بىر كۈن شۇنداق كېتىسەن جىمجىت
بىر كۈن شۇنداق كېتىسەن جىمجىتئەزىز ئەيسا
كۈن غەرپكە پاتىدۇ ئاستا،
تۈن قوينىنى باسىدۇ سۈكۈت .
ئەزرائىلنىڭ كېلىپ تەكلىۋى،
بىر كۈن شۇنداق كېتىسەن جىمجىت.
سەن ئۇزىغان ئاشۇ بىر ئەسنا ،
توختاپ قالماس ھاياتلىق ئەسلا .
پەقەت سەنلا باردىن مۇستەسنا،
بىر كۈن شۇنداق كېتىسەن جىمجىت.
شاھ ، ئەۋلىيا ياكى گادايسەن ،
شۇ ئەجەلدىن ھامان ئوتلايسەن .
قان يىغلىشىپ قالار يارەنلەر،
بىر كۈن شۇنداق كېتىسەن جىمجىت.
ئۆلۈم مۇتلەق، كۆرۈم بىر چىكىت،
ياخشى ئويلا، ئويلا قىز-يىگىت .
پەرزەنتلىك قەرزىڭنى ئاقلا
دەپ قالمىغىن ئۆلەردە "ئىسىت!"
قالار ھەممە قالىدۇ ئىسىت،
قالار ھەسرەت، شاتلىق ۋە ئۈمىد.
ھەي يولۇچى سەپىرىڭ قايان ؟
بىر كۈن شۇنداق كېتىسەن جىمجىت.
2014-يىل 9-ئىيۇن ئاقسۇ .
تالاشقان شەلىرىڭ قالدىغۇ ئەنە،
ماڭغان يوللىرىڭ قالدىغۇ ئەنە،
تاپقان -تەرگىنىڭمۇ قالدىغۇ يەنە،
بىر كۈن شۇنداق كېتىسەن جىمجىت.
ھەممىمىز كېتىمىز بىر كۈن جىمجىتلا..... بەلەن يېزىپسىز .
بەت:
[1]