pulsar يوللانغان ۋاقتى 2014-7-2 17:19:40

بۈيۈك ئالىم نەسىرىددىن تۇسى

بۈيۈك ئالىم نەسىرىددىن تۇسى

ئالىم كېرىم كۆكئالىپ

13 – ئەسىرنى دۇنيا تارىخىدا ئاجايىپ زور تارىخىي ئۆزگىرىشلەر بولغان ئەسىر دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى بۇ ئەسىردە چىنگىزخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى پۈتۈن ياۋرو – ئاسىيا قۇرۇقلۇقىنى دېگۈدەك ئۆز تەسەررۇپىغا ئېلىپ، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ئىمپېرىيە ــــ موڭغۇل ئىمپېرىيەسىنى بەرپا قىلدى. بۇ دۆلەتنىڭ بارلىققا كېلىشى جەريانىدا نۇرغۇن مەدەنىيەت ئۇچاقلىرى ۋەيران قىلىنىپ، ئىلىم ساھىبلىرى كۆزدىن يوقىتىلدى ياكى تەرەپ – تەرەپكە تارقىلىپ كەتتى. ئەمما ئىمپېرىيە تەۋەسىدە خەلقلەرنىڭ تۇسالغۇسىز يۆتكىلىپ تۇرۇشى مىللەتلەرنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى چوڭ قوشۇلۇشىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت ۋە سودا ئالاقىسىنى مىسلىسىز دەرىجىدە كۈچەيتتى. بۇنىڭ بىلەن يېڭىدىن سودا ۋە مەدەنىيەت مەركەزلىرى پەيدا بولدى. ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىدا ئەسلىدىنلا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە خوراسان رايونى بۇ مەزگىلدە ئۆزىنىڭ مەدەنىيەتتىكى سەلتەنىتىنى قايتا نامايان قىلدى. بۇ رايوندا ئىلىم – پەن ئاسمىنىدا چاقنىغان ئىلىم ساھىبلىرى كەينى – كەينىدىن مەيدانغا كەلدى. نەسىرىددىن تۇسى ئەنە شۇ مەزگىلدە ياشاپ ئۆتكەن، ئەمەلىي بولغان ئىلمىي ئۇسۇللىرى ۋە نەزەرىيەۋى قاراشلىرى بىلەن يېقىنقى زامان ئىلىم – پەن ساھەسىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن يىتۈك ئالىمدۇر.
غەربلىكلەر ئاددىيلا قىلىپ تۇسى دەپ ئاتىۋالغان بۇ ئالىمنىڭ ئىسمى مۇھەممەد ئىبىن ھەسەن تۇسى بولۇپ، 1201 – يىل 2 – ئاينىڭ 18 – كۈنى خوراساننىڭ تۇس دېگەن يېرىدە تۇغۇلۇپ، 1274 – يىل 6 – ئاينىڭ 26 – كۈنى باغدادنىڭ يېنىدىكى قەزىمىيەھ دېگەن جايدا ۋاپات بولغانىدى. ئۇ ئەل ئارىسىدا نەسىرىددىن تۇسى دېگەن نام بىلەن تونۇلغان. تۇسى كۆپ قىرلىق ئالىم. ئۇ 150 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەر يازغان بولۇپ، تۆھپىلىرى ئاساسەن ئارخېتىكتورلۇق، ئاستىرونومىيە، بىيولوگىيە، خىمىيە، ماتېماتىكا، پەلسەپە، فىزىكا ۋە تىئولوگىيە قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئاستىرونومىيە ساھەسىدە قوشقان تۆھپىسى ئالاھىدە گەۋدىلىك. ئۇ پتولمىينىڭ ئاستىرونومىيە ھەققىدىكى نەزەرىيەلىرىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئوتتۇرا ئەسىر ئىسلام ئاستىرونومىيەسىگە زور تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، يەنە كوپېرنىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېقىنقى زامان ياۋروپا ئاستىرونوملىرىغىمۇ بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەنىدى.
نەسىرىددىن تۇسىنىڭ ئائىلىسى شىئە مەزھىپىنىڭ ئىسمائىلىيە تەرەپدارلىرىدىن ئىدى. ئۇ كىچىك ۋاقتىدىلا ئاتىسىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ، لېكىن ئاتىسىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىق ئۈچۈن، ئەتراپىدىكى بىلىملىك كىشىلەردىن تىرىشىپ ئۆگىنىدۇ، پازىل كىشىلەرنىڭ لىكسىيەلىرىگە داۋاملىق قاتنىشىپ تۇرىدۇ. ئىلىمگە بولغان تەشنالىقىدىن كىچىك ۋاقتىدىلا نىشاپورغا كۆچۈپ بېرىپ فەرىددىن داماد ئاتلىق كىشىدىن پەلسەپە؛ مۇھەممەد ھەسىب دېگەن كىشىدىن ماتېماتىكا ئۆگىنىدۇ. ئۇ يەنە سۇفىزىمنىڭ مەشھۇرلىرىدىن بولغان فەرىددىن ئەتتار بىلەن دىدار مۇلاقەتتە بولۇپ، ئۇنىڭدىن سۇفىزىم تەلىماتلىرىنى ئىگىلەيدۇ. فەرىددىن ئەتتار موڭغۇللار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن قۇتبىددىن ئەل مىسرى ئاتلىق كىشىنىڭ لىكسىيەلىرىگە داۋاملىق قاتنىشىدۇ. تۇسى كېيىن ئىراقنىڭ موسۇل شەھىرىگە بېرىپ، كامالىددىن يۇنۇس ئاتلىق ئالىمدىن داۋاملىق تۈردە ماتېماتىكا ۋە ئاستىرونومىيە ئۆگىنىدۇ.
چىنگىزخان قوشۇنلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە خوراساننى مالىمان قىلىۋاتقان ۋاقىتلىرى تۇسىنىڭ بىلىمگە تازا تەشنا بولۇۋاتقان چاغلىرىغا توغرا كەلگەنىدى. 1230 – يىللارنىڭ دەسلىپىدە ئىلىمدە پەللىگە يەتكۈدەك تەربىيە ئالغان تۇسى چىگىزخاننىڭ نەۋرىسى ھىلاكۇ ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان «ئېلخانىيلار دۆلىتى»دە خىزمەتتە بولىدۇ. تۇسى ھىلاكۇنىڭ پەرمانى بويىچە ئۈنۈملۈك ھەم توغرىلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان ئاستىرونومىيە جەدۋىلى ــــ كالېندار تۈزۈش ئۈچۈن، 1256 – يىلى رەسەتخانا قۇرۇشقا تۇتۇش قىلىدۇ. ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە 1259 – يىلى ئەزەربەيجان (ئىراندىكى ئەزەربەيجان)دىكى مەراغە شەھىرىنىڭ غەربىدە دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار رەسەتخانا قەد كۆتىرىدۇ.
تۇسى رەسەتخانىنىڭ خىزمەتلىرىگە رىياسەتچىلىك قىلىشقا تەيىنلىنىدۇ. ئۇ رەسەتخانا خىزمىتى ئۈچۈن ئەتراپتىكى ئىسلام مەملىكەتلىرىدىن تالانتى ئۇرغۇپ تۇرغان نۇرغۇن مۇنەۋۋەر ئالىملارنى تەكلىپ قىلىدۇ، ھەتتا يىراق جۇڭگودىنمۇ ئاستىرونومىيە ئالىملىرى بۇ رەسەتخانىغا كېلىپ خىزمەت قىلىدۇ. گەرچە بۇ رەسەتخانا 50 يىلدەك مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن قالغان ئىلمىي مىراسلار يىراق شەرقتىكى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن تارتىپ ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرگە قەدەر تارقىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تارىخىي ھۆججەتلەردە ئۇلۇغبەگنىڭ بالىلىق دەۋرىدە مەراغەدىكى رەسەتخانىنىڭ ئىزناسىنى زىيارەت قىلغانلىقى، ئۇنىڭ تەسىرىدە سەمەرقەندتىكى رەسەتخانىنى قۇرغانلىقى قەيت قىلىنىدۇ.
ئەينى ۋاقىتقا نىسبەتەن ئىلغار ھېسابلىنىدىغان بۇ رەسەتخانا تۇسىنىڭ ئىلمىي خىزمەتلىرىنى يۇقىرى ئۈنۈمگە ئېرىشتۈرىدۇ. تۇسى ئۇيقۇدىن بىدار ئۆتكەن تالاي كېچىلەرگە جاۋاب سۈپىتىدە، 1272 – يىلى «زىجى ئېلخانىي» دېگەن كاتتا ئەسىرىنى روياپقا چىقىرىدۇ. ئۇ بۇ كىتابىدا سەييارىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى ئەتراپلىق تەسۋىرلىگەندىن باشقا، يەنە سەييارىلەرنىڭ ئورنىنى ئىنچىكە ھېسابلايدۇ، نۇرغۇن يۇلتۇزلارغا ئىسىم قويىدۇ. بۇ خىزمەتلەرنىڭ نەتىجىسىنى ياۋروپادا، يەنى ئىتالىيەنىڭ شەھەر دۆلەتلىرىدە ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشى ئەمدىلا بىخ سۈرۈۋاتقان، دۇنيانىڭ بۇلۇڭ – پۇچقاقلىرى ئوتتۇرا ئەسىر جاھالىتىدە تۇرۇۋاتقان ئەينى ۋاقىتقا نىسبەتەن قالتىس نەتىجە دېيىشكە تامامەن بولاتتى. بۇ نەتىجىلەر تاكى نىكولاي كوپېرنىك دەۋرىگە قەدەر قوللىنىلدى.
ھىلاكۇنىڭ ئوردىسىدا ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىدىن كەلگەن نۇرغۇن بۇددىست ئۇيغۇرلار بولۇپ، ئۇلار ئىدىقۇت دۆلىتىنىڭ كالېندار تۈزۈش ئۇسۇلى ۋە ئىشلىتىش قائىدىلىرىنىمۇ بىللە ئېلىپ كەلگەنىدى. تۇسىنىڭ «تۈركلەرنىڭ زامان ئۆلچىمى»(بازىننىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئەسەر بىزگە يېتىپ كېلەلمىگەنىكەن) دېگەن ئەسىرىدە ئۇيغۇر كالېندارىنىڭ  ئۆلچەملىرى تونۇشتۇرۇلغانىكەن. ئۇ تۈزگەن «ئېلخانىي كالېندارى»دا بىر قانچە يىل ۋە ئايلارنىڭ نامى ئۇيغۇرچە ئاتالغانىدى. ئەينى ۋاقىتتا تۈزۈلگەن بۇ كالېنداردا يەنە خەنزۇ كالېندارىنىڭ ئېلېمېنتلىرىمۇ بار ئىدى. تۇسىنىڭ مەراغەدىكى رەسەتخانىسىدا ئىشلىگەن مۇھىددىن مەغرىبى ئاتلىق يەنە بىر ئالىم ئۆزىنىڭ كىتابىدا كالېندار تۈزۈش داۋامىدا پايدىلانغان ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىنىڭ بۇ كالېندارىنى «خەنزۇ – ئۇيغۇر كالېندارى» دەپ ئاتىغانىدى. شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى، تۇسى تۈزگەن «ئېلخانىي كالېندارى» ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى تەسىر كۈچىنى نامايان قىلىپ بېرەلەيتتى.
نەسىرىددىن تۇسى ئۆزىنىڭ سەييارىلەر ھەرىكەت مودېلىنى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن بىر قانچە گىيومېتىرىيەلىك ئۇسۇللارنى ئىجاد قىلغان. بۇنىڭ بىرى باشقىلار تەرىپىدىن «تۇسى قوشمىقى» دەپ نام بېرىلگەن چەمبەرلىك ئوربىتا تەسۋىرىدۇر. بۇنىڭدا چوڭ بىر چەمبەرنىڭ ئىچىدىن ئايلانغان بىر كىچىك چەمبەر كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئەينى ۋاقىتتا ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان «سەييارىلەر  چەمبەر شەكىللىك ئوربىتادا ھەرىكەت قىلىدۇ»، دېگەن چۈشەنچىنى ئوبرازلىق تەسۋىرلەپ بېرەلەيتتى. تۇسى بۇ ئۇسۇلنى پتولمىينىڭ سەييارىلەرنىڭ ھەرىكىتى توغرىسىدىكى قاراشلىرىنىڭ ئورنىغا دەسسەتكەن. بىراق ئۇنىڭ بۇ ئۇسۇلى بىلەن مېركۇرىينىڭ ھەرىكىتىنى تەسۋىرلىگىلى بولمايتتى، بۇ مەسىلىنى كېيىنچە ئەلى قۇشچى ھەل قىلغان. تۇسى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ماھىر لايىھەلىگۈچى ئىدى. ئۇ رەسەتخانىنىڭ كۆزىتىش سايمانلىرىغا بولغان ئېھتىياجى بويىچە سۈپىتى ياخشى، نازۇكلۇق دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان ئاستىرونومىيەلىك كۆزىتىش ئەسۋابلىرىنى كەشىپ قىلغان. ئۇستىرلاپ ئەنە شۇ ئەسۋابلارنىڭ بىرىدۇر.
تۇسى ئەمەلىي كۆزىتىش ۋە ئۆلچەش ئارقىلىق پتولمىي ئوتتۇرىغا قويغان «يەر شارى ھەرىكەت قىلماي جىم تۇرىدۇ»، دېگەن قاراشنى ماتېماتىكىلىق ئىسپات ئارقىلىق تەنقىدلىگەن. بۇ ئىش ئەينى ۋاقىتتا ئىلىم ساھەسىدە كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان. 1543 – يىلى كوپېرنىك ئوتتۇرىغا قويغان «قۇياش مەركەز تەلىماتى»دا ئۇنىڭ بۇ تەنقىدى قوغدالغان. سامانيولى سىستېمىسى توغرىسىدا تۇسى مۇنداق يازىدۇ: «سامانيولى ناھايىتى زور ساندىكى شارسىمان يۇلتۇزلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇلار زىچ ھالەتتە توپلىشىپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار قارىماققا سۈت رەڭگىدە كۆرىنىدۇ». ئۈچ ئەسىردىن كېيىن سامانيولى توغرىسىدىكى ئەمەلىي كۆزىتىشتىن بولغان ئىسپات 1610 – يىلى ئىتالىيەلىك ئالىم گالىلېي تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
نەسىرىددىن تۇسىنىڭ بىيولوگىيە جەھەتتىكى كۆز قاراشلىرىنىڭ يېڭىلىقى ۋە ئۆزگىچىلىكى كىشىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. ئۇ «ئەخلاقى نەسرى» دېگەن ئەسىرىدە تۈرلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشى ھەققىدە ئاساسىي بولغان نەزەرىيەنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ بۇ نەزەرىيەسىنى «ئالەم تەڭپۇڭ ۋە كىچىك بولغان ئېلېمېنتلاردىن تۈزۈلگەن» دەپ باشلايدۇ. تۇسى ئۆز نۇقتىئىينەزەرىدە، بەزى ماددىلارنىڭ ئۆزگىرىشى ناھايىتى تېز ھەمدە باشقا ماددىلاردىن پەرقلىق بولىدۇ، دەپ كۆرسىتىدۇ. ئۇ يەنە ئېلېمېنتلارنىڭ مېنېراللارغا تەرەققىي قىلىشىنى، ئۆسۈملۈكلەر، ھايۋانلار ۋە ئىنسانلارنىڭ پەيدا بولۇشىنى چۈشەندۈرگەن.
تۇسى جانلىقلارنى ئۆسۈملۈكلەر، ھايۋانلار ۋە ئىنسانلار دەپ بۆلىدۇ. ئۇ ئېرسىيەتچانلىقنىڭ جانلىقلارنىڭ ئۆزگىرىشىدىكى ئىنتايىن مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئۇ مۇنداق يازىدۇ: «ھايۋانلار ئۆسۈملۈكلەردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئەركىن يۆتكىلەلەيدۇ، ئۆزىگە كېرەكلىك بولغان ئوزۇقلۇقنى تۇتۇپ يېيەلەيدۇ… ھايۋانلار يېڭى ھەرىكەتلەرنى، ئۆزىدە بولمىغان ئىقتىدارلارنى ئۆگىنەلەيدۇ. مەسىلەن، كۆندۈرۈلگەن ئات ۋە لاچىن ھايۋانات دۇنياسىدا ئۆز تەرەققىياتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىدە تۇرغان بولىدۇ». تۇسى ئىنسانلارنىڭ تەرەققىياتىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: « ئادەمسىمان مايمۇنلار سۇداننىڭ غەربىي قىسمىدا ياكى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا ياشايدۇ. ئۇلارنىڭ ئىش – ھەرىكەتلىرى ھايۋانلارنىڭكىگە يېقىنلىشىپ قالىدۇ… ئىنسانلارنىڭ شۇنداق ئالاھىدىكلىرى باركى، ئادەمسىمان مايمۇنلاردىن پەرقلىنىدۇ، بىراق يەنە بەزى ھايۋاناتلار بىلەن ئوخشاپ كېتىدىغان ئالاھىدىلىكلىرى بار».
تۇسىنىڭ بىيولوگىيە ساھەسىدىكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بۇ قاراشلىرىنى بۈگۈنكى كۈندە تۈرلەرنىڭ تەدرىجىي تەرەققىي قىلىشى، ئىنسانىيەت ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەتقىقات ۋە ئىلمىي نەزەرىيەلەرمۇ قوللاپ قۇۋۋەتلەيدۇ.
تۇسى فىزىكا ۋە خىمىيە ئىلمىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان «ماسسىنىڭ ساقلىنىش قانۇنى»نى مۇنداق چۈشەندۈرگەنىدى: «ماددىنى پارچىلاپ ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ، بىراق ئۇنى يۇقىتىۋەتكىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ شەكلىنى، شەرت – شارائىتىنى، قۇرۇلمىسىنى، رەڭگىنى ئۆزگەرتىپ، مۇرەككەپ ماددىلارغا قوشۇۋېتىش مۇمكىن، ئەمما ماددىنى تولۇق يوقاتقىلى بولمايدۇ». تۇسىنىڭ بۇ شەرھىيسى بۈگۈنكى دەۋردە سىستېمىلىق ھالغا كەلتۈرۈلگەن ماسسىنىڭ ساقلىنىش قانۇنى بىلەن پەرق قىلمايدۇ، ئەلۋەتتە.
ماتېماتىكا نەسىرىددىن تۇسىنىڭ ئاستىرونومىيەدىن باشقا مۇستەقىل تەرەققىي قىلدۇرغان چوڭ ساھەلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. تۇسى ئاستىرونومىيەدىن مۇستەقىل ھالدا تىرىگونومېتىرىيە توغرىسىدا تۇنجى بولۇپ ئەسەر يازغان. ئۇ «تۆت تەرەپلىكلەر ھەققىدە» ناملىق ئەسىرىدە سىفرىك تىرىگونومېتىرىيەگە كەڭرى ئورۇن بەرگەنىدى. بۇرۇن ئۆتكەن مۇسۇلمان ماتېماتىكلاردىن ئەبۇ ۋەفا بۇزجانى(998-940) قاتارلىقلار سىنۇس ئاكسىيومىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئىسپاتلاپ كۆرسەتكەنىدى. تۇسى بولسا سىنۇس ئاكسىيومىسىنى سىفرىك ئۈچبۇلۇڭلارغا بىرلەشتۈرۈپ، سىفرىك ئۈچبۇلۇڭلارغا ماس كېلىدىغان تانگېنىس ئاكسىيومىسىنى بايقىدى، ھەم بۇنى ئىسپاتلىدى.
نەسىرىددىن تۇسىنىڭ بۇ بۈيۈك خىزمەتلىرى بۇرۇندىن تارتىپ خاتىرىلىنىپ كەلگەن. 15 – ئەسىردە ماۋارائۇننەھر پادىشاھى، ئۇلۇغ ئاستىرونوم ئۇلۇغبەگ ئۇنىڭ خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، سەمەرقەندتە دۇنيا ئىلىم ئەھلىنىڭ ھەممىسى ئىنتىلىدىغان رەسەتخانا قۇرۇش بىلەن بىللە، تۇسى تۈزگەن «زىجى ئېلخانىي»نى تەتقىق قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇنىڭدىكى خاتالىقلارنى تۈزەتتى. شۇنداقلا تېخىمۇ ئىنچىكىلىگەن ئاساستا «زىجى كۆرەگانىي»نى روياپقا چىقاردى.
بۈگۈنكى كۈندىمۇ بۇ بۈيۈك ئالىمنى خاتىرىلەش ئۈزۈلۈپ قالغىنى يوق. ئاينىڭ جەنۇبىي يېرىم شارىغا جايلاشقان دىيامېتىرى 60 كىلومېتىر كېلىدىغان ئازگالغا «نەسىرىددىن» دەپ نام بېرىلگەن. 1979 – يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئاستىرونومى نىكولاي سىتىپانوۋىچ ئۆزى بايقىغان كىچىك بىر سەييارىگە «10269 تۇسى» دەپ نام بېرىپ، ئىنسانىيەتنىڭ بۇ بۈيۈك ئالىمىغا ئۆزىنىڭ ھۆرمىتىنى بىلدۈرگەن. ئىراندا «تۇسى تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى» بار، ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتىدە بولسا تۇسىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان شەمەخى رەسەتخانىسى بار. تور دۇنياسىنىڭ سەركىسى ھېسابلىنىدىغان گوگېل شىركىتى تۇسى توغۇلغانلىقىنىڭ 812 يىللىقى خاتىرىسىدە ئۆز تور بېكىتىنى ئەرەبچە خەت بىلەن بېزىگەنىدى…  
نەسىرىددىن تۇسىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىر جاھالىتىدە، پاتپاراقلىققا تولغان زاماندا ياشاپ تۇرۇپمۇ ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭمۇ ئەقلى لال بولغۇدەك ئىلمىي قاراش ۋە نەزەرىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويالىشى ھەربىر كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدۇ، ئۇنىڭ ئىلىمگە بولغان ئوتتەك ئىشتىياقى ھەربىرەيلەننىڭ زوقىنى قوزغايدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ بۈيۈك ئالىمنى پۈتۈن دۇنيا خەلقى ئۇنتۇپ قالماي، مەڭگۈگە خاتىرىلەيدۇ.

بۇ ماقالە شىنجاڭ ياشلىرى ژۇرنىلىنىڭ 2014 - يىللىق 7 - سانىدا ئېلان قىلىنغان

matimatika يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 09:52:45

ياخشى تەرجىمھالكەن، .....
بەت: [1]
: بۈيۈك ئالىم نەسىرىددىن تۇسى