tuz يوللانغان ۋاقتى 2014-6-30 11:22:17

ئەڭ ئەخمەق ئادەم زالىمدۇر

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم

                          ئەلشىر بىلەن ئەخمەق

بىر كۈنى سۇلتان ھۈسەيىن ۋەزىرلىرىنىڭ يالغان سۆزىگە ئىشىنىپ ، ئەلشىر نەۋايىنى زىندانغا تاشلاپتۇ . كۆپ ۋاقىت ئۆتمەي ئۇنىڭ گۇناھسىزلىقى مەلۇم بوپتۇ - دە ، پادىشاھ ئۇنى زىنداندىن چىقىرىشنى بۇيرۇپتۇ . ئەلشىر بولسا پادىشاھنىڭ زىندانغا تاشلاش ۋە چىقىرىش ھەققىدىكى پەرمانلىرغا ئەجەپلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ زىنداندىن چىقىشقا ئۇنىماپتۇ .
شائىرنى زىنداندىن چىقىرىشقا كۆپ تىرشىپتۇ -يۈ پايدىسى بولماپتۇ ، كېيىن شائىرغا يىقىن كىشىلەردىن بىرىنىڭ مەسلەھەتى بىلەن ئۇنىڭ يېنىغا بىر ئەخمەقنى قاماپ قويۇپتۇ ، شائىر شۇ چاغدىلا قاتتىق بىئارام بولۇپ زىنداندىن چىقىشقا رازىلىق بېرىپ ، چىقىپ كىتىپتۇ .

ھاسىلات : ئىنسانغا نادانلىق ۋە ئەخمەقلىقتىنمۇ ئارتۇق قاراڭغۇ - زۇولمەت يوق ، كىمكى نادان ۋە ئەخمەق بولدىكەن ، ئۇ قاراڭغۇ -زۇلمەت ئىچىدە ئۆزىنىڭ نادانلىقى ۋە ئەخمەقلقىنىمۇ ھېس قىلالمايدۇ ، شۇنداقلا يېقىن يوللىغۇچىلارنىمۇ قاراڭغۇ - زۇلمەت ۋەھىمىسىدە قويىدۇ . ئۇلار ھەتتا ئۆزىنىڭ كېيىنلىكى ، نېمە قىلىش كېرەكلىكىنىمۇ بىلمەيدۇ . كۈن- تۈنى غەپلەت ئىچىدە ئۆزى ۋە ئۆزگىنىڭ مەڭگۈ شەپەرەڭ كەبى يورۇقلۇقتىن مۇستەسنا ياشىشىغا مەستۇ - مۇستەغرەق بولۇپ ياشايدۇ . ئۇنىڭدىن نە گۈزەللىك ، نە يورۇقلۇقنى ، نە ھىممەت ۋە قىممەتنى كۆرگىلى بولمايدۇ ، ئاقىللار ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئۇنىڭدىن ئۆتەر زىندان يوق .

                     ئەڭ ئەخمەق ئادەم زالىمدۇر

سۇلتان مەھمۇد دۆلەت ئەربابلىرى ۋە ئەمىرلىرىگە :
___ ئىنسانلار ئارىسىدىن بىر ئەخمەق كىشى تېپىڭلار ، _____ دەپ بۇيرۇدى . بارلىق زېرەك ۋە خۇش تەبىئەت خەلق بۇ ئىشنىڭ پېيىگە چۈشۈپ سەھرالارغىچە چىقىپ ئىزدىدى . ئەخمەق سۈپەتلىك كىشىلەرنى تاپالماي ، ھەممە شۇ ئىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ يۈرۈپ دەرەخكە چېقىۋېلىپ ، شېخىدا تۇرۇپ تۈۋىنى كېسىۋاتقان بىرىنى ئۇچراتتى . ئۇ ئېگىز شاخ كېسىلىپ يېقىلسا مىڭ جېنى بولسىمۇ بىر جېنى ئامان قالمايتى ، كىشىلەر « ھېچ ئەخمەق بۇنىڭدەك بولماس » دەپ ئۇنى تۇتۇپ سۇلتاننىڭ قېشىغا كەلتۈردى ۋە ۋەقەنى بايان قىلدى . ئەمما سۇلتان :
_ بۇنىڭدىن ئەخمەق كىشى باردۇر . ئۇ بولسىمۇ زالىم ھاكىملار بولۇپ ، ئۇلار جەبر- سىتەملىرى بىلەن پۇقرالارغا ئازار بېردۇ . ئۇ خاھىشى بويىچە دۆلەتنىڭ ئىزەەت - ئابرويىنى ، يىلتىزىنى كېسىپ ئۆزىنى تاشلاندۇق ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدۇ . ھەممىدىن يامان ئەخمەق شۇدۇر ، _ دېدى.

ھاسىلات : دەرەخ شېخىدا تۇرۇپ دەرەخ كەسكۈچىلەر ئۆزىنى ھالاك قىلىدۇ . ئەمما ئۆز خەلقىگە زالىملىق قىلغۇچىلار بولسا ، ئەنۇ شۇ رەۋىشتە بىر پۈتۈن دۆلەتنىڭ مەنپەئىتىنى گۇمران قىلىدۇ . دۆلەت كۆچىتىنى پەرۋىش قىلىشنىڭ يولى ، خەلقىگە بەخىت- سائادەت ، باراۋەرلىك ۋە ئەركىنلىك بەرمەكتۇر ھەققانىي ھەم ئادىل بولماقتۇر .

مەنبە : شىنجاڭ مەدەنىيتى

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-6-30 13:59:47

ئېسىل ھېكىمەتلەركەن

yanhin918 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-30 22:39:50

ئىسىل!!!!!!!!!!!

bariber يوللانغان ۋاقتى 2014-7-1 04:02:35

بۇنداق ئەخمەقلەر ھازىر كۆپىيىپ كەتتى.

UYGHURBOY يوللانغان ۋاقتى 2014-7-1 05:05:32

‏« زامان زورنىڭ تاماشا كورنىڭ » بۇلىۋاتىدىغۇ ھازىر .

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-7-2 11:25:36

ئەخمەق پۇقرالارغا زالىم ھۆكۈمدارلار لازىمدۇر{:87:}

قانداق ئادەمنىڭ ئەخمەق ھىساپلىنىدىغانلىغى ئېنىق بولمىسا، بۇ ئۆگۈتنىڭ ھىچقانداق ئەھمىيىتى يوق، پەقەت كىشىلەرنى 'سەن ئەخمەق، مەن ئەخمەق ئەمەس' دىگەن تالاش-تارتىشقا تاشلاپ قويىدۇ.توغرا ئۇسۇل 'ئەخمەق ' دىگەنگە ئېنىقلىما بېرىۋېتىپ ئاندىن سۆزىنى ئېيتىش.مەسىلىنىڭ ماھىيىتىدىن قېچىپ يۈزەكى ئالامەتلىرىگە ئېسىلىۋېلىش،ئاددى بىر ئۇقۇمنى سىرلىقلاشتۇرۇپ خەلقنى ئۆز-ئۆزىگە دۆت-كالۋا كۆرسىتىش- جاھالەت پىرلىرنىڭ كۆنگەن ئۇسۇلى.

بەت: [1]
: ئەڭ ئەخمەق ئادەم زالىمدۇر