hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 16:29:34

ماۋۇ ئىسسىمنى ياقتۇردۇم ھەم تەۋسىيە قىلىمەن
ﻓﺎﺋﯩﺰﻩ : ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﻣﯘﺭﺍﺩﯨﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﯜﭼﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ.

UyghurBalisi يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 16:34:54

ۋاي ۋاي! ما تېمىدا ئالامەت ئېسىل ئىسىملار يېغىپ كەتتى جۇما ئەزىزلەر، ما تېما ئۇزارغاندا ئاۋۇ ئىسىملارنى ئوبدان بىر رەتلەپ ساقلىۋالماي بولمايدۇ، بىزلەرگىمۇ بىر نەچچە يىلدا توي قىلساق ئاللاھ پەرزەنت بېرىپ قالغاندا موكلا تاللاپ قويىمىز، ئىسىم تېپىشمۇ تەس ئىش جۇما بولمىسا، ئى ئاللاھ، ماڭىمۇ سالىھ بىر جۈپنى ھەمراھ قىلىپ بەرگىن، سالىھ پەرزەنتلەرنى ئاتا قىلغىن، ئامىن!

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 16:40:23

ئەرەب تىلى يامان نازۇك تىلكەن، ئەرەبچە ئۆزىنىڭ مەنىسى بىلەن ئۇيغۇرچە ئاھاڭدا ئوقۇلىشىنىڭ ئارىسىدا نۇرغۇن پەرق بارلىقىنى بىلسەك، ئالدىراپ ئەرەبچە ئىسىم قوللانمىغان بولاتتۇق.

فائىزە034 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 18:08:34

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   فائىزە034 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-3 18:20  

مېنىڭچە ئەدىنە دېگەن ئىسىم بەك چىرايلىقكەن:victory:
مەن ئىككى ئىسىمنى تەۋسىيە قىلاي: قىز بولسا سەدەف، ئوغۇل بولسا مۇھسىن .
hoopeelover@ فائىزە دېگەن ئىسىممۇ خېلى يامان ئەمەس بوپ قويىدۇ;P

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 19:16:17

بالىلار ,تۇمارسنىڭ تارىخنى دەپ بېرىڭلار بىلىدىغانلار

ismail يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 19:33:46

مەھەللىڭىزدە بىرەر موللا ئۆلىما يوقمۇ؟

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 19:47:12

تارىختىكى« ئايال خاقان تۇمارىس» ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ئۇلۇغ ئانىسى ، ئەقىل-پاراسەتلىك ، باتۇر يۈرەكلىك ،ۋەتەنپەرۋەر تۇران ( 7-ئەسىرگىچە ئۇيغۇرلار تۇران دەپ ئاتالغان )خوتۇن-قىزلىرىنىڭ شانلىق ئۈلگىسى بولغان ،سىر دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى ماساجىتلارنىڭ ئايال خاقانى مەلىكە تومېرىس( يەنى ، ئەسلى تۆمۈر بولۇپ،يۇنانچە ئاتىلىشى تۇمارىس، تۆمۈرىس دەپ ئاتىلىپ كەلگەن) ئالپ ئەرتوڭا (تۇران ئېمپىراتۇرلىقىنىڭ خاقانى بولۇپ،دۇنيادىكى ئەڭ مەشھۇر خاقانلاردىن بىرى )نىڭ ئەۋرىسى ئىكەنلىكى ئېھتىمالغا ناھايتى يىقىن. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، ئىران -ئەھمانىلار سۇلالىسىنىڭ پادشاھى كەيكاۋۇس( يۇنانچە كىروس) ماساجىتلارنىڭ ئايال خانى تومېرىسقا ئۆيلىنىش تەكلىپى قويغان،تومېرىس بۇنى رەت قىلغاندىن كيىن، كەيكاۋۇس بۇنى ئۆزىگە ھاقارەت بىلىپ،ماساجىتلارنىڭ يۇرتىغا ھۇجۇم قىلغان. ئۇرۇشتا تومېرىسنىڭ باش قوماندان ھەم ۋەلىئەھدى بولغان ئوغلى سىيارغاس يارىدار بولۇپ ئەسىرگە چۈشكەن، سىيارغاس ئەسىرلىكىنى ئۆزىگە نۇمۇس بىلىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغان. ئوغلىنىڭ ئۆلۈمدىن قاتتىق غەزەپكە كەلگەن ئايال خاقان تومېرىس چوڭ بىر قوشۇن بىلەن كەيكاۋۇسقا ھۇجۇم قىلدۇ،رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، شۇ زامانغىچە ،ھىچبىر بۇنداق مىسلى كۆرۈلمىگەن ئۇزۇن ۋە قانلىق ئۇرۇش خېلى زامانغىچە داۋام ئېتىدۇ، ئاخىرى،ماساجىتلار غەلبە قىلىپ ئېران قوشۇنلىرىنىڭ بۆيۈك قىسمى ئۆلۈپ،ئاز بىر قىسمى قېچىپ قۇتۇلىدۇ. مەلىكە تومېرىس ئۆلگەنلەرنىڭ ئارسىدىن كەيكاۋۇسنىڭ جەسدىنى تاپقۇزۇپ،بېشىنى كىسىپ، قان بىلەن تولدۇرۇلغان تولۇمغا ئېسپ قويۇپ؛«مەن غەلبە قىلدىم ھەم ياشاۋاتىمەن! سەن ھىيلە بىلەن ئوغلۇمنى مەندىن ئايرىدىڭ! قانغا تويمىغان قانخور ،ئەمدى مەن سىنى قانغا تويغۇزىمەن!» دەپ ئۆچىنى ئالغانمىش.(مىلادىدىن ئىلگىرى 520-يىلى)
پايدالانغان ماتېرياللار:

1.«ئۇيغۇر خەلق ئەدەبىياتى» 2.سىماچىيەن، «تارىخى خاتىرلەر»
ۋىكىپىدىيەدىن كۆچۈرۈلدى

izchi يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 19:51:48

سۇرەييا ( ثريا ) قويسىڭىزمۇ بولىدۇ . مەنىسى ( يۇلتۇز ) دىگەن بولىدۇ .

alga~nap يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 20:06:54

قىزىڭىزنىڭ يۇرۇق دۇنياغا كۆز ئاچقىنىنى تەبرىكلەيمەن.
قىزىمنىڭ ئىسمى دەريا. ئوغلۇمنىڭ ئىسمى دېڭىز

Meryem يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 21:25:19

رەيھانئاي
رەيھانگۈل

ئىسمى چىرايلىق ئۆزىمۇ چىرايلىق چوڭ بولىدۇ...
مەن سۇ ھەممىنى بىلىدۇ دېگەنگە ئىشىنىمەن..

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2014-7-4 04:22:14

مەن بالامغا ئۇيغۇرچە، قىسقا ئىسىم قويدۇم. ئىككىلا بۇغۇم، ئىككىلا خەت.

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-4 07:08:17

دېسىلە باچكىئاخۇن

turkbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-7-4 09:10:24

wapadarim912 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-4 07:08 static/image/common/back.gif
دېسىلە باچكىئاخۇن

باچ+كا ئەمەستۇ ھە:lol :lol :lol

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-7-4 09:30:43

{:88:}

raziman يوللانغان ۋاقتى 2014-7-4 10:23:29

قىزىڭىزنىڭ يۇرۇق دۇنياغا كۆز ئاچقىنىنى تەبرىكلەيمەن.

Taxnayurak005 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-4 10:27:22

ياخشى ئىسىملارنىڭ ھەممىسى يىغىلىپتۇ ماۋۇ تېمىغا!

Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2014-7-4 10:33:28

ئالدى بىلەن قىز پەرزەنتلىك بولغىنىڭلارنى مۇبارەكلەيمەن دوستۇم. ئائىلەڭلەرگە بەرىكەتلەر نىسىپ بولسۇن، پەرزەنتلىرىڭلار ساغلام-تېمەن ئۆسۈپ چوڭ بولسۇن، ئاللاھ ئىككى دۇنيالىق بەختىنى بەرسۇن! ئامىن.

تەۋسىيە ئىسىم ئىككى:
ئەرك + ىيە = ئەركىيە ئەيسا
بالقى- يە = بالقىيە ئەيسا

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-4 10:46:57

ئەركىيەدە توختايدىغاندەك ,باچكىئاخۇن دېسە بولىتى ,سىر بولۇپ قالمىسىدى

Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2014-7-4 11:04:33

ئەركىيە، بۇندىن يىللار بۇرۇن ئاللاھ بىر قىز پەرزەنت بېرىپ قالسا قويۇرمەن، دەپ ئويلاپ قويغان ئىسىم ئىدى. قادىر ئاللاھ ئارقا-ئارقىدىن ئىككى ئوغۇل پەرزەنت بەردى، چوڭىغا ئوغۇز، كىچىكىگە ئورخۇن دەپ ئىسىم قويدۇم. كېيىنكى كۈنلەردە قىز پەرزەنتلىك بولۇش نىسىپ بولۇپ قالسا قويۇرمەن دەيدىغان ئارزۇيۇم ھېلىھەم بار. كالتە پەمىمچە، ئەگەر سىلى قىزىڭلارغا قويۇپ قالساڭلار، ئۇيغۇرلاردىكى تۇنجى ئەركىيە ئاتلىق قىز بولۇپ قالغۇسى...{:92:}

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-7-4 11:11:24

ئىزدىنىشتىكىلەر مۇشۇ يەردىن ئىسىم تاللىسا، بالىسىنىڭ ئىسمىغا قاراپ ،« تورغا چىقىدىكەندە ........»، دەپ قويىدىكەنمىزدە;P;P
ۋاپادارىم ئىسىمغا توختىسا، يىڭى ئىسىملارمۇ توختىدىمۇ ئەمدى ؟
بەت: 1 2 3 4 [5] 6 7
: قىزىمغا ئىسىم تەۋسىيە قىلساڭلار