ليۇۋېي شىنجاڭ كوماندىسىغا قوشۇلۇپ ئۈرۈمچىگە يىتىپ كەلدى
7 -ئاينىڭ 1-كۈنى، شاڭخەي شەرىقى رايون ۋاسكېتبول كۇلۇبى بايانات ئېلان قىلىپ، شاڭخەي كوماندىسىنىڭ غوللۇق ئەزاسى ليۇۋېينىڭ رەسمىي ھالدا شىنجاڭ كوماندىسىغا قوشۇلغانلىقىنى شۇنداقلا ئاللىبۇرۇن ئۈرۈمچىدە شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن يۈز كۆرۈشكەنلىكىنى جاكارلىدى، شەرىقى رايون ۋاسكېتبول كۇلۇبى يەنە : ‹ليۇۋېيغا رەھمەت، ليۇۋېيغا ئۇتۇق تىلەيمىز !› دېدى.
يېقىندا شاڭخەي شەرىقى رايون ۋاسكېتبول كۇلۇبىنىڭ سابىق مۇئاۋىن دېرىكتورى چيەن ئەنكې ئۆزىنىڭ مىكروبلوگىدا يوشۇرۇن ھالدا شاڭخەي كوماندىسىنىڭ خوجايىنى ياۋمىڭنى ‹ئادەمگەرچىلىكنى بىلمەيدۇ› دەپ تەنقىدلەپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى.
شەرىقى رايون ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ 7-ئاينىڭ 1-كۈنى ئېلان قىلىشىچە : ‹مەيلى شاڭخەي كوماندىسى چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن ۋاقىتلاردا بولسۇن ياكى ناچار ئەھۋاللاردا بولسۇن ليۇۋېي ئۆزىنىڭ كۈچلۈك بولغان مەسئۇلىيەتچانلىقى، ئۆزىنى كونترول قىلىش كۈچى شۇنداقلا كىشىنى قايىل قىلىدىغان ئۆزىنى قۇربانلىق قىلىش روھى بىلەن كوماندىغا باشلامچىلىق قىلىپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىدى. ليۇۋېينىڭ كوماندىدىن ئايرىلىپ باشقا كوماندىغا قوشۇلىشىغا قارىتا بىز بارلىق توپ مەستانىلىرىغا ئوخشاش ليۇۋېينىڭ 20 يىلدىن بۇيان توختاۋسىز ھالدا شاڭخەي كوماندىسىغا ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىگە تەشەككۈر ئېيتىش بىلەن بىرگە ليۇۋېينىڭ يېڭى مۇھىتتىكى ئىپادىسىنىڭ ياخشى نەتىجىسىنىڭ تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز › دېيىشتى، باياناتتا يەنە ئالاھىدە تەكىتلەپ : ‹ليۇۋېي بىلەن توختامنى داۋاملاشتۇرۇشتىن ۋاز كېچىش شاڭخەي شەرىقى ۋاسكېتبول كۇلۇبىنىڭ تولىمۇ تەڭقىسلىقتا چىقارغان قارار ھېسابلىنىدۇ› دېدى.
ليۇۋېي شاڭخەي ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ غوللۇق ئەزاسى بولۇپلا قالماي، كۆپ قېتىم كوماندىنىڭ ئەڭ خەتەرلىك ئىچىدە قالغان پەيتلىرىدە كۆكرەك كېرىپ باشلامچىلىق قىلىپ كوماندىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن، شۇنداقلا كوماندا خوجايىنى ياۋمىڭ بىلەن ياشلار كوماندىسىدىن باشلاپ بىرگە مەشىقلىنىپ بىرگە شاڭخەي كوماندىسىغا چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈپ، يەنە بىرگە جۇڭگو كوماندىسىغا ۋاكالىتەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ۋە دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ‹بۇرادەرلەر› دىن ئىدى.
لېكىن 2009-يىلى شاڭخەي كوماندىسىنى سېتىۋالغاندىن كېيىن ياۋ خوجايىن ليۇۋېينىڭ توختامنى داۋاملاشتۇرۇش ئىشىدا ئىختىلاپ پەيدا بولۇپ، نەتىجىدە ئىككىلا تەرەپنىڭ يول قويۇش ئاستىدا ليۇۋېي شاڭخەي كوماندىسى بىلەن بولغان توختامىنى داۋاملاشتۇرغان. بۇ يىل يازدا ليۇۋېينىڭ توختامدىكى ۋاقتى توشقان ئىدى. ئىگەللىنىشچە، ليۇۋېينىڭ ئەسلىدىكى پىلانى شاڭخەي كوماندىسىدا يەنە بىر يىل مۇسابىقە ئوينىغاندىن كېيىن چېكىنىپ ترېنېرلىق ھاياتىنى باشلاش ئىكەن، لېكىن مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى ليۇۋېينىڭ بۇ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشمىدى.
يېقىندا شاڭخەي ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن دېرىكتورى چيەن ئەنكې يەنە ئۆزىنىڭ مىكروبلوگىدا : ‹CBA بىلەن NBA ئوخشىمايدۇ، CBA مۇ مەڭگۈ NBA غا ئايلىنالمايدۇ...20 يىللىق قان-تەرىنىڭ نەتىجىسى ئويلىشىشقىمۇ ھەتتا مەسلىھەتلىشىشقىمۇ پۇرسەت بولمىغان مۇئامىلىگە مەجبۇر بولدى، ھازىردىن تارتىپ سەنمۇ مېنىڭ نەزىرىمدە بىر تاۋار خالاس، ئادەمگەرچىلىكتىن سۆز ئېچىشنىڭ ھاجىتى يوق، خەير-خوش › دەپ يېزىش ئارقىلىق بۇ گەپلەرنى كوماندا خوجايىنى ياۋمىڭغا قاراتتى.
ليۇۋېي 1994 يىلى شاڭخەي ياشلار كوماندىسىغا كىرىپ 1996-يىلى شاڭخەي ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىغا كىرگەن، شۇنداقلا كەلگۈسى 20 يىللىق كەسپىي ھاياتىدا ئۆزىنىڭ يۇقىرى توپ ماھارىتى، نومۇر ئېلىش ۋە مۇسابىقىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىغا تايىنىپ دۆلەت ئىچىدىكى ۋاسكېتبول ساھەسىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى مۇنەۋۋەر توپچىغا ئايلاندى، ئۇ يەنە ئىلگىرى دۆلەت كوماندىسىغا قاتنىشىپ كوماندا باشلىقى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.
ليۇۋېينىڭ كوماندىدىن ئايرىلىشى شاڭخەي ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ بىر تەجرىبىلىك، يېتەكلەش رولىغا ئىگە كونا پىششىپ يېتىلگەن باشلامچىسىسىدىن ئايرىلغانلىقىىدىن دېرەك بېرىدۇ، شۇنىڭ بىرگە شاڭخەي كوماندىسى يەنە يېڭى توپچىلار ئارقىلىق كوماندىنىڭ غوللۇق ئورۇنلىرىنى تولۇقلاپ يېڭى ئۇسلۇبتا مۇسابىقە مۇھىتى يارىتىشقا مەجبۇر بولىدۇ. زامان ئالماشقان شاڭخەي كوماندىسىنىڭ نۆۋەتتىكى نەتىجىسى قانداق بولىدىغانلىقى كىشىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغايدۇ.
ليۇۋېي 7-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۈرۈمچىىگە يىتىپ كىلىپ توپ مەستانىلىرىنىڭ قىزغىن كۈتىۋىلىشىغا ئىرىشتى.
ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/portal.php
بۇ شۇنداق كاتتا ئىشمىكەنا؟ ئەمدى نىمە بولوپ كىتە ؟ بۇ گۇينىڭ قىتىلىشى بىلەن شىنجاڭ كوماندىسى دۇنيادىكى باشقا داڭلىق كوماندىلارنى سۈر توقاي قىلىپ كەتسە ...:funk: ياۋمىڭ بىلەن كىلىشەلمىگەن بولسا، قانداراق ئوينا بۇ، ياندىكى ھىسىپنىڭ قەدىرى يوق بولمىغاندۇ . شىنجاڭ كوماندىسىدا نىمە بادۇ ! باراي دېسە ئىچكىردىمۇ كوماندا دېگەن جىقتى !!! ھە بولاپتا
خەۋەر تاپتۇق شىرئەلىجاننىڭ خەۋەرلىرى يوقاپ كەتتى ھەجەپ، بۇ قېتىم يېڭى تەشكىللەنگەن جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىدىكى ئەزالار تىزىملىكىدە قىرانبېك باركەن، شىرئەلىنىڭ ئىسمىنى كۆرمىدىم دېسە توپچىلار نىمدا داۋاملىق قۇلقىغا بىرمە تىقىۋالىدىغاندۇ؟ كەلمىگەن مۇشۇ ئاداش قالغان ھەي ، شىنجاڭدا ۋاسكىتبول قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرمەكچى بۇلار ....
پۇتبول بولسا بىزنىڭ تاللىشىمىز بىراق بۇنىڭدا بىز قەدىرلىك ، ۋاسكىتبولدا ئۇلار .
ئۇلار ھەممە جەھەتتە بىز خەقنى ئۆزىگە قايىل بولسىكەنلا دەيدۇ . ھەم قايىل بولغانلارنى ئەگەشتۈرۈپ تالىتىدۇ.
مەكتەپلەردىكى پەچچەت ۋاسكىتبول مەيدانلىرى بىلەن توپا ، ئەسكىي ۋەيرانە پۇتبول مەيدانىغا قاراپلا ، بىزنىڭ باشقىلارنى قايىل قىلىدۇرۇش كۈچىمىز ھەم ئىقتىدارىمىزنى ئامالنىڭ بېرىچە ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشكە تىرىشىۋاتىدۇ دەپلا ئويلاپ قالىمەن . ئىچكىرىدە قەدىرلەنسە بۇ يەرگە كەلمەستى نىمىش قىلدىغان بىر نىم بۇ ... پىلاكات كۆتىرىۋالغان باللارنىڭ ئىشى يوقمىدۇ دەپ ئويلىدىم ...... cooloff يوللىغان ۋاقتى 2014-7-5 15:41 static/image/common/back.gif
پىلاكات كۆتىرىۋالغان باللارنىڭ ئىشى يوقمىدۇ دەپ ئويلى ...
شۇ ئىشى پىلاكات كۈتۈرۈشتۇ ؟!:lol
بەت:
[1]