چىرا دامكۇ بۇلاق بېشىغا ساياھەت
ئۆتكەندە چىرا دامكۇ بۇتخانا خارابىسى توغرىلىق بىر رەسىملىك تېما يوللىغانتىم،بۈگۈن يەنە شۇ دامكۇدىكى بۇلاق بېشى تەبىئى مەنزىرە ساياھەت نۇقتىسى توغرىلىق رەسىملىك تېما يوللايمەن .دامكۇ يېزىسى چىرا ناھىيە بازىرىدىن 30 كىلومېتىرچە يىراقلىقتا بولۇپ بۇلاق بېشى دامكۇ بازىرىدىن پەمىمچە15 كىلومېتىر يىراقلىقتا ئىكەن،ئاساسەن ماي يول،ماشىنىلىق بارغىلى بولىدۇ.
يېقىندىن بۇيان خىزمەت ئالدىراشچىلىقىدا تازا چارچاپتىمەن،بۈگۈن بىر دەم ئالغاچ ساياھەت قىلىپ كېلەي دەپ خوتۇن بالامنى ئېلىپ چىرىدىن بۇلاقبشىغا ماڭدۇق سەكسەن توقساندىن چۈشمەي…
بۇلاق بېشىنىڭ لاندشافتى ئاجايىپكەن،بىر يەر قۇم دۆڭلىرى،بىر يەر بۇلاقلار قايناپ تۇرغان،بىر يەرلىرى يايلاق،ئىشقىلىپ بەك سالقىن ھاۋالىق،گۈزەل،شائىرانە ھېسياتلىق يەركەن،سۇغا چۈشۈشكىمۇ باپ ، سۇلىرى سوغۇق…
ھە راست،بۇلاق بېشىغا دامكۇ باش ئامباردىن ئۆتۈپ چىقىدىكەنمىز،ئامبارمۇ پەيزى يەركەن،ئامبارمۇ ساياھەت ئورنى،بېلىق تۇتىدىغانلار ئامباردا قارماق سېلىپ ئولتۇرۇشۇپ كېتىپتۇ…ئامبار قاشلىرىدا ماشىنىلار،ھەر يوغان سۆگەتلەر…
جىق گەپ قىلماي،بۇلاق بېشى رەسىملىرىدىن ھوزۇرلىنىڭلا باللا
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا iltersh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-28 23:49
ئاۋۇ باشتىكى قۇش بۇلبۇل شۇ،ئۆيدە بېقىۋاتىمەن،يوللىنىپ كېتىپتۇ ماۋۇ تېما خەلقئارا خەۋەرلەر سەھىپىسىدە ئىكەن، دېمەك چەتكە چىقتىڭىز دەڭە:lol{:92:} يانفوندا يەنە كېلىپ كۆچمىنىڭ2G تورىدا مۇشۇ تېمىنى يوللاپ بولغىچە مارسقا چىققاندەك بولدۇم
ئارانلا چەتنىڭ گېپىنى قىلىپسىز تېخى بۇلبۇلنى جەنۇپتا باققىلى بولمايدۇ دەپ ئاڭلىغانتىم، سىلە باققىلى قانچىلىك بولدى؟ ئىككى ئاي بولدى ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم
بۇلبۇلنى قەپەزدىن ئازات قىلىپ، گۈلزارلىق باغلارغا قويۋەتسىڭىزچۇ كاشكى ...... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sabira تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-29 12:27
گۈزەل،تەبىئي مەنزىرلەر ئىكەن.
ئەڭ توغرىسى ،بۇلبۇلنى تەبىئەتكە قويۇۋېتىڭ!
كەسپىي فوتو ئاپاراتتىن بىرسى كەم قاپتۇ،بولغىنىدا بۇ مەنزىرىلەر تېخىمۇ كۆركەم چىقماقچىكەندۇق قۇشلارنى قەپەزگە سولاپ بېقىش دىنىمزغىمۇ توغرا كەلمەيدىغۇ دەيمەن ، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى تەبىئەتكە قويۇۋېتىڭ . كۆڭلۈمدىكىنى ئېيتسام، بۇ جايدا بىر ئېقىن بىلەن ئازراق چىملىقتىن باشقا ئالاھىدە ماشىنلىق بېرىپ ساياھەت قىلغۇدەك يېرىمۇ يوقكەنغۇ. ئاۋۇ بۇلبۇلىڭلا سايراۋاتامدۇ ياكى نالە قىلىۋاتامدۇ؟ قەشقەر بۇلبۇلى دىگەن شۇمۇ؟:lol بۇلبۇل بىلەن قالدىڭلارغۇ دوستلار مەنزىرە كۆرمەي
مەنمۇ قۇشلارنى تەبىئەتكە قويۇۋېتىش تەرەپدارى
1. بالام قويغا بەك ئامراق،قۇشلارغىمۇ ھەم،يېرىم كېچىلەردە ئويغىنىپ كەتسە بەك قەغىش قىلىدۇ ، مە قېشىغا ئاپار دەپ، بىنا ئۆيدە قانداقسىگە مە بولىدۇ؟ ئامال يوق 450 كويغا بىر جۈپ ئالدىم
2.بۇلبۇل ئىلىدا يەرلىك قۇش بولغان بىلەن خوتەن،جەنۇپلارغا يەرلىك ئەمەس،قويۇۋەتسەم تەبىئەتكە ماسلىشالامدۇ يوق بىلمەيمەن،بۇ يەر قۇرغاق قۇملۇق دىگەندەك
3.مەن باقمىغان بىلەنمۇ باشقىلار بېقىۋېرىدۇ،يەنە كېلىپ قويۇۋەتسەم باشقىلار تۇتۇۋېلىشى مۇمكىن
بالام سەل چوڭ بولۇپ غەرەز ئۇققىدەك بولغاندا قويۇپ بېرىشنى ئويلىشىۋاتىمەن
مۇشۇنىڭغىمۇ دىننى سۆرەپ قوپۇپ بوپسىلەر شۇڭا ئەسكەرتتىم تەبىئى مەنزىرە نۇقتىسى دەپ
شۇ چىملىق يايلاق،بۇلاق،ئېقىن،قۇم دۆڭلىرى،توغراق يۇلغۇنلار بار،ھەممىسىنى بىر يەرگە دۆۋىلەپ ، يىغىپ ئەكەپ قويغاندەكلا
ئەڭ مۇھىمى تەبىئەتنىڭ ئەركىنلىكى بار
يېشىلچىلىق كۆرىمەن دېسىڭىز غۇلجىغا كېلىڭ ھەي ! راستمنى ئېيتسام ماۋۇ يەردىكى بىرەر ئېتىزلىقتەك مەنزىرىسى يوقكەن ... دىيارىمىزغا نىسبەتەن بۇ يەرنىڭ ماختىغىدەك ھېچنىمىسى يوقكەن . iltersh نى مەن نەچچە ۋاقتىن كىچىك بالىمىكىن دىسەم چوپچوڭ بالىسى با ئەدەمكەن :lol dadash يوللىغان ۋاقتى 2014-6-29 14:04 static/image/common/back.gif
يېشىلچىلىق كۆرىمەن دېسىڭىز غۇلجىغا كېلىڭ ھەي ! راستمن ...
ئاشۇ مەنزىرىنىڭمۇ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى بار. ئەتراپ قۇملۇق تۇيۇقسىزلا سۇ پەيدا بولۇپ يېشىللىقمۇ كۆرۈنسە ئادەمنىڭ كۆزىگە غۇلجىىكى يېشىللىقتىن نەچچە ھەسسە چىرايلىق كۆرۈنۈپ كېتىدىغان گەپ. لىكىن تورداشلار بۇ يىشىللىق بۇلۇپمۇ چىرىدەك بىر قۇرغاقچىلىق رايۇنغا قارىغاندا مەنزىرلەك رايۇن ھىساپلىنىشى مۇمكىن ...... چىرىغا باردىم نەچچە قېتم بازار ئىچىدە ساپلا قۇم بۇران ئۇچۇپ تۇرغاندەك تۇيغۇ بىرىدىكەن ئادەمگە خۇددى نىيىدەكلا