aplapsaplap يوللانغان ۋاقتى 2014-7-2 20:30:24

يەر شارى گىئولوگىيەسى ھەققىدە دەسلەپكى ساۋات

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aplapsaplap تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-2 21:15  

ھەممىمىز يەر شارىنى بىلىمىز، لىكىن كۆپىنچىمىز يەرشارىنىڭ يۇمىلاق، قۇياشنى چۆرگىلەپ ئايلىنىش ، ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش توغۇرلۇق ئۇقۇملارنى چۈشۈنىمىز، ئازلىرىمىز يەرشارىنىڭ رادئۇسى، ئايانما ئۇزۇنلۇقى قاتارلىق سانلىق مىقدارلىرىنى بىلىمىز. لىكىن مۇشۇ سانلىق مەلۇماتلارنىڭ قانداق ھىساپلاپ چىققانلىقىنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟
باشلانغۇچ ۋە تۇللۇقسىزدا ئوقۇۋاتقان مەزگلىللەردە تارىخ، جۇغراپىيە ۋە ھەر قايسى يىشلىمىگەن سىرلارغا ئىنتايىن قىزىقاتتىم. شۇ توغۇرلۇق كىتاپلار بولسا ئىزدەپ يۈرۈپ ئوقۇيتتۇم، لىكىن ھېچ كاللامدىن ئۆتمەيدىغىنى يەرشارىنىڭ ئېغىرلىقى، ماسسىسى، ھەجمى قاتارلىق سانلىرى ئىدى. ئۇچاغلاردا كاللامغا كېلىدىغىنى قولىغا بىر تارازا ، بىر ئۇزۇن مىتىر ئېلىپ ئۆلچەش ئىدى، لىكىن تارازا مىتىر بىلەن يەرشارىنى ئۆلچەش مۇمكىن ئەمەستە. مۇشۇ خىياللار كاللامدا خېلى ئۇزۇن يۈرگەن بولسىمۇ لىكىن قول تۇتۇپ ئىزدىنىپ باقماپتىكەنمەن، بۇ تېمىنى ئوقۇۋاتقان سىزمۇ شۇنداققۇ دەيمەن. كىيىنچە تۇللۇققا چىققاندا ئاندىن ئانچە مۇنچە بىلىمگە ئىگە بولغاندا ئازتۇلا بىلدىم قانداق "ئۆلچەيدىغانلىقىنى"، ئەسلىدە ئۆلچەش ئەسلا مۇكىن ئەمەس، كىشىلەر بۇلارنى ھىساپلايدىكەندۇق.
رادىئۇس، دىئامتىر، ئايلانما ئۇزۇنلۇق، ھەجمى، سىرتىقى يۈزى قاتارلىقلارنى بىلىش ئۈچۈن  بىز رادىئۇسنى بىلسەكلا كىينكىلىرىنى بىلەلەيمىز، ئەلۋەتتە يەر شارىنىڭ يۇمۇلاق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغاندىن كىيىن.
1-يەر شارىنىڭ رادىئۇسىنى ھىساپلاش
ماتېريالدىن بىلىشىمچە ئىنسانلار يەرشارىنىڭ رادئۇسىنى ھىساپلاپ چىققىنىغا  2000يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت بولغان ئىكەن. نىمە،ئىنسانلارنىڭ  يەرشارىنىڭ شارسىمان جىسىم ئىكەنلىكىنى بىلگىىنىگە تېخى 5-600يىل بولدى دەمسىز؟ دىگىنىڭىز توغرا، سىز بىزدەك ئاددى ئىنسانلار بىلگىلى ھەقىقەتەن شۇنچىلىكلا بولدى لىكىن بىز قەدىمقى زاماندا ئارىستوتېل، پىساگوراس،ئارخىمىد قاتارلىق "ئالاھىدە" ئىنسانلارنىڭ بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالساق بولمايدۇ.
قەدىمقى گىرىتسىيەلىك ئالىملار شارسىمان جىسمىنى ئەڭ مۇكەممەل جىسىم دەپ قارىغان، شۇ نۇقتىدىن چىقىش قىلىپ يەرشارىنى شارسىمان دەپ قارىغان ۋە ئارىستوتېل ئاي تۇتۇلغاندا  يەرشارىنىڭ ئايدىكى كۆلەڭگىسىنىڭ يۇمۇلاق ئىكەنلىكىنى كۆزۈتۈپ يەرشارىنىڭ شارسىمان ئىكەنلىكىنى تۇنجى قېتىم ئىلمى ئۇسۇلدا ئوتتۇرغا قويغان شۇندىن كىيىن  يەرشارىنىڭ يۇمۇلاق ئىكەنلىكى دەسلەپ قەدەم ئالىملار ئارىسىدا تەسرگە ئىگە بولغان ۋە ئېراتوسنېس ئىسىملىك بىر قاقباش مىلادىدىن بۇرۇنقى 100-يىلاردا يەرشارىنىڭ رادىئۇسىنى ھىساپلاپ چىققان. سىز دىگەن 5-600يىلغا كەلسەك مەيجېرون 1519-يىلى  3يىلدا يەرشارىنى ئايلىنىپ چىققاندىن كىيىن يەرشارىنىڭ شارسىمان جىسىم ئىكەنلىكى تۇنجى قېتىم ئىنسانلار تەرىپىدىن تەجىربە ئارقلىق ئىسپاتلاندى، دىققەت ، ھەرگىزمۇ جېڭىخېنىڭ غەربىي ئوكيانغا قىلغان سەپرى ئەمەس. شۇڭا لاتىن ئامېركىسىدىكى بىر دېىڭىز بۇغۇزىغا مەيجېرون دېڭىز بۇغۇزى دەپ نام بېرىلگەن. توۋەندە كۆپچىلىككە بۇنىڭدىن 2000يىل بۇرۇنقى ئېراستوسنېسنىڭ يەرشارى رادىئۇسىنى ھىساپلاش ئۇسۇلنى چۈشەندۈرۈمىز.
يازلىق كۈن تۈن تەڭلىشىدىغان كۈنى، ئېراستوسنېسنىڭ بايقىشىچە قۇياش نۇرى  ھازىرقى مىسىر ئاسىۋان شەھرىدىكى سۇقۇدۇقى A  غا تىك چۈشكەندە، قۇياش نۇرى بىلەن، يەر شارىنىڭ مەركىزى بىلەن  ئالېكسادېر شەھرىدىكى  B نۇقتىنى تۇتاشتۇرغۇچى سىزىقنىڭ ئۇزارتىلما سىزىقى ئارىسىدكى Ø بۇلۇڭ 7.2گىردۇس بولىدىكەن. مۇھىم نۇقتا شۇكى نۇقتا B نۇقتا A نىڭ دەل شىمالىغا توغرا كىلىدۇ، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا بۇ ھىساپلاش ئۇسۇلى ئىشلىمەيدۇ.  قۇياش ناھايىتى يىراقتا ، تەخمىنەن 150 مىليۇن كىلومېتىر، شۇڭا بىز يەرشاىنى تەتقىق قىلغاندا قۇياشنى بىر نۇقتا دەپ قارىساق بۇلۇدۇ.  
ئىچكىرلىگەن ھالدا نۇقتا B، نۇقتا O ۋە قۇياشتىن ئىبارەت ئۈچ نۇقتا بىر يېپىق ئۈچبۇلۇڭ ھاسىل قىلىدۇ، ۋە قۇياش ئىنتايىن يىراق بولغانلىقى ئۈچۈن قۇياشنى چوققا قىلغان بۇلۇڭ چەكسىز كىچىكلەيدۇ ۋە بۇلۇڭ Ø بۇلۇڭ O غا چەكسىز يېقىنلىشىدۇ، يەنى قۇياشتىن چىقىپ A ۋە B نۇقتىغا چۈشكەن نۇرلار پاراللېل ھالەتكە كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىز يەر شارىنىڭ رادىئۇسى OA ۋە OB ئارىسىدىكى بۇلۇڭ O نى ئۆلچەپ چىققان بولدۇق، بۇ ئالىم يەنە ئەينى ۋاقىتتىكى سودىگەرلەرنىڭ ماڭغان يولىغا تايىنىپ ياي AB نىڭ ئۇزۇنلۇقىنى ھىساپلاپ چىققان، شۇنىڭ بىلەن ياي ۋە ئۇنىڭ چەمبەر مەركىزى بۇلۇڭى بىزگە ئايان بولدى، دىمەك تۇللۇقسىزنىڭ بىلىمىگە ئاساسەن يەرشارىنىڭ رادىئۇسىنى ھىساپلاپ چىقتۇق.  قەدىمقى كىشىلەرگە راستىنلا ئاپىرىن!
يۇقارقى ئۇسۇل ئارقىلىق ئېراتوسنېس ھىساپلاپ چىققان يەر شارىنىڭ رادىئۇسى تەخمىنەن  6340 كىلومېتىر، بۇ ھازىرقى بىز ئىشلىتىۋاتقان يەرشارى رادىئۇسىغا ئىنتايىن يېقىنلىشىدۇ.
يەرشارىنىڭ قۇتۇپ رادىئۇسى6357.755كىلومېتىر  ، ئېكۋاتۇر رادىئۇسى  6378.160 كىلومېتىر  ، ئوتتۇرچە رادىئۇسى 6371 كىلومېتىر  . يەرشارىنىڭ بۇنداق ئۈچ خىل رادىئۇسىنىڭ بارلىقى يەرشارىنىڭ مۇكەممەل شارسىمان ئەمەس بەلكى ئېلىپىس شارسىمان بولغانلىقىدىن ئىكەنلىكىنى بىلىسىز ھە قاچان.
يۇقارقى رەسىمدىن كۆپرەك ئويلانسىڭىز يەر بىلەن قۇياش ئوتتۇرسىدىكى ئارلىقىنىمۇ ئۆلچەپ چىققىلى بۇلۇدىكەن ، مەن بىر ئۇسۇلنى ئويلاپ قويدۇم، قېنى سىزمۇ ئويلىغىنىڭىزنى دەپ بېقىڭ.
يەر شارىنىڭ رادىئۇسىنى بىلگەندىن كىيىن ئۇنىڭ ھەجمى  ۋە ئايلانما ئۇۇنلۇقىنى ھىساپلاپ چىقرىشقا بۇلۇدۇ. لىكىن ئۇنىڭ ئېغىرلىقىنىچۇ؟ سىزنىڭمۇ ماڭا ئوخشاش تارازا يادىڭىزغا كەلدىمۇ؟ ئەخمەقلىق قىمماڭ، ماڭا ئوخشاش .
2-يەرشارىنىڭ ئېغىرلىقى ۋە زىچلىقىنى ھىساپلاش
گەرچە گېرتسىيىلىكلە يەرشارىنىڭ رادىئۇسىنى ھىساپلاپ چىققان بىلەن ، ئېغىرلىقىنى ھىساپلاشقا زادىلا ئامال قىلالمىغان. بۇ مەسىلە ئاخىرى نىيۇتون ئىسىملىك ئەنگىليەلىك بىر ئاداش دەرەخ تۈۋىدە سايىداۋاتقاندا كاللىسىغا تەگكەن بىر تال ئالما ، جوبېسنىڭ ئالمىسى ئەمەس، بىزنىڭ  ئاقسۇنىڭ خوڭپۇشىسىدەك يىسە قوساق تويىدىغان ئالما، بىلەن چۆچۈپ ئويغۇنۇپ ئالەملىك تارتىش كۈچىنى بايقايدۇ. بۇمۇ بىر ئىنقىلاپ خارەكتېرلىك بايقاش ھىساپلىندۇ، لىكىن كاللىسى سىلكىنپ كەتكەن بۇ ئاداشمۇ بۇ چۈمۈلىنىڭ تېزەك ئىتتەرگىنىدىنمۇ كىچىك ئالەملىك تارتىش كۈچى تۇراقلىق قىممىتىنى ھىساپلاشقا ئامالسىز قالىدۇ. 100 يىلدىن كىين يەنە بىر دۇنيانى ھاڭ تاڭ قالدۇردىغان ئالىم ھېنرىي كاۋېندىش 17 يېشىدا بۇ تۇراقلىق قىممەتنى ئۆلچەپ چىقىشقا بەل باغلايدۇ. ۋە تەجىربە ئۇسۇللىرىنى نۇرغۇن قېتىم ئۆزگەرتىپ ئاخىردۇنياغا داڭلىق تولغانما تارازا تەجىربە ئەسۋابىنى قۇراشتۇرۇپ ، ۋاكۇئۇملۇق تەجىربە ساندۇقىدا ئالەملىك تارتىش كۈچى تۇراقلىق قىممىتىنى ئۆلچەپ چىقىدۇ.تۆۋەندىكىسى ئۇنىڭ  تولغانما تارازا تەجىربە  ئەسۋابى. قىزىل شارنىڭ  كۆك شارغا بولغان تارتىش كۈچى كۆك شار  ئېسىلغان يىپدا مىكرو ھالەتتىكى تولغۇنۇشنىى ھاسىل قىلىدۇ. بۇتولغۇنۇشنى كۆزۈتۈش ئۈچۈن يىپقا بىر قاتۇرما ئەينەك ئاسىدۇ، ۋە ساندۇق سىرتىدىن كىرگەن يۇرۇقلۇق قايتۇرما ئەينەكتىن قاتىپ ئۇزۇنلۇق ئۆلچۈگۈشكە يىتىپ كىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ كۆزۈتۈش مۇمكىن بولمىغان تولغانما ئۆزگۈرۈش كۆرگۈلى بولۇدىغان ھالەتتە ئۇزۇنلۇق ئۆلچۈگۈشتە پەيدا بۇلۇدۇ. قايتۇرما ئەينەكتىن ئۇزۇنلۇق ئۆلچۈگۈشكىچە بولغان ئارلىق قانچە چوڭ بولسا، بۇ مىكرو تولغۇنۇشنىڭ چوڭۇيۇش نىسبىتى شىۇنچە چوڭ بۇلۇدۇ. شۇ ئارقىلىق ھېنرىي كاۋېندىش ئالەملىك تارتىش كۈچى تۇراقلىق قىممىتىنى ئۆلچەپ چىقىدۇ. ئۇ ئۆلچەپ چىققان قىممەت بولسا 6.754*10^-11. مۇشۇنچىۋالا كىچىك ساننى ئۆلچەپ چىققاندىكىن ئۇنىڭ مۇۋاپپىقىيتىنى ئېتراپ قىلالماي تۇرالمايسىز، ئەگەر مۇشۇ تۇراقىلىق قىممەتنى بۇ كاۋېندىش ئۆلچەپ چىقمىغان بولسا، ئەركىنكامنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ناسادىكى كىشىلەر ئشسىز قالغان بۇلاتتى ،چاقچاق جۇما ماۋۇ.
يەر شارىنىڭ رادىئۇسى ، ئالەملىك تارتىش كۈچى تۇراقلىق قىممىتى قاتارلىقلار بولغاندىن كىيىن يەرشارىنىڭ ئېغىرلىقى، زىچلىقى قاتارلىقلار ئۆزلىكىدىن چىقىدۇ، بۇيەردە ئۇلارنى دەپ ئولتۇرماي.
3-يەرشارىنىڭ ئىچكى تۈزلۈش ئالاھىدىلىكى
يەر شارى ئۈستىدىن ئىچىگە قاراپ، يەر پوستى، يەر مانتىلى   ،ۋە يەر يادروسىدىن تۈزۈلگەن. يەر پوستى ئىنتايىن نىپىز بۇلۇپ نەچچە كىلومېتىردىن 80 كىلومېتىرغىچە بۇلۇدۇ، ئوتتۇرچە چوڭقۇرلۇقى 33~35كىچە بۇلۇدۇ، ئەگەر يەرشارىنى ئاقسۇنىڭ رادىئۇسى 5 سانتېمتىر بولغان يوغان ئالمىسىغا ئوخشاتساق،ئىنسانلار ھەركەت قىلىدىغان رايۇن  قېلىنلىقى 0.156مىللىمېتىر بۇلۇپ، ئاشۇ ئاقسۇ ئالمىسىنىڭ شۆپۈكىگە تەڭ كىلىدىغان بۇلۇپ، ئىنسانلار شۇ شۆپۈكنىڭ ئۈستۈدىكى ۋىرۇسلارغا تەڭ كىلىدۇ. لىكىن يەرشارىنىڭ بۇ تۈزلۈشلىرىنمۇ بىۋاستە كۆزۈتۈپ، تۈرلەرگە ئايرىش مۇمكىن ئەمەس، ھازىرغىچە ئىنسانلار بۇرغۇلاش ماشىنىسى ئارقىلىق بۇرغۇلىغان ئەڭ چوڭ چوڭقۇرلۇق 13كىلومېتىركەن، بۇ يەر پوستى ئوتتۇرچە قېلىنلىقىدىن كىچىك.  ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇرۇقلۇق پوستى دېڭىز پوستىدىن قېلىن بولغاچقا ، بۇچۈنكى دېڭىز پوستىنىڭ يېڭى، قۇرۇقلۇق پوستىنىڭ كونا بولغانلىقىدىن بۇلۇدۇ، دېڭىز پوستى دېڭىز ئوتتۇرا دۈمبەلچىسىدىن ئېتىلىپ چىقىپ قۇرۇقلۇق پوستى ئاستىغا شۇڭغۇپ كىرىپ مۇشۇ ھالەتتە دەۋرىيلىنىپ تۇرغاچقا دېڭىز پوستى نىپىز ۋە يېڭى، قۇرۇقلۇق پوستى قېلىن ۋە كونا بۇلۇدۇ. شۇڭا ئىنسانلار بۇرغۇلىغان ئەڭ چوڭقۇر قۇدۇقمۇ ، قۇرۇقلۇقتا بولغانلىقى ئۈچۈن يەر پوستىنى تىشپ ئۈتەلمەيدۇ، ئەلۋەتتە بۇ ئەڭ مۇھىم ۋە ئاساسلىق ئامىل ئەمەس، ئەڭ ئاساسلىقى تېخنىكا. شۇڭا يەر ئىچكى تۈزلۈشىنى كۈزۈتۈشتىكى ئەڭ ياخشى ئامال دولقۇن،يەر تەۋرەش ۋە  يانار تاغ پارتلىغاندا يەر يۈزىگە ئېلىپ چىققان يەر چوڭقۇر قاتلىمىدىكى ماددىلارنى تەتقىق قىلشتۇر.
يەر شارىنىڭ ئوتتۇرچە زىچلىقى 5.52، يەر يۈزى تاشلارنىڭ ئوتتۇرچە زىچلىقى 2.67، سۇنىڭ بولسا 1.03. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بۇلۇدىكى يەرشارىنىڭ ئىچكى قىسمىغا كىرگەنسىرى يەر تۈزگۈچى ماددىلارنىڭ زىچلىقى چوڭۇيدۇ.
يەرئۈستۈنكى مانتلىنىڭ ئۈستۈنكى  قىسمى ۋە يەر پوستى بىرلىكتەلىتوسفېرا( تاش چەمبىركى)نى  ھاسىل قىلىدۇ ئىسمىدىن كۆرۈشكە بۇلۇدىكى بۇ قىسمى پۈتۈنلەي قاتتىق تاشلاردىن تۈزۈلگەن. بۇمۇ قۇرۇقلۇقتا قېلىن ، دېڭىزدا نىپىز بۇلۇدۇ. ئوتتۇرچە قېلىنلىقى 80 كىلومېتىېر ئەتراپىدا بۇلۇدۇ. زىچلىقى 3.25، ھەجمى يەر شارىنىڭ 3.72%نى ئېغىرلىقى يەرشارىنىڭ 2.19%نى ئىگەللەيدۇ.
يەر مانتىلىنىڭ قالغان قىسمنىڭ ئۈستى ئېرىتمە ھالەتتە، ئاستى قاتتىق ھالەتتە بۇلۇدۇ، يەر سىرتقى يادروسى سۇيۇقلۇق ھالەتتە، ئىچكى يادروسى قاتتىق ھالەتتە بۇلۇدۇ، بۇيەرنىڭ زىچلىقى 13كە، تېمپىراتۇرسى 6000گىرادۇسقا يېتىدۇ.
4-يەرشارىنىڭ فىزىكىىلىق ئالاھىدىلىكى
يەرشارىنىڭ زىچلىقى، ماسسسى، تۈزلۈشنى سۆزلەپ بولغاندىن كىيىن، ئەمدى تېمپىراتۇرا، تارتىش كۈچى ۋە ماگنىت مەيدانى توغۇرلۇق قىسقىچە توختۇلۇمىز.
4.1 تېپمراتۇرا: يەر يۈزىدىن 15كىلومېتىرغىچە بولغان چوڭقۇرلۇقتا، يەر تېمپراتۇرسى پەسىل ۋە كۈن-تۈن ئۆزگۈرۈشكە ئاساسەن ئۆزگۈردۇ. 15-25كىلومېتىرغىچە بولغان ئارلىقتا ئۇزۇن مۇددەت ئۆزگەرمەيدۇ. ئەمما بۇنىڭدىن چوڭقۇر بولغان قىسمىدا ھەر 100مىتىردا 3 گىرادۇس ئۆزگۈردۇ، نىمە؟( يەرشارىنىڭ رادىئۇسى -25 )بۈلۈنگەن 0.1 = 60000گىرادۇستىن ئېشىپ كەتتى ؟خا خا خا،،، بۇنداق ئۆزگۈرۈش يەر يۈزىدىن 50 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇققا بارغاندا كىچكلەيدۇ، شۇڭا يەر يادروسىنىڭ تېمپراتۇرسى  6000گىرادۇس ئەتراپىدا توختايدۇ.

4.2 تارتىش كۈچى:  بۇ يەردە دىگەن تارتىش كۈچى ɡ   بۇلۇپ، يەرشارىنىڭ تارتىش كۈچى ۋە مەكەزدىن قېچىش كۈچىنىڭ يىغىندىسى. ئەگەر يەرشارى، مۇكەممەل شارسىمان، ئىچكى تۈزلۈشى تەكشى، ھەركەت قىلمايدىغان پىلانىت بولغان بولسا،ɡ يەرشارىنىڭ تارتىش كۈچىگە تەڭ بولغان بولاتتى.تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك يەر ئاستىدا يۇقرىزىچلىقىتكى ماددا بولساɡ چوڭۇيدۇ، زىچلىقى ئوتتۇرچە زىچلىقىتىن كىچىك ياكى، يەر ئاستى تاشلار كاۋاك بولساɡ كىچىكلەيدۇ. شۇڭا بۇ ئۇسۇل ئارقلىق يەر ئاستى مىتاللىرىنى ئىزدەش ئىنتاين قۇلايلىق بۇلۇپ، ئېغىرلىق كۈچىدىن پايدىلىنىپ قېدىرىپ تەكشۈرۈش ئايرىم پەن بۇلۇپ باشقا پەنلەردىن ئايرىلىپ چىقىپ بولدى.

4.3 يەر ماگنىتى:  يەر ماگنىتى يەر تەركىبىدىكى ماگنىتلىق ماددىلارنىڭ ماگنىتىنىڭ قۇشۇلىشىدىن ھاسىل بولغان   بۇلۇپ، بۇ مىقدارمۇ يەر ئاستىدىكى ماگنىتلىق ماددىنىڭ ئا ز كۆپلىكىگە ئاساسەن ئۆزگۈردۇ. مەسلەن 5-رەسىمدىكى سول تەرەپتىكى رەسىمدىكى ماگنىت مەيدانى يەر ئاستىدا تۆمۈر رۇدىسنىڭ بولغانلىقى ئۈچۈن چوڭايغان.  يەرنىڭ بۇ خىل ئالاھىدىلىكمۇ رۇدا، نېفىت ۋە گازلارنى تېپىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇرۇن بىر ئاڭلىغان گەپچە چىڭگىزخانمۇ ئىشقىلىپ بىرسى ئات چاپتۇرۇپ كېتىۋاتسا ئات تۇيۇقسىز چاپالمىغان، ئەسلىدە ئاتنىڭ تاقىسى يەرگە چاپلىشىپ قالغان ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۇيەردە بىر رۇدا كېنىنى بايقاپ، ساۋۇت دۇبۇلغا ياسىغان، ئەگەردە بۇ ھىكايە راست بولسا، بۇنى تۆمۈر رۇدىسىنىڭ كۆپلۈكىدىن ھاسىل بولغان ماگنىت مەيدانى ئات تاقىسىنى ئۆزىگە تارتقانلىقىدىن بولغان دىسەك بۇلۇدۇ.
يەرنىڭ بۇخىل ماگنىتلىق ئالاھىدلىكى بىزنى يەنە قۇرۇقلۇقنىڭ ھەركىتى ۋە ھەركەت يۆنۈلىشىنى مۇھىم  يىپ ئۇچى بىلەن تەمىن ئىتىدۇ.  يەر ماگنىتىنىڭ يۆنۈلىشى بولغاچقا، بىز قەدىمقى يەر قاتلىمىدىكى ساقلىنىپ قالغان يەر ماگنىت مەيدانى يۆنۈلىشىنى ۋە چوڭ كىچىكلىكىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق ھەر قايسى چوڭ قۇرۇقلۇق پارچىلىرىنىڭ ھەربىر دەۋرىدىكى جۇغراپىيلىك نىسبەتەن ئورنىنى بىكىتەلەيمىز. ئەلۋەتتە بۇ يەردە دىيلۋاتقىنى يەر ماگنىتىنىڭ يۇقارقى نەزىريەلەرنى ئىسپاتلىشىنى كۆرسۈتۈدۇ، قۇرۇقلۇق ھەركەت نەزىريىسى ئەلۋەتتە لاتقا چۆكمىلەرنىڭ تارقلىشى، مۇز دەۋرى تاشلاندۇق ماددىلىرىنىڭ تارقىلىشى، قەدىمقى ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانلارنىڭ تارقىلىشى، ھازىرقى قۇرۇقلۇق سىرتقى شەكلنىىڭ بىربىرىگە كىرشىشى، يانار تاغ، يەر تەۋرەش بەلبېغىنىڭ تارقىلىشى قاتارلىق بىر قاتار ئىسپاتلار ئاساسىدا بارىلىققا كەلگەن بۇلۇپ،يەر ماگنىتى يۇقارقىلارنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئىسپاتلىغان.
290مىليۇن يىل ئىلگىرى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ قۇرۇقلۇق پەنجىيا ۋە دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ ئوكيان پەنسلاسسا بار بۇلۇپ، پۈتۈن قۇرۇقلۇق بىربىرىگە چاپلىشىپ پەنجىيا دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ قۇرۇقلۇقنى ھاسىل قىلغان بولسا، قالغان قىسىمى دېڭىز بۇلۇپ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ ئوكيان پەنسلاسىسانى ھاسىل قىلغان.
250مىليۇن يىل ئىلگىرى، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ قۇرۇقلۇق پەنجىيا پارچىلىنىپ لاۋۇرئاسىيا ۋە گونۋانا قۇرۇقلىقىنى شەكىللەندۈرگەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە قۇرۇقلۇق بىلەن قۇرۇقلۇق ئارىسىدا ئوتتۇرا دېڭىز ھاسىل بولغان.
163مىليۇن يىل بۇرۇن گونۋانا چوڭ قۇرۇقلۇقى پارچىلنىپ ئافرىقا ۋە جەنۇبى ئامېرىكا قۇرۇقلۇقىنى پەيدا قىلغان شۇنىڭ بىلەن  جەنۇبى ئاتلانتىك ئوكيان ھاسىل بولغان.
60مىليۇن يىل بۇرۇن،شىمالى ئاتلانتىك ئوكيان پارچىلانغان ۋە شىمالي ئافرىقا بىلەن ياۋروپا ئايرىۋىتىلگەن. يۇقارقى رەسىملەرگە قارىغاندا 3-رەسىمدىن باشلاپ ھىندىستانغا دىققەت قىلسىڭىز، ھىندىستان قۇرۇقلۇقىنىڭ ئەسلىدە جەنۇبى يېرىم شاردىن كەلگەنلىكىنى كۆرۈسىز. ھىندىستاننىڭ جەنۇبى يېرىم شاردىن كېلىپ بىزنىڭ ئاسىياغا سوقۇلىشىدىن چىڭخەي تىبەت ئېگىزلىكى ۋە چۇمۇلاڭما چوققىسى ھاسىل بۇلۇدۇ. شۇنچە يىراقتىن كىلىپ سوقۇلغاچقا دۇنيانىڭ ئۆگىزسىنى ھاسىل قىلغان ئوخشايدۇ . راستىنلا شۇنداقمۇدۇ؟ خا ھا ھا ھا ،،مۇشتاق بۇلۇشىمۇ مۇمكىن، لىكىن يەنە بىر سەۋەبىمۇ بار، ھىمالايا تاغ تىزمىسى دۇنيادىكى ئەڭ ياش تاغ ھىساپلىندۇ، ھىمالايا تاغ ياساش ھەركىتى بىزگە ئەڭ يېقىن چوڭ تاغ ياساش ھەركىتى ھىساپلىندۇ. سۇ، شامال،بوران چاپقۇن، قار مۇز ھەركىتى ، يەر تەۋرەش دىگەنلەرنىڭ ھەممىسى تاغچىرىتىش ھەركىتى، ئادەملەر ئارىسىدىكى ياشلار ئىشتاننى ئاز يىرتقانغا ئوخشاش،نىسبەتەن ياش بولغان ھىمالايا تېغىمۇ "ھاياتنىڭ " بوران چاپقۇنلىرىنى كىلىمانجارو، تۆمۈر چوققىسى قاتارلىق داڭلىق تاغ ۋە چوققىلاردەك كۆپ باشتىن كەچۈرمىگەن، بۇمۇ چۇمۇلاڭما چوققىسىنىڭ ئەڭ ئىگىز چوققا بۇلۇشىنىڭ، ھازىر ئۆلچىگەندە بۇرۇنقىغا قارىغاندا پاكارلاپ قالغانلىقىنىڭ بەزى سەۋەبى.
بۇتىما سەل چوقماق بۇلۇپ قالدى، قىزىقساڭلا كۆرەسىلە، بەك يېڭى ئۇقۇملارمۇ يوق، كۆپىنچىسى ئالى مەكتەپ دەرسلىكىدىن ئېلىنغاچقا، نەقىل ئېلىنغان كىتاپ تور بەتلەر ئەسكەرتلىمىدى.

Tepekkurchi يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 02:49:02

ئىسمىڭىز ئەپلەپ سەپلەپ بولغان بىلەن ماقالىنى خىلى ئەستايىدىل يىزىپسىز. :D
كەسىپىڭىز جۇغراپىيەمۇ يا گېئولوگىيەمۇ؟

ququk0411 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 07:19:33

مەندەك گىئولوگىيە كەسپىدە ئوقۇۋاتقانلار ئۈچۈن ياخشى ماتىريال ئىكەن،ئالىي مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىقىدا مۇئەللىم سۆزلىگەن مەزمۇنلار بىلەن ئاساسەن ئوخشايدىكەن،لېكىن ئۇيغۇر تىلىدىكى بۇنداق ماقالىنى تېخى كۆرۈشكە پۇرسەت بولمىغان ئىدى،رەھمەت سىزگە{:112:}

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 07:57:33

ئۇزۇندىن بۇيان مەن بىلەلمەي كېلىۋاتقان بىر مەسىلە بار
يەر شارىنىڭ مەلۇم بىر يېرىدە تۇرۇۋاتقان بولسام بۇ يەرنىڭ كوردىناتىنى GPS قاتارلىق ئىلغار ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەتمەي تۇرۇپمۇ قولدا ئاددى ئۇسۇل ئارقىلىق بىلىشكە بولامدۇ ؟

durak يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 08:08:16

  ياخشى ماقالە ئىكەن . ئوغلۇم بۇ يىل مۇشۇ كەسپكە ئوخشاپ كېتىدىغان يەرشارى فىزىكىسى دەيدىغان كەسپكە قوبۇل قىلىنغان ، ئوقۇپ بەرسەم كەسپىگە نىسبەتەن دەسلەپكى تونۇش شەكىللىنىدىكەن ، ئوبدان ئەجىر قىپسىز .

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 08:34:23

ququk0411 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-3 07:19 static/image/common/back.gif
مەندەك گىئولوگىيە كەسپىدە ئوقۇۋاتقانلار ئۈچۈن ياخشى م ...

ئۇيغۇرچىسى بولسا پايدىسى كۆپ، ئالدى بىلەن چۈشىنىۋالغاندىن كىيىن خەنزوچىسىنى ئۇقۇغاندا يەنە خەنزوچە ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارىڭىزمۇ ئاشىدۇ. مائارىپمۇ بۇ نۇقتىنى ئويلاشمىسا ھازىرقى يەككە باشقا تىل مائارىپى بىزگە بىر توپ گالۋاڭ يىتىشتۈرۈپ بېرىدۇ...

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 09:41:32

مۇشۇ ئارىستوتىل زادى قانداق ئادەمدۇ ؟؟؟؟

aplapsaplap يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 09:56:13

RE: يەر شارى گىئولوگىيەسى ھەققىدە دەسلەپكى ساۋات

Tepekkurchi يوللىغان ۋاقتى  2014-7-3 02:49 static/image/common/back.gif
ئىسمىڭىز ئەپلەپ سەپلەپ بولغان بىلەن ماقالىنى خىلى ئەس ...

بىكارچىلىقتا يېزىپ  قويغانتىم،،بەك تەس چوڭقۇر نەرسىلەرنى يازالمىغاندىكىن مۇشۇئاددىراق  تىمىنى ئالدىراپلا يېزىۋالدىم يامانلا يېزىۋالسا ماڭا قالماسمىكى دەپ.
تەپەككۈرچى ئاكىمىزغا يارىغان بولسا خۇش بولدۇم.
مەن گىئولوگىيە ئوقۇغان.

fireuyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 09:58:47

نىمە ئۇ مەيجېرون،پەنجىيا دىگەن؟ئۇيغۇرچىسىنى تاپالمىساڭلار ئىنگىلىزچە ئىسمىدىن پايدىلىنڭلا باللا،مەيجېرون ئەمەس ماگىللان دەيمىز.

aplapsaplap يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 10:16:28

RE: يەر شارى گىئولوگىيەسى ھەققىدە دەسلەپكى ساۋات

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aplapsaplap تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-3 10:31  

iltersh يوللىغان ۋاقتى  2014-7-3 07:57 static/image/common/back.gif
ئۇزۇندىن بۇيان مەن بىلەلمەي كېلىۋاتقان بىر مەسىلە بار
...

تامەمەن مۇمكىن. ھەر قانداق يەرنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلكى بۇلۇدۇ، جۇغراپىيە، بىئولوگىيە، ئاستىرونومىيە ،گىئولوگىيەئىلىمىدىن خېلى كۆپ نەرسىلەرنى بىلسىڭىز، دەرەخلەرنىڭ تۈرى، يۇپۇرماقنىڭ يىڭنىسىمان ياكى تەڭگىسىمان ۋە ياكى كەڭرى شاپلاقسىمان ئىكەنلىكى، يۇپۇرماق تاشلاش تاشلىماسلىقى، چىققان شامالنىڭ چوڭ كىچىكلىكى,يۆنۈلىشى، ھاۋانىڭ بۇلغۇنۇش دەرجىسى,سۇ تەركىبى، ئېقىنلارنىڭ ئېقىش يۆنۈلىنىشى,تۇز مىقدارى، تاغنىڭ يېشىللىق ئەھۋالى، تاغ تاشلىرنىڭ رەڭگى، تۇپراق رەڭگى  ، قۇياش چىقىش پېتىش ۋاقتى،ئۇنىڭدىنباشقا ئالاھىدە ھايۋان قاتارلىقلارغا تايىنىپ، دېڭىزدا بولدا دېڭىز سۈيىنىڭ ئېقىشى ،تۇز مىقدارى قاتارلىق مەن بىلىدىغان ۋە بىلمەيدىغان بىر قاتار ئالاھىدىلىككە ئاساسەن تەخمىني پاراللېل ۋە مېردىئانلارنى بېكىتكىلى ۋە دائىرسىنى تارايتقىلى بۇلۇدۇ،،لىكىن بۇنداق كىشىلە كۆپىنچە ۋوللىۋودنىڭ كىنولىرىدا مەسلەن رامبونىڭ شىماسىنگىر بىلەن ئىشلىگەن ئەپچىللىك بىلەن قېچىش دىگەندەك كىنولىرىدا ئۇچۇرايدۇ،،تۇرمۇشتىكى ‘دالادا جان ساقلىغۇچىwild surviver’ لارمۇ قىلالىشى مۇمكىن

aplapsaplap يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 10:29:12

RE: يەر شارى گىئولوگىيەسى ھەققىدە دەسلەپكى ساۋات

fireuyghur يوللىغان ۋاقتى  2014-7-3 09:58 static/image/common/back.gif
نىمە ئۇ مەيجېرون،پەنجىيا دىگەن؟ئۇيغۇرچىسىنى تاپالمىس ...

ماگىللان دىگەن پەقەت ئىسىمگە كەلمەپتۇ،،بولمىسا باشقا ئۇقۇملارنى ئنگىلىزچىدىن ئېلىشقا تىرىشقان، كاللامدا نەدىن ئاڭلىدىم مەيجېرون دىگەن ئىسىم قاپتىكەن ،ئۇيغۇرچە شۇنداق ئاتايدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قاپتىمەن. تۈزۈتەي دىسەم، ۋاقىت ئۆتەپ كىتىپ تەھرىرلىك ھوقوقۇم يوق بۇلۇپتۇ،،كەچۈرۈڭلا.
پەنجىياغا كەلسەك ئىنگىلىزچە pangea دەيدىكەن، خەنزۇچە泛古陆دەيدىكەن. پەنجى دىگۈچە پەنجىيا دەپ ئاپتىكەنمەن  ئىغىزغا يىقىنمىكىن دەپ،،ئەنگىليە گېرمانىيە دىگەندەك پەنجىيە دىسەممۇ  بوغان باشتا،،يەنە بىر كەچۈرۈڭلا!

aplapsaplap يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 10:37:43

RE: يەر شارى گىئولوگىيەسى ھەققىدە دەسلەپكى ساۋات

ququk0411 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-3 07:19 static/image/common/back.gif
مەندەك گىئولوگىيە كەسپىدە ئوقۇۋاتقانلار ئۈچۈن ياخشى م ...

بۇ يازغان بىر نەسە گىئولوگىيە ئوقۇغانلاغا ماتېريال بۇلاممايدۇ،تېيىز ئاددى نەرسىلە،،باشقا ساھە كىشىلىرى كۆرەپ قويسا چۈشۈنۈپ قويسا بۇلۇدۇ. مۇشۇ كەسىپتىكى كىشى بولسىڭىز چوڭقۇر مەزمۇنلۇق كىتاپلا خېلى جېق
ھە رەس ئىمزايىىمز ئوخشايدىكەن، لىكىن مىنىڭ ئۆزەمنىڭ ئىجادىيتى جۇمۇڭ،،كىيىن دەۋا قىلسىڭىز ئاقمايدۇ،،قېنى ما 32چىشنىڭ چىراي ئىپادىسى

Tepekkurchi يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 13:26:57

aplapsaplap يوللىغان ۋاقتى  2014-7-3 09:56 static/image/common/back.gif
بىكارچىلىقتا يېزىپ  قويغانتىم،،بەك تەس چوڭقۇر نەرسىل ...

ئوقۇشىنى تۈگەتتىڭىزمۇ؟ ھازىر خىزمەت قىلىۋاتامسىز ياكى؟
ۋاقتىڭىز بولسا قورۇقلۇقلارنىڭ يۆتكىلىش تەلىماتى (plate tectonics) توغۇرلۇق سۈرەتلىك قىلىپ ئايرىم بىر تىما يوللىسىڭىز. بۇ تىما بەك قىزىقارلىق، ئىزدىنىشتىكلەرگە  ئىنىقلا خوش ياقىدۇ.

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 14:42:11

شىمالى قۇتۇپ يۇلتۇزىنىڭ بۇلۇڭ گىرادۇسىنى ئۆلچەپ  مۇشۇ بۇلۇڭ گىرادۇسى ئۇزۇنلۇق،گىنومون ۋاقتى بىلەن ئۆلچەملىك سائەت پەرقى كەڭلىك بولىدۇ
مەن مۇشۇ ئاددى ئۇسۇلدىن باشقا ئۇسۇللارنى بىلگۈم بار

aplapsaplap يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 16:56:22

RE: يەر شارى گىئولوگىيەسى ھەققىدە دەسلەپكى ساۋات

durak يوللىغان ۋاقتى  2014-7-3 08:08 static/image/common/back.gif
ياخشى ماقالە ئىكەن . ئوغلۇم بۇ يىل مۇشۇ كەسپكە ئوخشاپ  ...

مۇبارەك بولسۇن ئوغلۇڭىزغا!توڭجى ئۇنۋېرستىتى ئەمەستۇ ھە ئۆتكىنى?يەر شارى فىزىكىسى قوللۇنىشچانلىقى يۇقرى پەن، لىكىن ماتىماتكىغا تەلىپى ئىنتايىن يۇقرى،مەن يۇقرىدا دىگەندەك ئېغىرلىق كۈچى ، يەر ماگنىتى قاتارلىقلارنى ھىساپلاش ئۈچۈن بىر پاتمان ماتىماتكىلىق جەريان كىتىدۇ،،ئىستىقبالى زور كەسىپ.

durak يوللانغان ۋاقتى 2014-7-4 23:22:32

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   durak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-4 23:23  

aplapsaplap يوللىغان ۋاقتى  2014-7-3 16:56 static/image/common/back.gif
مۇبارەك بولسۇن ئوغلۇڭىزغا!توڭجى ئۇنۋېرستىتى ئەمەستۇ ...

رەھمەت ، شۇنداق ئىكەن ، ماتېماتىكا ۋە فىزىكا نەتىجىسىگە ئالاھىدە نومۇر تەلىۋى بار ئىكەن ، قىيىنلىق دەرىجىسى ئالى مەكتەپنى پۈتتەرسە ماتېماتىكا ، فىزىكا ۋە گېئولوگىيە 3پەندە 2.5 شھاادەت ئالغاندا تەڭ كىلەرمىش ، لېكىن ئوقۇش ئىرادىسى كۈچلۈك ئىن شاا ئاللاھ ياخشى ئوقۇپ كىتەر ...

aplapsaplap يوللانغان ۋاقتى 2014-7-5 12:11:00

RE: يەر شارى گىئولوگىيەسى ھەققىدە دەسلەپكى ساۋات

Tepekkurchi يوللىغان ۋاقتى  2014-7-3 13:26 static/image/common/back.gif
ئوقۇشىنى تۈگەتتىڭىزمۇ؟ ھازىر خىزمەت قىلىۋاتامسىز يا ...

ھازىر خىزمەت قىلۋاتقان،لىكىن يوقنىڭ ئورنىدا،خۇدا بۇيرىسا سىزدەك ئاكىلىرمىز ماڭغان يولدا ماڭامەن.
دىمىسىمۇ شۇكەن، باكلاۋۇرلۇقتا ئۆگەنگىنىمنى ئويلاپ باقسام، كۆپىنچىسى ئېنىقلىما ئىكەن، تۈزۈك يازغۇدەك بىر نەرسە يوق، ئاخىرغا قۇرۇقلۇق ھەركىتىنى قىستۇرۇپ قويغان ئىدىم،ئەمدى ۋاقتىم چىقسا كەڭەيتىپ يېزىپ باقاي.
بەت: [1]
: يەر شارى گىئولوگىيەسى ھەققىدە دەسلەپكى ساۋات