Destur يوللانغان ۋاقتى 2014-7-2 16:47:24

چاشقىنەكنىڭ مىخانىكىلىق دىئاگىراممىسى

ھەرقايسى نوقتىلارنىڭ قانداق مەشغۇلات قىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدىغان چاشقىنەكنىڭ ھەركەتچانلىق دىئاگىراممىسى      

1.چاشقىنەك تېيىلغاندا،چاشقىنەكنىڭ ئىچكى يۈزىنىڭ سۈركىلىشى توپچىنى ئايلاندۇرىدۇ.
2.X ۋە Y يۆلىنىشىدىكى قىسقۇچلار توپچىنى تۇتۇپ تۇرغان ئاساستا ھەركەتلەندۈرىدۇ.
3. قىسقۇچلار ئوپتىكىلىق كودلانغان دسىكىچىلارنى ئايلاندۇرىدۇ.
4.ئوپتىكىلىق كىچىك چىراقلارنىڭ قىزىل نۇرلىرى دىسكىچىلاردىكى كىچىك تۈشۈكچىلەردىن ئۆتىدۇ.
5.سىنزۇرلار X ۋە Y يۆلىنىشىگە پارچىلانغان يورۇقلۇق ئىمپۇلىسلىرىنىڭ تىزلىكىنى ھىسابلايدۇ.چاشقىنەك ئۇلانغان كومپىيوتىر مۇشۇ مەشغۇلاتلارنى ۋە ھەركەتلەرنى ماس ھالدا نۇربەلگە ئارقىلىق ئىكران يۈزىدە كۆرۈنىدۇ.
ئىزاھات:1)چاشقىنەك— مائۇس. 2)ھەركەتچانلىق-مىخاينىكىلىق.3)رەسىملىك ئىزاھلىنىشى-دىئاگراممىسى .4) توپچە-كىچىكنە توپ.5)دىسكىچە-كىچىك نۇردىسكا(لىنتا)

Destur يوللانغان ۋاقتى 2014-7-2 16:48:59

رەسىملىك ئىزاھلىنىشى

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-7-2 17:31:29

ھازىر مۇنداق تاش يورغىلىتىدىغان مائۇسنى ئاساسەن ئىشلەتمەيدۇشۇنداق بولسىمۇ رەھمەتمۇمكىن بولسا لازىر نۇرلۇق مائۇسنىڭ تۈزۈلىشى ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز:)

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-7-2 17:58:42

قىزىل نۇرلۇقنى ئىشلىتەتكەنلەرغۇ نۇرنى كۆرىدۇ سىمسىز نى ئىشلەتسەك شۇ نۇرمۇ كۆرۈنمەيدۇ تىخى...
كەلگۈسىدە پۇل تاپقاندا ئىلىكتىر ۋە مىخاينىكىغا مەخسوس تەرجىمان ئىشلىتىپ مۇنبەرلەرگە يوللاتمىسام مۇشۇ سانائەت تىمىلېرىنى...

Destur يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 14:36:18

ablimitt يوللىغان ۋاقتى2014-7-2 17:58 static/image/common/back.gif
قىزىل نۇرلۇقنى ئىشلىتەتكەنلەرغۇ نۇرنى كۆرىدۇ سىمسىز ن ...

ئەمەلىيەتتە بۇ خىلدىكى تىمىلارنى كۆرۈدىغانلار ۋە قىزىقىدىغانلار خېلى بولۇشى مومكىن، قىزىقىدىغانلىرىمىزرەسمى ياكى بىرەسمى مۇنازىرە تەتقىقات سورۇنى يوق ياكى مۇشۇنچىلىك سورۇننىمۇ تاپالمايۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.
مەن مۇنداق ئويلىدىم:
ئالى مەكتەپتە ئوقۇيدىغان كەسىپتىكى ئوقۇغۇچىلار تەييارلىق مەزگىلىدىن باشلاپ بىر خىل كەسىپنىڭ بىر نەچچە تۈرىگە ۋە يىللىققا ئاساسەن تور بىكەت تۈزۈپ ، فىزىكىنىڭ كەسىپ تۈرلىرى قوللىنىشچان فىزىكا ۋە نەزىرىيە فىزىكىسى بويىنچە تۈرلەرگە بۆلۈپ ، مىخاينىكا بويىنچە كىتاپتىكى نەزىرىيە ياكى ئۆزىنىڭ مەلۇم ئىجتىھادى تىمىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باشقاساۋاقداش ھەم تورداشلارنىڭ ئىنكاسىغا تاشلىسا، ئېسىل پىكىرلەرنى قوبۇل قىلىپ تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ تەتقىقات تىمىسى قورۇپ چىقسا بولاتتى . بەزى كەشپىياتچىلىرىمىز ئۆزىنىڭ كەشپىياتىنىڭ نەزىرىيسىنى ئوتتۇرىغا قويسا بۇ خىلدىكى تىمىلارنى گۈللەندۈرۈپ بېيىتقىلى كىيىنكى باللىرىمىزنىڭ كەشپىيات ئىستىكىنى تۇنجۇقتۇرىۋېتىشتىن ساقلىنىىپ قالاتتۇق.
مۇشۇنداق تور بەت ياكى مۇنبەرنى قورۇپ چىققان ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۇتتۈرەي دېگەندە،يەنە ئۈزلۈكسىز قىلىشقا قۇربىتى يەتمىسە، ماس ھالدا بىرىنجى يىللىنىڭ تىمسىنى بىرىنجى يىللىقىقا؛ ئىككىنجى يىللىقنىڭ تىمىسىنى ئىككىنجى يىللىققا .... ھەقلىق ياكى ھەقسىز ئۆتۈنۈپ بىرىپ باشقۇرسا بارغانسىرى ياخشى بولاتتى.
بۇنىڭ ئىجتىمائى رولىغا ياخشى بولاتتى.بۇنىڭغا قانداق قارايسىلەر ؟

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 18:08:23

Destur يوللىغان ۋاقتى2014-7-3 14:36 static/image/common/back.gif
ئەمەلىيەتتە بۇ خىلدىكى تىمىلارنى كۆرۈدىغانلار ۋە قىز ...

مەكتەپلەردە مەكتەپ تورى بار، ئەمما بۇنداق ساھەلەر بۇيىچە مۇنازىرە يوقكەن. ئەسلى شۇنداق بولسا قۇرۇق داۋراڭ قىلىدىغان كەشپىياتلار چىقماي ئەمىلى قىممىتى بار نەرسىلەر بارلىققا كىلەتتى.
بەت: [1]
: چاشقىنەكنىڭ مىخانىكىلىق دىئاگىراممىسى