hanjar يوللانغان ۋاقتى 2014-7-4 22:09:13

بۇ يىلقى چىمپىيون گېرمانىيە پوتبول كوماندىسى

  http://www.tudou.com/v/monn5VuJXWU/&resourceId=0_04_05_99/v.swf  
گېرمانىيە پوتبول كوماندىسى 1900- يىلى رەسمى قۇرۇلغان بۇلۇپ 3 قېتىم دۇنيا پوتبول لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە چىىمپىيون بولغان . يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى نەتىجىسى :
1994-يىلى،1998-يىلى 8كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرگەن.
2002يىلى 2- بولغان .
2006-يىلى ۋە 2010-يىلى 3- بولغان.
2010-يىللىق دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئېنگىلاد ۋە ئارگىنتىنا كوماندىلىرىنى ئارقا ئارقىدىن مەغلۇپ قىلىپ توت كۈچلۈككە كىردى. مەيداندىكى توپ ئويناش ماھارىتى ۋە گېرمان مىللتىنىڭ باش ئەگمەس روھىنى نامايەن  قىلدى. مۇسابىقە باشلانغاندا قانداق جان تىكىپ ئوينىغان بولسا ئاخىرغىچە مۇسابىقە نەتىجىسى قانداق بۇلىشىدىن قەتئىنەزەر باش ئەگمىدى.  قەيسەر گېرمانلار گېرمانىيە يېرىم  ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئىسپانىيىگە ئۇتتۇرۇپ قۇيۇپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرەلمەي 3-چىلىككە ئېرىشتى.
گېرمانىيە پوتبول كوماندىسى  مەن ئەڭ ياقتۇرىدىغان پوتبۇل كوماندىلىرىدىن بىرسى. گېرمانىيە كوماندىسىنى ياقتۇرۇشۇم گېرمانلارنىڭ باش ئەگمەس روھىنىڭ تەسىرىدىن بولسا كېرەك ،بۇ قېتىمقى دۇنيا پوتبۇل مۇسابىقىسىدە بۇرۇنقى گېرمانىيە جەڭ ماشىنىسى دەپ نام ئالغان گېرمان پوتبول كومانسىدىنى كۆرەلمىگەن بولساممۇ ،يەنىلا گېرمان كوماندىسىنى چىمپىيون بولشىنى تىلەيمەن.













UyghurBalisi يوللانغان ۋاقتى 2014-7-4 22:31:05

رامزان كىرگەندىن بۇيان مۇسابىقە خوشياقماسلا بوپقالدى، كەچتە تاماق ئېتىش، ئۇلاپلا يېرىم كېچىگىچە ناماز، ھېرىپ ئاران 2 سائەت ئۇخلاپ يەنە.....ئىمتىھانلار ئاندىن ئالدىراش.

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2014-7-4 22:54:22

فىرانسىيە كېيىنكى يېرىم مەيداندا ئۈچ توپ ئۇرىدۇ ...

diktatur يوللانغان ۋاقتى 2014-7-4 23:01:11

مۇشۇ بىر توپ بىلەن ھەر ئىككىلى كوماندىلارنىڭ ۋارتاسىنىڭ تاقىلىپ قېلىشىنى ئۇمۇت قىلىمەن ، لىكىن گىرمان تانكىلىرى يەنە ئۇردىغان چىراي . بېنىزمامۇ ئاقمىدى بۇ نۆۋەت .

begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-7-4 23:03:30

گىرمانىيە فىرانسىيەگە بىر توپ ئۇردى.  كىيىنكى يېرىم مەيدان قانداق بولار ؟

begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-7-4 23:04:55

فىرانسىيەنىڭ يىڭىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-4 23:11:16

ھوي باللا مۇسابىقە قۇيۇلۋاتامدا ھازىر؟؟؟:o

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-4 23:24:32

بىر مەيدان تۈگەپ بوپتۇ{:107:}

alaibalai يوللانغان ۋاقتى 2014-7-5 00:10:19

بۇ يىلقى چىمپىيون لاتىن ئامرىكىسى دۆلىتى بولىدۇ. ئۇتۇشىمەن. (گەرچە بۇنداق بولۇشنى خالىمىساممۇ)

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-7-5 02:55:06

بىرازىلىيىنىڭ بۈگۈنكى ئىپادىسى قالتىس، ئەگەر ماۋۇ تاكتىكىسىنى لېفۇ يېشىۋېتەلمىسە، گىرماننىڭ ئىشى چاتاق.

kars يوللانغان ۋاقتى 2014-7-5 04:32:33

بىرازىليەنىڭ چىمپىيون بولۇشى مۇقىملىشىپ قالغاندەك قىلىدۇ،

PashshaXan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-5 06:38:24

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   PashshaXan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-5 06:39  

فىرانىسىيە شاللىنىپ كەتتى، شۇم ئېغىز سىغىزخاننىڭ ئېيتىنىدەك بىرازىليە بىلەن گىرمانىيە يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئۇچراشماقچى . . .  زادى قايسى كوماندا يىڭەر؟! بىرازىليە دەي دىسە نىيمارنى قارىدىن بىرسى تىزلىۋەتتى، خېلى ئېغىر يارىلانغان چىراي .. بىرازىليە ياكى گىرمان تانكىسى قايسىسى يەڭسۇن، ياكى يىڭلسۇن كۈچلۈك بولغان ئارگىنتا ساقلاپ تۇرىدۇ . . .  يەنىلا ھەل قىلغۇچقا كىرگەندە بىر نىمە دىگەن ياخشىكەن .

dilmurat يوللانغان ۋاقتى 2014-7-5 09:10:56

بىرازلىيە چېمپىيون بۇلۇپ قالارمىكى... 2002مۇ گېرمانىيەنى بىرازلىيە ئۇتقان . تارىخ تەكرارلىنىدىغاندەك تۇرىدۇ. ئارگېنتىنامۇ ياخشى ئويناۋاتىدىغۇ.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-7-5 09:19:05

گەرمانىيە {:101:}

Uyghurbufet يوللانغان ۋاقتى 2014-7-5 11:30:14

تېمىسىنى ئوقۇسا ئادەمگە خاتا چۈشەنچە بېرىدىكەن……خۇددى بۇ يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چىمپىيونى گېرمانىيە بولۇپ بولغاندەك……

گېرمانىيە ئەمدى 4 كۈچلۈككە كىردى.
يېرىم ھەل قىلغۇچتا ، بېرازىلىيەنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇمىغا دۇچ كېلىدۇ.

ئەگەر بۇ توساقتىن ئۆتەلىسە، ھەل قىلغۇچتا تۇتىشىدىغان رەقىبلىرى ئارگېنتىنا، گوللاندىيە ياكى بېلگىيەنىڭ بىرسى.

گېرمانىيە ئۇدا 4 نۆۋەت 4 كۈچلۈككە كىردى……كىم بىلىدۇ بۇ نۆۋەتمۇ يېرىم ھەل قىلغۇچتا توختاپ قالامدۇ ياكى ھەل قىلغۇچتا ئارگېنتىناغا يېڭىلەمدۇ؟

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-5 12:27:55

نىمارنىڭ ئۇمۇرتقا سۇڭىكىگە دەز كىتىپ دۇنيا لوڭقىسى پۇتپول مۇسابىقىسىدىن مۇددەتتىن بۇرۇن خۇشلاشقان ئۇخشايدۇ.

mystics يوللانغان ۋاقتى 2014-7-5 12:34:54

قارىغاندا ياراملىق مەشقاۋۇل بولۇشتا ،بۇرنىدىكى بەزى ماددىلارنىڭ تەسىرى كۈچلۈك ئوخشايدۇ !

uyghurqq يوللانغان ۋاقتى 2014-7-5 13:18:40

نىيمارنىڭ يارلانغىنى بولماپتۇ لىكىن بىرازىليەغۇ بۇ قېتىم چىمپيون بولالمايدۇ

Qashqari يوللانغان ۋاقتى 2014-7-5 14:10:51

ھەل قىلغۇچتا گىرمان بىلەن گوللاندىيەنىڭ تۇتۇشىپ قىلىشىنى ئۇمىد قىلىمەن ، لوڭقىنى قايسى ئالسا ئارمىنىم يوق بولسا گوللاندىيە بىر تاج كىيىپ قويسا بولتى

ihlimpaxahan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-5 18:19:32

مەنمۇ گرمانىيە كوماندىسىنى قوغلاۋاتقىلى 12 يىلبولدى ،2002-يىلى كىلوسېنىڭ بوشلۇقتا ئاتقان چىرايلىق موللىقىدىن كىيىن گىرمانىيە كوماندىسىغا قىزىقىپلا قالدىم،قوغلاۋاتىمەن ،ئۈمىتسىز قويماي ئاز تولا نەتىجە ئېلىپ مېڭۋاتىدۇ .نەچچە قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى مۇساببىقىسىنى كۆرۈش ئارقىلىق ھېس قىلغىنىم،گىرمانىيە كوماندىسى بەك قەيسەر،توپ  ئويناشتا قالايمىقان ئوينىمايدۇ ،قوپال ھەركەتلىرى يوق،چىرايلىق ئوينايدۇ ،توپچىلارئىچىدىمۇ ئۆزىنى ئالا-بۇلىماچ ياسىۋالغان توپچىلار يوق ،بىرلا قارىسا ئادەمگە ئۆزىنىڭ ئىنىسى توپ ئويناۋاتقاندەك تەسىر بېرىدۇ ،ساپالىق .مېھرى ئىسسىق بۇ شۇملارنىڭ .بۇ قېتىم شۇلارغا تىكتىم،چىمپىيۇن بولىشىنى تىلەيمەن .ئەمما گوللاندىيە  كوماندىسى چىمپىيۇن بولشىنىمۇ تىلەيمەن .گۇرۇپلار ئارا مۇسابىقىدە ئىسپانىيەنى پاختىگىنى ئۇچۇرۋەتكەنتى ،خۇددى مەن ئۇلارنىڭ ئاللىبۇرۇن چىمپىيۇن بولۇپ بولغاندەك ھېس قىلدىم،مېنىڭچە ئۇلارنىڭمۇ ئارمىنى يوق ،چۈنكى جەنۇبى ئافرىقا مۇسابىقىسىدە ئۇلارغا ئۇۋال بولغان.
بەت: [1] 2
: بۇ يىلقى چىمپىيون گېرمانىيە پوتبول كوماندىسى