musilina1 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-30 11:24:29

خاتا ئۇرۇلغان تېلىفون

    بۈگۈن دەم ئېلىش كۈنى بولغاچقا ئەتىگەندىن بېرى بىر ھەپتىدىن بېرى يىغىلىپ قالغان كىر –قاتلارنى يۇيۇش، ئۆي تازىلاش...قاتارلىق ئۇششاق –چۈششەك ئىشلىرىمنى تۈگەتكەندىن كېيىن بازارغا بېرىپ ئۆيگە كېرەكلىك نەرسە –كېرەكلەرنى سېتىۋېلىپ قايتىپ كەلدىم ۋە كەچلىك تاماققا تۇتۇش قىلىشقا باشلىدىم،ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئىككى بالام پۈتۈن زېھنى بىلەن تاپشۇرۇقلىرىنى ئىشلەۋاتاتتى، ئوليار بولسا چۈشلۈك تاماقنى يەپ بولۇپ كىمدۇر بىرسىدىن كەلگەن  تېلىفوننى ئېلىپلا چىقىپ كەتكەن ئىدى،مۇشۇ ئىككى –ئۈچ يىللاردىن بېرى ئۇنىڭ ئۆيدە تۇرغان ۋاقتىدىن تۇرمىغان ۋاقتى كۆپىيىپ كەتكەن ئىدى،بىلسەم بىلمىسەم ئۇ ھەقاچان نەلەردىدۇر بىرەر رېئوستىراندا رەڭلىك سورۇننىڭ قىزغىن ئىشتىراكچىسى ۋە  ياكى مەلۇم بىر ئۇۋىلاش ئورنى،سائۇنا...قاتارلىقلارنىڭ دائىملىق خېرىدارى سۈپىتىدە يۈرىيدىغاندۇ. مەن دەسلەپتە بىرنەچچە قېتىم ئۇنىڭ بارغان –تۇرغان يەرلىرىنى ئىز قوغلاپ  يۈرۈپ تېپىۋېلىپ  ساھىپجامال سەتەڭلىرى ياكى ئاغىينىلىرى ئالدىدا ئالدىدا ئوسال قىلىپ ئۆيگە قايتۇرۇپ ئەكەلگەنمۇ  ،ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن تاياق يېگەنمۇ ،‹‹ نەگە باردىڭ؟ نەدە تۇردۇڭ ؟ ئۆي ،بالا لازىم ئەمەسمۇ؟ ››دەپ ئۇرۇشۇپ –سوقۇشۇپ يۈرگەنمۇ ،ئاجرىشىپ كەتمەكچىمۇ  بولدۇم ،كېيىن ئاتا –ئانام ۋە قېيىن ئاتا –ئانامنىڭ ، بىرنەچچە يېقىن دوستلىرىمنىڭ .... نەسىھەتلىرى ‹‹ ئەركىشى دېگەن تالاغا چىقسا مىڭنىڭ،ئۆيگە كىرسە بىرنىڭ ئېرى....››دېگەن سەقىما گەپلىرى  بىلەن ئۆزۈمنى تۇتىۋېلىپ،ئەڭ مۇھىمى ئىككى بالامنى ئويلاپ ئۇنىڭ يۈرۈش –تۇرۇشلىرىغا ئارىلاشمايدىغان،پەقەت ئازابلىرىمنى كۆز يېشىم ئارقىلىق ئىپادىلەپ، ئىككى بالامغا قاراپ ئۆزۈمگە تەسەللى تېپىپ،ھەر ۋاق نامىزىمدا ئوليارنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ –ئىمان، ۋىجدان-غورۇر تىلەپ دۇئا قىلىدىغان بولدۇم.
      تاماق ئېتىۋېتىپ ئوليار توغرۇلۇق يۇقىرقى خىياللارنى قىلىۋاتاتتىم ،تۇيۇقسىز يانفونۇم سايراپ كەتتى، قارىسام تونۇمايدىغانلا نومۇر،‹‹كىمدۇ بۇ؟››دېگەن ئوي بىلەن:
      -ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،- دەپ تېلفوننى ئالدىم.
      - تېچلىق تۇردۇڭمۇ ئاداش،بالىلىرىڭ تچلىقتۇ؟-دەپ ئەھۋال سورىدى قارشى تەرەپ.
        - خۇداغا شۈكرى، ھەممىمىز تېنچلىق تۇردۇق، ئۆزۈڭچۇ؟-جاۋاب بېرىۋېتىپ قايسى دوستۇم ئىكەنلىكىنى ئېسىمگە ئېلىشقا تىرىشتىم.بىراق  ئاۋازىنى ھېچ  پەرقلەندۈرەلمىدىم.‹‹سىز كىمۇ؟››دەپ سوراش سەل بىئەپ بولۇپ قالاتتى.شۇڭا گەپنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلاپ ئاندىن بەك بىلمىگەندە كىملىكىنى سورىماقچى بولدۇم.
  -ئېرىڭ يەنە سىرتقا چىقىپ كەتتىمۇ؟-دەپ سورىدى قارشى تەرەپ.
    - ھە، سىرتقا چىقىپ كەتتى،-دېدىم مەن.
   -  ھەقاچان يەنە بىرەر سورۇندا قۇشقاچلارنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئېتىپ ئويناۋاتىدىغاندۇ،بولدى بۇ گەپلەرنى قىلىپ كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلماي،ئەسقەرمۇ يوق ئۆيدە،يەنە ھېلىقى پاسكىنىنىڭ قېشىغا ياكى  بىرەر ماجاڭخانىغا دۈم چۈشتى ھەقاچان بۇ لامزەللە.گۈليارنىڭ پۈتۈن خىيالى نوقتىلىق  ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈش بولغاچقا ،ئىمتىھانغا قاتتىق تەييارلىق قىلۋاتىدۇ.قارا ئاداش،ئابلىكىم ئۆتكەندە بىزنى  ‹‹قەلبداشلار››ئارامگاھىغا  تاماققا تەكلىپ قىلغان ۋاقىتتا ،ھېلىقى دىلشات دېگەن بىر ئاغىينىسىمۇ بىللە كەپتىكەنغۇ،ئۇ كىشىنىڭ شۇ ۋاقىتتىلا ساڭا كۆزى چۈشۈپتىكەن قارا،ھى..ھى..ھى...ئېرىڭدىن تەلىيىڭ بولمىغان بىلەن باشقا ئەرلەردىن  تەلىيىڭ بار جۇمۇ سېنىڭ. ئابلىكىم چاقىرغان قايسى سورۇنغا بارساق ئۇنىڭ ئاغىينىلىرىنىڭ ساڭا كۆزى چۈشۈپ قالىدۇ دېسە، ساڭا ھەسەتمۇ قىلىۋاتىمەن جۇمۇ.ھى...ھى..ھى.... دىلشات نەچچە قېتىم ئابلىكىمنىڭ بېشىنى ئاغرىتىپ سەن بىلەن كۆرۈشتۈرۈپ قويۇشنى ئېيتىپ تۇرىۋاپتۇ،ئابلىكم ھازىر  تېلىفون قىپتۇ، دىلشات  مېھمان قىلماقچى ئىكەن،كىيىملىرىڭنى ئالماشتۇرۇپ،گىرىملىرىڭنى قىلىپ تەييار بولۇپ تۇرە ئاداش،يېرىم سائەتتىن كېيىن ئابلىكىمنىڭ ماشىنىسىدا سېنى ئالغىلى بارىمىز،راسا بىر ئويناپ كېلەيلى،ئېرىڭمۇ سىرتتا ئويناپ يۈرىيدىغۇ ئەينا،ئا ئەسقەر دېگەن لامزەللىمۇ ئايدا –يىلدا بىرەر قېتىم ‹‹خوتۇن بارمۇسەن؟››دەپ ئەھۋالمۇ سوراپ قويمايدۇ، ۋايجان،بۇنداق نېمىلەرگە سادىق بولىمىز دەپ ئۆزىمىزنى تۈگەشتۈرگىچە،تۆت كۈنلۈك ئالەمدە ئويناپ –كۈلۈپ ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز خوش قىلىپ جاھاننىڭ پەيزىنى سۈرەيلى ئاداش،-دېدى قارشى تەرەپ.ئەمدى بۇ تېلىفوننىڭ خاتا ئۇرۇلغانلىقى شەكسىزلا ئېنىق بولدى، چۈنكى قارشى تەرەپ تىلغا ئالغان كىشىلەرنى پەقەتلا تونۇمايتتىم ھەم  تېلىفوندا ئېيتىۋاتقان بۇ چۈشىنىكسىز ئىشلار مەن خىيالىمغا كەلتۈرۈپ باقمىغان،ئوڭۇمدا تۇرماق چۈشۈمدىمۇ ئويلاشتىن نومۇس قىلىدىغان ، مېنىڭ تەبىتىمگە  پۈتۈنلەي ياتلا بولغان ئىشلار ئىدى.مەن دەماللىققا بىرئاز تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن:
    -  ۋەي، سىز كىم؟-دەپ سورۇدۇم ، شۇنداق سورىمايلا تېلىفوننى قويىۋەتسەم سەت تۇراتتى.
      - ۋىييەي ،ئېرىڭنىڭ دەردىدە كاللاڭدىنمۇ كېتىپسەن –ھە،قارا كۈندە نەچچە رەت كۆرۈشۈپ تۇرۇپمۇ مېنى تونىمىغىنىنى،ھەي دۆت،مەن شەھىدە ئەمەسمۇ،-دېدى قارشى تەرەپ رەنجىگەن تەلەپپۇزد،مېنىڭ ئەزەلدىنلا شەھىدە ئىسىملىك دوستۇم يوق ئىدى.
       - كەچۈرۈڭ، تېلىفوننى خاتا ئۇرۇپ قويۇپسىز،-دېدىم مەن.
       - توۋا ،نېمە بولغاندۇ ماۋۇ،باخشىمنىڭ قېشىغا ئاپىرىمىزمۇ سېنى،شۇنداق يېقىن دوستۇڭنىمۇ تونۇمايۋاتامسەن؟-دېدى شەھىدە .
      - راست خاتا ئۇرۇپ قويۇپسىز،مېنىڭ ئىسمىم رازىيە،مېنىڭ شەھىدە ئىسىملىك دوستۇم يوق،-دېدىم مەن.
      - ۋىييەي،قانداق ساراڭ خوتۇنسىز؟بايامنىڭياقى مېنى گەپكە سېلىپ چالغۇچە،مەن دوستىڭىز ئەمەس دەپ تېلىفوننى قويىۋەتسىڭىز بولمامدۇ؟نەدىكى بىر چۆگەيباشقا ئاغزىمنى ئۇپرىتىپ بىرمۇنچە سۆزلەپ كېتىپتىمىنا...-دېدى  شەھىدە ئىسىملىك بۇ ئايال زەردى بىلەن .
-        ئۆزىڭىز تېلىفوننى خاتا ئۇرۇپ ،يەنە نېمە دەپ ماڭا قاينايسىز؟-دېدىم ئاچچىقىم بىلەن.
       - ئوھۇش،ئۆتەپ بارە سەت رەپرەپ،بىرمۇنچە ۋاقتىمنى گالۋاڭ قىلىپ ،شۆلگىيىڭنى ئېقىتىپ ،تىلىڭنى چايناپ، مېنىڭ ھەممە گەپىلىرىمنى تولۇق  ئاڭلاپ بولغۇچە گۈشىيىپ قاراپ تۇرغىچە  ‹‹مەن دوستىڭىز ئەمەس ››دەپ قويىۋەتسەڭ بولمامدۇ تېلىفوننى.تازىمۇ بىر  كۆتىنى مۈشۈك چىشلىۋالسا ‹‹پۈش ››دېيىشنى بىلمەيدىغان لەقۋاغا بىرمۇنچە سىرىمىزنى تۆكۈپ يۈرۈپتىمىنا...-شەھىدە دېگەن ئايال مېنىڭ سۆزلىشىمگىمۇ پۇرسەت بەرمەي  تېلىفوندا مېنى تازا  تىللىۋېلىپ ئاندىن قويىۋەتتى. ئۇنىڭ ئۆزى تېلىفوننى خاتا ئۇرۇپ قويۇپ يەنە مېنى تىللىشىغا قورسۇقۇم شۇنداق كۆپتى،ياندۇرۇپ تېلىفون قىلىپ راسا تىللاي دەپ ئويلۇدۇم –يۇ، يەنە ئۆزۈمنى بېسىۋالدىم،بىر ھازاغىچە يۈرىكم سېلىپ  ئولتۇرۇپ قالدىم،بىر كەمدە قىزىمنىڭ ‹‹ئاپا ،قازاندىكى سۇ قايناپ  تۈگەپ كېتىپتۇ، تاس   قاپتۇ قازان تېشىلىپ كەتكىلى ››دېگەن ئاۋازىدىن ئەسلىمگە كېلىپ،تاماق ئېتىۋاتقانلىقىم ئېسىمگە كەچتى، قازان بېشىدا يۈرۈپمۇ بايىقى  خاتا كېلىپ قالغان تېلىفون ۋە تېلىفوندا  دېيىلگەن ئىشلار كاللامغا كىرىۋېلىپ ،ئۇلار بارغان شۇ جاينى ۋە  بولىۋاتقان رەسۋاچىلىقلارنى كۆز ئالدىمغا  پەيدا بولغاندەك بولۇپ ئۆزۈمچە سەسكىنىپ كەتتىم، ئۇ ئايالنىڭ ‹‹ ئېرىم ئىشىكتىن چىقىپ ئوينىسا،مەن دېرىزىدىن چىقىپ ئوينايمەن››دەيدىغان خارەكتىردىكى ئايال ئىكەنلىكنى ھېس قىلىپ يەتتىم.
    ‹توۋا،جاھان نېمە بولۇپ كېتىۋاتىدىغاندۇ؟ نېمىشقا مۇشۇنداق رەسۋا ئىشلار  كۆپىيىپ كېتىۋاتىدىغاندۇ؟بۇنىڭ ھەممىسى ئىماننىڭ سۇسلىشىشى، ئەخلاق ئۇقۇمىنىڭ ئاجىزلىشىشىمۇ؟....››دېگەن خىيال خېلى بىركەمگىچە كاللامغا كىرىۋالدى.شەھىدە دېگەن ئايالغا ياندۇرۇپ تېلىفون قىلىپ ئۇنى بۇ ناشايىن   ئىشتىن توسۇش خىيالىغىمۇ نەچچە رەت كېلىپ ،نومۇرنى بېسىپ بولۇپ ،بايامقى تېلىفوندا تىللىغان رەسۋا گەپلىرى ئېسىمگە كېچىپ ،يەنە ‹‹ئورۇنسىز  ھاقارەت ئاڭلاپ كۆڭلۈمنى تېخىمۇ غەش قىلىۋالماي›› دەپ بۇ خىيالدىن يالتايدىم،بىراق ئىچىمنى مۈشۈك تاتلىغاندەك بىر خىل غەشلىك تۇيغۇسى پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى چۇلغىۋالغان ئىدى.شۇ تاپتا كاللامدا ‹‹تېلىفۇن قىلىپ شەھىدەگە نەسىھەت قىلىپ باقايمۇ ياكى  ياكى ئىشىمنى قىلايمۇ؟››دېگەن ئىككىلىنىشلىك ئوي ھۆكۈم سۈرىۋاتاتتى.

  

مەنبە : ئۆز  ئىجادىيىتىم

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-6-30 14:54:28

{:258:}تۇنجى تىمىڭىز بەلەن چىقىپتۇ باھالاپ قوياي

musilina1 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-30 15:00:58

kakkur يوللىغان ۋاقتى  2014-6-30 14:54 static/image/common/back.gif
تۇنجى تىمىڭىز بەلەن چىقىپتۇ باھالاپ قوياي

رەھمەت ياخشى باھا بەرگىنىڭىزگە....

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-6-30 15:15:11

ئۇلارغا گەپ قىلغان بىكار   ،  سىز ئۇنداقلارنى قانچە توسقانچە، ئۇلارغا سىزنىڭ پەند- نەسىھىتىڭىز شۇنچە ئىلھام بولىدۇ-دە تېخىمۇ ئەدەپ كىتىدۇ  ـــــــ  بۇنداق دىسەم " ئەمسە مۇشۇنداق كىتىۋەرسە بولامدۇ " دىگەن سۇئال دەماللىققا خىيالىمىزدىن كىچىدۇ؛   زادى قانداق قىلىش كىرەك؟   

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-6-30 15:15:34

يالغان ۋەقە، يالغان پىرسۇناژلارنى قوراشتۇرۇپ يۇرۇپ كالىڭىزدىكى جەمىيەتنى تەسۋىرلەپ چىقىپسىز . . . . . .

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-6-30 15:49:53

نىمۇ ئوليار دىگەن؟ ئۇيغۇرچىدە ئىسىم قالمىغاندەك.

newkiran يوللانغان ۋاقتى 2014-6-30 17:22:44

توۋا شۇنداق خۇتۇنلارمۇ بارمۇ؟

udun0903 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-30 17:30:20

ماڭا بەك جىق كىلىدۇ بۇ خاتا تېلىفۇن، كۈندە بەش-ئالتە قېتىم كىلەمدىكى،
ئالدىراش ئەمەس بولسام، تازا گىپىنى ئاڭلاپ، جاۋاپ بىرىۋىتىپ، قويىدىغان چاغدا خاتا ئۇرۇپسىز دەپ قويىمەن.:lol:lol
مۇشۇ بەزى ئادەملەر باركەن، تۈگەل كاللىسى قاپاق،ئەركىشىنىڭ ‹ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم› دىگىنىنى ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ، پالانىخانمۇ؟ دەپ سورايدىغان، ئىغىزىمغا شۇندا ئۇز گەپلەر كىلىدۇكى، ئۆزەمنى ئاران تۇتىۋالىمەن.
لىكىن ما ھىكايە، ھىكايىدەكلا چىقىپتۇ.

azharbag يوللانغان ۋاقتى 2014-6-30 19:41:45

muztag يوللىغان ۋاقتى  2014-6-30 15:15 static/image/common/back.gif
يالغان ۋەقە، يالغان پىرسۇناژلارنى قوراشتۇرۇپ يۇرۇپ كا ...

ماڭدامدا  بىر  ئىشلارغۇ  ئۇ...:lol

0524 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-30 22:36:10

ئەسسالامۇئەلەيكۇم، سىز مىسرانىمدىكى مۇسىلىنە بۇلامسىز؟

musilina1 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-1 11:12:26

0524 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-30 22:36 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇئەلەيكۇم، سىز مىسرانىمدىكى مۇسىلىنە بۇلامسى ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.ھەئە،مەن مىسرانىمدىكى مۇسىلىنە بولىمەن.....

atella يوللانغان ۋاقتى 2014-7-1 11:23:36

نەسھەت ئارقلىق ناچار ئادەملەرنىڭ ناچارلىقنى ئۆزگەرتكىلى بولامدۇ....؟

Qashqari يوللانغان ۋاقتى 2014-7-1 12:32:04

ئوليارمۇ ، ئىليارمۇ ياكى ئەليارمۇ ؟

musilina1 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-1 12:45:34

Qashqari يوللىغان ۋاقتى  2014-7-1 12:32 static/image/common/back.gif
ئوليارمۇ ، ئىليارمۇ ياكى ئەليارمۇ ؟

ئىسمى ئوليار.....


ئاقسۇدا   ئوغۇللارغا ئوليار دېگەن ئىسىمنى قويىدۇ....

Qashqari يوللانغان ۋاقتى 2014-7-1 13:15:57

musilina1 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-1 12:45 static/image/common/back.gif
ئىسمى ئوليار.....




مەنىسى نىمە

musilina1 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-1 13:26:37

Qashqari يوللىغان ۋاقتى  2014-7-1 13:15 static/image/common/back.gif
مەنىسى نىمە

مەنىسىنى ئۇقمايدىكەنمەن...

پەقەت شۇنداق ئىسىملىك ئادەملەرنىڭ بارلىقىنى بىلىمەن....

bayawat يوللانغان ۋاقتى 2014-7-1 14:12:59

بۇ ھىكايىگە ھەققى ۋەقەمۇ ئارلاشقانمۇ قانداق؟:P

فائىزە034 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-2 14:06:14

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   فائىزە034 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-2 14:12  

atella يوللىغان ۋاقتى  2014-7-1 11:23 static/image/common/back.gif
نەسھەت ئارقلىق ناچار ئادەملەرنىڭ ناچارلىقنى ئۆزگەرتك ...

نەسىھەت ئارقىلىق بىر ئادەمنىڭ ئىدىيەسىنى ئۆزگەتكىلى بولمايدۇ...;P

atella يوللانغان ۋاقتى 2014-7-2 14:29:04

فائىزە034 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-2 14:06 static/image/common/back.gif
نەسىھەت ئارقىلىق بىر ئادەمنىڭ ئىدىيەسىنى ئۆزگەتكىلى  ...

ئۆزەمنڭلا ئۇكسىغۇ سېز...
نەسھەتتىن كۆرە ئبرەت بەكرەك تەسىر قىلدىكەن دەپ ئويلاپ قالدىمغۇ، يېقندىن بېرى....

imam567 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-5 06:54:19

musilina1 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-1 12:45 static/image/common/back.gif
ئىسمى ئوليار.....




ئىۋۇ مۇزدالا بىلەن ئىككىمىز ئاقسۇلۇق ،لېكىن ئۇنداق ئىسىمنى ئاڭلاپ باقماپتىكەنمىز.
بەت: [1] 2
: خاتا ئۇرۇلغان تېلىفون