radiofan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-5 13:21:51

تىلىگىراف شىركەتلىرىنىڭ تورىدىن يارىدەم

ئەسسالام ئىزدىنىشلىق بۇرادەرلەر .
ئانچە مۇنچە سەپەر جەريانىدا (تىلىفۇن سىگنالى بار ، بەلكىم 2 گ  ياكى 3، 4  گ بولۇشى مۇمكىن )  تورغا چىقىش زۆرۇر بولۇپ قالىدى ،
ئۆزەم تاۋباۋدىن ئىزدەپ بەزى نەرسىلەرنى كۆردۇم ، يەنى بىر تال خەۋەرلىشش تورنى ۋاي فايغا ئايلاندۇرۇپ بېرىدىغان ئۇسكىنە ۋە بىر تال  SIM كارتا بولسا بولىدىكەن . ئەمدىكى مەسىلە سىلەر ئۆزەڭلەر  ئىشلىتىپ باققان ياخشىراق بولغان سىمسىز تور تارقاتقۇچ  ۋە ھەققى ئەرزانراق ، تىزلىكى ياخشىراق بولغان تور تەمىنلىگۇچى مەسىلەن جوڭگو تىلىگىرافىنىڭ تورى ياخشىمۇ ياكى بىرلەشمە خەۋەرلىششىنىڭ تورىمۇ ؟ قايسى ئەرزان ھەم قولايلىق دېگەننى بىلىپ بولالماي قالدىم ...
شۇڭا ئۇچىنچى ئەۋلاد خەۋەرلىشىش سىگنالىنى ۋاي فايغا ئايلاندۇرۇپ بېرىدىغان قۇرۇلما ۋە تەننەرخى ئەرزانراق  تور تەمىنلىگۇچى  توغۇرسىدا مەسىلەت بەرگەن بولساڭلار ...

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-7-5 14:18:43

كارتا مەسىلىسىگە كەلسەك  مەن ئۆتكەن يىلى توردىن بىرلەشمىنىڭ بىر كارتىسىنى ئالغان  ئايلىق كۆتۈرە ھەققى ئاران ئون يۈەن  2600mb  تور  680  مىنۇت پۈتۈن دۆلەت ئىچى سۆزلىشىش بار  تور سۈرئىتى ئۈ جى   لىكىن ئالدىنقى بەش ئايدا جىق پۇل تۆلىگىلى سالىدىكەن ئۇنىڭدىن كىيىن ئون يۈەنلا تۆلەيسىزكەن  ئالدىنقى بەش ئايدا 2600  mb تورنى ئىشلەتكىلى بولمايدىكەن ئۇزاقراق ساقلاي دىسىڭىز ماۋۇ خىلدىكى قارا كارتىلار ياخشى   ھازىر ئىشلىتەتتىم دىسىڭىز  300  يۈەنلىك تور كارتىلىرى بار )بىرلەشمىنىڭ( مۇشۇنى ئىشلىتىڭ 18 gb  تور چىقىدۇ   ۋايفاي تارقاتقۇچقا كەلسەك  سېتىلىشى ئەڭ ياخشى بولغىنىنى ئېلىشىڭىزنى تەۋسېيە قىلىمەن  تېلگىرافنىڭ تور كارتىلىغا يېقىن كەلمىگۈلۈك

malchi يوللانغان ۋاقتى 2014-7-5 14:23:08

تور سۈرئىتى جەھەتتە مەن بىرلەشمىنىڭ 3 گ تورنى ئەڭ تىز كۆردۈم ,لىكىن تەننەرىخى سەل قىممەت توختاپ قالدۇ،50 يۈەنگە  3G ئىقىم مىقدارى بىرىدىغۇ دەيمەن بىرلەشمىنىڭ تورغا چىقىش كارتىسنى ئەمما تور سۈرتىدىن رازى بولۇپ قالسىز 3 گ سىگىنال تولۇق بار يەردە چۈشۈرۈش سۈرتى 800kb-1mb غىچە چىقىدۇ،يىراق سەھرا تاغتۇرالارغا چىقىپ قالسىڭىز بۇنى ئىشلەتمىگەن تۈززۈك چوقۇم 3گ سىگىنالى بار يەردە ئىشلىتىڭ بولمىسا ئارتۇقچە

ئەمدى تېلگىرافنىڭ سۈرتىگە كەلسەك مەن ئىككى ئاي بۇرۇن 80 يۈەنگە 200 سائەتلىك تورغا چىقىش كارتىسىنى بىجرىگەن تېلېگىراف زالدىكى مۇلازىم قىزلار دىن سۈرئىتى قانداقراق دەپ سورىسام سىملىق بىلەن پەرىقلەنمەيدۇ دىگەن ئىدى بىجىرىپ بولۇپ ئۆيگە ئاپىرىپ تورغا چىقسام چۈشۈرۈش سۈرئىتى 50kb-80kb غىچە كىنو كۆرۈش مومكىن ئەمەس تور بەتلارنى زىيارەت قىلغىلى ئىشلەتسە بولىدىكەن


كۆچمىنىڭكىنى ئىشلىتىپ باقمىدىم ئۇنىڭمۇ تېلېگىراتىن قىلشمايدۇ ھەقاچان 4گ سى تىخى پىشىپ يىتىلمىدى

خەۋەرلىشىش سىگىنالىنى سىمسىز تورغا ئايلاندۇرۇپ بىرىدىغانلاردىن ئالماقچى بولسىڭىز بىلكانننىڭ مۇشۇنداق بىر ئۈسكىنىسى باغۇ دەيمەن ئاشۇنى ئويلىشىپ بىقىڭ ،
ئۆزىڭىزنىڭ ئىشلەتمەكچى بولغان خەۋەرلىشش شىركەتلىرنىڭ كارتىسغا ئاساسەن تاللىسىڭىىز ۋە ياكى بىىراقلا ئۈچ تورنى قوللايدىغانلىرىنى سىتۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-7-5 14:32:10

تېلگىرافنىڭ تور سېگىنالىنىڭ قاپلىنىشى ياخشى ئەمەس .
ھېلىغۇ باشقا يۇرتكەن ئۈرۈمچىنىڭ نۇرغۇن يەرلىرىدىمۇ نورمال تورغا چىقالماي ئىنجىقلايدۇ .

SIRLIK يوللانغان ۋاقتى 2014-7-5 18:46:34

ئەگەر تاپالىسىڭىز  تېلگىرافنىڭ ئايلىقى 49 سوملۇق  چەكسىز تور كارتىسى بار شۇنى ئىشلىتىڭ ،تور سۈرئىتى يامان ئەمەس،300/350s   ئەتراپىدا  ،،

balahor يوللانغان ۋاقتى 2014-7-5 18:51:45

SIRLIK يوللىغان ۋاقتى  2014-07-05 18:46:34 static/image/common/back.gif
ئەگەر تاپالىسىڭىز  تېلگىرافنىڭ ئايلىقى 49 سوملۇق  چەكسى
تەپسىلىرەك دەپ بېرەلەسىزمۇ...

SIRLIK يوللانغان ۋاقتى 2014-7-5 18:57:51

balahor يوللىغان ۋاقتى  2014-7-5 18:51 static/image/common/back.gif
تەپسىلىرەك دەپ بېرەلەسىزمۇ...

شۇ ئايلىقى 49 سوملۇق توسەن كارتا ،،تورغا چىقىشقىلا بولىدۇ باشقا ئۇچۇر يوللاش  سۆزلىشىشكە ئىشلەتكىلى بولمايدۇ.ۋاقىت ۋە ئېقىم مىقدار چەكلىمىسى يوق تور سۈرئىتى 3g .پۈتۈن جۇڭگو تەۋەسىدە ئىشلەيدىكەن .مۇشۇنچىلىك چۈشەندۈرسەم يېتەرلىك بولا

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-7-5 19:52:39

SIRLIK يوللىغان ۋاقتى  2014-7-5 18:57 static/image/common/back.gif
شۇ ئايلىقى 49 سوملۇق توسەن كارتا ،،تورغا چىقىشقىلا بول ...

بۇ كارتىنى مەن بۇرۇن بىجىرگەن ھازېر بىجىرگىلى بولماسمىش

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-7-5 23:08:06

سىمسىز تورغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تورتارقاتقۇ 路由器 لازىم بولىدۇ ، ئەلتۇغ شىركىتىنىڭ تورتارقاتقۇ يەنى روتىرىنى ئىشلىتىپ بىقىڭ

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-7-5 23:09:19

تىلگىرافنىڭ كەڭ بەلباغلىق تورىنى ئەكىرەي دىگەن ، قەشقەردە قانداق  باھا ، ئۇسۇلدا بىجىرمىز ؟

QUYASH يوللانغان ۋاقتى 2014-7-5 23:29:06

كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ سىملىق تېلىۋىزىيە بىلەن بىرلىشىپ تارتىپ بېرىدىغان بىر تورى بار ئىكەن. 10MBpsلىق تور بىلەن تەڭرىتاغ بۇلۇتى سىملىق تېلېۋىزىيە ھەققى قوشۇلۇپ بىر يىللىقى 540 يۈەن ئىكەن. تېلېگرافنىڭ پۇتىقى تولا. ئامال بار تېلېگرافنىڭ تورىنى تارتماڭ.

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-7-6 09:58:13

قەشقەردە كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ  بەزى ئولتۇراق رايۇنلاردا تور  يولى يوق ، بىزنىڭ مەھەللىدە تىلگىراف بىلەن بىرلەشمەنىڭ بار ، بىرلەشمەنىڭ ئۈچ يىللىقى 1200 كەن ، ئەمما ئەرزان بولغان بىلەن تور سۈرئىتى بەك ئاستا

QUYASH يوللانغان ۋاقتى 2014-7-6 14:57:57

كۆچمە خەۋەرلىشىش تورغا سىملىق تېلېۋىزىيەنىڭ لېنىيىسىنى ئىشلىتىۋىتىپتۇ.
بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ نۇر كابىللىق لېنىيىسى بولسا مەسلىھەت قىلىپ ئولتۇرماي تارتىڭ. بىرلەشمە خەۋەرلىشىنىڭ تورى ئەڭ تىز ھازىر.

RAUL113 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-7 12:52:55

10086   10010       10000  مۇشۇلارغا تېل قىلىپ پاراڭلىشىپ بېقىڭلار بىۋاستە تور تااتقۇزماقچى بولغان قېرىنداشلار ،

بەت: [1]
: تىلىگىراف شىركەتلىرىنىڭ تورىدىن يارىدەم