putaki يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 10:04:16

رەسىمدىكى قىزىمنىڭ ئىسمى رەھىمە.

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 10:05:22

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Uyghur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-7-3 10:23

ئەفىفە (پاك ئايال...)
سۈمەييە (ئىسلامدىكى تۈنجى شېھىت قىلىنغان ئايال)
خەدىچە (تۈنجى ئىمان ئېيتقان ئايال ،مۆئمىنلەرنى ئانىسى )
ئائىشە ( پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەڭ ياخشى كۆرگەن كىشى)
ئىپارخان ( ئۆز ئىپپىتى ئۈچۈن ،يۇرتى خەلقىنىڭ ئابرويى ئۈچۈن جېنىدىن ۋاز كەچكەن مەشھۇر ئۇيغۇر ئايال )
رىزۋانگۈل (شەپقەت ھەمشىرىسى ، جەڭ مەيدانىدا شېھىت قىلىنغان ئايال)

مۇبارەك بولسۇن ئەيساجان ...ئاللاھ قىزىڭنى ئەخلاقلىق ،ئىمانلىق مىللەتنىڭ ئانىللىرىدىن قىلسۇن.
ئۇيغۇرچە ئىسىم تاللىغاندا زىيادە نازۇكلۇقنى ئىپادىلەيدىغان ئىسىملارنى تاللىمىغىن(تەۋسىيە)..كۆپىنچە ھاللاردا ئاياللار بۇنىڭغائامراق كېلىدۇ. ئەمما مەن ياخشى ئەمەس دەپ قارايمەن. مەسلەن ، نازپەرى ، لەزىنە ، نازۇكئاي دېگەندەك چىرايلىق ئاڭلانسىمۇ ، يۇمشاقلىقنى ئىپادىلەيدىغان ئىسىملارنى...

turkbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 10:20:57

    نىمىشقا تەۋسىيە قىلىنغان ئىسىملارغا «گۈل( گۇل)»قوشۇمچىسى قېتىلمىدى ؟ بۇ ياخشى يۈزلىنىش ئەمەس مېنىڭچە. مەسىلەن ،مۇسلىمەگۈل ،سۈمەييەگۈل ،سەفىيەگۈل ...+گۈل دىگەندەك ئىسىملار قويالسا يەر شارىنىڭ نەرىدە كۆرسەك بۇ ئۇيغۇركەن دەپ بىلەلەيتۇق .
''نوزگۇم '' دىگەن ئىسىمنىڭ ئەسلى قەشقەرچە تەلەپپۇزى ''نازگۇل'' بولىشى كېرەك .

turken يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 10:23:40

turkbiz يوللىغان ۋاقتى2014-7-3 10:20 static/image/common/back.gif
نىمىشقا تەۋسىيە قىلىنغان ئىسىملارغا «گۈل( گۇل)»قوش ...

نازۇكۇم

xamal يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 10:26:57

ئايخان، مەلىكىخان، مايسىخان

xamal يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 10:28:36

مەنىسى ياخشى بولغان ساپ ئۇيغۇر تۈركىي تىلدىكى ئىسىملار تەرەپدارىمەن. يۇقۇرىقىدەك ئىسىملار بەك ياشتا چوڭلاردىلا قالدى.

barhan88 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 10:43:53

مۇئەتتەر ،زەبۇرنىيمۇشۇ ئىككى ئىسىمنىڭ مەنىسى نىمە؟ بىرسى بۇرادىرىمنىڭ قىزىنىڭ ئىسمى لىكىن ئۇمۇ ئىسىمنىڭ مەنىسىنى بىلمەيدىكەن.

uyghurqq يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 11:01:04

مەنمۇ ساقلاپ قويغاچ ، پات ئاردا تۇغۇلماقچى بولغان پەرزەنتىمگە ئويلىغان ئىسىمنى دەپ باقاي..

قىزىم بولۇپ قالسا:مىھرىبانقويايمىكىن دەپ ئويلاشتىم...

ئوغۇلۇم بولسا : مۇھەممەت ، مۇستافا ، مۇستەققىل قويۇشنى ئويلاشتىم

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 11:11:34

شەمسىيە ،نەزىرە.................

atiyan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 11:11:54

دىيانەت ، شەھىدە ، زۆھرە....

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 11:52:06

مۇئەتتەر دېگەن خۇشبۇي ،ئەتىر چاچقۇچى دېگەندەك مەنىلەردە بولسا كېرەك.

tayker يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 12:09:52

ئەفىيفە ، مەستۇرە ، نازۇكئاي ، تۈرۈكئاي ، ئەلفىرە بولسا ياخشى بولامىكى مەن بىلمىدىم سىز ياكى ھازىرقى دەۋىرگە ماسلاشقان زامانىۋى رېتىمدىكى ئىسىملاردىن ياقتۇرار بولغۇيتىڭىزمۇ - يە ؟

aqturk يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 12:41:11

ئۇيغۇرچە ، تۈركچە ، ئەرەبچە ، پارىسچە ، يەھۇدىچە ئىسىملار بولسا قۇلاققا يات ئاڭلانمايدىكەن .
كۈندىلىك تۇرمۇشتا شىجى ، بىڭشاڭ ، دىيەنشى ، زۇڭلى ، زۇڭتۇڭ ، تىڭجى ، گۈەنجى ، ۋېيشىن دېگەندەك گەپلەرمۇ يات ئاڭلانمايدىكەن .
كىتابلاردىكى فىۋرال ، يانۋار ، ئۆكتەبىر ، دىكابىر ، تىلۋىزور ، ئايروپلان ، ئاكادىمىك دىگەن گەپلەرمۇ شۇ .
كۆنۈش دىگەن يامان نەرسىكەن ، شىنجاڭ دىسە ھەيران قالماي ، ۋېي ۋۇ ئار دىسە ھەيران قالغاندەك .

UyghurBalisi يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 14:14:22

ئەزىزە، ئايسىما، ئايقۇت، نەزىرە،
ﻗﯩﺰ ﺋﯩﺴﻤﯩﻠﯩﺮﻯ

ﺋﻪﺑﺮﺍﺭ : ﺳﺎﺩﺍﻗﻪﺗﻤﻪﻥ، ﻛﯚﻳﯜﻣﭽﺎﻥ،
ﺋﻪﻣﺎﻥ : ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ، ﺗﯩﻨﭽﻠﯩﻖ، ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ، ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻣﻠﯩﻚ، ﺋﺎﺭﺍﻣﻠﯩﻖ، ﻗﻮﻏﺪﯨﻤﺎﻕ، ﺋﻪﮬﺪﻩ، ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺕ، ﻗﻪﺭﺯ.
ﺋﺎﻣﯩﻨﻪ : ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ، ﻛﯚﯕﻠﻰ ﺗﻮﻕ، ﺳﺎﻏﻼﻡ.
ﺋﻪﻣﯩﻴﻨﻪ : ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﻠﯩﻚ، ﺳﺎﺩﯨﻖ، ﯞﺍﭘﺎﺩﺍﺭ، ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭ.
ﺋﻪﻧﯟﺍﺭ : ﻧﯘﺭﻻﺭ، ﻳﻮﺭﯗﻗﻠﯘﻗﻼﺭ.
ﺋﻪﻧﯩﻴﺴﻪ : ﻛﯚﻳﯜﻣﭽﺎﻥ، ﺧﯘﺷﺨﯘﻱ، ﺋﯜﻟﭙﻪﺕ.
ﺋﯩﻤﺎﻥ : ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ، ﺗﻪﺳﺪﯨﻖ، ﺋﯩﺸﻪﻧﭻ.
ﺑﯘﺷﺮﺍ : ﺧﯘﺵ ﺧﻪﯞﻩﺭ، ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻚ، ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻘﻠﯩﻖ، ﮬﯚﺳﻦ- ﺟﺎﻣﺎﻝ.
ﺑﯩﻠﻘﯩﻴﺲ : ﺳﻪﺑﻪﺋ ﺩﯦﻴﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﯨﻤﻰ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺳﯘﻟﻪﻳﻤﺎﻥ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺪﺍ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ، ﺳﯘﻟﻪﻳﻤﺎﻥ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻐﺎ ﺗﻪﺳﻠﯩﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ.
ﮔﯜﻟﻨﺎﺭ : ﺋﺎﻧﺎﺭ ﮔﯜﻟﻰ.
ﺟﻪﻣﯩﻴﻠﻪ : ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ، ﺋﯘﺯ، ﮔﯜﺯﻩﻝ، ﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪﻥ.
ﮬﻪﺑﯩﻴﺒﻪ : ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜﻙ.
ﮬﻪﻓﯩﻴﺰﻩ : ﻣﯘﮬﺎﭘﯩﺰﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﯘﭼﻰ، ﺳﺎﻗﻼﻧﻐﯘﭼﻰ.
ﮬﻪﻟﯩﻴﻤﻪ : ﺋﯧﻐﯩﺮ- ﺑﯧﺴﯩﻖ ﯞﻩ ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻚ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﮬﻪﻣﯩﻴﺪﻩ : ﺷﯜﻛﯜﺭ ﺋﯧﻴﺘﻘﯘﭼﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﻣﺎﺧﺘﺎﺷﻘﺎ ﺋﻪﺭﺯﯨﻴﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﮬﻪﻧﯩﻴﻔﻪ : ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﺑﯘﺭﺍﻟﻐﯘﭼﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﺗﻮﻏﺮﯨﻨﻰ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﮬﻪﯞﯞﺍ : ﮬﻪﯞﯞﺍ ﺋﺎﻧﺎ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ، ﻳﯧﺸﯩﻠﻐﺎ ﻣﺎﻳﯩﻞ ﻗﺎﺭﺍ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎ ﻣﺎﻳﯩﻞ ﻗﯩﺰﯨﻞ.
ﮬﯘﺭﯨﻴﻪ : ﭘﻪﺭﻯ، ﮬﯚﺭ، ﺭﻩﯕﮕﻰ ﺋﺎﻗﭙﯩﺸﻤﺎﻕ ﭘﻪﯞﻗﯘﻟﺌﺎﺩﺩﻩ ﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﺧﺎﻟﯩﺪﻩ : ﻣﻪﯕﮕﯜ، ﺩﺍﺋﯩﻢ.
ﺧﺎﻟﯩﺴﻪ : ﺳﺎﭖ، ﭘﺎﻛﯩﺰ، ﺧﺎﻟﯩﺲ، ﺑﻪﻙ ﺋﺎﻕ.
ﺧﻪﺩﯨﻴﺠﻪ : ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰ ﺑﺎﻻ.
ﺯﺍﻛﯩﺮﻩ : ﺋﻪﺳﺘﻪ ﺗﯘﺗﯘﺵ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﯩﺘﻰ، ﺧﺎﺗﯩﺮﻩ، ﺋﺎﯓ.
ﺯﺍﻛﯩﻴﻪ : ﭘﯘﺭﯨﻘﻰ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻘﺎ ﻳﯧﻴﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﯘﭼﻰ.
ﺯﻩﻛﯩﻴﻪ : ﮬﯘﺷﻴﺎﺭ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﭼﯧﭽﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﺯﯦﺮﻩﻙ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﺭﻩﺷﯩﻴﺪﻩ : ﮬﯩﺪﺍﻳﻪﺕ ﺗﺎﭘﻘﯘﭼﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﺋﺎﯕﻠﯩﻖ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﺭﻩﻧﺎ : ﺑﻪﻙ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﻣﯧﮭﺮﯨﻨﻰ ﺋﯜﺯﻩﻟﻤﻪﻱ ﺋﯘﺯﯗﻧﻐﯩﭽﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﻪ.
ﺯﺍﻛﯩﻴﻪ : ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯚﺳﻜﯜﭼﻰ.
ﺯﺍﮬﯩﺪﻩ : ﺋﺎﺧﺮﻩﺗﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﻤﯩﮕﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﺯﺍﮬﯩﺮﻩ : ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﻳﯜﺯﻯ ﻳﻮﺭﯗﻕ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﺯﯙﮬﺮﻩ : ﭼﻮﻟﭙﺎﻥ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻯ، ﯞﯦﻨﯧﺮﺍ، ﺋﺎﭘﺌﺎﻕ، ﺳﯜﺯﯛﻙ ﺭﻩﯓ.
ﺯﻩﻛﯩﻴﻪ : ﭘﺎﻙ، ﮔﯘﻧﺎﮬﺴﯩﺰ، ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﻠﯩﻚ، ﺳﺎﭖ، ﺋﯚﺳﻜﯜﭼﻰ.
ﺯﻩﮬﺮﺍ : ﺭﻩﯕﮕﻰ ﺳﯜﺯﯛﻙ ﯞﻩ ﻧﯘﺭﻟﯘﻕ، ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﻯ ﻓﺎﺗﯩﻤﻪﻧﯩﯔ ﻟﻪﻗﯩﻤﻰ.
ﺯﻩﻳﻨﻪﺏ : ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﺧﯘﺵ ﭘﯘﺭﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺩﻩﺭﻩﺥ، ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﻛﺎﻛﻜﯘﻛﻨﯩﯔ ﻣﻪﺷﯘﻗﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﭘﺴﺎﻧﯩﯟﻯ ﻗﯘﺷﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ.
ﺯﯨﻴﻨﻪﺕ : ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﮬﯚﺳﻦ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘﻳﯘﻡ، ﺑﯧﺰﻩﻙ، ﮬﯚﺳﻦ.
ﺳﺎﺟﯩﺪﻩ : ﺳﻪﺟﺪﻩ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﺑﺎﺵ ﺋﻪﮔﮕﯜﭼﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﺳﺎﺭﺍ : ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ، ﺗﺎﻟﻼﻧﻐﺎﻥ، ﺳﻪﺭﺧﯩﻞ.
ﺳﺎﻟﯩﻤﻪ : ﻗﯘﺗﯘﻟﻐﯘﭼﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﺑﯧﺠﯩﺮﯨﻢ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﺳﺎﻕ- ﺳﺎﻻﻣﻪﺕ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﺳﻪﺩﺍﺩ : ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ، ﺭﺍﺳﺘﭽﯩﻠﻠﯩﻖ.
ﺳﻪﺋﺪﻩ : ﺑﻪﺧﺘﻠﯩﻖ، ﺑﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﻚ.
ﺳﻪﺋﯩﺪﻩ : ﺑﻪﺧﺘﯩﻴﺎﺭ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﺗﻪﻟﻪﻳﻠﯩﻚ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﺳﺎﺋﺎﺩﻩﺗﻤﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﺳﺎﻻﻣﻪﺕ : ﺑﯧﺠﯩﺮﯨﻢ، ﺋﻪﻳﯩﺒﺴﯩﺰ، ﺳﺎﻕ.
ﺳﺎﻻﻡ : ﺳﺎﻻﻡ ﺑﻪﺭﻣﻪﻙ، ﺳﺎﻻﻡ، ﺗﯩﻨﭻ- ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﺳﻮﺭﯨﻤﺎﻕ،
ﺳﻪﻟﻤﺎ : ﮬﯧﭻ ﺋﻪﻳﯩﺒﻰ ﻳﻮﻕ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﺳﻪﻟﯩﻴﻤﻪ : ﻗﯘﺗﯘﻟﻐﯘﭼﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﺋﻪﻳﯩﺒﺴﯩﺰ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﺳﻪﻣﺮﺍ : ﺑﯘﻏﺪﺍﻱ ﺋﯚﯕﻠﯜﻙ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﺳﻪﻣﯩﻴﮭﻪ : ﻣﻪﺭﺩ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﺳﯧﺨﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﻗﻮﻟﻰ ﻛﻪﯓ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﺳﻪﻣﯩﻴﺮﻩ : ﻛﯧﭽﯩﺪﻩ ﻣﯘﯕﺪﺍﺷﻘﯘﭼﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﻛﯧﭽﯩﺪﻩ ﺳﯚﮬﺒﻪﺗﻠﻪﺳﻜﯜﭼﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﺳﯘﻣﻪﻳﻴﻪ : ﺋﯩﺴﻼﻣﻨﯩﯔ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺷﻪﮬﯩﺪﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺳﺎﮬﺎﺑﻪ ﺋﺎﻳﺎﻝ(ﺍﻟﻠﻪ ﺗﻪﺋﺎﻻ ﺋﯘ ﺋﺎﻳﺎﻟﺪﯨﻦ ﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ).
ﺳﻪﻳﻴﯩﺪﻩ : ﺧﺎﻧﯩﻢ، ﺧﯧﻨﯩﻢ، ﺧﺎﻧﺰﺍﺩﻩ.
ﺳﯩﻴﻤﺎ : ﺋﺎﻻﻣﻪﺕ، ﺑﻪﻟﮕﻪ، ﻧﯩﺸﺎﻥ، ﺋﻪﻥ، ﺗﺎﻣﻐﺎ، ﺗﻪﻗﻰ- ﺗﯘﺭﻗﻰ، ﺳﯩﺮﺗﻘﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
ﺷﺎﺩﯨﻴﻪ : ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﺷﻪﺭﯨﻴﻔﻪ : ﺷﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻚ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﺋﺎﻟﯩﻴﺠﺎﻧﺎﺏ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﺷﻪﻓﯩﻴﻘﻪ : ﺷﻪﭘﻘﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﺷﻪﻣﺲ : ﻗﯘﻳﺎﺵ، ﻛﯜﻥ، ﺑﻪﻙ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﺪﻩ ﻣﻪﺟﺎﺯﻩﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﺷﻪﮬﯩﺪﻩ : ﺍﻟﻠﻪ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺷﻪﮬﯩﺪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﺷﯧﺮﯨﻦ : ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ، ﻟﻪﺯﺯﻩﺗﻠﯩﻚ، ﺑﻪﻙ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻚ ﺑﻪﻙ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﻣﻪﺟﺎﺯﻩﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﺳﺎﺩﯨﻘﻪ : ﺭﺍﺳﺘﭽﯩﻞ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﺋﯩﺨﻼﺳﻤﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﺳﺎﻟﯩﮭﻪ : ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﻮﻝ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﺳﻪﺑﯩﻴﮭﻪ : ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﺳﻪﺩﯨﻴﻘﻪ : ﺭﺍﺳﺘﭽﯩﻞ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﺳﻪﻓﯩﻴﻪ : ﺳﺎﭖ،، ﭘﺎﻙ، ﺳﯜﺯﯛﻙ، ﺭﻭﺷﻪﻥ، ﺗﺎﻟﻼﻧﻐﺎﻥ، ﺳﯩﺮﺩﺍﺵ ﺩﻭﺳﺖ، ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺩﻭﺳﺖ.
ﺗﺎﻟﯩﺒﻪ : ﺋﯧﺰﺩﻩﻧﮕﯜﭼﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﺋﻮﻗﯘﭼﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﺗﺎﮬﯩﺮﻩ : ﭘﺎﻙ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﭘﺎﻛﯩﺰ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﺗﻪﻳﻴﯩﺒﻪ : ﮬﺎﻻﻝ، ﭘﺎﻛﯩﺰ، ﺋﯘﺑﺪﺍﻥ، ﺑﻪﻟﻪﻥ.
ﺯﻩﺭﯨﻴﻔﻪ : ﮬﯘﺷﻴﺎﺭ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﺯﯦﺮﻩﻙ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﭼﯧﭽﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﺋﺎﺋﯩﺸﻪ : ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﻼﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﯞﻩ ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ، ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﺋﺎﺗﯩﻜﻪ : ﻗﯩﭙﻘﯩﺰﯨﻞ ﯞﻩ ﺋﯧﺴﯩﻞ.
ﺋﺎﺭﯨﻔﻪ : ﺋﯩﻠﯩﻢ- ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﺋﺎﻟﯩﻴﻪ : ﺋﯩﮕﯩﺰ، ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ، ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ، ﺋﺎﻟﯩﻴﺠﺎﻧﺎﺏ.
ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ : ﺗﺎﺋﻪﺕ، ﻧﺎﻣﺎﺯ، ﻗﯘﻟﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﺎﻕ، ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻕ، ﺩﯨﻨﻰ ﺋﻪﮬﻜﺎﻣﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﻤﺎﻕ.
ﺋﻪﺯﯨﻴﺰﻩ : ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜﻙ، ﮬﯚﺭﻣﻪﺗﻠﯩﻚ، ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﯩﻚ، ﺋﯧﺴﯩﻞ. ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ.
ﺋﻪﺗﯩﻴﻪ : ﺳﻮﯞﻏﺎ- ﺳﺎﻻﻡ، ﮬﻪﺩﯨﻴﻪ.
ﺋﻪﻓﯩﻴﻔﻪ : ﺋﯩﭙﭙﻪﺗﻠﯩﻚ، ﭘﺎﻙ.
ﺋﻪﻟﯩﻴﻪ : ﺷﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻚ، ﺋﯩﮕﯩﺰ، ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ، ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ.
ﺋﯩﻨﺎﻳﻪﺕ : ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﻤﻪﻙ، ﻏﻪﻣﺨﻮﺭﻟﯘﻕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻕ، ﺳﺎﻗﻠﯩﻤﺎﻕ، ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﻣﺎﻕ.
ﻓﺎﺋﯩﺰﻩ : ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﻣﯘﺭﺍﺩﯨﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﯜﭼﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﻓﺎﺋﯩﻘﻪ : ﮬﯚﺳﻦ- ﺟﺎﻣﺎﻟﻰ ﺑﻪﻙ ﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪﻥ.
ﻓﺎﺗﯩﻤﻪ : ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﻰ (ﺳﯜﺗﯩﺪﯨﻦ) ﺋﺎﻳﺮﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﻓﯩﺮﺩﻩﯞﺱ : ﺑﺎﻍ، ﺑﻮﺳﺘﺎﻥ، ﮔﯜﻟﺒﺎﻍ، ﺟﻪﻧﻨﻪﺕ.
ﻓﻪﺭﯨﻴﺪﻩ : ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ، ﻣﯩﺴﻠﯩﺴﯩﺰ، ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﮔﯚﮬﻪﺭ.
ﻗﻪﻣﻪﺭ : ﺋﺎﻱ.
ﻛﯘﻟﺴﯘﻡ : ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﻪﯕﺰﻯ ﯞﻩ ﻳﯜﺯﻯ ﮔﯚﺷﻠﯜﻙ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﻛﻪﯞﺳﻪﺭ : ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﺳﯘ، ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﺳﺘﻪﯓ.
ﻻﻣﯩﺌﻪ : ﻧﯘ ﭼﺎﭼﻘﯘﭼﻰ، ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ.
ﻟﻪﺗﯩﻴﻔﻪ : ﻣﯘﻻﻳﯩﻢ، ﻣﻪﺭﮬﻪﻣﻪﺗﻠﯩﻚ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ.
ﻟﻪﻳﻼ : ﺑﻪﻙ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘ ﯞﻩ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻛﯧﭽﻪ، ﻣﻪﺳﺘﻠﯩﻚ، ﻣﻪﺳﺘﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺸﻰ، ﮬﺎﺭﺍﻗﻨﯩﯔ ﻛﻪﻳﭙﻰ.
ﻣﺎﺭﯨﻴﻪ : ﺋﺎﻗﭙﯩﺸﻤﺎﻕ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﻣﻪﺭﻳﻪﻡ : ﺳﯘﺭﯨﻴﺎﻧﯩﻴﭽﯩﺪﻩ ﺋﯩﮕﯩﺰ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺋﯩﻴﺴﺎ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ.
ﻣﻪﻟﯩﻴﻜﻪ : ﻣﯜﻟﯜﻛﺪﺍﺭ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﻣﯘﻧﯩﻴﺮﻩ : ﻧﯘﺭﻟﯘﻕ، ﻳﯜﺯﻯ ﻳﯘﺭﯗﻕ، ﮔﯜﺯﻩﻝ، ﻧﯘﺭ ﭼﯧﭽﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﯘﭼﻰ.
ﻧﺎﺋﯩﻠﻪ : ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﯜﭼﻰ، ﺳﻮﯞﻏﺎ- ﺳﺎﻻﻡ.
ﻧﺎﺟﯩﻴﻪ : ﻗﯘﺗﯘﻟﻐﯘﭼﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﺗﯧﺰ ﻣﺎﯕﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯚﮔﻪ.
ﻧﺎﺩﯨﺮﻩ : ﮬﯩﻜﻠﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﯚﺯ، ﻟﻪﺗﯩﭙﻪ، ﺋﯚﺯ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺪﺍ ﺗﻪﯕﺪﯨﺸﻰ ﻳﻮﻕ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﻧﺎﺩﯨﻴﻪ : ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ، ﻳﯩﻐﯩﻦ، ﻛﯘﻟﯘﺏ.
ﻧﺎﺭﯨﻤﺎﻥ : ﭘﺎﺭﯨﺴﭽﻪ ﺋﺎﻧﺎﺭﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﻧﻪﺟﺎﺕ : ﻗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻕ، ﺧﺎﻻﺱ ﺗﺎﭘﻤﺎﻕ.
ﻧﻪﺟﯩﻴﺒﻪ : ﺗﯧﮕﻰ- ﺗﻪﻛﺘﻰ ﺋﯧﺴﯩﻞ، ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﻠﯩﻚ، ﺯﯦﺮﻩﻙ، ﻧﻪﭘﯩﺲ، ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ.
ﻧﻪﺟﯩﻴﻪ : ﺳﯩﺮ، ﺳﯩﺮﺩﺍﺵ ﺩﻭﺳﺖ.
ﻧﻪﺭﮔﯩﺲ : ﺗﻪﯕﮕﯩﭽﻪ ﺋﺎﻕ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﯧﺮﯨﻖ ﮔﯜﻟﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﮔﯜﻟﯩﮕﻪ ﻛﯚﺯﻟﻪﺭ ﺋﻮﺧﺸﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﻧﻪﺯﯨﻴﮭﻪ : ﺋﯩﭙﭙﻪﺗﻠﯩﻚ، ﺭﻩﺯﯨﻠﻠﯩﻜﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻕ.
ﻧﻪﺳﺮﯨﻦ : ﺋﻪﺗﯩﺮﺩﻩﻙ ﭘﯘﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﻕ ﮔﯜﻝ.
ﻧﻪﺳﯩﻴﻤﻪ : ﻣﻪﻳﯩﻦ ﺷﺎﻣﺎﻝ، ﺋﯩﻠﻠﯩﻖ ﮬﺎﯞﺍ.
ﻧﯘﺳﺮﻩﺕ : ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ، ﺯﻩﭘﻪﺭ، ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﺵ.
ﻧﻪﺯﯨﻴﺮﻩ : ﺋﻮﺧﺸﯩﻐﯘﭼﻰ.
ﻧﻪﺋﯩﻴﻤﻪ : ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﯞﻩ ﻛﯚﯕﻠﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ.
ﻧﯘﺭ ﺟﺎﮬﺎﻥ : ﺟﺎﮬﺎﻧﻨﯩﯔ ﻧﯘﺭﻯ.
ﮬﺎﺟﻪﺭ : ﺋﯩﺒﺮﺍﮬﯩﻢ ﺋﻪﻟﻪﮬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ.
ﮬﺎﺩﯨﻴﻪ : ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﻳﺎﺳﻪﻣﯩﻦ : ﺧﯘﺵ ﭘﯘﺭﺍﻗﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻙ.
...................
تاللانغان ئىسىملار
دىلشات --- كۆڭلى شاتخۇرام
دىليار---كۈڭۈلنىڭ دوستى
شاھزاد---شاھ ئەۋلادى
شۆھرەت---مەشھۇر بولماق،تۇنۇلماق.
شىجائەت---غەيرەت،جۇرئەت .
شىرزاد---شىر بالىسى
قەدىردىن ---دىننىڭ ھەممەگە قادىر كىشسى
               دىننىڭ كۈچ –قۇدىرتى.
قۇتلۇق ---بەخىتلىك
كامال ---تولۇق يىتۈلگۈچى
كامران---مۇرادىغا يەتكەن ،دۆلەتمەن.
مەردان ---مەردلەرچە ،ئەرلەرچە
مەرزۇق---بەخىتلىك .دۆلەتمەن كىشى.
مەنسۇر---ياردەمگە ئىرۇشكۈچى.
مەنزۇر---نەزەرگە لايىق،كۈرۈشكە ئەرزىيدىغان.
            قۇبۇل قىلىشقا بولىدىغان.
ئەسەدۇللا---اللە نىڭ يولۋىسى.(اللە يۇلىدا يولۋاستەك باتۇر كىشى)
ئەسەد---يولۋاس
ئارافات---اللە نى تۇنىماق
ئارمان---ئىشتىياق ،قىزغىنلىق(پارىسچە)
ئالمۇرات---مۇراد مەقسەت،ئەلنىڭ مۇرادى.
ئەرلان---ئەر بول،يىگىت بول
ئەزھەر---نۇرلۇق ،يالقىن.
ئەليار---ئەلنىڭ دوستى.
بىلال---ئۇچۇق،ساپ ھاۋا.
بەرنا---ياش كىلىشكەن ئايال (پارىسچە)
پۇرقەت---ئايرىلماق،جۇدالىق.
فىردەۋىس---جەننەتنىڭ ئەڭ ئىسىلى.
خالمۇرات---مۇرادى ھاسىل بولماق.
خۇشتار---دائىم خوش يۈرگۈچى.
دەۋران---زامانلار،دەۋىرلەر.
دولقۇن---سۇ دولقۇنى.
ئابىدە---اللە غا ئىبادەت قىلغۇچى ئايال.
ئادىلە---ئادالەتنى ياقلىغۇچى ئايال.
ئائىشە---ياخشى تۇرمۇش.
ئايسەمەر---ئاي بالىسى (ئۇيغۇرچە،پارىسچە)
ئەدىنە---مەڭگۈ ئۆزگەرمەس،سۇلماس باھار.
پەرىقە ---ھەرقانداق نەرسىنىڭ ئۈستۈنى(پەرىقلىنىپ تۇرغىنى).
تەلئەت---بەختى كەلگەن،كۈرۈنگەن.
جارى---ياردەمچى ،خوشنا.
جالالىدىن---دىننىڭ ئولۇغ كىشىسى .
جەۋلان--- لەپىلدىمەك ،سەيىر قىلماق.
جەۋھەر---گۆھەر
چوغلۇق---بىرخىل گۈل ئىسىمى .
گۈلزىبا---زىننەتلىك،كۆركەم ،گۈزەل.
زىلالە---سۈزۈك،پاك .
مەۋلان---غوجىلار،غوجىلارچە.
مەھسۇر---قوغدالغان،قورشالغان.
مەئرۇپ---تۇنۇلغان ،بىلىنگەن ،مەشھۇر.
مەئزۇر---ئۆزىرە قويۇلغان.
نۇرشات---شاتلىق نۇرى ،شات-خۇرام قىلغۇچى.
نىجات---يۇرۇقلۇق،تىنچ-ئامانلىق.
مۇرشىدە---يېتەكچى،يول باشلىغۇچى .نۇرچاچقۇچى.رەھبەر
مۇنىرە---نۇرلۇق پارلاق،نۇر چاچقۇچى.
خالىسە---ساپ،پاكىز ،ھەقىقى ئايال.
خۇرشىدە---قۇياش ،كۈن.
زاھىدە---تەقۋادار ئايال.
زەرىپە---زىرەك،گۈزەل.نازۇك،ھۇشيار.
زەلىقە---سىلىق ئايال.
زاھىرە---گۈزەللىك،
زۇبەيدە---كۆپۈك،قايماقتىن ياسىلىدىغان بىر خىل يىمەكلىك.
زۇبەيرە---ئەقىللىق قىز.
زۇلھايات---ھايات ئېگىسى.
زۇلپىيە---چاچلىق قىز.
زۇلخۇمار---خۇمارلىق،ئارزۇلۇق.خۇماز بىلەن
زۇلقەمەر---گۈزەل ئايدەك،
زۇننار---ئوتلۇق ،ئوتنىڭ ئېگىسى.زىننەت بۇيىمى
زۇھەيلە---زۇھەر يولتۇزىنىڭ كىچىكلىتىلىشى.
شادىيە---ناخشىچى .ئۇلۇغلۇق ،بۇيۇكلۈك،شەرەپ
شەرىپە---شەرەپلىك،قىممەتلىك ،ئۇلۇغ،مۇنەۋۋەر،يۈكسەك،
شەھىدە---اللە يۇلىغا ئۈزىنى ئاتىغۇچى(شەھىد بولغۇچى) ئايال.
قەدىرىيە---قەدىرلىك،قەدىردان ،قىممەتلىك،
قەلبى نۇر---قەلبى نۇرلۇق ،يۇرۇق.
كامىلە---تولغان ،يىتىلگەن ئايال.
گۈلبەر---گۈلدەك مەھلىيا قىلغۇچى،
گۈلچىھرە---چىرايى گۈلدەك.
لالە---قىزىل ياقۇت .ياقۇتتەك.
مەنسۇر---ياردەمگە ئىرىشكۈچى .
مەۋجۇدە---ۋۇجۇتقا كەلگەن ،تېپىلغان.
نەسىبە، نەئىمە.

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 14:19:07

ماۋۇ تىمنى ساقلىۋالاي جۇما... خۇدايىم 5 ، 6يىلغىچە بىرەرقىز بىرىپ قالسا .....

Qashqari يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 14:22:45

ھۇررەم ، ماھى دەۋران ، ھۇماشا ، مىھرىما ، سادىقا ، پەخرىيە ، نۇر بانۇ ، فىدان ، داھى ، گاھى ، ئەبرو ، ئىلىف ، لەيلا:lol :P

KARAHANJAR يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 15:10:48

ياق ئىسىمنى تېخى تاللىمىدىم ,ئۇيغۇرچە ئىسىملاردىن قوياي دېدىم

ما گىپىڭىز بۇلىدۇ جۇمۇ   ئۇيغۇر بولغاندىكىن ئۇيغۇرچە ئىسىم قويمامدۇنىمە ئۇتۇرقىغا قارىسا ئۇيغۇر ئىسىمىنى چاقىرسا ئەرەپ ياكى پارىس   خۇددى ئاتنى ئىشەك دەپ چاقىرغاندەكلام ئىشكەن بۇ

KARAHANJAR يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 15:21:53

ھەراس مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىر نەچچە ئىسىمنىڭ مەناسىنى سورىۋالاي بىلىدىغانلار بارمىكىن .
بايىز
سابىر
كامران
رىشات
ئېرشات
گۇلفىرە
ئەلفىرە
گۇلسۇم
مارىيە
فىلورە



sabira يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 15:40:45

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sabira تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-7-3 15:42

بايىز-تىرىلدۈرگۈچى دىگەن مەنىدە، شۇڭلاشقا ئابدۇلبايىز( ئابدۇلبائىس) دەپ ئاتىسا توغرا بولىدۇ.
سابىر-سەۋىرچان.
كامران-مۇرادىغا يەتكەن، دۆلەتمەن.
رىشات-ئاڭلىق،پىشىپ يىتىلگەن.
ئەلفىرە-بەزىلەر مەنىسى چاشقان دەيدۇ،لىكىن ئىزاھلىق كىتاپلاردا مەنىسى ئىنىق ئەمەس دەپ يېزىلغان.
گۈلسۇم-تولغان.
مارىيە- ئىبادەت قىلغۇچى.

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 16:29:34

ماۋۇ ئىسسىمنى ياقتۇردۇم ھەم تەۋسىيە قىلىمەن
ﻓﺎﺋﯩﺰﻩ : ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﻣﯘﺭﺍﺩﯨﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﯜﭼﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
بەت: 1 2 3 [4] 5 6 7
: قىزىمغا ئىسىم تەۋسىيە قىلساڭلار