torqi14 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-5 13:30:11

قۇلاق ئېغىرلىقىتىن ياردەم سورايمەن.

سالام تورداشلار:
مېنىڭ ئاپام بۇ يىل 53ياشقا كىردى،سالامەتلىكى ياخشى،لېكىن ئاڭلاش ئىقتىدارى سەل ئاجىزلىشىپ قالدى،دوختۇرغا بېرىپ تەكشۈرتسەك
قۇلاقنى تازلاپ قويىدىكەن،لېكىن يەنە نەچچە ئايدىن كېيىن يەنە ئەسلىگە كېلىۋالىدىكەن.ئەمدى تورداشلاردىن سورىماقچى بولغىنىم بۇنىڭ ياخشاراق داۋاسى نىمىدۇ؟ئەگەر ئاپامنى ئۈرۈمچىگە چىقىپ داۋالاتماقچى بولسام قايسى دوختۇرخاننىڭ بۇ جەھەتتە سەۋىيىسى ياخشىدۇ؟بېلىدىغانلارنىڭ مەسلىھەت بېرىشىنى ئۈمىد قىلمەن.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-5 14:31:42

قۇلاق ئىغىرلىقىنىڭ سەۋەبىنى تاپتىمۇ؟

terjime يوللانغان ۋاقتى 2014-7-5 15:27:45

قۇلاقنى تازلاپ قويىشى توغرا ، چۈنكى ياشانغانلارنىڭ قۇلاق كىرى سىرتقا چىقالماي يىغىلىپ قېلىپ قۇلاق تۆشۈكچىسىنى توسۋالىدىكەن . بىر قېتىم تازلاشقا يىگىرمە كوي ئەتراپىدا  پۇل كىتىدۇ ، يىلدا بىرەر قېتىم تازلاتسىڭىز مۇۋاپىق ، ئۇنىڭغا قوشۇپ ئاۋدىفۇندىن بىرنى ئېلىپ بەرسىڭىز قۇلىقىغا تاقىۋالسا ئىش پاتتى . بەك قېممىتنى  ئالماڭ ، سۇغا ياكى قاتتىق يەرگە چۈشۈپ كەتسە بۇزۇلىدۇ . 300يۇەن ئەترابىدا خىلى ئوبدانلىرى بار ، لازىم بولغاندا قۇلىقىغا سېلىۋىلىپ بولمىسا سالماي يۈرۈۋەرسۇن . قۇلاقنى داۋالىتىمەن دەپ قۇلاق بىر چەتتە قېلىپ باشقا يەرلەرنىڭ ئاغرىقىنى قوزغاپ قويمىسۇن .

torqi14 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-5 19:07:01

terjime يوللىغان ۋاقتى  2014-7-5 15:27 static/image/common/back.gif
قۇلاقنى تازلاپ قويىشى توغرا ، چۈنكى ياشانغانلارنىڭ قۇ ...

رەخمەت تەكلىپىڭىزگە،بولسا قولاقنى بۇرۇنقىدەك نورمال ھالەتكە ئېلىپ كەلگىلى بولماسمۇ؟

UyghurBalisi يوللانغان ۋاقتى 2014-7-5 21:05:32

ئۈرۈمچىگە 2-دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ ۋاقتىدا داۋالىتىڭ! سەل قارىماڭ، بۇ مېنىڭ كۈچلۈك تەۋسىيەم!

Dihkanbay يوللانغان ۋاقتى 2014-7-5 21:47:02

سوغۇق يەل،ئىششىق،يىرىڭداش،قۇلاق ئېقىش قاتارلىق تاشقى توسالغۇلار بولسا مەخسۇس قۇلاق بۆلۈملىرىدە تەكشۈرتسە داۋالىيالايدۇ.ئەمما ئورگانىزىملارنىڭ قېرىشىدىن بولىۋاتقان بولسا ئامال يوق.ئىسسىق ساقلاپ بەرگەي…
سەۋەب بەندىدىن.داۋا ۋە مۆجىزە ياراتقۇچىدىن.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-7-6 06:43:16

مىجەزنى تەڭشەپ ئاندىن قۇشقاچ مىڭىسىنى پاختىغا مىلەپ قۇلاققا ھەر ئاخشىمى تىقىۋالسا يىنىلەپ كىتىدۇ.
ئۇيغۇر تىبابىتىدە شۇنداق قىلىدۇ.

torqi14 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-6 09:16:16

UyghurBalisi يوللىغان ۋاقتى  2014-7-5 21:05 static/image/common/back.gif
ئۈرۈمچىگە 2-دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ ۋاقتىدا داۋالىتىڭ! سە ...

شۇنداق خەتەرلىكمۇ؟تەپسىلىي چۈشۈندۈرۈپ قويغان بولسىڭىز.

UyghurBalisi يوللانغان ۋاقتى 2014-7-6 15:27:14

torqi14 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-6 04:16 static/image/common/back.gif
شۇنداق خەتەرلىكمۇ؟تەپسىلىي چۈشۈندۈرۈپ قويغان بولسىڭ ...

شۇنداق، قۇلاق ئېغىرلىقىغا، ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغىغا قەتئى قەتئى سەل قارىماڭلار!! ۋاقتىدا چوڭ دوختۇرخانىغا ئاپىرىڭ، بولمىسا ئۇزىراپ كەتسە ساقايمايدۇ.

mihriban يوللانغان ۋاقتى 2014-7-6 21:23:25

مىنىڭ بىر كىچىك اپام بار ىدى ۇمۇ قۇلىغىم اڭلىمايۋاتىدۇ دەپ ۇچ توت يۇز كويلۇق داۋالاتسىمۇ پايدا قىلماي شەھەرلىك دوختۇرخانىغا بىرىپ تەكشۇرتۇپتىكەن شۇنداق يۇغان كىر چىقىپ كىتىپتۇ شۇنىڭ بىلەن قۇلىغى وڭشۇلۇپ قاپتۇ.بۇ راس بولغان ىش ياخشاراق تەكشۇرتۇپ بىقىڭىزلار   .:)

yarzat يوللانغان ۋاقتى 2014-7-7 15:47:06

1 يېرىم ياشقا كىرگەن بالا يا دادا دېمەيدۇ،يا ئاپا دېمەيدۇ.ھازىرغىچە گەپ قىلمىدى..دېمەكچى بولغىنىنى ۋاقىراپ تۇرۇپ
ئىشارەت ئارقىلىق بىلدۈرىدۇ...بۇ نورمال ئەھۋالمۇ؟

UQKUN28 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-7 18:21:57

مىنىڭ 26ياشقا كىرگەن ئىنىمنىڭمۇ ئاڭلاش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كىتۋاتىدۇ، بەزىدە ئوڭشىلىپ قالغاندەك بۇپ قالسا بەزىدە بەكلا ئېغىرلاپ كېىتدۇ.
خوتەن، ئۈرۈمچىدىكى دوختۇرخانىلاردا تەكشۈرتسەك نېرۋا خارەكتىرىلىك ئاڭلاش ئىقتىدارى ئاجىزلاش دەپ دىئاگىنوز قويدى، بىر قانچە تۈرلۈك دۇرا بەرگەن ھىچ پايدىسى بولمايۋاتىدۇ.
بەت: [1]
: قۇلاق ئېغىرلىقىتىن ياردەم سورايمەن.