iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-7-1 20:55:35

يۇلتۇزلار ئارىلىقى قانداق ئۆلچىنىدۇ؟4-قىسمى

مۇشۇ يۈرۈشلۈك بارلىق قىسىملارنىڭ نەشر ھوقۇقى قوغدىلىدۇ، باشقا مۇنبەرلەرگە يۆتكەپ چاپلاشقا قەتئى بولمايدۇ!
قۇياش سېستىمىسى ئىچىدىكى ئالەم جىسىملىرىنىڭ ئارىلىقى رادار دولقۇنى،لازېر نۇرىنىڭ قايتىشى قاتارلىق ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ ئۆلچىنىدۇ.
قۇياش سېستىمىسى سىرتىدىكى يۇلتۇزلار ئارىلىقىنى ئۆلچەشتە تۆۋەندىكى ئۇسۇللار قوللىنىلىدۇ.(مەن تونۇشتۇرماقچى بولغان بۇ  ئۇسۇللار جەمئى تۆت خىل ، ھەر بىر قىسىمدا بىرنى تونۇشتۇرىمەن )

1-قىسمى :      http://bbs.izdinix.com/thread-58911-1-1.html

2-قىسمى :  http://bbs.izdinix.com/thread-58917-1-1.html

3- قىسمى : http://bbs.izdinix.com/thread-58948-1-1.html

4. ھابىل قانۇنى ئۇسۇلى

1929-يىلى مەشھۇر ئاستىرونومىيە ئالىمى ئېدۋىن ھابىل ( Edwin hubble)   ساما يولى سېستىمىسىنىڭ سىرتىدىكى  يۇلتۇز سېستىمىلىرىنىڭ رادىئال تېزلىكى بىلەن ئارىلىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلدى.شۇ ۋاقىتتا گالاكسىي سىرتىدىكى يۇلتۇز سېستىمىلىرىدىن  پەقەتلا 46 سىنىڭ رادىئال تېزلىكىدىن پايدىلانغىلى بولاتتى ، يەنە كېلىپ بۇنىڭ ئىچىدىن ئاران 24 دانە يۇلتۇز سېستىمىسىنىڭ ئارىلىقىنى ھېساپلاپ چىقتى .
ھابىل رادىئال تېزلىك بىلەن ئارىلىق ئوتتۇرىسىدىكى ئاساسى سىزىقلىق ئوڭ تاناسىپلىق مۇناسىۋەتنى تېپىپ چىقتى، ھازىرقى دەۋردىكى يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى كۆزىتىش نەتىجىلىرى بۇنى ئىسپاتلاپ بەردى.
v=HOxd ;

بۇنىڭ ئىچىدىكى v بولسا چېكىنىش سۈرئىتى ، d بولسا يۇلتۇز سېستىمىسىنىڭ ئارىلىقىدۇر.
H=100H0km.s - /1Mpc
  (  H0 نىڭ قىممىتى  0‹H0‹1  ) تاناسىپ تۇراقلىقى بولۇپ ھابىل تۇراقلىقى دەپ ئاتىلىدۇ، مانا بۇ داڭلىق ھابىل قانۇنىدۇر.
ھابىل قانۇنىدىن پايدىلانغاندا يۇلتۇز سېپىكتىرىنىڭ قىزىلغا سىلجىشىنى ئۆلچەپ   λv/v   دوپلېر ئېففىكتى    λv/v=v/c  ئارقىلىق v نى كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا ، يەنە داۋاملىق d نى كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا بولىدۇ.
ھابىل قانۇنى ئالەمنىڭ داۋاملىق كېڭىيىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى ، بۇ خىل كېڭىيىش بولسا بىر پۈتۈن بوشلۇقنىڭ تەكشى كېڭىيىشىدۇر، شۇڭا ھەر قانداق بىر نۇقتىدىكى كۆزەتكۈچىنىڭ كۆرىدىغىنى پۈتۈنلەي ئوخشاش بولغان كېڭىيىشتۇر.
ھەر قانداق بىر يۇلتۇز سېستىمىسىدىن قارىغىنىمىزدا بارلىق يۇلتۇز سېستىمىلىرىنىڭ ئۆزىنى مەركەز قىلغان ھالدا تۆت ئەتراپقا قاراپ كېڭىيىۋاتقانلىقىنى ، يۇلتۇز سېستىمىلىرى بىزدىن قانچە يىراق بولسا كېڭىيىش سۈرئىتىنىڭ شۇنچە تېز ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز.....

تۈگىدى

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-7-1 20:56:43

مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-7-1 21:07:48

يۇقىرىقى ئۇسۇللاردن باشقا يورۇقلۇق سېپىكتىر ئۇسۇلى ، I تىپلىق ئۇلتىرا يېڭى يۇلتۇز ئۇسۇلى قاتارلىق ئۇسۇللار بار
بۇلارنى سۆلەپ ئولتۇرمايمەن، قىزىقىدىغانلار ئۆزلىرى كۆرۈۋالغاي......

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-7-2 17:00:20

ئىدرىس ناۋاي نان يېقىپتۇ
نېنىنى ئالىدىغان ئادەم يوق،ئۆزى يەپتۇ
بەت: [1]
: يۇلتۇزلار ئارىلىقى قانداق ئۆلچىنىدۇ؟4-قىسمى