elxatrahim يوللانغان ۋاقتى 2014-7-1 20:07:48

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ تەتقىقات مېتودى توغرسىدا دەسلەپكى

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ تەتقىقات مېتودى توغرسىدا دەسلەپكى مۇلاھىزە
- مەرھۇم ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن تۇغۇلغانلىقىنىڭ 80يىللىقىغا ھۆرمەت بىلەن بېغىشلايمەن.
-  ھەقىقىي مېتودولوگىيسىز ھەقىقەتنى تېپىش مۇمكىن ئەمەس.【1】

   ھەر قانداق بىر پەننىڭ تەتقىقاتتا قوللىنىدىغان مېتودى بولىدۇ.مېتود بولسا كىشىلەرنىڭ مەلۇم ۋەزىپىنى ئورۇنداش،مەلۇم مەقسەتكە يېتىشتىكى قورالى.مەيلى تۇرمۇشتا بولسۇن،ئۈگنىش ياكى تەتقىقاتتا بولسۇن،مېتود ناھايىتى مۇھىم رولغا ئىگە.مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا ھەر قانداق بىر تەتقىقات توغرا،ئىلمىي بولغان مېتودقا مۇھتاج.بۇ يەردە《مېتود》بىلەن《مېتودولوگىيە》نى ئايرىش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.مېتود(方法,Method)-تەتقىقاتچى تەتقىقات جەريانىدا ئەمەلىي قوللانغان قائىدە،باسقۇچ ۋە يېتەكچى پىرىنسىپ.مېتودولوگىيە(方法论,Methodology) بولسا،شۇ قائىدە،باسقۇچ ۋە يېتەكچى پىرىنسىپلارنىڭ خۇسۇسىيىتى،ئالاھىدىلىكى ۋە ئىشلىتىش دائىرسى ئۈچۈن قوللانغان نەزەرىيۋىي باياندىن ئىبارەت.【2】
تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلى ئۇيغۇر ئىجتىمائىيەت،ئادىمىيەت ئىلىملىرى ساھەسىدە نەزەرىيە تەتقىقاتى ئاجىز ھالقا بولۇپ كەلدى.مۇشۇ ساھەلەردىكى مېتودولوگىيە مەسىلىسى تا ھازىرغىچە ئېنىقلانمىدى.شۇ سەۋەپلەردىن تەتقىقات نەتىجىللىرىمىز ئىلمىيلىكتىن خىلىلا يىراق.بۇ توغرسىدا ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئوبزورچى يالقۇن روزىغا:《ھەر قانداق تەتقىقات توغرا ۋە ئىلمىي مېتودولوگىيەگە مۇھتاج.ھەر قانداق بىر پەننىڭ تەجىرىبلەردىن ئۆتۈپ نەزەرىيە يۈكسەكلىكىگە كۆتۇرۇلگەن مېتودى بولىدۇ.شۇ پەننىڭ نەزەرىيسىنى قېتىرقېنىپ ئۆگەنمىگەندە شۇ پەننىڭ خاراكتىرىنى،تەتقىقات ئوبىكتىنى،تەتقىقات مېتودىنى،ئاساسىي پىرىنسىپلىرىنى ئىنچىكە بىلگىلى بولمايدۇ.بىزنىڭ ئالىم-مۇتەخەسىس دەپ ئاتىلۋاتقان تەتقىقاتچىللىرىمىزنىڭ مۇتلەق كۆپىنچىسى ئۆزى شۇغۇنلىنىۋاتقان پەننىڭ نەزەرىيە سېستىمىسىنى تۈزۈك بىلمەيدۇ.شۇڭا،ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىغا ۋەكىللىك قىلدىغان ماقالە-ئەسەرلىرى يوق دىيەرلىك.يازغانلىرى كونسىپىك سەۋيىسىدىكى ئاددى ماقالە-ئەسەرلەر،مۇستەقىل ئىلمىي خۇلاسىدىن خالىي تەكرار يازمىلار،ئىلىم بىلەن شۇغۇنلىنىشقا ئاساس بولدىغان ئەڭ مۇھىم نەرسە ئىلمىي مېتود》【3】دىگەن.
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئۇيغۇر ئىجتىمائىيەت،ئادىمىيەت ئىلىملىرى ساھەسىدىكى بەرپاچىلارنىڭ كاتتىسى،《ئىزچى》ئالىمدۇر.ئالىمنىڭ ئەسەرلىرىدە قوللىنىلغان مېتود مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.مەرھۇم ئالىم  ھەر قايسى تەتقىقات ئەسەرلىرىدە ھەر خىل مېتودلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان.ھازىرغا قەدەر بۇ توغرسىدا تەتقىقات بولغىنى يوق.پەقەت ئوسمان ئىسمائىل تارىم《تارىم》ژورنىلىنىڭ 2004-يىللىق 2-سانىدا ئېلان قىلغان《ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ تەتقىقات مېتودى ھەققىدە》ناملىق ماقالىسىدە ئاز-تولا ئىزدەنگەن.ئاپتور ماقالىسىنى مۇنداق يەتتە نۇقتىدا خۇلاسىلىگەن:
1.دىئالىكتىلىك ماتىرىيالىزىم ۋە تارىخى ماتىرىيالىزىملىق بىلىش ئۇسۇلىدا چىڭ تۇرغان.
2. قاتلام نەزەرىيسىنى تەشەببۇس قىلغان ۋە مەسىللەرنى مۇشۇ نەزەرىيە بويىچە شەرھلەشكە تىرىشقان.
3.ئۇچۇرلۇق تارىخ تەتقىقاتى ئۇسۇلىنى قوللانغان.
4.ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخ مەدەنىيەتىنى يەككە تەتقىق قىلماستىن،ئۇنى ۋەتىنىمىز جوڭگونىڭ تارىخى،ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى،پۈتكۈل شەرقىنىڭ تارىخى ھەتتا دۇنيا تارىخنىڭ ئىچىگە قويۇپ،ئۇنى ئىنسانىيەت تارىخنىڭ مۇھىم بىر قىسىمى سۈپىتىدە تەتقىق قىلغان.
5.ھەر خىل پەنلەر نۇقتىسىدىن ئومۇميۇزلۇك ۋە سېستىمىلىق تەتقىقات ئېلىپ بارغان.
6.ھەر بىر مەسىلىنى ناھايىتى كەڭ ۋە ئەتراپلىق شەرھىلىگەن.
7 .ئۆزىدىن بۇرۇنقى ئالىملارنىڭ ئەسەرلىرىگە تەنقىدى مۇئامىلە قىلغان.【4】
   ئېنىقكى،ئاپتور كۆرسەتكەن بۇ يەتتە تۈرنىڭ بىرسىمۇ كونكىرىت تەتقىقات مېتودى دائىرسىگە كىرمەيدۇ.ئاپتور بىلىش نەزەرىيىسى،ئونتولوگىيە ۋە مېتودولوگىيە ئۇقۇملىرىنى ئارلاشتۇرۇپ چۈشنىۋالغان ھەم شۇ بويىچە بايان قىلغان.ئاپتور تەتقىقات مېتودى توغرسىدا سۆزلەۋاتقانىكەن بۇ ئەلۋەتتە مېتودولوگىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك.گەرچە بۇ ئۈچى زىچ مۇناسىۋەتتە بولسىمۇ،كونكىرىت قوللىندىغان ئورنى بار.
   بۇ ماقالەمدە ئالىمنىڭ بىر قىسىم خاس تەتقىقات ئەسەرلىرى ۋە ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن تۈزگەن كاتالوگدىكى【5】197 پارچە ماقالە ئارسىدىكى 90-يىللاردىن كېيىن يېزىلغان تەتقىقات ماقالىلىرىدە قوللانغان مېتود،ئالىم ئەسەرلىرىدە بىر قەدەر كۆپ قوللنىلغان تۆۋەندىكى تۆت تۈرلۈك مېتود دائىرسىدە تەھلىل قىلىنىدۇ.
1.سىنىپىي تەھلىل(ئانالىز) ئۇسۇلى (阶级分析法)
سىنىپىي تەھلىل(ئانالىز) ئۇسۇلى دىگنىمىز،ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تەرەققىي قىلىپ مۇئەييەن باسقۇچقا يەتكەندە سىنىپقا بۆلۈنۈش ھەم سىنىپىي كۆرەش پەيدا بولۇشنى ئېتىراپ قىلغان ئاساستا،ماركىزىمىنىڭ سىنىپ ۋە سىنپىي كۆرەش قارىشى بويىچە ئىجتىمائىي،تارىخى ھادىسىلەرنى چۈشىنىش ۋە تەھلىل قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.【6】بۇ مېتود ئالىمنىڭ بارلىق تەتقىقات ئەسەرلىرىدە قوللىنلغان بولۇپ،80-90-يىللار ئارسىدىكى ئەسەرلىرىدە بىر قەدەر كەڭ قوللىنلغان.مەسلەن:《مەدەنىيەت زور ئىنقلابى》ئاخىرلاشقان مەزگلدىكى ئەسەرلىرىدىن《شىنجاڭنىڭ تاڭ دەۋىرىدىكى ناخشا-ئۈسسۈل سەنىئىتى》،《ئۇيغۇر كىلاسسىك مۇزىكىسى <ئون ئىككى مۇقام>ھەققىدە》،《فارابى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە سېستىمىسى》قاتارلىقلاردا روشەن كۆزگە چېلقىدۇ.بولۇپمۇ مۇقام تېكىستلىرى تەھلىلىدە ئالىم بۇ خىل ئۇسۇلنى ناھايىتى خاتا قوللانغان.ئەمما مۇقام تەتقىقاتنىڭ يۇقىرى پەللىسى ھېسابلانغان ئاخىرقى ئەسىرى《ئۇيغۇر مۇقام خەزىنىسى》دە بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ مىقدارى ئازايغان ھەم ئىلگىركى سەھۋەنلىكلىرىنى ئۆزى ئېتىراپ قىلغان،تۈزەتكەن بولسىمۇ،مەزكۈر ئەسەردىمۇ يەنىلا بۇ خىل مېتودنىڭ ئىزناسى بار.
   《قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا》(تۇران تارىخى) ئالىمنىڭ ئەڭ كاتتا ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ.ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن بۇ ئەسىرىنى《مەدەنىيەت زور ئىنقلابى》دا يازغان ۋە تولۇق تاماملانمىغان بولسىمۇ،1986-ۋە 1994-يىللىرى ئىككى قېتىم تۈزەتكەن.تارىخ تەتقىقاتدىكى پېشىپ يېتلگەن دەۋرىگە ۋە ئىنسانپەرۋەر تارىخ قارشىغا ۋەكىللىك قىلدىغان ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ.بۇ ئەسەردىمۇ سىنپىي تەھلىل ئۇسۇلى قوللىنىلغان بولۇپ،تۈرك(تۈركى) قەبىللەرنىڭ پادىشاھقا قارشى قوزغىلاڭلىرى ياكى يۇقىرى تەبىقىدىكىلەرنىڭ ھاكىمىيەت تالىشش كۆرەشلىرى دىھقانلار ئىنقىلابى قىلىپ تەسۋىرلەنگەن.
2.تارىخى سېلىشتۇرما ئۇسۇلى (历史比较法)
بۇ خىل مېتود مەلۇم بىر تارىخى شارائىتتىكى ياكى ئوخشاش بولمىغان ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى مەسىللەرنى تەكشۈرۈش،تەتقىق قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.【7】بۇ ئۇسۇلدا ئوخشاش بولمىغان ۋاقىت ۋە شارائىتتىكى تارىخ سېلىشتۇرۇلۇپ،ئوخشاشلىق ۋە پەرق ئانالىز قىلىنىپ،تارىخ تەرەققىياتنىڭ ئالاھىدە ۋە ئادەتتىكى تەرەققىيات قانۇنىيىتى تېپىپ چىقىلدۇ.بۇ ئۇسۇلنى قوللانغاندا ئوخشاش بولمىغان مىللەت ۋە دۆلەتلەر ئارسىدىكى چۈشىنىش،ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ،مىللىي كەمسىتىش،دىنني كەمسىتىشنى ئازايتقىلى بولىدۇ.
  ئالىم《ئۇيغۇر مۇقام خەزىنىسى》،《قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا》،《غەربىي يۇرت تاشكېمىر سەنئىتى》قاتارلىق كىتابلىرى ۋە 《سىكتاي-ساك-ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىم-كېچەك مەدەنىيىتىدىكى ئېتنولوگىيلىك ئىزچىللىق توغرسىدا》،《ئىسلامىيەتكىچە غەربىي دىيار ئۇسسۇل سەنئىتى تەسۋىرىي يادىكارلىقلىرنىڭ تارىخى ئۇچۇرى》،《ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى غەربىي دىيار ئۇسسۇل سەنئىتى تەسۋىرىي يادىكارلىقلىرنىڭ تارىخى ئۇچۇرى》قاتارلىق ماقالىلىرىدە بۇ ئۇسۇلدىن كەڭ پايدىلانغان.بولۇپمۇ《قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا》دا ئالىم ھەر قايسى تۈركىي قەبىللەرنىڭ ئوخشىمىغان شارائىت،ئوخشىمىغان ئورۇندىكى ئەھۋاللىرىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ تارىخى تەرەققىيات قانۇنىيتىنى ئوتتۇرىغا قويغان.ئۇنىڭدىن باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خەنزۇ ۋە دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەر بىلەن بولغان تارىخى مۇناسىۋەتلىرىنى سېلىشتۇرۇپ،خەنزۇ مەنبەلىرىدىكى تۈركىي قەۋىملەرنى كەمسىتىدىغان خاھىشلارنى تەنقىد قىلغان ھەم قەدىمكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ دۇنيا مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسىنى لىللا باھالىغان.
3.گۇمانلىنىش ئۇسۇلى(怀疑方法)【8】
گۇمانلىنىش ئۇسۇلى ئىلىم ساھەسىدىكى ھەر قانداق شەكىلدىكى دوگماتىزىمغا ۋە《ئەڭ ئاخىرقى ھەقىقەت》كە قارشى تۇردىغان بىر خىل قاراش.بۇ خىل مېتودنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى كەمسىتىش ۋە چۆكتۈرۈش خاھىشلىرىنى تەنقىد قىلدۇ ۋە قايتا قاراپ چىقىدۇ.ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن《قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا》،《غەربىي يۇرت تاشكېمىر سەنئىتى》،《ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى》،《<قۇتادغۇبىلىگ>خەزىنىسى》قاتارلىق كىتابلىرى ۋە《بالاساغۇننىڭ ئورنى مەسىلىسى ھەققىدە》،《<چىن>ۋە<ماچىن>ئىبارىسىنىڭ جوغراپىيلىك ئۇقۇم دائىرىسى》،《سوغدىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئېتنىك ۋارىسلىرى توغرسىدا》قاتارلىق ماقالىلىرىدە مۇشۇ خىل مېتوددىن پايدىلانغان.ئالىم يۇقارقى ئەسەرلىرىدە ھەر قانداق شەكىلدىكى《غەرب مەركەز تەلىماتى》ۋە《شەرق مەركەز تەلىماتى》غا قارشى چىقىپ،ئۇيغۇر ۋە باشقا مەركىزى ئاسىيا خەلقلىرى تارىخىنى بىر پۈتۈن ئىنسانىيەت مەدەنىيەتشۇناسلىقى نۇقتىسدىن لىللا ۋە ئوبىكتىپ تەتقىق قىلغان. 《بالاساغۇننىڭ ئورنى مەسىلىسى ھەققىدە》،《<چىن>ۋە<ماچىن>ئىبارىسىنىڭ جوغراپىيلىك ئۇقۇم دائىرىسى》قاتارلىق ماقالىلىرىدە بولسا،ئۆزدىن بۇرۇنقى نوپۇزلۇقلارنىڭ قارشىنى كەسكىن رەت قىلىپ،ئۆزىنىڭ پاكىتلىق،دەلىللىك،ئىلىمى كۆز-قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويغان.
4.ئۇچۇر ئۇسۇلى(信息方法)
ئۇچۇر ئۇسۇلى،سېستىما ئۇسۇلى قاتارلىقلار ئەسلى تەبىئەت پەنلىرىدىكى تەتقىقات مېتودلىرى بولۇپ،20-ئەسىرنىڭ50-يىللىرىدىن باشلاپ ئىجتىمائىيەت،ئادىمىيەت ئىلىملىرى ساھەسىگە كىرىپ كەلگەن.ئۇچۇر ئۇسۇلى دىگنىمىز،سېستىمىنىڭ ھەرىكەت جەريانىنى ئۇچۇرنىڭ تارقىلىش ۋە ئايلىنىش جەريانى دەپ قاراپ،ئۇچۇرغا ئېرىشىش،تارقىتىش،پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدىكى تەتقىقات ئارقىلىق ئوبىكىتنىڭ خۇسۇسىيىتى،ئالاھىدىلىكى قاتارلىقلارنى چۈشەندۇردىغان ئۇسۇل.【9】ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن《تارىخ تەتقىقاتدىكى يېڭى مېتود-ئۇچۇرلۇق تارىخ تەتقىقاتى ئۇسۇلى》【10】ناملىق ماقالىسىدە ئۇيغۇر تارىخ تەتقىقاتى ساھەسىگە بۇ ئۇسۇلىنى تۇنجى بولۇپ تونۇشتۇرغان ۋە قولۇنۇشنى تەشەببۇس قىلغان.
  ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن《قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا》،《غەربىي يۇرت تاشكېمىر سەنئىتى》دىن ئىبارەت كىتابلىرىدا ۋە《سىكتاي-ساك-ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىم-كېچەك مەدەنىيىتىدىكى ئېتنولوگىيلىك ئىزچىللىق توغرسىدا》،《ئىسلامىيەتكىچە غەربىي دىيار ئۇسسۇل سەنئىتى تەسۋىرىي يادىكارلىقلىرنىڭ تارىخى ئۇچۇرى》،《ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى غەربىي دىيار ئۇسسۇل سەنئىتى تەسۋىرىي يادىكارلىقلىرنىڭ تارىخى ئۇچۇرى》، 《كۈسەن رەسساملىردىكى ئېستىتىك ئاڭ توغرسىدا》،《ئۇيغۇر ئەجدادلىرىدا مەي مەدەنىيىتى》قاتارلىق ماقالىلىرىدە مۇشۇ خىل مېتودىدىن پايدىلانغان.بىز ئالىمنىڭ 90-يىللاردىن كىيىن،ئەسەرلىرىدە بۇ خىل مېتوددىن ئىزچىل پايدىلانغانلىقىغا دىھققەت قىلشىمىز لازىم.
  ئالىم ئەسەرلىرىدە قوللىنىلغان مېتودلارنى تەتقىق قىلىش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.تا ھازىرغا قەدەر ئالىمنىڭ قىسمەن ئەسەرلىرى نەشىر قىلىنمىدى.بۇ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئالىم ئەسەرلىرىنى بىر پۈتۈن ھالەتتە چۈشىنىشىگە قولايسىزلىق تۇغدۇردى.ئۇنىڭدىن باشقا ئالىم ئەسەرلىرىدىكى تىلنىڭ زىيادە ئېغىرلىقى،ئەسەرلىرىدىكى كۆپىنچە ئاتالغۇلارنىڭ بىۋاستە خەلقئارالىق شەكىلدە(ئېنگلىزچە ياكى روسچە) ئاتېلىشى،ئەسەرلىرىدە قوللىنىلغان مېتودلارنىڭ تەتقىق قىلىنماسلىقى قاتارلىقلار بىزنى ئالىمنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇش ۋە چۈشىنىش جەھەتتە قايمۇقتۇرۇپ قويماقتا.ئەڭ مۇھىمى،مەرھۇمنىڭ ئەسەرلىرىدە ناھايىتى خاتا قوللنىلغان مېتودلارمۇ مەۋجۇد.يۇقارقىلاردىن باشقا ئالىم ئەسەرلىرىدىكى بەزىبىر ئىسپاتلاش يېتەرلىك بولمىغان قاراشلار،كەسكىن چىقىرىلغان ھۆكۈملەر،سوۋىت ئالىملىرىنىڭ كۆز-قاراشلىرىنى زىيادە قوبۇل قىلىش قاتارلىقلار ئالىم ئەسەرلىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ۋە كەڭ تارقىلىشىنى چەكلەپ قويۇۋاتقان ئامىل بولۇشى مۇمكىن.
  شۇنى ئەسكەرتىش لازىمكى،ئالىمنى چۈشىنىشتە ۋە ئالىمغا باھا بېرىشتە ئۇنىڭ《خېلىغىچە كېچىكىپ ئويغاندىم ۋە تولۇق ئويغىنالمىدىم،دەۋىر ۋە مۇھىت ھاۋاسىدا ئۇزاق مەسىت بولۇپ،تەنتەك چۈشەكەپ،مۇستەقىل ۋە بىۋاستە كۆزىتىپ تەپەككۇر قىلىشقا مۆچەل-مۆچەللەپ كېچىكتىم؛تېماتىك تەسەۋۋرۇم نۇرغۇن جەھەتلەردە تار،قاتمال،زەئىپ بولۇپ قالدى》【11】دىگەن سەمىمىي سۆزلىرىنى ئۇنتۇماسلىقىمىز لازىم!!!
2013-يىلى13-ئىيۇل،قورغاس
نەقىل مەنبەلىرى
【1】ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن:《ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى》،شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى1997-يىل نەشىرى 9-بەت.
【2】پاڭ جوخېڭ(庞卓恒)،لى شۆجى(李学智)،ۋۇيىڭ(吴英):《تارىخشۇناسلىقتىن ئومۇمىي بايان》(史学概论)،ئالىي مائارىپ نەشىرىياتى2006-يىل نەشىرى 230-بەت.
【3】يالقۇن روزى:《نەزەرىيە ئەمالىقى ۋە ئىدىيە قاتماللىقىدىن قاچان قۇتۇلىمىز》،《شىنجاڭ مەدەنىيىتى》ژورنىلى 2011-يىللىق 3-سان،39-بەت.
【4】ئوسمان ئىسمائىل تارىم:《ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ تەتقىقات مېتودى ھەققىدە》،《تارىم》ژورنىلى 2004-يىللىق 2-سان.
【5】ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن《مەدەنىيەت دالاسىغا سەپەر- ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەسەرلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش》، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2003- يىل نەشىرى 461-بەت.
【6】王晓菊编著:《何谓历史学》,186页,中央编译出版社,2010。
【7】مۇتەللىپ ئىقبال:《ئىجتىمائىي پەنلەردىكى تەتقىقات مېتودى》،《شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى》ژورنىلى 2012-يىللىق 1-سان 110-بەت.
【8】欧阳康,张明仓:《社会科学研究方法》,157页,高等教育出版社,2006。
【9】欧阳康,张明仓:《社会科学研究方法》,248页,高等教育出版社,2006。
【10】ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن:《تارىخ تەتقىقاتدىكى يېڭى مېتود-ئۇچۇرلۇق تارىخ تەتقىقاتى ئۇسۇلى》،《شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتى ئىلمىي ژورنىلى》1996-يىللىق 1-سان.
【11】ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن:《يىپەك يولدىكى توققۇز ھېكمەت》(يالقۇن روزى نەشىرگە تەييارلىغان)،شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2001-يىل نەشرى 419-،420-بەتلەر.

bilig2010 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-2 11:50:40

《قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا》 مەن تۆت قىتىم ئوقۇپ بوغان ،داۋاملىق ئوقۇۋاتىمەن ،ئۇنى ئۇيغۇر دەستۇرى دەپ قارىساقمۇ بولىدۇ ،ھەربىر ئۇيغۇر ئۆز مىللىتىنى چۈشىنىش ئۈچۈن چوقۇم ئوقۇش كىرەك دەپ قارايمەن .

Yaruq يوللانغان ۋاقتى 2014-7-2 12:11:32

bilig2010 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-2 11:50 static/image/common/back.gif
《قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا》 مەن تۆت قىتىم ئوقۇپ بوغان ،دا ...

مەنمۇ شۇ خىل قاراشتا.
بەت: [1]
: ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ تەتقىقات مېتودى توغرسىدا دەسلەپكى