ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن: مەن ۋە مېنىڭ خەلقىم
قولۇمدا ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ئۇشبۇ كىتابى تۇرۇپتۇ.ئىھتىمال بۇ ئالىم تۇغۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقىغا بېغىشلانغان ئەڭ ئىسىل سوۋغا بولسا كېرەك.بۇ كىتاب ئالىمنىڭ ئۆزى ۋە ئايالىغا بېغىشلاپ يازغان ئىككى ئەسلىمىسىنى بېرلەشتۇرۇپ،ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتىكىننىڭ نەشىرگە تەييارلىشى بىلەن يورۇققا چىقىپتۇ.مەن بۇ ئەسلىملەرنىڭ نەشىردىن چىقىشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتكەن ۋە بۇ ئەسلىمىلەرنى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن تەتقىقاتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسىمى دەپ كەلگەندىم.ئالىمنىڭ ئايالى رەنا مۇئەللىم بولسا ئالىم تەتقىقاتىدىكى ئەڭ مۇھىم تېرىك شاھىت ئىدى.
2009-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى مەن ئالىمنىڭ ئايالى رەنا مۇئەللىمنى زىيارەت قىلدىم.ئۇشبۇ كىتابنىڭ خەۋىرى ۋە كىتابتىكى بىر قىسىم ۋەقەلەرنى رەنا مۇئەللىمنىڭ ئۆز ئىغىزدىن ئاڭلىغاندىم.ئارىدىن بەش يىل ئۆتكەندە ئۇشبۇ كىتابنىڭ نەشىردىن چىققانلىقىنى كۆرۇپ سۆيۈندۇم.
ئالىمنىڭ ئۆزى توغرسىدىكى ئەسلىمىسى خۇددى 《تۇران تارىخى》(قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا) دەكلا تولۇق ئاياغلاشمىغاندى.ئەمما ئۇنىڭىدا شۇ دەۋىر تارىخى ۋە بىر قىسىم ئىشلار خاتىرلەنگەن.ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر،تۇرغۇن ئالماس،سەيپىدىن ئەزىزى،ئوسمان زىيا ۋە مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەپ ئاتالغان قاباھەتلىك تارىخدىن قىسمەن ئۈچۈر بېرىلگەنىدى.ئالىمنىڭ تارىخ،كىشىلىك،قىممەت قاراشلىرى بۇ ئەسلىمىگە قىسمەن سىڭگەن.ئالىمنىڭ ئايالىغا بېغىشلاپ يازغان ئەسلىمىسى بولسا تولۇق ئاياغلاشقان.ئۆزى توغرسىدىكى ئەسلىمىنى نىسپىي تولۇقلىغان.بولۇپمۇ ئالىمنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياپۇنىيەدىكى زىيارەتلىرى تەپسىلى بايان قىلىنغان.زىيالىلار ئارسىدىكى قىسمەن مەسىلىلەر تىلغا ئېلىنغان.
خۇلاسىلىگەندە ئۇشبۇ كىتاب ئۇقۇرمەنلەرنىڭ بىر قېتىم ئۇقۇپ چىقىشىغا ئەرزىيدۇ.كىتابتىكى نۇرغۇن مەسىلىلەرنى مۇنازىرە قىلىشقا بولىدۇ.قېنى تورداشلار ئاۋۋال كىتابنى ئوقۇپ ئاندىن مۇنازىرىمىزنى باشلايلى!
بۇ كىتاپ بۇ يىل نەشىر قىلىنىپتىمۇ؟
ئالىمنىڭ نەشىردىن چىقمىغان كىتاپلىرى يەنە بارمىكەن؟ كىتابخانىغا شۇنچە بېرىپ ھېچ بىر ئۇچراتمىغانتىم، بۇدا بارغاندا تازا بىر قازاي زادى. ئالىمنىڭ نەشىر قىلىنغان ھەممە كىتابلىرى تولۇق بار، «قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا» نى بىر قېتىم ئوقۇغانغا ھەزىم قىلغىلى بولمايدۇ. 3-4 قېتىم ئوقۇغاندىمەن، ھەر ئوقۇسام ئالىمغا بولغان ھۆرمىتىم شۇنچە ئاشۇر. ئابدۇشۇكۈر مۇھەممەدئىمىن خوتۇنىنى مۇنداقمۇ ماختاپ يۈرۈپتىكەن ھە؟ matros5 يوللىغان ۋاقتى 2014-7-6 18:59 static/image/common/back.gif
بۇ كىتاپ بۇ يىل نەشىر قىلىنىپتىمۇ؟
ئالىمنىڭ نەشىردىن ...
شۇنداق.ئالىمنىڭ يەنە ئوندىن جىق كىتابى بار نەشىر قىلىنمىغان. okya يوللىغان ۋاقتى 2014-7-6 20:13 static/image/common/back.gif
ئابدۇشۇكۈر مۇھەممەدئىمىن خوتۇنىنى مۇنداقمۇ ماختاپ يۈ ...
ماختىغۇچىلىكى باكەن ئەمەسمۇ:lol باشقۇرغۇچىلار بۇ تېما http://bbs.izdinix.com/thread-58983-1-1.html نېمىشقا تەستىقلانمايدۇ ئۈچ كۈن بولدى. كىتابخانىدا ئەجەب كۆرمىدىمما بۇ كىتابنى.....
ئەمدى بارغاندا تەپسىلىي ئىزدەپ باقاي..... ئىزىز ئاتاۋۇللا سارتىكىن ئەپەندىگە چوڭقور ھۆرمىتىمنى بىلدۇرىمەن ،بۇ ئىسىمنى ئىسىمدە چىڭ تۇتۋالدىم.
ئالىمنىڭ بۇ كىتابىنىمۇ ئاللا بويرىسا تىپىپ چوقۇم ئوقۇيمەن . ئالىم ھەقىقەتەن يۈز يىلدا بىرسى چىقىدىغان ئۇلۇغ ئالىم ئىدى، ئۇنىڭ كىتابلىرى ھەقىقەتەن ساقلاپ قويۇشقا ئەرزىيدۇ. مەنمۇ يۇرتقا بارغاندا ئېلىپ ئوقۇيمەن. رەنا ئاپپاي ھەقىقەتەن ماختىغۇچىلىكى بار ئايال . مەنمۇ بىرنەچچە بېرىپ يوقلاپ كەلدىم . يېقىنقى مەزگىللەركە سالامەتلىكىم ياخشى بولماي ئاپپاينى يوقلاپ بارالمىغان بولساممۇ تېلىفۇنلاردا ئەھۋال سۈرۈپ تۇردۇم .
مەن ۋە مېنىڭ خەلقىم دېگەن كىتاۋى كىتاپخانىلاردا بار مەنمۇ ئىككى ئاي ئىلگىرى سېتىۋالغان . ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندى بىر ماقالىسىدا ئالىمنى 3-ئەۋلاد ماركىزىم تەسىرىگە ئۇچرىغانلار قاتارىدىن دېگەنمۇ شۇنداقراق دېگىنى ئېسىمدە.مەنمۇ بۇ كىشىگە قايىللىقىم كۈچلۈك بولسىمۇ بەزى بىر پەلسەپىۋى قاراشلىرىغا سەل قوشۇلمايمەن «تۇران تارىخى» بىلەن «قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا» بىر كىتابمۇ؟ ARAPAT يوللىغان ۋاقتى 2014-7-6 22:49 static/image/common/back.gif
ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندى بىر ماقالىسىدا ئالىمنى 3- ...
ئالىم ياش ۋاقىتلىرىدا ھەقىقەتەن ماركىسىزمنىڭ تەسىرگە ئۇچىرغان ،ئالىم بۇ ھەقتىكى ئىدىيۋى ھالىتىدىنمۇ ئۇچۇر بەرگەن،بىراق بۇ ئالىمنىڭ ياش ۋاقتىدىكى ئىش.
مەنمۇ ئىلگىرى ماركىسىزىمنىڭ تەسىرگە خىلى قاتتىق ئۇچىرغان ،بىراق ھازىرقى مەن ئىلگىركى مەن ئەمەس. مەرھۇمنىڭ ئىسلام ھەققىدە يازغان ماقالىسى بارمۇ؟ پەقەت ئۇچراتمىدىم. bilig2010 يوللىغان ۋاقتى 2014-7-7 11:24 static/image/common/back.gif
ئالىمنىڭ ئەسىردىن دىنغا ئىشەنمەيدىغانلىقى ئەسكەرتىل ...
بىر ئۈزۈل-كېسىل ماركىسىزمچىنى يەنە دىنغا ئىشىنىدۇ-ئىشەنمەيدۇ دەپ مۇنازىرە قىلىشنىڭ نېمە ھاجىتى. كىتاپ ئوقۇغاندا ئاپتورنىڭ دىنغا ئىشىنىدىغان ياكى ئىشەنمەيدىغانلىقىغا، مۇسۇلمان ياكى ئەمەسلىكىگە دىققەت قىلامسىلەر ؟:o
ئالىمنىڭ ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنيىتى دىگەن كىتابىدا ، بىر دىنىي ئالمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى ھەم دۇنيا قارىشىدا زور ئۆزگۈرۈش بولغانلىقى سۆزلىنىدۇ. elxatrahim:
سىز كۆرۈشكەندە رەنا ھەدىمىزنىڭ ئوغۇللىرى توغرۇلۇق سورىمىزدىڭىزمۇ؟4ئوغلى نىمە ئىش قىلىۋېتىپتۇ؟
بولسا ئۆي ئادىرىسىنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز ئۈرۈمچىگە بارغاندا يوقلاپ ئۆتسەك. شۇنداق ئىسىل كىتاپلار بولسا داېاملىق تەۋسىيە قىلىڭلار .
بەت:
[1]
2