Qashqari يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 15:28:50

باكلاۋىر تىلەمچى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qashqari تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-3 15:31  

يەرشارى ۋاقىت گېزىتى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى
ئامېرىكا « Huffington» پوچتا گېزىتىنىڭ  خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىلىق بىر ئەر ئەقلى ئاجىز قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ كوچىلاردا تىلەمچىلىك قىلىپ بىر يىلدا 10 تۈمەن دوللار (تەخمىنەن 62 تۈمەن خەلق پۇلى) تاپقان.
خەۋەر قىلىنىشىچە، Gary Thompsonئىسىملىك بۇ يالغان تىلەمچى، كېنتۇكى شتاتى ۋە ئوخېئو شتاتى رايونلىرىدا خېلى نامى چىققان تىلەمچى بولۇپ، ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، ئەقلى ئاجىز ئادەم قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ كىشىلەرنى ئالدايدىكەن.
  ئۇنىڭ سۆز پاتولوگىيىسى كەسپى بويىچە باكلاۋىرلىق ئۇنۋانى بار بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئاۋازىنى ئەقلى توسالغۇغا ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ ئاۋازىدەك چىقىرالايدىكەن، شۇڭلاشقا ئۇ كىشىلەرنى ئۇستىلىق بىلەن ئالدىيالىغان، ئۇ نەچچە قېتىم تۇتۇلغان، بىراق ھەر قېتىم ئىنتايىن ئاز جەرىمانە تۆلەپلا قۇتۇلغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىپ باج تۆلەشتىن قۇتۇلغان.

ئىلگىرى ئۇ ئانىسىنىڭ ئۆيىدىن ئايرىلىشقا ئۇنىمىغانلىقى سەۋەبلىك سوتقا چىققان، سوتتا ئۇ ئاۋازىنى ئۆزگەرتىپ سوتچىنىمۇ ئالدىۋەتكەن، شۇنىڭ بىلەن سوتچى ئۇنى ئەقلى ئاجىز دەپ قاراپ ئارانلا 100 دوللار جەرىمانە قويغان، بىراق ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي ئۇنى يەنە تۇتۇپ ئەكېلىپ، ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئۆزگەرتىپ سوتنى ئالدىغانلىقىنى ئېنىقلاپ، تېخىمۇ جىق جەرىمانە قويغان.

Mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 19:23:34

مانى كۈرەپ مىيەدىكى تىلەمچىلىمۇ چىكەتسە ئامىركىغا ئاندىن بىز كىمگە بىرەمىز سەدىقىنى:o

ismail يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 19:29:19

يەرشارى ۋاقىت گېزىتى  جۈڭگۈنىڭما؟

musilina1 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 20:03:17

بۇنداق ئالدامچىلىقلار چەتئەلدىمۇ باركەن -دە....

tughdar يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 20:34:51

ismail يوللىغان ۋاقتى  2014-7-3 19:29 static/image/common/back.gif
يەرشارى ۋاقىت گېزىتى  جۈڭگۈنىڭما؟

شۇنداق،جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى  مەركىزىي كومىتېت ئورگان گېزىتى ،خەلقارا خەۋەرلەر گېزىتى.

birmoo يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 20:57:17

musilina1 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-3 20:03 static/image/common/back.gif
بۇنداق ئالدامچىلىقلار چەتئەلدىمۇ باركەن -دە....

جوڭگودا چەتنىڭ خەۋىرنى كۆرەلەيمەن ، دېگەنما :lol

musilina1 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 21:23:30

birmoo يوللىغان ۋاقتى  2014-7-3 20:57 static/image/common/back.gif
جوڭگودا چەتنىڭ خەۋىرنى كۆرەلەيمەن ، دېگەنما

جوڭگودا جوڭگونىڭلا خەۋىرىنى كۆرىمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم.....:lol

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 23:38:13

ئۇنۋانى ئەڭ يۇقىرى تىلەمچىكەندە بۇ.

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-4 00:32:59

جوڭگوغا خاس ئىسىل خەۋەر بوپتۇ

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-7-4 12:26:26

ھاھا

uyghurqq يوللانغان ۋاقتى 2014-7-4 12:45:02

تىلەمچىلەر كۆرۈپ قېلىپ ھەممىسى ئامىركىغا بارساق بولدكەن دەپ ھەۋەسلىنىپ يۈرمىسۇن {:87:}

ismail يوللانغان ۋاقتى 2014-7-4 16:12:54

tughdar يوللىغان ۋاقتى  2014-7-3 20:34 static/image/common/back.gif
شۇنداق،جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى  مەركىزىي كومىتې ...

رەھمەت،

ismail يوللانغان ۋاقتى 2014-7-4 16:14:43

سوتقا تۇتۇلۇپ قالغىنىغا قارىغاندا سەۋىيەسى دولىتمىزنىڭ ئادەتتىكى زىيالىيلىرىدەك ئەمەسكەن.

EVIR يوللانغان ۋاقتى 2014-7-4 18:01:27

ismail يوللىغان ۋاقتى  2014-7-3 19:29 static/image/common/back.gif
يەرشارى ۋاقىت گېزىتى  جۈڭگۈنىڭما؟

بۇ گېزىتنى كۇلىدىكى تورداشلار مازاق قىلىپ يەنە تېخى «بىر نىمىنى چۆرىدىگەن پوق گېزىتى» دەپمۇ قويىدۇ (环求屎报)

arslan428 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-4 20:54:02

ماۋۇ يەردىكى تىلەمچىلەرنىمۇ سوت جايلايدىغان يەرگە كەلدى. يالغانلىرى جىق دەپ تولا ئۇچۇرلارنى كۆرۇپ كەتتىم

uyghari يوللانغان ۋاقتى 2014-7-5 10:36:30

yarzat يوللانغان ۋاقتى 2014-7-5 11:39:40

شامالباغدىكى ھەرەمباغنىڭ ئالىدىدا تۇردىغان بىر قىز بالا بار.كۆز قارچۇقىغا كۆك بىر نەرسىنى تىقىۋاپ تىلەمچىلىك قىلىدىغان.شۇ قىز بالىنىڭمۇ خېلى سەۋىيسى بار قىز بالا..

Qashqari يوللانغان ۋاقتى 2014-7-5 13:59:17

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qashqari تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-5 14:00  

yarzat يوللىغان ۋاقتى  2014-7-5 11:39 static/image/common/back.gif
شامالباغدىكى ھەرەمباغنىڭ ئالىدىدا تۇردىغان بىر قىز با ...

دىققەت قىلماپتىمەن ، قانداقلا بولسۇن بۇ چەئەللىكلەر نىمە ئىش قىلسا يۇقىرى بىلىم ئىقتىدار ھازىرلاپ قىلىدىكەن ، قاتىل ، بۇلاڭچى ، ئوغرى -يانچۇقچىلىردىن تارتىپ ھەممىسى دىگۇدەك يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ، ئۇلار يامان ئىش قىلسۇن ياكى ياخشى ئىش قىلسۇن ئىشلىرى بىر خىل قائىدە -تەرتىپلىك ، مەلۇم مەنتىقە ئىچىدە قىلىدۇ ، نىمە ئىش قىلسۇن بىلىمنى ئالدنقى ئورۇنغا قويىدۇ ، ماۋۇ تىلەمچىمۇ خىلى بىر مۇتەخەسىسكەن كاللىسىغا كەلگەننى قىلىدىغان قارا قوساق تىلەمچىلەردىن ئەمەس ئىكەن ، ئىگەللىگەن بىلىمدىن ھىچ بولمىسا تىلەمچىلىك قىلىپ بولسىمۇ ئادەم ھەيران قالدۇرغۇدەك ئىقتىسادى ئۇنۇم ھاسىل قىلىپتۇ ، ئۇلار نىمە ئىش قىلسا شۇ ساھادە مەلۇم بىلىمگە ۋە چۇشەنچىگە ئىگە بولۇپ بولغاندىن كىيىن قىلىدىكەن ، بىزگە ئوخشاش قارىسىغا تەۋەككۇل قىلمايدىكەن ، منىڭ قىزىقىشىمنى قوزغىغان تەرىپى بۇ .
بەت: [1]
: باكلاۋىر تىلەمچى