خاتا كەتكەن تارىخ ھامان توغرىلىنىدۇ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا mykariz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-3 23:3820-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ، ئەدىبلەر ئارىسىدا تارىخ قىزغىنلىقى قوزغىلىپ، موسابايىۋلار ۋە ئۇلارنىڭ سودا كارخانىسى ھەققىدە ۋە ئۇيغۇر يېڭى زامان مائارىپى ھەققىدە بىرقىسىم ماقالىلەر يېزىلدى ھەم كىتابلار نەشىر قىلنغانىدى. بۇ كىتاب ۋە ماقالىلەردە موسابايىۋ(موسا ھاجىم)نىڭ ۋە ئۇنىڭ جەمەت ئەزالىرىنىڭ رەسىمى بېرىلگەنىدى. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ جەمەت تارىخى پۈتكۈل ئۇيغۇر يېڭى زامان مائارىپىغا باغلاپ چۈشەندۈرۈلگەنىدى. ئەمما، قېىيۇم باۋدۇن ئەپەندى ھايات ۋاقتىدا شېرىپ خۇشتار ئەپەندىگە بەرگەن «موسابايىۋلار جەمەتىنىڭ شەجەىسى» ۋە موسابايىۋ(موسا ھاجىم)نىڭ رەسىمىگە ئاساسلانغاندا، يۇقارقى كىتاب ياكى ماقالىلەردە موسابايىۋ(موسا ھاجىم)نىڭ رەسىمى خاتا بېرىلگەنىدى. يەنى ئۇ كىتاب ۋە ماقالىلەردە باشقا كىشىنىڭ رەسىمى موسابايىۋ(موسا ھاجىم) دەپ تۇنۇشتۇرۇلغانىدى.
بۇ رەسىمدىكى كىشى تارىختا ئۆتكەن ھەقىقى موسابايىۋ(موسا ھاجىم)
بۇ رەسىمنى قېيۇم باۋدۇن تەمىنلىگەن، شېرىپ خۇشتار ئەپەندى ساقلىغان
يېقىندا يەنى 2013-يىلى «ئېلى تارىخ ماتىرىيااللىرى» ناملىق كىتابتا، قېيۇم باۋدۇن ئۆزى يازغان موسابايىۋلار جەمەتىنىڭ شەجەرىسى ئېلان قىلىندى. ماقالىغا قارىساق، ئۇيغۇر يېڭى زامان مائارىپىنىڭ باشلانغان كونكىرت يىلنامىلىرى ۋە ئورنى قاتارلىقلار يازغۇچى-ئەدىپلەر ماقالە-ئەسەرلىرىدە قىياسەن يازغانلىرىغا پەقەتلا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى بايقاشقا بولىدۇ.
مەن مۇشۇنچىلىك يىپ ئۈچى بىلەن تەمىن ئېتەي، بۇ ھەقتىكى تارىخقا قىزىققۇچىلار بولسا، يەنىمۇ ئىزددىنىپ باقارسىلەر! بۇرۇن بىز كۆرگەنلىرى خاتامىكەن؟
يوۋ:o ئىلى تارىخ ماتېرىياللىرىنىڭ قانچىنچى سانىدا ئېلان قىپتۇ شەجەرىنى؟ شىنجاڭ مەەدنىيىتىدىكى مۇشى ھەقتىكى ماقالىدا ، يېڭى مائارىپ ۋە بۇ بايلىرىمىز ھەققىدىكى يىلنى يازغاندا ) تۇنجى ماقالىنى) بەزى يىلنى مەلۇم مەقسەتتە ئۆزگەرتىپ يازغانلىقى ۋە شۇنىڭغا شاھىت بىر پىشقەدەمنىڭ بايانىنى ئوقۇغىنىم يادىمدا. ئىشقىلىپ مۇشۇ تارىخى شەخسلەرنىڭ ئۇ نېمىسى خاتا كېتىپتىكەن، بۇ نېمىسى مۇنداقكەن دېگۈچىلەرنىڭ ياخشى نىيەت بىلەن دېگەنلىكىگە ئىشىنىپ بولالمايمەن. بېشىنى ئازراق ئۆزگەرتىۋالغىلى بولسا ئاخىرىنىمۇ بىر نېمە قىلىپ ئۆزگەرتىشكە باھانە تېپىلىدۇ. ئاستىدىكى رەسىمدە ھىچنىمە يوقكەنغۇ ؟ قارىغاندا تارىخىي ماتىرىياللار يەنىلا بار ئوخشايدۇ ، خەلىق ئارىسىدا ` http://bbs.izdinix.com/data/attachment/forum/201407/03/232953cyaijsszsxbcxbms.jpg.thumb.jpg
بۇ كىشىنى مەن مۇشۇ چاغقىچە كۆرگەن بارلىق كىتابلاردا مۇساباي دەپ ئەمەس، ئابدۇرۇسۇلباي (مۇساباينىڭ دادىسى، باھاۋۇدۇنباينىڭ چوڭ دادىسى) دەپ كورگەن ئىدىم.
بەت:
[1]