isyankar0903 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 20:25:41

مەن نىمە ئۆگىنەي(پىسخىكا)

بەلكىم بۇتىمىنى تاشلىشىم بەكلا بىمەنە ئىشتۇ
مېنىڭ ھازىر تۇرمۇشۇمنى قامدىيالىغۇدەك مۇقۇم خىزمىتىم بار( قىلىۋاتقان خىزمىتىم مەن قىززىقىپ مەكتەپتە ئۆگەنگەن كەسىپمۇ ئەمەس ، لىكىن ھازىرلىدا خېلى قىززىقىپ قالدىم ) . مەن كومپيۇتېر كەسپىگە قىززىقىمەن ، لىكىن ئوقۇغان كەسپىم بوغالتىرلىق ئۆيدىكىلەر ئەينى ۋاقىتتا كومپىيۇتېر كەسپىدە ئوقۇشۇمغا يول قويمىغان . سەۋەبى كومپىيۇتېر بەكلا تىز يىڭىلىنىدىكەن ، سەن جاپا تارتىپ بىرە تېخنىكىنى ئۆگەنسەڭ بىرى بىرە سىستىما ياساپ چىقىدۇدە سەن ئۆگەنگەن نەرسىنى بىر كونۇپكا بىلەنلا ھەل قىلىدۇدە سەن ئۆگەنگەن نەرسىنىڭ ئەھمىيىتى قالمايدۇ دەپ .... بۇ پىكىر مىنى قايىل قىلغان ھەمدە شۇ ئارلىقتا مەن بوغالتىرلىققا ئائىت بىر كىتاپ بىلەن تاساددىپى ئۇچرىشىپ قېلىپ ئۆزەمدە قىززىقىش ھاسىل بولۇپ بۇ كەسىپنى ئۆگەنگەن . لىكىن ئوقۇش پۇتتۇرگەندىن كىيىن يىڭى بىر ساھادە يەنە باشتىن باشلاپ ئۆگەنگەچ ئىشلەۋاتىمەن . لىكىن يەنىلام كومپيۇتېر كەسپىگە قىززىقىشىم بار بولغاچقا تورغا چىقساملا كومپىيۇتېر بىلىملىرىنى ئۆگىنىدىغان تور بىكەتلەرگە يۈگۈرۈپ سالىمەن . چۈشۈرۈپ ساقلىغان دەرىسلىكلىرىممۇ نۇرغۇن لىكىن بىرە تېخنىكىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئۆگەنمەپتىمەن .

ئەمدى تورداشلاردىن سورىماقچى بولغان مەسلىھەتىم ھازىرقى كەسپىمدىن باشقا ئۆزەمنىڭ قىززىقىشى بويىچە كومپىيۇتېر كەسپىدە ئۆزۈمنىڭ قىززىقىشى بويىچە بىرە تېخنىكا ئۆگەنمەكچى ( بىكار ۋاقتىمدىن پايدىلىنىپ)  مەن كومپىيۇتېردىن يەنى پروگرامما ساھاسى بىلەن گىرافىك ساھاسىگە قىززىقىشىم باردەك لىكىن قايسىسىغا ھەقىقى قىززىقىدىغىنىمنى بىلمەيمەن ...... بەزىدە كومپىيۇتېر كەسپى سىنىڭ كەسپىڭ ئەمەس ئارتۇقچە قىززىقما بىكار ۋاقتىڭ بولسا ئىقتىسادغا ئائىت بىلىم ياكى تىل ئۆگەن . دەپ ئۆزۈمنى ئاگاھلاندۇرۇپمۇ قويىمەن لىكىن يەنە كومپىيۇتېر بىلىملىرى تەرەپكە مېڭىپ سالىمەن ( كومپىيۇتېر كەسپىدە ئۆگەنگەن نەرسىلىرىم كۆپ لىكىن ھەممىسىدە دەسلەپكى مۇنداقلا بىلىم ، ھېلى ئۇنى ھېلى بۇنى ئۆگۈنۈپ) بەلكىم كومپىيۇتېر كەسپى ماڭا ماس كەلمەيدىغاندۇ
مېنىڭ ئۆزۈم ئوتتەك قىززىقىدىغان زىيان تارتساممۇ ئاچ قالساممۇ يانمايدىغان بىر قىززىقىشىمنى تېپىپ چىقسام دەپ ئويلايمەن . لىكىن تاپالماي ۋاتىمەن ..... ئۆزۈمنى جەمىيەتتىكى بىرقىسىم يۇقۇرى بىلىم قۇرۇلمىسىغا ئىگە كىشىلەرگە سېلىشتۇرۇپ ئۆزۈمنى ھېچنىمە بىلمەيدىغاندەك ھىس قىلىمەن . ھەمدە ئۆگۈنۈپ ئۇلاردىن ئېشىپ كەتمەكچى بولىمەن لىكىن ئاشالمايمەن ھەم نىمە ئۆگۈنۈشۈم كىرەكلىكىنىمۇ بىلەلمەيمەن . ھەم تېخىمۇ بېسىم ھىس قىلىمەن . .......( مۇشۇ زادى قانداق پىسخىكىلىق كىسەلدۇ )

مەن ئۆزۈمنىڭ مىجەز خارەكتىرىمنى ئوتتۇرغا قويسام تورداشلارنىڭ پىسخىكلىق مەسلىھەت بىرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .

مەن ئۆزۈم ناھايتى ئۇچۇق يۇرۇق، چىقىشقاق ،يۇمۇرىستىك ، سۆز قابىلىيتىم ياخشى ( ناتىق ) لىكىن يېزىش قابىلىيتىم ناچار، بىرە ياد ئادەمگە قىزغىن مۇئامىلە قىلالمايمەن لىكىن تۇنۇشلار ئارىسىدا بەكلا قىزغىن ، تەشكىللەش ئىقتىدارىم كۈچلۈك ، جاھىل  
  
كىتاپ ئوقۇشقا ، توردىن تىما ئوقۇشقا ، كىنو كۆرۈشكە قىززىقىمەن ، تەنتەربىيە تۈرلىرىدىن ۋاسكىتبولغا ئازراق قىززىقىمەن ، پۇتبولغا پەقەت قىززىقامايمەن (سەۋەبى بەكلا زىرىكىشلىك بىلىنىدۇ بىر سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىتتا ھېچقانداق نەتىجە يوق تەك )  

ئىشىم بولمىسا سىرتلاغا چىققىممۇ كەلمەيدۇ ، ئۆيدە كۈن كۈنلەپ كىتاپ ئوقۇپ تور بەت ئارلاپ ئولتۇرالايمەن لىكىن بىكا دىن بىكا سىرتتا يېرىم سائەت يۈرەلمەيمەن .
كىتاپدىن رازۋىدكا ھىكايىلىرى مۇۋاپىيەتكە ئۈندەيدىغان كىتاپلار غا كىنولاردىن ھەركەتلىك، كومىدىيەلىك ، ئاخىرى ئويلىمىغان يەردىن چىقىدىغان كىنولارغا ئامراق . قورقۇنۇشلۇق كىنولار بىلەن فانتازىيەلىك كىنولارنى كۆرۈپ كەتمەيمەن ( يېقىندا خوبىتلار دەپ بىر فىلىم چىقتىغۇ تورداشلار شۇنداق ياقتۇرغان دۇنياۋى داڭلىق فىلىم لىكىن مەن پەقەت قىززىقالمىدىم .  بەلكىم مەندىكى پىسخىكىلىك .......) .  كومپىيۇتېردا ئويۇن ئوينىسام چاققانلىق كىتىدىغان ئويۇنلارغا ئەمەس بەلكى ئەقىل كىتىدىغان ئالدىرماي ئوينايدىغان ئويۇنلارنى  ئوينايمەن .

مەن ئۆزۈمنىڭ پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى ئوتتۇرغا قويدۇم . تورداشلارنىڭ ماڭا مەسلىھەت بىرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .

مەن كومپىيۇتېر پروگراممىرلىقىنى ئۆگىنەيمۇ ياكى كومپىيۇتېر گىرافىك سەنئىتى يەنى لايىھەلەش بىلىملىرىنى ئۆگۈنەيمۇ  ياكى كومپىيۇتېردىن خوشلۇشۇپ باشقا بىرە نەرسە ئۆگۈنەيمۇ ، ياكى خىزمىتىمنى جايىدا قىلىپ بىرە نەرسە ئۆگۈنىشنى ئويلىماي يۈرىۋېرەيمۇ ؟  

مىنىڭ پىسخىكا ھالىتىم زادى نىمىگە ماس كىلىدۇ؟ مەن زادى قانداقراق ئادەم ؟ قانداقراق ئىشلا ماڭا ماس كىلىدۇ ؟

kvzyapriqi يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 23:43:40

مۇشۇنداق سەمىمىيلىك  ھازىر ناھايىتى كەم تېپىلىدۇ.شۈكرى.
بۇ خىل مىجەزگە گرافىك لايىھىلەش كەسپى ماس كېلىدۇ دېسە ئىشەنمەيمەن.

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 23:44:02

ئەدەبىيات سەنئەت، تەنتەربىيە، پىسخىكا،ناخشا-مۇزىكا، ئاشپەزلىك ،رېمونتچىلىق،چېنىقىش،مۇشتلىشىش،.....مەنمۇ بەك جىق نەرسىلەرگە قىزىققان ، ئۆگەنگەن ،...ھەممىسى ئىشتىن سىرتقى قىزىقىش پېتى قالدى ... ... ئون نەچچە ياش ۋاقتىمدىن تارتىپ تاشلىماي داۋاملاشتۇرغىنىم پۇل تېپىش ...ئۆزۈم تىجارەتچى...زاۋۇتتىن بىرنى قۇرۇش ئارزۇ پەيدا بولغىلى ئىككى يىل بولدى ، چوڭ ئىش بولغاچقا تۇتۇش قىلالماي يۈرۈيمەن ... ئۆلچەملىك پىلاندىن بىرنى يېزىپ ئەرقالنى ئىزدەپ باقايمىكىن دەۋاتىمەن ...لېكىن مەبلەغنى مۆلچەرلىيەلمەيۋاتىمەن ، كېتىدىغان ماشىنا-ئۈسكۈنىلەرنىغۇ ھېسابلىيالايمەن ، لېكىن يەر پۇلى ، زاۋۇت قۇرۇلىشىغا كېتىدىغان مەبلەغنى قانداق ھېسابلايدۇ؟...ھۆكۈمەتتىن ياردەم تەلەپ قىلسا يولداشلارنى شېرىك قىلىپ ئاندىن ياردەم بېرىدىكەن ...ئۇنى خالىمىدىم ...مۇشۇ توغۇرلۇق بىرنەرسە بىلىدىغانلار گەپ قىلىپ بەرسەڭلار ... (سودا مەخپىيەتلىكى بولغانلىقى ئۈچۈن نېمە زاۋۇتلىقىنى ئاشكارلىماي) تېخنىكا جەھەتتە شىنجاڭ بويىچە بەلكىم جۇڭگو بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكا-ھۈنەر بار ،...شارائىت بار ، لېكىن نەدىن باشلاش كېرەك .......؟.....

atiyan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-4 00:16:22

پىروگىرامما يىزىشنى ئۈگەنسىڭىز بولغۇدەك . لىكىن سىزگە دىسەم پىروگىراممىر بولىمەن دەيدىكەنسىز پولاتتەك ئىرادە چۆيۈندەك قوڭ بولمىسا بولمايدۇ . ئۆزىڭىزنى دەڭسەپ تۇتۇش قىلىڭ ، بولمىسا ئاخىرى يىرىم چىلەك سۇ بوپ قالىسىز .

Elqvn يوللانغان ۋاقتى 2014-7-4 07:14:55

   1. يېشىڭىز قانچىدە؟
   2. تاقىتىڭىز، سەۋىرچانلىقىڭىز قانچىلىك؟ مەغلۇبىيەتكە قانداق مۇئامىلە قىلىسىز؟
   3. ئوتتۇرا مەكتەپتە ماتىماتىكا، فىزىكا، خىمىيە 3پەنگە قىزىقىشىڭىز ۋە نەتىجىڭىز قانداقراق ئېدى؟

begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-7-4 09:11:27

مەنمۇ ئوخشاش ھىسياتتا.

melek يوللانغان ۋاقتى 2014-7-4 10:57:50

پەقەتلا بىلمىگەندىن ھەر ساھە ھەر كەسىپتىن ئاز تولا بىلىپ قويغانمۇ ياخشى.چوقۇم ۋايىغا يەتكۈاەك ئاخىرغىچە ئۆگىنىمەن دېسىڭىز.ئۆگەنگىنىڭىزنى قىلىش ئۈچۈن بەلكىم ھازىرقى خىزمىتىڭىزدىن ھەم ئايرىلىشىڭىزغا توغرا كېلىشى مۇمكىن...
ئاۋال نىشانىڭىزنى بىر ئېنىقلىسىڭىز بولغىدەك.نېمىشقا ئۆگىنىمەن.قانچىلىك قايسى سەۋىيەگىچە ئۆگىنىمەن.ئۆگىنىپ بوپ نېمىگە ئىشلىتىمەن دېگەنلەر ھەققىدە ياخشىراق ئويلانسىڭىز بولغىدەك مەنچە.

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2014-7-4 11:28:48

Comeon يوللىغان ۋاقتى  2014-7-3 23:44 static/image/common/back.gif
ئەدەبىيات سەنئەت، تەنتەربىيە، پىسخىكا،ناخشا-مۇزىكا،  ...

يولداشلارنى شىرىك قىلمىسىمۇ ياردەم بىرىدۇ ۋوي ياردەمنى ...............يولىنى قىلالىسىڭىز   10 كويلۇق ئىش قىلسىڭىز 8كويلاق ياردەمگە ئىرىشەلەيسىز ھازىر ...............ئىتۋار سىياسەت بەك كۆپ  لېكىن شۇ مۇناسىۋەت دائىرىڭىز ياخشىراق بولمىسا  ھەل بولمىقى تەسراق

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-7-4 11:45:31

ئادەتتە مىجەز خاراكتىرىغا قاراپ ، ئۆي بالىسى ، تالا بالىسى دەپ ئايرىلىدۇ.
يازمىڭىزدىن سىزنىڭ بىر ئوي بالىسى ئىكەنلىگىڭىز چىقىپ تۇرىدۇ، كىتاپ ئوقۇش، تور ئويۇنى ئويناش،كومپىيوتىر ،شاخماتقىمۇ قىزىقىسىز ( خەلىقئارالىق ، جۇڭگۇچە، ياكى قورشاۋ)، قەرىت تۇرلىرىگە، دوستلىرىڭىز بىلەن بىر ئۆيگە يىغىلىپ پائالىيەت قىلىشقا دىگەندەك ئىشلارغا قىزىقىدىغان بالىلار قىلىدىغان ئەڭ ئاددى ئىش كىتاپ يىزىش،  مۇۋاپىق كىلىدىغان خىزمەت تەجىربە خانىدا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللۇنۇش، كەسپىڭىزگىمۇ ماس كەپسىز . مودا كەسىپ كومپىيوتىر پىروگىراممىر بولۇش .
مەيلى قايسى بولمىسۇن بىشىدا بەك زورقىۋالماي، ئاخىرىدا تاشلىۋەتمەي ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇڭ .

mart22 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-4 12:22:29

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mart22 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-4 12:23  

نۇرغۇن تەرىپىمىز ئوخشايدىكەن. مەنمۇ كومپىيوتىر كەسپىگە قىزىقاتتىم، بۇرۇن ئۆيدىكىلەر دوختۇرلۇققا زورلاپ، مەن كومپيۇتىر كەسپىنى ئارزۇلاپ ئاخىرى باشقا كەسىپنى تاللىغان. لىكىن قىزىقىشىمنى يەنىلا تاشلىمىدىم. ھازىر سىستىما ياكى يۇمشاق دىتالدا ئۆزۈمدىن ئىشىپ باشقىلارغا ياردەم قىلالايمەن. مەكتەپتىكى ۋاقتىمدا كەسپىمگە ئائىت ئىككى خىل ئىنگىلىس تىلىدىكى يۇمشاق دىتالنى ئۆزۈم ئۈگۈنۈپ ۋايىغا يەتكۈزگەن، ئەگەر قىزىقىش بولمىسا ئۈگىنەلىشىم ناتايىن ئىدى.
كىچىكىمدىن رەسساملىققا ئالاھىدە ئىشتىياقىم بار ئىدى، ھازىرمۇ شۇ، شۇڭا فوتۇشوپنى راۋرۇس ئۈگەنگىم بار. يەنە Linux نىمۇ ئۈگۈنۈش خىيالىم بار.
مىنىڭ مىجەزىمدە ئۆزۈم قىزىقىدىغاننى ئۈگەنمىسەم بىسىم بولمىسا ئاخىرىغا چىقىشىم تەس. باشقىلارغىمۇ شۇنداق دەيمەن، نىمىگە قىزىقساڭ شۇنى قىل دەپ.
نۇرغۇن قىزىقىشلىرىم سۇسلاپ كەتتى، بەزىدە ھەممە قىزىقىشىم يوقالسا، مەجبۇرىيەت ۋە بىسىم ئاستىدىلا ياشاپ قالارمەنمۇ دەپ قورقۇپ قالىمەن.

isyankar0903 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-4 12:35:18

Elqvn يوللىغان ۋاقتى  2014-7-4 07:14 static/image/common/back.gif
1. يېشىڭىز قانچىدە؟
   2. تاقىتىڭىز، سەۋىرچانلىقىڭىز قا ...

مەن 22 گە ئازلا قالدىم . سەۋىر تاقىتىم كۈچلۈك (شۇنداق قارايمەن) مەغلۇبىيەتكە توغرا مۇئامىلە قىلالايمەن ، ھاياتىم ئىككى قىتىم نۆل نوقتىدىن باشلانغان .  باشلانغۇچ ماتىماتىكىسىغا ئۇستا ئىدىم ( ئىكىس ، ئىگرىك  دىگەن نەسە پەيدا بولغاندىن باشلاپ پەقەت قىززىقمىدىم ھەم ئۇقمايمەن ) ، فىزىكا ، خېمىيەگە قىززىقاتتىم ( چۈنكى بۇ ئىككىسىنىڭ ئەمەلى قوللىنىشچانلىقى باردەك بىلىنگەن )

isyankar0903 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-4 12:40:02

melek يوللىغان ۋاقتى  2014-7-4 10:57 static/image/common/back.gif
پەقەتلا بىلمىگەندىن ھەر ساھە ھەر كەسىپتىن ئاز تولا بىل ...

مېنىڭ ئۇنداق جېق نەسىلەرنى بىلىپ كەتكۈممۇ يوق لىكىن بىرەسىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ بىلسەم دەيمەن . ئۆزۈمنىڭ نىشانى ئۆز ئالدىمغا ئىگىلىك تىكلەش ، ھازىر خىزمەتتە ئىشلىشىممۇ تەجىربە توپلاش ھەم ئۆزۈمنىڭ يېشىنى سەل توختالغان ھالەتكە ئەكىلىش ( چۈنكى مەن ھازىر ئىگىلىك تىكلەيمەن دىسەم مەنچە بۇ يېشىمدا باشقىلار ماڭا ئىشەنچ قىلالمايدۇ ) . لىكىن ھازىرقى خىزمىتىمنى جان باقتىلارغا خاس خىزمەت ئۇسۇلى بىلەن ئەمەس ئۆزۈمدە ھەقىقى قىززىقىش ھاسىل قىلىشقا تىرىشقان ئاساسىدا ئىشلەۋاتىمەن .

isyankar0903 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-4 12:42:45

begtash يوللىغان ۋاقتى  2014-7-4 09:11 static/image/common/back.gif
مەنمۇ ئوخشاش ھىسياتتا.

مۇشۇ ياش كىشىلىردە بولىدىغان ئورتاق كىسەلمىكىن دەپ قالىمەن بەزىدە . ئۆزىنىڭ نىمىگە قىززىقىدىغانلىقىنى بىلەلمەيدىغان . ( مانا مەنمۇ ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇيۇم بار لىكىن زادى نىمە قىلىپ ئىگىلىك تىكلەيمەن ئۇقمايمەن ، ئىنىق بولغان نىشان يوق ، توختىماي ئۆگەنسەملا جېق بىلىم ئالساملا چۇقۇم ھەممە ياخشى بوپ كىتىدۇ دەپ ئويلايمەن

jahanzat يوللانغان ۋاقتى 2014-7-4 13:38:56

ھازىرغىچە سىناقلاردىن ‹خوللەند كەسىپ قىزىقىش سىنىقى› ئەڭ ياخشى ھىسابلىنىدۇ.
ئەگەر خەنزۇچىڭىز ياخشى بولسا  霍兰德职业兴趣测试 دەپ ئىزدەپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ ۋە ياكى مەن قالدۇرغان ماۋۇ ئادرىسقا كىرىپ ئىشلەپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ
http://www.apesk.com/holland2/
يۇقارقىنى كۆرۈپ باقسىڭىز سىزگە بەلگىلىك كۆرسەتمىلىك رول ئوينىشى مومكىن، مەندە باشقا نەشىردىكىلىرىمۇ باردەك قىلغان، ئىزدەپ باقاي

acid يوللانغان ۋاقتى 2014-7-5 01:37:43

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   acid تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-5 02:08  

..

isyankar0903 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-5 19:48:29

jahanzat يوللىغان ۋاقتى  2014-7-4 13:38 static/image/common/back.gif
ھازىرغىچە سىناقلاردىن ‹خوللەند كەسىپ قىزىقىش سىنىقى›  ...

سىز قالدۇرغان سىناقنى سىناپ باققان ئىدىم نەتىجىسى مۇنداق چىقتى
http://www.apesk.com/mensa/common_report_getid/holland2_report_getid.asp?id=423027

باشقا نەشىرلىرىدىكىنىمۇ قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز . سىناپ باقاي دىگەن.  رەھمەت سىزگە

jahanzat يوللانغان ۋاقتى 2014-7-6 12:38:17

isyankar0903 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-5 19:48 static/image/common/back.gif
سىز قالدۇرغان سىناقنى سىناپ باققان ئىدىم نەتىجىسى مۇ ...

ئېلخەت ئادرىسىڭىزنى ئۇچۇر قىلىپ ئەۋەتىڭ

Qashqari يوللانغان ۋاقتى 2014-7-6 14:01:56

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qashqari تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-6 14:03  

isyankar0903 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-4 12:35 static/image/common/back.gif
مەن 22 گە ئازلا قالدىم . سەۋىر تاقىتىم كۈچلۈك (شۇنداق قا ...

بۇ ياشتىكى بالىلاردىكى ئورتاق پىسخىكا مۇۋاپىقىيەتكە تىز ئۇدۇل يول بىلەن ئىرىشىش ، بۇ مومكىن بولمايدىغان زىھنىنى ۋە ۋاقتىنى ئىلىپ ئادەمنى بىر ئىشقا خوشياقماس ھورۇن قىلىپ قويىدىغان قاراش ، بۇ خىل پىسخىكا شۇ يىشىمدا مەندىمۇ بار ئىدى ، سىز ئوزىڭىز قىزىقىدىغان ساھاگە مىكى - مىكى قىلماي يۇكسەك نىشان بىلەن كىرىڭ جۇملىدىن بۇ نىشانىڭىزنى قىسقا ۋاقىت ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى نىشان قىلماڭ قانچىلىك بەدەل ، قانچىلىك ۋاقىت كىتىشىدىن قەتئى نەزەر شۇ نىشانىڭىزغا يىتىشنى كوڭلىڭىزگە پۇكسىڭىز روھى يۇكىڭىز سەل توۋەنلەيدۇ ، مەقسەتكە قانچە تىز يىتىشنى ئويلىساق پىسخىكا بىسىمى شۇنچە ئىغىرلىشىپ كىتىدۇ ، ئوزىڭىزنى ئەركىن قويۋىتىپ ئوز نىشانىڭىزنى بويلاپ ئوز تەرەققىياتىغا قويۇپ بىرىپ ھەركەت ئىلىپ بىرىڭ ، زورلىماڭ ۋە لامزەللىك قىلماڭ شۇندىلا سىز پىسخىكا بىسمىدىن قۇتۇلۇپ خۇشال ، ئەركىن -ئازادە ئىش ئىلىپ بارالايسىز .
بەت: [1]
: مەن نىمە ئۆگىنەي(پىسخىكا)