elxatrahim يوللانغان ۋاقتى 2014-7-1 20:09:32

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمننىڭ تۈرك قارشى ھەققىدە

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمننىڭ تۈرك قارشى ھەققىدە
- مەرھۇم ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن تۇغۇلغانلىقىنىڭ 80يىللىقىغا ھۆرمەت بىلەن بېغىشلايمەن.
تۈركلەر ئۇزاق تارىخقا ئىگىدۇر.ئۇلار دۇنيا تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە زور تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن.《‹تۈرك› دىگەن بۇ سۆزنىڭ مەنىسىگە قارىتا ھەر خىل ئوخشىمىغان قاراشلار بار.بىر خىل قاراشتىكىلەر تۈركلەر قەدىمدىن ئالتۇنتاغ (ئالتاي تېغى) نىڭ كۈنگەي تەرىپىدە ياشىغان،ئالتۇنتاغنىڭ شەكلى ‹تۈركە› (دوبۇلغا،قەدىمكى دەۋىردىكى ئەسكەرلەرنىڭ باش كىيىمى) گە ئوخشايدىغان بولۇپ،تۈركلەر مۇشۇ نام بىلەن ‹تۈرك› دەپ ئاتالغان دەپ قارايدۇ،خەنزۇچە قەدىمكى كىتابلاردا كۆپرەك مۇشۇ خىل قاراش ياقلىنىدۇ؛ يەنە بىر خىل قاراشتىكىلەر ‹تۈرك› دىگەن سۆز ‹قۇدىرەتلىك›،‹قەيسەر›،‹ئىجادجان›،‹پىشقان›،‹گۈللەنگەن› دىگەن مەنىلەردە دەپ قارايدۇ،بۇ خىل قاراشنى ياقلىغۇچىلار كۆپىرەك تىلشۇناسلاردۇر.يېقىنقى يىللاردىن بىرى يەنە ‹تۈرك› پەقەتلا بىر سىياسىي نام،ھېچقانداق مىللەت مەنىسىگە ئىگە ئەمەس،دەيدىغان يەنە بىر خىل قاراش مەيدانغا كەلدى.》【1】
بۇ ماقالىدە دۆلەت ئىچىدىكى باشقا تەتقىقاتچىلارنىڭ تۈرك قارىشى بىلەن ئۇيغۇر ئالىمى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ تۈرك قارىشى سىلىشتۇرما قىلىنىدۇ.
دۆلىتىمىزدە تۈركلەر ھەققىدىكى تەتقىقات باشقا ئەللەردىن كىيىن باشلانغان.ئازادلىقتىن كىيىن سىن جوڭمىيەن،ماچاڭشۇ قاتارلىقلار قىسقىچە تەتقىقاتلارنى ئىلىپ بارغان.80-يىللاردىن كىيىن نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك نەتىجىلەر بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ،ئەمما كۆز-قاراشلار قېلىپلىشىپ قالغان.كىچىك جەھەتتىكى پەرقلەرنى ھىساپقا ئالمىغاندا،تەتقىقاتتا زور ئۆزگىرىش بولمىغان.تەتقىقاتچىلار ئاساسەن خەنزۇچە قەدىمكى مەنبەلەرگە تايانغان بولۇپ،ئارخىئولوگىيلىك پاكىتلار ۋە ئىنسانىيەت مەدەنىيەتشۇناسلىقى بويىچە تەتقىقات ناھايىتى ئاز بولغان.
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ تۈرك قارىشى《قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا》(تۇران تارىخى) دا نۇقتىلىق ئەكىس ئېتىدۇ.تۆۋەندە بىر قانچە خىل قاراشلار نۇقتىلىق سېلىشتۇرۇلىدۇ.
1.تۈركلەرنىڭ ئېتنىك مەنبەسى
دۆلىتىمىزدىكى كۆپ سانلىق تەتقىقاتچىلار خەنزۇچە مەنبەلەردە ساقلىنىپ قالغان رىۋايەتلەرگە ئاساسەن،تۈركلەرنىڭ ئېتنىك مەنبەسىنى دىڭلىڭلار،قاڭقىللار (تېلېلار) دەپ قارايدۇ.ھەم بۇ قارىشىنى مەڭگۈ تاشلار ئارقىلىق تېخىمۇ دەلىللەيدۇ.【2】مۇسۇلمان تارىخچىلار قالدۇرغان يازمىلاردا بولسا《تۈرك-يافەس ئوغلى تۇر》دۇر دەپ قارىلىدۇ.《شەجەرەئىي تۈرك》،《تارىخى ھەمىدىي》قاتارلىقلار شۇنىڭ جۈملىسىدۇر.ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن بولسا:《مەركىزى ئاسىيادا نۇرغۇن تارىخى قىسمەتلەر چۆكمىگە ئايلاندى.ئەمما مەركىزى ئاسىيا ئىنسان تۈركۈملىرى مىللىيەتلىك مەدەنىيەت ئەنئەنىسى تارىخى ياراتقاندىن كېيىن،ئۇ ئاق جىنسلىق ئارى①-ساك خەلقلىرى بىلەن،ساكلارنى ئاساس قىلىپ،قىسمەن موڭغۇلوئىد (سېرىق جىنىس) خەلقلەرنى بىرلەشتۈرگەن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ پائالىيەت سەھنىسى بولۇپ كەلدى.مېنىڭچە،مەركىزى ئاسىيا تۈركىي قوۋملىرىدىن ئىبارەت ئىككىلەمچى ئىنسان تۈركۈمىنىڭ يىراق ئەجدادلىرى ئاساسىي ئېتنوگېنىز جەھەتتىن يەنىلا مەركىزى ئاسىيا ئاندرونوپ-ئارى،سىكىتاي-ساكلاردىن ئىبارەت بىرلەمچى ئىنسان تۈركۈمىدىن ئىبارەت.بۇ ئىككى خەلقنىڭ مۇناسىۋىتىنى مەركىزى ئاسىيا ئاق جىنىس ئىنسان تۈركۈمىنىڭ مىلادىىدىن ئىلگىرىكى 6-7مىڭىنچى يىللاردىن مىڭىنچى يىللارغىچە ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ مىلادىىدىن كىيىنكى مىڭىنچى يىللاردىن كېيىنىكى تۈركىي ئەۋلادلىرىغا بولغان مۇناسىۋىيتى دىيىش مۇمكىن.بۇ بىرلەمچى ۋە ئىككىلەمچى ئىنسان تۈركۈمىنىڭ قىسمەن قوۋىملىرىدىكى پارالىلل زامانداشلىققا قاراپ،ئۇلارنى پۈتۈنلەي تارىخى مەنبەداشلىق ئالاقىسى بولمىغان باشقا-باشقا ئىككى خەلق قىلىپ قويۇش تارىخى چىنلىققا زىتتۇر.بۇ يېقىنقىي بىر قانچە مىڭ يىلدىن بۇيانقى مەركىزى ئاسىيانىڭ تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەركىزى ئاسىياسىي،تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئانا ماكانىي ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.بۇ تۈركىي خەلقلەر ھەقىقىي ئېتنولوگىيلىك مۇجەسسەم گەۋدىسىگە ھەممىدىن ئىلگىرى ئۆزىنىڭ ئاق جىنىسلىق ئەجدادلىرى بولغان ئارى-ساكلارنى (جۈملىدىن دىڭلىڭ،ئۇجىيە،توخار ۋە سوغدىلارنى) ئۆزلەشتۈرۇپ،ئۇلارنىڭ ئەۋلادى-ۋارىيانتى سۈپىتىدە مەيدانغا كەلگەن مەركىزى ئاسىيا ئىنسان تۈركۈمىدىن ئىبارەت》【3】دەپ خۇلاسىلەيدۇ.ئالىمچە،ئارىئان-ساكلار《ئاۋېستا》دا كۆرسىتىلگەن،تۇران ئېلىدە ياشايدىغان  جەڭگىۋار تۇرلار بولۇپ،بۇ كىتابلاردا كۆرسىتىلگەن《يافەسنىڭ ئوغلى تۇر》بىلەن زىت ئەمەس.
2.تۈرك ئىبارىسنى چۈشىنىش
ئىلىمىزدىكى كۆپىنچە تەتقىقاتچىلار تۈرك ئىبارىسىنى چۈشىنىشتە،مىلادىيە 552-يىلى ئىلىك ئارسىلان تۇمانخان تەرىپىدىن ھازىرقى موڭغۇل-تاتار دالاسىدا قۇرۇلغان كۆكتۈرك خانلىقى بىلەن ئۆلچەيدۇ.2009-يىلى نەشىر قىلىنغان،شۈ لىلىي(徐黎丽) باش بولۇپ تۈزگەن《تۈرك ئۆزگىرىش تارىخى تەتقىقاتى》(突厥人变迁史研究) ناملىق كىتابتىمۇ شۇنداق كۆرسىتىلگەن.【4】ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن بولسا،تۈرك ئىبارىسنى ئۈچ قاتلام-ئۈچ كاتېگورىيە بويىچە پەرقلەندۇرۇش لازىم،دەپ قارايدۇ.《بىرىنچى،‹تۈرك› ئىبارىسىنى ھازىرقى زامان تۈركلوگلىرى ئۇرقۇن ئابىدىللىرى قاتارلىق يازما مەنبەلەر بىلەن تۈركىي خەلقلەرنىڭ تىل ۋە تۇرمۇش مەدەنىيىتى ئۈستىدىكى تەتقىقاتتىكى ‹تۈرك›،‹تۈركىي› ئىبارىسى مەسىلىسى.ماھىيەتتە بۇ تىل،مەدەنىيەت،تارىخى قانداشلىق ۋە نومۇس-ئىپتىخار ئورتاق چەمبىرى مەسىلىسىدىن ئىبارەت.ئىككىنچى،‹كۆكتۈرك› خانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تارىخ سەھنىسىگە كىرىپ كەلگەن تۈركىي خەلقلەرنىڭ بىرلەشكەن ھاكىمىيەت شەكلى.بۇ ھاكىمىيەت تۈركىي خەلقلەرنىڭ تۇنجى خانلىقى ئەمەس،ئەلۋەتتە.ھونلارمۇ تۈركىي خەلقلەرنىڭ ھاكىمىيىتى ئىدى.ھونلاردىن ئىلگىرىمۇ بىر قەدەر كىچىكىرەك ‹دىڭلىڭ ئېلى›،‹خۇجىيە ئېلى›،‹ئاراغول ئېلى› (中山国)،‹كۇيفاڭ›،‹تۇفاڭ› قاتارلىق ھاكىمىيەت ۋە قورغان-قەلئە ھاكىمىيەتلىرى بولغان.بۇنىڭدىن باشقا،ھونلار بىلەن كۆكتۈرك خانلىقى پۈتۈن تۇران زونىلىرىدا ياشايدىغان ئۈچ چەمبەر  (شىمالىي،غەربىي،شەرىقى تۇران) تۈركىي قەبىلىلەرنى تامامەن بىرلەشتۈرۇپ بولالىغانمۇ-يوق،بۇ تەتقىق قىلىنىدىغان مەسىلە.ھونلار راسا كۈچەيگەندە،بىر قىسىم توخارلار كۇشان ئىمپىريىسى قۇرغان بولسا،كۆكتۈرك خانلىقى غەربىي،شەرىقى خانلىقلارغا بۆلۈنگەندىمۇ كاۋكاز-دېنىپىر ئارىلىغا،شەرىقى ياۋرۇپاغا كەتكەن ھون-ئاۋار تۈركلىرىنى باشقۇرمىغانىدى.ئۈچىنچى،ئەڭ قەدىمكى تۇرانىيلارنى-ئاندرونوپ ساكلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش كېرەك.ئۇلار ھون خانلىقىدىن ئىلگىرى ‹دى›،‹زەي›،‹تۇفاڭ› (土方)،‹جىن› (禁,真 )،‹جۇلى› (株离)،‹لىن لى› (林离) ناملىرىدا،جۈملىدىن ‹تۇران› نامىدا ئەپراسىياپ ھاكىمىىتى شەكلىدە ساقلانغان.ئەپراسىياپ (ئالىپ ئەرتۇڭا،فرانزاسىيان) نامى ‹تۇر› نامى بىلەن ‹ئاۋېستا› دا ئۇچىرايدۇ.يەنە ئۇ ئىران شاھى كەيخۇسراۋ بىلەن ئەپراسىياپ جەڭلىرى سۈپىتىدە خەلق ئارسىدا كەڭ ساقلانغان ۋە ئوبۇلقاسىم فىردەۋىسىنىڭ ‹شاھنامە› سىگە ئاساس سالغان.بىز خوتەندە ساقلانغان ۋە شۇەنزاڭنىڭ ‹ئۇلۇغ تاڭ دەۋىرىدە غەربكە ساياھەت› ناملىق كىتابىغا كىرگۈزۈلگەن پىلە قۇرتىنىڭ ‹شەرىقى تۇ ئېلى›(东土国 )دىن كەلتۈرۈلگەنلىكى رىۋايىتى بىلەن ھازىرقى شىنجاڭدىكى ‹تۇر› (مەسلەن:‹پالۋانتۇر› قاتارلىق ئىگىز تۆپىلىك ياكى ئىستېھكام،قاراۋۇل تۇرلىرى) ناملىرىنىڭ كەڭ قوللىنىلشى،بىزگە ‹تۇر›،‹تۈرك›،‹تۇران› مەنىلىرىنى ئەسلىتىدۇ.بەلكى قەدىمكى ‹تۇرانىيلار› شەھەر-قەلئەلىرى ‹تۇر› ئىبارىسى بىلەن قوشۇلۇپ ئاتالسا كىرەك.》【5】
ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن تارىخنى ئۇنىڭ ئۆز ئۇچۇرى بويىچە تەتقىق قىلىش قارىشى،ئىنسانىيەت مەنبەسىنىڭ بىردەكلىكى قارىشى قاتارلىق ئىنسانپەرۋەر تارىخ قاراشلىرى نۇقتىسىدىن ئۆزىنىڭ تۈرك چۈشەنچىسىنى تارىخى نۇقتىدىن مۇنداق خۇلاسىلەيدۇ:《1)تۈركىي خەلقلەر مەركىزى ئاسىيادىكى ئارىيانلارنىڭ ئۆزگەرگەن-موڭغولوئىد ئالامەتلىرى ئىپادىلەنگەن ئانتروپولوگىيلىك شەكلىدىن ئىبارەت؛2)تۈركلەر ئىرق تىپى جەھەتتە موڭغولوئىد خەلقلەرگە ئەمەس ئارىيان-ساكلارغا،شەرىقى جەنۇنىي ئاسىيا ئىرقىغا ئەمەس،كاۋكاز تىپىدىكى خەلقلەرگە يىقىن تۇرىدۇ؛3)تۈركلەر ھونلاردىن ئىلگىرى مەيدانغا كەلگەن،مەركىزى ئاسىيادىن كەڭ بولغان پۈتكۈل تۇران-مەركىزى ئاسىيا،سېرىق دەريانىڭ يۇقىرى رايونلىرىدا،يەنى شىمالىي،غەربىي ساھىلنىڭ كۆپچىلىك رايونلىرىدا ياشىغان؛4)ھونلار تۈركىي خەلقلەرنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان مەركىزى ئاسىيادىكى ئوغۇز قەبىلىلىرىنىڭ ئىتتىپاقى شەكلىدىن ئىبارەت؛5)موڭغولوئىد تەسىرى بارلىق ئارىيان-قەدىمكى تۈركىي قەبىللەردە بىردەك ئىپادىلەنگەن ئەمەس.تۈركلەشكەن موڭغولوئىدلار بولۇشىنى چەتكە قاقمىغان ھالدا،بىز توقبات ۋە قىپچاق قەبىلىلىرىنىڭ بۇ تەسىرگە (بولۇپمۇ شەرىقى تەرەپتە) كۆپرەك ۋە بىۋاستە ئۇچىرىغانلىقىنى،ئۇيغۇر ۋە ئوغۇز قەبىلىلىرىنىڭ بۇ تەسىرگە (بولۇپمۇ غەربىي تەرەپتە) ئازراق ۋە ۋاستىلىق ئۇچىرىغانلىقىنى كۆرىمىز؛6)قەدىمكى دىڭلىڭلار ۋە ھازىرقى ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ ئارىيان-ياۋرۇپا جىنىسىنى نىسپىي ساقلىغان ھالدا تۈركىي تىل سېستىمىسىدىكى بىر مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن؛7)ئەڭ قەدىمكى ئاندرونوپ-قاراسۇق-تاكار-تەڭرىتاغ-تارىم-تاشتىك مەدەنىيەتلىرىنىڭ ۋارىسى دىڭلىڭ-گۇشى (خۇجىيە) ئۇيغۇرلىرى تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەدەنىي ھاياتى ۋە سىياسىي ھاياتىدا،تۈركىي ئەدەبىي تىلىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىدا ئۈلگىلىك رول ئوينىغان.》【6】
3.تۈرك ئۆزگىرىش تارىخى قارشى
دۆلىتىمىزدىكى كۆپىنچە تەتقىقاتچىلار تۈرك ئۆزگىرىش تارىخىنى ئوبىكتىپ باھالايدۇ.ئۇلارنىڭ پىكىرىنىڭ مۇھىم ھالقىسى بولسا،شەرىقى ۋە غەربىي تۈرك خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن،ھەر قايسى قەبىلىلەر ئوخشىمىغان تەرەققىيات يولىدا ماڭدى،تارىختىكى تۈركلەرگە سىلىشتۇرغاندا،زىمىن،تىل،ئىگلىك شەكلى،ئۆرپ-ئادەت،جىسمانىي ئالاھىدىلىك ھەتتا دىننى ئېتىقادتا ئاسمان-زىمىن ئۆزگىرىش بولدى،تارىخ ئىنسانشۇناسلىقى نۇقتىسىدىن،بۇنىڭدىن ساقلانغىنى بولمايدۇ،مىللەتنىڭ ئۆزگرىشى مىللەتنىڭ تەرەققىي قىلشى ۋە مەۋجۇدلىقىنىڭ مۇقەررەر قانۇنىيىتى،دەپ قارايدۇ.【7】ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن بۇ مەسىلىگە كەڭ دائىرىدىن باھا بېرىدىغان بولۇپ،تارىخى مۇقەررەلىك نۇقتىسىدىنلا تەھلىل قىلمايدۇ.بىر قاتار سىياسىي،ئىجتىمائىي ۋە جوغراپىيىلىك سەۋەپلەرنى نەزەرگە ئالىدۇ.ئۇنىڭچە،《تۈركىي خەلقلەر ھازىرقى زامان بىر پۇتۇن (بىر گەۋدە) مىللىتى بولۇپ چىقمىدى.بۇنىڭغا ئۇلارنىڭ ئىچكى پارچىلىنىشى،تولا يۆتكىلىشى،شۇنداقلا قاراخانىيلار زامانىدا ‹تۈرك› ئىبارىسىنى ئىشلىتىپ،‹تۈرك تىلى› (تۈركىي تىل ئەمەس) شەكىللەندۇرۇش ھەركىتىنىڭ قىدان (قارا خىتاي)،چىڭگىزخان،جۇڭغارلار تەرىپىدىن بىر قانچە قىتىملىق پارچىلىنىپ كېتىشى،ئوغۇز سالجۇقلىرىنىڭ كۆچۈشى قاتارلىقلار سەۋەب بولدى.》【8】ئۇ يەنە تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئىچكى ئىتىتىپاقسىزلىقى،ئۆز بىشىمچىلىقى،روھى جەھەتتىكى مەنىۋىي ئاجىزلىقلىرىنى تەكىتلەپ:《تارىخ پات-پات مەركىزى ئاسىيادا بىرەر مىللەتنى ئاساس قىلغان پارچە ھاكىمىيەتچىلىكنىڭ يۈز بېرىپ كەلگەنلىكىنى،بۇ پارچە ھاكىمىيەت ئاقساقاللىرىنىڭ بىر-بىرىدىن ئۈستۈنلۈك تالىشىپ گۈركىرەشكەنلىكلىرى بىلەن،ئۇلارنىڭ يەنىلا كۈچلۈك ھاكىمىيەتلەرنى ئارقا تېرەك قىلىش،ئۇلاردىن مەلىكە ئىلىپ قۇدىلىق مۇناسىۋىتى ساقلاش،ئۇلارنىڭ بەرگەن ئۇنۋانلىرىنى ياكى نەسەپ ناملىرىنى ئۆزىگە تىل تۇمار قىلېۋىلىش خاھىشىنىڭ بىللە داۋام قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇردى.خوتەن خانلىرىنىڭ ‹لى› فامىلىسىنى،قاراخانىيلار ئىلىك خانلىرىنىڭ ‹تاۋغاچ› نامىنى،بابۇرىيلار ئىمپېرىيىسى پادىشاھلىرى ۋە سەئىدىيە خانلىرىنىڭ ‹موغۇل› نامىنى قوللىنىشى ئەنە شۇ ھەم پارچە مۇستەقىل ھاكىمىيەتچىلىك ھەم بېقىندى روھىيەت زىددىيتىنىڭ مەھسۇلى ئىدى.ئوتتۇرا ئاسىيا،قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ سوۋىت روسىيىسىدىن ئايرىلىپ چىققاندىن كېيىنكى روھىي ھودۇقۇشلىرىدىمۇ بۇ ھادىسە تەكرارلاندى.》【9】دەيدۇ.
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ تۈرك قارىشى ئۇنىڭ مىللەت ۋە قىممەت قارشىغا ئاساسلانغان بولۇپ،بىر پۈتۈن تارىخ قارىشىنىڭ ئايرىلماس تەركىبىي قىسمىدىن ئىبارەت.ئەلۋەتتە،بۇ جەھەتتە تېخىمۇ چوڭقۇر تەتقىقات قىلىشقا ئەرزىيدۇ.
                                           2013-يىلى 17-ئىيۇل،قورغاس.
نەقىل مەنبەلىرى
【1】ليۇ شىگەن:《تۈرك قاغانلىقى تارىخى》(ئەخمەتجان مۆمىن تەرجىمە قىلغان)،شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2002-يىلى نەشىرى 1-بەت.
【2】لىن گەن:《تۈرك تارىخى》(يۇنۇسجان ئېلى تەرجىمە قىلغان)، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2002-يىلى نەشىرى.
徐黎丽主编:《突厥人变迁史研究》,1页,民族出版社,2009。
【3】ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن: «قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا»(تۇران تارىخى) شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2002-يىل نەشىرى مۇقەدىمە 10-11-بەتلەر.
ئارى①-گرىكچە كۆپلۇك مەنىسىدە 《ئارىيان》دەپ ئاتىلىدۇ.
【4】徐黎丽主编:《突厥人变迁史研究》,5،4页,民族出版社,2009。
【5】ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن: «قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا»(تۇران تارىخى) شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2002-يىل نەشىرى 114-115-بەتلەر.
【6】ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن: «قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا»(تۇران تارىخى) شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2002-يىل نەشىرى 124-125-بەتلەر.
【7】徐黎丽主编:《突厥人变迁史研究》,1页,民族出版社,2009。
【8】ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن: «قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا»(تۇران تارىخى) شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2002-يىل نەشىرى 125-بەت.
【9】ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن: «قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا»(تۇران تارىخى) شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2002-يىل نەشىرى552-بەت.

bilig2010 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-2 12:09:56

خەن تارىخچىللىرىنىڭ يازغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مىللەتلەر تارىخىمۇ ئىسسىق باسمايدۇ ،ياۋرۇپا تارىخچىللىرى خىلى ئەمىلىيەتچىل بوسىمۇ ئۇلارمۇ يىتەرلىك ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخ ھىسياتىنى چۈشەنمەيدۇ .
ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ گىننى تەكشۇرسىمۇ شۇ ،كۆپ قىسىمى ئاق جىنىستىكىلە بىلەن ئوخشاش چىقىدۇ ،بۇ ئالىمنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى بىلەن بىردەك.

turkbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-7-2 17:47:03

    مېنىڭچە،مەركىزى ئاسىيا تۈركىي قوۋملىرىدىن ئىبارەت ئىككىلەمچى ئىنسان تۈركۈمىنىڭ يىراق ئەجدادلىرى ئاساسىي ئېتنوگېنىز جەھەتتىن يەنىلا مەركىزى ئاسىيا ئاندرونوپ-ئارى،سىكىتاي-ساكلاردىن ئىبارەت بىرلەمچى ئىنسان تۈركۈمىدىن ئىبارەت.
===============================================================
   مۇنۇ ئۇزۇن بىر جۇملىنىڭ ئىچىكى مەزمۇنىغا دىقەت قىلغانلار بارمىكى بىلمىدىم .
مەنمۇ مۇشۇ كىتاپنى خېلى چوڭقۇر ئۈگەنگەن .چۈشىنىشىمچە بۇ جۇملىنىڭ مەنىسى «تۈركلەر-موڭغولوئىد ۋە يەرلىك ساك -ئارىئانلارنىڭ قوشىلىشىدىن شەكىللەنگەن »دىمەكچى .يەنە ماس قەدەمدە «تۈرك تىلى-موڭغولوئىدلار بىلەن يەرلىك ساك-ئارىيانلارنىڭ تىلىنىڭ قېتىلىشىدىن شەكىللەنگەن » دىگەننىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان .يەنى a(مىللەت توپى)+b(مىللەت توپى)=c(مىللەت توپى يەنى تۈركى مىللەت) دىگەن گەپ .
  ئالىم ئۇزۇن مەزگىل ماركىسىزىم تەتقىقاتىغا بىلەن شۇغۇللانغاچقىمۇ ئەيتاۋۇر مۇشۇنداق بىر پورمىلانى ئوتتۇرىغان قويغان .قويغاندىمۇ تۈركى مىللەتلەرنى بىر ماددا ھالىتىدە «ئارلىشىپ شەكىللەنگەن» دەپ قارىغان .خۇددى قىزىل رەڭ بىلەن قارا رەڭنى تەڭ نىسبەتتە ئارلاشتۇرساق  نورمال بېغىررەڭ بولىدۇ دىگەندەكلا نەزىريەنى ئوتتۇرىغا قويغان . مۇشۇنداق مۈمكىنچىلىك بارمۇ ئەجابا ؟!
  ئىلگىرى ئورخۇن مۇنبىرىدە ئالىمنىڭ تۈرك قارىشى ھەققىدە نۇر غۇن مۇنازىرە بولغان ،مېنىڭچە بۇنىڭدا مۇنداق بىر نەچچە مەسىلە كېلىپ چىقىشى مۈمۈكىن
1-ئىككى خىل ئېرىق ئارلاشىپ ياشاپ يېڭى ئېرىقنى ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر ،ئۆزبىك ،ئوغۇز(تۈرك ،ئازەر ،تۈركمەن )،تاتار قاتارلىق ئانچە پەرقسىز بىر مىللەتنى شەكىللەندۇرىش مۈمكىنچىلىكى يوق دىيەرلىك .مەسىلەن ئامرىكا پىرىزدىنتى ئوباماغا قارىساقلا يېڭى مىللەت ياساشنىڭ ئاسان ئەمەسلىگىنى بىلىمىز .
2-ئالىم مەرگىزى ئاسىيادا ياشىغان ئاتالمىش ساك ئارىيانلارنى كەسكىن ھالدا ھىندى-ياۋرۇپا تىللىرىدا سۆزلەيتى دەپ ئېيتقان .بۇنىڭغا ئوتتۇرا تۇزلەڭلىك ئالىملىرىنىڭ قەدىمقى ئەسەرلىرىدىن ۋە ياۋرۇپا تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدىن دەلىل ئالغان .ئەمما ،‹‹ھودۇدۇل ئالەم››،‹‹تۈركى تىللار دىۋانى›› قاتارلىق ئەسەرلەرگە پەيدىلانغانلىغىنى بىلگىلى بولمايدۇ .ئەملىيەتتە جوڭگۇ مەنبەلىرى بىلەن مۇسۇلمان ئالىملارنىڭ قەدىمققى ئەسەر لىرىنى بىر لەشتۇرسە ،شۇ ساكلارنىڭ ئەسلىدە تۈركى تىلىدا سۆزلىشىدىغان ئوغۇزلاردىن ئىكەنلىگىنى ،شەرقى ياۋرۇپادا ياشىغان ماساگىتلار بىلەن مەرگىزى ئاسىيادا ياشىغان ساكلارنىڭ ئايرىم مەدەنىيەت تۈركۈمىدىكى خەلىقلەردىن ئىكەنلىگىنى بىلىشكىمۇ بولاتتى .
3- ئالىم يۇقارقىدەك قاراشنى ماددى پاكىت ،ئارخلوگىيەلىك ئىسپات ئارقىلىق كۈچەيتكەن .بۇنى رەت قىلماق ھەقىقەتەن تەس .لىكىن تۈرك خەلقى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان بۇيان نۇرغۇن ساندا ئەرەب تىلىدىكى يازما مەنبەلەرنى قالدۇرۇپ كەتتى .خۇددى ئاتالمىش ھىندى ياۋرۇپا تىللىق ساك-ئارىيانلار توخرى ،ساك تىلىنى قالدۇرۇپ كەتكەندەك .بۇنىڭغا قاراپ ھازىرقى شىنجاڭ دىيارىدا ياشىغان خەلىق ئەرەبلەرنى ئاساس قىلغان دىيىشكە بولمىغاندەك ،شۇ قەدىمقى ئەژداتلىرىمىزنىمۇ ھىندى-ياۋرۇ تىللىق ئارىيانلارتى دەپ قاراش تۈرك خەلقىغە ئۇۋال قىلغانلىق دەپ قارايمەن .
قىقىسى ، ئالىمنىڭ شۆھرىتى ھەقىقەتەن يۇقىرى .ئىلمى ئەمگىگى ھەقىقەتەن كۆپ . بۇلار ئالىمنىڭ بەزى رىئاللىققا توغرا كەلمەيدىغان قاراشرىلىرىغا تەنقىدى قارايدىغان كۆزىمىزنى توسىۋالماسلىغى ،ئىلمى مەسىللەردە شەخسكە زىيادە چوقۇنۇش خاھىشىدىن ساقلىنىش كېرەك دەپ ئويلايمەن .
  بولمىسا بۇ مەسىلىدە باشقا نوپۇزلۇق ،ھايان ياشاۋاتقان تارىخچىلارنىڭ قارىشىنى ئاڭلاپ بېقىپ بىر نىمە دىسەكمۇ بولىدۇ .

تولۇقلىما مەزمۇن (2014-7-3 11:02):
''شەرقى ياۋرۇپادا ياشىغان ماساگىت...'' دىگەن جۇملىدە چوڭ ئۇقۇم خاتالىغى بولۇپتۇ .ماسساەىت ئەمەس سېكتاي ئىدى

qasim يوللانغان ۋاقتى 2014-7-2 18:13:52

قوساقتا ئوماچ تايىنلق بولغاندىكىن يەنىلا قۇلاق سالاي

Tepekkurchi يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 07:24:08

ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ تۈرك قارىشىنىڭ ئىلمىلىكى يوق، ئۇ 19- ئەسىرلەردە شەكىللەنگەن ئاتالمىش بىرلەمچى ئىرىق، ئىككىلەمچى ئىرىق دەپ ئايرىيدىغان،  تۈركلەرنى ئىككىلەمچى ئىرىق دەپ كەمسىتىدىغان ياۋروپا-مەركەزچى ئالىملارنىڭ نەزىريەسىنى ئۆز پىتى قوبۇل قىلىپ بايان قىلىنغان قاراشلار.
ھازىرقى ئىنسانلار گىن تەتقىقاتى ھەر قانداق بىر ئىنسان، مىللەتنىڭ نەچچە مىڭ ، نەچچە ئون مىڭ يىللىق ئاتىلىق، ئانىلىق ئەجدادلىرى، ياشىغان، كۆچكەن جايلىرىنى ئىنىقلايدىغان سەۋىيدە.  بۇ ساھەدىكى تەتقىاتلارغا ئاساسلانغاندا دۇنيادا ساپ مىللەت، ساپ ئىرىق دەيدىغان نەرسە يوق. بىرلەمچى، ئىككىلەمچى ئىرىق دەيدىغان ئەخلەت قاراشلارنىڭ تېخىمۇ ئاساسى يوق. ھەممە مىللەت ھەر خىل گىنلار، ئىنسانلار تۈركۈمىنىڭ ئارىلاشمىسى.  ئوتۇرا ئاسىيا ياۋروئاسىيادكى كۆپ قىسىم ئىنسانلار ئاتىلىق گىن تۈركۈمىنىڭ  شەكىللەنگەن جايى ھەم بۇ گىن گورۇپلىرىغا تىپىك بولغان  ئامرىكا ھىندىيانلىرى، موڭغۇللار، سىبىرىيە خەلىقلىرى،  كۆپ قىسىم ياۋروپالىقلار ھەم شۇنداقلا ئوتۇرا ئاسىيالىقلارنىڭ ئەجدادلىرى ياشىغان جاي. ب ب س ئىشلىگەن ئىنسانلارنىڭ ئەجدادىنى ئىزدەش توغۇرسىدىكى ھۆججەتلىك فىلىمدا ياۋرو ئاسىيا، شىمالى ئامرىكىدىكى نۇرغۇن خەلىقلەرنىڭ ئورتاق ئەجدادىنىڭ 30 مىڭ يىللار بۇرۇن ئوتۇرا ئاسىيادا ياشىغانلىىقى، ھازىرقى قازاقىستان تەۋەسىدە ياشايدىغان نىيازوۋ ئىسىملىك ئۇيغۇرنىڭ شۇ ئورتاق ئەجدادنىڭ بىۋاستە ئەۋلادى ئىكەنلىكى تىلغا ئىلىنغان.  شۇڭا بۈگۈنكى تۈركلەرنى قانداقتۇ ئىككى ساپ ئىرىقنىڭ قىتىلىشىدىن شەكىللەنگەن ئىككىلەمچى ئىرىق دىيىش قاملاشمىغان بىر گەپ. ئەكىسچە ھەممە ئىنسان تۈركۈملىرى ئورتاق ئەجدادتىن ئايرىلىپ چىققان ھەم كىيىنكى ئۇۇزن دەۋىرلەردە قان قوشۇلۇش، ياشىغان جۇغراپىيلىك موھىتنىڭ تەسىرىدىن فىزىلوگىيەلىك ئۆزگۈرۈشلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ بۈگۈنكى ھالغا كەلگەن دەپ چۈشىنىش كىرەك.

gepnoz يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 10:35:02

تۈركلەر ئىتىپاق بولالماي ئاۋۇ قازاق ماۋۇ قىرغىز ، ئۆزبېك ئەسكى تاتار ياخشى دەپ ئايرىلىپ كەتتى ... ئەرەبلەرمۇ سۈرىيەلىك ، پەلەستىنلىك ، لېۋىيەلىك ، مىسىرلىق ، تۇنىسلىق ، سەئۇدىيلىق دەپ ئايرىلىپ بىرى يەنە بىرىنى ئەيىبلىشىپ ، مەزھەپلەر توقۇنۇشۇپ مالىمانچىلىقتا ئارىسى بۇزۇلۇپ ، بىر ئەرەب دۆلىتىگە ياۋلار ھۇجۇم قىلسا، يەنە بىر ئەرەب دۆلىتى ياردەمگە ئەسكەر ئەۋەتىدىغان ھالەت شەكىللەندى ، بۇ ئىككى مىللەت ھامان قىزىق نۇقتا بولۇپ تەتقىق قىلىشقا ئەلۋەتتە ئەڭ لايىق !

gepnoz يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 10:38:07

ئىراققا ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى 28 دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇمىدا بىر نەچچە ئىسلام دۆلىتى ئەسكەرلىرىنىڭ بولۇشى ، ئۆزبەكلەر بىلەن قىرغىزلارنىڭ يېقىنقى قانلىق قىرغىنچىلىقلىرىنى چۈشىنىش ھەقىقەتەن تەس ...

elxatrahim يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 10:44:32

Tepekkurchi يوللىغان ۋاقتى  2014-7-3 07:24 static/image/common/back.gif
ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ تۈرك قارىشىنىڭ ئىلمىلىكى ...

مېنىڭچە ياۋروپا مەركەزچىلىكىنى ئۇيغۇرلار ئارسىدا ئەڭ چوڭ تەنقىد قىلغان ئالىم دەل ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن.

elxatrahim يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 10:45:41

turkbiz يوللىغان ۋاقتى  2014-7-2 17:47 static/image/common/back.gif
مېنىڭچە،مەركىزى ئاسىيا تۈركىي قوۋملىرىدىن ئىبارەت  ...

بۇ قاراش بەلكىم خېمىيەدىكى بىركىش رىئاكسىيىسى بولسا كېرەك.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 11:08:34

Tepekkurchi يوللىغان ۋاقتى  2014-7-3 07:24 static/image/common/back.gif
ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ تۈرك قارىشىنىڭ ئىلمىلىكى ...

ب ب س ئىشلىگەن ئىنسانلارنىڭ ئەجدادىنى ئىزدەش توغۇرسىدىكى ھۆججەتلىك فىلىمدا ياۋرو ئاسىيا، شىمالى ئامرىكىدىكى نۇرغۇن خەلىقلەرنىڭ ئورتاق ئەجدادىنىڭ 30 مىڭ يىللار بۇرۇن ئوتۇرا ئاسىيادا ياشىغانلىىقى، ھازىرقى قازاقىستان تەۋەسىدە ياشايدىغان نىيازوۋ ئىسىملىك ئۇيغۇرنىڭ شۇ ئورتاق ئەجدادنىڭ بىۋاستە ئەۋلادى ئىكەنلىكى تىلغا ئىلىنغان.
مۇشۇ فىلىم شۇ،

بۇنىڭدا نىيازوفنىڭ مەلۇم بىر گېنىنىڭ ناھايىتى بۇرۇنقى ئىنسانلارنىڭكىگە بەك يېقىنلىقى ۋە بۇ كىشىنىڭ ئۇلارنىڭ ئەژداداى ئىكەنلىكى .. ۋاھاكازالارنى ئىلگىرى سۈرىدۇ .
http://hi.baidu.com/man2rk/item/ef3e8c1679dfb9472b3e2271

ئىنسانلارنىڭ كۆچۈش مۇساپىسى» دىگەن ھۆججەتلىك فىلىمنى كۆرۈشنى خالايدىغانلار ئۇچۇن ئۇلانما» :
چۈشۈرۈپ كۆرۈش:
http://www.6vdy.com/gq/2013-12-26/22115.html
توردا كۆرۈش:
http://www.soku.com/search_playlist/type_tag_q_%E4%BA%BA%E7%B1%BB%E6%97%85%E7%A8%8B

turkbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 11:15:15

    «تۈرك-تەڭرى يارلىقلىغۇچى نۇھنىڭ ئوغۇللىرىغا قويغان ئىسىم ،يەنى تەڭرى تەرپىدىن قويۇلغان »_‹‹تۈركى تىللار دىۋانى›› تۈرك سۆزىنىڭ تەبىرىنىڭ باشلانمىسى .ئېسىمدە خاتا قالمىغان بولسا مۇشۇنداق باشلانغان .
  دىمەك تۈركلەر يەنى بىزلەر پەيغەمبەر ئەۋلادى .‹‹تۈركى تىللار دىۋانى››دىكى  بۇ خىل ئۇچۇرلار گەرچە رىۋايەت تۈسىدە بايان قىلىنغان بولسىمۇ  لىكىن تولىمۇ پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە ئىدى .چۈنكى مەھمۇد كاشغەرىي ئۆزىمىزدىن ئىدى .ئەپسۇس ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن بۇ تەرەپكە ئانچە قىزىقمىغانلىغى ئېنىق .
  بىزنىڭ تارىخىمىز ئائىت بايانلاردا ساختىلىق ماڭدامدا بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ .ئىلگىرى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ رايۇن مەنپەئەتى ئۈچۈن تۈركى مىللەتلەرنىڭ تارىخى كۆپ بۇرمىلانغان .بۇنىڭغان ئەڭ تىپىك مىسال ئورخۇندا خانلىق قۇرغان توققۇز ئوغۇزلارنىڭ خەنزۇچە نامى 回鹘 ئۇيغۇرغا ئۆزگەرتىلىپ ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ توققۇز ئوغۇزلار بىلەن ،ئوغۇزلاربىلەن باغلانغان يىپى ئۈزۈلگەن .بۇنىڭغا يېقىنقى زاماندىكى ئۇيغۇر تارىخچىلارمۇ  ''ھە'' دەپ چاۋاك چالغان .قەدىمقى ئەرەپ ،پارىسچە تارىخنامىلەردە ۋە ئورخۇندىكى مەڭگۈتاش پۈتۈكلىرىدە بۇ خانلىقنىڭ ئىسمىنىڭ ''توققۇز ئوغۇز خانلىغى'' ،خەلقىنىڭ توققۇز ئوغۇزلار ئىكەنلىگىنى ھەر كىتاپ ۋاراقلىغاندا كۆزىگە پۇتلۇشۇپ تۇرسىمۇ كۆرمەسكە سالغان . يەنى س س س ر نىڭ يېڭى مىللەت ياساش نەزىريەسى مەرگىزى ئاسىيادىكى ھەرقايسى ''ئۇلۇغ مىللەت''لەرگە بەك خۇش ياققان .
  بۇ ئىشلارنىڭ ئاق-قارىسى قاچان ئايرىلاكى ،ساقلايلى قېنى .

uyghur7800 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 23:17:23

بەت: [1]
: ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمننىڭ تۈرك قارشى ھەققىدە