۇسابىقىسىگە قاتناشقان بولۇپ، مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلغان ئۆرۈكلەرنىڭ چوڭلىرى تۇخۇمدىن قېلىشمايتتى. ئېگىلىنىشىچە، «ئۆرۈك شاھى» بولسا رەڭ، تەم، چوڭلۇق قاتارلىق ئۈچ جەھەتنى ئاساس قىلغان ئاساستا ئېلىپ بېرىلىدىكەن، ھەمدە بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ياخشىسىنى تاللاپ چىقىش ئارقىلىق، دېھقانلارنىڭ ئۆرۈك تېرىشقا بولغان ئاكتىپچانلىقىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە، كىرىمىنى ئاشۇرماقچى ئىكەن. نۆۋەتتە، يېڭىسار ناھىيىسى ئۆرۈك دەرىخىنىڭ تىكىلىش كۆلىمى 300 نەچچە مىڭ موغا يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭدىكى يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 22 توننىغا يەتكەن، ھەمدە بۇ يەرلىك دېھقان ئاممىسىنىڭ مۇھىم بولغان كىرىم مەنبەسى بولۇپ قالغان.

مەنبە: شىنخوا تورى

atella يوللانغان ۋاقتى 2014-7-7 09:51:15

بۇ يەردە سەھرالاردا دېھقانلارنىڭ بېغىغا كىرسىڭىز ئەڭ كۆپ كۆزگە چېلقىدىغنى ئۈرۈك.
بىرەر تۈپ ئۈرۈكى يوق دېھقانلارنى ئىزدەپ سوراپمۇ تاپالمايسىز...
ئەڭ پۇلغا يارىمايۋاتقىنى يەنە شۇ ئۆرۈك، ھەتتا كىلوگىرامىنى بەشمودىنمۇ ئالمايدۇ،...
مېھنەتكەش ياشقا چوڭراق دېھقانلار سېسپ كەتكۈچە دەپ تېرىپ گۈلە قاق قىلدۇ،
ئېرىق ئۆستەڭلەردە دۆۋە دۆۋە سېسىپ تۇرغان ئۈرۈكلەرگە قاراپ ئادەمنىڭ ئىچى سىيرىلىدۇ...
يېڭشەھەرگە قۇرۇلغان ئۆرۈك پىششىقلاپ ئىشلەش زاۇتى تۈنخى گورۇھىمۇ ئەپ بولالماي  زېرىكتى، شۇنچۋىلا بىئەتىۋامىدۇ بۇ ئۆرۈكلەر...
كارىخانچىلار ، يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەشتە ئوقۇۋاتقانلار بىر دىققەت نەزىرنى بەرسە بولىتى...

izdan0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-7 11:37:13

تەمىنلەش ئېھتىياجدىن ئارتۇق

ismail يوللانغان ۋاقتى 2014-7-7 12:09:49

ئەمدى يوغانتىمىغان مۇشۇ ئۈرۈك قالغانتى.

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-7-7 12:38:09

4-5 يىل بۇرۇن بىزنىڭ باغدىكى بىر تۈپ ئۆرۈكتە  مۇشۇنداق يوغان ئۆرۈك بولاتتى  بىرنى ئېغىزغا پۈتۈن سالغىلى بولمايتتى ،، ئەپسۇس ھازىر كىچىكلەپ قالدى:(

biotech0990 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-7 14:12:14

fathullah يوللانغان ۋاقتى 2014-7-7 14:14:47

kakkur يوللىغان ۋاقتى  2014-07-07 12:38:09 static/image/common/back.gif
4-5 يىل بۇرۇن بىزنىڭ باغدىكى بىر تۈپ ئۆرۈكتە  مۇشۇنداق ي
سۇ كىرمەسلىكتىنمۇ شۇنداق بولىدىكەن.بىزنىڭمۇ شۇنداق بوپقالغان.ئىككى ئۈچ يىل پەرۋىش قىلسا ئەسلىگە كىلىدىكەن.

fathullah يوللانغان ۋاقتى 2014-7-7 14:17:46

مۇشۇنداق ئۇقۇملار ئاجايىپتە!؟نىمىنىڭ تۇخۇمىدەك؟توخۇ تۇخۇمىدەك دىمەكچى ئىكەنلىكىنى بىلىمىز.چۈنكى بىز توخۇ تۇخۇمىنى ئەڭ كۆپ ئۇچرىتىمىز.بىراق باشقىسىنى جىق كۆرىدىغانلارچۇ؟چوقۇم دىققەت قىلىش كىرەك.شەخسىي پىكىر.

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-7-7 14:57:22

ئۆرۈكنىڭ راكقا قارشى تۇرۇش ۋە راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار.
杏子中含有的大量维生素B17,目前被认为是最有前途的抗癌药之一,此外,杏中含有的扁桃甙也有抗癌活性。
杏子中还含有丰富的维他命A,可预防癌症,消除疲劳,还可以保持肌肤光滑、防止皱纹产生。

ئۆرۈك قىيامى ياپونىيە ۋە ياۋروپادا كۆپ ئىستىمال قىلىنىدىكەن، بولۇپمۇ ياۋروپالىقلار قىيام سېلىنىدىغان تورت،پىرەنىكلىرىنىڭ ئىىچگە ئۆرۈك قىيامى سېلىشقا ئامراق، بۇنىڭ سەۋەبى دورىلىق رولىدىن سىرىت ئۇنىڭ رەڭگىنىڭ چىرايلىق، تەمىنىڭ تاتلىققا مايىل چۈچۈمەل بولىشى مۈمكىن.دۇنيادىكى ئۆرۈك مەھسۇلاتلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى تۈركىيە تەمىنلەيدىكەن. ئەگەر پايدىلىنىشنى بىلسەك بەلكىم بۇ بازارلىق مەھسۇلات بولۇپ قېلىشى مۈمكىن.

ئارىمىزدا ئۆرۈك مۇرابباسى باشقا مىۋە مۇراببالىرىدەك ئومۇملاشمىغان.

karam يوللانغان ۋاقتى 2014-7-7 16:19:40

بەك يوغىناپ كەتسە قانداق بولغىنى بۇ ؟

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2014-7-7 16:36:01

yollugh يوللىغان ۋاقتى  2014-7-7 14:57 static/image/common/back.gif
ئۆرۈكنىڭ راكقا قارشى تۇرۇش ۋە راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش رول ...

چۈلە ئومۇملاشقان خىلى:lol

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-7-7 18:40:57

بۇمۇ يېزىلىرىمىزنىڭ يارىشىغى .لىكىن بازار نىدە .

function يوللانغان ۋاقتى 2014-7-7 19:16:41

چۈلىنى ھازىر تاپقىلى بولمايدۇ، بىلىدىغانلارمۇ ئاز.

siyitnoqi يوللانغان ۋاقتى 2014-7-7 19:23:35

ھازىر ئۈرۈك قەتئىي پۇلغا يارىمايدۇ ؟ پۇلغا يارايدىغىنى ياڭاق ،شاپتۇل ،چىلان ،

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-7-7 19:44:43

ۋوي ۋوي
چۈلە دىگەن نىمە گەپ ئۇ ؟
چۈمۈلە دىگەن گەپما

ismail يوللانغان ۋاقتى 2014-7-7 19:49:28

function يوللىغان ۋاقتى  2014-7-7 19:16 static/image/common/back.gif
چۈلىنى ھازىر تاپقىلى بولمايدۇ، بىلىدىغانلارمۇ ئاز.

چۈلە ، ئەتىيازدا چىقىدۇ.

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-7 20:18:21

بىز تەرەپتە ئۆرۈكنىڭ كىلوسى 10سوم.

uyghur7800 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-7 20:57:45

uyghur7800 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-7 21:04:52

uyghur7800 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-7 21:08:03

بەت: [1] 2
: جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ «ئۆرۈك شاھى» مۇسابىقىسى يېڭىساردا ئۆتكۈزۈلدى