musilina1 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-6 12:48:28

مېنى جەننەتكە ئېلىپ كەتسىڭىزچۇ، ئانا!

  يېزىقچىلىق مەشىقى ئۈچۈن بېرىلگەن ھەرقانداق مەزمۇندىكى تاپشۇرۇقلارنى يازغان خېتىنىڭ چىرايلىق –سەتلىكىگە،ئاز –كۆپلىكىگە قاراپ ئەمەس،بەلكىم بىرمۇ –بىر ئوقۇپ ئەمەلىي مەزمۇنىغا ئاساسەن نومۇر قويۇدىغان ئادىتىم بويىچە ئالدىمغا قويۇلغان تاپشۇرۇق دەپتەرلەردىكى ‹‹ ئاتا –ئانامغا يۈرەك سۆزلىرىم›› تېمىسىدىكى دەستىلەنگەن كۆڭۈل سۆزلىرى ئارىسىغا چۆككەن ئىدىم.قولۇمغا چىققان مەلۇم بىر دەپتەردىكى ئاتا –ئانىسىغا يېزىلغان يۈرەك سۆزلىرىنى ئىچىمدە ئوقۇشقا باشلىدىم.
      ‹‹ جەنئەتنىڭ خۇش ھاۋالىق بېغىدا ھوزۇر ئېلىۋاتقان ، مەن ئۈچۈن ئەڭ قەدىرلىك بولغان سۆيۈملۈك ئاپا،تېچلىق تۇردىڭىزمۇ؟بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى خانىم بىزگە ئاتا –ئاناڭلارغا يۈرەك سۆزلىرىڭلارنى يېزىپ كېلىڭلار ››دەپ تاپشۇرۇق بەرگەن ئىدى،مەن‹يۈرەك سۆزلىرىمنى كىمگە يازسام بولا؟› دەپ بەك ئويلۇنۇپ كەتتىم، دادامغا يازاي دېسەم،دادام ماشىنىسىنى بىر ھەيدەپ چىقىپ كەتسە،ھەپتە –ئايلاردا ئاران بىر ئۆيگە كېلىدۇ، كەلسىمۇ مەن بىلەن ئانچە كارى يوق، ئۇكامنى سۆيۈپ –يالاپ ئوينۇتۇپ ھالى قالمايدۇ،مېنىڭ تاپشۇرۇق دەپتىرىمدىكى يۈرەك سۆزلىرىمنى كۆرگىدەك چولىسىمۇ يوق،نۇرنىسا ئاچامنىڭغۇ مېنىڭ يۈرەك سۆزلىرىمنى ئەمەس مېنىمۇ كۆرەرگە كۆزى يوق،بولسا مېنى ئېزىق چشىغا ئېلىپ چايناپ –پۈركىۋەتسە، شۇڭا يۈرەك سۆزلىرىمنى سىزگە ،مېنى تاشلاپ جەنئەتكە كېتىۋالغان مېھرىبان،كۆيۈمچان ئاپامغا ئېيتىشنى لايىق تاپتىم ھەم بۇ يۈرەك سۆزلىرىمدىن    خانىمنىىمۇ تولۇق خەۋەردار قىلماقچى بولدۇم ئاپا !
       ئەقلىمنى بىلسەم دادام ،سىز،مەن ئۈچىمىز بىر ئۆيدە ياشايدىكەنمىزدۇق،دادام ماشىنا ھەيدەيدىغان بولغاچقا ،ھەپتە –ھەپتىلەپ سىرتلاردا يۈرەتتى،شۇڭا كۈنۈم ئاساسەن سىز بىلەنلا ئۆتەتتى،سىز نەگە بارسىڭىز سايىڭىزدەك ئەگشىپلا يۈرەتتىم،سىز مېنى ئەركىلىتىپ ‹‹مېنىڭ قوزىچىقىم ››دېسىڭىز مەنمۇ سىزگە ئەركىلەپ ‹‹مېنىڭ قوي ئاپام››دەيتتىم،دادام قايتىپ كەلگەن كۈنى ئۆيىمىز بايرام خۇشاللىقىغا چۆمەتتى،مەن دادامنىڭ بوينىغا مىنىۋېلىپ ياكى قۇچىقىغا چىقىۋېلىپ ،ئەركىلەپ قىلمىغانلىرىم قالمايتتى،داداممۇ مېنى قۇچىقىدىن چۈشۈرمەي ئەركىلىتەتتى.ئۇ ۋاقىتتىكى كۈنلىرىم ئاجايىپ غەمسىز، خۇشال، بەختلىك ئۆتكەن كۈنلىرىم ئىكەندۇق ئويلاپ باقسام.
     ئېسىمدىن قەتئىي چىقمايدۇ ئاپا،دادام بىلەن ئىككىڭلارنىڭ قولۇمدىن يېتىلەپ مەكتەپكە ئەكىلىپ بەرگەن كۈنىڭلار، بىر خانىم بىزنى تىزىلدۇرۇپ ، سىنىپقا ئەكىرىپ رەتلەپ ئولتۇرغۇزغان ئىدى، دادام بىلەن ئىككىڭلار ،يەنە نۇرغۇن ئاتا –ئانىلار سىنىپنىڭ ئالدىدا بىزنى ساقلاپ تۇرغان ئىدىڭلار،مۇئەللىم بىزگە ئۆزىنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ بەرگەندىن كېيىن بىزنىڭ ئىسمىمىزنى بىر –بىرلەپ چاقىردى، كېيىن ئاتا –ئانىلارمۇ سىنىپقا كىردى،خانىم ئاتا –ئانىلارغا جىق گەپ قىلغاندىن كېيىن ‹‹ئاتا –ئانىلار قايتىپ كەتسەڭلار بولىدۇ،چۈشتە دەل ۋاقتىدا كېلىپ پەرزەنتىڭلارنى ئېلىپ كېتىڭلار ››دېگەن ئىدى،باشقا ئاتا –ئانىلار بىلەن قوشۇلۇپ دادام بىلەن ئىككىڭلارمۇ سىنىپتىن چىقىپ كەتكىلى ماڭغان ئىدىڭلار،مەن دادام –ئاپام مۇشۇ چىقىپ كەتكەن پېتى مېنى ئالغىلى كەلمەيدىغان ئوخشايدۇ، مېنى تاشلاپ كېتىدىغان ئوخشايدۇ››دەپ ،ئورنۇمدىن قوپقان پېتى پېشىڭلارغا ئېسلىپ يىغلاپ، سىلەر بىلەن بىللە چىقىپ كەتكىلى ماڭغان ئىدىم،سىلەرنىڭ ‹‹ ئوغلۇم ،ئەمدى سىز ئوقۇغۇچى بولدىڭىز،بۇ سىزنىڭ خانىمىڭىز، خانىممۇ بىزگە ئوخشاش سىزگە كۆيىنىدۇ ...››دەپ يالۋۇرۇشلىرىڭلارمۇ ، خانىمنىڭ مېنىڭ قولۇمدىن تۇتۇپ تۇرۇپ بېشىمنى سىلاپ تۇرۇپ سۆزلىگەن تاتلىق گەپلىرىمۇ قۇلىقىمغا كىرمىگەن ئىدى، دادام بىلەن ئىككىڭلار مېنىڭ يىغامنى پەس قىلالماي ،ئاخىرى قېشىمغا پاكار ئورۇندۇقنى قويۇپ ،مەن بىلەن بىرگە مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ ،خانىمنىڭ بىزگە ئېيتقان سۆزلىرىنى ئاڭلاشقا مەجبۇر بولغان ئىدىڭلار.
       بىرىنچى سىنىپتا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىم مېنىڭ ئەڭ،خۇشال، ئەڭ غەمسىز، ئەڭ ئەركىن ۋاقىتلىرىم ئىكەندۇق ئاپا، ئىككىنچى سىنىپقا ئەمدىلا كۆچكەن ۋاقىتىمدا   سىزنىڭ قورسىقىڭىز بارغانسېرى يوغىناشقا باشلاپ ،مېڭىشتىنمۇ قىينىلىدىغان بولۇپ قالدىڭىز، دادامنىڭ ئۇ ۋاقىتتىكى خۇشاللىقىغا ھېچنىمە توغرا كەلمەيتتى،ئۇ دائىم ماڭا ‹‹ئوغلۇم ،ئاپىڭىز سىزگە ئوماق بىر ئۇكاش تۇغۇپ بېرىدىغان بولدى،دەپ بېقىڭە قېنى،ئۇكىڭىز ئوغۇلمۇ قىزمۇ؟››دەيتى،مەن ھېچنىمىنى ئويلانمايلا ‹‹ئاپام ماڭا قىز ئۇكاش تۇغۇپ بەرسۇن››دەيتتىم،ئەپسۇس، نۇرنىسا ئاچام دائىم مېنى ‹‹شۇم پىشانە››دەپ تىللىغىنىدەك تەلىيىم شۇنداق كاج،تەتۈر پىشانە ئوخشايمەن،ئۇ قىز ئۇكاشنى كۆرۈش ماڭا نېسىپ بولمايلا قالماستىن ،يەنە سىزدىنمۇ ئايرىلىپ قالدىم،تۇغۇتىڭىزدا دوختۇرخانىغا كېلىپ بولغۇچە بالا تەتۈر كېلىپ قېلىپ، دوختۇرلارنىڭ تىرىشچانلىقىمۇ ئۈنۈم بەرمەي ،تېخى دۇنياغا كۆز ئېچىشقىمۇ ئۈلگۈرمىگەن ،قىز –ئوغۇللىقىمۇ نامەلۇم بولغان بوۋاق ئۇكام بىلەن بىللە كېتىپ قالدىڭىز،مەن ئۇ ۋاقىتلاردا كىچىك بولغاچقا ،قوشنىمىز تۇنىساخان چوڭ ئانامنىڭ كۆز يېشى قىلىپ تۇرۇپ ‹‹ئاناڭ رەھمىتى جەنئەتكە كەتتى›› دېگىنى بويىچە ‹‹ ئاپام بوۋاق ئۇكام بىلەن جەنئەتكە كەتتى، ئۇزاق ئۆتمەي قايتىپ كېلىدۇ››دەپ ئويلاپتىكەنمەن،شۇڭا سىزگە بولغان يۈرەك سۆزۈمنىڭ ئەڭ بېشىنى ‹‹جەنئەتتتە تۇرغۇچى سۆيۈملۈك ئاپا ››دەپ باشلىدىم،مانا سىز جەنئەتكە كەتكىلى ئۈچ يىلدىن ئېشىپ قالاي دەپ قالدى ئاپا،مەنمۇ بەشىنچى سىنىپقا چىقىپ قالدىم، ،سىز تېخىچە قايتىپ كەلمىدىڭىز، سىزنى كېچە –كۈندۈز سېغىنىمەن،سىزنىڭ جەنئەتتىن تېزراق قايتىپ كېلىشىڭىزنى تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتىۋاتىمەن ئاپا.
    سىز كەتكەندىن كېيىن دادام ھەم ئاپا ھەم دادا بولۇپ ،مېنىڭ ھالىمدىن خەۋەر ئالدى،دادام ئۆيدە تۇرىۋەرسە تۇرمۇشنى قامدايدىغانغا پۇل لازىم بولىدۇ –دە، ئۇ سىرتلارغا ماشىنا ھەيدەپ چىقىپ كەتكەن كۈنلىرى مېنى تۇنىساخان چوڭ ئانامنىڭ ئۆيىگە قويۇپ كېتەتتى،تۇنىساخان ئانام مېنىڭ ھالىمدىن ئۆزىنىڭ نەۋرىسىدەك كۆيۈنۈپ خەۋەر ئالاتتى،مەنمۇ ئۇنىڭغا ئۆز چوڭ ئانامدەك بەك ئامراق ئىدىم.
        ئۈچىنچى سىنىپتا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا دادام ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە ، سىرتلارغا چىقىپ قايتىپ كەلسە ، ئۆيگە چىرايلىق بىر ئاچاشنى بىللە ئېلىپ كېلىدىغان بولدى، ئۇ ئاچاشنىڭ ئىسمى نۇرنىسا ئىكەن ،نۇرنىسا ئاچام ماڭا ئاجايىپ ئامراق بولۇپ ،ھەر قېتىم ئۆيگە كەلسىلا مەن ئامراق تاماقلارنى ئېتىپ بېرەتتى،تېخى بىرنەچچە قېتىم دادام سىرتلارغا ماشىنا ھەيدەپ چىقىپ كەتكەن ۋاقىتتا مەكتەپكە كېلىپ ،مەن دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن مېنى سىرتلارغا ئەچىقىپ مەن ياخشى كۆرىدىغان تاماقلارنى ئېپ بېرىپ،مېنى ئويناتتى،مەنمۇ ئۇ نۇرنىسا ئاچاشقا ئامراق بولۇپ قالغان ئىدىم، بىر قېتىم دادام   ئۆيگە كەلگەندە ،يەنە نۇرنىسا ئاچامنى بىرگە ئېلىپ كەلدى،تاماق يەۋېتىپ ‹‹ئوغلۇم ،نۇرنىسا ئاچىڭىز قانداقراق؟››دەپ سورىدى،مەن ‹‹ نۇرنىسا ئاچام بەك چىرايلىق ھەم بەك ياخشى،مەن نۇرنىسا ئاچامغا بەك ئامراق›› دېدىم.‹‹ نۇرنىسا ئاچىڭىز سىزگە ئاپا بولسا قوشۇلامسىز؟››دېدى دادام،بۇ گەپنى ئاڭلاپ ‹‹ياق،مېنىڭ ئاپام بار،ئاپام جەنئەتكە كەتتى، ئاپام جەنئەتتىن قايتىپ كەلسە،ئۆزەمنىڭ ئاپىسىنى ‹ئاپام ›دەيمەن،نۇرنىسا ئاچام مېنىڭ ئاپام بولمىسۇن،ئاچام بولسۇن ››دەپ يىغلىدىم مەن.
       ‹‹ ئاپىڭىز ئۆلۈپ كەتتى، ئۇ ئەمدى قايتىپ كەلمەيدۇئوغلۇم...››دەپ داداممۇ يىغلىدى مەن بىلەن قوشۇلۇپ،كېيىنكى كۈنلەردە نۇرنىسا ئاچامنىڭ بىزنىڭ ئۆيگە پات –پات كېلىدىغان ھەم ماڭا تېخىمۇ بەك كۆيىنىدىغان ۋاقتى كۆپىيىشكە باشلىدى.مەنمۇ نۇرنىسا ئاچامغا بەكلا كۆنۈپ قالغان ئىدىم،شۇنداق قىلىپ دادام نۇرنىسا ئاچام بىلەن توي قىلدى،توي كۈنى نۇرنىسا ئاچام گۈلدەك ئېچىلىپ تېخىمۇ بەك چىرايلىق بۈلۇپ كەتكەن ئىدى،مېنىمۇ شۇنداق چىرايلىق ياسىۋەتتى، تويغا كەلگەنلەر مېنى كۆرۈپ ‹‹پاھ،دادىسىنىلا تارتىپتۇ ،ئېسل يىگىت بوپ كېتىپتۇ مانا ››دېيىشتى .ئۇ كۈنى مەن بەك خۇشال ئوينۇدۇم،تويدىن كېيىن دادام مېنى ‹‹نۇرنىسا ئاچىڭىزنى ‹ئاپام›دەڭ دېگەنتى مەن ئۇنىمىدىم،نۇرنىسا ئاچاممۇ ‹ئاچا دەۋەرسۇن›دېدى ،نۇرنىسا ئاچام دادام بىلەن توي قىلغان دەسلەپكى ۋاقىتلاردا مېنى ئۆز بالىسىدەك كۆرۈپ ھالىمدىن بەكلا ياخشى خەۋەر ئالغان ئىدى،مەنمۇ نۇرنىسا ئاچامنىڭ دادام بىلەن توي قىلغانلىقىدىن بەكلا رازى ئىدىم، بىراق ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ماڭا بولغان مۇئامىلىسى ئۆزگۈرۈشكە باشلاپ ،مېنى ئۆينىڭ ئۇششاق –چۈششەك ئىشلىرىغا سېلىشقا باشلىدى،دادام ماشىنا ھەيدەپ چىقىپ كەتكەندە ،سىرتلارغا چىقىپ كېتىپ ئۆيگە كەچ قايتىپ كېلىپ قورسىقىم بىلەن كارى بولمايدىغان بولدى،بۇنداق ۋاقىتلاردا مەن ئامالسىزلىقتىن تۇنىساخان چوڭ ئانامنىڭ ئۆيىگە كىرىشكە مەجبۇر بولاتتىم،بارا –بارا مېنى ئۆينىڭ چوڭ –كىچىك ئىشلىرىغا سالىدىغان،ئەپلەشتۈرەلمەي قالسام ئۇرىدىغان بولدى،ھەر قېتىم ئۇرغان ۋاقىتتا ‹‹ئەگەر داداڭغا مېنى چېقىشتۇرىدىغان بولساڭ كۆرگۈلىكىڭنى كۆرىسەن›› دەيتتى،مەنمۇ قورقۇپ دادامغا دېيەلمەيتتىم، نۇرنىسا ئاچام ماڭا ئۆگەي سىڭىلدىن بىرنى تۇغۇپ بەرگەندىن كېيىن مېنىڭ ئۆيدىكى كۈنۈم تېخىمۇ تەسلەشتى،مەن ئەمدى ئائىلىدىكى بالا باققۇچىغا ئايلانغان ئىدىم، ئۆيدىكى تاماققا ياردەملىشىش ،ئۆزۈمنىڭ كىر –قاتلىرىنى يۇيۇش ،ئۆي تازىلاش .....قاتارلىق ئىشلار ئەمدىلا ئون ئىككى ياشلارغا كىرگەن مەندەك گۆدەك بىر يېتىم ئوغۇل زىممىسىگە ئالىدىغان ، كۈندۈلۈك ئادىتىمگە ئايلانغان ئىشلار بولۇپ قالدى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە دادام سىرتلارغا چىقىپ كەتكەن كۈنلىرى كېچىلىرى ئۇكام يىغلىسا ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئاستىنى قۇرۇقدايدىغان، سۈت پاراشوكى تەڭشەپ ئىچكۈزىدىغان ،پوق –سۈيدۈك لاتىلىرىنى يۇيىدىغان ئىشلار تەبئىيلا مېنىڭ ئۈستۈمگە يۈكلەنگەن ئىدى. ھازىر مېنىڭ دادام بىلەن ئىككىڭلار ئارزۇلاپ قويغان ‹‹ئەكرەمجان ››دېگەن ئىسمىم نۇرنىسا ئاچامنىڭ زەھەردەك تىلى ئاستىدا ‹‹ قاسماق،شۇم ،تويمىغۇر...››دېگەندەك ناملارغا ئۆزگەردى.
      داداممۇ ئۇكام تۇغۇلغاندىن كېيىن مەن بىلەن ئانچە كارى يوق بولۇپ قالغان بولۇپ،ھەر قېتىم قايتىپ كەلسە،ئۇكامنى قۇچىقىغا ئېلىپ سۆيۈپ –يالاپ ئەركىلىتىپ قىلمىغىنى قالمايتتى،ماڭا ئانچە بەك چىراي ئېچىپ كەتمەيتتى،دادامنىڭ ئۇكامنى ئەركىلىتىشلىرىگە قاراپ سىز بار ۋاقىتلاردىكى بەختلىك كۈنلىرىم ئېسىمگە يېتىپ،ئىچ –ئىچىمدىن يىغا يامىشاتتى ۋە ئۇلارغا كۆرۈنمەي ئاستا ياندىكى ئۆيگە كىرىپ ئۈنسىز يىغلىۋالاتتىم، بارا –بارا نۇرنىسا ئاچامنىڭ تاياقلىرى دادام بار يەردىمۇ ئايىماي تېگىدىغان بولدى،دادام دەسلەپكى ۋاقىتلاردا نۇرنىسا ئاچام مېنى ئۇرسا ئۇنىڭغا ئاچچىقلاپ ۋارقىرايتتى ياكى ئاچچىقىدا بىرەر شاپىلاق سېلىۋېتەتتى،،بۇندق ۋاقىلتالاردا نۇرنىسا ئاچام ‹‹ئال ما شۇمۇڭنىمۇ، ئۆزۈڭ باق،خېتىمنى بەر، ما تويمىغۇر قاسمىقىڭنىڭ قارنىنى باققىنىم ئاز كېپ قالدىمۇ ماڭا..››دەپ دادامنى تىللايتتى ۋارقىراپ –جارقىراشلار بىلەن ئۆينى بېشىغا كىيەتتى ياكى دادامنىڭ ياقىسىغا ئېسىلىۋېىلپ ئۇششۇقلۇق قىلاتتى، كېيىنكى كۈنلەردە داداممۇ نۇرنىسا ئاچامنىڭ ھازازۇللىقىدىن قورقتىمۇ ياكى نۇرنىسا ئاچام مېنى يامان ئىشتىۋەرگەچىكىمىكىن بەزىدە نۇرنىسا ئاچام بىلەن قوشۇلۇپ مېنى تەڭ ئۇرىدىغان بولىۋالدى.
     ئادەم تاياق يەۋەرسىمۇ تاياققا كۆنۈپ قالىدىغان ئوخشايدۇ،ھازىر تىل –ھاقارەت ،تاياق دېگەن مېنىڭ كۈندۈلۈك تامىقىمنىڭ ئورنىدىلا ،شۇڭا خېلى قاتتىق تاياق يېسەممۇ ئانچە يىغلىمايدىغان بولۇپ قالدىم،بىراق يۈرۈكۈمنى ئەڭ ئازابلايدىغىنى ‹‹نېمىشقا كۈندە تاياق يەيمەن؟خانىم ‹تاياق دېگەن ھايۋانغا يارىتىلغان›دەيتتى،مەن تاياق يېيىشكە يارىتىلغان ئادەمسىمان ھايۋانمۇ يا؟ئاپام بولغان بولسا بۇنداق تىل –ھاقارەتلىك تۇرمۇش كەچۈرمەستىم، باشقا بالىلارغا ئوخشاش ئاپامغا ئەركىلەپ ،ئويناپ –كۈلۈپ يۈرگەن بولار ئىدىم ،مەن نېمىشقا شۇنداق تەتۈر پىشانە يارىتىلىپ قالغاندىمەن؟.....››دېگەن ئويلار بىلەن دادامنىڭ مېنى ئۆزىنىڭ بالىسىدەك كۆرمەسلىكى،نۇرنىسا ئاچامنىڭ يالغان –ياۋىداق گەپلىرىگە ئىشىنپ مېنى ئۇرىشى.تۇنىساخان چوڭ ئانامنىڭ ‹‹ بىچارە بالام، ئاناڭ رەھمىتى بەك ئېسىل ئايال ئىدى، ئەجەب كۈنگە قالدىڭ كىچىك تۇرۇپ، ‹ئالتۇن باش داداڭ بىلەن قالغۇچە،پاخپاقباش ئاناڭ بىلەن قال› دېگەن راست گەپكەن دەپ كۆزلىرىگە ياش ئېلىشىنى سەل چۈشەنگەندەك بولدۇم ئاپا،نۇرنىسا ئاچام مېنىڭ ئۆگەي ئاپام بولغانلىقى ئۈچۈن مېنى شۇنچىۋالا ئۇرۇپ –خورلىسا بولامدۇ؟سىنىپىمىزدىكى مۇرادىلنىڭ دادىسى – ئاپىسى ئاجرىشىپ كەتكەن ئىكەن،ھازىرقى ئاپىسى مۇرادىلغا ئۆگەي ئىكەن،بىراق مۇرادىل بۇ ئۆگەي ئاپىسىغا بەك ئامراق ئىكەن، ئۆگەي ئاپىسى دائىم مەكتەپكە مۇرادىلنى ئالغىلى كېلىدۇ،ئۇنى شۇنداق چىرايلىق، پاكىز ياساپ قويىدۇ، مۇرادىلنىڭ ئۆز ئاپىسى ھايات بولغاچقا ئۆگەي ئاپىسى ئۆز ئاپىسىدىن قورقۇپ شۇنداق قىلامدۇ- يا ؟ ‹نېمىشقا مېنىڭ ئۆگەي ئاپام ماڭا ئۇنداق قىلمايدىغاندۇ،مەن بەك ئەسكىمۇ يا؟›دەپ ئويلاپ قالىمەن،بىراق ئەسكى يېرىمنى ھېچ ئېسىمگە ئالالمايمەن ھەم ئەسكىلىك قىلغۇدەك جۈرئەتمۇ يوق مەندە
      بىلەمسىز ئاپا،بىر قېتىم چۈشتە ئۆيگە بارسام نۇرنىسا ئاچام ئۆيدە يوق، تۇنىساخان چوڭ ئاناممۇ دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقاچقا ،ئۇ ئۆيگە كىرسەممۇ ماڭا تاماق بېرىدىغان ئادەم يوق ھەم ئۇ ئۆيگە كىرگۈدەك يۈزۈممۇ يوق، ( ھە راست ئاپا، بىرنەچچە قېتىم قورسۇقۇمنىڭ ئاچلىقىغا چىدىماي تۇنىساخان چوڭ ئانامنىڭ ئۆيىگە كىرگەن ئىدىم،تۇنىساخان چوڭ ئانامنىڭ ئىچى ئاغرىپ ماڭا تاماق بەرگەن ئىدى، نۇرنىسا ئاچام بۇنى ئۇقۇپ ‹‹ما يېتىم ئوغلاق شۇمنى مەن باقالمىغان بولسام سەن قېرىغا بەردىم، سەن بالا قىل..››دەپ ،تۇنىساخان چوڭ ئانامنى تىللاپ بىر قىلىۋەتكەن ئىدى،مېنىمۇ ‹‹ ‹يېتمنىڭ يەتتە قارنى بار› دەپ بىكار دېمەپتىكەن،مەن سەن يېتىم ئوغلاق،تويمىغۇر شۇمنىڭ قارنىنى پەقەتلا تويغۇزۇپ بولالمىدىم،مېنى خەققە يامان ئىشتىپ نېمە قىلماقچى ئىدىڭ›› دەپ بەدەنلىرىم كۆكۈرۈپ كەتكۈچە ئۇرغان ئىدى،شۇڭا ئۇ يەرگىمۇ كىرەلمەيمەن ھازىر) ئىلاجىسىز مەكتەپكە يېنىپ كەلدىم،ئەتىگەندە يىگەن يېرىم گىردە بىلەنلا بولغاچقا ،بەشىنچى سائەتلىك دەرس ۋاقتىدا بېشىم قېيىپ، كۆڭلۈم ئېلىشىپ قورسۇقۇمنىڭ ئاچلىقىغا چىدىمايلا قالدىم ۋە بېشىمنى پارتىغا قويۇۋالدىم،خانىم قېشىمغا كېلىپ‹‹نېمە بولدۇڭ ؟مىجەزىڭ يوقما؟››دەپ سورىدى،مەن گەپ قىلالماي يىغلىۋەتتىم،خانىم مېنى ئاستا يېتىلەپ سىرتقا ئەچىقىپ نېمە بولغانلىقىمنى يەنە بىر قېتىم سورىدى،مەن چۈشتە تاماق يېمىگەنلىكىمنى ئېيتتىم،خانىم سىنىپقا كىرىپ بالىلارغا بىرنەرسىلەرنى دېگەندىن كېيىن بېشىمنى سىلىغىنىچە قولۇمدىن يېتىلەپ،مەكتەپنىڭ يېنىدىكى چوڭ بىر تېز تاماقخانىغا ئەچىقىپ ،نېمە يىگۈم بارلىقىنى سورىدى،مەن نېمە دېيىشىمنى بىلمەي تىرنىقىمنى تاتلاپ تۇردۇم،خانىم بىر ئاز تۇرۇپ كېتىپ ئاندىن لەغمەن بۇيرۇتتى،ئۇ كۈنى يىگەن لەغمەن ئاغزىمغا شۇنداق تېتىپ كەتكەن ئىدى ھەم بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە تۈزۈك تاماق كۆرمەي ئاچلىقققا كۆنۈپ كەتكەن تويۇپ قورسىقىممۇ راۋرۇس تويغان ئىدى،كېيىن خانىم مەندىن كوچىلاپ سوراپ ۋە ساۋاقداشلىرىمدىن ئۇشقۇشۇپ ئەھۋالىمدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن يەنە بىرنەچچە قېتىم مېنى ئۆيىگە ئاپىرىپ تاماق ئېتىپ بەردى،خانىمنىڭ ئۆيىگە باغاندا نۇرنىسا ئاچام ‹‹چۈشتە ئۆيگە كەلمەي نەدە پوق تېرىپ يېدىڭ،لالما شۇم!››دەپ مېنى يەنە ئۇردى،مەن خانىمنىڭ ئۆيىگە بارغانلىقىمنى دېگەندىن كېيىن بولدى قىلغان بولدى،خانىم يەنە مېنى شاڭگاڭ بازىرىغا ئەچىقىپ چىرايلىق بىر تو مايكا –ئىشتان ئېلىپ بەردى،مەن خانىم ئېلىپ بەرگەن كىيىمنى كىيسەم نۇرنىسا ئاچام ‹‹ نەدىن ئوغرۇلۇدۇڭ بۇ كىيىملەرنى،راستىنى دېمىسەڭ قولۇڭنى سۇندۇرىۋېتىمەن؟›› دەپ ماڭا گەپ قىلىش پۇرسىتى بەرمەيلا قاتتىق ئۇرۇپ كەتتى،مەن يىغلاپ تۇرۇپ ، بۇ كىيىملەرنى ئوغرىلىمىغىمىنى، خانىمنىڭ ئېلىپ بەرگەنلىكىنى دېسەم گېپىمگە ئىشەنمەي ،چۈشتە مەن بىلەن بىر سىنىپتا ئوقۇيدىغان خوشنا بالىلاردىن سورىدى،ئۇلار بۇ كىيىمنى راست خانىمنىڭ ئېلىپ بەرگەنلىكىنى ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇكامنى سىڭلىسىغا قويۇپ قويۇپ، قۇلۇقۇمنى سوزۇپ ،قولۇمدىن سۆرىگەن پېتى مەكتەپكە ئېلىپ كەلدى،خانىم مەكتەپكە تېخى كەلمەپتىكەن،خانىم كەلگەندىن كېيىن ‹مەن ما يېتىم ئوغلاق،شۇمپىشانىنى باقالماي قالغان ئوخشايمەن، ئۆزلىرى بەك كۆيۈنۈپ ئۆيلىرىگە ئاپىرىپ تاماق ئېتىپ بېرىپ،كىيىم ئېلىپ بېرىپ ،يالغان مېھرىبانلىق كۆرسىتىپ،بۇ ئۆلمىگۈر شۇمغا مېنى يامان كۆرسىتىپ،ئۆزلىرى ياخشىچاق بوپ بوپلا،ئەمدى بۇ ئانىسىنىڭ بېشىغا چىققان شۇمنى سىلگە بېرەي،بالا قىلىپ ئۆزلىرى بىر قوللۇق تەربىيلەپ بېقىۋالسىلا،يا ئا دادىسى دېگەن لامزەللىنىمۇ ئۆتۈنۈپ بېرەي سىلىگە ...›دەپ خانىمنى ئېغىزغا ئالغۇسىز گەپلەر بىلەن تىللىدى،خانىم نۇرنسا ئاچامنىڭ گېپىگە نېمە دېيىشنى بىلمەي شۇنداق يىغلاپ كەتتى،مېنىڭ قولۇمدىن سۆرىگەن پېتى ئۆيگە ئاپىرىپ‹ ئاخانىمىڭ دېگەن رەپرەپكە نېمىلەرنى پوق چايناپ مېنى يامان ئىشتىپ يۈردۈڭ ئۇ رەپرەپكە بالا بولامسەن ئۆلمىگۈر شۇم؟ ئەجەب قۇتۇلمۇدۇم سەن يېتىم ئوغلاق شۇمدىن...!››دەپ بەكلا قاتتىق ئۇردى،مەن ئۆزۈمنىڭ تاياق يېگىنىگە ئەمەس،بەلكىم خانىمنىڭ ھاقارەت ئاڭلاپ ياش تۆككىنىگە ئېچىنىپ ھەم خىجىل بولۇپ يىغلىدىم....››بۇ قۇرلارنى ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا قېشىغا كېلىپ گەپ سوراپ بولغۇچە قورقۇنۇچ ئىچىدە قولى بىلەن ئۆزىنى توسۇۋالىدىغان،بەدەنلىرى كۆكتىن نېرى بولمايدىغان،چاچلىرى ئۆسۈك،تەر پۇراپلا تۇرىدىغان ،كىيىملىرى كىرلىشىپ كەتكەن قوي كۆزلۈك ئەكرەمنىڭ تاياق دەستىدىن تۈگۈلۈپ كەتكەن بىچارە ھالىتى بىلەن ئۇنىڭ ئۆگەي ئانىسى نۇرنىسانىڭ ھېلىقى ۋاقىتتا ماڭا ھازازۇللارچە قولىنى شىلتىپ تۇرۇپ ھاقارەتلىك سۆزلەر بىلەن كۆڭۈلۈمگە ئازار بېرىشى كۆز ئالدىمدا زاھىر بولدى،بىچارە ئەكرەمنىڭ تارتىۋاتقان شۇنچىۋالا خورلۇقلىرىنى ئويلاپ كۆزۈمدىن ئىختىيارسىز ياشلار قۇيۇلدى.
     ‹‹سىزگە ھەر بىر ئويلىسام ئىچ –ئىچىمدىن خورلۇق ھېس قىلىدىغان،ھېچكىمگە دېيەلمىگەن يەنە بىر سىرنى ئېيتىپ بېرەي ئاپا، بىر قېتىم   2- سائەتلىك دەرس ۋاقتىدا قورسۇقۇم قاتتىق ئاغرىپ،كۆڭلۈم ئېلىشىپ ، پۇت –قولۇمدا پەقەت ماغدۇر يوق،بېشىم قېيىپ بىر قىسمقلا بولۇپ قالدىم، دەرس تۈگىگچە ئاران چىداپ ، خانىمنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ رۇخسەت سورۇدۇم،خانىم پىشانەمنى تۇتۇپ كۆرۈپ‹باللىدىن بىرنى قوشۇپ قويامۇ؟ئۆيۈڭگە ئاپىرىپ قويسۇن›دېدى،مەن ئۇنىمىدىم، ئۆيگە بارغۇچە نەچچە يەردە ئولتۇرۇپ دېگۈدەك بەك تەستە باردىم،ئىشىكنى چىڭراق ئىتتۈرگۈدەك ھالىممۇ يوق،ئۆيگە ئىنجىقلاپ كىردىم،ئەسلى ئاغرىپ ئۆلۈپ قالسامۇ ئۆيگە يېنىپ كەلمىسەم،كىرمىسەم بوپتىكەن ، ياكى كۆزۈم كور بولۇپ قالسا بوپتىكەن،ئاھ خۇدا،نېمىنى كۆردۈم دېمەيسىز؟ئېغىزغا ئېلىشتىن نومۇس قىلىمەن ئويلىسام،نۇرنىسا دېگەن(ئاچام دېگۈممۇ كەلمەيدىغان بولۇپ قالدى ھازىر)ھېلىقى دوقمۇشتا گۆش ساتىدىغان خام سېمىز قاسساپ بىلەن سافا ئۈستىدىلا بىر –بىرى بىلەن قۇچاقلىشىپ ،سۆيۈشۈپ ئولتۇرمامدۇ، بۇنى كۆرۈپ كۆزۈمگە قاراڭغۇلۇق تىقىلىپ ئاغرىقلىرىم قايانلارغا يوقاپ كەتتى، بۇ ئىككىسىگە   قاتتىق غەزەپ بىلەن قارىدىم،نۇرنىسا ئاچام مېنى كۆرۈپ سەل چۆچىگەندەك بولۇپ ئىتتىكلا خام سېمىز قاسساپ ئوغرىنىڭ قۇچىقىدىن ئۆزىنى تارتتى،قاسساپ ئوغرىمۇ ئىتتىكلا چىقىپ كەتتى،‹نېمە ئادەمگە يەيدىغاندەك قاراپ كۆزۈڭنى چەكچەيتىسەن؟نەچچە ۋاقىتتىن بېرى كانىيىڭگە يېگەن گۆشنى مۇشۇ قاسساپ ئاكاڭ بەرگەن،بىز پەقەت پاراڭلىشىپ ئولتۇردۇق،باشقا ئىش يوق بۇ يەردە ›دېدى نۇرنىسا ئاچام دېگەن ،ئۇ بۇ گەپلەرنى قىلىۋاتقاندا يۈزى ئازىراقمۇ چىمىلداپ،قىزىرىپمۇ قويمىدى،‹سەن بۇزۇق،سىلەر پاراڭلاشمىدىڭلار قۇچاقلاشتىڭلار!›دېدىم زەردىم بىلەن ۋارقىراپ،قاتتىق غەزەپتىن ئاۋازىم بوغۇلۇپ قالغاندەك چىقىپ كەتتى.
    ۋارقىراشلىرىمدىن ئالاڭ –بۇلۇڭ بولۇپ،چىرايى كۆكۈرۈپ كەتكەن نۇرنىسا ئاچام ‹‹ نېمە پوق چاينايدۇ ما ئۆلمىگۈر شۇم، ما شۇمنىڭ ئاغزىنىڭ بەزەپلىكىنى،قىلغان سەت گېپىنى قارا،قاراپ تۇرۇپ ئادەمگە قارا چاپلاۋاتىدا ما شۇم،يالغان ئېيتقان تىلىڭنى كېسىپ،چىشلىرىڭنى بىردىن يۇلىۋالمىسام..››دەپ مەندىن بەكراق ۋارقىرىغىنىچە ، ياندىكى ئۆيگە ئېتىلىپ كىرىپ كېتىپ ئامبۇرنى كۆتۈرۈپ چىقتى ۋە چۆجىنى قاماللىغاندەك مۆرەمدىن قاماللاپ تۇتۇپ،قوللىرىمنى قايرىپ تۇرۇپ ئامبۇر بىلەن چىشلىرىمنى يۇلماقچى بولدى،ئاغزىمنى ئاچقىلى ئۇنىمىغان ئىدىم،كالپۇكىمنى ئامبۇر بىلەن قىسىۋەتتى،قاتتىق ئاغرىق مېڭەمگە چىقىپ چىرقىراپ كەتتىم،چىرقىرىشىمدىن قورقۇپ كەتتىمۇ قانداق،ئۇكام ئويغىنىپ قىقىراپ يىغلاشقا باشلىدى،نۇرنىسا ئاچام مېنى تاشلاپ ئۇكامنىڭ قېشىغا كىرىپ كەتتى،كالپۇكۇم لوقۇلداپ ئاغرىپ تۇراتتى،كېيىن خېلى بىر مەزگىللەرگىچە بىرنەرسە يېيەلمەي قىينالدىم،دادامنىڭ قايتىپ كەلگەندە ‹كالپۇكىڭ نېمە بولدى؟››دەپ سوراشلىرىغا يىقىلىپ چۈشۈپ،تاشقا ئۇرىۋالدىم دەپ جاۋاب بەردىم،ئەسلى راستىنى دەي دەپ ئويلىغان ئىدىم،بىراق نۇرنىسا ئاچامنىڭ ‹‹ مەن ساڭا دەپ قوياي،ئەگەر داداڭغا قاسساپ بىلەن مەن توغرۇلۇق قالايمىقان جۆيلۈيدىغان بولساڭ،ئۆزۈڭنى ئىچكىردىكى بالا ئېلىپ –ساتىدىغان كۇلىچىلارنىڭ قولىدا كۆرىسەن،ئۇ يەردىن ئۆلۈكۈڭ چىقۇدىكى تىرىكىڭ چىقمايدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن مەن داداڭ بىلەن ئاجرىشىپ كېتىمەن،ئۇكاڭمۇ ،سەنمۇ داداڭ بىلەن قېلىپ قالىسىلەر، ئۇكاڭنى، سېنى باقىدىغان ئادەم يوق،ئىتنىڭ كۈنىنى كۆرىشىسەن...››دېگەن گەپلىرى بىلەن مېنى كۇلىچىلارغا سېتىۋېتەمدىكىن ؟ !نۇرنىسا ئاچام كەتسە ئۇكامنى باقىدىغان ئادەم يوق قىينىلىپ قالارمىكىن؟! دېگەن ئويلار بىلەن بۇ گەپلەرنى دادامغا دېيىشتىن ۋاز كەچتىم ،بىراق شۇ كۈنكى ئىشلارنى ئويلىسام ھازىرغىچە غەزەپتىن قۇيقا چېچىم تىك تۇرىدۇ.
     سۆزلىسەم ئىچىمدىكى دەرتلىرىم بىر تاغارغا پاتماسمىكىن دەيمەن جېنىم ئاپا،مۇشۇ يېقىننىڭياقى تارتىۋاتقان ئادەم چىدىغۇسىز خورۇلۇقلىرىمنى ئويلاپ خانىم 4- سىنىپتا بىزگە ئۆتۈپ بەرگەن ‹‹ سەرەڭگە ساتقۇچى قىز ››دېگەن دەرستىكى سەرەڭگە ساتقۇچى قىزچاق كۆز ئالدىمغا كېلىۋالىدىغان بولدى، سەرەڭگە ساتقۇچى قىزچاق ھەر ھالدا مەندىن كۆپ تەلەيلىككەن، سەرەڭگىنى ياندۇرۇش ئارقىلىق شۇنداق ياخشى نەرسىلەرنى كۆرىۋاپتۇ، ئاخىرىدا تېخى ئاسمانغا ئۇچۇپ چىقىپ مومىسى بىلەن كۆرۈشۈپتۇ،خانىم بىزگە ‹سەرەڭگە ساتقۇچى قىزچاق مومىسى بىلەن كۆرۈشەلمىدى،ئۇ بىچارە قىزچاق ئۆلۈپ كەتتى›دەپ بەرگەن ئىدى،بىراق ماڭا ئۇ قىزچاق راستىنلا مومىسى بىلەن كۆرۈشۈپ جەنئەتكە كەتكەندەكلا بىلىندۇ!
      سىز مەن سىزگە يازغان يازغان بۇ يۈرەك سۆزلىرىمنى ئوقالارسىزمۇ جېنىم ئاپا ؟ ئەمدى سىزنىڭ يېنىمغا مەڭگۈ قايتىپ كەلمەيدىغانلىقىڭىزغا كۆزۈم يەتتى ،دەسلەپتە مېنى تاشلاپ كېتىپ قالغانلىقىڭىزغا ئازىراق خاپا بولغان ئىدىم،ئويلاپ باقسام بۇ قىلغىنىم توغرا بولماپتۇ، سىز قايتىپ كەلمىگەندىن كېيىن مېنى قېشىڭىزغا،سىز ياشاۋاتقان جەنئەتكە ئېلىپ كېتىڭچۇ جېنىم ئاپا! سىزدىن تىزلىنپ تۇرۇپ ئۆتۈنۈپ قالاي،مېنى نۇرنىسا ئاچامنىڭ زۇلۇملىرىدىن قۇتۇلدۇرىۋېلىڭ، سىزنى شۇنداق سېغىندىم، سىزنى ئويلىساملا كۆزۈمدىن ئىختىيارسىز ھالدا تاراملاپ ياش قۇيىلىدۇ،مەن سىزنىڭ قېشىڭىزغا ،جەنئەتكە بارسام سىزگە ھەرگىز جاپا سالمايمەن،گېپىڭىزنى ئاڭلايمەن،ياخشى بالا بولىمەن،ھازىر مېنىڭ كېچە –كۈندۈز ئويلايدىغىنىم،سىزنىڭ مېنى قېشىڭىزغا،ھېچقانداق دەرت –ئازابلار يوق،راھات تۇرمۇش كەچۈرىدىغان جاي جەنئەتكە كېتىش،سىز مېنىڭ ئۆز ئاپام بولغاندىكىن،ماڭا ئىچىڭىز ئاغرىسۇن،سىزدىن بەك ،بەك ئۆتۈنۈپ قالاي،مېنى جەنئەتكە ئېلىپ كېتىڭچۇ ئاپا!››.
      كىچىككىنە نارسىدە بالىنىڭ تارتقان دەرت –ئەلەملىرى، ئازاب ۋە خورلۇقلىرى مۇجەسسەم قىلىنغان ،يۈرەكنى ئەزگۈچى بۇ خەتنى ئوقۇپ بولغۇچە كۆزلىرىمدىن تىنىمسىز قۇيۇلغان ياشلاردىن دەپتەرنىڭ ھۆل بولۇپ كەتەكنلىكىنى تۇيمايلا قالدىم،ئۆزۈمنىڭ ئەمدىلا ئون ئىككى ياشقا كىرگەن، ئەسلى غەم –ئەندىشە دېگەننىڭ نېمىلىكنى ھېس قىلماي قىيغىتىپ ئوينايدىغان غەمسىز بالىلىق پەسلىنىڭ ‹‹زۇمرەت بىلەن قىممەت››چۆچىكىدىكى رەھىمسىز ئۆگەي ئانىدىنمۇ بەتتەر ،ئالۋاستى سۈپەت ئۆگەي ئانا تەرىپىدىن يەتكۈچە خورلۇق تارتىپ ، يۈرەك –باغرى تىل –ھاقارەت،خورلۇق دەستىدىن ئەلەم بىلەن تولغان ، بۇ بىچارە ،سەبىي نارسىدىنىڭ ھالىدىن تېخىمۇ تەپسىلىيراق تونۇشمىغىنىمدىن،ھېلىقى ۋاقىتتىكى ئىشتكەن تىل –ئىزالىرىم سەۋەبىدىن ، ئۇنىڭ ھالىغا تازا دېگەندەك يېتىپ بولالمىغانلىقىمدىن قاتتىق خىجىللىق ھېس قىلدىم.
     كۆزۈمدىن توختىماي ئاققان ياشلىرىمنى سۈرتىۋاتقانلىقىمنى كۆرگەن خىزمەتداشلىرىم مەندىن نېمە بولغانلىقىنى سورىدى،مەن مېنى ئۈنسىز ياش قوينىغا باشلاپ كىرگەن بۇ يۈرەك سۆزلەرنى ئۇلارغا ھېقىقداپ يىغلاپ تۇرۇپ يەنە بىر قېتىم ئوقۇپ بەردىم، قارىسام خىزمەتداشلىرىمنۇڭ كۆزلىرىدىنمۇ ياشلار تۆكۈلۈپتۇ،ئۇلار بەس –بەس بىلەن يەتكۈچە خورلۇق تارتقان بۇ سەبىي ،نارسىدىگە قاتتىق ئىچ ئاغرىشىتى.
مەن شۇ تاپتا كۆڭلۈمدە كىچىك ئۇكىسىنى يېتىم قىلماسلىق شەرتى ئاستىدا ، بۇ بىچارە بالىغا قايسى ئۇسۇل ئارقىلىق خەيرخالىق قىلىش،قايسى ئۇسۇللار ئارقىلق ئۇنى تارتىۋاتقان خورلۇقلىرىدىن قۇتۇلدۇرۇش .....ئۈستىدە قاتتىق ئويلىنىۋاتاتتىم.





مەنبە : ئۆز قەلىمىم

izdan0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-7 08:57:59

ھېلقى بالىنىڭ ساۋادىنى ئوبدانراق چىقىرىپ قويماپلا خانىم.‹‹جەنئەت›› دىمەيتۇق جەننەت دەيتۇق

musilina1 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-7 09:43:51

izdan0998 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-7 08:57 static/image/common/back.gif
ھېلقى بالىنىڭ ساۋادىنى ئوبدانراق چىقىرىپ قويماپلا خان ...


ئەسلىدىغۇ ساۋادى ياخشى چىققان ....

يازغاندا خاتالىق كۆرۈلۈۈپ قاپتۇ،تەھرىرلىيەلمەي قالدىم....

بۇنىڭدىن كېيىن دىققەت قىلاي.....

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-7-7 10:35:35

مۇسلىنا دېگەن گەپنىڭ مەنىسنى زادىلا چۈشۈنەلمىدىم يا

izdan0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-7 11:33:46

Birzat يوللىغان ۋاقتى  2014-7-7 10:35 static/image/common/back.gif
مۇسلىنا دېگەن گەپنىڭ مەنىسنى زادىلا چۈشۈنەلمىدىم يا

مۇسۇلمان .مۇسلىم دىگەننى خەنچىدە 穆斯林(مۇسېلېن) دەيدىكەن .بۇ خانىمنىڭ ئىسمى خەنچىدىن ئۇيغۇرچىغا ئاھاڭ تەرجىمىسى بولسا كېرەك.:shutup:
بەت: [1]
: مېنى جەننەتكە ئېلىپ كەتسىڭىزچۇ، ئانا!