سامسوڭ Galaxy note 10.1 دىن ياردەم
ئەسسالام ئىزدىنىش ئەھلى ، ئۇلۇغ رامىزان كۈنلىرىدە ھەممىڭلار سالامەت تۇرۇۋاتامسىلەر ؟مەقسەتكە كەلسەك ، نەچچە كۈن بۇرۇنئىدارىدىن خىزمەتكە قولاي بولسۇن ئۈچۈن سامسوڭ Galaxy note 10.1پەدتىن تارقاتقان ئىدى،بۇ بىرقانچە كۈندىن بۇيانئۇيغۇرچە ، خەنزۇچە بىر قانچە ئەپلەرنى قاچىلاپ ، سېستىمىسى،ئىچىدىكى قوراللىرىبىلەن بىرە قۇر تونۇشۇپ چىقتىم ، ھازىرچە تەسىرات خېلىلا ياخشى ،سۈرئەت تېز ھەم مۇقىملىقىمۇ ياخشى ، بولۇپمۇ قەلىمى بىلەنخەت يېزىپ رەسىم سىزغىلى بولىدىغان ئىقتىدارلىرىنى شۇنداق ياقتۇردۇم، ئەمدى تورداشلاردىن سورىماقچى بولغىنىم :
1. توربەتلەرنى زىيارەت قىلغاندا گەرچە ئۇيغۇرچە خەتلەرنى ئوقۇپ چۈشەنگىلى بولسىمۇ لېكىن ئادەمگە بىرخىل راھەت تەسىر بەرمەيدۇ، خەت نۇسخىسى چىرايلىق ئەمەس ، شۇڭاسېستىمىنى رۇتلىماي تۇرۇپ خەت نۇسخىسىنى نورمال كۆرسىتىدىغان بىرەر مۇناسىۋەتلىك ئەپ ياكى باشقا ئاماللار بارمىدۇ، بولسا ئورتاقلاشقان بولساق !
2 . ئاندىروئىدنىڭ مەيلى ئۇيغۇرچە ياكى خەنچە بولسۇن ياخشىراق ، ئىشلىتىلىشچانلىقى يۇقىرى ئەپلىرىدىن،ئۇيغۇرچە ئېلكىتاب چۈشۈرۈش مەنزىلىدىن تەۋسىيە قىلساڭلار تولىمۇ خوش بولغان بولاتتىم http://download.csdn.net/download/u011398090/5810747
مۇشۇنى چۈشۈرۈپ قاچىلىۋەتسىڭىز بولىدۇغۇ دەيمەن . 1 سىز روتلاپ ئۇيغۇرچە تونۇتىۋېلىپلا روتنى تاقىۋېتىڭمەن مۇشۇنىلا بىلىدىكەنمەن
2 www.birhon.comماۋۇ يەردىكى ئېلكىتابلار سىزگە قۇچاق ئاچقۇسى kakkur يوللىغان ۋاقتى2014-07-02 13:53:54 static/image/common/back.gif
1 سىز روتلاپ ئۇيغۇرچە تونۇتىۋېلىپلا روتنى تاقىۋېتىڭم
بىرھوننى يانفۇنۇمدىكى Ucتوركۆرگۈچ خەتەرلىك دەپ ئەسكەرتىۋاتىدۇ،،،:o ئاۋال روتلاڭ ،ئاندىن كىيىن نەشىرىگە ماس كىلىدىغان ئۇيغۇرچە تونۇتقۇچتىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرچە تونۇتىۋەتسىڭىز بولىدۇ bayawat يوللىغان ۋاقتى2014-7-2 15:58 static/image/common/back.gif
بىرھوننى يانفۇنۇمدىكى Ucتوركۆرگۈچ خەتەرلىك دەپ ئەسكەر ...
بۇنىڭغا @Birhon ئەپەندى بىر نەرسە دىسۇن قايسى دۆلەتتىكى ئىدارە ئۇ ؟ pis-pas يوللىغان ۋاقتى2014-7-2 09:53 static/image/common/back.gif
http://download.csdn.net/download/u011398090/5810747
مۇشۇنى چۈشۈرۈپ قاچىلىۋەت ...
رەھمەت قېرىندىشىم، ئۇلانمىنى ئاچسام چۈشۈرۈش ئۈچۈن مەخسۇس تىزىملىتىدىغان ئىشكەن ، ئالدىراشچىلىقتىن تىزىملىتىپ چۈشۈرۈشكە ئۈلگۈرمىدىم تېخى، بۇ مەخسۇس ئاندىروئىد ئەپمۇ ؟بۇنى چۈشۈرۈپ سىناپ باققانلار ئازراق چۈشەنچە بەرسىمۇ بولۇپتىكەن ! ئۈستىدىكى ئىنكاس قايتۇرغان قېرىنداشلارغا كۆپ رەھمەت،ئاندىروئىد تېلىغون پەدلەرنى رۇتلاش تەجرىبەممۇ يوق ھەمھازىرچە بۇ پەد نامدائومۇمنىڭ بولغاچقا رۇتلاشنى ھازىرچە ئويلاشمىدىم، سېستىمىنى رۇتلىماي تۇرۇپ ئۇيغۇرچە خەتنى چىرايلىق كۆرسىتىدىغان بىرەر ئەپ بولسا تولىمۇ ئېسىل ئىش بولاتتى.
شۇ بىر ۋاقىتلاردا بىرھون ۋە باشقا توربەتلەردىن چۈشۈرۈپ ساقلاپ قويغان ئېسىل ئېلكىتابلىرىم باتتى، ئەپسۇس،كومپىيوتېر قاتتىق دېسكىسىدىن بىر چاتاق چىققان پېتى ھەممىسى يوق بولدى،ئالدىنقى كۈنلىرى ئېلكىتاپ چۈشۈرەي دەپ بىر ھونغا چىقسام مەن چۈشۈرەي دىگەن كىتابلارنى چۈشۈرگىلى بولمىدى،باياتىن چىقساممۇ يەنە شۇ ئەھۋال،بەلكىم پات ئارىدا ئوڭشىلار.ھازىرچە باشقا ئېلكىتاپ چۈشۈرۈش مەنزىلىنىمۇ بىلمىدىم .
مەن بۇ پەدكە چۈشۈرگەن ئۇيغۇرچە ئەپلەر:بىلكان لۇغىتى، نور تورى، پىنھان تەۋسىيە قىلغان ھاۋارايى، ئۆزتىل ۋە تارىم قاتارلىق بىر قانچە ئەپلەر .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alip28 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-7-3 00:10
ئىزدىبىش كۆرگەندىكى ئېكران رەسىم
بەت:
[1]