elxatrahim يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 11:06:33

«ئۇيغۇر پەن-تېخنىكا تارىخى»نى يېزىش

«ئۇيغۇر پەن-تېخنىكا تارىخى»نى يېزىش  

توغرسىدىكى كۆز-قاراشلىرىم












ئاپتوردىن ئىلاۋە:  بۇ ماقالە ئەسلى ‹پەن ۋە تۇرمۇش›ژورنىلىغا ئەۋەتىلگەن.ئېلان قىلىنمىغانلىقى ئۈچۈن تورغا يوللدۇم.پايدىلانغايسىلەر!   


      پەن-تېخنىكا ئەزەلدىن بار بولغان نەرسە ئەمەس.ئۇ ئىنسانلارنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ بارلىققا كەلگەن ۋە تەرەققىي قىلغان. پەن-تېخنىكىنىڭ شەكللىنىشى ئىنسانلارنىڭ ئىپتىدائى تاش قوراللارنى ئىشلىتىشى؛ئوتنىڭ بايقىلشى ۋە سۇنئى ئوتتىن پايدىلىنشنى بىلىشى؛يېزىقنى ئىجاد قىلىشى؛ساپال، مىس، تۆمۈر قوراللارنى ياساش تېخنىكىسىنى ئىگلىشى… قاتارلىقلارنى بەلگە قىلىپ باشلانغان.ئىپتىدائى جەمئيەتتىكى ئىنسانلار تەبىئەت بىلەن كۆرەش قىلىش جەريانىدا تېخنىكا ۋە تەجىرىبە ھاسىل قىلغان.مۇشۇ جەرياندا ئۆزىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ئۆستۇرگەن.ئىپتىدائى تەپەككۇر ئىچىدىكى سان ئۇقۇمى، سەنئەت ئويى ۋە روھ قاراشلىرى ئۇلارنىڭ تەبىئەت بىلەن بىرگە ياشاش ۋە تەبىئەتنى ئۆزگەرتىش خاھىشىنى يېتلدۇرگەن. پەن-تېخنىكا مانا مۇشۇ ئۇزۇن ۋە مۇرەككەپ تەرەققىيات جەريانىدا تەدرىجى بارلىققا كەلگەن. پەن-تېخنىكا تارىخى بولسا ئۇشبۇ جەرياننى خاتىرلەيدىغان ۋە تەتقىق قىلدىغان ئىلىمدۇر.  
    پەن-تېخنىكا تارىخىنى يېزشتا، پەن بىلەن تېخنىكا ئۇقۇملىرىنى چۈشىنىش ۋە ئىككىسى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى توغرا شەرھىلەش لازىم. ئىنگىلىز تىلىدىكى Science بولسا لاتىن تىلىدىكى Scientia سۆزىدىن كەلگەن بولۇپ،«بىلىم» دىگەن مەنىنى  بىلدۇرىدۇ. نېمىس،فىرانسۇز تىللىردىكى «پەن» سۆزىمۇ ئوخشاشلا لاتىن تىلىدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن.Technologyسۆزى بولسا گىركچىدىكى Techne(ھۆنەر، ماھارەت) ۋە Logos(گەپ قىلش،ماھارەت) دىن بىرككەن بولۇپ،«قالتىس ماھارەت ۋە نۇتۇق» دىگەن مەنىنى بىلدۇرىدۇ.【1】پەن بىلەن تېخنىكا ناھايىتى زىچ مۇناسىۋەتكە ھەم روشەن پەرىققە ئىگە.ئۇلار ئىنسانلارنىڭ تەبىئەتنى بىلىش ۋە ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت ئوخشاش بىر جەرياندىكى ئىككى تەرەپ.بىراق ئوخشاش بىر جەرياندىكى پەن بىلەن تېخنىكا ئوخشىمىغان تەتقىقات ساھەسىگە مەنسۇپ.ئۇلار ئارسىدىكى ئاساسلىق پەرق ۋەزىپىسى، خۇسۇسىيتى ۋە مەقسىتىنىڭ ئوخشىماسلىقىدىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپتە ئىپادىلىنىدۇ.شۇنداق بولۇشىغا قارىماي ئۇلار ئوتتۇرسىدا يەنە بىر-بىرنى ئىلگىرى سۇرۈش مۇناسىۋىتى مەۋجۈد.پەن بولسا تېخنىكىنى نەزەرىۋىى ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ.تېخنىكا پەن تەرەققىياتنىڭ ماددى ۋاستىسى بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ.  
ئۇيغۇرلار نەچچە مىڭ يىللىق تەرەققىيات تارىخىدا ئۆزىگە خاس پەن-تېخنىكا بىلىملىرىنى جۇغلىغان ۋە كۇندىلىك تۇرمۇشىدا ئىشلىتىپ كەلگەن.مۇشۇ جەرياندا دۆلەتنىڭ ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ماددى تەرەققىياتىغا بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قوشقان.بىراق ھازىرغا قەدەر بۇلار ئىسپات ئارقىلىق دەللەنمىدى.2009-يىلى ۋاڭ فىڭ(王锋) باش بولۇپ تۈزگەن«جوڭگو تۇڭگان پەن-تېخنىكا تارىخى»(中国回族科学技术史) ناملىق كىتابنى كۆرگەندىن بۇيان،(بۇ كىتاب نىڭشا خەلق نەشىرىياتى تەرپىدىن 2008-يىلى خەنزۇچە نەشىر قىلىنغانكەن) مەندە ئىزچىل نېمە ئۈچۈن «ئۇيغۇر پەن-تېخنىكا تارىخى»ھازىرغا قەدەر يېزىلمايدۇ،دىگەن سوئال پەيدا بولدى.شۇنىڭ بىلەن شۇ يىلقى «يېڭلىق يارتىش» پائالىيتىنىڭ پەلسەپە-ئىجتمائى پەن قىسمىغا  «ئۇيغۇر پەن-تېخنىكا تارىخى» دىگەن تېمدا ماقالە يازماقچى بولدۇم.ماقالە چوقۇم خەنزۇچە يېزلىشى كېرەكتى.بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن يازغانلىرىمنى شۇ ئىشقا مەسئول خەنزۇ مۇئەللىمگە كۆرسەتتىم.تېمىنى كۆرگەندىن كېيىن ئۇنىڭ مەندىن تۈنجى سورىغان سوئالى: «بۇنىڭ نېمىگە پايدىسى بار؟»دىگەندىن ئىبارەت بولدى.ئەلۋەتتە، بۇگۈنكىدەك ئىقتىسادى دەۋردە پايدا-مەنپەئەت قوغلىشىش ھەممە كەسىپتە بىرىنچى ئورۇنغا قويۇلۇۋاتقان شارائىتتا نۇرغۇنلىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن بۇ تېمىنىڭ چوڭ ئەھمىيتى يوق.(مەيلى ئۇ قايسى  مىللەتتىن بولۇشىدىن قەتئىنەزەر) ئۇنىڭ ئۈستىگە يات بىر مىللەتنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىرى يەنە بىر مىللەت ئۈچۈن ھېچقانچە ئەھمىيەتكە ئىگە بولماسلىقىمۇ تامامەن مۇمكىن. مەن مۇئەللىمنىڭ سوئالىدىن ئەجەپلەنمىدىم.ئەمما رايىم يىنىپ كەتتى.سەۋەبى، بەكلا چوڭ تېمىنى تاللىۋالدىم، يىققان ماتىرىياللىرىم ئاز ۋە تېمىنىڭ تەلپىدىن چىقالمايدۇ.ئەڭ مۇھىمى خەنزۇچە دىگەندەك ئىپادىلەپ بىرەلمىدىم.ئاخىر بۇ تېمىدىن ۋاقتىنچە قول ئۈزدۇم.ئاۋال ئۇيغۇرچە يېزىپ ئاندىن تەرجىمە قىلىش كېرەككەن،دەپ ئويلىدىم.  
        پەن-تېخنىكا تارىخىنى يېزش ھەر قانداق بىر تارىخنى يازغانغا قارغاندا قېيىنغا توختايدۇ.ئۇ ئالدى بىلەن تارىخ، مۇھىمى پەن-تېخنىكا تارىخى.ئۇ تارىخشۇناسلىق بىلەن باشقا كۆپ خىل پەنلەرنىڭ كېسىشىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ تەتقىق قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.مەن ماتىرىياللارنى كۆرۈش جەريانىدا شۇنى ھېس قىلدىمكى، «ئۇيغۇر پەن-تېخنىكا تارىخى»نى يېزىشنىڭ نەزەرىۋى ئاساسى بىزدە شەككللەنمىگەن.ئەمما ھازىرغىچە يېزىلغان تارىخ، مەدەنىيەت تەتقىقاتنغا ئائىت ئەسەرلەردە پەن-تېخنىكا تارىخىمىزغا ئائىت ئۇچۈرلار تولۇپ تۇرۇپتۇ.يەنە بىر مەسىلە شۇكى، بۇ تېمىنى يالغۇز بىر-نەچچە ئادەم يازغانغا قارغاندا، ھەر قايسى ئىلىم ئەھللىرى ۋە تەتقىقاتچىلار ئورۇنلىسا تېخىمۇ ئىلمى،تېخىمۇ قايىل قىلارلىق بولىدىكەن،دەپ ئويلايمەن.  
       مېنىڭ كۆز قارشىمچە،«ئۇيغۇر پەن-تېخنىكا تارىخى»نى تۆۋەندىكى مەزمۇنلار بويىچە يېزىشقا بولىدۇ:



1.ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتىدائى ئالەم قاراشلىرى ۋە ئاستورونومىيسى  
2.ئۇيغۇر تىبابەت تارىخى   
3.ئۇيغۇرلارنىڭ قورال-ياراغ تېخنىكىىسى  
4.ئۇيغۇر بىناكارلىق تارىخى  
5.ئۇيغۇر قول ھۆنەر-سەنىئىتى تارىخى  
6.ئۇيغۇر سۇچىلىق قۇررۇلۇشى تارىخى  
7.ئۇيغۇرلارنىڭ خىمىيە ۋە خىمىيە سانائىتى تارىخى  
8.ئۇيغۇرلارنىڭ قەغەز ياساش تېخنىكىسى  
9.ئۇيغۇرلارنىڭ مەتبەچىلىك تېخنىكىسى  
10.ئۇيغۇر دىھقانچىلىق تارىخى   
11.ئۇيغۇر باغۋەنچىلىك تارىخى  
12.ئۇيغۇرلارنىڭ تەبئىي پەن، تېخنىكا پەنلىردە ئارقىدا قىلشىنىڭ سەۋەپلىرى  




ئەلۋەتتە بۇلارنى ئايرىم-ئايرىم تەتقىقات تېمىسى قىلىپ ئىشلەشكە تامامەن بولىدۇ.مەسلەن: «ئۇيغۇر ھۆنەرۋەنچىلىكى »،  «ئۇيغۇر بىناكارلىق تارىخى » دىگەن تېمىلار ئاللبۇرۇن روياپقا چىققان.  
   «ئۇيغۇر پەن-تېخنىكا تارىخى»نى يېزىش تۆۋەندىكىدەك ئەھمىيەتلەرگە ئىگە:  
بىرىنچىدىن،«ئۇيغۇر پەن-تېخنىكا تارىخى»نىڭ مەدەنىيەت فۇنكىسسىيسى ۋە مەنىۋى قىممىتى ئارقىلىق مىللەتنىڭ ئۆزلۈك چۈشەنچىسىنى يېڭلاپ ۋە تەرەققىى قىلدۇرۇپ، مىللەتنىڭ ئۆز-ئۆزىنى ھەقىقىى، ئىلمى رەۋىشتە بىلىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.  
ئىككىنچىدىن، بۇئارقىلىق مىللەتنى ئىلىم-پەن توغرسىدا تېخىمۇ ئەتراپلىق ۋە چوڭقۇر بىلىمگە ئىگە قىلغىلى بولۇپلا قالماستىن، بىر تۈركۈم تەبئىى پەنلەر ئىقتساسلىقلىرىنى يېتىشتۇرۇشتە زور تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە.  
ئۈچىنچىدىن،ئۇ خەلقىمىزنىڭ كىيىنكى دەۋىرلەردە نېمە ئۈچۈن تەرەققى قىلالمىغانلىقى، پەن-تېخنىكىدا ئارقىدا قالغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۇرۈپ بېرەلەيدۇ.شۇنداقلا خەلقىمىزنىڭ بىر پۇتۈن بىلىش تارىخى تەتقىقاتىنى مەنبە ئاساسى بىلەن تەمىنلەيدۇ.  
تۆتىنچىدىن،«ئۇيغۇر پەن-تېخنىكا تارىخى» جوڭخۇا مەدەنىيتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمى بولۇپ، بۇ ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ دۆلەتنىڭ بىر پۈتۈنلىكى، تەرەقىقىياتى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقانلىقدەك ھەقىقەتنى ئىسپاتلاپ چىقالايمىز.بۇ ئارقىلىق مىللەتلەرنىڭ تەڭ-باراۋەرلىكى،ئىتىپاقلىقى،چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈگىلى بولىدۇ.بۇ ئىناق جەمىئەت قۇرۇش تەكىتلىنىۋاتقان بۇگۈنكى كۈندە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.  
بەشىنچىدىن،بۇ ئارقىلىق ئەنئەنىۋى ھۆنەر-تېخنىكا تۈرلىرىنى ساقلاپ قالغىلى،ئېچىپ پايدىلانغىلى بولىدۇ.شۇ ئارقىلىق كىشلەرنىڭ يېڭلىق يارتىشغا تۈرتكە بولۇپ،كىشلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.  
      مەلۇم تېمىنى تەتقىق قىلش جەريانىدا نۇرغۇنلىغان سەۋەنلىكلەر كۆرۇلىشى تەبئى ئەھۋال.بولۇپمۇ تېخى ئىشلىنىپ باقمىغان، بوز پېتى تۇرغان تېمىلاردا تېخىمۇ شۇنداق.ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىزدە پەن-تېخنىكا تارىخنى قانداق يېزىش، ئۇنىڭ پىرىنسىپ، قائىدىللىرى سۆزلەنگەن نەزەرىۋى كىتابلار يوق. پەن-تېخنىكا ئارخېئولوگىيسى توغرسىدا ھېچقانچە چۈشەنچە بولمىغان،ئەڭ ئەقەلليسى جوڭگونىڭ پەن-تېخنىكا تارىخنى چوڭقۇر،سېستېمىلىق تەتقىق قىلغان دوكتور جوسىف نىدىھام(Joseph Needham )نىڭ ئەسەرلىرىمۇ تەرجىمە قىلىنمغان شارائىتتا،بۇ تەتقىقاتنىڭ نەزەرىيە ئاساسىدىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس.شۇڭا تەتقىقات جەريانىدا مۇشۇ نۇقتىغا ئېتىبار بېرىش بىلەن بىرگە، تۆۋدندىكى نۇقتىلارغا دىھققەت قىلش لازىم:  
بىرىنچىدىن، تارىخ ھەقىقى بولۇشى، مىللىى ھېسياتقا تايىنىپ كۆپتۈرمەسلىك،ياكى نىگىلىزىملىق كۆز-قاراش بىلەن بىراقلا ئىنكار قىلماسلىق لازىم.  
ئىككىنچىدىن، پروفسور ئابدۇقادىر جالالىدىن كۆرسەتكەندەك:«ئەپسانە-رىۋايەتلىرىمىزگە، دىننى ئېتىقاد شەكىللىرمىزگە، ئاغزاكى ۋە يازما ۋەسىقللىرمىزگە، ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىگلىك تارىخىمزغا، قول-ھۆنەرۋەنچىلىكىمىز ۋە قۇرۇلۇش ئەنئەنىمىزگە مۇراجەت قىلماي تۇرالمايمىز.شۈبىھسىزكى،بىز بۇلارسىز ھالدا ئۇيغۇر پەن تارىخنى ياكى ئوتتۇرا-مەركىزى ئاسىيا پەن تارىخنى يېزىپ چىقالمايمىز. »【2】  
ئۈچىنچىدىن، تارىخ بىزنىڭ ئويلىغىنىمىزدىن تولىمۇ ئۇزۇن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزگە تارىخنىڭ پەقەت بىر قىسمىلا يېتىپ كەلگەن.نۇرغۇنلىغان ماددى نەرسىلەر يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن يوقاپ كەتكەن ياكى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرىغان. شۇڭا مەلۇم بىر دەۋىر ياكى يىلنى بېكىتىپ تەتقىق قىلشتىن ساقلىنىش زۆرۇر.   
تۆتىنچىدىن، پەن-تېخنىكا تارىخى ماددى تارىخ.شۇڭا تەتقىقاتتا نوقۇل يازما خاتىرلەرگىلا تايىنىۋالماي،«تارىخنى ئۇنىڭ ئۆز ئۈچۈرى ئارقىلىق تەتقىق قىلش »(ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن سۆزى) كىرەك.  
بەشىنچىدىن، ئۇيغۇر تارىخنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيتى نەزەرگە ئېلىنىشى، بارلىق يەكۈن«ئۇيغۇر» ئىبارىسىگە مىخلىنىپ قالماسلىقى شەرت.  
       يۇقارقىلار مېنىڭ شەخسى كۆز-قاراشلىرىم بولۇپ، تەكلىپ تەرىقىسىدە ئوتتۇرغا قويدۇم.مېنىڭچە، «ئۇيغۇر پەن-تېخنىكا تارىخى»نى يېزىش شارائىتى بىزدە بار.بىز پەقەت نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەرنى ئەۋلادلارغا مىراس قالدۇرۇپ قويدىغان ناچار ئادىتىمىزنى تاشلاىمىدۇق،خالاس.شۈبھسىزكى، بۇنداق زور تەتقىقات پەقەت ئىلىم ئەھللىرنىڭ،ھەر قايسى پەن مۇتەخەسىسلىرنىڭ بىرلىكى بولغاندىلا روياپقا چىقىدۇ.ئۈمىدىمىز، شۇلارنى بىر يەرگە جەم قىلالايدىغان«قۇدىرەت» نىڭ بار-يوقلىقدا.  
              
            
         پايدىلانغان ماتىرىياللار ۋە نەقىل مەنبەسى  
1.        徐建培,邹海林:«科学技术史概论»,科学出版社2004年版,第6,7页  
2.        王锋(主编):«中国回族科学技术史»,宁夏人民出版社2008年版  
3.        ئابدۇقادىر جالالىدىن: «ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئەنئەنىسىدە بىلىم»،«شىنجاڭ مەدەنىيىتى»ژورنىلى 2006-يىللىق2-سان9-بەت.

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 11:49:16

قوللايمەن
پەن تېخنىكا  تارىخىنى چوقۇم يېزىش كېرەك

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 12:25:50

چۇشىنىدىغان ئادەملەرگە چۇشەندۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق ،
چۇشەنمەيدىغان بولىۋالغانلارغا ئەھمىيتىنى سۆزلىمىگەن ياخشى .
«ئۇيغۇر پەن-تېخنىكا تارىخى»نى يېزىش تۆۋەندىكىدەك ئەھمىيەتلەرگە ئىگە:  
بىرىنچىدىن،«ئۇيغۇر پەن-تېخنىكا تارىخى»نىڭ مەدەنىيەت فۇنكىسسىيسى ۋە مەنىۋى قىممىتى ئارقىلىق مىللەتنىڭ ئۆزلۈك چۈشەنچىسىنى يېڭلاپ ۋە تەرەققىى قىلدۇرۇپ، مىللەتنىڭ ئۆز-ئۆزىنى ھەقىقىى، ئىلمى رەۋىشتە بىلىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.  
ئىككىنچىدىن، بۇئارقىلىق مىللەتنى ئىلىم-پەن توغرسىدا تېخىمۇ ئەتراپلىق ۋە چوڭقۇر بىلىمگە ئىگە قىلغىلى بولۇپلا قالماستىن، بىر تۈركۈم تەبئىى پەنلەر ئىقتساسلىقلىرىنى يېتىشتۇرۇشتە زور تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە.  
ئۈچىنچىدىن،ئۇ خەلقىمىزنىڭ كىيىنكى دەۋىرلەردە نېمە ئۈچۈن تەرەققى قىلالمىغانلىقى، پەن-تېخنىكىدا ئارقىدا قالغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۇرۈپ بېرەلەيدۇ.شۇنداقلا خەلقىمىزنىڭ بىر پۇتۈن بىلىش تارىخى تەتقىقاتىنى مەنبە ئاساسى بىلەن تەمىنلەيدۇ.  
تۆتىنچىدىن،«ئۇيغۇر پەن-تېخنىكا تارىخى» جوڭخۇا مەدەنىيتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمى بولۇپ، بۇ ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ دۆلەتنىڭ بىر پۈتۈنلىكى، تەرەقىقىياتى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقانلىقدەك ھەقىقەتنى ئىسپاتلاپ چىقالايمىز.بۇ ئارقىلىق مىللەتلەرنىڭ تەڭ-باراۋەرلىكى،ئىتىپاقلىقى،چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈگىلى بولىدۇ.بۇ ئىناق جەمىئەت قۇرۇش تەكىتلىنىۋاتقان بۇگۈنكى كۈندە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.  
بەشىنچىدىن،بۇ ئارقىلىق ئەنئەنىۋى ھۆنەر-تېخنىكا تۈرلىرىنى ساقلاپ قالغىلى،ئېچىپ پايدىلانغىلى بولىدۇ.شۇ ئارقىلىق كىشلەرنىڭ يېڭلىق يارتىشغا تۈرتكە بولۇپ،كىشلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.  
قىزىل بويالغىنى مىنىڭچە  ئارتۇق گەپ . خۇددى سوتسىيالىستىك ئاڭغا ئىگە كومىنىزىم جەڭچىللىرىگە ئىيتقاندەك ، چاقىرىق كۇچگە ئىگە . چاقىرىقنى سىياسىيۇنلار ئوينايدۇ. ستالىندەك : كومىنىزىمنى قۇرىمىز دەپ چاقىرىق قىلىپ ، ئىمپىرىيە قۇرىۋالسا، ھەممە ئادەم تىللايدۇ .
بۇ تىمىغا باشقىچە قىززىقارلىق ئۇسۇل بىلەن جەلىپ قىلالاسىزمۇ ؟

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 12:30:10

ئوبدان تەشەببۇس...

elxatrahim يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 14:37:30

muztag يوللىغان ۋاقتى  2014-7-3 12:25 static/image/common/back.gif
چۇشىنىدىغان ئادەملەرگە چۇشەندۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق ،
چۇ ...

قۇرۇق گەپ دەپ كەتكىلىمۇ بولماس.

tughdar يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 14:40:56

قىممىتى بار{:112:}

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 15:05:03

elxatrahim يوللىغان ۋاقتى  2014-7-3 14:37 static/image/common/back.gif
قۇرۇق گەپ دەپ كەتكىلىمۇ بولماس.

« قۇرۇق گەپ » بۇ گەپنى نەدىن تاپتىڭىز ئەمدى ؟
ئەھمىيتىنى نىجىگە بولۇپ چۇشەندۇرۇپ كىتىپسىز، بۇنى  ئارتۇقچە دىدىم .
ئەھمىيتى سىز قويغان نىجىڭىزدىن نەچچە ھەسسە كىلىدۇ .

kurax007 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 15:54:23

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kurax007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-3 16:19  

قىممىتى بار پىكىر ، بۇ ھەقىقەتەن بىر بوش قالغان  ساھەكەن .

itarim يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 16:16:42

ئىنتايىن بىر قىممىتى بار تېما ئىكەن ، بولسا باشقۇرغۇچىلارنىڭ بۇ تېمىنى نادىرلاپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 17:02:04

ئۇيغۇر يازغۇچىلار يۈز بېرىۋاتقان تېرورلۇق ۋەقەلىرىنى ئارقا كۆرىنىش قىلىپ يازغان《永不沉默是我们的责任和使命—致维吾尔同胞的公开信》 ناملىق ئوچۇق خېتى:
http://news.sohu.com/20140626/n401412633.shtml
نى ئېلان قىلغاندىن كىيىن نۇرغۇن تورداشلار بۇ داڭلىق ئاتالغان يازغۇچىلارنى تونىمايدىغانلىغىنى، ئۇلارنىڭمۇ ئەسلى كۆپرەك تونۇشتۇرلىشى كېرەكلىكىنى تىلغا ئېلىپتىكەنتۇق. دىمەك پەن-تەتقىقات نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇرۇش بەكلا ئەھمىيەتكە ئىگە خىزمەت، بىلگۈسى يوق ئەمەس، بىلىش ئىمكانىيتى يوق بولىۋاتقان ئىشلار نۇرغۇن. يېزىلمىغان تارىخ چوقۇم ساقلىنىپ قالمايدۇ. تىما ئاپتورىنىڭ ئەمگەكلىرى بەرىكەتلىك بولغاي.

zaghra يوللانغان ۋاقتى 2014-7-5 19:45:36

يازغاندا تەتقىق قىلغىلى بولىدۇ. ماتىرياللار توپلىنىدۇ. تەتقىق قىلغاندا دىئاگىنوز قويغىلى بولىدۇ. دىئاگىنوز قويۇلغاندا دورا ياسىغىلى بولىدۇ. دورا ياسىغاندا كىسەلنى داۋالىغىلى بولىدۇ.
بەت: [1]
: «ئۇيغۇر پەن-تېخنىكا تارىخى»نى يېزىش