murad يوللانغان ۋاقتى 2014-6-29 15:38:31

رامىزانلىق سوۋغا ئەپ- رامىزانلىق خاتىرە (ئاندرويىد)

2014- يىل 6- ئاينىڭ 29- كۈنى ھىجرىيە 1435- يىل رامىزان باشلاندى. رامىزانلىق ئىبادەتلىرىمىزنى تەرتىپكە سېلىش، بىر ئاي رامىزاندا ئۆز- ئۆزىمىزدىن ھېساب ئېلىپ تۇرۇش ئۈچۈن بۇ ئەپنى تۈزۈپ چىقتىم.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
1. تەڭشەك كۆزنىكىگە تۇرۇشلۇق ئورنىڭىزنى، رامىزاندا ئوقۇماقچى بولغان قۇرئانىڭىزنىڭ بەت سانىنى كىرگۈزۈپ ساقلىۋېتىڭ (توغرا بەلگىسىنى باسسىڭىز ساقلىنىدۇ). تۇرغان ئورنىڭىز تىزىملىكتە بولسا، ھەر كۈنلۈك ناماز، ئىمساك، ئىپتار ۋاقتى بىرلىكتە كۆرۈنىدۇ. تىزىملىكتە بولمىسا، «باشقا» نى تاللىسىڭىز ناماز ۋاقتى كۆرۈنمەيدۇ، باشقا ئىقتىدارلار ئوخشاش.
2. تېلېفونىڭىزنىڭ چېسلاسى توغرا بولسىلا، ئەپ ئېچىلغاندا شۇ كۈن رامىزاننىڭ قانچىنچى كۈنى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بەش ۋاقىت ناماز ۋە تەراۋىھ نامىزىدىن جامائەت بىلەن ئوقۇغانلىرىڭىغا توغرا بەلگىسى قويۇپ ساقلايسىز (توغرا بەلگىسىنى باسسىڭىز ساقلىنىدۇ). كۈندە قانچە بەت قۇرئان ئوقۇغىنڭىزنى «قۇرئان» رامكىسىغا كىرگۈزىسىز. باشقا خاتىرىلەشكە تېگىشلىك مەزمۇنلارنى ئىزاھات كۆزنىكىگە كىرگۈزىسىز. (دىققەت، كىرگۈزۈپ بولۇپ، پەستىكى توغرا بەلگىسىنى باسسىڭىز، ئاندىن مەزمۇنلار ساقلىنىدۇ)
3. كۈندىلىك ئوقۇغان ناماز، قۇرئانلىرىڭىزنىڭ ئەھۋالىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز، ئوڭدىن ئىككىنچى كونۇپكىنى بېسىپ كۆرىسىز. نامازلارغا بەلگە قويۇلغان بولسا، يېشىل رەڭدە، قويۇلمىغان بولسا، قىزىل رەڭدە كۆرۈنىدۇ. كۈندىلىك ئوقۇغان قۇرئان سانىڭىز 20 بەتكە يەتسە يېشىل رەڭدە، بىر بەتكىمۇ يەتمىسە، قىزىل رەڭدە كۆرۈنىدۇ. سانى 20 دىن ئاز بولسا قارامتۇلراق يېشىل كۆرۈنىدۇ. شۇنداقلا، ئوقۇشقا تېگىشلىك قۇرئان ۋەزىپىڭىزنى ھېسابلاپ بېرىدۇ.


چۈشۈرۈش مەنزىلى: http://www.xsada.com/Downloads/1435.apk

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-6-29 16:11:43

اللە ئەجرىڭىزنى بەرسۇن .
   مۇمكىن بولسا ئارىسىغا قۇرئاندىن بىرنى قىستۇرىۋەتكەن بولسىڭىز، ئەرەپچە ئۇيغۇرچە قىلىپ ، تېخىمۇ بەلەن بولاركەن .
بەك تەس بولمىسا شۇنداق قىلىپ ئۆزگەرتىپ قويامسىز يە ؟

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-6-29 20:57:35

دەل ۋاقتىدا سۇنغان بۇ سوۋغىڭىزنى ھەشقاللا ئېيتىپ قوبۇل قىلىمىز.

MSM يوللانغان ۋاقتى 2014-6-29 21:53:21

ئاللاھ رازى بولسۇن

esir يوللانغان ۋاقتى 2014-6-29 23:58:09

ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت، تەكلىپ بېرىپ باقسام، ئەپ نامى بىلەن سىنبەلگىسىنى ئۆزگەرتىپ تەمىنلىسىڭىز، سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كەتكەن تەكشۈرگۈچىلەرنى خاتىرجەم قىلىپ قوش ساۋابنى ئالار ئىدىڭىز.
مەندەك ئەندىشىدىكىلەرنى كۆزدە تۇتۇپ ئويلىشىپ باقسىڭىز.
بەت: [1]
: رامىزانلىق سوۋغا ئەپ- رامىزانلىق خاتىرە (ئاندرويىد)