Photoshop تا ئۇيغۇر يېزىقى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nijat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-1 16:22ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق Photoshop بولسا ، Adobe شىركىتى تۈزۈپ چىققان ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان سۈرەت بىر تەرەپ قىلىش يۇمشاق دېتالى، پېقىر 3.0 نەشىرى چىققاندىن بۇيان ئىشلتىپ كېلىۋاتىمەن.
بۇ دېتالدىن پايدىلىنپ يېزىق، سۈرەت بىر قىلىشتا ئۇيغۇر يېزىقىمىزنى ئىكران يۇلۇش، سىمبول فونتىدىن كىرگۈزۈش ،كېڭەيتىلگەن رايۇن ھەرپلىرىنى تەتۈر تېزىپ چاپلاش قاتارلىق ئاماللارنى قىپ بىر تەرەپ قىپ كەلدۇق، بىر نەچچە سۆز، بىر نەچچە جۈملە خەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئانچە ئاۋارىچىلىق ئەمەس، لېكىن بىر نەچچە ئابزاس، ھەتتا بىر پۈتۈن ماقالىنى بىر تەرەپ قىلىش سەل ئاۋارىچىلىق بوپ كەلدى. بىر نەچچە ئاي بۇرۇن Photoshop CS 6 نىڭ ئىقتىدارىنى مالتىلاپ يۈرۈپ ئۇيغۇرچىنى بىۋاستە بىمالال قوللايدىغانلىقىنى بايقىدىم، شۇڭا بۇ يەردە تورداشلار بىلەن ئورتاقلاشماقچى.
كومپيۇتېرىڭىزغا Photoshop CS 6 نى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن تېزىملىكتىن «تەھرىرلە编辑» گە كىرىپ، ئۇنىڭدىن «تەڭشە首选项» غا كىرىپ «تېكىست 文字» دىن «ئوتتۇرا شەرق 中东» نى تاللاپ جەزىملەپ، Photoshop CS 6 نى قايتا قوزغاتساقلا كۇپايە.
رەھمەت،سىناق باقاي قېنى ... مېنىڭ ئۆزگەرتىگلىك ئىكەن. ھازىرقى يېڭى نەشرى Adobe Photoshop CC
CC دېگىنى Creative Cloudنىڭ قىسقارتىلمىسى ئىكەن. كاتتا بايقاش بوپتۇ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Uyghun1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-1 17:46
cs3 نى شۇنداق قىلغىلى بولامىكىن دەپ قىلسام بولمىدى. cs3 بەك يىنىك ھەم يېشىل نۇسقىسى بولۇپ c دېسكىغا قاچىلىمىسىمۇ بولاتتى. ئامالسىز ئەلكاتىپ كىرگۈزگۈچىنى ئىشلىتىۋاتىمەن. cs6 نىڭمۇ شۇنداق نۇسقىسى بارمىدۇ؟ Ai دا ئۇيغۇرچە نورمال يېزىشمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ. رەھمەت ،،،مەنمۇ مۇشۇنداق قىپ ئىشلىتىۋاتقىلى خېلى بولغان Uyghun1 يوللىغان ۋاقتى 2014-7-1 17:44 static/image/common/back.gif
cs3 نى شۇنداق قىلغىلى بولامىكىن دەپ قىلسام بولمىدى. cs3 ب ...
ئالىپ تورىدا ئالىپ ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان فوتوشوپ بار. CS6 نۇسخىسى.
ئالىپ ئەپەندى شۇ تىمىغا كىرىپ چۈشۈرۈۋالسۇن دىگەن ..
ئىزدەپ بىقىڭ. tanha19 يوللىغان ۋاقتى 2014-7-1 18:30 static/image/common/back.gif
ئالىپ تورىدا ئالىپ ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان فوتوشوپ بار. CS6 ...
رەھمەت رەھمەت، مۇۋەپپىقيەتلىك بولدى
ھەي ئەسلى مۇشۇنچىلىكلا ئىشكەندۇق ، ئۆتكەندە بىركۈن ئېتىشقان بۇنىڭ بىلەن، ھەل قىلالمىغان مېىڭكىنى ئاچسام نەقلا مۇشۇنداقكەنغۇ Destur يوللىغان ۋاقتى 2014-7-1 18:19 static/image/common/back.gif
Ai دا ئۇيغۇرچە نورمال يېزىشمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ.
AIدا تېخى ئۇيغۇرچىنى نورمال كىرگۈزگىلى بولمايدۇ. tarim222 يوللىغان ۋاقتى 2014-7-2 09:22 static/image/common/back.gif
AIدا تېخى ئۇيغۇرچىنى نورمال كىرگۈزگىلى بولمايدۇ.
Adobe Ai CC دا نورمال كىرگۈزۈپ يېزىۋاتقىلى 6 ئاي بولدى ماڭا. tarim222 يوللىغان ۋاقتى 2014-7-2 09:22 static/image/common/back.gif
AIدا تېخى ئۇيغۇرچىنى نورمال كىرگۈزگىلى بولمايدۇ.
Adobe illustrator CS6 ۋە Adobe Photoshop CC گە ئۇيغۇرچىنى نورمال يېزىش
شەرىتلەر:
1) ئىشلىتىۋاتقىنىڭىز چۇقۇم Adobe illustrator CS6 ياكى Adobe illustrator CC قاتارلىقلارنىڭ يېقىنقى تولۇق نۇسخىسى( Perfect Series) يەنى (完整版)بولۇشى كېرەك. چۈنكى بۇ دېتالنىڭ ھەممە تاللانمىلىرى تولۇق چىقىدۇ. 2) كومپىيوتىرىڭىزغا چۇقۇم ئەلكاتىپ فونتى قاچىلانغان بولۇشى كېرەك.
قەدەم باسقۇچلىرى:
1) يۇمشاق دېتالنى نورمال قوزغالغاندىن كىيىن ، تەھرىر 编辑 ——باش تاللانمىلار 首选项 ——يېزىق 文字 __ھىندى يېزىقىنى كۆرسېتىش تاللانمىسى显示印度语选项 نى ئىلىپ توغرا بەلگىسىگە توغرىلاپ __مۇقىملاش 确定 باسىمىز
2) يۇمشاق دېتالنى قايتا قوزغىتىمىز .ئاندىن خەت يېزىپ ئەلكاتىپقا توغرىلىساق نورمال چىرايلىق خەتلەر كۆرۈنىدۇ.
نىمىشقا ھىندى يېزىقى تاللانما بەلگىسىنى تاللايمىز؟ چۈنكى ھىندى ياكى ئەرەپچە يېزىقىمۇ بىزنىڭكىدەك ئۇلاپ يېزىلىدىغان يېزىقتۇر.قالغىنىنى دىمىدىم ،چۈشنىشلىكتۇر.
ئەگەر Adobe Photoshop CS6 ياكى Adobe Photoshop CC غا ئۇيغۇرچىنى يازماقچى بولساق 1-قەدەمنىڭ 4-ھىندى يېزىقى تاللانمىسى Photoshopتا چىقماي ،بەلكى ئوتتۇرا شەرىق ۋە جەنۇبى ئاسىيا 中东和南亚دېگەن تاللانمىسى چىقىدۇ شۇنى تاللىۋەتسەكلا بولىدۇ.قالغان قەدەم باسقۇچلىرى ئوخشاش.
ئىزاھات: Adobe Photoshop CC ۋە Adobe Illustrator CC قاتارلىقلار ئادوبى Adobe شىېركىتى يۈرۈشلۈك يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ يېڭىلانغان ياكى ئاكتىپلانغان نۇسخىسى . CS5 نى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان، CS6 نى قاچىلاپ ئوتتۇرا شەرق دېگەن گەپنى تاپالماي قىينىلىپ ئىشلەتمىگەنتىم.
رەھمەت سىزگە بىرەر يىلدىن ئاشتىغۇ بۇنداق بىۋاستە يېزىپ ئىشلىتۋاتقىلى. بايقاش كېيىن بوپ قاپتۇ:P
بەت:
[1]
2