Uyghun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-30 13:48:12

J-29C تەجىرىبە قۇرۇلمىسىنىڭ چۈشەندۈرۈلىشى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Uyghun1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-30 13:56  

J-29C تەجىرىبە قۇرۇلمىسىنىڭ چۈشەندۈرۈلىشى

ھۈسەنجان شەمشى

تەجىربىنىڭ مەقسىدى:
قاسىم سىدىق ئەپەندى تەشەببۇس قىلغان<< شەكىل نەزىرىيەسى >> نىڭ 29- تېئورمىسىنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ئىسپاتلاش.


1- رەسىم
(گالىلې پىسا قىيپاش مۇنارى تەجىربىسى)
يۇقارقىدەك مەقسەتكە يىتىش ئۈچۈن  تۆۋەندىكىدەك بىر قاتار تەجىربە ئەسۋابى لايھىلەندى.
تەجىربە  لايھەسىدە پولات  شارچە تەجىرىبە ئوبىكتى بولۇپ، بۇ شارچىنى A شارچە دەپ ئاتىدۇق(3-رەسىم).    شارچىنىڭ ئېغىرلىق مەركىزىدىن ئۆتكەن تۈزسىزىقتىكى شارچىنىڭ ئىككى يان تەرپىدىن تۈشۈك ئېچىلغان. تەجىرىبە جەريانىدا Aشارچە ئۆز ئۇقىدا مىنۇتلۇق ئايلىنىش  1000 دىن 10000 مىڭغىچە ئايلايدۇرلۇپ ئېگىزلىكى m1.36 بولغان قۇيۇپ بىرىش قۇرۇلمىسىدىنئەركىن قۇيۇپ بىرىلىدۇ.



2-رەسىم
(ئېغىرلىق كۈچى تەجىربىسى)
شارچە يەرگە  چۈشكىچە نۇر سىزىش سېنزورلىرى ئارىسىدىن  ئۈتۈپ، چۈشۈش ھەركىتى باشلانغان ئورنى  خاتىرلىنىدۇ. يەرگە  چۈشكەندىن كىيىن ئىز قالدۇرۇش قەغىزى ئۈستىگەشارچە  قالدۇرغان ئىزلار ئارقىلىق، ئۆزئوقىدا  ئايلاندۇرۇپ تاشلانغان  شارچە بىلەن  ئۆز ئوقىدا ئايلاندۇرۇلماي تاشلانغان   شارچىنىڭ ئورنى خاتىرلىنىدۇ.
تەجىرىبە  ئادەتتىكى   تېمپىراتۇرا   نورمال  ئاتمىسفىرا شارائىتىدا ۋە ئادەتتىكى تېمپىراتۇرا  كېمەيتىلگەن ھەر خىل  دەرىجىدىكى ئاتمىسفىرا  بېسىم  شارائىتىدا تەكرار ئىشلىنىپ، چىققان سانلىق قىممەتلەر خاتىرلىنىدۇ.



3- رەسىم
تەجىربە ئەسۋابى چوڭ جەھەتتىن تەجىربەرايۇنى ۋە كونتىرول رايۇنىدىن ئىبارەت بۆلەكتىن تەركىپ تاپقان بۇلۇپ، تەجىربە رايۇنى –ئىچكى قۇرۇلما جازىسى ، تاشقى ۋاكومقېپى، تاشلاش  سېستىمىسى، ، ئايلاندۇرۇش  سېستىمىسى، ئايلىنىش قېتىم  سانىنى ئۆلچەش  سېستىمىسى، يۆلنىش  كۆرسەتكۈچ سېنزور سېستىمىسى، خاتىرلەش سېستىمىسى،  ماشىنا قول، كۈزتۈش سېستىمىسى قاتارلىق توققۇز سېستىمىدىنتەركىپ تاپىدۇ.
1. ئىچكى قۇرۇلما جازىسى
تۈزلىشى؛- ئېگىزلىگى ئىككى مېتتىر بولغان ئالتەدانە چاسا تۈمۈرنى  چەمبەر شەكىللىك ئالتەدانە تۇمۈرگە ئىچ تەرپىدىن تىگىشتۈرۈپ، ھەر ئىككى چەمبەر شەكىللىك تۈمۈر ئارلىقىنىئارلىق قالدۇرلۇپ كەپشەرلىنىدۇ. ئەڭ ئاستىنقى قىسمى سېلىندېر ۋاكوم قېپىنىڭ ئاستىغائالتە دانە بولتا بىلەن چىڭتىلىپ مۇقىملاشتۇرۇلىدۇ ( 6- رەسىم ).
رۇلى؛ بۇ ئارقىلىق ئۇقۇرغا ئۇرۇنلاشتۇرۇلغانبۆلەكلىرىنىڭ مۇقىملىغىغا كاپالەتلىق قىلغىلى بولىدۇ.
2. تاشقى ۋاكوم قېپى.
تۈزۈلشى؛ ۋاكوم تۇربىسى ، ياپقىسى، ۋەكۈزىتىش كۆزنىكى قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپىدۇ.
ۋاكوم قىپىنىڭ رۇلى؛ 1- سىرتقى ھاۋانىڭتەجىرىبە ھەرخىل جەريانىدا ئىچىگە كىرىپ كىتىشنى تۇسۇپ، كېمەيتىلگەن ئاتمىسفۇرا بېسىمشارائىتىدا تەجىرىبە ئىشلەشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ. 2- كۈزتۈش كۆزنىكى ئارقىلىقئىچكى قىسىمىنى ھەر تەرەپتىن كۈزەتكىلى بولىدۇ. 3- ئاستىدىكى ھەركەتچان چاقئارقىلىق تەجىرىبە قۇرۇلمىسنى يۆتكىگىلى بولىدۇ.



4-رەسىم،
3. تاشلاش سېستىمىسى



5 -رەسىم
تاشلاش سېستىمىسى
تاشلاش سېستىمىسى – بۇ جازا بۆلىكى (5-رەسىم،1).ئۈستى مېخاينىك بۆلىكى (5- رەسىم،2). B پىششاڭ ھەركىتىنى ئاساسىزىخچىگە يەتكۈزۈپ بىرىش بۆلىكى (5-رەسىم،3). ئاساسى زىخچە بۆلىكى (5-رەسىم،4). قۇشۇمچەزىخچە بۆلىكى (5- رەسىم،5)  قاتارلىققاتارلىق بەش بۆلەكتىن تۈزۈلگەن.
جازا بۆلىكى
جازا بۆلىكى قېلىن بولغان تۈمۈر تاختاي  بۇلۇپ ئىچكى قۇرۇلما ئۇقۇرىنىڭ چەمبىرى ئۈستىگەكەپشەرلىنىدۇ
رۇلى؛ تاشلاش سېستىمىسى مۇشۇتاختاينىڭ ئۈستى ۋە ئاستى تەرەپلىرىگە مۇۋاپىق ئۇرۇنلاشتۇرۇلۇپ، تاشلاش سېستىمىسىنىڭمۇقىملىقىغا كاپالەتلىق قىلىنىدۇ.
ئۈستى مېخاينىك بۆلىكى
بۇ بۆلەكنىڭ ئاساسلىق رۇلى؛ ئېلىكتىرماتۇر بىلەن B پۇرجنانىڭ كۈچىنى تەڭ تەقسىملەپ، جازا بۆلكىئاستىدىكى ئىككى تەرەپكە يەتكۈزۈپ بىرىدۇ.
B پىششاڭ ھەركىتىنى ئاساسى زىخچىگە يەتكۈزۈپ بىرىش بۆلىكى
بۇ بۆلەكنىڭ ئاساسلىق رۇلى؛- ئاساسىزىخچە ئايلىنۋاتقان شارئىتتا، B پششاڭنىڭ ھەركىتىنى ئاساسىزىخچىگە بىخەتەر يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.
ۋېنتىنى مۇقىملاشتۇرىدۇ.
ئاساسى زىخچە بۆلىكى
بۇ بۆلەك جازا بۆلكىنىڭ ئاستىدىكى تۈمۈرتاختىنىڭ ئاستىغا ئۇرۇنلاشقان بۇلۇپ A شارچىنى قىسىش، ئايلاندۇرۇش،تاشلاش ھەركەتلىرىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ.
قۇشۇمچە زىخچە بۆلىكى
قۇشۇمچە زىخچە بۆلىكى- بۇ بۆلەكنىڭ رۇلى-A شارچىنى ئاساسى زىخچىگە قىستۇرۇشتىن بۇرۇن مۇشۇ بۆلەكتە تەڭشەپقىسىپ توغىرلىنىۋېلىپ، A شارچىنىڭ ئاساسى زىخچىگە ئۆلچەملىق قىسىلىشىغاكاپالەتلىق قىلىدۇ.
ئايلاندۇرۇش سېستىمىسى ۋە سۈرئەت ئۆلچەش سېستىمىسى



6- رەسىم
بۇ ئىككى سېستىما 6- رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەكبۇلۇپ، رەسىمدىكى A ئايلاندۇرۇش سېستىمىسىنى ھەركەتلەندۈرگۈچىئاساسى ماتۇر بۇلۇپ، بۇ ئىچكى قۇرۇلما ئۇقۇرىنىڭ ئۈستى قىسمىغا جازا بىلەن مۇقىملاشتۇرۇلىدۇ.رەسىمدىكى D ئارلىقتىكى تاسمىلىق چاق ئوقى بۇلۇپ، بۇ بولساتاشلاش قۇرۇلما جازىسىنىڭ بىر تەرپىگە ئۇرۇنلاشتۇرۇلىدۇ. رەسىمدىكى Eبولسا تاشلاش سېستىمىسىنىڭ ئاساسى زىخچە بۆلىكى بۇلۇپ، ئايلاندۇرۇش سېستىمىسىئارقىلىق ئايلاندۇرۇلدۇ. رەسىمدىكى B بولسا ئۆزىمىز ياسىغانئايلىنىش سۇرئىتىنى كېمەيتىش قىسمى بۇلۇپ، ئايلىنىش سۇرئىتىنى سائەت ئۆلچىگىدەكدائىرىدە كېميتىپ بېرىدۇ. رەسىمدىكى C بولسا ئايلىنىش سۇرئىتىنى ئۆلچەشسائەتى بۇلۇپ. شارچىنىڭ ئايلىنىش قېتىم سانىنى بىلگىلى بولىدۇ.
يۆلنىشكۆرسەتكۈچ سېنزور سېستىمىسى



7- رەسىم
يۆلنىش كۆرسەتكۈچ سېنزور سېستىمىسىتاشلانغان شارچىنىڭ يۆلنىشىنى كۆرسىتىپ بېردىغان بۇلۇپ، جازا بۆلىكى، لازىر نۇر ۋەلازىر نۇرلۇق ئۈز-چات بۆلىكى، ئېلىكتىر ماگىنىتلىق رېلى بۆلىكى، كۆرسىتىش چىرىقى بۆلىكىقاتارلىق بۆلەكلەرگە بۇلىنىدۇ.
جازا بۆلىكى
جازا بۆلىكى 23- رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەكبۇلۇپ، تۈمۈر تاختىدا لازىر نۇر ۋە لازىر نۇرلۇق ئۈز-چات بېكىتىش ئۈچۈن تۈشۈكتىشىلىدۇ. تۈشۈك تىشىلگەن تۈمۈر تاختا  ئەڭمۇۋاپىق ئۇرۇنغا تۇرغۇزۇلۇپ، تۈمۈر چېتىقلار ئارقىلىق تاشلاش سېستىمىسى جازاقىسمىغا مۇقىملىنىدۇ.
رۇلى؛ لازىر نۇر ۋە لازىر نۇرلۇق ئۈز-چاتلارنىڭئورنىدا مۇقىم تۇرشىغا كاپالەتلىق قىلىدۇ.



8- رەسىم
لازىر نۇر ۋەلازىر نۇرلۇق ئۈز-چات بۆلىكى
بۇ بۆلەكتە 50 دانە لازىر نۇر چىرىقىۋە 50 دانە لازىر نۇرلۇق ئۈز-چات بولىدۇ. 50 دانە لازىر نۇر چىرىقىنى Aشارچىنىڭ ئىككى تەرپىگە 7- رەسىم ئوڭ تەرەپتە كۆرسىتىلگەندەك بېكىتىلىدۇ. 50 دانەلازىر نۇرلۇق ئۇز-چاتنى قارشى تەرپىگە بېكىتىلىدۇ.
ئېلىكتىر ماگىنىتلىق رېلى بۆلىكى
بۇ بۆلەك 150 دانە ئېلىكتىرماگىنىتلىق رېلىدىن تۈزۈلگەن بۇلۇپ، نىپىز تۈمۈر تاختايغا تىزىلىپ، ئىچكى قۇرۇلماجازىسىنىڭ ئۈستى تەرپىگە ئورنىتىپ قۇيۇلىدۇ(24- رەسىم).



9- رەسىم
كۆرسىتىش چىرىقى بۆلىكى
بۇ بۆلەك 25- رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەكبۇلۇپ، 50 دانە كۆرسىتىش چىرىقىنى رەسىمدىكىدەك ئۇرۇنلاشتۇرۇلىدۇ (رەسىمدە ئىككىدانىسى ئارتۇق).



يۆلنىش كۆرسەتكۈچ سېنزور سېستىمىسى توك يۇلى
يۆلنىش كۆرسەتكۈچ سېنزور سېستىمىسىنىڭئىشلەش پىرىنسىپى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ.



10- رەسىم
لازىر نۇر لامپىسى، لازىر نۇرلۇق ئۈز-چاتقا نۇر دەستىسى چۈشۈرۇپ، لازىر نۇرلۇق ئۈز-چاتنى  ئۇلاپ تۇرىدۇ. Aشارچە تاشلانغاندا، نۇر دەستىسى تۇسۇلۇپ لازىر نۇرلۇق ئۈز-چات ئۈزۈلىدۇ-دە، ئۇزۇلگەنلىكسىگنال ئېلىكتىر ماگىنىتلىق رېلىغا يىتىپ  بارىدۇ.





11- رەسىم
ئېلىكتىر ماگىنىتلىق رېلى سىگنالغا ئاساسەن ئۈزۈلگەن شۇ نۇر دەستىسىنىڭ كۆرسىتىش چىرىقىنى ياندۇرىدۇ. بۇئارقىلىق A شارچە تاشلانغان چاغدىكى يۆلنىشىنى بىلگىلىبولىدۇ(10- رەسىم).
خاتىرلەش سېستىمىسى
بۇ سېستىما ئىچكى جازا قۇرۇلمىسىنىڭ ئاستى تەرپىگە جايلاشتۇرۇلغان بۇلۇپ،A  شارچە چۈشكەن ئۇرۇننى خاتىرلەيدۇ. ئشلەش پىرىنسىپى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ.


12- رەسىم
ئالدى بىلەن بىرىلگەن بۇيرۇققا ئاساسەن ئاپتۇماتىك قەلەم A  شارچەئايلاندۇرۇلماي تاشلىغاندا چۈشۈدىغان ئۇرۇنغا بەلگە چىقىرىدۇ. A  شارچە ئايلاندۇرۇلۇپ تاشلانغانداچۈشكەن ئۇرۇنغا ئىز قالىدۇ. ھەر قىتىم ئاپتۇماتىك بەت ئالمىشىپ يېڭلىنىپ تۇرىدۇ. خاتىرلەنگەن بەلگىلەرگە ئاساسەن ئېغىش ئارلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ.
ماشىنا قول


13- رەسىم
بۇ ماشىنا قولنىڭ شەكلى 13- رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك بۇلۇپ، ماشىناقولنى سىرىتتىن كونتىرول قىلىش ئارقىلىق  ۋاكومقېپى ئىچىدە A شارچىنى ئاستىدىن قىسىپ ئۈستىگە ئېلىپ چىقىش، Aشارچىنىڭ تۈشۈگىنى زىخچە ئۈچىغا توغىرلاپ  بىرىش، A شارچە قىسىلىپ بولغاندا، ئەسلى ئورنىغا بېرىپيىغىلىپ تۇرۇش قاتارلىق ئىشلار قىلدۇرۇلدۇ. قىسقىسى ۋاكوم ئىچىدە ئادەم قۇلىنىڭ رۇلىنىئوينايدۇ.
كۈزتۈش سېستىمىسى
ۋاكوم تۇربىسى ئىچىگە ۋە كۈزتۇش ئەينىكىگە ئۇدۇل ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان بىرقانچە تېلكامىرا ئارقىلىق كونتىرول سۇپىسىدىكى ئېكرانغا سىن كۈرۈنىشى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.بۇ
  كونتىرول سۇپىسى
بۇ سۇپىدا بىر قانچە ئېكران كۆپلىگەنھەرخىل ئۈز-چات، كۆرسىتىش چىراقلىرى بۇلۇپ، ئېلىكتىر سىمى ئارقىلىق تەجىربە
ۋاكوم تۇربىسى ئىچدىكى زاپچاسلارغا ئۇلىندۇ.بۇ ئارقىلىق قۇرۇلما ئىچىدىكى ئەھۋالىنى كۈزتىش،يۇرىتىش چىراقلىرىنى يۇرىتىش، ئېلىكتىرماتۇرلارنى قوزغىتىش ۋە توختۇتۇش، ئارقىلىق


(كونتىرول سۇپىسى)
ئۈسكىنىلەر ھەركىتىنى سىرىتتىن كۈزىتىپ،ماشىناقولنى ھەرخىل ھەركەتلەندۇرۇش، شارچە چۈشكەن ئۇرۇننى خاتىرلىگۈچنى باشقۇرۇش شارچىنىقىسىش-تاشلاش، شارچىنىڭ ئايلىنىشىنى كۇنتىرول قىلىش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىنىكونتىرول قىلىندۇ.



(ماشىنا قولنىڭ شارچىنى قىسىپ ئېلىش ئادىدىكى كۈرۈنىشى)


(ماشىنا قولنىڭ شارچىنى ئۈستىگە كۆتىرىپ چىقىۋاتقان كۈرۈنىشى)
قۇشۇمچە ئۇسكىنىلەر
ۋاكوم پومپىسى- بۇ ۋاكوم تۇربىسىنى ۋاكومقىلىشقا ئشلىتىلدۇ
ۋاكوم سائەتى- بۇ ئارقىلىق ۋاكوم دەرىجىسىنىھەر ۋاقىت بىلىپ، ۋاكوملۇق دەرىجىسىنى تەڭشگىلى بولىدۇ.

(ماشىنا قولنىڭ شارچىنى قىسىش ئورنىغا كۆتىرىپ چىقىپ شارچىنىڭ قىسىلىشىنى ساقلاپ تۇرغان كۈرۈنىشى)
ۋاكوم سائەتى- بۇ ئارقىلىق ۋاكوم دەرىجىسىنىھەر ۋاقىت بىلىپ، ۋاكوملۇق دەرىجىسىنى تەڭشگىلى بولىدۇ.
لازىر نۇر سەزگۈلىگىنى ئۆلچەش ئەسۋابى-بۇ لازىر نۇر تۇسۇلغاندىكى سەزگۈلىگىنى ئۆلچەشكە ئىشلىتىلدۇ.
سىمسىز كونتىروللىغۇچ- بۇ ئارقىلىق زۆرۆربولغاندا شارچە تۈشۈگىنى زىخچىگە توغىرلاش، شارچىنى قىسىش، قۇيۇپ بىرىش قاتارلىق ھەركەتلەرنى ئىشلىگىلى بولىدۇ.



تېخنىكىلار قۇرۇلمىنى قوراشتۇرماقتا




جۇرئەت (سولدا ) بىلەن ھۈسەنجان (ئوڭدا ) كونتىرول سۇپىسى ئالدىدا




رەخمىتۇللا تەجىرىبە قۇرۇلمىسى يېنىدا




ئەنۋەر ئەپەندىم قۇرۇلمىنى كۈزەتمەكتە




تەجىربە قۇرۇلمىسىنى لايھىلىگۈچى؛ جۈرئەت ئەنۋەر.

ماقالىنى تەييارلىغۇچى؛ ھۈسەن شەمشى

تەجىربە قۇرۇلمىسى ياساشقا قاتناشقۇچىلار؛
ئەنۋەرجان مۇھەممەت،جۈرئەت ئەنۋەر، رەخمىتۇللا كېرەم، ھۈسەن شەمشى.

مەبلەغ سالغان ئۇرۇن؛ ئەلدوست بىئوتېخنىكا تەرەقىيات شىركىتى
مەنبەسى ئەلدوس تورى  http://www.aldost.com/tatqiqat/?r=site/sagm&id=2
ئىزاھات: << J-29C >> - تەجرىبە قۇرۇلمىسىنىڭ نامى
J بولسا تەجىرىبە قۇرۇلمىسىنى لايىھىلىگۈچى جۇرئەتجانغا، 29 بولسا 29- تېئورمىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. C بولسا ئىلگىرى ياسىلىپ تەجىربە ئېلىپ بېرىلغان ئوخشىمىغان ئۈچ خىل تەجىرىبە قۇرۇلمىسىنىڭ ( A,B,C) ئۈچىنجىسى ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىدۇ.
(قىسقارتىپ يېزىلدى. تەپسىلى چۈشۈندۇرىلىشى كىيىن ئايرىم يوللىنىدۇ.)


2014- يىل 4- ئاينىڭ 17- كۈنى  

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-6-30 23:27:11

سىلەرگە ئۇتۇق تىلەيمەن،ئىزدىنىش روھىڭلارغا ئاپىرىن،توختاپ قالمىغايسىلەر…
تەجرىبە نەتىجىسى قانداق بولدى ؟

Uyghun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-1 09:04:48

iltersh يوللىغان ۋاقتى  2014-6-30 23:27 static/image/common/back.gif
سىلەرگە ئۇتۇق تىلەيمەن،ئىزدىنىش روھىڭلارغا ئاپىرىن،ت ...

رەھمەت. بىز دەسلەپكى قەدەمدە پىقىرىتىپ تاشلانغان شارىكنىڭ ئېغىپ چۈشىدىغانلىقىنى بايقىدۇق. ھەم داۋاملىق ئىشلەۋاتىمىز. بىز مۇتخەسىسلەرنىڭ باھالاپ چىقىشىغا. ئېنىق يەكۈن چىقىرىپ بىرىشىگە مۇھتاج. بىز ھېس قىلدۇقكى پىقىرىتىپ تاشلانغان شارىكنىڭ ئاغماي چۈشىش مۇمكىنچىلىكى يوق دىيەرلىك. مەن ھازىرچە مۇشۇنچىلىك جاۋاپ بىرەلەيمەن.

kurax007 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-1 10:36:22

قاسىم سىدىق مۇئەللىمگە سىلەرگە قايىل بولدۇم !

freebird يوللانغان ۋاقتى 2014-7-1 12:22:28

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   freebird تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-1 12:47  

تىكتاك توپ ئوينىغاندا توپنى پىرقىرتىپ ئۇرساق ، پىرقىرىغان يۆنىلىشكە قاراپ ئېغىپ كىتىدۇ ، 29-تېئورمىدا دىمەكچى بولغىنى مۇشۇنىڭ قانۇنيىتىمۇ؟


شارەكنى قانداق يۆنىلىشتە ئاتتىڭلار؟ يۇقىردىن تۆۋەنگەن قارىتىپ ئەركىن قويۇپ بەردىڭلارمۇ؟
پىرقىراۋاتقان شارەكنى قويۇپ بەرگەن دەقىقىدە ، شارەك بىلەن شارەكنى تۇتۇپ تۇرغان ئورۇندا سۈركىلىش كۈچى بولۇش سەۋەپلىك
ئېغىپ كىتىشى مۇمكىنمۇ ؟

بىرلا شارەكتە سىناق ئېلىپ باردىڭلارمۇ ؟ كۆپرەك شارەك ياساپ سىناپ باقتىڭلارمۇ؟  شارەكتىكى تۆشۈكنىڭ نەق ئوتتۇردا بولماسلىقى ،
شارەكنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى زىچلىقنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئويلاشتىڭلارمۇ؟

Uyghun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-1 14:33:41

freebird يوللىغان ۋاقتى  2014-7-1 12:22 static/image/common/back.gif
تىكتاك توپ ئوينىغاندا توپنى پىرقىرتىپ ئۇرساق ، پىرقىر ...

ئېغىش سەۋەبىگە قارىتا مىنىڭ قارىشىم





بىز خېلى كۆپ شارىكنى سىناپ باقتۇق. شارىك پىقىرتىپ ئۈستۇندىن توۋەنگە قۇيۇپ بىرىلىدۇ.

Batush يوللانغان ۋاقتى 2014-7-1 16:59:04

تەجىرىبە جەريانىدا Aشارچە ئۆز ئۇقىدا مىنۇتلۇق ئايلىنىش  1000 دىن 10000 مىڭغىچە ئايلايدۇرلۇپ ئېگىزلىكى m1.36 بولغان قۇيۇپ بىرىش قۇرۇلمىسىدىنئەركىن قۇيۇپ بىرىلىدۇ.

مەنمۇ مۇشۇ مەسىلىنى سوراي دەپ تۇرغانىدىم .
سىلەر ئۆلچىگەندە شارەك قويۇپ بېرىلىپ يەرگە چۈشكۈچە بولغان ئارىلىقتىكى ھەركەت يۆنىلىشىدە ئۆزگىرىش بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىنى ئۆلچىمەكچىمۇ ؟

يۇقۇرى تىزلىكتە ئايلىنىۋاتقان شارەكنى ئايلاندۇرغۇچتىن ئۈزگەن ۋاقتتا مەركەزگە ئىنتىلمە كۈچ ۋە يەرشارىنىڭ تارتىش كۈچىدىن باشقا ھىچقانداق سىرتقى كۈچ تەسىر قىلمىغانلىقىغا قانداق كاپالەتلىك قىلدىڭلار؟

ئوڭ سولغا ئايلاندۇررۇلۇپ  ئەركىن چۈشكەن بىلەن يۇقۇرى تۆۋەنگە ئايلاندۇرۇپ ئەركىن چۈشكەندىكى ھەركەت ئىزى ئوخشاشمۇ ؟

ئاۋۇ كامىراغا ئەگەر تېخىمۇ يۇقۇرى FPS  لىكنى ئىشلەتسەڭلار ھەقىقى ئۈنۈمىنى كۆزىتەلەيسىلەر. مەن قارىسامغۇ ئادەتتىكى كامىرا ئىشلەتكەندەك.
http://dv.it168.com/a2010/0421/876/000000876691.shtml


لىكىن ماۋۇ تەجرىبە قۇرۇلمىسغا سىڭدۈرگەن ئەجرىڭلارغا ئاپرىن .

Uyghun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-1 17:10:27

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Uyghun1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-1 17:13  

Batush يوللىغان ۋاقتى  2014-7-1 16:59 static/image/common/back.gif
مەنمۇ مۇشۇ مەسىلىنى سوراي دەپ تۇرغانىدىم .
سىلەر ئۆلچ ...

http://bbs.izdinix.com/data/attachment/forum/201406/30/133228n205050gjm53yuzq.jpg.thumb.jpg

مۇشۇ رېسىمدىكى چىراقلار شارىكنىڭ مەركەزدىن قېچىش -ئىنتىلىش سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدىغان خاتالىقنى ھىساپلاشتىن ساقىت قىلىش ئۈچۈن ئورنىتىلغان. كامىراغا كەلسەك ھدەتتىكى كامىرا ئۇ پەقەت مەشغۇلات قىلغاندا ئىچكى كۆرۈنۈشنى كۆرسىتىپ بىرىشكىلا ئىشلىتىلىدۇ.
بىز ئوڭ -سول، يۇقۇرى- تۆۋەن قىلىپ سىناشنىڭ زورۇريىتى يوق دەپ قارىدۇق. پەقەت ئۈستىدىن ئاستىغا ئەركىن تاشلاشقا تىرىشتۇق.

Batush يوللانغان ۋاقتى 2014-7-1 18:24:39

Uyghun1 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-1 17:10 static/image/common/back.gif
مۇشۇ رېسىمدىكى چىراقلار شارىكنىڭ مەركەزدىن قېچىش -ئ ...

تىنچ ھالەتتىكى شارنى يۇقۇردىن تۆۋەنگە ئەركىن چۈشۈرۈپ ھەركەت ھالىتىنى كۈزەتتىڭلارما ؟  ماڭا قايتۇرغان  جاۋابىڭىزدىن مەن مۇشۇنى بىلدىم .  ئەمما بۇنداق بولماسلىقى كېرەك ئىدى.

بىز ئوڭ -سول، يۇقۇرى- تۆۋەن قىلىپ سىناشنىڭ زورۇريىتى يوق دەپ قارىدۇق. پەقەت ئۈستىدىن ئاستىغا ئەركىن تاشلاشقا تىرىشتۇق.

مەن تىخى سىلەرنى يۇقىرى سۈرئەتتە(ئوڭدىن سولغا ياكى ئاستى ئۈستى ) ئايلىنىۋاتقان شارغا نىسبەتەن ئەركىن چۈشكەن ۋاقىتتىكى ھەركەت ئىزىدا ئۆزگىرىش يۈز بېرىدىغان ياكى بەرمەيدىغانلىقىنى تەجرىبە قىلغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن .

مەن ئەسلىدە شارەكنى  ئوڭ سولغا ئايلاندۇررۇلۇپ  ئەركىن چۈشكەن بىلەن يۇقۇرى تۆۋەنگە ئايلاندۇرۇپ ئەركىن چۈشكەندىكى ھەركەت ئىزى ئوخشاشمۇ ؟ دەپ سورىماقچى ئىدىم

ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن .

Uyghun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-1 18:51:42

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Uyghun1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-1 18:55  

Batush يوللىغان ۋاقتى  2014-7-1 18:24 static/image/common/back.gif
تىنچ ھالەتتىكى شارنى يۇقۇردىن تۆۋەنگە ئەركىن چۈشۈرۈپ ...

:lol  تېنچ ھالەتتىكى ئەمەس، شارىك ئايلاندۇرۇلۇپ مىنۇتىغا 10000قېتىمغا يەتتى  ( شۇنداق ئۆلچەپ بىرىدىغان سائەت بار) ساقىنىڭ ئايلىنىشى بىرقەدەر مۇقىملاشتى دەپ قارالغاندا تاشلىنىدۇ.
http://bbs.izdinix.com/data/attachment/forum/201406/27/2316052liixi326ii8vpip.jpg.thumb.jpg

http://bbs.izdinix.com/data/attachment/forum/201406/27/231809xlix5l30ebi0xhwq.jpg.thumb.jpg

http://bbs.izdinix.com/thread-58916-1-1.html

Batush يوللانغان ۋاقتى 2014-7-1 19:18:06

مانا ئەمدى چۈشۈنۈشلۈك بولدى .
سىلەر ساقىنى يۇقىرى -تۆۋەن يۆنىلىشتە ئايلاندۇرۇپسىلەر، ئەگەر ئۇنى ئوڭ -سول يۆنىلىشتە ئايلاندۇرۇپ تاشلىساق يەنە ئوخشاش نەتىجىگە ئىرشىمىزمۇ ؟

Uyghun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 14:34:18

Batush يوللىغان ۋاقتى  2014-7-1 19:18 static/image/common/back.gif
مانا ئەمدى چۈشۈنۈشلۈك بولدى .
سىلەر ساقىنى يۇقىرى -تۆۋ ...

ئۇنىڭدىكى ئېغىش نىسبىتى بەك كىچىك كۈزەتمەك بەك قىيىنغا توختايدۇ.
بەت: [1]
: J-29C تەجىرىبە قۇرۇلمىسىنىڭ چۈشەندۈرۈلىشى