elxatrahim يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 11:03:56

مېندېلېيىۋ ۋە ئېلېمېنتلار دەۋىرىي جەدىۋىلى توغرسىدا

مېندېلېيىۋ ۋە ئېلېمېنتلار دەۋىرىي جەدىۋىلى توغرسىدا




             -كىم تالانىت ئىگىسى بولالايدۇ؟ئۆمۈر بويى تىرىشقان كىشىلا تالانىت ئىگىسى بولالايدۇ.


                                                                                                                   - مېندېلېيىۋ




                 روسىيە خىمىيە ئالىمى دىمتىرى ئىۋانوۋىچ مېندېلېيىۋ 1834-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى روسىينىڭ سىبىرىيىدىكى كىچىك شەھىرى-توبولىسكىدا تۇغۇلغان.مېندېلېيىۋ 14-بالا بولۇپ،بويىدىن ئاجراپ كەتكەن ياكى تۇغۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەي ئۆلۈپ كەتكەنلىرىنى ھىسابلىغاندا،17-بالا ئىدى.دادىسى توبولىسكىدىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپتە مۇدىر ئىدى.دادىسى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن،ئانىسى ئۇنى تېخىمۇ ياخشى ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن بارلىق مال-مۈلكىنى سېتىپ،ئات ھارىۋىسىدا ئىككى مىڭ چاقىرىملىق مۇساپىنى بېسىپ مۇسكىۋاغا كەلگەن.بىراق موسكىۋا ئۇنۋېرسىتىتى ئۇنى قوبۇل قىلمىدى.1850-يىلى ئانىسى ئۇنى پېتىربورگىقا باشلاپ باردى.پېتىربورگ ئۇنۋېرسىتىتىمۇ ئوخشاشلا ئۇنى قوبۇل قىلمىدى.ئانا-بالا پېتىربورگ تىببىي ئىنىستىتوتىنىڭ قوبۇل قىلىش شەرتىنىڭ  تۆۋەنرەك ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ،ئۇ يەرگە باردى ۋە بىر ئاماللار بىلەن قوبۇل قىلىندى.ئەپسۇس،مېندېلېيىۋ تىببىي ئىنىستىتوتىنىڭ تاشقىي كېسەل ئوپراتسىيە بۆلىمىگە كىرىشى بىلەنلا،ئۆلۈكلەر ۋە قانلارنى كۆرۈپ دەرھال ھوشىدىن كەتتى.مەكتەپ ئۇنى ئەڭ تۆۋەن شەرتكىمۇ چۈشمەيدىكەن دەپ،دەرھال مەكتەپتىن چىكىندۇردى.ئۇ ئاخىر دادىسى ئۇقۇغان پېتىربورگ پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىدا ئۇقۇشقا باشلىدى.1854-يىلى ئوقۇش پۈتتۇرگەندىن كېيىن،بىر مەزگىل ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولدى. مېندېلېيىۋ1856-يىلى5-ئايدا《سىلىكاتلىق بىرىكمىلەرنىڭ قۇرۇلمىسى》ناملىق ماقالىسى بىلەن پېتىربورگ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ فىزىكا ۋە خىمىيە ماگىستىرى ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.1857-يىلى پېتىربورگ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ مۇئاۋىن پروفىسورى بولغان.1859-يىلى1-ئايدا گىرمانىيەگە بېرىپ،ئاتاقلىق خىمىيە ئالىمى بۇنسېننىڭ تەجرىبغانسىدا خىزمەت قىلغان. 1860-يىلى كۈزدە ئۇ گىرمانىيەنىڭ كارلىسروۋ شەھرىدە ئېچىلغان خىمىيە ئالىملىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق خەلقئارا يىغىنىغا قاتناشتى.بۇ خىمىيە ساھاسىدىكىلەرنىڭ تۇنجى قېتىملىق دۇنياۋىي يىغلىشى بولۇپ،ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى مەشھۇر خىمىيە ئالىملىرىنىڭ ھەممىسى يىغىلغانىدى.1861-يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ،ئىلگىرى-ئاخىر پېتىربورگ سانائەت-تېخنىكا ئىنىستىتوتى ۋە پېتىربورگ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ خىمىيە پروفىسورى بولغان.1893-يىلى دۆلەت ئۆلچەم ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان.1907-يىلى 1-ئاينىڭ20-كۈنى سەھەر سائەت بەشتە يۈرەك مۇسكىلى تىقىلمىسى كېسىلى بىلەن 73يېشىدا پېتىربورگدا ئالەمدىن ئۆتكەن.ئەينى چاغدا ھەدىسى ئۇنىڭ قولىدا قەلەم تۇتقان،ئالدىدا يېزىپ بولۇنمىغان پەن ۋە مائارىپ ھەققىدىكى ئەسەر قويۇلغان ھالدا،ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان پېتى جان ئۈزگەنىلكىنى كۆرىدۇ.


           مېندېلېيىۋنىڭ ئەڭ مۇھىم تۆھپىسى-《ئېلېمېنتلار دەۋىرىي قانۇنى》نى بايقىغانلىقى.ئۇ بىر قىسىم بايقالمىغان ئېلېمېنتلارنىڭ خۇسۇسىيتىنى ئالدىن كۆرسىتىپ بەرگەن.بۇلار ئانئورگانىك خىميىنىڭ سېستېمىلىشىدا چوڭ رول ئوينىغان.ئۇ ئېرىتمىلەرنىڭ ھىدراتلىنىش نەرەرىيسىنى ئوتتۇرغا قويۇپ،يېقىنقى زامان ئېرىتمە تەلىماتىنىڭ باشلامچىسى بولغان.گاز ۋە سۇيۇقلۇق ھەجىمىنىڭ ئوخشاش تېمپىراتورا ئاستىدا بېسىم بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىپ،گازلارنىڭ كىرتىك تېمپىراتوراسىنى كەشىپ قىلغان.كۆمۈرنىڭ يەر ئاستىدا گازغا ئايلىنىشىنى ئوتتۇرغا قويغان.نېفىت سانائىتى،يېزا-ئىگىلىك خىمىيىسى،ئىسسىز ئوق دورىسى قاتارلىق ساھەلەرگە قوشقان تۆھپىسىمۇ زور بولدى.ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن،كىشلەر ئۇنىڭ 431پارچە ماقالىسىنى رەتلەپ چىقتى.بۇنىڭ ئىچىدە فىزىكا خىميىگە ئائىت 106پارچە،خىميىگە ئائىت 40پارچە،فىزىكىغا ئائىت 99پارچە،يەر شارى فىزىكىسىغا ئائىت 22پارچە،سانائەت تېخنىكىسىغا ئائىت 99پارچە،ئىجتىمائىي مەسىلە ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەرگە ئائىت 36پارچە ماقالە بار ئىدى.《خىمىيە پىرىنسىپلىرى》ئۇنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئەسىرى ھىسابلىنىدۇ.


           مېندېلېيىۋ ئىلىم-پەن تەتقىقاتى ئۈچۈن قۇربان بېرىشتىن ئەسلا قورقمىغان.1887-يىلى8-ئاينىڭ9-كۈنى ئۇ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ،گاز شارىغا ئولتۇرۇپ ئىگىز بوشلۇقتا كۈن تۇتۇلۇشنى تەكشۈرگەن. مېندېلېيىۋ ئىلىم-پەن ئۈچۈن غايەت زور تۆھپە قوشقان بولسىمۇ،لىكىن ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا بەزى ئىلىمىي مەسىلىلەردە ئازراق مۇتەئەسىپلىك قىلدى.مەسلەن:كىشلەر رادىياتسىيە ھادىسىدە،بىر تۈرلۈك ئاتوم بۆلۈنگەندىن كېيىن يەنە بىر تۈرلۈك ئاتومغا ئۆزگىردىغانلىقىنى بايقىدى.بۇ بىر تۈرلۈك خىمىيۋىي ئېلمېنىت يەنە بىر خىل خىمىيۋىي ئېلمېنىتقا ئۆزگىرەلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتەتتى. مېندېلېيىۋ بولسا خىمىيۋىي ئېلمېنىتنىڭ ئۆزگىرىشى مۇمكىن ئەمەس،دەپ قارىدى.ئۇ:《بىز بىلىدىغان ئاددى ماددىلارنىڭ مۇرەككەپلىكىگە ئىشەنمەسلىكىمىز كېرەك》،《بىز بىلىدىغان ئاددى ماددىلارنىڭ مۇرەككەپلىكىگە ئىشنىدىغان ھەر قانداق تەسىرلەرنى يوقتىشىمىز كېرەك》دىدى.ئۇ يەنە:《ئېلېمېنتلارنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقى توغرسىدىكى ئۇقۇم ئالاھىدە مۇھىم…بۇ پۈتكۈل دۇنيا قاراشنىڭ ئاساسى》دەپ ئالاھىدە تەكىتلىدى.ئېلىكتېرون بايقالغاندا، مېندېلېيىۋ ئېلىكتېروننىڭ مەۋجۇدلىقىنى ئىنكار قىلدى.ئۇ:《ئېلىكتېروننىڭ ھىچقانچە پايدىسى يوق》،《پەقەت ئىشنى مۇرەككەپلەشتۈرۋىتىدۇ》،《قىلچىمۇ پاكىتلىق ئەمەس》-دىدى.لىكىن، رادىياتسىيە ھادىسىسى ۋە ئېلىكتېروننىڭ تېپىلىشى خىمىۋىي ئېلېمېنتلار دەۋىرىي قانۇنىغا بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇردى ۋە راۋاجلاندۇردى.


مېندېلېيىۋ ماتىماتىكا،فىزىكا،ھاۋا رايى قاتارلىق ئىلملەرگە قىزىقىپلا قالماي،يەنە سەرگۈزەشتىلەر ھىكايىسى،ساياھەت خاتىرىسى،شېئىر قاتارلىقلارنىمۇ ياخشى كۆرەتتى.ئۇ ھەتتا رەسساملىققىمۇ ھەۋەس قىلاتتى.ھەر ھەپتىنىڭ 3-كۈنى ئاتاقلىق رەسسام رېپىن قاتارلىقلار ئۇنىڭ ئۆيىگە يىغلىپ،سەنئەت توغرلىق پىكىرلىشەتتى. مېندېلېيىۋ ھەتتا رەسسام كۇموزنىڭ《دېنپىر كېچىسى》دىگەن ئەسىرگە بېغىشلاپ《كۇموز سىزغان رەسىمنىڭ ئالدىدا》دەپ بىر پارچە ئوبزور يازغان.1894-يىلى مېندېلېيىۋ سەنئەتچىلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ ئاكادىمىيلىقىغا تەۋسىيە قىلىنغان.


خىمىۋىي ئېلېمېنتلارنى تۇنجى تۈرگە ئايرىپ تەتقىق قىلغان كىشى لاۋۋازىيە ئىدى.ئۇ 1789-يىلى يازغان《خىمىيە تېزىسى》دىگەن ئەسىرىدە 33 خىل خىمىۋىي ئېلېمېنتنى تۆت تۈرگە ئايرىغان.ئۇنىڭ بۇ خىل تۈرگە ئايرىشىدا قەدىمكى يۇنانلىقلارنىڭ 《تۆت زات تەلىماتى》نىڭ تەسىرى بار ئىدى.19-ئەسىردىن كېيىن،نۇرغۇنلىغان ئالىملار كەينى-كەينىدىن بۇ مەسىلە ئۈستىدە تەتقىقات ئىلىپ باردى.


       1815-يىلى،ئەنگىليىلىك19 ياشلىق دوختور پىروئۇت يۇرەكلىك ھالدا《دۇنيادىكى بارلىق ئېلېمېنتلار ھىدروگېن ئاتومىدىن تۈزۈلگەن》دىگەن قاراشنى ئوتتۇرغا قويۇلغانىدى. پىروئۇتنىڭ قارشى ئانئورگانىك خىمىيەنىڭ سىرىنى ئىچىپ بەردى.ئەمما ئەينى چاغدا بۇنى چۈشەنگىلى بولمايتى.ئەينى چاغدا نۇرغۇن ئالىملارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا ھەتتا پىروئۇتنىڭ ئۆزىمۇ جاۋاپ بېرەلمىدى.شۇنىڭ بىلەن بۇ قىممەتلىك يېڭى كۆز-قاراش شۇ پېتى قالدى.


        1828-يىلغا كەلگەندە، كىشلەر بايقىغان خىمىيۋىي ئېلېمېنتلار 54 كە يەتتى.گىرمانىيە خىمىيە ئالىمى دۆبېرىنىر بۇلاردىن 15 نى ئۈچتىن قىلىپ بەش گۇرپىغا ئايرىدى.ئۇ ھەر ئۈچ خىل ئېلېمېنتنىڭ خىمىيۋىي خۇسۇسىيتىنىڭ ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقىنى بايقاپ،بۇنى《ئۈچلۈك گورۇپپا》دەپ ئاتىغان. دۆبېرىنىر يەنە كىشىنى ئويلاندۇردىغان مۇنداق بىر ئەھۋالنى-ھەر بىر گورۇپپىدىكى بىرىنچى ئېلېمېنت بىلەن ئۈچىنچى ئېلېمېنتنىڭ ئاتوم ئېغىرلىقى يىغىندىسىنىڭ ئوتتۇرچە سانى دەل ئىككىنچى ئېلېمېنتنىڭ ئاتوم ئېغىرلىقىغا تەڭ كىلدىغانلىقىنى بايقىغان.بۇ بايقاشتىن كېيىن ئالىملار ئېلېمېنت بىلەن ئاتوم ئېغىرلىقى ئارسىدىكى مۇناسۋەتنى تەتقىق قىلشقا ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىغان.《ئۈچلۈك گورۇپپا》پەقەت 15 ئېلېمېنتنىلا ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ،قالغانلىرىنى ئۇنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈشكە بولمايتتى.


      1850-يىلى گىرمانيىلىك دورىگەر پىتتىنكونفىر خۇسۇسىيىتى ئوخشاش ئېلېمېنتلار ئۈچلا بولۇشى ناتايىن،دەپ قارىدى ھەم خۇسۇسىيىتى ئوخشاش  ئېلېمېنتلارنىڭ ئاتوم ئېغىرلىقى ئايرىمىسىنىڭ سەككىز ياكى سەككىزنىڭ ھەسسىلىك سانى بولدىغانلىقىنى بايقىدى.1854-يىلى ئامىرىكا خىمىيە ئالىمى كۇك خىمىيۋىي ئېلېمېنتلارنى ئالتە تۈرگە ئايرىدى.1857-يىلغا كەلگەندە،ئەنگىلىيە خىمىيە ئالىمى ئودلىڭ 13 تۈرگە بۆلدى.بۇ چاغلاردا ئاتوم ئېغىرلىقنى ئۆلچەشتە يەنىلا خاتالىقلار بولغاچقا،بۇ خىل بۆلۈشلەر تازا مۇۋاپىق ئەمەس ئىدى.


       19-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرنىڭ بېشىدا،ئالىملار ئاتوم ئېغىرلىقنى بىر قەدەر توغرا ئۆلچەپ چىقىشقا باشلىدى.بۇ ئېلېمېنتلارنى توغرا تۈرگە ئايرىشقا شارائىت يارىتىپ بەردى.1862-يىلى فىرانسىيە خىمىيە ئالىمى چانكورتئوس شۇ چاغقىچە بايقالغان 62 خىل ئېلېمېنتنى ئاتوم ئېغىرلىقنىڭ رەت تەرتىبىي بويىچە تىزىپ چىققان.نەتىجىدە،ناھايىتى قىزىق ئەھۋال كۆرۈلگەن:ئۇ بىر سىلىندىر ياسىغان،ئۇنىڭغا ۋىنتا يوللۇق سىزىق سىزىپ،خىمىيۋىي ئېلېمېنتنىلارنى ئاتوم ئېغىرلىقنىڭ رەت تەرتىبىي بويىچە تۆۋەندىن يۇقىرىغا قارتىپ سىزىق ئۈستىگە سىزىپ چىققان.ئۇ خۇسۇسىيىتى ئوخشاپراق كېتىدىغان ئېلېمېنتنىلارنىڭ بىر تىك سىزىق ئۈستىگە ئورۇنلاشقانلىقىنى بايقىغان. چانكورتئوسدىن ئىككى يىل كېيىن، ئودلىڭ《ئاتوم ئېغىرلىقى ۋە ئېلېمېنت بەلگىسى جەدىۋىلى》نى ئىلان قىلىدى.جەدۋەلدە 49 ئېلېمېنت كۆرسىتىلىپ،توققۇز بوش ئورۇن قويۇپ قويىلدى.بىراق ئۇ بۇلارغا چۈشەنچە بەرمىدى.شۇنداقتىمۇ بۇ جەدىۋەل دەۋىرىيلىكنى ئىپادىلىدى ھەم ئېلېمېنتلار دەۋىرىي جەدىۋىلىگە بىر قەدەر يېقىنلاشتى.


     《ئېلېمېنتلار دەۋىرىي قانۇنى》نىڭ بايقىلىشىغا زور تۆھپە قوشقانلارنىڭ بىرى گىرمانىيىلىك خىمىيە ئالىمى مېيېر.ئۇ تىببىي پەنلەر دوكتورى بولسىمۇ،بىر قېتىممۇ كىسەل كۆرۇپ باقمىغان.1864-يىلى مېيېر《ھازىرقى زامان خىمىيە نەزەرىيىسى》ناملىق ئەسىرىنى ئىلان قىلىدى.كىتابدا ئاتوم ئېغىرلىقنىڭ ئارتىپ بېرىش قانۇنىيىتى بويىچە، ئېلېمېنتنىلارنىڭ خۇسۇسىيىتىنى تەتقىق قىلدى ھەم《ئالتە ئېلېمېنت جەدىۋىلى 》نى كۆرسەتتى.《ئالتە ئېلېمېنت جەدىۋىلى 》ئېلېمېنتلار دەۋىرىي جەدىۋىلىنىڭ ئىپدىدائىي شەكلى بولۇپ،ھەم بايقالمىغان ئېلېمېنتلار ئۈچۈن بوش ئورۇن قويۇلغانىدى.بىراق بۇ جەدۋەلدە كۆرسىتىلگەن ئومۇمىي ئېلېمېنت ئەينى ۋاقىتتا بايقالغان ئېلېمېنتلارنىڭ يېرىمىغىمۇ يەتمەيتتى.


       1865-يىلى ئەنگىليىلىك خىمىيە ئالىمى نىۋلاندىس مۇستەقىل ھالدا،باشقا بىر نۇقتىدىن خىمىيۋىي ئېلېمېنتلارنىڭ تۈرگە ئايرىلشىنى تەتقىق قىلدى.ئۇ  خىمىيۋىي ئېلېمېنتلارنى ئاتوم ئېغىرلىقىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى بويىچە تىزىپ چىققان ۋە بىرىنچى ئېلېمېنت بىلەن توققۇزىنچى ئېلېمېنتنىڭ خۇسۇسىيىتى بىر-بىرگە ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقىنى،يەنى ھەر سەككىز ئېلېمېنتتىن كېيىن خۇسۇسىيىتى ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئېلېمېنت ئۇچىرايدىغانلىقىنى بايقىغان.بۇ《سەككىز ئاھاڭ قانۇنى》دەپ ئاتالغان. نىۋلاندىس بۇ توغرسىدا ماقالە يازغان بولسىمۇ،ئەنگىليە خىمىيە جەمئيىتى ئىلان قىلشقا قوشۇلمىغان،ئۆزىمۇ باشقىلارنىڭ مەسخرسىگە ئۇچىرىغان.


       19-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىنىڭ بېشىدا،《ئېلېمېنتلار دەۋىرىي قانۇنى》نى بايقاشنىڭ شەرتلىرى ئاللىقاچان پېشىپ يېتىلگەنىدى.بۇ بايقاشىنى مېيېر بىلەن مېندېلېيىۋ ئورتاق تاماملىدى.


مېندېلېيىۋ پېتىربورگ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ پروفىسورى بولغاندىن كېيىن،ئانئورگانىك خىمىيە دەرىسىنى سىستىمىلىق ئۆتۈش ئۈچۈن،《خىمىيە پىرىنسىپلىرى》ناملىق دەرىسلىك كىتابنى تۈزىشنى كۆڭلىگە پۈكتى.ئۇ خىمىيۋىي ئېلېمېنتلارنى سېستىمىلىق تۈرلەش ئۈچۈن،ئەينى ۋاقىتقىچە بايقالغان 63 خىل ئېلېمېنت ئاساسىدا 63 قارتا ياسىدى.ھەر بىر قارتىغا بىر خىل خىمىيۋىي ئېلېمېنتنىڭ بەلگىسى،ئاتوم ئېغىرلىقى ۋە ئاساسلىق خۇسۇسىيەتلىرىنى يازدى.ئۇ قارتىلارنى ئېلېمېنتلارنىڭ ئاتوم ئېغىرلىقىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى بويىچە تىزدى.قانداق قىلسىمۇ يەنىلا كۆڭۈلدىكىدىك تەتىجە چىقمىدى.1869-يىلى2-ئاينىڭ 17-كۈنى كېچە، مېندېلېيىۋ ئاتوم ماسسىسىنىڭ ئارتىپ بېرىش قانۇنىيىتى بويىچە،ئەينى چاغدىكى 63 خىل ئېلېمېنتنى بىر نەچچە قۇرغا تىزدى ھەم ھەر بىر قۇردىكى خۇسۇسىيىتى ئوخشاش ئېلېمېنتلارنى ئاستى-ئۈستى رەتلىدى.بۇنىڭ بىلەن بارلىق  ئېلېمېنتلارنىڭ ئىچكى مۇناسىۋەتلىرى ناھايىتى ياخشى ئىپادىلىنىپ ،دەۋرىيلىك ئۆزگىرىش ئىپادىلەندى.ئۇ ئۆزىنىڭ بىر ئۇلۇغ قانۇنىيەتنى بايقىغانلىقىغا قەتتىي ئىشىنەتتى.شۇڭا ئاتوم ئېغىرلىقى خۇسۇسىيەتكە ماس كەلمىگەن ئېلېمېنتلارنىڭ ماسسىسىنى دادىلىق بىلەن ئۆزگەتتى ھەم بايقالمىغان ئېلېمېنتلارغا بوش ئورۇن قويۇپ قويدى.بۇ جەدىۋەل ئىنسانيەت تارىخدىكى بىرىنچى ئېلېمېنتلار دەۋىرىي جەدىۋىلى بولۇپ،1950-يىلى مېندېلېيىۋ كۆرگەزمىخانسىدىكى كىتاب-ماتىرىياللارنى رەتلىگەندە تېپىلغان. ئۇ بۇ جەدىۋەلنى ئاۋۋال روس ۋە فىرانسوز تىللىرىدا باستۇرۇپ،روسىيە خىمىيە جەمئىيىتى ۋە باشقا بىر قىسىم ئالىملارغا ئەۋەتىپ بەردى.1869-يىلى 3- ئاينىڭ 6-كۈنى مېندېلېيىۋ روسىيە خىمىيە جەمئىيىتىنىڭ يېغنىدا ئۆزى بىر قوللۇق دوكلات بەرمەكچى ئىدى.كۈتۈلمىگەندە،يېغىندىن بۇرۇن تۇيۇقسىزلا ئاغرىپ يېتىپ قالدى.ئامالسىز دوستى مىناتكىن ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن《ئېلېمېنتلارنىڭ خۇسۇسىيىتى بىلەن ئاتوم ئېغىرلىقىنىڭ مۇناسىۋىتى 》ناملىق ماقالىسىنى ئوقۇپ بەردى.


         مېندېلېيىۋ《ئېلېمېنتلار دەۋىرىي قانۇنى》نى بايقاشتىن بىر نەچچە ئاي بۇرۇن،گىرمانىيلىك مېيېر ئۆزىنىڭ《ئالتە ئېلېمېنت جەدىۋىلى 》نى تۈزەتكەنىدى ھەم《ئاتوم ھەجىمى دەۋىرىيلىكىنىڭ دىئاگراممىسى》نى ئوتتۇرغاقويغانىدى. بۇ دىئاگرامما ئېلېمېنتلار دەۋىرىي قانۇنىنى ناھايىتى ياخشى ئىپادىلگەنىدى.بۇ مېندېلېيىۋنىڭ جەدىۋىلگە قارىغاندا بىر قەدەر توغرا ئىدى.بىراق مېيېر بۇ دىئاگرامىدىكى ئەگرى سىزىقلارنى سېستىمىلىق شەرھىلىمىگەنىدى.1869-يىلى 10-ئايدا،ئۇ يەنە بىر جەدىۋلنى تۈزۈپ چىقتى.جەدىۋەلدە بايقالمىغان ئېلېمېنتلار ئۈچۈن بوش ئورۇن قويۇپ قويىلىپلا قالماي،گورۇپپا ۋە دەۋىر ئايرىمىسىغا ئىگە ئىدى.بۇجەدىۋەل مېندېلېيىۋنىڭ بىرىنچى جەدىۋىلىگە قارىغاندا روشەن ئارتۇقچىلىقىقا ئىگە ئىدى.


1871-يىلى 12-ئايدا،مېندېلېيىۋ بىرىنچى جەدىۋىلىنىڭ ئاساسىدا ئىككىنچى جەدىۋەلنى ئېلان قىلدى.بۇ جەدىۋەلدە گورۇپپا،دەۋرىيلىك ئىپادىلىنىپلا قالماي،گورۇپپىلار ئاساسى گورۇپپا ۋە قوشۇمچە گورۇپپا دەپ ئايرىلغان.بۇ جەدىۋەل كۈنىمىزدىكى ئېلېمېنتلار دەۋىرىي جەدىۋىلىگە يېقىنلاشقانىدى.


ئادىللىق بىلەن ئېيتقاندا،《ئېلېمېنتلار دەۋىرىي قانۇنى》نى مېيېر بىلەن مېندېلېيىۋ ئايرىم-ئايرىم بايقىغان.ھەر ئىككلسىنىڭ تۆھپىسى ئوخشاشلا ئۇلۇغ.بىراق مېيېرغا سېلىشتۇرغاندا، مېندېلېيىۋ جەدىۋەلنى تۈزۈشتە ناھايىتى كەسكىن بولدى.يۇرەكلىك ھالدا بىر قىسىم ئېلېمېنتلارنىڭ ماسسىسىنى ئۆزگەرتتى.دادىللىق بىلەن بوش ئورۇن قويۇپ قويدى ھەم مۇشۇ بوش ئورۇن ئاساسىدا،ئوننەچچە بايقالمىغان ئېلېمېنتلارنى ئالدىن پەرەز قىلدى.ھەتتا گاللىي،سىكاندىي،گىرمانىي توغرسىدىكى پەرەزلىرى ئىسپاتلانغاندىن كېيىن،كىشىلەر قاتتىق ھەيران قالدى ھەم مېندېلېيىۋنىڭ پەرەزلىرىدىن قەتئىي گۇمان قىلمايدىغان بولدى.


         تارىخ《ئېلېمېنتلار دەۋىرىي قانۇنى》نىڭ مېندېلېيىۋ دىگەن ئىسىم بىلەن باغلانغانلىقىنى كۆرسەتتى.كىشلەر ئېلېمېنتلار دەۋىرىي جەدىۋىلى ئارقىلىق بۇ گىگانىت خىمىكنى ئەسلەشمەكتە!



muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 12:44:55

خېمىيە ئىسىل پەن . . . .

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 14:17:23

ھېلقى ھىلان چۈشەپ قۇپۇپ   دەۋرى جەدۋىلنى يېزۋەتكەن بالا مۇشۇ شۇغۇ ...

elxatrahim يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 14:38:50

ghalibjan يوللىغان ۋاقتى  2014-7-3 14:17 static/image/common/back.gif
ھېلقى ھىلان چۈشەپ قۇپۇپ   دەۋرى جەدۋىلنى يېزۋەتكەن بال ...

ئۇلا پەقەت رىۋايەت خالاس.

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 15:57:09

ghalibjan يوللىغان ۋاقتى  2014-7-3 14:17 static/image/common/back.gif
ھېلقى ھىلان چۈشەپ قۇپۇپ   دەۋرى جەدۋىلنى يېزۋەتكەن بال ...

گەپ قىلمىساڭلارمۇ قىلماڭلار ،بۇنداق مەسىلىگە كەلگەندە خاتا گەپ قىلماڭلار.

مىندىلىۋ بىلەن FriedrichA·Kekule ئىككىسى ئىككى ئادەم.
    FriedrichA·Kekule بۇ گىرمانىيەلىك خىمىك ، بىنزول ھالقىسىنى چۈشتىن ئىلھام ئېلىپ ئاددى ئىپادىلەپ چىققان.



ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 16:04:50

hoopeelover يوللىغان ۋاقتى  2014-7-3 15:57 static/image/common/back.gif
گەپ قىلمىساڭلارمۇ قىلماڭلار ،بۇنداق مەسىلىگە كەلگەن ...

ماۋۇ ھالقىنىڭ رىۋايىتىنى  مەن بىلمەيدىكەنمەن ... مىندىلىۋنىڭ چۈشى توغۇرسىدىكى گەپنىڭ تۇللۇق ئوتتۇرا  خىميەسىدە (2010  يىلى ۋە   ئۇنۇڭدىن بۇرۇن پۈتۈرگەنلەرنىڭ دەرسلىك كىتابىدا .... يېڭى دەرسلىك كىتابتا بارمۇ يوقمۇ بىلمەيمەن )  بار ئىكەنلىكىگە مەن  كىپىل ... رەسىمگە تارتىپ چىقىرىپ قۇياي دىسەم ئۇ كىتاپ ئۆيدە يېىنىمدا  يوق ... 2ئاي ساقلاپ تۇرسىڭىز رەسىمگە تارتىپ چىقىرىپ قۇياي ...

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 16:13:21

hoopeelover يوللىغان ۋاقتى  2014-7-3 15:57 static/image/common/back.gif
گەپ قىلمىساڭلارمۇ قىلماڭلار ،بۇنداق مەسىلىگە كەلگەن ...

门捷列夫 的梦   
ماۋۇ گەپنى ياكى مۇشۇنداراق گەپنى بەيدۇلاپ باقسىلمۇ مۇراد ماقسەتلىرگە يىتلا فىرىم ....


گەرچە يىلان چۈشەپ قالمىغان بولسىمۇ  ئىشقىلىپ بىرنمىە چۈشەپ قاغان ھىتىمنىڭ بىرى مۇشۇ شۇ ....

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 16:13:56

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ghalibjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-3 16:15  

تۆت مەھشۇر چۈش

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 16:47:25

ghalibjan يوللىغان ۋاقتى  2014-7-3 16:13 static/image/common/back.gif
门捷列夫 的梦   
ماۋۇ گەپنى ياكى مۇشۇنداراق گەپنى بەيدۇلاپ ب ...

مىنىڭ مۇراد مەقسىتىم نىمىدۇ ئەمدى ،بۇنى خاتالىقىڭىزنى تۈزىتىش ئۈچۈن يازدىم. مەن فىرىم ئەمەس خاتا تونىۋاپسىز .
  مۇڭغۇللارنىڭ يېزىقىنى زاڭزۇ ئالىمى ئىجاد قىلىشىپ بەرگەن دىگەندەك خاتا چۈشەنچە پەيدا بولۇپ قالمىسۇن دىمەكچى مەن.
======
ئەمدى ئىنكاس يازمايمەن   ctrl +A نى بېسىڭ.
بەت: [1]
: مېندېلېيىۋ ۋە ئېلېمېنتلار دەۋىرىي جەدىۋىلى توغرسىدا