ququk0411 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 18:21:17

ئاتا-ئانىمىزنىڭ كارىۋات بېشىغا قويۇپ قويۇشقا تېگىشلىك نەرسىلەر

ئاتا-ئانىمىزنىڭ كارىۋات بېشىغا قويۇپ قويۇشقا تېگىشلىك،جاننى قۇتقۇزالايدىغان ئۈچ خىل نەرسە
     كەچتە كارىۋاتنىڭ بېشىغا بۇ ئۈچ خىل نەرسىنى قويۇپ قويسىڭىز ، زۆرۈر تېپىلغاندا جېنىڭىزنى قۇتقۇزالايدۇ.
     1.بىر ئىستاكان سۇ
     2.بىر تال يىڭنە
     3.ئىككى تال ئاسپىرىن تابلىتكىسى

     قوزغالغان ھامان جاننى ئېلىش ئېھتىمالى چوڭ بولغان ئىككى خىل كېسەل:
     بىرى،يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى
     يەنە بىرى،مېڭە سەكتىسى

     يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئۈچ خىل نەرسە بۇ ئىككى خىل جاننى ئالغۇر كېسەلگە تاقابىل تۇرالايدۇ.
     يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنىڭ بەزى دەسلەپكى ئالامەتلىرىگە دىققەت قىلىڭ،مەسىلەن،بەدەننىڭ سول تەرەپ يۇقىرى قىسمىنڭ ئاغرىشى،ئاستىنقى ئېڭەكنىڭ قاتتىق ئاغرىشى،كۆڭۈل ئېلىشىش ۋە كۆپ مىقداردا سوغۇق تەرلەش،بىراق بۇلارمۇ ئانچە كۆپ ئۇچرايدىغان ئالامەتلەر ئەمەس.بەزى ۋاقىتلاردا كۆكرەك ئاغرىغان سېزىممۇ بولماسلىقى مۇمكىن.يۈرەك كېسىلى كۆپىنچە ئۇخلاۋاتقاندا قوزغىلىدۇ،%60ئادەم ئويغىنالمايدۇ.ئەمما قاتتىق كۆكرەك ئاغرىقى ئادەمنى قاتتىق ئۇيقۇدىن ئويغىتالايدۇ.ئەگەر يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئالامەتلەرنىڭ ھەر قانداق بىر خىلى كۆرۈلسە،دەرھال ئىككى تال ئاسپىرىن تابلىتكىسىنى ئېغىزغا سېلىۋېلىپ ، ئازراق شۈمگەندىن كېيىن ، قايناقسۇ ئىچىپ يۇتىۋېتىش كېرەك.ئاندىن دەرھال جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسىنى چاقىرىپ ،دوختۇرلارغا بىمارنىڭ ئىككى تال ئاسپىرىن تابلىتكىسى يېگەنلىكىنى ئېيتىپ قويۇش كېرەك.بىمارنى ئورۇندۇقتا ياكى كىرىسلودا جىمجىت ئولتۇرغۇزۇپ،قۇتقۇزۇش ماشىنىسىنى ساقلاش،ھەرگىز ياتقۇزۇپ قويماسلىق كېرەك.
     سەكتە بولۇپ قالغاندا بىمارنىڭ مېڭىسىدىكى قىل قان تومۇرلار يېرىلىپ،باش قاتتىق ئاغرىيدۇ،بەدەن كونتروللىقىنى يوقىتىپ،يىقىلىپ چۈشىدۇ.بۇنداق ئەھۋالغا ئۇچرىغاندا،ھودۇقۇپ كەتمەڭ،بىمار مەيلى قانداقلا يەردە بولسۇن،مەيلى مۇنچىدا،ياتاق ئۆيدە،مېھمانخانىدا،ئىشخانىدا ۋە ياكى چوڭ كوچىدا بولسۇن،بىمارنى ھەرگىز يۆتكىمەسلىك كېرەك.چۈنكى بىمارنى ئورنىدىن يۆتكىگەندە،قىل قان تومۇرنىڭ يېرىلىشىنى تېزلىتىۋېتىدۇ.شۇڭا ئاۋۋال بىمارنى ئۆز ئورنىدا يۆلەپ ئولتۇرغۇزۇپ،جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسىنى چاقىرىش كېرەك،ئاندىن دەرھال بىر تال يىڭنە تېپىش كېرەك،ئەھۋال جىددىي ۋاقىتتا يىڭنىنى ئوتقا تۇتۇپ دېزىنفىكسىيىلىسىمۇ،شۆلگەي بىلەن دېزىنفىكسىيىلىسىمۇ بولىدۇ،ئاندىن بىمارنىڭ ئون بارمىقىنىڭ ھەممىسىگە يىڭنە سانجىپ بىر نەچچە تېمىم قان چىقىرىۋېتىش كېرەك،پەقەت يىڭنە تاپالمىغاندا چىشلەپ قان چىقارسىمۇ بولىدۇ.يەنە بىرى، بىمارنىڭ قۇلىقىنى ئۈستىدىن ئاستىغا قارىتىپ بىر نەچچە قېتىم چىڭ تارتىپ بولۇپ،قۇلاق يۇمشىقىغا يىڭنە سانجىپ قان چىقىرىش كېرەك.نەچچە مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن ئەگەر قۇتقۇزۇش ماشىنىسى كەلمىسە بىمار ئۆزى ھوشىغا كېلىشى مۇمكىن.ئەگەر بىمارنى ئالدىراپ تېنەپ ماشىنىغا سېلىپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ ماڭساق،بىمارنىڭ مېڭىسى دوختۇرخانىغا بېرىپ بولغىچە تولا سىلكىنىپ،مېڭىدىكى قىل قان تومۇرنىڭ ھەممىسى يېرىلىپ كېتىشى مۇمكىن.
     ئەمىلىيەتتە بۇ بىر ئاددىي ئۇسۇل،بىمارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ ئېلىپ كەلمەيدۇ.ھازىرقى زامان مېدىتسىناسىمۇ سەكتە بولۇپ قالغانلارنى قانچە بالدۇر قۇتقۇزسا شۇنچە ياخشى دەپ قارايدۇ.بۇ قان چىقىرىپ ئادەم قۇتقۇزۇش ئۇسۇلى گەرچە خەلق ئارىسىدا ئېقىپ يۈرگەن يەرلىك ئۇسۇل بولسىمۇ،ھەقىقىي داۋالاش ئىشلىرىدا كەمدىن كەم ئىشلىتىلىدۇ.ئەمىلىيەتتە بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ سىرى ناھايىتى ئاددىي.ئون بارماق يۈرەككە تۇتىشىدۇ،ئون بارماققا بەدەننىڭ ھەر قايسى قىسمىنىڭ پەللىلىرى يىغىلغان،شۇڭا قان چىقىرىش ئارقىلىق قاننىڭ بېسىمىنى يېنىكلىتىش،پەللىنى غىدىقلاش ئارقىلىق قان تومۇرنىڭ تارتىشىپ قېلىشىنى ئازايتقىلى،ئادەمنىڭ روھىيىتىنى مەركەزلەشتۈرگىلى بولىدۇ،شۇڭا ھوشىدىن كەتكەن ئادەم ھوشىغا كېلەلەيدۇ.

     يۇقىرىقى مەزمۇنلار باشقا تىلدىكى ئوقۇشلۇقتىن تەرجىمە قىلىندى،كۆپچىلىككە پايدىسى بولۇپ قالار دېگەن مەقسەتتە بۇ تېمىنى يوللىدىم،خاتا يەرلىرى بولسا ئەيىبكە بۇيرىمىغايسىلەر.
     مەن تورداشلىرىمىزغا شۇنى تەۋىسيە قىلىمەن،يېشى چوڭىيىپ قالغان ئاتا-ئانىمىزنى ئامال بار ئۆيدە يالغۇز قويمايلى،ھەر قانچە ئالدىراش بولساقمۇ ئاتا-ئانىمىزغا كۆيىنىشنى ئۇنتۇپ قالمايلى...

Elqvn يوللانغان ۋاقتى 2014-7-4 06:31:18

   رەھمەت! ئالتۇنغا سېتىۋالغۇدەك تېمىكەن!  بىر نۇسخا بېسىپ چىقىرىۋالسام بولغۇدەك!

izdan0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-4 09:00:49

تېلفۇن قىلىپ بولغىچە قۇتقۇزۇش ماشىنىسى بىلەن ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسى كېلىدىغان ئىش كىنولاردىلا بارمىكىن دەيمەن

ququk0411 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-4 11:27:29

izdan0998 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-4 09:00 static/image/common/back.gif
تېلفۇن قىلىپ بولغىچە قۇتقۇزۇش ماشىنىسى بىلەن ئوت ئۆچۈ ...

راست دەيسىز،شۇڭا قۇرۇق ساقلاپ ئولتۇرغاندىن،ئۆزىمىز بىلگەن ئاماللارنى قىلىپ باقساق جاننى قۇتقۇزۇۋېلىشىمىزمۇ مۇمكىنمىكى دەيمەن.

uyghurqq يوللانغان ۋاقتى 2014-7-4 12:42:52

بىلۋېلىشقا تىگىشلىك  ئىشلاركەن {:112:}

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-7-4 14:03:40

رەھمەت بۇ ياخشى چارىلەر ئىكەن .

Tozimas يوللانغان ۋاقتى 2014-7-4 14:34:14

ئاتا-ئانىمىزنىڭ كارىۋات بېشىغا قويۇپ قويۇشقا تېگىشلىك،جاننى قۇتقۇزالايدىغان ئۈچ خىل نەرسە     كەچتە كارىۋاتنىڭ بېشىغا بۇ ئۈچ خىل نەرسىنى قويۇپ قويسىڭىز ، زۆرۈر تېپىلغاندا جېنىڭىزنى قۇتقۇزالايدۇ.     1.بىر ئىستاكان سۇ     2.بىر تال يىڭنە     3.ئىككى تال ئاسپىرىن تابلىتكىسى     قوزغالغان ھامان جاننى ئېلىش ئېھتىمالى چوڭ بولغان ئىككى خىل كېسەل:     بىرى،يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى     يەنە بىرى،مېڭە سەكتىسى     يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئۈچ خىل نەرسە بۇ ئىككى خىل جاننى ئالغۇر كېسەلگە تاقابىل تۇرالايدۇ.
-------------
بۇ ئۈچ خىل نەرسىلەر جاننى قۇتقۇزۇپ قالالمايدۇ، بەلكى جاننى قۇتقۇزۇشقا سەۋەپ بوپ قېلىشى مۈمكىن..

HEZINE يوللانغان ۋاقتى 2014-7-4 15:14:56

  ئاسپىرىننىڭ مىقدارى 3تال بولۇشى كېرەك.يەنى 300mg (ئادەتتتە بىر تال ئاسپىرىننىڭ ئۆلچىمى 100mg.)
بەت: [1]
: ئاتا-ئانىمىزنىڭ كارىۋات بېشىغا قويۇپ قويۇشقا تېگىشلىك نەرسىلەر