yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-6-28 19:40:37

بۇ قايسى مېۋە ، دورىلىق رولى بارمۇ؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yolyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-28 19:41  

موشۇ مېۋە- چىۋىگە بەك ئامراقمەن، ھەربىر مېۋە يېڭى پىشقاندا تويغۇدەك يەۋىلىش ئادىتىم بار، بايا خامبازىرىدا بۇ مېۋە ئۇچراپ قالدى، بىر قارىسام گىلاسقا ، بىر قارىسام ئۈرۈككە ئوخشىدى، ئىشقىلىپ تاتلىق مېۋەدۇ ھېچ بولمىسا بىرەر شىپاھلىق تەرىپى باردۇ ، مۇراببا قىلىۋەتسەكقۇ بولا دەپلا سېتىۋالدىم.
ساتارمەن قىزچاق بەك كىچىك بولغاچقىمىكىن بۇنىڭ ئىسمىنى سورىسام « ئۈرۈك» دەپلا تۈگەتتى.
بۇنىڭ ئىسمى نېمە؟  
شىپاھلىق تەرەپلىرى بارمۇ؟
بولسا قانداق ئۇسۇلدا پايدىلىنىمىز؟





ئېىسل مىۋە- قوتۇر ئامۇت

kurax007 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-28 23:18:22

قارا ئۈرۈكمۇ دەيمە ، تازا بەك پىشمىغاندەك قىلىدۇ .

PashshaXan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-28 23:21:44

ئالۇچا

omar14 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-28 23:55:42

ئامرىكا گىلىسى (گىلاس) كەنغۇ

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-6-29 00:07:55

ئۈچ تۆت خىل ئىسمى چىقىپ بوپتىغۇ بىر دەمدە
رەسىمى چىقمايدىغۇ مەندە ؟

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-29 00:13:18

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-6-29 00:16:30

ئۈچ تۆت خىل ئىسمى چىقىپ بوپتىغۇ بىر دەمدە
رەسىمى چىقمايدىغۇ مەندە ؟

datman يوللانغان ۋاقتى 2014-6-29 01:09:15

ئەينۇلا

Jeck يوللانغان ۋاقتى 2014-6-29 05:45:28

Cherry.

جەنۇپ تەرەپتە يوق بۇ مىۋە (ئىشقىلىپ مەن كۆرمىگەن) شىمالدا بارمىكى قانداق ئۇخمىدىم.

ئامرىكىدا بەك يەيمىز ئىشقىلىپ
{:92:}{:92:}

nusrat يوللانغان ۋاقتى 2014-6-29 06:15:56

گىلاس

alwun12 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-29 07:38:27

گىلاسكەنغۇ

chataxchi يوللانغان ۋاقتى 2014-6-29 08:46:54

تاۋۇز دەك قىلامدۇ نىمە

apsana123 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-29 09:09:35

مۇشۇ كۈنلەردە مېۋىلەرنڭە تۈرىمۇ كۆپىيىپ كېتىدىغان بوپ قالدى . ئىلگىرى كىچىكرەك ئەينولىنى يەيدىغان ، ئەينولا مۇشۇنداق بولىدۇ دەپ . كىيىنچە ئەنجۈرگە ئوخشايدىغان قېلىن ھەم يوغان - يوغان ئەينولىلار پەيدا بولدى . بارا - بارا يوغان شاپتۇلدەك ئەينولىلار پەيدا بولدى ( بۇنىڭ تەمى ئىنتايىن سۇس ، بەتتامراقكەن ) . يەنە مۇشىنىڭدەك ساپىقى ئۇزۇن گىلاسقا ئوخشاپراق كېتىدىغان ئەينولىلار پەيدا بولدى . بۇنىمۇ يەپ كېلىۋاتىمىز . لېكىن گەرچە تۈرى كۆپ بولغان بىلەن ، لېكىن تەم جەھەتتىن يەنىلا بىردەكلىككە ئىگە . ئۇرىقى ھەم ئوخشاش - ئۇرۇقچىسى كەڭرىرەك نىپىز . رەڭگى سۇس سېرىق ئاققا مايىل .

ozyurt يوللانغان ۋاقتى 2014-6-29 09:23:24

ئالۇچا،ئالگراد،سۇلتان مۇشۇ ئۇچىدىن بىرسى

tuz يوللانغان ۋاقتى 2014-6-29 09:25:59

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم

بىزنىڭ باغدا بار ، كارامەت بولىدۇ ،شىخىنى كۆتۈرەلمەي دوڭغاق جىگدىدەك ئىگىلىپ كەتتى ، غازىڭىدىن مىۋىسى كۆپ  بىز ئەينۇللا دەپ ئاتايمىز . ئاچچىق - چۈچۈك مىۋە .
ئەزىزانە قەشقەردىكى دوسلار بولسا ، ئىپتارلىق ئىلىپ كەتسەڭلار بولىدۇ (ھەقسىز ) :lol

uygurjan09 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-29 10:03:46

ئالۇچا     ياكى  ئەينۇلا   بولىشى مۇمكىن .... ئىنىقلا ئۈرۈك ئەمەس بۇ

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-29 10:05:11

iltersh يوللىغان ۋاقتى  2014-6-29 00:07 static/image/common/back.gif
ئۈچ تۆت خىل ئىسمى چىقىپ بوپتىغۇ بىر دەمدە
رەسىمى چىقما ...

تورىڭىزنىڭ توكى  ئاز قالغان ئوخشايدۇ .سۈرئىتىڭىز ئاستىكەن .شۇڭا رەسىم ئېچىلمايدۇ .:D

GULUM1027 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-29 10:12:32

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   GULUM1027 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-29 10:18  

رەسىمدىكى ئۇ مىۋە گىلاس ئەمەس،رەڭگى گىلاسقا ئوخشاپ كەتسىمۇ لىكىن گىلاسنىڭ ساپىقى ئۇزۇن بۇلىدۇ ،ھەم ئۇنىڭدىن كۆپ كىچىك،بۇ مىۋە ئەينۇلا ئائىلىسىگە تەۋە ،ئالگىرات دىگەن  مىۋە شۇ ، ۋايىغا يىتىپ پىشقاندا رەڭگى تېخىمۇ توق قىزىلغا ئۆزگىرىدۇ، تەمىنىمۇ بارغانچە تاتلىق بۇلىدۇ ،توڭ ۋاقتىدا سەل قىرتاق ، بۇ مىۋە  بسۇلتانمۇ ئەمەس ،سۇلتانمۇ ئۈچ  خىلغا بۈلۈنىدۇ ،ئوتتۇرىدىن يېرىلىدۇ  قىزىل سۇلتان ،سېرىق سۇلتان كۆك سۇلتان دىگەندەك ،ھازىر پىشاي دەپ قالدى بۇ مىۋىلەرمۇ ،قارا ئۈرۈك ،. ئەينۇلا ،سۇلتان ،ئالگىرات دىگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇرۇقچىسى  شەكلى ئوخششىپ كەتكەچكە ئارىلاشتۇرۇپ قۇيىمىز، يەنە بىر خىل مىۋىنى كۆرگەنتىم ،يىڭى سورت بولسا كېرەك رەڭگى سۇس ھال رەڭ،مىۋىسى يۇمشاق ،مۇشۇ ئەينۇلا .ئائىلىسىگە تەۋە بىر خىل مىۋىكەن ،ئىسمىنى بىلەلمىدىم.

Yaruq يوللانغان ۋاقتى 2014-6-29 10:50:44

بۇ مىۋە ئەينۇلامۇ ئەمەس، گىلاسمۇ ئەمەس، ئۈرۈكمۇ ئەمەس، لېكىن بىزنىڭ يۇرتتا ئالىرھەت دەيمىز، شىپالىق رولىنىڭ بار-يوقلىقىنى جىق بىلمەيمەن، لېكىن قورساق ئاغرىتىشنىڭ ئۈنۈملۈك دورىسى ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. ئىككىدىن جىق يەپ سالسا، WC نەدىدۇ دەپ كۆز تۆت بولىدىغان گەپ.

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-29 11:15:17

ئالىرەھەتكەنغۇ
بەت: [1] 2 3 4
: بۇ قايسى مېۋە ، دورىلىق رولى بارمۇ؟