iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-6-30 16:14:54

يۇلتۇزلار ئارىلىقى قانداق ئۆلچىنىدۇ؟ 3-قىسىم

مۇشۇ يۈرۈشلۈك بارلىق قىسىملارنىڭ نەشر ھوقۇقى قوغدىلىدۇ، باشقا مۇنبەرلەرگە يۆتكەپ چاپلاشقا قەتئى بولمايدۇ!

قۇياش سېستىمىسى ئىچىدىكى ئالەم جىسىملىرىنىڭ ئارىلىقى رادار دولقۇنى،لازېر نۇرىنىڭ قايتىشى قاتارلىق ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ ئۆلچىنىدۇ.
قۇياش سېستىمىسى سىرتىدىكى يۇلتۇزلار ئارىلىقىنى ئۆلچەشتە تۆۋەندىكى ئۇسۇللار قوللىنىلىدۇ.(مەن تونۇشتۇرماقچى بولغان بۇ  ئۇسۇللار جەمئى تۆت خىل ، ھەر بىر قىسىمدا بىرنى تونۇشتۇرىمەن )

1-قىسمى :      http://bbs.izdinix.com/thread-58911-1-1.html

2-قىسمى :  http://bbs.izdinix.com/thread-58917-1-1.html

3-سېفىيدا پاراللاكىس ئۇسۇلى ( ئۆلچەملىك كاندىلا ئۇسۇلى )

فىزىكىدا يورۇقلۇق كۈچى،يورۇقلۇق دەرىجىسى ۋە ئارىلىق مۇناسىۋىتى توغرىلىق بىر فورمۇلا بار.
S∝L0/r2
ئالەم جىسىمىنىڭ يورۇقلۇق كۈچى L0 بىلەن ، يورۇقلۇق دەرىجىسى S نى بىلگەندىلا ئاندىن بۇ فورمۇلانى ئىشلىتىپ يۇلتۇزنىڭ بىز بىلەن بولغان ئارىلىقى r نى تېپىپ چىقالايمىز.
يورۇقلۇق كۈچى بىلەن يورۇقلۇق دەرىجىسى ئوخشىمايدۇ. يورۇقلۇق دەرىجىسى بولسا بىز كۆرۈۋاتقان جىسىمنىڭ بىزگە قانچىلىك يورۇق كۆرۈنۈشىنى كۆرسەتسە ، يورۇقلۇق كۈچى بولسا يورۇقلۇق تارقىتىۋاتقان جىسىمنىڭ ئانا تېنىنىڭ يورۇقلۇق تارقىتىش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ.
ئاچقۇچ مۇشۇلارنى تېپىپ ئارىلىققا ئېرىشىشتۇر.
ئاستىرونومىيە ئالىمى لەۋىت سېفىيدا يۇلتۇزىنى   Cepheid variable stars  بايقىدى ، ئۇنىڭ يورۇقلۇق ئۆزگىرىش دەۋرىلىكى بىلەن يورۇقلۇق كۈچىنىڭ ئوتتۇرىسىدا مۇقىم قانۇنىيەت بارلىقىنى كۆزەتتى.
سېفىيدا يۇلتۇزىنىڭ ئەڭ يورۇق دەرىجىسى 3.7، ئەڭ خىرە دەرىجىسى 4.4 ، يورۇقلۇق دەۋرىلىكى 5 كۈن 8 سائەت 47 مىنۇت 28 سېكۇنت .
شۇنداق قىلىپ سېفىيدا يورۇقلۇق ئۆزگىرىش دەۋرىلىكىگە ئاساسەن يورۇقلۇق دەرىجىسى ۋە كۈچىنى ئۆلچىسەكلا  ئالەم جىسىمنىڭ بىز بىلەن بولغان ئارىلىقىنى تاپالايمىز.ئەگەر گالاكسىي سىرتىدىكى يۇلتۇز سېستىمىلىرىدا سېفىيدا بار يوقلىقىنى بىلەلمىسەك ئارىلقنى ئۆلچەشكە  ئامالسىز قالىمىز ھەم يەنىمۇ يىراقتىكى يۇلتۇزلار سېستىمىلىرىنىڭ بىز بىلەن بولغان ئارىلىقىنى بىلىش ئۈچۈن يەنە باشقا ئۇسۇل تېپىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ...
ئۈچبۇلۇڭلۇق پاراللاكس ئۇسۇلى بىلەن سېفىيدا پاراللاكس ئۇسۇلى  ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان ئىككى خىل ئارىلىق ئۆلچەش ئۇسۇلى ،ئالدىنقى ئۇسۇلدا نەچچە يۈز يورۇقلۇق يىلى ، كېيىنكى ئۇسۇلدا نەچچە مىليون يورۇقلۇق يىلى يىراقلىقنى ئۆلچىيەلەيمىز، ئارىلىق بەلباغدىكى يۇلتۇزلارنى بولسا سىتاتىستىكا ئۇسۇلى ۋە باشقا ۋاستلىق ئۇسۇللار بىلەن ئۆلچەيمىز.
ئەڭ يىراق ئارىلقنى ئۆلچەش ئۇسۇلى بولسا ھابىل  Hubble  قانۇنى، ئۆلچىيەلەيدىغان ئارىلىقى 100 مىليارد يورۇقلۇق يىلىغا بارىدۇ.

ئەمىسە ھابىل قانۇنى دىگەن نىمە ؟بۇنىڭدا شۇنچە يىراقتىكى يۇلتۇزلارنىڭ ئارىلىقىنى قانداق ئۆلچەيمىز ؟
دىققىتىڭىز بۇ تېمىنىڭ كېيىنكى قىسىملىرىدا بولغاي .........
مۇشۇ يۈرۈشلۈك بارلىق قىسىملارنىڭ نەشر ھوقۇقى قوغدىلىدۇ، باشقا مۇنبەرلەرگە يۆتكەپ چاپلاشقا قەتئى بولمايدۇ!
ئىلتەرش

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-6-30 16:39:59

باشقۇرغۇچىلار
ماۋۇ تېمىنىڭ ئالدىنقى ئىككى قىسمىنىمۇ تەبىئى پەنلەر سەھىپىسىگە يۆتكىۋەتسەڭلار بوپتىكەن

86 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-30 17:37:21

بەزىلەر يازمىسىنىڭ ئاخىرىغا «بۇ يازمىنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ خالىغان تور بەتكە كۆچۈرسىڭىز بولىدۇ، بۇ يازمىدىن ئۇيغۇرلار پايدىلانسۇن» دىگەن ئەسكەرتىشنى بېرىدىكەن. بۇ مۇنبەرگە يوللانغان يازمىلاردىن  ئۇيغۇرلار پايدىلانسۇن دەپ ھەقسىز يازىدىكەن. بۇ كىشىلەرگە ئادەمنىڭ ھۆرمىتى قوزغىلىدىكەن.
بەزىلەر بولسا، ھېچ يەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ دەپ ئەسكەرتىپ قۇيىدىكەن. بۇ خىل يازمىلار پۇل تاپىدىغان يازمىلارمۇ ؟ ياكى باشقا سەۋەپ بارمۇ؟  

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-6-30 17:50:58

ئەر كىشىدەك بەزىلەر دىمەي بىۋاستىلا مەندىن سورىسىڭىز بولماسمىدى قارىم ؟
ئۇلۇغ رامىزان بولمىسا چوقۇم قاتتىق تېگەتتىم سىزگە
ئۇيغۇرلار پايدىلانسۇن دەپ ھەقسىز يوللىغاندىمەن مۇنبەرگە ، پۇل تۆلەپ كۆرمىگەنسىز ماۋۇ تېمىنى ؟
ھەممە مۇنبەرلەردە ئۇچۇپ يۈرمىسۇن ،مەن  ئىزدىنىشقىلا كىرگەندىكىن مۇشۇ يەردە جىم تۇرسۇن دىدىم ماۋۇ تېمىنى ، ئىزدىنىشنىڭنىڭمۇ ئۆز ئالدىغا خاسلىقى بولۇشى كېرەكتە
چۈشەندىڭىزما ؟

86 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-30 18:14:25

iltersh يوللىغان ۋاقتى  2014-6-30 17:50 static/image/common/back.gif
ئەر كىشىدەك بەزىلەر دىمەي بىۋاستىلا مەندىن سورىسىڭىز  ...

ھە خاپا بولماڭ. مەن بەزىلەر دىيىشىمدە،   شۇ ئىككى خىل پىكىردىكىلەرنى كۆزدە تۇتتۇم.

ھە چۈشەندىم. سىز مۇنبەرنى ئاساس قىپسىز. بۇمۇ سىزنىڭ تاللشىڭىزكەن.  ھەممە تور بەتكە چاپلاشقا رۇخسەت دەيدىغانلار  مۇنبەرنى ئەمەس، ئۇيغۇرنى ئاساس قىلىدىكەن. بۇمۇ ئۇلارنىڭ تاللىشىكەن.  مېنىڭچە بەرىبىر ھەقسىز بولغاندىكىن.  ھەممىمىز بۇ يەردە ئۇيغۇرلارغا پايدىسى بولسۇن دەيدىغان بولغاندىكىن، مۇنبەرگە قارىغاندا ، ئۇيغۇرنى كۆزدە تۇتقان ياخشىراق دەپ ئويلايمەن.  كۆرگىسى بولسا مۇشۇ يەرگە كېلىپ كۆرسۇن دىسىڭىز، ھەممە ئادەمنىڭ زىيارەت قىلىپ كۆنۈپ قالغان مۇنبەرلىرى ئوخشاش ئەمەس، مەسىلەن، مەن مۇشۇ ئىزىدنىشنى زىيارەت قىلىشىم كۆپ. باشقا مۇنبەرلەرگە يېزىلغان مەزمۇنلار  ئىزدىنىشتا بولمىسا، مەن خەۋەرسىز قالىمەن.  ىدمەكچى بولغۇنۇم، بەزى ياخشى مەزمۇنلارنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ بىلىشىنى كۆزلىگەندە ، چەكلەپ قويمىغان ياخشى دەيمەن.
ئادەتتە «نەشىر ھوقۇقى» دىگەن سۆزنى كۆرگەندە مەنپەتكە ئالاقىدار دەپ بىلىدىكەنمەن. شۇڭا، پۇل(مۇشۇ مۇنبەردىن باشقا كىتاپ نەشىر قىلىپ ) ياكى باشقا سەۋەبى بارمىكەن دەپ ئوتتۇرغا قويغىنىم شۇ.  بۇنىڭغا سىزدىن باشقا كىشى جاۋاپ بەرسىمۇ بولىدىغان بولغاچقا شۇنداق سورىدىم.  ئۇنچىلىك خاپا بولشىڭىزنى ئويلىماپتىمەن. ھەم سىزنى خاپا قىلىش نىيىتىم يوق.  شۇنداق سوراپ خاپا قىلغان بولسام كەچۈرۋېتىڭ.
رامىزاننىڭ ھۆرمىتىنى قىلغانلىقىڭىزغا ئاللاھ ئەجىر بەرسۇن.

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-6-30 21:43:43

سىزگىمۇ قاتتىق تېگىپ ساپتىمەن
كەچۈرۈم سورايمەن

xamal يوللانغان ۋاقتى 2014-7-1 08:57:36

قۇياش سېستىمىسى ئىچىدىكى ئالەم جىسىملىرىنىڭ ئارىلىقى رادار دولقۇنى،لازېر نۇرىنىڭ قايتىشى قاتارلىق ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ ئۆلچىنىدۇ.

يۇقۇرىقى جۈملىدىكى رادار دولقۇنى،لازېر نۇرىنىڭ قايتىشى دېگەنلەر بىرلا ئۇقۇمدۇر؟ ئەمەلىيەتتە رادار دولقۇنى دېگەن تازا توغرا بولمىغان گەپ.

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-7-1 10:31:43

بىر ئۇقۇم ئەمەس
laser قوزغىتىلغان نۇر،بىر خىل نۇر ياكى يورۇقلۇق
رادار دولقۇنى دىگىنىمىز ھەر خىل چاستوتىدىكى ئېلىكتىر ماگنىت دولقۇنلىرىدىن ئىبارەت، شۇ كونكىرت راداردا ئوخشىمىغان دولقۇن بۆلىكىدىكى ئېلىكتىر ماگنىت دولقۇنى ئىشلىتىلىدۇ

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-7-1 10:34:38

لېكىن لازىر نۇرى ۋە ئېلىكتىر ماگنىت دولقۇنىنىڭ تېزلىكى ئوخشاش

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-7-1 11:14:21

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   iltersh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-1 11:18  

مۇشۇ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك قىستۇرما رەسىملەر
بەت: [1]
: يۇلتۇزلار ئارىلىقى قانداق ئۆلچىنىدۇ؟ 3-قىسىم