جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى تورىنىڭ ئۇيغۇرچە بېتى ئېچىلدى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا erturk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-29 16:25مەركىزىي كومىتېت بىرلىكسەپ بۆلۈمى ، دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ قوللاپ قوۋۋەتلىشى بىلەن جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى تورىنىڭ ئۇيغۇرچە بېتى تۈنۈگۈن رەسمى ئېچىلدى. ئېچىلغاندىمۇ رەسمىي مۇراسىم بىلەن ئېچىلدى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىلالىدىن چېن گۇڭيۈەن ئاخۇن مەزكۇرتور بېتىنىڭ جەمئىيەتكە يۈز ئاچقانلىقىنى ئېلان قىلدى، چاۋاكلار چېلىندى، رەسىملەر تارتىلدى، ئەمما رەسىمنى بۇ يەرگە چىقىرىپ بولالمىدىم، مەقسەت ئۇ ئەمەس، بۇ تور بېتىنى كۆپچىلىككە بىلدۈرۈپ قويۇش: www.chinaislam.net.cn/uyghur
بىر ئايدىن بېرى جىددىي تەييارلىق قىلىش نەتىجىسىدە بۇ تور بېتىنىڭ دەسلەپكى شەكلى پۈتۈپ، يېزىق، سۈرەت، ۋىدىيولار قويۇلدى، خەت، ماقالە ئوقۇشتىن زوقلىنىدىغانلار دىن ۋە ھايات قاتارلىق سەھىپىلەرگە قويۇلغان تاللانغان ماقالىلەرنى ئوقۇسا بولىدۇ، ماقالىلەر ئاساسەن «جۇڭگومۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى ۋە بۇ ژۇرنالنىڭ مۇھىم ماقالىلىرىدىن تۈزۈلگەن «ھىدايەت گۇلزارى» ناملىق توپلامدىن ئېلىندى. ۋىدىيو كۆرىمەن دەيدىغانلار ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىدىيەسى مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆزلەنگەن نۇتۇق ۋە ئۆتكەن نۆۋەتلىك قىرائەت مۇسابىقىلىرىدە نەتىجىگە ئېرىشكەن قارىملارنىڭ مۇڭلۇق قىرائەتلىرىنى كۆرسە، ئاڭلىسا بولىدۇ. سەمىمىيەت بىلەن شۇنى دېيىشكە بولىدۇكى، بۇ ئىشلارنى روياپقا چىقىرىش ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس، بۇ تور بېتىدىن ھەر كىم ئۆزىگە يارىشا بىرەرئۇچۇر، ئىلىم، ھېكمەت، تەسىرات ئېلىپ قالسا ئەجەب ئەمەس.
ئۇيغۇرچە ئىچىلغىنى ياخشى بۇپتۇ، يىڭى ئۇچۇرلار يوللىنىدىكەن بۇ مۇنبەرگە...
ھىچ بولمىسا تورغا چىقالايدىغان ياشلار پايدىلىنالىسا ، مۇنبەرلەرگە قالايمىقان ئىنكاس يىزىشتىن ساقلىنىپ قاراڭغۇ يەرگە بارماي جەمىيتىمىزدە قالسىمۇ پايدا دىگەن گەپ.
ئانا تىلىمىزدا ھەر-ساھەلەرددە مۇشۇنداق مۇنبەرلەرنىڭ تىخىمۇ كۆپىيىشىنى ئارزو قىلىمەن. يەنە كىلىپ ھەر-ساھە، ھەركەسىپلەردە تۇلۇق ماتىريال مەنبەسى بۇلىشىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا رولى بەك چوڭ دەپ قارايمەن. ئەمما بۇنى يەرلىكتىكىلەر ئىسلام توربىتى دەپ كۆرگەنلەرنى چەكلىمىسىلا بولاتتى ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم
مۇبارەك بولسۇن گۇگۇل خروم تور كۆرگۈدە خەتلەر نورمال كۆرۈنمەيدىكەن، تەڭشەپ قويساڭلار خەتلىرى نورمال كۆرۈنمەيدىكەن. ئاۋۇ تور بەتتىكى ۋىديو، ماقالە مەزمۇنلارنى كۆرەپسەندەپ سولاپ قويسا سىلىنى ئىزدەيمىزما. ablimitt يوللىغان ۋاقتى 2014-6-30 07:44 static/image/common/back.gif
ئۇيغۇرچە ئىچىلغىنى ياخشى بۇپتۇ، يىڭى ئۇچۇرلار يوللىن ...
مەن ئۇ توربەتتىن ھېچ مۇنبەر كۆرمەيمەنغۇ ياكى كومپيۇتېرنىڭ يوشرۇن ھۆججەت كۆردىغان يىرىنى ئىچىۋېتىپ ئاچساق چىقامدىكەنيا. مۇشۇنداق بىر تور بەتنىڭ قۇرۇلۇشى زۇرۇر ئىدى .
اياشلىرىمىزغا ئىسلامنى توغرا چۇشەندۇرۇش ،دۆلىتمىزنىڭ دىنىي سىياسىتىنى تۇغرا ۋاختىدا يەتكۇزۇش ،دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇپ ، كەڭ مۇسۇلمان ئاممسىنىڭ قانۇنلوق ھوقۇق مەنپىئەتنى قوغداش خىزمەتلىرىدە مۇھىم رول ئوينىشىغا تىلەكداشمەن. ئىسلام دىنى تىنچلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان دىن دېگىنى 86 نىڭ شۇمۇ بۇ تور بېتى ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنلۇق تور بېتى، ئەمما تېخنىكىلىق جەھەتتىن يېتەرسىزلىكلەر مەۋجۇت. سەھىپىلىرىنى داۋاملىق تولۇقلاشقا، مەزمۇنلىرىنى بېيىتىشقا توغرا كېلىدۇ. تۈنۈگۈن ئاچسام نورمال كۆرۈنۈۋاتاتتى، ھازىر ئاچسام بىنورمال، دېمەك، بۇ مەسىلىلەرنى بىر-بىرلەپ ھەل قىلىش كېرەك. ياخشى بوپتۇ ، كىرىپ ئاڭلاپ پايدىلانساق بولىدىكەن تىنىچ -ئامانلىق ئەۋزەل sadir0998 يوللىغان ۋاقتى 2014-6-30 11:13 static/image/common/back.gif
مەن ئۇ توربەتتىن ھېچ مۇنبەر كۆرمەيمەنغۇ ياكى كومپيۇ ...
خاتا ئىشلىتىپتىمەن، مۇنبەر تىزىملىتىپ ئەزا بۇلۇپ ئىنكاس يازغىلى بۇلىدىغىنى، ئاۋۇنىڭدەكلېرى تور بەت. ismail يوللىغان ۋاقتى 2014-6-30 12:40 static/image/common/back.gif
ئىسلام دىنى تىنچلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان دىن دېگىنى 86 ...
ئامدان ئوقۇڭ. جۇڭگۇچە مۇسۇلمان يىتىشتۇرىدىغان تور بەتكەندە بۇ . sadir0998 يوللىغان ۋاقتى 2014-6-30 11:13 static/image/common/back.gif
مەن ئۇ توربەتتىن ھېچ مۇنبەر كۆرمەيمەنغۇ ياكى كومپيۇ ...
ئىسلام دىنى تىنچلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان دىن دېگىنى كۆردۈم، ئاندا بومماس؟ ئەمدى بار بولدىما ؟ بۇرۇن يوقمىدى ؟ - مۇشۇ سۇئاللارنى تالاي قېتىم، تالاي يەرلەردە سورىغىمىز كېلىدۇ، ئەمما، شۈكرى، سۇنى كۆرمىسە ئۆتۈك سالمايدىغان زاتلار جاھان سورايدىغان زامان ئىكەن.
TARiMWolF يوللىغان ۋاقتى 2014-6-30 17:57 static/image/common/back.gif
جۇڭگۇچە مۇسۇلمان يىتىشتۇرىدىغان تور بەتكەندە بۇ .
شۇنداق، ئەرەبچە مۇسۇلمان، ۋاھابى بولۇپ كېتىۋاتقانلار تولا دەپ ھۆكۈمەت كۆڭۈل بۆلۈپ مۇشۇ ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقاردى.
yollugh يوللىغان ۋاقتى 2014-7-1 19:11 static/image/common/back.gif
ئەمدى بار بولدىما ؟ بۇرۇن يوقمىدى ؟ - مۇشۇ سۇئاللارنى ت ...
ھۆكۈمەتلا ئەمەس، تولا ئادەم سۇنى كۆرمىگىچە ئۆتۈك سالمايدۇ، قەيەر ئاغرىسا شۇ يەرنى داۋالايدۇ. بەك ياخشى بوپتۇ.
بەت:
[1]
2