tohotur يوللانغان ۋاقتى 2014-7-6 13:18:44

قومۇل ئوردا كۈتۇپخانىسى ئەسلىگە كەلتۇرۇلسە

1.قومۇل ئوردا كۇتۇپخانىسى قومۇللۇقلارنىڭ بىر مەنىۋى بايلىقى ئىدى .ئىھتىمال ئوردا بىلەن تەڭ تارىخىقا ئىگە بولۇشى مۇمكىن .

2. ئەپسۇس بۇ قۇرۇلۇش( بىرمىڭ توققۇزيۇز قىرىق نەچچىنچىيىلى)  ئازاتلىق ھارىپسىدا ئىچىدىكى لىق كىتاپ بىلەن بىللە ئوت قويىۋېتىلدى ، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا قومۇل ئوردا كۇتۇپخانىسى كىچە كۇندۇز بىر ھەپتىدەك كۆيگەن  بولۇپ قومۇللۇقلارنىڭ خاتىرسىدىكى ئەڭ ئېچىنىشلىق تىراگىديەلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى .
ئەلھۆكمەلىللار كۆيگەن بولسا كۆيدى . ئەمما ئارىدىن ئاتمىش نەچچە يىل ئۆتۇپمۇ ئوردا كۇتۇپخانىسىنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش ئۇچۇن بىرەر خىش قويۇلمىغانلىقى ھەم تىلغا ئېلىنىپمۇ قويۇلمىغانلىقى ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئىچىنى سېيرىلدۇرىدۇ . خەلقنىڭ ئېڭىغا تەسىر كۆرسەتكەن بۇنداق ئېچىنىشلىق تىراگىديە مەلھەم بولۇشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى يەنىلا ئىش نەدىن بۇزۇلغان بولسا شۇ يەردىن باشلاپ ئوڭشاش ، قول سېلىپ ئەلنىڭ رايى بويىچە ئەلىنىڭ كۆڭۇل جاراھەتلىرىگە مەلھەم بولۇش ئەڭ توغرا يول ، جۇملىدىن قومۇل ئوردا كۇتۇپخانىسىنىڭ قومۇللۇقلارنىڭ كۆز ئالدىدا كۆيدۇرۋېلىتىشى تارىخنىڭ جاراھىتى بولسا ، ھازىرقى قومۇل شەھەرلىك ھۆكۆمەتنىڭ تارىخنىڭ جاراھىتىنى تازلاپ يىپ يېڭى بىر ئوردا كۇتۇپخانىسىنى قۇرۇپ چىقىپ تارىخنىڭ چاقىنى ئىجابى تەرەپكە چۆرگۇلتىش مەجبوريىتى بار دەپ ئويلايمەن .

3.ھازىر قومۇل ۋاڭ ئوردىسى ئەسلىگە كەلتۇرۇلدى . ساياھەتچىلىك راۋاجلاندى ، ئەپسۇس قومۇل ۋاڭ ئوردىسىدىكى ئەڭ ئەسلەشكە قەدىرلەشكە تىگىشلىك بولغان قۇرۇلۇش قومۇلدىكى رەھبەرلىك قاتلىمىدىىكى ئەرباپلارنىڭ ئىسىدىن تامامەن كۆتۇرلۇپ كەتكەندەك قىلاتتى .

4.توغرا شەھرىمىزدە نىمىلا بولمىسۇن نەچچە يىل ساقلاپ بىر كۇتۇپخانا قەت كۆتۇرگەن بولدى  .ئەمما  بۇ ئوردا كۇتۇپخانسىنى ئەسلىگە كەلتۇرۇشكە زىت ئەمەس ، چۇنكى قومۇل ئوردا كۈتۇپخانسىى نەچچە يۇز يىلدىن بۇيان قەت كۆتۇرۇپ ئۆز مەۋجۇتلىقى ئارقىلىق قۇمۇللۇقلارنىڭ تەرەققىپەرۋەر مائارىپپەرۋەرلىك ئىديىسىنى غىدىقلاپ كەلگەن .

5.قەدىمقىنى ھازىر ئۇچۇن ئىشلىتىش كەلگۇسى ئۇچۇن پەخرى قىلىش ، قومۇل ئوردا كۈتۇپخانىسىنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش ، ئەسلىگە كەلتۇرگەندىمۇ زامانغا لايىقلاشقان ئىلغار ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى كۈتۇپخانا قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ھازىرقى ۋەزيەتنىڭ ئىھتىياجى ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىسىدە بولۇشى كېرەك ، قومۇل ئوردا كۇتۇپخانىسى ئىككى يۇز يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدىكى ساناقلىق ئالدىنقى قاتاردىكى كۇتۇپخانىلارنىڭ بىرى ئىدى ، ھازىرمۇ شۇنداق بولۇشى كېرەك ئەلۋەتتە ،

6.قومۇل ۋاڭ ئوردىسى قايتا قۇرۇلۇپ ساياھەتچىلىكتە ئىقتىسادى قىممەت يارىتىۋاتىدۇ ، ئەمما تىخىمۇ يىراقنى ئويلىغاندا زامانغا يارىشا ئوردا كۇتۇپخانىسنىڭ قۇرۇلۇشى قومۇللۇقلارنىڭ ساپاسىنى يەنە بىر بالداق يوقۇرى كۆتۇرۇپ ، قومۇل خەلقى ئۇچۇن بەخىت يارىتىدىغان قۇرۇلۇش بولۇپ قالغۇسى .  

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-6 14:23:15

سىز مۇشۇنداق تەكلىپلىرىڭىزنى مۇنبەرگىلا يوللامسىز ياكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاغا بىرەر نۇسقا سۇنىۋىتىپ ئاندىن تورغا چاپلامسىز؟

uygurjan09 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-6 14:23:22

كۆيگەندىن كىيىنكى خارابىلىقى يوق ئوخشايدۇ ؟

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-7-6 15:12:20

xahla91 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-6 14:23 static/image/common/back.gif
سىز مۇشۇنداق تەكلىپلىرىڭىزنى مۇنبەرگىلا يوللامسىز يا ...

ھاھاھاھاھا

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-7-6 17:03:40

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alip تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-6 17:04  

1. ھۆرمەتلىك
3. ئەپەندى
2. tohotur
5. مۇشۇنداق
4. سىزنىڭ
7.  بىرەرسى
6. تەكلىپلىرىڭىزنىڭ
9. باشلىقنىڭ
8. بىرەر
11. تارتىپ
10.  دىققىتىنى
12. ئەمىللەشتىمۇ

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2014-7-6 17:24:14

رەقەم قويسا مەيلى ئەمەسمۇ ، نىمانچە كىرىشىۋالىسىلەر ...

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2014-7-6 17:28:52

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   izchilar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-6 17:30  

شاۋشەنكنىڭ تۈرمىدىن قىچىشى دىگەن كىنودا  باش پىرسۇناژ تۈرمىگە كىرىپ قىلىپ، تۈرمىدە بىر كۈتۈپخانا قۇرۇش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا توختىماي ئون يىل خەت يازىدۇ، بۇ جەرياندا ئۇنىڭغا بۇ ‹ئەخمىقانە› ئىشىنى توختىتىشقا نەسھەت قىلىدىغانلار چىقىدۇ ئەمما  ئاخىرى  كۈتۈپخانا قۇرۇلىدۇ.
ئىسىمدا قىلىشىچە شۇنداقراق ۋەقەلىكلەر بارغۇ دەيمەن ،كىنو ئىسمى 肖申克的救赎، بۇ بەك داڭلىق بىر كىنو.
توخوتورنىڭ بۇ تەكلىبى ئەمەلگە ئاشامدۇ ئاشمامدۇ بۇنىسى نامەلۇم، لېكىن توخۇتور، سىپىلگەن سوغۇق سۇلارغا ئىندىكىپ كەتمەڭلا، بەلكىم بۇ تەكلىبىڭلارنى بىرەر قارار چىقارغۇچى ئەرباب كۆرۈشى ياكى قۇلىقىغا يىتىپ بۇ ئىش   ۋە مۇشۇنداق ئىشلار ئەمىلىيلىشىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-7-6 17:41:49

izchilar يوللىغان ۋاقتى  2014-07-06 17:28:52 static/image/common/back.gif
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   izchilar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-6 1
شۇنداق كۆرۈنشلىرى بار،  10 يىلدەك ۋاقىت سەرىپ قىلىپ تۈرمىگە كىتاپخانلار قۇرۇپ چىقىدۇ.

confess يوللانغان ۋاقتى 2014-7-6 19:09:10

elipba يوللانغان ۋاقتى 2014-7-6 19:21:59

مېنىڭ بىلىشىمچە … ھېلىمۇ نۇرغۇن ئىشلار باغداش تورىدا ئېلان قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ھەل بولىنىۋاتىدۇ … مەسىلەن : ياقا مەھەللىسىگە ئۇيغۇرچە نام ئاسىلىشى ، قومۇل كونا ماللار بازىرى ئۇدىلىدىكى ئۇزۇن يىللار ياسالماي كېلىۋاتقان 20 مېتىر يول بۆلىكى … مىساللارنى ئالساق كۆپ !
بەزىلەر بار ئاغزىدا ، ياكى مۇنبەردە داۋراڭنى بەك ئاتىدۇ ، ئۆزىنى خېلى يوغان ئادەم كۆرسىتىپ … ئەمىلىيەتتە ئازراقمۇ ئەمەلىي ھەركىتى يوق !

anur77 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-6 19:52:40

نېمىلا بولمىسۇن مۇنبەرنىڭ كۈچىگە سەل قارىماسلىق كېرەك.يېزىش كېرەك.ھېچ بولمىسا مۇناسىۋەتلىكلەر چوقۇم كۆرىدۇ، پۇرسەت بولسىلا دىققىتىنى تارتىدۇ.

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-7-6 21:41:50

ھېچكىم دىمىسە يا يازمىسا قانداق ھەل بولىدۇ باللا
توخۇتۇر نىنجى قويغىلى بەك ئامراق ،لېكىن ئۇنىڭ يېزىۋاتقانلىرى ساپلا ئەمەلى ئىشلار
نىنجى قويامدۇ يا قويمامدۇ بۇ تىلغا ئېلىشقىمۇ ئەرزىمەيدىغان كىچىك ئىش ، ئۆزىنىڭ ئىختىيارى
بىز يازمىسىدىكى مەزمۇنغا دىققەت ئېتىبارىمىزنى قارىتايلى
مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇش يېرىمىنى ھەل قىلغانغا تەڭ

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-6 23:48:52

توخوتورنىڭ توردا ئېلان قىلغان خېلى كۆپ تەكلىپلىرىنىڭ تەسىر قوزغاپ ئەمەلگە ئاشقىنىنى ئاڭلىدىم. مۇشۇنداق ئادەملەرنىڭ جىقراق بولغىنى ياخشى.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-7-7 02:02:45

قۇمۇل ۋاڭلىرىنى زالىم، ئاچكۆز........ دەپ تىللاپ يۈرەتتۇق، بىر كېچە كۆيگىدەك كىتاب بار كۈتۈپخانا مەۋجۇت بولۇنغان بولسا، مەرىپەتنى سۆيىدىغان تەرەپلىرى باركەنغۇ ئەمسە.
جىق م ت ت قىلىنىپتىكەنمىزمۇ دەيمە:@

tohotur يوللانغان ۋاقتى 2014-7-7 03:12:28

قومۇل ۋالى خەت ساندۇقىغا بىر نۇسخا سېلىۋەتتىم ،


بىر كىچە ئەمەس بەش ئالتە كىچە كۇندۇز كۆيگەن ، ئاخشىمى بەك يالقۇنلۇق كۆرىنىدىكەنتۇق. ئازاتلىق ھارپىسدا گومىنداڭنىڭ قالدۇق كۇچلىرى قومۇل بانكىسىدىكى ئالتۇننى  بۇلىغان ، قومۇل شەھەر ئىچىدە ھەربى ھالەت يۇرگۇزۇپ شۇ ئارلىقتا قومۇل ئوردا كۈتۈپخانىسغا ئوت قويغان ،

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-7 15:25:36

GoodLuck يوللىغان ۋاقتى  2014-7-7 02:02 static/image/common/back.gif
قۇمۇل ۋاڭلىرىنى زالىم، ئاچكۆز........ دەپ تىللاپ يۈرەتتۇق ...

ئەينى ۋاقىتلاردىكى يازمىلاردا 1949-يىلىدىن بۇرۇنقى ئەمەلدارلار چوقۇم زالىم بولۇشى كېرەك، خەلق بەك زۇلۇم تارتقان بولۇشى كېرەك. قۇمۇل ۋاڭلىرىنىڭ قانداقلىقىنى بىز پەقەت ئا. ئۆتكۈرنىڭ رومانلىرىدىنلا بىلدۇق.
بەت: [1]
: قومۇل ئوردا كۈتۇپخانىسى ئەسلىگە كەلتۇرۇلسە