مەشھۇر رەسسام نورمان روكۋېلنى بىلەمسىز؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Shiraq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-30 12:26مەشھۇر رەسسام نورمان روكۋېل
مۇھەممەد ھوشۇر
نورمان روكۋېل (1894-1974) ئامېرىكىلىق رەسسام ۋە لايىھىلىگۈچى. نيۇ – يورك شەھىرىدە تۇغۇلغان.بۇ يەردىكى سەنئەتكار ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىدە تەربىيەلەنگەن. ئۇنىڭ ئامېرىكىدىكى «شەنبە كەچلىك گېزىتى»، «ئاياللار ئائىلىسى» ۋە «نەزەر» قاتارلىق ژۇرناللارنىڭ مۇقاۋىسىغا ئىشلىگەن لايىھىلىرى كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا سازاۋەر بولغان.
ئۇنىڭ ماي بوياق ئەسەرلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئادەتتىكى ئائىلىلەرنىڭ تۇرمۇشى ۋە سەھرا ھاياتىنى تېما قىلغان بولۇپ، يەنە كۆپلىگەن بالىلارغا بېغىشلانغان سىزمىلىرىمۇ بار. ئۇنىڭ سىزمىلىرىدىكى بىر ئورتاق ئالاھىدىلىك شۇكى، كۈچلۈك يۇمۇرىستىك تۈسكە ئىگە. روكۋېل تۇرمۇشتىكى مىنۇت – سېكۇنتلۇق قىسقا كۆرۈنۈشلەرنى تۇتۇۋېلىشقا ماھىر، «ئائىلە ساياھىتى»، «ۋوگزالدا»، «دوختۇرخانىدا»، «كۈتۈش»، «بېلەت ئالالمىغاندىن كېيىن» قاتارلىق ئەسەرلىرى دەل مانا شۇنداق كىشىلەرنىڭ دەقىقىلىق روھىي داۋالغۇشلىرىنى ناھايىتى ئوبرازلىق ئەكس ئەتتۈرگەنلىكى بىلەن قىممەتلىك. ئۇنىڭ رەسىملىرىدىكى جانلىق مۇبالىغە پېرسوناژلىرىغا زور ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلغان. روكۋېل ئەسەرلىرىدە ئىسسىق ۋە سوغۇق رەڭلەر ناھايىتى ياخشى ماسلىق ھاسىل قىلغان، تەڭپۇڭلۇق سېزىمى كۈچلۈك، قۇرۇلمىسى پۇختا. شۇڭا كىشىگە ئاجايىپ چوڭقۇر ئېستېتىك ھۇزۇر بېغىشلايدۇ.
ئۇ يەنە نۇرغۇن ئېلانلارنى لايىھەلىگەن. ئۇنىڭ «تۆت چوڭ ئەركىنلىك» ناملىق داڭلىق ئەسىرى ئامېرىكا پرىزدېنتى فرانكىلىن روزۋېلتنىڭ 1941- يىلى سۆزلىگەن مەشھۇر نۇتقى ئاساسىدا ئىشلەنگەن بولۇپ، «ئاتلانتىك ئەھدىنامىسى» گە كىرگۈزۈلگەن ۋە ئۇرۇش مەزگىلىدە ئەڭ كۆپ تارقىتىلغان تەشۋىقات سۈرەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.
روكۋېلنىڭ تەرجىمىھالى 1959- يىلى «مېنىڭ سىزمىچىلىق ھاياتىم» دېگەن نامدا نەشر قىلىنغان، 1977- يىلى ئۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تىنچلىق دەۋرىدىكى ئەڭ يۇقىرى مۇكاپات «ئەركىنلىك مېدالى»غا ئېرىشكەن.
روكۋېل ئەسەرلىرىنىڭ بىزگە نىسبەتەن ئەڭ قىممەتلىك يېرى شۇكى، ئۇ تۇرمۇشنى ناھايىتى چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن كۆزىتىدىغان رەسسام، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە دەۋر پۇرىقى ئىنتايىن كۈچلۈك. نۇرغۇن ئوبزورچىلار ئۇنىڭ سىزمىلىرىنى فوتو سۈرەتكە تەققاسلىشىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە فوتو سۈرەتتىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ يارقىن، تېخىمۇ ئىخچام ۋە تېخىمۇ ھېسسىياتلىق بىر دۇنيا يوشۇرۇنغان.
نورمان روۆۋېلنىڭ ئورگان تور بېتى:http://www.nrm.org/
روكۋېل ئەسەرلىرىنىڭ جۇغلانمىسى:http://cn.bing.com/images/search?q=norman+rockwell&FORM=HDRSC2l] لەغمەن دىگەن كىرەكسىز نەرسە،
ئېشى بولۇپ بولۇپ سېيى بولمىسا .
مەشھۇر كىشىنى ئاۋام تونۇماس،
نامى بولۇپ،ئىشى بولمىسا{:181:}
http://ts2.mm.bing.net/th?id=HN.608048256986579902&pid=1.7 http://render.globalgallery.com/images/261036--600.jpg بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Shiraq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-30 15:18
{:220:} راس ئىسىل رەسىملەركەن ھۇزۇرلاندىم رەھمەت دىققەت قىلمىسا ئاخىرقى رەسىمنىڭمۇ ماي بوياق ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرگىلى بولمايدىكەن...
ئاۋۇ ئىككى بەڭگى شۇمتەكنىڭ ياخشى چىقىپتۇ {:112:} مەنمۇ قايىل بولدۇم تەبىئىلىكى يۇقىرىكەن ھازىر مۇشۇ رەسسامچىلىق ئىشلىرى بىر ئىزدا توختاپ قالغاندەك بۈلىنىدۇ ماڭا ..... نورمان روكۋىلنى تۈرمۇشنى بەك سۈيىدىغان ئادەم دەپ بىلىمەن،ھەربىر پارچە ئەسەردە بىر ئۇزۇن ھىكايە بار. :(
بەت:
[1]