SYAWUSH يوللانغان ۋاقتى 2014-7-4 21:31:14

[تەرجىمە ماقالە] تۇرفان (تۇرپان)

تۇرفان
تەرجىمە قىلغۇچى: سياۋۇش


     تۇرفان (تۇرپان) ياكى تورفان، جۇڭگو مەملىكەتىدىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شەرقىدىكى، تۇرفان ۋىلايەتنىڭ مەركەزى ۋە سەھرا بوستانلىقى شەھىرىدۇر.

ئۆتمۈشتە
     تۇرفان رايونى قەدىم زامانلاردىن تارتىپ، ھەم مەغرىب ۋە چىن ئارىسىدىكى سودا-سېتىق جەھەتتىن ۋاسىتە ئىدى، ۋە ھەم سىياسىي نۇقتىلاردىنمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى. مىلادىيەدىن ئاۋۋالقى ئىككىنچى ئەسىردە بۇ رايون ئەمىرنېشىن (ئەمىر ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈدىغان دەۋلەت) ئىدى ۋە مىلادىيەدىن ئاۋۋالقى ئاتمىشىنچى يىلدا چىنلىقلار بۇ ئەمىرنېشىننى ئاغدۇرۇۋېتىشكەن. مىلادىيە مىڭ يىللار ئىلگىرى، تۇرفان رايونى پورقۇدرەتلىك مەدەنىيەت مەركەزى بولۇپ، ھىندىي ۋە ئىرانىي ئاناسىر ئۇنىڭدا ئۆئارا بىرىككەن ئىدى. جۇڭگوچە مەنبەلەردە تۇرفان نامى (تۇلۇفەن ئاتىقى بىلەن) تۇنجى قېتىم مىلادىيە بىر مىڭ ئۈچ يۈز تەتمىش يەتتىنچى يىلى؛ ۋە فارسىي مەنبەلەردە گويا تۇنجى قېتىم ‹ھودۇدۇلئالەم› (توفقان ئاتىقى بىلەن) ۋە ھەم كېيىچە جامېئۇلتەۋارىخ (تارىخى رەشىدىي) دە زېكىر بولغان ئىدى.

     تۇرفاننىڭ تارىخىي ئەھمىيەتى، ئاساسەن ئۇنىڭ ئىسلامدىن ئاۋۋالقى دەۋرىگە يانىدۇ. تۇرپارننىڭ مەۋقىييەتى، قەدىمقى زاماندىن تاكى ئوتتۇرا ئەسىرلەرگىچە، غەرب ۋە ھىندىستان ۋە چىن ئارىسىدا مەدەنىيەت ۋە تېجارىي ئالماشتۇرۇش ئورناتقان يىپەك يولىدادۇر. بۇ رايون ۋە شەھەر جەمئىيەتىنىڭ ئىسلامىيلىشىشى، دارۇلئىسلامنىڭ باشقا بۆلەكلىرىنىڭ ئەكسىچە، كېيىن ۋە تەدرىجىي ھالدا مىلادىيە ئون تۆتىنچى ئەسىرنىڭ پايانىدىن، تاكى مىلادىيە ئون ئالتىنچى ئەسىرنىڭ ئاۋۋاللىرىغا قەدەر ۋۇجۇدغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە قىسقا بىر دەۋر ئون ئالتىنچى ئەسىر، ئون يەتتىنچى ئەسىرنىڭ ئاۋۋاللىرى ۋە ئون توققۇزىنچى ئەسىردىن ئىبارەت يەنىمۇ قىسقىغىنە دەۋردىن سىرت، ئىسلامىي تۇرفان غەيرى مۇسۇلمانلارنىڭ تىزگىنىدە؛ ئاۋۋال بۇددايى جۇنگار (جۇڭغار) لارنىڭ ۋە ئاندىن چىنلىقلارنىىڭ تىزگىنىدە بولدى. بۇ رايون ۋەسىقەشۇناسلار ئۈچۈن ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە. چۈنكى خىلمۇخىل مەملىكەتلەرنىڭ ئارخېئولوگلىرى، بولۇپمۇ نېمىسلار ئۇ جايدا ‹توخارىي› ۋە ئۇيغۇر تۈركىي يازمىلىرىنى تېپىۋالغان.


ئېچىلغان پۈتۈكلەر
     مەركەزىي ئاسىيادىكى ‹سەھرايى گوبىي› دا، نەچچىلىغان شەھەر پۈتۈنلەي مەخسۇس بوران نەتىجىسىدە قۇم ئاستىغا چۆكۈپ كەتكەن ۋە ئۇ شەھەرلەرنىڭ خەلقلىرى ئۆز زېمىنلىرىنى تاشلاپ كېتىشكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ خانەلىرى ھېلىھەم قۇم ئاستىدا تۇرىۋاتىدۇ. مىلادىيە ئون توققۇزىنچى ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن تارتىپ، مۇساپىرلاردىن بىر قىسمى قۇملۇق تېگىدىن گاھىدا پارە قەغەزلەرنىڭ چىقىپ قېلىۋاتقانلىغىنى بايقاپ قالغان بولۇپ، يەرلىكلەر ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى ئەينەك ئورنىدا ئىشىك ۋە دەرىزىلەرگە ئىشلەتكەن ئىكەن ۋە ئۇلارنىڭ خەتلىرى بار ئىكەن. سان پېتېربۇرگ جۇغراپىيەۋىي ئەنجۇمەنى، بىر مىڭ سەككىز يۈ توقسان ئۈچۈنچى يىلدىن تاكى بىر مىڭ سەككىز يۈز توقسان بەشىنچى يىلىغا قەدەر شۇ جايدا ئىلمىي قېزىشلار بىلەن شۇغۇللاندى. ۋە ئۈچ يىل، روسىيە تەبىئىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئەۋەتكەن دوكتۇر كىلېمېنتىز ئىشنىڭ ئايىغىنى داۋاملاشتۇردى. كېيىن روسىيە دانىشمەنلىرىدىن يەنە نەچچە نەپەر كىشى شۇ جايدا خىزمەت قىلدى. ئۇلار قېزىش قىلغان جاي تۇرپاننىڭ شىمالىدا، يەنە ئىلگىرى كۇشان دېيىلىدىغان، يەرلىكلەر بولسا ‹قۇچۇ› دەپ ئاتايدىغان ۋە چىن خەلقى ‹گاۋچاڭ› دەيدىغان بىر شەھەرنىڭ جايگاھىدا ئىدى. ئۇزاق ئۆيمەيلا، گېرمان دەۋلەتى ئۆز دانىشمەنلىرىدىن بىر بۆلىكىنى، ئۇ جايغا ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ قېتىم ئەۋەتتى. بىر مىڭ توققۇز يۈز ئىككىنچى يىلىدا بىر ھەيئەت ئۆمىكى، ‹گىرونۋېدېل› نىڭ رىياسەتچىلىكىدە، مونىخ تەبىئىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئېئانەسى بىلەن؛ بىر مىڭ توققۇز يۈز تۆتىىنچى يىلىدا يەنە بۆلەك بىر ھەيئەت ئۆمىكى، بېرلىن ئاكادېمىيەسىنىڭ مەسئۇلى ‹ئالبېرت فون لۇكوك› نىڭ رىياسەتچىلىكىدە؛ ۋە بىر مىڭ توققۇز يۈز بەشىنچى يىلى، ئۈچۈنچى ھەيئەت ئۆمىكى گىرونۋېدېلنىڭ رىياسەتچىلىكى ھەم ئالبېرت فون لۇكوك ئەزالىق سالاھىيىتى بىلەن ئۇ جايغا باردى. ئاخىرىدا فىرانسىيەدىن بۆلەك بىر ھەيئەت ئۆمىكى ‹پول پولېيۋ› نىڭ رىياسەتچىلىكى بىلەن، مۇشۇ خىزمەتنىڭ مەمۇرى بولدى  ۋە مۇھىمراق نەتىجىلەرنى قولغا كەلدى. جۈملىدىن ‹تون-ھوانگ› دىكى پىنھان بىر جايگاھدىكى غار ئىشىكى بايقالدى ۋە ئۇ جايدىن تولىمۇ قىممەت باھالىق خەتلىك پۈتۈكلەر تېپىلغان بولۇپ، ھازىر پارىژ كىتابخاناسىدادۇر. قولغا چۈشكەن ماتېرىياللار ئارىسىدىكى بىر نەچچىسى مانەۋىي (مانىيچە) تېكىست  بولۇپ، روسىيەنىڭ مەشھۇر دانىشمەندى ‹كارېل زالمان› ۋە گېرمانىيەنىڭ دانىشمەندى ‹ف.ۋ.ك موللېر› ئۇنىڭ دەررىي (پارسىي) چە تېكىسلىرىنى؛ ۋە روسىيە ئالىمى ‹رادولوف› ھەم گېرمانىيە ئالىمى ‹ئالبېرت فون لۇكوك› ئۇلارنىڭ تۈركىي تېكىستلىرىنى نۇرغۇن مۇشەققەت بىلەن ئوقۇپ چىققان. تۈركىي تېكىسلەرنىڭ ئارىسىدا، كۆپىنچە ھىندىستاندا ياشىغان، ماجار (ۋېنگىر) نىڭ مەشھۇر ئارخېئولوگى ‹سېر مارك ئاۋرېل سىتەيىن› قولغا كەلتۈرگەن، مانىي دىنىدىكى ‹گۇناھنى ئېتىراپ قىلىش› ھەققىدىكى بىر كىتاب بار بولۇپ، رادولوف ۋە ئالبېرت فون لۇكوك ئۇنى تەدرىجەن ئۇقۇپ چىققان بولۇپ، بۇ كىتاب ‹خواس توانيفت› نامى بىلەن مەشھۇردۇر. ‹توئن ھوانگ› (مەنبەدە بۇ نام ھەققىدە مەخسۇس يازما مەۋجۇد ئەمەس بولغانلىقىدىن، ئۇيغۇرچە ئوقۇلۇشىنى ئۇققىلى بولمىدى) دا تېپىلىپ، ياۋروپالىق مۇساپىرلار ئۆزى بىلەن ئېلىپ كېتەلمەي، چىن دەۋلەتى ئۇلارنى بېيجىڭغا ئاپىرىپ، شۇ جايدا سەرەمجانلاشتۇرۇلغان مەخسۇس كىتابخانادا ساغلاغلىق پۈتۈكلەر ئارىسىدا، كاتتا بىر پۈتۈك بار بولۇپ، ئاساسەن دېگۈدەك كامىل؛ ۋە ئۇنىڭدىن بىرەر نەرسە نابۇد بولماغلىق ئىكەن. فىرانسىيە دانىشمەندلىرى ‹شاۋان› ۋە پولېيۋ بۇ پۈتۈكنى مانەۋىي كىتابلاردىن بىرى، دەپ بىلگەن ۋە ئۇنىڭ تەپسىرى پارىژ ئاسىيا ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان. بۆلەك ھۆججەتلەر ئۇيغۇر تۈركىي تىلى، قەدىمقى پارسىي تىلى، سوغدىي تىلى ۋە چىن تىلى بىلەندۇر.      

مەنبە:
http://fa.wikipedia.org/wiki/%D8%AA%D8%B1%D9%81%D8%A7%D9%86

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

SYAWUSH يوللانغان ۋاقتى 2014-7-7 19:03:42

komdiye يوللىغان ۋاقتى  2014-7-7 18:02 static/image/common/back.gif
باغداش تورىدىن تىپىك يەپ ئەمدى بۇيەرنى ئەخلەتكە ئايلا ...

ئەدەب بىلەن گەپ قىلىڭ. ئالدىنقى قېتىم تۇنجى كۈن بولغانلىقىن خەر دەپ ئۆتكۈزۈۋەتسەم، تېما ئىگىسى بولغاندىكىن نېمە دېسەم سۈكۈت قىلىدۇ دەپ قالماڭ، سەت ماڭقا. چاپاق بېسىپ كەتكەن ئىپلاس كۆزلىرىڭىزنى يوغان ئېچىپ قاراپ بېقىڭا باغداشقا، تېما جايىدا ئەمەسمىكەن. كىم تېما يازسا شۇنىڭ چاتارلىقىغا كىرىۋېلىپ، ھەسەتنىڭ دەستىدىن مېڭىڭىز يىرىڭداپ ئەجەل يېتىپ قالمىغاي. قارىسام ھەممە مۇنبەردە سىز تازنىڭ تىل سالمىغان تېما ئىگىسى ساناقلىقكەن. بولدى چىقىرااۋەرمەڭ، مەن ھامانە سىز لەنەتگەردىنىڭ ئاغىزىڭىزدىن قويۇپ بەرگەن ئوسۇرۇقلىرىڭىزغا پىسەنت قىلمايمەن. ئۆزىڭىزنى كاردىن چىقىرىپ سالماڭ.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

SYAWUSH يوللانغان ۋاقتى 2014-7-7 22:36:18

komdiye يوللىغان ۋاقتى  2014-7-7 21:40 static/image/common/back.gif
راس قېلىنكەنسىز قايىل بولدۇم.
ئۆتكۈر تىل بايلىغىڭىزن ...

قايسى خەلق؟ سىزنىڭ چۆرىڭىزدىكى ئالتە توك-توك قارا تۈركلەر خەلق بولالامدۇ؟ ئىككى-ئۈچىڭىزگە ياقمىغان بىلەن ياقتۇرۇپ ئوقۇۋاتقانلار جىق.
بەت: [1]
: [تەرجىمە ماقالە] تۇرفان (تۇرپان)