misran807 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-28 17:33:00

خەيرى خوش، مېنى سۈيگەن ئەر

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   misran807 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-28 17:35  

خەيرى خوش، مېنى سۈيگەن ئەر
ئاپتۇرى: مىھرىگۈل ئابلىز نەزەر

كامىل قۇمباغ يېزىسىغا مۇئاۋىن يېزا باشلىغى بولۇپ ئۆستۈرۈلدى. ئۇ خىزمىتىنىڭ ئۆسكەنلىكىدىن بىر جەھەتتە خۇشال بولدى. چۈنكى، مۇئاۋىن يېزا باشلىقلىق ئەمىلى قارىماققا ئانچە چوڭ ئەمەلدەك قىلمىغىنى بىلەن، ئۇنى ئەمەل شوتىسىنىڭ تۇنجى بالدىقى دىيىشكە بۇلاتتى، تىرىشىپ ئىشلىسە ئۇزۇنغا قالماي بالداقمۇ بالداق ئۆرلەپ بىرەر ئىدارىگە ئىدارە باشلىقى بولۇپ ئۆسۈش مۇمكىنچىلىكى بار ئىدى. بىراق، يەنە بىر جەھەتتىن تازا رازى ئەمەس ئىدى. چۈنكى، ئۇنىڭ ئايالى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، يېزىلاردا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بولمىغاچقا، ئۇنى مۇۋاپىق ئورۇنغا يۆتكىگىلى بولمايتتى، يەنە كىلىپ ئۇنىڭ قىزى خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇۋاتاتتى. ئايالىنى يۆتكىسە قىزىنىڭ ئوقۇشىغا تەسىر يېتەتتى. ئائىلىسىدىكى ئىشلارنى دەپ تەشكىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا بويۇنتاۋلىق قىلىشقا تېخىمۇ بولمايتتى. ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ ئاخىرى ئايالىنى يۆتكىمەي ئۆزى بويتاقلارچە ئىشلەپ تۇرۇش قارارىغا كەلدى. لېكىن، يېقىندىن بېرى ئەر-ئايال ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى بولمىغاچقا، ئۇنىڭ كۆڭلى جايىدا ئەمەس ئىدى. ئۇ جىلە بولغانسىرى ئايالى ھېچ ئىش بولمىغاندەك بىپەرۋا يۈرەتتى، ئايالىنىڭ بۇ ھالىتى ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ گۇمانى توغرىدەك، ئايالى ئۇنى راستىنلا ئالداۋاتقاندەك، سىرتتا كىملەر بىلەندۇر كۆڭۈل خۇشى قىلىپ يۈرىۋاتقىنىنىڭ ئاشكارلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئۆردەككە سۇ يۇقمىغان قىياپەتكە كىرىۋالغاندەك كۆرۈنەتتى. ئۇ، ئۆزىنىڭ ئۆستۈرۈلگەنلىكىنى ئايالىغا ئېيتقاندا ئايالى دەرھال:
-ياخشى بوپتۇ، سىزنى تەبرىكلەيمەن ھەم چىن دىلىمدىن قوللايمەن. ياخشى ئىشلەپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلەڭ، -دىدى. بۇ گەپ كامىلغا خۇددى رەسمىيەت ئۈچۈن مۇنداقلا دەپ قويۇلغاندەك تولىمۇ قۇرۇق، يېقىمسىز ئاڭلاندى.‹‹ مىنى يېزىغا ئەۋەتكىنىدىن ئىچىڭدە خوش بۇلىۋاتقانسەن بەلكىم... ››دەپ ئويلىدى ئۇ. پەزىلەت ئۇنىڭ خىيالىنى بىلىۋالغاندەكلا:
-ئائىلىدىن ئايرىلىپ ئىشلەشكە كۆڭلىڭىز ئۇنىمايۋاتامدۇ؟ بۇ تەرىپىنى دېسىغۇ مېنىڭمۇ كۆڭلۈم يېرىم، بىراق بىزدە نېمە ئامال؟ تەشكىل بىلەن قارشىلاشقىلى بولمىسا - يا. ئۆتكەندە بىر يىللىق خىزمەتكە بەلگىلىگەندىمۇ بىر ئاماللارنى قىلىپ ئۆتكۈزدۇق، ھەرگىز بىئارام بولماڭ، بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتەر،- دەپ ئۇنىڭ كۆڭلىنى ياسىدى. كامىل‹‹ سېنىڭچە بولسا مەن قانچە يىراققا كەتسەم شۇنچە ياخشى››دىمەكچى بولدىيۇ، لېكىن ئېغىزدىن چىقىرالمىدى. شۇ ئەسنادا ئۇنىڭ يانفونى سايراپ قالدى. دوستى پەرھاد ۋە باشقا يېقىن-يورۇقلىرى ئۇنىڭ ئۆسكەنلىكىنى تەبرىكلەپ قويۇش ئۈچۈن رېستۇرانغا چاقىرغانىدى. ھايالشىمايلا ئۇ ‹‹ خەيرىكى ئاخشام ›› رېستورانىنىڭ ئايرىمخانىسىغا يېتىپ كەلدى. ئۈستەلدىكى نازۇ- نېمەتنىڭ موللىقىدىنلا زىياپەتنىڭ كاتتىلىقى چىقىپ تۇراتتى. ئۇ كىرىشىگىلا تەرەپ- تەرەپتىن تەبرىك سۆزلىرى يېغىپلا كەتتى:
-مۇبارەك بولسۇن!
- تېخىمۇ ئۈسۈپ كەت!
- بىز پادا باققان چاغلاردىكى دوستلاردىن ئىدۇق، ياڭاق چاققاندا بىزنى ئۇنتۇپ قالما جۇمۇ!
كامىل خىجىل بولۇپ:
- نېمىلەرنى دەۋاتىسىلەر ئاغىنىلەر، مەن بىر ناھىيىگە ھاكىم بولمىدىم، ئەكسىچە يىراق بىر يېزىغا پالىنىش ئالدىدا تۇرىۋاتىمەن،- دىدى.
-ھازىر مۇئاۋىن يېزا باشلىغى بولساڭ، ئىككى يىلدىن كېيىن جىڭ بولىسەن. يەنە ئۇزۇن ئۆتمەي ناھىيىگە ھاكىم بولىسەن دىگەن گەپ.
-نەدە ئۇنداق ئاسان ئىش بار؟
-كۈرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس.
-شۇ ئەمەسمۇ.
-بولدى، بولدى. باشقا گەپلەرنى قىلىشايلىچۇ.
-كامىل پەزىلەتنى ئالماي كەپسىزغۇ؟،- دەپ سورىدى كامىل بىلەن ئىلگىرى بىر ئىشخانىدا ئىشلىگەن بىر قىز.
- ئەمدى كامىلمۇ سورۇنغا ئايالىنى ئالماي بېرىشقا ئادەتلەنمىسە بولمايدۇ. چۈنكى، ئەمەلدار بولغان ئادەمگە سورۇن كۆپىيىدۇ، سورۇنغا ئوينىغىلى قىز دىگەن ئۆزلىگىدىن تەييار بولۇپ تۇرىدۇ.
-ئۇنداق دىمەڭلار، كامىلنىڭ ئايالى پەرىدەكلا چىرايلىق، كامىل ھەرگىزمۇ باشقا قىزلارغا كۆز سېلىپ يۈرمەيدۇ.
-‹ غۇنىجىنى يامان بولسا چىتنى بۆسەر، خوتۇنى ئۇز بولسا ئېرى ئۆسەر›› دىگەن گەپ راسمۇ نىمە؟- بۇ گەپ بىلەن سورۇندىكىلەر تەڭلا قاقاھلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى، ئەمما بۇ گەپ كامىلنىڭ يۈرەك يارىسىغا بېرىپ تەگدى. سورۇندىكىلەر خوتۇنىنىڭ ناشايان ئىشلىرىنى بىلىدىغاندەك، كامىلغا بىۋاستە ئېيتالماي دارىتمىلاۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ ئۆزىنى قويىدىغان يەر تاپالماي قالدى. توۋا، بىر ئەرگە نىسبەتەن ئايالىنىڭ ئالا كۆڭۈللۈك قىلىشىدىنمۇ ئېغىر دەرد بارمۇ دۇنيادا؟ سورۇندىكى پاراڭلار ئۇنىڭ قۇلىقىغا كىرمىدى، سەيلەرمۇ ئېغىزىغا تېتىمىدى، ھەممىسىنىڭ تەمى بىر خىللا، شۇنداق ئاچچىق، شۇنداق لاۋزا. ئۇ ئارقا-ئارقىدىن ئىچىۋەردى. خېلى بىر چاغ بولغاندا ئۆزىنىڭ كەيىپ بولۇپ قالغانلىقىنى باھانە قىلىپ سورۇندىكىلەرگە ئۆزرە ئېيتتى، لېكىن ئۇلار قوشۇلمىدى. ئاخىرى ئۇ پەرھادقا:
- بۈگۈن كەيپىياتىم ياخشى ئەمەس، مېنى چۈشىنىشىڭنى ئۈمىت قىلىمەن،- دىدى.
- زادى نىمە بولدۇڭ؟- دەپ سورىدى پەرھاد.
- خوتۇننىڭ ئىشى، - دىدى ئۇ دوستىنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلاپ تۇرۇپ،- ئۇ ئىشلارنى مەن ساڭا ئەتە ئايرىم سۆزلاپ بىرەي.
پەرھاد دوستىنى ئوبدان چۈشەنگەچكە، ئۇنى ئاستاغىنا يولغا سېلىپ قويدى. كامىل سىرتقا چىققاندىن كىيىن ئۇدۇل ئۆيگە كىتىش كېرەكمۇ ياكى مەھلىيانىڭ يېنىغا بېرىش كىرەكمۇ؟ دەپ بىر ئاز تېڭىرقىدى. ئۇ بۈگۈن مەھلىيانىڭ كېچىلىك سىمىنىدا ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلەتتى. ئۇدۇللا شۇ يەرگە بارسا كۆڭلى ئېچىلىپ قالاتتى. بىراق ئايالى شۇ تاپتا كامىلنىڭ رېستۇرانغا كەتكەن پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ئاشنىسى بىلەن ئۇچرىشىۋاتقاندۇ. كامىل ئۇدۇل ئۆيىگە بارسا بەلكىم تۆپىدىن چۈشۈپ پولاتتەك پاكىتقا ئېرىشەلىشى مۇمكىن. ئۇ ھەممىنى ئۇنتۇپ ئالدىراپ-تېنەپ ئۆيىگە قايتىپ كەلدى. ئۆيىدە قىزى يۇلتۇز تاپشۇرۇق ئىشلەۋاتاتتى، پەزىلەت خەنزۇچە‹‹ تەرمىلەر›› ژۇرنىلىدىن بىر ماقالىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىۋاتاتتى. ئېرىنىڭ قايتىپ كەلگەنلىگىنى كۈرۈپ قولىدىكى ئىشىنى قويۇپ، ئېرى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان، ئاللا بۇرۇن تەييارلاپ ئىسسىققىنا ئوراپ قويغان، باچكا گۆشىدە قىلىنغان قىيمىلىق كۆمەچنى ئېلىپ چىقتى.
-ئېلىۋەت، ىىر نەرسە يېگۈم يوق، سىرتتا غىققىدە تويۇپ كەلدىم،- دىدى كامىل سۇغۇقلا. پەزىلەت كۆمەچنى تۇتۇپ تۇرۇپلا قالدى. بىر نەرسە دىمەكچىمۇ بولدى، ئەمما كامىلنىڭ كەيپىياتىنىڭ تازا ياخشى ئەمەسلىگىنى كۆرۈپ جىم بولدى. تاپشۇرۇقلىرىنى ئىشلەپ بولغان يۇلتۇز دادىسىغا ئەركىلەپ بوينىغا ئېسىلىپ تۇرۇپ:
- بۈگۈن مەكتەپتە مۇئەللىم بىزگە بىر ناخشا ئۆگۈتۈپ قويدى، ئوقۇپ بىرەيمۇ؟- دىگىنىچە بىر تەرەپتىن ناخشا ئېيتقاچ، بىر تەرەپتىن ئۇسۇل ئويناشقا باشلىدى. قىزىنىڭ بالىلارغا خاس ئوماق، تاتلىق قىلىقلىرى كامىلنىڭ كۈڭۈل غەشلىكلىرىنى ئاستا-ئاستا تارقىتىۋەتتى. ئۇنىڭ قەلبى ئاتىلىق مېھرىدە ئېرىپ سۇ بولدى. بۇ دۇنيادا پەرزەنىت مۇھەببىتىدىن كۈچلۈكرەك مۇھەببەت بولمىسا كىرەك. بولۇپمۇ ئاتا بىلەن قىز ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت ئۆزگىچە شېرىن ھەم چوڭقۇر. ئاشۇ مۇھەببەت ھەممىنى ئۇنتۇلدۇرۇپ ئۇلارنى يېنىك پەپىلەپ شېرىن ئۇيقۇ ئالىمىگە باشلاپ كىردى.
ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن، بىر چاغدا تېلېفون جىرىڭلاپ ئۇلارنى ئويغىتىۋەتتى.
–كەيىپ بولۇپ قالغان ئاغىنىلەردىن بىرى سورۇنغا چاقىرىپ تېلېفون ئۇردىمىكىن، كىم بولىشىدىن قەتئىينەزەر، مىنى سورىسا يوق دىگىن،- دىدى كامىل ئېرىنچەكلىك بىلەن. پەزىلەت تېلېفوننى ئالدى:
-ۋەي.
-ۋەي سىز كىم؟- دەپ سورىدى قارشى تەرەپ.
- مەن پەزىلەت، ئۆزىڭىز كىم بولىسىز؟
تېلىفون ئۇرغان ئەر ئىسمىنى ئېيتمايلا:
- مەن ئەلىنى ئىزدىمەكچى ئىدىم، خاتا ئۇرغان ئوخشىمامدىمەن،- دىدى.
- شۇنداق خاتا ئۇرۇپسىز، بۇ كامىلنىڭ ئۆيى، - دىدى پەزىلەت.
-ئۇ... كەچۈرۈڭ! - دىدى ھېلىقى ئەر سىپايىلىق بىلەن. پەزىلەت:
-ھېچقىسى يوق،- دەپلا تۇرۇپكىنى قويىۋەتمەكچى بولىۋىدى، قارشى تەرەپ چاققانلىق بىلەن:
- بىمەھەل تېلېفون قىلىپ سىزنى ئاۋارە قىلغىنىم ئۈچۈن سىزدىن يەنە بىر قېتىم كەچۈرۈم سورايمەن، مىنى كەچۈرۈڭ! - دىدى.
- دەرۋەقە نومۇرىنى تەكشۈرمەيلا تېلېفۇن ئۇرۇپ تاتلىق ئۇيقۇسىنى بۇزىۋەتكىنى ئۈچۈن پەزىلەتنىڭ ناھايىتى ئاچچىغى كەلگەن ئىدى، بىراق قارشى تەرەپنىڭ شۇ قەدەر سىپايىلىك بىلەن ئەپۇ سورىشى ئالدىدا يەنە ئاچچىقلاشقا ئامالسىز قالدى:
- كېرەك يوق، خوش.
- ياخشى چۈش كۆرۈڭ خانىم.
- رەھمەت!
پەزىلەت تېلېفوننى قويىۋىتىشىگە:
- كىمدىن كەپتۇ؟- دەپ سورىدى كامىل.
-خاتا ئۇرۇلغان تېلېفون بولمامدۇ،- دىدى پەزىلەت يېتىشقا تەرەددۇتلىنىپ.
-كىمىڭنى ئالدايسەن؟- دىگەن قوپال سوراق بىلەن تەڭلا چاڭڭىدە تەگكەن تەستەك زەربىسىدە ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئوت چىقىپ كەتتى،- ھىم! خاتا ئۇرۇلغان تېلېفونمىش تېخى. مىنى گېپىڭگە ئىشىنىدۇ دەمسەن؟ ھۇ پاسكىنا! – كامىل ۋاقىرغىنىچە پەزىلەتنى يەنە بىر تەستەك سالدى. تاتلىق ئۇخلاۋاتقان يۇلتۇز چۆچۈپ ئويغۇنۇپ كۆزلىرىنى پىيالىدەك ئاچقىنىچە بىردە ئانىسىغا، بىردە دادىسىغا قارىدى. كامىل ئايالىنىڭ چۈشەندۈرىشىگە ئىمكان بەرمەي يەنە ھۆركىرىدى:
- ئېيتە، ئاشناڭ زادى كىم؟
-كامىل، بۇ نېمە دىگىنىڭىز؟ نەدىكى ئاشنا ئىكەن ئۇ؟ مېنىڭ سىزدىن باشقا ئادىمىم يوق. مېنى ئۇرماڭ، گەپ بولسا چىرايلىقچە دىيىشەيلى، بالىنى قورقىتىۋەتمەيلى،- دېدى پەزىلەت ئۆتۈنگەن ھالدا.
-گەپنى بۇراشقا نېمە دىگەن ئۇستا سەن تېگى پەس قانجۇق. بالىنى تولا ئېغىزىڭغا ئالغۇچى بولما، بۈگۈن ئاشناڭنىڭ كىملىكىنى ئېيتمايدىغان بولساڭ مەندىن قۇتۇلالمايسەن. ئېيتە، ئۇ زادى كىم؟
كامىل يىرتقۇچ ھايۋاندەك ئايالىغا تاشلاندى، چاچلىرىنى يۇلۇپ، ئۇرۇپ-دەسسەشكە باشلىدى. قورقۇپ كەتكەن يۇلتۇز يىغلىغىنىچە دادىسىنىڭ قولىغا ئېسىلدى:
- جېنىم دادا ، ئاپامنى ئۇرماڭ. سىزدىن خۇش بولۇپ كېتەي، ئەمدى ئۇرماڭ. -كامىل قىزىغا ناھايىتى ئامراق ئىدى. بىراق، ھازىر ئۇنىڭ ئەقلى ئاچچىقىنى يېڭىشكە قادىر بولالمىدى. ئۇ ھازىر بەئەينى بىر تەلۋە ئىدى. قىزى ئانىسىنى مەھكەم قۇچاقلىۋالدى.
- قويىۋەت قىزىم بۇ بۇزۇقنى! ئۇ ساڭا ئانا بولۇشقا ھەرگىز مۇناسىپ ئەمەس،- دېگىنىچە قىزىنىڭ قولىنى كۈچەپ ئاجرىتىۋالدى. قىزى:
- جېنىم دادا، ئاپامنى ئۇرغىچە مىنى ئۇرۇڭ،- دېدى.
-بوپتۇ بۈگۈن قىزىمنىڭ لەۋزىنى ئالاي، بىراق ماڭا قىلغان ساداقەتسىزلىكىڭنى مەڭگۈ كەچۈرمەيمەن!
كامىل سۆزىنى تۈگىتىپلا يوتقان-كۆرپىلىرىنى كۆتۈرۈپ تاشقىرىقى ئۆيگە چىقىپ كەتتى. پەزىلەت قىزىنى بەزلەپ ياتقۇزدى، ئاندىن ئۇنى باغرىغا باسقىنىچە ياستۇققا باش قويدى. ئەسلىدە ئۇنىڭ ئۈن سېلىپ بىر يىغلىۋالغۇسى بار ئىدى. بىراق، ھەسرەتتىن ئۆپكىسى ئۆرلەپ بوغۇزىغا كەپلىشىۋېلىپ يىغىنى سىرتقا چىقارغۇزمىدى. زەرداپ يۇتۇپ يۈرىكى پارە-پارە بولۇپ كەتتى. ئۆتكەن كۈنلەرنىڭ تاتلىق ھەم ئاچچىق ئەسلىمىلىرى كۆز ئالدىدا قايتىدىن نامايان بولۇشقا باشلىدى. تويدىن ئىلگىرىكى ئوتلۇق ۋەدىلەر، يۇلتۇزلۇق كېچىلەردىكى يوشۇرۇن ئۇچرىشىشلار، تويدىن كېيىنكى شېرىن ئاي، گۈزەل تىلەكلەر، ‹‹سەن بىلەن ئۆتسۇن ئۆمرۈم جېنىم›› دەپ ئېيتقان لىرىك ناخشىلار، قىزى تۇغۇلغان چاغدىكى چەكسىز خۇشاللىق، تەبرىك ۋە ئارزۇ -ئۈمىتلەر... ئۇ چاغلار بەخىتكە نەقەدەر تويۇنغان چاغلار ئىدى – ھە! ئەپسۇس...
ئىككى يىل ئاۋال ناھىيىدە قۇرۇلغان بىر خىزمەت گۇرۇپپىسى خادىملىرى قاتارىدا كامىلمۇ نۇرتاغ يېزىسىغا بىر يىللىق ئەۋەتىلدى. بۇ تاغلىق يېزا بىلەن ناھىيە بازىرىنىڭ ئارىلىقى يىراق بولغاچقا، كامىل بەزىدە ئون بەش كۈندە بىر قېتىم ئائىلىسىگە قايتالايتتى. دەسلەپتە بۇ ئايرىلىش ئۇلارغا گويا دوزاخ ئازابىدىنمۇ ئېغىر كەلدى. ھەر قېتىم تېلېفون جىرىڭلىسا پەزىلەتنىڭ يۈرىكى ھاياجاندىن ئوت بولۇپ ياناتتى. كامىل ئائىلىگە قايتىپ كەلگەندە بولسا پەزىلەت ئۇنىڭ ئىسسىق باغرىدا شامدەك ئېرىپ كىتەتتى. بىراق، كېيىنچە كامىلنىڭ باغرى پەزىلەتنىڭ سېغىنىشتىن چاڭقىغان ۋۇجۇدىنى ئىللىتالماس بولۇپ قالدى. چۈنكى، كامىلنىڭ يۈرىكى بارغانسېرى سوۋۇشقا، ھەتتا مۇز بولۇپ قېتىشقا باشلىغانىدى. ناھىيىدىن يېزا-بازارلارغا خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىش ۋاقىت ۋە پۇل ئىسراپچىلىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس، ئۇلار تۈۋەنگە بارغاندا ئاق كۆڭۈل دىھقانلار بالىلىرىغا پۇشۇرۇپ بېرىشكىمۇ قىيماي يىققان نەچچە دانە تۇخۇملىرىنى پىشۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئەكىلىشىدۇ. ئۇلار دىھقانلارنىڭ دەردىنى بىرەر قۇر ئاڭلاپ قويىشىدۇ، كەچتە كەنىت كادىرلىرىنىڭ ئۆيىدە مىھمان بولغاندا ھەممىنى ئۇنتۇپ قايتىشىدۇ. گەرچە يۇقىردىن يېزا سىياسىتىنىڭ دىھقانلارغا پايدىلىق نۇرغۇن يېڭى يوللىرى ياسالغان بولسىمۇ، بىراق يېزا، كەنىت كادىرلىرى بۇ يوللارغا نۇرغۇن تاش-چالمىلارنى ياتقۇزۇپ ئوڭغۇل -دوڭغۇل قىلىۋەتكەن. ناۋادا ھەر بىر خىزمەت گۇرۇپپىسى بىردىن تاش-داڭگالنى ئېلىۋەتكەن بولسا، تۆۋەندە ھەل قىلغىدەك مەسىلىمۇ قالمىغان بولاتتى. ئۇلار كەلدى، كەتتى. ئوسما كېتىپ قاش قالدى، سۇ كېتىپ تاش قالدى. بۇ قېتىم كەلگەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى خادىملارمۇ تۈرلۈك جەدۋەللىرىنى كۆپتۈرۈپ ھەم چۆكتۈرۈپ ھەپتىدە ياكى ئايدا بىر قېتىم ناھىيىگە يوللىۋەتسىلا باشقا ۋاقىتلاردا كۈنىنى ئاساسەن يەپ-ئىچىش، ئويناش بىلەن ئۆتكۈزدى. بەزىلىرى ھەتتا ئۇ يەر، بۇ يەردىن تېپىپ كەلگەن نادان قىزلار بىلەن كۆڭۈل خۇشى قىلىپ يۈردى. كامىل بۇ ئىشلارنى كۆرۈپ ناھايىتى ھەيران قالدى. ئۇنىڭ ئەخلاق جەھەتتىكى تەلىپى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ئەزەلدىن ئاياللارغا يامان نىيەتتە بولۇپ باقمىغان ئىدى، ئايالىغىمۇ قاتتىق تەلەپ قوياتتى. خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى ئاللىقاچان ئۆيلۈك -ئوچاقلىق بولۇپ بولغان، ھەتتا پەرزەنتى بار بىر قىسىم ئادەملەرنىڭ قىلىپ يۈرگەن چاكىنا ئىشلىرىنى كۆرۈپ ئىچ-ئىچىدىن ئېچىندى. ئۇلارغا نەسىھەت قىلدى. ئازراق كەيىپ بولۇپ قالغان بىر ئايال قىلچە ھېىيقماستىن:
- ئانچە -مۇنچە ئويناپ قويغاننىڭ نېمىسى يامان؟ بولمىسا بۇ تاغ تۇرادا زېرىكىپ ئىت بولۇپ كەتمەمدۇ كىشى،- دىدى. كامىل ئەزەلدىن ئاياللارنى ناھايىتى ھۆرمەتلەيتتى. ئۇلارنى ‹‹پاكلىقنىڭ نامايەندىسى، گۈزەللىكنىڭ ئەلچىسى، يورۇقلۇقنىڭ ھامىيسى›› دەپ قارايتتى. شۇ تاپتا سۆزلەۋاتقان بۇ ئايال كامىلنىڭ كۆزىگە ناھايىتى بەتبەشىرە، يىرگىنىچلىك مەخلۇقتەك كۆرۈنۈپ ئىچ-ئىچىدىن سەسكىنىپ كەتتى. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭغا نەسىھەت تەرىقىسىدە:
- ئوينىسىڭىزمۇ ئېرىڭىزنى ئويلاپ قويۇپراق ئويناڭ،- دىدى.
- ۋاييەي، -دىدى ئۇ پەرۋاسىزلا،- بۇ كەمدە ئوينىمايدىغان كىم بار دەيسىز؟ شۇ تاپتا مىنىڭ ئېرىم بىلەن سىزنىڭ ئايالىڭىز ئويناۋاتامدۇ تېخى؟!
بۇ گەپ كامىلنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىۋەتتى. ئۇ بۇ ئايالغا غەزەپ بىلەن ھومىيىپ قويۇپ نېرى كەتتى. لېكىن، كۆڭلىگە قانداقتۇر بىر گۇمان سايە تاشلاپ ئۆتكەندەك بولدى. ئاياللاردا ئىنساپ -دىيانەت قالمىدىمۇ نىمە؟ مۇنۇ ئايال ئېيتقاندەك ھەممە ئادەم ئاشۇنداق ئويۇنچى بولۇپ كەتكەنمىدۇ؟ ياق، جىمى ئاياللار بۇزۇلۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ مىنىڭ ئايالىم ھەرگىز ئۇنداق قىلمايدۇ. ئۇ بىر ئەخلاقلىق، يۈزى تۈۋەن ئايال. بىراق... ھەي، ئۇ ھەرگىزمۇ پەرىشتە ئەمەس، ئۇمۇ بايىقى ئايالغا ئوخشاشلا گۆش بىلەن قاندىن، ھىسيات بىلەن جاندىن پۈتكەن ئىنسانغۇ. مەن بۇ يەردە ئۇنىڭغا ئىنساپ تىلەپ يۈرگىنىم بىلەن، كىم بىلىدۇ، ئۇمۇ باشقا بىر يەردە بايامقى خوتۇندەك، پاسكىنا سۆزلەپ، مىنىڭ يۈزۈمگە دەسسەپ ئويناۋاتامدۇ -تېخى؟ شۇنىڭدىن باشلاپ ئاچچىق بىر گۇمان ئۇنىڭغا جىندەك چاپلىشىۋالدى. ئائىلىسىگە قايتقان چاغلىرىدىمۇ ئايالىغا گۇمان بىلەن قارايدىغان، ئىش-ھەركەتلىرىگە تەپسىلى كۆز سالىدىغان بولۇپ قالدى. پەزىلەتنىڭ كۈندە ئەتىگەن ئەينەكنىڭ ئالدىدا بىر ھازا ئولتۇرۇپ ئۆزىنى ياساپ گىرىم قىلىشلىرى، كىيىملىرىنى قاتۇرۇپ كىيىپ تىكلىمە ئەينەكنىڭ ئالدىدا ئۇيان -بۇيان تولغىنىپ ئۆزىگە سىنچىلاپ قاراشلىرى كامىلنىڭ كۆزىگە سىغماي قالدى. بۇرۇنغۇ ياسانسۇن مەيلى، ئەمدى ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولۇپ، بىر بالىغا ئانا بولغاندا ياسىنىپ نىمە كەپتۇ؟ ياسىنىشنى قىزىغا قويۇپ بەرسە بولمامدۇ؟ مەن يېنىدا بولسامغۇ مەيلى، مەن يوق ۋاقىتلاردىمۇ باشقا بىراۋغا چىرايلىق كۈرۈنۈش ئۈچۈن مۇشۇنداق ياسىنىپ يۈرەمدىغاندۇ؟ ئەجەپ مۇشۇ چاققىچە خوتۇنۇمنى پاك ساناپ يۈرۈپتىمەن، نېمىشقا ئوبدانراق دىققەت قىلمىغاندىمەن؟ ھەممىسى ئۆزەمنىڭ شورى، مەن خوتۇنىنى ماختاپ يۈرىدىغان مۇشۇنداق ئەخمەق بولغاندىكىن بۇرنۇمدىن يىتىلىمەي قالامدۇ؟ قارىسام پالانى پاك، پالانى بۇزۇق دەپ باھا بېرىشنىڭ ئۆزى تولىمۇ ھاماقەتلىك ئىكەن. سىرتىدىن قاراپ گۈلگە يەنە بىر رەسىمگە باھا بەرگىلى بولغىنى بىلەن ئادەملەرنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا باھا بەرگىلى بولمايدىكەن، ئايالىممۇ قارىسا ئەخلاقلىق ئايالدەك كۆرىنىدۇ. بىراق، ئىچىدە نىمىنى ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولمىغان. بايىلا باشقا بىر ئەرنىڭ يېنىدىن كىلىپ ئەمدى ماڭا ھىجىيىپ قاراۋاتامدۇ - تېخى. مەن بىلمەي يۈرگىنىم بىلەن سىرتتا كىملەردۇ ماڭا مەسخىرە بىلەن كۈلۈپ قارىغان بۇلۇشى مۈمكىن. يائاللا، ئادەملەرنى نىمىشقىمۇ توي قىلىشقا ياراتقان بولغىيتتى. ئەزەلدىن بىر-بىرىگە يات بولغان ئىككى ئائىلە، ئىككى خىل مۇھىتتا چوڭ بولغان ئىككى ئادەمنى نىكاھ زەنجىرىدە باغلاپ بىر ئۆيگە بەنت قىلىپ، ئازاپقا مۇپتىلا قىلغۇچە تەنھا ياشايدىغان ياراتسا بولماسمىدى، نىكاھ دىگەن بۇ نەرسە خۇدانىڭ ئەر-ئاياللارنى جازالاش ئۈچۈن ئىشلەتكەن بىر خىل چارىسىمىدۇ - يا؟! ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇش دىگەن نىمە - ئۇ؟ بۇ تۇرمۇشنىڭ ئۆزى تەكرار ئالدىنىش، ھەسرەت ۋە كۆز ياشلار بىلەن توقۇلغان كۈرۈمسىز تور. مەن بولسام ئاشۇ تور ئىچىدىكى نىمجان بېلىق. ئاچچىق يۇتۇپ خۇدىنى يوقاتقان كامىل چېچىنى تاراۋاتقان ئايالىغا قاراپ:
-بولدى قىلە، نېمانچە ياسىنىسەن؟- دەپ ۋارقىرىدى.
-ئۆزەمنى ئاز-تولا ياساپ يۈرمىسەم كۆزىڭىزگە سەت كۆرۈنۈپ قېلىپ باشقا بىرىنى تېپىۋالسىڭىز قانداق قىلىمەن؟- دىدى ئايالى كۈلۈپ تۇرۇپ.
-دىمەك سەنمۇ باشقىلارغا چىرايلىق كۆرۈنۈش ئۈچۈن ياسىنىدىكەنسەن-ھە؟،- دىدى كامىل. پەزىلەت دەسلەپ ئېرىنىڭ بۇنچىۋىلا خاپا بولۇپ كەتكىنىنى بىلمىگەچكە، گەپنى چاخچاق بىلەن ئۆتكۈزىۋەتمەكچى بولغانىدى. بىراق، كېيىنكى گېپىدىن ئېرىنىڭ راستىنلا زەردە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ، مىجەزى بارا -بارا ئۆزگىرىپ كېتىۋاتقان ئېرىگە ھەيرانلىق بىلەن قارىدى. ئۇنىڭ ئاچچىغى كەلگەن بولسىمۇ، ئۆزىنى زورىغا تۇتىۋېلىپ سىپايىلىق بىلەن:
-ئوقۇتقۇچى بولغاندىكىن ئۆزەمنى ئاز-تولا تۈزەشتۈرۈپراق يۈرەي دەپتىمەن. چېكىدىن ئاشۇرىۋەتكەن يەرلىرىم بولسا بۇندىن كېيىن دىققەت قىلاي،- دىدى. شۇنىڭ كامىلمۇ ئارتۇق بىر نەرسە دىيىشكە ئامالسىز قالدى.
ھەممە ئىش بىكارچىلىقتىن چىقىدۇ دىگەندەك، خىزمەت گۇرۇپپا خادىملىرى بىكار قالسىلا سورۇن تۈزىشەتتى. سورۇنمۇ رەڭسىز بولمايتتى، ئەلۋەتتە. ئىچكى دۇنياسى چۈشىنىكسىز زىددىيەتلەر بىلەن تۇشۇپ كەتكەن كامىلنىڭ قىز-پىزلار بىلەن تانسا ئويناشقا خۇشى بولمىغان بىلەن، ھاراق-شاراپ كۆتۈرۈشتە خېلى ئېپى بار ئىدى. ‹‹ئۆرۈك ئۆرۈكنى كۆرسە ئالا بوپتۇ›› دىگەندەك ئۇمۇ كېيىنچە يېزىلىق مەدىنىيەت پونكىتىدا ئىشلەيدىغان ئىگىز بويلۇق كەرىمە ئىسىملىك بىر قىز بىلەن ئىچ-پەش تارتىشىپ قالدى، بۇ قىزنىڭ مىجەزى كامىلغا غەلىتە تۇيۇلدى، گەپنىڭ بېشىنى چىقىرىپ بولغىچە‹‹ياق، ياق››دەپ تۇراتتى ئەمما كۈلۈپ تۇرۇپ بىر دەمدىلا تەسلىم بولدى. كامىل ئۆزىنىڭ بۇ ئىشلىرى ئۈچۈن خېلى بىر مەزگىلگىچە ۋىجدان ئازابى تارتىپ يۈردى. ئۆزىنى پەزىلەتكە يۈز كىلەلمەيدىغاندەك ھېس قىلدى. نۇرتاغ دەرياسىدا نەچچە قېتىم يۇيۇندى. ھەر قانداق يولدا تۇنجى قېتىم ماڭغاندا تەمتىرەيدىغان گەپكەن، مېڭىۋەرگەنسېرى كۆنۈپ قالىدىكەن، كامىلغا كېيىنچە بۇ ئىشلار باشقىچە تۇيۇلمايدىغان، ھازىر جاھاننىڭ رەپتارى شۇ ئوخشايدۇ دەپ ئويلايدىغان بولۇپ قالدى. كامىل كەرىمەگە باشتىلا‹‹بىز ئارلىشىپ ئۆتەيلى، ئەمما مەن سىزنى نىكاھىمغا ئالالمايمەن، مېنىڭ ئايالىم ھەم بىر قىزىم بار...›› دېگەن ئىدى، كەرىمە‹‹خاتىرجەم بولۇڭ، نىكاھ بولمىسىمۇ مۇھەببەت بولىۋېرىدۇ. كۆڭلىمىز چۈشۈپ ئارلاشتۇق، كۆڭلىمىز سوۋۇپ كەتسە ئايرىلىپ كېتىمىز، مۇھەببەتكە شەرت قويۇش ھاجەتسىز، ھېچكىم-ھېچكىمگە قەرزدار ئەمەس...›› دەپ جاۋاپ بېرىپ، كامىلنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلدى. كېيىنچە كامىل بۇ قىزنىڭ ئۆزىگىلا قاراشلىق ئەمەسلىگىنى، باشقا ئەرلەر بىلەنمۇ بېرىش-كېلىش قىلىپ يۈرگەنلىكىنى بىلدى. شۇنىڭ بىلەن كامىلنىڭ ئاياللارغا بولغان ئىشەنمەسلىك ھېسسىياتى يەنە بىر ھەسسە كۈچەيدى.
ئاياللار بۇنداق ئىشلارغا سەزگۈر كېلىدۇ، پەزىلەت ساراسىمە ئىچىدە قالدى. تۈرلۈك تۈمەن خىياللار ئۇنى قىينايتتى. ‹‹ ئۇ راستىنلا ئۆزگەرگەنمىدۇ، سىرتقا قاراپ قالغانمىدۇ؟... ياق، سەۋرىچانراق بولاي، -دەيتتى ئۇ يەنە ئۆزىچە، - ئۇ ھەر قانداق ئىشنى قىلسىمۇ ھەرگىز بۇزۇقچىلىق قىلمايدۇ. ۋاقىت ھەممنى ھەل قىلىدۇ، ئۇنىڭ سىرتتىكى خىزمىتى ئاخىرلاشقاندا ئۇ يەنە پۈتكۈل بارلىقى بىلەن ئائىلىمىزگە قايتىپ كېلىدۇ. ئۇنىڭغا ئىشىنىشىم كىرەك، ئۇنىڭدىكى ئۆزگىرىش ۋاقىتلىق ئۆتكۈنچى شامال. ئۇ بىر مەسئۇلىيەتچان ئەر، ماڭا ۋە قىزىمىزغا يۈز كېلەلمەيدىغان ئىشنى ھەرگىز قىلمايدۇ. مەن ئۆز ساداقىتىم ۋە مېھىر-مۇھەببىتىم بىلەن ئۇنىڭ قەلبىنى ئىللىتىپ تۇرىشىم، ئۇنىڭ يۈرىكىنىڭ مۇزغا ئايلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىم كېرەك...›› پەزىلەت ھەممە ئۈمىدنى كامىلنىڭ نۇرتاغدىن قايتىپ كېلىشىگە باغلىغانىدى، خۇددى ئېرى قايتىپ كىرسىلا ھەممە ئىش ھەل بولۇپ كېتىدىغاندەك ئاجايىپ خىياللاردا كۆڭلىنى تاتلىق ئېتىپ يۈرگەن ئىدى. كامىل قايتىپ كىرگەندىن كېيىن ئۇ ئېچىنىش ئىچىدە شۇنى ھېس قىلدىكى، ھېچ نېمە ئۆزگەرمىگەن، ھەممىلا نەرسە بۇرۇنقىدەك، ئائىلىنىڭ ھەممە يۈكى پەزىلەتكە يۈكلەنگەن، كامىلغا نىسپەتەن بۇ ئۆي قونالغۇدىن باشقا نەرسە ئەمەس، تاماقنى يەپلا چىقىپ كېتىپ كېچە بىر مەھەلدە قايتىپ كېلىدۇ، بەزىدە ھەتتا كېچە-كېچىلەپ سىرتتا قونۇپ قالىدۇ. پەزىلەت ھەممىگە چىدىدى، كۈنلەشتىن مۇستەسنا ئېرىنىڭ ئەمدىلىكتە كىچىككىنە ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈنمۇ كۈندەشلىك قىلىپ ھۆركىرەشلىرىگە، ئەزەلدىن بىراۋنى تاك ئېتىپ چېكىپ باقمىغان كامىلنىڭ ئەمدىكى زوراۋانلىقلىرىغا، ئىلگىرى بىرەر كۈن تىن ئېلىشماي قالسا چىدىيالمايدىغان ئېرىنىڭ ئەمدى ھەپتىلەپ، ئايلاپ قۇچاق ئاچماسلىقلىرىغىمۇ چىدىدى. چۈنكى، پەزىلەت ئۇنى سۆيەتتى، تۇرمۇشنىڭ باشقىچە بولۇشىنى قىسقىسى كامىلدىن ئايرىلىپ ياشىيالىشىنى تەسەۋۋۇرىغا سىغدۇرالمايتتى. قىزىنىڭ تىرىك يېتىم بولۇپ قېلىشىدىن ئۆلگىدەك قورقاتتى. شۇڭا ئۇ بۈگۈنگىچە ھەممىگە چىداپ كەلدى. بىراق، سەۋرى قاچىسى ھەر قانچە چوڭ بولسىمۇ ھامىنى تاشىدىغان گەپكەن، بۈگۈنكى ناھەق يېگەن تاياق ئۇنىڭ خېلىدىن بېرى ئېھتىيات بىلەن قوغداپ كېلىۋاتقان قەلب قورغىنىنى ئاخىرى كۇمپەيكۇم قىلىۋەتتى. ئۇ تاياق يېگىنىگە ئەمەس، بەلكى‹‹بۇزۇق›› دەپ ھاقارەتلەنگەنلىكىگە زادىلا چىدىيالمىدى. ئۆزى كۆرسەتكەن ساداقەتمەنلىكىنىڭ مۇكاپاتى ئۈچۈن ‹‹تېگى پەس قانجۇق›› دىگەن ئاتاققا ئېرىشسە كىممۇ بەرداشلىق بېرەلىسۇن؟ تېلېفۇننىڭ بەزىدە خاتا ئۇرۇلۇپ قېلىشى دىگەن نورمال ئىشقۇ، بۇ دۇنيادا تېلېفۇنى بارلار ئىچىدە خاتا ئۇرۇلمىغان تېلېفۇنغا دۇچ كېلىپ باقمىغان بىرمۇ ئادەم بولمىسا كېرەك. ئەجىبا كامىل مۇشۇنداق ئاددى ئىشنىمۇ چۈشەنمىسە بۇنىڭغا نىمە دىگۈلۈك؟ ئۇ چۈشەنمەيدۇ ئەمەس، چۈشىنىدۇ. لېكىن، مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن چۈشەنمەس بولىۋالغان گەپ. كامىلغا قىزلاردىن تېلېفۇن كەلگەندە پەزىلەتمۇ‹‹ خىزمەتداشلىرىدۇ›› دەپ ئويلاپ باشقىچە چۈشەنمىگەن ئىدىغۇ. ئۇنىڭ كۆڭلىگە پۈتۈنلەي كەلمىدى ئەمەس، كەلدى. بىراق، ئۇ ئۆزىنى كەڭ قورساق بولۇشقا، سەۋر-تاقەت قىلىشقا ئۈندەپ كەلگەن ئەمەسمىدى؟ ئەجىبا پەزىلەت ئويلىغاننىڭ ئوندىن بىرىنى كامىل ئويلىيالمىسا -ھە؟! ئەزەلدىن كەڭ قورساقلىقتا تەرىپلىنىپ كېلىۋاتقىنى ئەرلەرغۇ؟ ئۇ ئويلا-ئويلا ئاخىرى ئاجرىشىپ كېتىشنى كۆڭلىگە پۈكتى. ‹‹ مەن كامىلنى سۆيگىنىم بىلەن ئۇ مىنى سۆيمەيدىكەن. قىزىم ماڭا نىكاھنى ساقلاپ بىرەلەيدىكەنۇ، مۇھەببەتنى ساقلاپ بېرىشكە قادىر ئەمەسكەن. ئۇنىڭغا بۇنچە يېپىشىۋېلىپ نېمىمۇ قىلارمەن؟ ماڭىمۇ تەقدىرنىڭ بىر بەت يازمىشى باردۇ...››
-كامىل، ئۇخلىدىڭىزمۇ؟- دەپ سورىدى پەزىلەت ئېرى بىلەن يەنە بىر قېتىم پاراڭلىشىش مەقسىتىدە.
-ياق، - دىدى كامىل توڭلۇق بىلەن.
كېچە شۇنچىلىك كۆڭۈلسىز ۋە زېرىكىشلىك تۇرسا كىمنىڭمۇ ئۇيقۇسى كەلسۇن. دىمەك ئۇمۇ پەزىلەتكە ئوخشاش چىگىش خىياللارغا ئەسىر بولۇپ تۈننى تاڭغا ئۇلىماقتا ئىدى.
-مەن سىز بىلەن پاراڭلىشاي دىگەن،- پەزىلەت پەس ئاۋازدا شۇنداق دىدى.
-گىپىڭ بولسا دەۋەر،- پەزىلەت دۇدۇقلىدى، كامىل ھېچنېمە دېمىدى. پەزىلەت ئاخىرى قەتئىي نىيەتكە كېلىپ ئېغىز ئاچتى:
   - بىز ئەمدى ياخشى ئۆتەلمىگۈدەكمىز كامىل، ئاجرىشىپ كېتەيلى.
   -نىمە، ئاجرىشىپ كېتەيلى؟ مۇشۇ گەپنى سەن دەۋاتامسەن پەزىلەت؟ مەن تېخى گۇناھىنى تونۇپ ئەپۇ سورىماقچى ئوخشايدۇ دىسەم، سەن نېمىلەرنى دەۋاتىسەن؟
-بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدا ئىشەنچ بولمىغاندىكىن، ئاجرىشىپ كىتەيلى.
-ھە، - دىدى كامىل مەسخىرىلىك تەلەپپۇزدا، -ئۆز مەخسىتىڭنى ئاخىرى ئاشكارىلىدىڭ. يېقىندىن بېرى ئىچىڭگە تىنىپ چىراي ئاچماي يۈرىدىغان بولۇپ قالغانتىڭ. خاتا تېلېفۇن ئۇرىدىغانلارمۇ كۆپىيىپ قېلىۋىدى، زادى بۇنىڭدا بىر ئىش بار دەپ يۈرسەم دىگەندەك ئەسلى نىيىتىڭ مەندىن ئاجرىشىش ئىكەندە. چىرايىڭ ئاق بولغان بىلەن يۈرىكىڭ قارا بىر نېمە ئىكەنسەن. ساڭا بولغان ئىشەنچىمنى شۇنداقمۇ يەردە قويامسەن؟ ئېيتە، تېپىۋالغان ئۇ ئادىمىڭنىڭ مەندىن نەرى ئارتۇقكەن؟
-بولدى كامىل، ئۇنداق دىمەڭ. سىزگە يۈز كېلەلمەيدىغان يېرىم يوق.
-راستما؟ ئۇنداق بولسا قاراپ تۇرۇپ قىزىمىزنى يېتىم قىلىشقا يۈرىكىڭ قانداق چىدايدۇ؟ چوقۇم نىيىتىڭ باشقا سەن ۋاپاسىز خوتۇننىڭ.
-نىمە دىگىنىڭىز بۇ؟- دىدى پەزىلەت ئۆزىنى بېسىۋالالماي،- سەن دېگىچە مەن دەۋالاي دېگەندەك ئۆكتەملىك قىلىسىزغۇ. ئەستايىدىلراق پاراڭلىشىپ باقساق قانداق؟
-ھازىر ۋاختى ئەمەس، ئاشناڭنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلىغاندا بىز چوقۇم ناھايىتى ئەستايىدىل پاراڭلىشىمىز.
سۆھبەت ئۈزۈلدى.

ئەتىسى سەھەردە پەزىلەت ئورنىدىن تۇرۇپ ئۈن-تىنسىز ناشتىلىق تەييارلىدى. كامىل بۈگۈن قولىدىكى ئارخىپ ماتىرياللارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، قۇمباغ يېزىسىغا باراتتى. ئۇ قىزىنى يېنىش-يېنىشلاپ سۆيدى، ئاندىن سومكىسىنى قولىغا ئالدى، ئىشىكتىن چىقىش ئالدىدا بۇرۇلۇپ ئايالىغا قارىدى. ئايالى ئۇنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلدى. ئېرىنىڭ كۆزىدىن چاقنىغان گۇمان ئارىلاش سوغۇق نۇر ئۇنىڭ يۈرىكىنى يەنە بىر رەت مۇزلىتىپ ئۆتتى. ناۋادا كامىل كېچىدىكى ئىشى ئۈچۈن بىر ئېغىز كەچۈرۈم سورىغان بولسا پەزىلەت ھەممىنى ئۇنتۇپ ئېرىنىڭ قۇچىقىغا ئۆزىنى ئاتقان بولاتتى. بىراق، كامىل بىر ئېغىزمۇ زۇۋان سۈرمەستىن نەزىرىنى شىرە ئۈستىدىكى تېلېفۇنغا ئاغدۇردى-دە، كەينىگە يېنىپ تېلېفۇننىڭ سىمىنى پاراسسىدە ئۈزىۋەتتى، ئاندىن تېلېفۇننى كارۋات ئاستىغا چۆرىۋېتىپ چىقىپ كەتتى. كامىل ھويلا ئىشىكىدىن چىقىۋاتقاندا ئايالىنىڭ بۇقۇلداپ يىغلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى.
كامىلنىڭ قولىدىكى ئىشلىرى تۈگىمەي يېزىغا كىتەلمىدى، دوستى پەرھاد ئۇنىڭ كەيپىياتىنىڭ بۈگۈنمۇ ئانچە ياخشى ئەمەسلىكىنى كۈرۈپ، ئۇنى ئۇدۇللا قاۋاقخانىغا باشلىدى، بىر ئاز ئىچىشكەندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن زادى نېمە بولغانلىقىنى سورىدى. كامىل دەسلەپ‹‹ھېچنىمە بولمىدى›› دەپ تۇرىۋالدى، لېكىن پەرھاد بۇنىڭلىق بىلەن بولدى قىلمىدى:
-ئاخشام رېستۇراندىمۇ زادىلا ئېچىلىپ ئولتۇرمىدىڭ، بىز سىنى دەپ ئولتۇرساق سەن بالدۇرلا قايتىپ كەتتىڭ. زادى نىمە بولدى ساڭا؟
-ئائىلەمدىن، سېنىڭدەك ياخشى دوستۇمدىن ئايرىلىپ ھېچكىم تونۇمايدىغان بىر يەرگە كېتىدىغان تۇرسام، خۇشال يۈرەلەيتتىممۇ؟ - دىدى كامىل سوغۇققىنا. پەرھاد دوستىغا مىختەك قادىلىپ تۇرۇپ:
-بۇنىڭ ئۈچۈنلا ئەمەستۇ، مېنى ئالدايمەن دېمە. مەن سېنى چۈشەنمەي قالارمەنمۇ؟ قايسى كۈنى ئۆيۈڭلارغا بارغان ۋاختىمدىمۇ ئەر-ئايال ئىككىڭلارنىڭ گەپ-سۆز، ئىش-ھەركىتىڭلاردىن مۇناسىۋىتىڭلارنىڭ دىگەندەك ياخشى ئەمەسلىگىنى كۆرۈپ پەزىلەتتىن ‹‹نىمە بولدۇڭلار›› دەپ سورىسام ئۇ ‹‹نىمە بولغىنىمىزنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن، ئەڭ ياخشىسى كامىلدىن سوراڭ››دېگەنىدى، ئەگەر مىنى دوستۇم دەپ قارىساڭ نىمە بولغانلىقىنى ماڭا ئېيتىپ بەر،- دىدى.
كامىل ئائىلىسىدە يۈز بەرگەن ئىشلارنى، ئايالىغا بولغان گۇمانىنى، ھەممىنى بىراقلا دەۋەتتى. پەرھاد جىممىدە ئولتۇرۇپ ھەممىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن:
- ئاداش قورسىقىڭنى كەڭرەك تۇت،- دىدى نەسىھەت تەلەپپۇزىدا،- مېنىڭچە پەزىلەت ئۇنداق چاكىنا ئايال ئەمەس، گۇمان ئىماننى قاچۇرۋاتامدۇ نىمە؟ ‹‹ ئۇسۇل تۈزدە ياخشى، گەپ يۈزدە ››دەپتىكەن، رەنجىسەڭمۇ مەيلى، مەن دېگەن سېنىڭ دوستۇڭ، يۈزىڭگىلا دەۋېرەي. يېقىندىن بېرى سەنمۇ سەل ئاشۇرۋېتىپ بارىسەن. ئوينىدۇق، كۈلدۇق. ئويۇندىن نېمە چىقتى؟ ئاخىرى كۆڭۈلسىزلىك مانا. سەن ئائىلەڭگە ۋاختىدا قايتىپ ئايالىڭغا ھەمراھ بولساڭ،‹‹ ھەر قاچان يانىڭدىمەن›› قۇلىقىغا شىۋىرلاپ تۇرساڭ، ئۇ باشقا كىشىلەرگە قەلبىدىن ئورۇن بېرىپ يۈرەرمۇ؟ بىز ئەرلەرمۇ ئاجايىپكەنمىز، سىرتتىكى ئاياللارغا شۇنچىلىك سىلىق-سىپايە، مەرت ۋە تىلىمىز شېكەر. بىراق، ئۆز ئايالىمىزغا كەلگەندە قوپال ، بىپەرۋا ھەم گۇمانخور. ئويلاپ باققىنا، ئەقەللىيسى بىر قۇش ئۆز ئۇۋىسىدا دانغا تويىنالىسا باشقا ئۇۋىلارغا بېرىپ يۈرمەيدۇ، ئوۋچىنىڭ قىلتىقىغا چۈشۈپمۇ قالمايدۇ. ئەڭ ياخشىسى سەن ئۆز يۈرىكىڭگە بىر قۇلاق سېلىپ باق، ئۇ ئۆزۈڭ توغرىلىق نىمە دەيدىكىن ، پەزىلەت توغرىلىق يەنە نېمىلەرنى دەيدىكىن.
كامىل قاۋاقخانىدىن قايتىپ چىققاندا، ئۆزىنى گادىرماچ خىياللار ئىلكىدە خۇددى ئۆمۈچۈك تورىغا كىرىپ قالغاندەكلا ھېس قىلدى. پەرھاد ئۇنى بۈگۈن بالدۇرراق ئۆيۈڭگە قايتىپ ئايالىڭ بىلەن ئوبدانراق سۆزلەش دەپ يولغا سېلىپ قويغان ئىدى. لېكىن ئۇ ئۆيىگە ئەمەس، بەلكى ئۇدۇللا مەھلىيانىڭ ياتىقىغا قاراپ يول ئالدى. يول بويى ئاچچىق خىيالدىن نېرى بولالمىدى. ‹‹ ھەي ئاياللار، ھەي ئاياللار... پەزىلەت، مەن سىنى ھەرگىز بۇنداق قىلار دەپ ئويلىمىغان ئىدىم، گەرچە ئەينى ۋاقىتتا نۇرغۇن گۈزەللەر ئەتراپىدا چۆرگىلەپ يۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن سېنى مىھرى ئىسسىق، ۋاپادار دەپلا تاللىغان ئىدىم، ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە نىمىلەرنى قىلىپ يۈرىدىغانسەن، بۇ دۇنيادا ۋاپاسى بار ئايالنى تاپماق ھەقىقەتەن قىيىنمۇ نىمە؟ ياكى ئاياللارنىڭ ھەممىسى شۇنداق ئۈجمە كۆڭۈل كىلەمدىغاندۇ؟ بۈگۈن پەرھاد سېنى ئاقلاپ، مېنى ئەيىپلەۋاتىدۇ. ئىش راستىنلا پەرھادنىڭ دېگىنىدەكمىكىن دەي دىسەم، يېرىم كېچىدە ساڭا نەدىن كەلگەن تېلىفۇن- ئۇ؟ خاتا ئۇرۇپ قويۇپتۇ دەيسىنا تېخى، ۋەدە بېرىپ ماقۇللىشىپ، رەھمەت ئېيتىپ خوشلىشىپ، كېتىشلىرىڭنى نېمە دەي؟ سەن تۇزكور قاچانلاردىن باشلاپ دوپپامغا جىگدە سالغان بولغىيتتىڭ؟ شۇنچە يىل بىر ياستۇققا باش قويغان سەن خوتۇننىڭ ۋاپاسى شۇنچىلىك بولغان يەردە، سورۇندا بىر قول تانسا ئويناپلا تونۇشۇپ قالغان، ئېغىزىدىن ‹‹ كۆيدۈم، پىشتىم›› دىگەن گەپنى چۈشۈرمەيدىغان مەھلىيانىڭ ۋاپاسى قانچىلىك بولماقچىدى؟ ھەي...››
كامىل مەھلىيانىڭ ئىشىكىنى چەكمەي ئۇدۇللا كىرىۋەردى، مەھلىيا تېلېۋىزورنى ئۈنلۈك ئېچىپ قويۇپ ئاللىقانداق بىر ئىش بىلەن مەشغۇل بولىۋاتاتتى. ئۇ كامىلنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇش بولغان ھالدا يۈگۈرۈپ كېلىپ ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ:
-كۆزۈمدىن ھەجەپ ئۇچتىڭىزغۇ قۇرغۇيۇم،- دىدى ناز بىلەن. كامىل:
-يېقىندىن بېرى قانداقراق تۇرىۋاتىسىز؟ ئالدىراشچىلىقتا سىزنى يوقلاپ كېلەلمىدىم،- دىدى.
- سىزنى سېغىنىپ ئۆلەي دىدىم،- دىدى مەھلىيا ۋە ياندۇرۇپ سورىدى،- ئۆزىڭىزنىڭ ئەھۋالى قانداقراق؟
- مانا، كۆرۈپ تۇرۇپسىز.
- قارىسام ئانچە ياخشى ئەمەستەك تۇرىسىز.
- چارچاپ قالغان ئوخشايمەن.
مەھلىيا ئۇنىڭغا سىنچى كۆزلىرى بىلەن قارىدى، كامىل راستىنلا چارچاپ قالغاندەك كۆرىنەتتى، بىر ئاز كەيىپلىكىگە قارىماي ئۇنىڭ چىرايى خېلىلا سۇلغۇن ئىدى. مەھلىيا ئىشىكنى تاقىۋەتتى، ئاندىن:
-كەچلىك تاماق يېدىڭىزمۇ؟- دەپ سورىدى ئاجايىپ مېھرىبانلىق بىلەن.
- يېدىم، سىزچۇ؟
- مەنمۇ يىدىم، ئۇنداق بولسا ئازراق ئىچىملىك ئىچەمسىز؟
-بىللە ئىچەيلى،- دىدى كامىل. مەھلىيا VCD نى قويىۋەتكەندىن كېيىن ئىچىملىك ئېلىپ كەلدى. ئۇ نازلىق كۈلۈپ تۇرۇپ كامىل بىلەن رومكا سوقۇشتۇردى. ‹‹ خۇداغا شۈكۈر- دەپ ئويلىدى كامىل، ھېلىمۇ ياخشى، پەزىلەت ئىچەرمەن ئاياللار تائىپىسىگە مەنسۇپ ئەمەس. ئىچىملىككە بېرىلگەن ئايال دەل زاۋاللىققا يۈزلەنگەن ئايالدۇر، ئۇنداقلارنىڭ ئۇزايىدىن ئەخلاقنىڭ ئۆزى تۈگۈل، سايىسىنىمۇ تاپقىلى بولمايدۇ...››
-كامىل،- دىدى مەھلىيا ئۇنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ،- سىزنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغىنىمنى بىلەمسىز؟ سىزدىن ئايرىلسام ياشىيالمىغۇدەكمەن.
- ئايال خەق دىگەننىڭ ئىچىدە ئويلىغىنى بىلەن ئېغىزىدا دىگىنى ئوخشاش بولمايدىكەن. سىزگە قانداقمۇ ئىشىنەي؟
-نىمە دىگىنىڭىز-بۇ؟ سىزنى ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن يۈرىكىمنى يېرىپ بېرەيمۇ -يە؟ بىلەمسىز، سىز بىلەن تونۇشقان ئاشۇ كۈندىن باشلاپ بارلىقىمنى سىزگە ئاتىغانمەن.
-راستما؟
- يەنە ئىشەنمەمسىز؟
- ئۇنداق بولسا ماڭا يۈرىكىڭىزنى سۇغىرىپ بېرىڭ!- كامىل قولىنى سۇندى.
- سىزدىن ئاشۇ بىر تال يۈرىكىمىنى ئاياپ نىمىمۇ قىلاي كامىل؟! سىزگە لازىم بولسا ھازىرلا سۇغىرىپ بىرەي، بىراق، ئۇ شۇئان قان تېمىپ تۇرغان بىر پارچە كېرەكسىز خام گۆشكە ئايلىنىدۇ. ئۇ چاغدا ئۇنىڭ سىزگە نىمە كېرىكى؟ ئۇ ئۆزۈمدە تۇرۇپ ھەر بىر رېتىمدا ‹‹ كامىل، كامىل...›› دەپ سوقۇپ تۇرسا ياخشى ئەمەسمۇ؟
-گەپكە ئۇستا سىز مەھلىيا. سىزنىڭ تاتلىق گەپلىرىڭىزنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم ئېچىلىپ قالدى. كېلىڭە، يەنە بىر رومكىدىن كۆتىرىۋىتەيلى.
مەھلىيانىڭ پۈتۈن ئەس-يادى كامىلنى ئۆزىگە تېخىمۇ رام قىلىپ پەزىلەتنىڭ ئورنىنى ئىگىلەشتە ئىدى. شۇڭا، تۆمۈرنى قىزىقىدا سوقۇش كىرەك. لېكىنزە، ھۇجۇمنى قەيەردىن باشلىسا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولار؟
-جىمىپلا كەتتىڭىزغۇ؟- كامىلنىڭ تۇيۇقسىز سورىغان سۇئالى ئۇنىڭ خىيالىنى بۆلىۋەتتى.
-سىزنى قانداق خۇش قىلىشنى ئويلاۋاتىمەن،- دىدى مەھلىيا كۈلۈپ تۇرۇپ.
-بۈگۈن ئىشلىمىگەنمۇ؟ - دەپ سورىدى كامىل قىلغىلى باشقا گەپ تاپالماي.
- سىزلا خۇش بولىدىغان ئىش بولسا ئۆمۈرۋايەت ئىشلىمەي سىزنىڭلا خىزمىتىڭىزنى قىلىپ ۋاپادار ئائىلە ئايالى بولۇشقا رازىمەن،- مەھلىيا شۇنداق دىگىنىچە كامىلغا چىڭ يېپىشتى. لىرىك مۇزىكا، گۈزەل نازىنىن، نازۇك بەدەن، يېقىملىق شىۋىرلاش، ئوتلۇق تىنىقلار... كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالغۇدەك بۇنىڭدىن باشقا يەنە نىمە بار؟...
-سىزنى سېغىنىپ تاقىتىم- تاق بولدى،- دىدى مەھلىيا خۇمارلاشقان كۆزلىرىدە كامىلغا قىيا بېقىپ،-بۈگۈن تېلېفۇن قىلار، ئەتە تېلېفۇن قىلار دەپ نەچچە كۈن كۈتتۈم. كۆرۈشكەندە ۋاي دەپ ھالىڭىز قالمىغان بىلەن ئايرىلغاندا كارىڭىزمۇ بولمايدىكەن.
- خاپا بولماڭ، يېقىندىن بېرى راستىنلا بەك ئالدىراش بولۇپ كەتتىم.
-ئالدىراش بولۇپ كەتكەنلىكىڭىزنى ئوبدان بىلىمەن. ئەمەلدار بولۇپ ئۆسكىنىڭىزنىمۇ بىلىمەن. تەبرىكلەپ قوياي دەپ تېلېفۇن ئۇرسام قول تېلېفۇن نومۇرىڭىزنى ئالماشتۇرىۋېتىپسىز. ئاخىرى بولالماي ئۆيىڭىزگىلا تېلېفۇن بەردىم.
-سىزگە ئۆيۈمنىڭ تېلېفۇن نۇمۇرىنى ئېيتىپ بەرگىنىم يادىمدا يوققۇ،-دىدى كامىل تەئەججۈپ بىلەن.
-شۇنداق، قول تېلىفۇنىڭىزنىڭكىنىلا ئېيتىپ بەرگەن. بىراق، ئۆيىڭىزنىڭ تېلېفۇن نومۇرىنى بىلىش مەن ئۈچۈن قانچىلىك ئىش دەيسىز؟
-يامان ھە سىز،- دىدى كامىل ئۇنىڭ چېچىنى سىلاپ تۇرۇپ، ئارقىدىن ئۇلاپلا،- راستىنلا ئۆيۈمگە تېلېفۇن ئۇردىڭىزما؟- دەپ سورىدى.
-ئەلۋەتتە. بەزىدە كۈندە بىر قېتىم، بەزىدە ئارىلاپ دىگەندەك ئۇرۇپ تۇردۇم. تۈنۈگۈنمۇ ئۇرغانتىم، قېرىشقاندەك تېلېفۇننى ئايالىڭىز ئالدى. سىز بىلەن دىدارلىشالمايلا ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك بىر كېچە يىغلاپ چىقتىم.
-قانداق ۋاقىتتا ئۇرغانتىڭىز؟
-كىچە سائەت بىرلەردىغۇ دەيمەن.
-ئۇ چاغدىكى تېلېفۇن بىر ئەر كىشىدىن كەلگەندەك قىلاتتىغۇ؟
-شۇنداق. سېمىنا ئىشلىگەن ۋاختىمدا بىر خىزمەتدىشىمغا يالۋۇرۇپ ئۇرغۇزغانتىم، ناۋادا تېلېفۇننى سىز ئالسىڭىز ماڭا بەرمەكچى، ئايالىڭىز ئالسا خاتا ئۇرۇپتىمەن دەپ قويىۋەتمەكچى بولغان.
-نىمە، ئۇ سىز بەرگەن تېلېفۇنمىدى؟- شۇئان ناھەق تاياق يىگەن ئايالى پەزىلەتنىڭ بۇقۇلداپ يىغلىغان ئاۋازى قۇلىقىغا ئاڭلانغاندەك بولدى. مەھلىيانىڭ :
-سىزنى رەنجىتىپ قويغان ئوخشىمامدىمەن، كەچۈرۈڭ مىنى!- دىگەن گېپىگىمۇ دىققەت قىلمىدى.‹‹مەن راستىنلا ئايالىمغا ئۇۋال قىلىپ قويدۇممۇ-نىمە؟›› دىگەن ئەندىشىلىك سۇئال ئۇنىڭ كاللىسىنى پۈتۈنلەي ئىگەللىۋالدى. دىمىسىمۇ ئىنسانلارنىڭ ‹‹ئادەم›› دەپ ئاتىلىشى ئوخشاش بولغان بىلەن ئۇلارنىڭ مىجەز-خارەكتىرى، تەپەككۇرى ۋە تۇتقان يولى ئوخشاش بولمايدۇ.‹‹بىر تال چاشقان مايىقى بىر چېلەك سۇنى بۇلغاپتۇ›› دىگەندەك، بىر ياكى بىر نەچچە ئەخلاقسىز ئايالنىڭ چاكىنا قىلىقلىرى بارلىق ئاياللارنىڭ نامىنى بۇلغاپ، كامىلدا ھەممىلا ئايالدىن گۇمانلىنىدىغان، ھەتتا ئۆزىگە ناھايىتى ۋاپادار، ئاق كۆڭۈل ئايالىغىمۇ ئىشەنمەيدىغان خاراكتېرنى يېتىلدۈرۈپ قويغانىدى. بۇنىڭدا ھقىقەتەن كامىلنى ئەيىپلىگىلى بولمايتتى. چۈنكى بەزى ئاياللار ئىسىل پەزىلەتلىك بولۇپ، ئۇلار ھەر قانداق ئادەمنىڭ چىن دىلىدىن سۆيۈشىگە، جان تەسەددۇق قىلىشىغا ئەرزىيتتى. بىراق بەزى ئاياللار قىلچە تەربىيە كۆرمىگەن بولۇپ، بۇنداقلار چاكىنا ھەم بىۋاپا، جانغا جاپا خوتۇنلار ئىدى. ئۇلارغا يېقىن يولىغانلىكى ئادەملەرنى نەس باسماي قالمايتتى.
ئىشىكنىڭ قوپال چېكىلگەن ئاۋازى بىلەن كامىلنىڭ خىيالى ئۈزۈلۈپ دەرھال ئېسىنى يىغدى.
-كىم؟- دىدى مەھلىيا جىددىلەشكەن ھالدا .
-مەن، تېز ئىشىكنى ئاچ!- دىدى بىر ئەر كىشى بۇيرۇق تەلەپپۇزىدا. قارىغاندا ئۇنىڭ كىملىكى مەھلىياغا ئايان بولسا كېرەك، ئۇ كامىلغا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن:
-بۈگۈن كەچ بولۇپ كەتتى، ئەتە كېلىڭ، بولامدۇ؟- دىدى.
-ئىشىكنى تېز ئاچ، بولمىسا ئىشىكىڭنى يېرىۋىتىمەن!- مەھلىيا ئىشىكنى ئاچمىسا ئۇ كەتمەيدىغاندەك قىلاتتى.
-مەن، مەن يۇيىنىۋاتىمەن، ئەتە... - ئۇنىڭغىچە كامىل بېرىپ ئىشىكنى ئاچتى. ئىچىپ خېلىلا تەڭشىلىپ قالغان بىر ئادەم دەلدەڭشىگىنىچە ياتاققا كىرىپ كەلدى. ئەرلەرمۇ قىززىق، ئازراق كەيىپ بولۇپ قالسىلا ئۆيىنى تېپىپ بارالمايدۇ، ئەمما قىزلارنىڭ ياتىقىنى بولسا ئازماي- تازماي ئۇدۇل تېپىپ كېلەلەيدۇ.
-ئېيتە، ماۋۇ نېمە ئادەم؟ دەپ سورىدى ھېلىقى ئادەم مەھلىيانىڭ ئالدىغا دىۋەيلەپ.
-ئۇ... ئۇ بىر بىمار،- دىدى مەھلىيا دۇدۇقلاپ. ئۇ ھەمىشە ‹‹كامىل، مەن سىزگە ئاشىق، سىز بولمىسىڭىز ياشىيالمايمەن....›› دىگەن گەپنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيتتى. تىل- يۈرەكنىڭ ئىزھارچىسىغۇ. شۇڭا كامىل بەزىدە ئۇنىڭ گەپلىرىگە ئىشىنىپمۇ قالاتتى. بىراق، ھازىر ئۇ بىر مەستنىڭ ئالدىدا كامىلنى ئېتىراپ قىلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايۋاتاتتى. كامىل ئۇنىڭ ئۆزىگە بەرگەن ۋەدىللىرىنى ئويلىدى. يالغانچى قەسەمچى كىلىدۇ دىگەندەك، ئۆز ۋەدىسىدە تۇرالمايدىغانلارنىڭ ئېغىزى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۈمكىن بولمايدىغان تۇترۇقسىز ۋەدىلەرنى بېرىشكە كۈنۈپ كەتكەن. كامىل بارلىق نەپرىتىنى ئېغىزىغا يىغىپ، مەھلىيانىڭ يۈزىگە شالاققىدە بىرنى تۈكۈرۈپ قويۇپ چىقىپ كەتتى. ‹‹ شۇنداق،مەن بىر بىمار. ئاق – قارىنى پەرق ئېتىش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم بولغان، ھەممىلا ئادەمگە ئۆز بويۇمغا ئۆلچەپ تون پىچىدىغان، ئادەملەرنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا ئەمەس بەلكى سىرتىغا، گەپ-سۆزىگە قاراپ باھا بېرىدىغان، ئۆتكەن كۈنلەرنى ۋە ئەسلىنى ئۇنتۇش كېسىلىگە گىرىپار بولغان بىر بىمار. پەرىشتىدەك ئايالىمىنى، ئوماق قىزىمنى، جەننەتتەك ئۆيۈمنى تەرىك ئېتىپ، شەيتاننىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئويناپ يۈرۈپ يەنە ئۆزەمنى پاك ساناپ ھەممىدىن گۇمانلىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىر بىمار.... بۇ جاھاندا بۇنداق كېسەلنى داۋالىيالايدىغان پۇشايمان دورىسىدىن باشقا يەنە ئۈنۈملۈكرەك دورا تاپقىلى بولارمۇ؟ دوستۇم پەرھاد ھەمىشە‹‹ سەن باشقىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلساڭ، باشقىلارمۇ ساڭا شۇنداق مۇئامىلە قىلىدۇ. ئاق تىكەن تېرىساڭ ھەرگىزمۇ ئەتىرگۈل ئۈنۈپ چىقمايدۇ›› دەيتتى. سۆيۈملۈك ئايالىم پەزىلەت، مەن جىمى ئەسكىلىكنى ئۆزۈم قىلىپ قويۇپ، سەندىن بىھۇدە گۇمانلىنىپ، غۇبارسىز دىلىڭغا ئازار بېرىپ قويدۇم. مىنى كەچۈرۈرسەنمۇ؟ قىزىمىز مەندەك ئازغۇن دادىسىنى كەچۈرەرمۇ؟، شۇ تاپتا ئىككىڭلار مىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىۋاتىدىغانسىلەر. ماڭا ئاتاپ تەييارلىغان تامىقىڭلارمۇ سوۋۇپ كەتكەندۇ، قاراۋېرىپ -قاراۋېرىپ سائەت دىگەن نەرسىگىمۇ ئۆچ بولۇپ كەتكەنسىلەر. كىم بىلىدۇ، مەن ۋاختىدا ئۆيگە قايتمىغاچقا ئەنسىرەپ ئىچىڭلاردا ماڭا ئامانلىق تىلەۋاتامسىلەر تېخى. مىنىڭ بۇنداق خالتا كوچىلاردا قاڭقىپ -سوقۇلۇپ يۈرگىنىمنى ئويلاپمۇ باقمىغان بولغىيتتىڭلار. ھەرگىز ئويلىماڭلار، مەڭگۈ بىلمەي قېلىڭلار! مەن ئۆزۈمنىڭ بۇنداق يىرگىنىشلىك ھالىمنى سىلەرنىڭ كۆرۈپ قېلىشىڭلاردىن، نەزىرىڭلاردىن پۈتۈنلەي چۈشۈپ كېتىشىمدىن قورقىمەن. سىرتتىن كۆڭۈل خۇشى ئىزدەپ شاتلىققا ئېرىشمەكتە يوق، تاسلا قالدىم سىلەردىن ئايرىلىپ قالغىلى. ماڭا سىلەر بولمىساڭلار بولمايدىكەن، مەن ئۆز ئائىلەمنىڭ ئىللىقلىقىنى قايتىدىن ھىس قىلماقتىمەن. مىنى كەچۈرۈڭلار قەدىردانلىرىم! ... مەن بۇندىن كېيىن سىلەرگە مەڭگۈ ھەمراھ بولىمەن. ئۆز مەسئۇلىيىتىمىنى ياخشى ئادا قىلىمەن. ئۈن-تىنسىز خىزمىتىڭلاردا بولۇپ، گۇناھىمنى يۇيىمەن. ماڭا بىر قېتىم، ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىم پۇرسەت بېرىڭلار، ماڭا ياردەم قىلىپ ئازغۇن روھىمنى قۇتۇلدۇرىۋېلىڭلار...››
ئۆزىگە ئۆزى سۆزلىگىنىچە كېتىۋاتقان كامىل ئېغىزىغا ئېقىپ كىرگەن تۇزلۇق سۇيۇقلۇقنى زورۇقۇپ يۇتىۋەتكەندىن كېيىن، پۇشايمان ياشلىرى بىلەن نەمدەلگەن يۈزىنى بارماقلىرى بىلەن سۈرتتى. قىزىنىڭ «دادا» دەپ چاقىرغان يېقىملىق ئاۋازى ئاڭلانغاندەك بولۇپ، قەدىمىنى تېخىمۇ تېزلەتتى. ئۇنىڭ ئۆيىدە چىراق تېخىچە ئۆچۈرۈلمىگەن بولۇپ، دېرىزىدىن چۈشكەن يورۇقلۇق چوڭ يولنى خېلى بىر يەرگىچە يورۇتۇپ تۇراتتى...

پەزىلەت ئۆيلەرنىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرمەيلا قىزى يۇلتۇزنى باغرىغا بېسىپ ياتاتتى، قىزى ئاللىقاچان ئۇخلاپ قالغان، پەزىلەتنىڭ ياش يۇقى كۆزلىرى بولسا نامەلۇم بىر نۇقتىغا تىكىلگەن ئىدى. ئۇ كامىلنىڭ قايتىپ كەلگىنىنى كۆرۈپمۇ نەزىرىنى ئۇنىڭغا ئاغدۇرمىدى، ئىلگىرىكىدەك «ھاردىڭىزمۇ، ئاچتىڭىزمۇ» دەپ سورىماستىن مىدىر-سىدىر قىلماي يېتىۋەردى. كامىل ئۇنىڭغا قاراشقا، گەپ قىلىشقا پېتىنالمىدى. ئۇ ئەزەلدىن ئايالىنىڭ بۇنداق ھالىتىنى كۆرۈپ باقمىغاچقا، قانداقتۇر بىر ئەندىشە ئۇنىڭ يۈرىكىنى قاپسىۋالغاندەك بولدى. ئۇ يول بويى ئايالىدىن تۆۋەنچىلىك بىلەن ئەپۇ سوراشنى ئويلىغان ئىدى، ئەمما ئالدىغا كەلگەندە بولسا ئايالىنىڭ ھېسياتسىز مۇئامىلىسىنىڭ تەسىرىدىنمۇ ۋە ياكى ئۆزىنىڭ بوينى قاتتىقلىغى سەۋەبىدىنمۇ ئەيتاۋۇر چىش يېرىپ بىر ېمە دىمەيلا ئورنىغا كىرىپ يېتىپ قالدى. ئۇ « پەزىلەت ئەقىلسىز ئايال ئەمەس، ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرمىساممۇ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئەمىلىيىتىمگە قاراپ ھەممىنى چۈشىنىۋالالايدۇ، مەن ئەمدى ئۆز مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى پۈتكۈل ھاياتىمنى، بارلىغىمنى، ھەممە... ھەممىنى ئايالىم ۋە قىزىم ئۈچۈن بېغىشلاپ، ئىلگىرى قىلغانلىرىمنىڭ ئورنىنى تولۇقلاپ، ئۇلارنى بەختلىك قىلىش ئۈچۈن تىرىشىمەن. سىرتتىكى ئوي-دوڭغۇل كوچىلارغا ئەمدى ھەرگىز ئاياق باسمايمەن. شۇغىنىسى ئۆيدىن ئايرىلىش ئالدىدا تۇرىۋاتىمەن. مەيلى، بۇمۇ مەن ئۈچۈن بىر سىناق، ئىلگىرى ئۆزەم ئۆيدە بولغان بىلەن كۆڭلۈم سىرتتا ئىدى، مانا ئەمدى ئۆزەم سىرتتا بولغان بىلەن كۆڭلۈم ئۆيگە مەڭگۈلۈك قايتىپ كىردى...» دىگەنلەرنى ئويلاپ، ئۆزىنى روھى جەھەتتىن خېلىلا يەڭگىللەپ قالغاندەك ھېس قىلدى، ئۆتكەن ئىشلارنى زورۇقۇپ خىيال قىلىۋىدى، ئۇنىڭ سىرتتا ئۆتكۈزگەن كەچۈرمىشلىرى خۇددى رەڭگى ئۆڭۈپ ھېچنىمىسىنى پەرق ئەتكىلى بولمايدىغان ناچار سىزىلغان ماي بوياق رەسىمدەك تولىمۇ تۇتۇق، خىرە، ئۈزۈك-ئۈزۈك سىزىقلاردىن باشقا ھېچنىمىنى ئىلغا قىلالمىدى، ئۇ قىزى بىلەن ئايالىنىڭ تىنىقلىرىغا قۇلاق سالغان ھالدا ئاستا-ئاستا ئۇيقىغا كەتتى...
« بىز ئاياللار سىرتتا قانچىلىك يۈز تېپىپ، قانچىلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ كېتەيلى، ئائىلىمىزدىن كۆڭلىمىز سۇ ئىچمىسە ئۆزىمىزنى زادىلا بەختلىك ھىس قىلالمايدىكەنمىز. بىز ئاياللار خۇددى تېرمومېتىرغا ئوخشايدىكەنمىز، ئەرلىرىمىز ھاۋاغا ئوخشايدىكەن، ھاۋا ئىللىسا ياكى سوۋۇسا تېرمومېتىرنىڭ كۆرسەتكۈچى ئۆزلىگىدىن ئۆرلەپ ياكى تۆۋەنلەپ كەتكىنىگە ئوخشاش، بىزنىڭ شاتلىغىمىز ياكى قايغۇمىزمۇ كۆپىنچە ھاللاردا ئەرلىرىمىزگە باغلىق بولۇپ قالىدىكەن. ئۇلار مۇشۇلارنى بىلىپ تۇرۇپ بىلمەسكە سالىدىكەن، بىزنى خالىغانچە كولدۇرلىتىدىكەن، ئۆز دېپىغا خالىغانچە ئۇسۇل ئوينىتىدىكەن. بىزمۇ شۇنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە ئىختىيارسىز كولدۇرلايدىكەنمىز، ئىختىيارسىز ئۇسۇل ئوينايدىكەنمىز. " ئەر يەكلىگەننى ئەلمۇ يەكلەپتۇ" دىگەندەك ئاخىر بېرىپ ھەسرەت ئۇچىقىغا تۇترۇق بولىدىكەنمىز. بىز نىمە ۋەجىدىن ئۆز خۇشاللىغىمىزنىڭ ئاچقۇچىنى ئەرلىرىمىزنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويىدىغاندىمىز؟...» پەزىلەت ئويلىغانسېرى پىغانى ئۆرلەپ ئۆزىنى زادىلا بېسىۋالالماي قالدى. ئۇ مىجەز-خارەكتىر دىگەن تۇراقلىق نەرسە، ھېسيات ئۆزگەرسىمۇ خارەكتېر ئۆزگەرمەيدۇ دەپ قارايتتى. ئۇنىڭ نەزىرىدە كامىل تولىمۇ ئاق كۆڭۈل، ۋاپادار ھەم مەسئۇلىيەتچان ئەر ئىدى، ھەر ۋاقىت پاكلىقنى، دىيانەتنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيتتى، ئۆزىگىمۇ- ئۆزگىگىمۇ قاتتىق تەلەپ قوياتتى، ئۇ كامىلنىڭ مۇشۇ مىجەزىنى مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ دەپ ئىشىنەتتى، ئەمما ھېسىيات دىگەننىڭ ۋاقتقا، شارائىتقا قاراپ ئۆزگىرىپ تۇرىدىغانلىغىنى، مىجەز خارەكتىر دىگەننىڭمۇ ھىسياتقا ئەگىشىپلا يولغا چىقىدىغانلىغىنى، شۇنچىۋالا مەسئۇلىيەتچان، غورۇرى كۈچلۈك بىر ئەرنىڭ كىشىنىڭ ئەقلى يەتمىگۈدەك دەرىجىدە تۇترۇقسىزلىشىپ چېكىدىن ئاشقان گۇمانخور، مۇستەبىت بىر ئەرگە ئايلىنىپ قالىدىغانلىغىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى. بىر جۈپ ئەر-ئايال تۇرمۇش قۇرغىچە بولغان يىگىرمە نەچچە يىل ۋاقىتنى باشقا - باشقا ئائىلە، باشقا - باشقا مۇھىت ئىچىدە ئۆتكۈزۈپ ئاندىن توي ئاتلىق بىر رەسمىيەت بىلەنلا بىرگە ياشاشقا باشلىغان ئىكەن ئەلۋەتتە بەزىدە بىر- بىرىنى چۈشەنمەيدىغان ئەھۋاللار ۋە چوڭ-كىچىك زىدىيەتلەرنىڭ بولۇپ تۇرۇشى دىگەن نورمال ئەھۋال. شاۋقۇنسىز ئاقىدىغان دەريا بولمىغىنىدەك، تىنىچ -خاتىرجەم ئۆتىدىغان كىشىلىك ھاياتمۇ بولمايدۇ، تىپتىنىچ تۇرمۇشمۇ كىشىگە ھېچقانداق يېڭىلىق تۇيغۇسى بېرەلمەيدۇ. پەزىلەت ئەر- ئايال ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا رەنجىشىپ قېلىشلارنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئانچە ۋايىم يەپ كەتمەيتتى، چۈنكى « ئەر- ئايالنىڭ جېدىلى بىر كېچىدىن ئاشماس» دىگەندەك، ئۇلار جىدەللىشىپ قالغاندىن كېيىن ئۆز- ئارا ئەھۋال چۈشەندۈرۈپ، ئەپۇ سورۇشۇپ قايتا ياراشقاندا بولسا كۆڭۈللەر خۇددى يامغۇردىن كېيىنكى ئاسماندەك سۈزۈلۈپ، سۆيگۈ ئېقىنى تېخىمۇ ئۇلغىيىپ، مۇناسىۋەت قايتىدىن مۇستەھكەملىنەتتى. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئەر- ئايال ئىككىسىنىڭ ئاشۇ ئازارلىشىشى ۋە قايتىدىن يارىشىشلىرىدا باشقىچە لەززەت، باشقىچە تەم، باشقىچە مۇھەببەت باردەك تۇيۇلاتتى. ئىلگىرى ھەقىقەتەن شۈنداق ئىدى، ئەمما يېقىندىن بۇياىقى ئازارلىشىشلار كۈندىن- كۈنگە كۆپىيىپ، كۈندىن-كۈنگە كەسكىنلىشىپ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەيدا بولغان ھاڭ بارغانسېرى كېڭىيىپ تولدۇرغىلى بولمايدىغان ھالەتكە يەتكەن ئىدى. پەزىلەت خەنزۇچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان بىر ماقالىسىدا « ئۈچ ھەپتە سىنىشىدۇ، ئۈچ ئاي مۇھەببەتلىشىدۇ، ئۈچ يىل سوقۇشىدۇ، ئوتتۇز يىل سەۋرى تاقەت بىلەن ئۆتىدۇ... شۇنىڭدىن كېيىن بۇ تارىخنى بالىلار تەكرارلايدۇ، مانا بۇ - نىكاھ » دىگەندەك مەزمۇنلارنىڭ بارلىغىنى ئېسىگە ئالدى. ئەھۋال ھەقىقەتەن شۇنداق بولىدىغان بولسا نىكاھ دىگەن بۇ نەرسىنىڭ ئارزۇلىغىدەك ھېچقانداق يېرى يوق بولۇپ چىقاتتى. ئەمما بۇنداق دېيىش بىلەنلا نىكاھنىڭ ئۇلۇغلىقىنى، مۇقەددەسلىكىنى چەتكە قاققىلى بولمايتتى. ئۆتمۈش بىلەن ھازىرنى ۋە كەلگۈسىنى ئوخشاشلا بىر تاياقتا ھەيدەشكە تېخىمۇ بولمايتتى. چۈنكى ئۇنىڭ كامىل بىلەن بىرگە ياشىغان ئىلگىرىكى كۈنلىرى ئۇنىڭغا بىر ئايال مۇھتاج بولغان ھەممە بەختنى، خۇشاللىق ۋە سۆيگۈنى ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ بەخش ئەتكەن ئىدى، ئۇ ھەر قانچە قىلىپمۇ ئۆتكەن شىرىن كۈنلەرنى ئېسىدىن چىقىرالمايتتى. ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭغا ئاشىق بىقارار بولۇپ سۆيگۈ تىلىگەن كامىل ھېلىھەم شۇ ئىدى، « سىزگە بولغان مۇھەببىتىم مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ» دەپ ۋەدىلەر بەرگەن ئىدى. ئەمما شۇ قىزغىن مۇھەببەت، ئوتلۇق ھىسيات، تاغدەك قەسەم-ۋەدىلەرنىڭ تامامەن ئۇنتۇلۇپ بۇنچىلىك تىز، بۇنچىلىك زور دەرىجىدە ئۆزگۈرۈپ كىتىشى پەزىلەتنى بەكمۇ ھەيران قالدۇردى. «ئۇ جانان چىنە بولسا مەن كوزا پۇچىقى ئەمەستە، مەنمۇ ئاتا-ئانامنىڭ ئەتىۋارلىق بالىسىغۇ، مەن بۇ دۇنياغا خورلىنىش، دەپسەندە قىلىنىش ئۈچۈنلا كەلمىگەن بولغىيتتىم، مەن مۇشۇ كەمگىچە ھەممىگە چىداپ كەلگەن، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭدىن ۋاپا، ياخشىلىق كۈتۈشنىڭ ئۆزى ئۈششۈك ھەرىسىدىن ھەسەل تاما قىلغاندەك تولىمۇ مەنىسىز بىر ئىش ئىكەن ئەمەسمۇ. ئەتتىگەن چاندىر يېزىسىغا كەتتىم دىگەن ئادەم بۈگۈن ئاللىقاياقلاردا لاغايلاپ يېرىم كېچىدىن ئاشقاندا خۇددى ئوغرىدەكلا قايتىپ كېلىشلىرى نىمە ۋەجىدىن؟ شۇنچە يىللىق ئەر-ئايال تۇرۇپ تۇرغان-ماڭغان جايلىرىمىزنى ئۆز-ئارا بىلىشمەيدىغان دەرىجىگە بېرىپ-يەتكەن تۇرۇغلۇق يەنە نىمە ئۈچۈن بىللە ياشاۋېرىمىز؟ بۇ ئۆي ئۇنىڭ نەزىرىدە بىر قونالغۇدىن باشقا نەرسە ئەمەسكەن، ئۇنداقتا مەن زادى نىمە؟ ئۇنىڭ مېنى شۇنچە خورلىشىغا، دۇمبالىشىغا چوقۇم پۇت تىرەپ تۇرغىدەك بىر سەۋەب كېرەك، خاتا ئۇرۇلغان ئاشۇ بىر تېلفۇن ئۈچۈن شۇنچە ئۆكتەملىك قىلسا بولامدۇ، دېمىسىمۇ يېقىندىن بېرى بۇنداق خاتا ئۇرۇلغان تېلفۇنلار كۆپىيىپ قېلىۋاتىدۇ، بەزىدە تېلفۇن جىرىڭلايدۇ، ئالسام گەپ يوق، ئامالسىز قويىۋېتىمەن. سەۋەبسىزلا قارىغا كەتسەممۇ بولماس، باشقىسىنى سۈرۈشتۈرەلمىسەممۇ تۈنۈگۈن كېچە «ئەلى» نى ئىزدەپ ئۇرۇلغان ئاشۇ خاتا تېلفۇننىڭ ئىگىسىنى تېپىپ ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى ئېنىقلاپ، ئۆزۈمنىڭ گۇناھسىزلىقىنى ئىسپاتلىشىم كېرەك...»
ئەتىسى پەزىلەت ئۆيلەرنى بىر قۇر يىغىشتۇرۇپ بولۇپ، قىزىنى ناشتا قىلدۇرۇپ مەكتەپكە يولغا سالاي دەپ تۇرىشىغا، ئەمدىلا تازىلىق ئۆيىدىن چىققان كامىل:
- پەزىلەت، تۈنۈگۈن ئىدارىدىكى ئىش تۈگىمىگەن ئىدى، بۈگۈن ماڭىمەن. ئۆينىڭ جاپاسى يەنە ساڭا قالىدىغان بولدى، پۇرسەت بولسىلا قايتىپ كېلىمەن، ئارلىقتا تېلفۇندا كۆرۈشۈپ تۇرايلى،- دىدى ئاندىن قىزىغا بۇرۇلۇپ،- قىزىم، مىنى سۆيۈپ قويۇڭ،- دىدى. پەزىلەت ئېرىنىڭ بىر كېچىدىلا كۆرىنەرلىك ئۆزگەرگەن مۇئامىلىسىگە ھەيران بولۇپ قاراپلا قالدى. چوڭلارغا قارىغاندا بالىلار مۇھىتنىڭ ھەر خىل ئۆزگىرىشلىرىگە ئاسانراق ماسلاشسا كېرەك، يۇلتۇز غۇلىچىنى ئېچىپ، دادىسىنىڭ بوينىدىن مەھكەم قۇچاغلاپ چوكۇلدىتىپ بىر نەچچىنى سۆيىۋەتكەندىن كېين:
- دادا، سىز بارىدىغان چاندىر يېزىسى چىرايلىقمۇ؟ ئۇ يەرگە مىنى قاچان ئاپىرىسىز؟ - دەپ سورىدى.
- ئەلۋەتتە چىرايلىق، دەم ئېلىش كۈنى مەن كېلەلمەي قالسام ئاپىڭىز بىلەن بىللە بېرىڭ، بولامدۇ قوزام؟
- ماقۇل دادا.
- قىزىم، ئەمدى ماڭمىساق كېچىكىپ قالىمىز،-دىدى پەزىلەت ئالدىرىغان ھالدا، قىزى دادىسىنى يەنە بىر نەچچىنى سۆيىۋەتكەندىن كېيىن:
- دادا، خوش!- دېدى.
-خوش قىزىم. پەزىلەت، خوش ئەمىسە، ئۆزەڭنى ئاسرا!،- ئىشىكنى ئېچىپ سىرتقا چىقىشقا تەمشىلىۋاتقان پەزىلەت ئېرىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، بېشىنى شارتتىدە بۇراپ، ئۆزلىرىگە قىيالمىغاندەك قاراپ تۇرغان ئېرىىنىڭ چىرايىغا قارىدى، قانداق تېز قارىغان بولسا يەنە شۇنداق تېزلىك بىلەن نەزىرىنى يۆتكەپ دىلىغۇللۇق، گاڭگىراش، ھەيرانلىق ئىلكىدە ئاستا چىقىپ كەتتى. پەزىلەت قىزىنى مەكتەپكە ئاپىرىپ قويۇپ، ئۇدۇل خىزمەت ئورنىغا كەلدى. ئۇنىڭ ئىككىنچى يىللىق ئوقۇغۇچىلارغا ئىككى سائەت دەرسى بار ئىدى، دەرسلىك كىتاپ ۋە تاييارلىقلىرىنى كۆتىرىۋالغان پەزىلەت سىنىپ ئالدىغا كېلىپ بىر پەس توختاپ، چوڭقۇر نەپەس ئالدى، ئۇ شۇ ئارقىلىق بارلىق ئازاپ ۋە روھى بېسىملارنى ئۆزىدىن سەل يىراقلاشتۇرماقچىدەك قىلاتتى. ئۇ كۆكسىنى تولدۇرۇپ بىر نەچچە قېتىم چوڭقۇر نەپەس ئېلىۋەتكەندىن كېيىن، ھەممىنى ئۇنۇتقان ھالدا سىنىپقا مېھرىبان ئۇستازلارغا خاس ئىللىق تەبەسسۇم بىلەن كىرىپ كەلدى. ئۇ ئەما يازغۈچى خاررى.كەيلۇننىڭ جاپا-مۇشەقەتنى يېڭىپ ئىجتىھات بىلەن ئۆگۈنۈشتەك تەسىرلىك ئىش-ئىزلىرى بايان قىلىنغان دەرسلىكنىڭ تىكىستىنى كىشىلىك دۇنيا، رىئال جەمئىيەت بىلەن چەمبەرچاس باغلىغان ھالدا ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ بولغاندىن كېين، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەشەككۈر، ھۆرمەت سالىمى ئىچىدە سىنىپتىن ئۇزىدى. بۈگۈن ئەمدى ئۇنىڭ دەرسى يوق ئىدى، ئۇ مۇدىردىن رۇخسەت سوراپ، پوچتىخانىدا ئىشلەيدىغان دوستى شەمسىيەنى ئىزدەپ كەلدى. ئۇ ئائىلىسىدە يۈز بەرگەن كۆڭۈلسىزلىكنى قىسقىچە قىلىپ سۆزلىگەندىن كېيىن ھېلىقى تېلفۇن ئىگىسىنى سۈرۈشتۈرۈپ بېرىشنى ئېيتتى.
-بۇنداق قىلىشنىڭ كەسپى تۈزۈمىڭلارغا خىلاپ ئىكەنلىگىنى بىلىمەن. بىراق، ۋىجدان نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا سەن بىر دوستۇڭغا ياردەم قىلىپلا قالماستىن بەلكى ئەمدىلا يەتتە ياشقا كىرگەن بىر سەبى قىزنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىنى قۇتقۇزۇپ قالغان بولىسەن. سەندىن ئۆتۈنەي دوستۇم، ياردەم قىل!
- بۇ يەردە ئىشلەپ تۇرۇپ شۇنچىلىك ئىشقا ياردەم قىلالمىسام قانداقمۇ سېنىڭ دوستۇڭ بولاي. خاتىرجەم بول!
شەمسىيە مۇشۇ ئايدا پەزىلەتنىڭ تېلفۇنىغا كەلگەن بارلىق نومۇرلارنى چىقىرىپ بەردى. پەزىلەت تۈنۈگۈن كېچە سائەت بىردىن 22 مىنۇت ئۆتكەندە كەلگەن نومۇرنى كۆرۈپ، بۇ نومۇرنىڭ ئۆزى ئۈچۈن پۈتۈنلەي ناتونۇش ئىكەنلىگىنى ئېيتتى.
- ھەي، بۇ - ناھىيىلىك دوختۇرخانا ئىچكى كېسەللەر بۆلۈم مۇدىرى ئىشخانىسىنىڭ نومۇرى ئىكەنغۇ،- دىدى شەمسىيە،- توختاپ تۇرە، مەن تۈنۈگۈن كېچە بۇ بۆلۈمدە قايسى دوختۇرنىڭ ئىشلىگەنلىگىنى بىر دەمدىلا ئېنىقلىيالايمەن،- شەمسىيە شۇنداق دىگەچ دوختۇرخانىدا ئىشلەيدىغان بىر تونۇشىغا تېلفۇن ئۇرۇپ سۈرۈشتۈردى،- ھە، ئەلى دوختۇر دىدىڭما؟ تۈنۈگۈن كېچە ئەلى دوختۇر ئىشلىگەنمىتى؟ ئۇ كېچىسى بۇ بۆلۈمدە يەنە باشقا ئەرلەرمۇ ئىشلىگەنمۇ؟ ئەلى دوختۇردىن باشقا ئەر يوقمۇ؟ ئايال سېستىرا ئىشلىگەنمۇ؟ ھە، بىلدىم. ئەشۇ ئەلى دوختۇر بىلەن كۆرىشىدىغان مۇھىم ئىشىم بار ئىدى، يانفون نومۇرىنى ئېيتىپ بېرەلەمسەن؟ ھە... ھە ، يېزىۋالدىم. رەھمەت ساڭا!
پەزىلەت ھەيران قالدى. تېلفۇن ئۇرغان ھېلىقى ئەر دەل «ئەلى» نى ئىزدەيمەن دىگەن ئىدىغۇ، بۇ زادى قانداق ئىشتۇ؟
- ئىزدەپ بېرىپ كۆرۈشەمسەن يا تېلفۇندا سۆزلىشەمسەن. نېمە قىلساڭ قىلىپ ئىشنى ۋاقتىدا ئېنىقلىۋەت،- دەپ يول كۆرسەتتى دوستى ئۇنىڭغا. پەزىلەت دەسلەپتە سەل ئىككىلەندى. ئەمما بۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلىشنى ئويلىغان ئىكەن، ئۇ ھالدا نەتىجىسىنى چىقارماي تۇرۇپ بەل قويىۋەتمەسلىك نىيىتىگە كەلدى. پەزىلەت ئۆزىگە -ئۆزى غەيرەت بېرىپ ھېلىقى نومۇرنى باستى:
- ۋەي!،-دىدى قارشى تەرەپ تېلفۇن ئۇلىنىشىغا.
- ۋەي، ياخشىمۇ سىز؟،-دىدى پەزىلەت.
- ياخشىمۇ سىز، سىز كىمۇ؟- دىدى قارشى تەرەپ. « شۇ، ھېلىقى كېچىسى تېلفۇن تۇرۇپكىسىدىن ئاڭلانغان ئاۋازنىڭ ئۆزى دەل شۇ!».
- مەن...  مەن ئەلى دوختۇرنى ئىزدەيتتىم.
- مەن شۇ، بىرەر ئىش بارمىدى؟
پەزىلەت سەل تۇرىۋالغاندىن كېيىن:
- بىز بىر يۈز كۆرۈشسەك بوپتىكەن، مىنىڭ ئىسمىم پەزىلەت. سىز بىلەن سۆزلىشىدىغان ناھايىتى مۇھىم بىر ئىش بار ئىدى،-دېدى.
- زادى كۆرۈشمىسەك بولمايدىغان شۇنچىۋالا مۇھىم ئىشمىدى-ئۇ؟
- شۇنداق!- دىدى پەزىلەت كېسىپلا.
- ئەمىسە قاچان كۆرۈشىمىز؟
- ھازىرلا كۆرۈشەيلى، مەن سىزنى پوچتىخانىنىڭ ئۇدۇلىدىكى « مەرھابا» تېز تاماقخانىسىدا كۈتىمەن. تىزراق كېلەرسىز!
- ماقۇل، ھازىرلا باراي.
پەزىلەت تېلفۇننى قويۇپ دوستىغا:
- بىللە بارايلى، بولامدۇ؟،-دىدى.
- ئەڭ ياخشىسى يالغۇز بارغىن. قارا، چۈش بولاي دەپ قالدى، يۇلتۇزدىن ئەنسىرىمە. مەن ئىككى بالىنى ئۆزەم ئەكىلىپ تاماق يىگۈزۈپ يولغا سالاي. ئەگەر ماڭا ھاجىتىڭ چۈشىدىغان ئىش بولۇپ قالسا تېلفۇن قىلارسەن. خوش، ھېلى كۆرىشەيلى. بەزىدە ھەممە ئىشنى سىلىقلىق بىلەن ھەل قىلىمەن دەپ كەتكىلى بولمايدۇ، زۆزۈر تېپىلغاندا قاتتىقراق بولارسەن.
پەزىلەت كىرىپ كېلىۋاتقان ئوتتۇرا بوي، گەۋدىلىك بۇ يىگىتنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان ئىدى. ئۇ رەسمىيەت يۈزىسىدىنلا ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭغا سالام قىلدى. ناتونۇش « ئەلى» پەزىلەتنىڭ سالىمىنى ئىلىك ئالغاچ، ئۇدۇلدىكى ئورۇندۇققا ئولتۇرىۋېتىپ:
- بىر قارىسام تونۇشتەك، يەنە بىر قارىسام ناتونۇشتەك كۆرىنىسىز. بىز ئىلگىرى كۆرۈشكەنمۇ؟- دەپ سورىدى. ئائىلىسىدە يۈز بەرگەن كۆڭۈلسىزلىكلەر ئېسىگە كېلىپ پەزىلەتنىڭ غۇژژىدە ئاچچىغى كەلدى.
- ئىلگىرى كۆرۈشمىگەن، ئەگەر كۆرۈشكەن بولساق سىزگە ئاللىبۇرۇن روھى كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا كۆرۈنۈپ بېقىش تەكلىۋىنى بەرگەن بولاتتىم.
- بۇ...ب ۇ نىمە دىگىنىڭىز؟
- نىمە دىگەنلىگىمنى ھازىرلا بىلىپ قالىسىز. سىز تۈنۈگۈن كېچە بىزنىڭ ئۆيگە تېلفۇن ئۇرۇپ « ئەلى»نى ئىزدەيدىغانلىغىڭىزنى ئېيتقان ئىدىڭىز، بۈگۈن سۈرۈشتۈرسەم ئەلى دىگەن سىز ئىكەنسىز. ئۆزىڭىزنى ئاللىقاياقلاردا يوقۇتۇپ قويۇپ ئېسىڭىزدە يوق بىزنىڭ ئۆيدىن ئىزدىگىنىڭىزگە قارىغاندا راستىنلا خاتىرىڭىزنى يوقاتقان ئوخشايسىز. ئاشۇ قاملاشمىغان ئىشىڭىز تۈپەيلىدىن بىزنىڭ ئائىلىدە ئورنىغا كەلتۈرۈش مۈمكىن بولمايدىغان چوڭ كۆڭۈلسىزلىك يۈز بەردى، سىز شۇ بىمەنە ئىشىڭىزنىڭ سەۋەبىنى ماڭا چۈشەندۈرۈپ بېرەلەمسىز؟
يىگىت كۆزلىرىنى چەكچەيتكىنىچە پەزىلەتنىڭ چىرايىغا بىر ھازا قاراپ تۇرىۋەتكەندىن كېيىن:
- سىز... سىز كامىلنىڭ ئايالى بولامسىز؟-دەپ سورىدى.
- شۇنداق! سىز يولدىشىم كامىلنى قانداق تونۇيسىز؟
- ئەمىلىيەتتە مەن سىزنى تونىمىغانغا ئوخشاش كامىلنىمۇ تونىمايمەن. ئەستا، نىمە دىسەم بولار؟ مەن بۇ ئىشلارنى سىزگە بىر ئېغىز گەپ بىلەنلا چۈشەندۈرۈپ كېتەلمەيمەن. ئەڭ ياخشىسى چاي ئىچكەچ پاراڭلىشايلى. قېنى، چاي ئىچىڭ! - يىگىت ئىككى پىيالىگە چاي قۇيۇپ بىرىنى پەزىلەتنىڭ ئالدىغا قويغاندىن كېين كۈتكۈچىنى چاقىردى.
- نىمە يىگۈڭىز بار؟ - دەپ سورىدى پەزىلەتكە قاراپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن.
- ئاۋارە بولماڭ، مېنىڭ بىر نىمە يىگۈم يوق، سىرتتا كۆرۈشۈش بىئەپ بولغاچقىلا مۇشۇ يەرگە كىرىشكە مەجبۇر بولدۇم،- دىدى پەزىلەت سوغۇقلا.
- ئۇنداقتا قانداق بولىدۇ؟ تىرىك ئادەملەر بولغاندىكىن ئاز-تولا بىر نىمە يىگەچ ئولتۇرايلى. بۇنىڭ پاراڭلىشىشىمىزغا ھېچقانداق دەخلىسى بولمايدۇ،- يىگىت شۇنداق دىگەچ تاماق بۇيرۇتتى.
- ئىسمىم ئەلى، ئىچكى كىسەللەر دوختۇرىمەن. ئۆزەمنى سىز ئېيتقاندەك روھى كېسەل ئەمەس بەلكى ساغلام بىر ئادەممەن دەپ قارىساممۇ لېكىن، شۇ تاپتا ئالدىڭىزدا ئۆزەمنى راستىنلا بىر كېسەل ئادەمدەك ھىس قىلىۋاتىمەن. ھەي، نىمە دىسەم بولار؟ ھەممىسى ئۆزەمنىڭ كۆڭۈلچەك، ھىسياتچان، ئەخمەق، گالۋاڭلىغىمنىڭ سەۋەبى. مەن تېخى كامىل دىگەن ئۇ ئاداشنىڭ ئايالىنى ئىنتايىن بەتبەشرە، ھازازۈل، ئالۋاستىدەك بىر ئايال دەپ تەسەۋۋۇر قىلاتتىم. ھەي، سىزنى كۆرمەي، چۈشەنمەي تۇرۇپ نىمىشقىمۇ باشقىلارنىڭ گېپىگە ئىشەنگەندىمەن؟ راستىنى ئېيتسام بۇ ئىشلارنى سىزگە بىر-ئىككى ئېغىز گەپ بىلەنلا چۈشەندۈرۈپ بولالمايمەن. ئەڭ ياخشىسى ئۆزەم ئاڭلىغان، بىلگەن، ئارلاشقان ئىشلارنى باشتىن باشلاپ تولۇغى بىلەن سۆزلەپ بېرەي. شۇغىنىسى بۇ ئىشلار كۆڭۈلنى تولىمۇ غەش قىلىدىغان كۆڭۈلسىز ئىشلار. بىلمىدىم، سىزدە بۇ گەپلەرنى ئاخىرىغىچە ئاڭلىيالىغۇدەك جۈرئەت بارمىكىن؟
پەزىلەت يىگىتنىڭ چىرايىغا مىختەك قادىلىپ تۇرۇپ:
- مېنىڭ چىدامچانلىغىمدىن ئىمتىھان ئالماقچىمۇ سىز؟ ئىمتىھان ئېلىش مېنىڭ كەسپ دائىرەمدىكى ئىش. مەن 30 يىللىق بۇ ھاياتىمدا نۇرغۇن ئىسسىق-سوغۇق، ئەگرى-توقاي سەرگۈزەشتىلەرنى، تۇرمۇش سىناقلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ پولاتتەك تاۋلانغان بىر ئايالمەن. مەن ھەتتا بەزىدە تۇرمۇش سەپىرىمدە ئۆزەم ئۆتكەن كۆۋرۈكلەرنى باشقىلار ماڭغان يوللاردىنمۇ ئۇزۇندەك ھىس قىلىمەن. مۇنداقچە ئېيتقاندا مەن يېشىمدىن ھالقىغان بىر تۇرمۇش ساۋاقلىرىغا ئىگىمەن. قېنى، سۆزلەۋېرىڭ. ئۈستۈمگە تاغ يىقىلىپ چۈشمەيدىغانلا بولسا ئۇنىڭدىن باشقا ھەممىسىگە چىدىيالايمەن،- دىدى.
كۈتكۈچى قىز تاماقلارنى ئەكىرىپ قويۇپ چىقىپ كەتتى.
- مەن پەيدا قىلغان كۆڭۈلسىزلىك تۈپەيلىدىن ئىككى كۈندىن بۇيان گېلىڭىزدىن تاماقمۇ ئۆتمىگەندەكلا تۇرىدۇ. چىرايىڭىز تاتىرىپ قاپتۇ. قۇرۇق تاغار ئۆرە تۇرمايدۇ، ئېلىڭ، ئاۋال تاماق يەڭ. مانا، مەن ئالدىڭىزدا تۇرۇپتىمەن. تاماق يەپ كۈچ -ماغدۇرىڭىزغا تولۇپ ئاندىن ماڭا تون پىچىڭ. بولامدۇ؟
ئەلى ئېيتقاندەك ئىككى كۈندىن بېرى ئۇ ئوڭلاپ بىر نىمە يىمىگەن ئىدى. ئۇنىڭچە بولسا ھازىر ھېچنىمە يىمەستىن ئىشلارنىڭ غېزىنى ئۇيان، ئۆردىكىنى بۇيان قىلىۋەتسە ياخشى بولاتتى. ئەمما ئۈ يەنە ئۆزىنى زورىغا بېسىۋېلىپ تائامغا قول سوزدى.
- مەن تىببى مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، قاراقۇم يېزىلىق دوختۇرخانىغا تەقسىم قىلىندىم،- دەپ سۆزىنى باشلىدى ئەلى ۋەزمىن ئاھاڭدا،- ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا كۆڭۈل بېرىپ ۋەدىلەشكەن سۆيگۈنۈم مەن بىلەن يېزىغا بېرىشنى خالىماي ئاللىقانداق ۋاستە بىلەن شەھەردە قالدى ۋە مىنىمۇ شەھەرگە قايتىپ كېلىشكە دەۋەت قىلدى. مەن ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدىلا گۆرەن بەز كېسىلىگە دائىر بىر ئىلمى تەتقىقات ئېلىپ بېرىشنى كۆڭلۈمگە پۈككەن ئىدىم. بۇ كىسەللىك شەھەردىلا ئەمەس، سەھرالاردىمۇ كۆرىلەتتى. شەھەردىكىلەر دوختۇرغا ئوڭاي كۆرۈنەلىگىنى بىلەن سەھرالاردا نۇرغۇن بىمارلار ۋاقتىدا كۆرىنەلمەيتتى، كۆرۈنگەن تەقدىردىمۇ بۇ كىسەلگە كۆپىنچە ھاللاردا خاتا دىئاگنۇز قويۇلۇپ قېلىپ داۋالاش ۋاقتىنى ئۆتكۈزىۋەتكەچكە، داۋالاپ ساقايتىش ئانچە قىيىن بولمىغان بىر كېسەللىكتىن كۈتۈلمىگەن يامان ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقاتتى. ئەگەر مەن تەشكىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە يېزىدا ئىشلەۋەرسەم بىر تەرەپتىن ئۆزەمنىڭ نەدە بىمار بولسا مەن شۇ يەردە دەيدىغان كەسپى بۇرچۇمنى ئادا قىلسام، يەنە بىر تەرەپتىن سەھرانىڭ جىمجىت مۇھىتىدا ئىلمى تەتقىقات ئىشلىرىمنى تېزراق روياپقا چىقىرالايتتىم. شەھەرگە ئارقا ئىشىك بىلەن ئەمەس بەلكى، ئۆز كۈچۈمگە تايىنىپ قايتىشنى ئويلايتتىم. مېنىڭچە ئارقا ئىشىكتىن مېڭىش دەل قولىدىن ئەمەلى ئىش كەلمەيدىغان نانقېپىلارنىڭ قوللىنىدىغان ۋاستىسى ئىدى. مەن ئۇنىڭغا ئويلىغانلىرىمنى شۇنچە چۈشەندۈرسەممۇ ئۇ ئۆز گېپىدە چىڭ تۇرىۋالدى. ئەگەر ئۇ مىنى ھەقىقىي ياخشى كۆرگەن بولسا مەن ھېلىغۇ سەھراغا بارايلى دەپتىمەن، ناۋادا زۆرۈر بولۇپ ئوتقا ياكى سۇغا كىرەيلى دىسەممۇ يېنىدا مەن بولغاندىكىن ئالدى-كەينىگە قارىماي مېڭىشى كېرەك ئىدىغۇ. شۇنداق قىلالىسا مەن ئۇنى راستىنلا ئوتقا ياكى سۇغا باشلاپ كىرەرمىدىم؟! ئۆزەم كۆيۈپ، ئۆزەم ئېقىپ ئۇنى بېشىمدا كۆتۈرۈپ قەدرىنى قىلماسمىدىم؟! دەرۋەقە ئۇزۇن ئۆتمەيلا شەھەر ئۇنى يەپ كەتتى. جۇدالىق ئازاۋى قەلبىمنى ئۆرتەپ تۇرسىمۇ لېكىن بارلىق ئازاپنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، كەسپى ئىشلىرىمغا كىرىشىپ كەتتىم. مانا مۇشۇنداق قىلىپ ھەش-پەش دىگىچە ئالتە يىل ئۆتۈپ كەتتى. بۇ جەرياندا ئۈچ پارچە ئىلمى ماقالەم ئېلان قىلىنىپ، گۆرەن بەز كېسىلىگە دىئاگنۇز قويۇش ۋە ئۇنى داۋالاش جەھەتتىكى يېڭىچە بايقاشلىرىم سەھىيە مۇتەخەسىسىلىرى تەرىپىدىن ئېتراپ قىلىنىپ، شاڭخەيدە ئېچىلغان ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىپ كەلدىم. نۇرغۇن ئورۇنلارنىڭ تەكلىپنامىلىرىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. گەرچە مەن قاراقۇم يېزىسىدا داۋاملىق ئىشلەۋېرىشنى ئويلىغان بولساممۇ لېكن، ئۆتكەن يىلى مىنى يۆتكەپ ناھىيىلىك دوختۇرخانا ئىچكى كېسەللەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلىدى. بۇ يەرگە كەلگەندىن كېين مەن ئۆزەمنىڭ كەسپى ئىشلارغا زىيادە بېرىلىپ كەتكەنلىگىمدىنمۇ ياكى تۇنجى سۆيگۈنۈمنىڭ قەلبىمدە قالدۇرغان جاراھىتى ساقايمىغانلىغىدىنمۇ ئەيتاۋۇر تۇرمۇش ئىشىمنى ئويلىشىشقا زادىلا ئىمكان قالدۇرمىغانلىغىمنى ھىس قىلدىم. بەلكىم خىزمەتتە مەلۇم مۇۋاپىقىيەتنى قولغا كەلتۈرمەي تۇرۇپ باشقا ئىشقا كۆڭۈل بۆلمەيمەن دەپ ئۆز-ئۆزەمگە بەرگەن كۈچلۈك ۋەدەمنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى نىيەت قىلغان بولسام كېرەك. دەرۋەقە ئارزۇيۇم كۈتكىنىمدەك بولمىسىمۇ ھەر ھالدا تۇنجى قەدەمنى ئوڭۇشلۇق بېسىۋالدىم. مەن ئەمدىكى مۇھىم ئىشىمنىڭ تۇرمۇشۇمنى تىزرەك ئورۇنلاشتۇرۇش ئىكەنلىگىنى ھىس قىلدىم. چۈنكى ساۋاقداشلىرىمنىڭ كۆپىنچىسى دىگۈدەك تۇرمۇش قۇرۇپ، پەرزەنتلىك بولۇشقان ئىدى. پەرزەنىت قالدۇرۇپ ھاياتنى ھاياتقا ئۇلاش ئىنسانلار ئۆتەشكە تىگىشلىك مەجبۇرىيەت. بىر چاغدا دادامنىڭ « ئوغۇل بالا دىگەن ئۆي سېلىشنى، خوتۇن ئېلىشنى، كۆچەت تىكىشنى ھەرگىز كېچىكتۈرمىگۈلۈك» دىگىنى يادىمدا. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۆزەمگە جۆرە ئىزدەپ ئەتراپىمدىكى قىزلارغا كۆز سېلىشقا باشلىدىم. بۆلۈمىمىزدە ئىشلەيدىغان مەھلىيا دىگەن قىز كۆڭلۈمگە يېقىپ قالدى. ئۇمۇ ماڭا باشقىچە ئىللىق مۇئامىلە قىلاتتى، مەن بىر پەيتىنى تېپىپ ئۇنىڭغا تەلەپ قويدۇم. ئۇ ئويلىنىپ ئولتۇرمايلا تەلىۋىمنى رەت قىلىۋەتتى. سەۋەبىنى سورىسام ئۇ دەسلەپتە دېگىلى ئۇنىمىدى، كېين ھەممىنى دەپ بەردى:
- مەن ناھىيىلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتىمدا ئەنۋەر ئىسىملىك بىر يىگىت بىلەن بىر سىنىپتا ئوقۇغان ئىدىم. بىز شۇ چاغدىن باشلاپلا بىر-بىرىمىزنى ياخشى كۆرۈشەتتۇق. ئۇ شىنجاڭ پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىغا ئوقۇشقا كەتتى. ئىمتىھان مەزگىلىدە دادامنىڭ قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچرىشى بىلەن مېنىڭ تەقدىرىم پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ كەتتى. قايتا ئوقۇشقا رايىم بارمىدى، ئانام ماڭا ۋىلايەتلىك تىببىي مەكتەپتىن چاقىرىق تېپىپ بەردى. مەن سېستىرالىقتا ئۈچ يىل ئوقۇپ جەمئىيەتكە چىققان ۋاقتىمدا ئەنۋەرنىڭ يەنە ئۈچ يىللىق ئوقۇشى بارئىدى. ئۇنى ھېلىغۇ ئۈچ يىلكەن ھەتتا بىر ئۆمۈر كۈتۈشكىمۇ رازى ئىدىم، بىراق تەقدىر ئادەمنىڭ ئارزۇسىغا باقمايدىكەن. ئانام شۇنچە يول مېڭىپمۇ مېنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرالمىدى. بىر مەزگىل شەخسىي دوختۇرخانىلاردا ئىشلەپ يۈردۈم. ھەر قېتىم بىرەر ئورۇنغا تىببى خادىم ئالىدىكەن دېسە بىرىنچى بولۇپ تىزىمغا ئالدۇرااتتىم، ئىمتىھاننىغۇ خېلى ياخشى بېرەتتىم. ئەمما نىمىشقىكىن باشقىلار ئۆتۈپ مەن شاللىنىپ قېلىۋەردىم. تۇل خوتۇن، يىتىم قىزنىڭ گېپى ھېچيەردە ئۆتمەيدىكەن. بىر ئائىلىنى قامداش، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئىنىمنىڭ ئوقۇش راسخودىنى تۈلەش، چوڭ ئاناملارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش دېگەندەك ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىچارە ئانامنىڭ زىممىىسىگە يۈكلەنگەن ئىدى. بەلكىم سىز بۇ قەدەر يوقسۇل تۇرمۇشنىڭ ئازاۋىنى چۈشىنىپ كېتەلمەسلىگىڭىز مۈمكىن. بىر كۈنى سەھىيە خىزمىتىگە مەسئۇل باشلىقنى ئىزدەپ باردىم. ئۇنىڭغا ئەھۋالىمنى ئېيىتپ ياردەم سورىدىم. ئۇ مېنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇشقا ئاسانلا ئىپادە بىلدۈردى. بىراق ياخشىلىقىغا چوقۇم ياخشىلىق بىلەن جاۋاپ قايتتۇرۇشىمنى تەلەپ قلىدى. سالپىيىپ قايتىپ كەلدىم. ئارىدىن بىرنەچچە كۈن ئۆتۈپ كەتتى. شۇ جەرياندا كۆپ ئويلاندىم، ئىككىلەندىم، قورقتۇم، بەزى ئىشلار ئىدىيەمدىن زادىلا ئۆتمىدى. نىمىشقا بۇنداق ئىشلارنى بىجىرىدىغانغا ئەخلاقلىق، دۇرۇس، ئېسىل ئادەملەرنى قويمايدىغاندۇ دەپ قاخشىدىم. شۇنداقتىمۇ زىيادە بېسىم تۈپەيلىدىن سالامەتلىگى كۈندىن-كۈنگە ناچارلىشىۋاتقان ئانامغا قاراپ ئىچىم سىرىلىپ كەتتى. ئاخىر بېشىمنى ئېگىپ ھېلىقى باشلىقنىڭ ئالدىغا باردىم، ئۇ ئەتىسىلا مېنى مۇشۇ دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى. ئىشقا ئورۇنلاشقىنىمنى ئەنۋەرگە ئېيتقىنىمدا ئۇ مېنى تەبرىكلىدى ۋە ئۆزىنى كۈتكەن ۋاپادارلىغىم ئۈچۈن كەلگۈسىدە ماڭا ياخشى جاۋاپ قايتتۇرىدىغانلىغىنى ئېيتتى. مەن ئۇنىڭ ياخشى جاۋابىغا نائىل بولالىغۇدەك ۋاپادارلىق كۆرسىتەلىدىممۇ؟ بۇ ھالىم بىلەن ئۆزەم ياخشى كۆرگەن يىگىتكە قانداقمۇ يۈز كېلەلەي؟ ئاخىر ھېچقانداق چۈشەنچە بەرمەيلا ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كەتتىم. ئۇ مەن قالدۇرغان ئازاپنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ مانا ھازىر ئاسپىرانىتلىقتا ئۆرلەپ ئوقۇۋاتىدۇ، مەن بولسام بىر كۈن ئۆتسە بىر كۈن غەنىمەت دەپ ياشايدىغان، ئەتىدىن ھېچقانداق ئۈمىدى قالمىغان بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالدىم. مۇنداقچە ئېيتسام مەن ئۆز ئاچقۇچى قەيەرلەردىدۇر تاشلىنىپ قېلىپ قالايمىقان ئاچقۇچ سېلىۋېرىش نەتىجىسىدە بۇزۇلغان قۇلۇپقا ئوخشايمەن. سىزگە ئەسلا ماس كەلمەيمەن. مېنى كەچۈرۈڭ!
قىزنىڭ گەپلىرى مېنى گادىرماچ خىياللارغا ئەسىر قىلدى. بۇ قىز ئۆزىنى « بۇزۇق» دېسىمۇ ئەمما مېنىڭ ئۇنى بۇزۇق دېگۈم كەلمەيتتى. ئەسلىدە ئۇ ئاجايىپ پاك بىر قىز ئىدى. ھېلىقى ناكەس ئەمەلدار ئۇنى نابۇت قىلدى. ناۋادا ئۇ بۇ قىزنى دەپسەندە قىلىشنىڭ ئورنىغا خەيرىخاھلىق بىلەن بېشىنى سىلاپ قويغان بولسا بىر قىز، بىر ئانا، مىللەتنىڭ بىر ھۈجەيرىسى ئامان قالغان بولاتتى. قىزنىڭ ئەخلاق جەھەتتىكى تۇيغۇلىرىغا دەز كەتمىگەن، ئادەملەر ئۇنىڭغا مېھرىبان، دۇنيا تولىمۇ گۈزەل كۆرۈنگەن، ئۇمۇ مېھرى- مۇھەببىتىنى پۈتۈن كائىناتقا، سۆيگۈ- مۇھەببىتىنى ئۆز ئاشىقىغا بەخش ئەتكەن، قىسقىسى دۇنيا مۇھەببەت بىلەن تولغان بولاتتى. ئەپسۇس... نىمىلا بولمىسۇن قىزنى بۇ ھالەتتە تاشلاپ قويغىلى بولمايتتى. مەن بىردىنلا ئۇنى قۇتقۇزۇپ قېلىش نىيىتىگە كەلدىم. مەن بىر ئادەمنى بولسىمۇ ئەگرى يولدىن قايتۇرالىسام جەمئىئەتتىكى ئەخلاقسىزلىق زەررىچىلىك بولسىمۇ ئازىيىدۇ. پاك ھەم ئەخلاقلىق قىزنىغۇ ھەر قانداق ئادەم سۆيەلەيدۇ، ئەمما ئەخلاقىنى يوقاتقان بىر قىزنى پۈتۈن مېھرى بىلەن سۆيۈپ ئۇنى توغرا يولغا يىتەكلەش ھەرقانداق ئادەمنىڭ قولىدىن كېلىۋېرىدىغان ئىش ئەمەس. بۇنى مەسئۇلىيەتچان، قەلبى ئىنسانىي مېھرى- مۇھەببەت بىلەن سۇغۇۇرلغان ھەقىقى ئەركەكلەرلا قىلالايدۇ... بۇ خىياللاردىن كېين كۆز ئالدىم بىردىنلا يورۇغاندەك بولدى:
- ئۆتمۈشىڭىز بىلەن كارىم يوق. سىزنى ئەمرىمگە ئالغىنىم ئالغان، چۈنكى مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن،-دىدىم تولىمۇ ئالىجاناپ بىر قىياپەتتە. ئۇ گۇمانسىراش ھەم ھەيرانلىق نەزىرى بىلەن چىرايىمغا قاراپ تۇرۇپ، ئاستا بېشىنى چايقىدى.
- بولمايدۇ ئەلى، قەتئى بولمايدۇ. مەن سىزگە لايىق كەلمەيمەن. مىنىڭ نامىم ياخشى ئەمەس، مىنىڭ سەۋەبىمدىن شەنىڭىزگە داغ يىتىپ قالسا ئىستىقبالىڭىزغا تەسىر يىتىدۇ. ئەڭ ياخشىسى ئۆزىڭىزگە چۈشىدىغاننى تېپىڭ، مەن سىزنىڭ خىلىڭىز ئەمەس. ياخشى كۆڭلىڭىزگە رەھمەت! ئەشۇ پىداكارلىغىڭىز بىلەن شۇ تاپتا سىز قەلبىمدىكى ئاق ئاتلىق شاھزادىگىلا ئوخشاپ قېلىۋاتىسىز. بىراق، ھەرقانچە قىلغان بىلەنمۇ مەن مەلىكە بولالمايمەن. بىر دەملىك قىزغىنلىق تۈپەيلىدىن ئۆتمۈشۈمنى قايرىپ قويۇپ مىنى ئەمرىڭىزگە ئالدىڭىزمۇ دەيلى ئەمما سىزنىڭ بۇ ئالىجاناپلىغىڭىزنى جەمئىيەت، كىشىلەر چۈشەنمەيدۇ. ئۇلار مىنى ئالداپ تېگىۋالدى دەپ ماڭا نەپرەتلىنىدۇ. سىزنى كۆزگە ئىلمايدۇ، ئىناۋەت دىگەن بىر ئەر ئۈچۈن ھاياتتىنمۇ مۇھىم. ئىناۋەتتىن ئايرىلىپ قالسىڭىز مۇۋەپىقىيەت قازىنىش پۇرسىتىدىنمۇ ئايرىلىپ قالىسىز. بىر ئۆمۈر ئەرسىز قالساممۇ سىزنى قۇربانلىق قىلغۇم يوق. ئۆزەم كۆڭۈل بەرگەن يىگىتنىڭ پاك سۆيگۈسىنى دەپسەندە قىلغىنىم يەتمىگەندەك بۇ شەرمەندە تېنىمنى سىزگە تاشلاپ بېرەمدىم ئەمدى؟ ئەگەر خالىسىڭىز ماڭا قولىڭىزنى بېرىڭ، ياخشى دوستلاردىن بولۇپ ئۆتەيلى. ئەگەر خالىمىسىڭىز سىزدىن رەنجىشكە ھەققىم يوق.
مەن ھاياتىمدا ساپلا جاھىل قىزلارغا كۆڭۈل بەرسەم كېرەك. شۇنچە سۆزلەپمۇ ئۇنى قايىل قىلالمىدىم. كېيىن ئەتراپتىكىلەر ماڭا ئۇنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى كۆرسىتىپ بەرگەنمۇ بولۇشتى، ئەمما كىشىلەر ئۇنى قانچە يامان دىگەنسىرى مېنىڭ ئۇنىڭغا بولغان قايىللىقىم شۇنچە ئاشاتتى. گەرچە ئۇ ماڭا ياتلىق بولۇشنى خالىمىغان بولسىمۇ لېكىن يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالدۇق. شۇنىڭدىن كېين بىز ئىزچىل ياخشى مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلدۇق، بىز بىر-بىرىمىزگە ھەر جەھەتتىن ياردەم بېرەتتۇق. بەزىلەر ماڭا ئۇنىڭدىن ئۆزەمنى تارتىشىمنى ئېيتتى. ئۇلارنىڭ دىيىشىچە ئۇنىڭ دوختۇرخانا باشلىغى بىلەن چاتىغى بارمىش، ئەگەر دىققەت قىلمىسام يولۋاسنىڭ بۇرۇتىغا دەسسەپ سالارمىشمەن. مەن جاۋابەن باش لىڭشىتىپلا قويدۇم. ئەمما ئۇنىڭغا بولغان قايىللىق، ھۆرمەت ھىسياتىم قىلچە سۇسلاشمىدى. ئۇ نىمە ئىشلارنى قىلىپ يۈرگەن بولىشىدىن قەتئىنەزەر مىنى ئالدىمىدى، راست سۆزلىدى. ئۇ شۇ خىسلەتلىرى بىلەن تۈلكە مىجەز قىزلاردىن كۆپ ياخشى ئەمەسمۇ. يەنە كېلىپ ئۇ مېنىڭ نەزىرىمدە بىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئىدى. بۇنىڭغا جەمئىيەت ۋە بارلىق ئادەملەر مەسئۇل بولىشى كېرەك ئىدى. كېين ئۇ ماڭا ئىشىنىپ ئۆز سىرلىرىنى سۆزلەپ بېرىدىغان بولدى، ئۇنىڭ سىزگە مۇناسىۋەتسىز كەچۈرمىشلىرى توغرىسىدا سۆزلەپ ئولتۇرمىساممۇ بولار، بۇلار ئىچىدە سىزگە مۇناسىۋەتلىك بولغىنى دەل ئېرىڭىز كامىلغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار. مەھلىيانىڭ دىيىشىچە ئۇ ئىككىسى تونۇشۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا سىز توغۇرلۇق بەزى بولمىغۇر گەپ -سۆزلەرنى ئاڭلاپتۇ، كۆڭلىڭىزگە كەلسىمۇ ئاڭلىغىنىمنى ئېيتىۋېرەي.
- كامىل دىگەن بۇ ئەر بەكلا بىچارە ئىكەن،-دىدى مەھلىيا بىر كۈنى پاراڭ ئارلىغىدا،- ئاڭلىشىمچە ئۇنىڭ ئايالى ساپلا چوڭ ئەمەلدارلار بىلەن ئارلىشىدىكەن. تەقدىر دىگەن شۇ ئوخشايدۇ، كامىلدەك ياخشى ئەرگە ئالۋاستىدەك ئاياللارنى، ياۋاش، مەسۇم ئاياللارغا ئىبلىستەك ئەسكى ئەرلەرنى ھەمرا قىلىپ قويىدىكەن.
- كامىل بىلمەمدىكەن؟-دەپ سورىدىم مەن.
- بىلىدىكەن.
- بىلگەندىكىن ئاجرىشىپ كەتسە بولمامدىغاندۇ؟
- ئىشلارنى بەكلا ئاددى ئويلايدىكەنسىز ئەلى،- دىدى ئۇ ماڭا - كامىلمۇ ئەشۇ رودىپاي خوتۇنىدىن ئاجرىشىپلا كېتەلىسە مېنى ئەمرىگە ئېلىشقا ۋەدە بەرگەن. بىراق، ئۇ خوتۇن ئاجرىشىپ كېتىشكە ئۇنامدۇ دەيسىز. ئۇنىڭ ئەمەلدارلار بىلەن قىلغان ناشايان ئىشلىرىنى يوشۇرۇشتا نىكاھ ئەڭ ياخشى توساق بولالايدۇ ئەمەسمۇ. شۇڭا ئۇ ئۆلسىمۇ كامىلدەك يۇۋاش ئەردىن ئاجراشمايدىكەن، بىر ئەر كىشى ئۈچۈن بۇنداق ياشاش نىمە دىگەن ئازاپ. گەرچە مەن ئۇنىڭ ھازازۇل خوتۇنىدىن ئاجرىشالمايدىغانلىغىنى بىلىپ تۇرساممۇ لېكىن يەنىلا ئۇنىڭ دەردىگە ھەمدەم بولۇپ ئارلىشىپ كېلىۋاتىمەن. ئۇنىڭ ئائىلىسىدىن سۇ ئىچمىگەن كۆڭلى سىرتتا بولسىمۇ ئۇسسۇزلۇققا قانسۇن دەيمەن.
مەن ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن قىلچىلىك گۇمانلانماي شەكسىز ئىشەندىم. چۈنكى ئۇ دىگەن بىر راستچىل قىز تۇرسا، بۇ جەھەتتە يالغان سۆزلەپ يۈرۈشى مۇمكىن ئەمەستە. گەرچە سىزنى تونىمىساممۇ لېكن سىز مىنىڭ خىيالىمدا گىرىمنى بولىشىغا قىلىپ، مودا كىيىملەرنى كىيىپ، ئەمەلدارلارغا ئەرمەك بولىدىغان بىر چاكىنا ئايالنىڭ تەسىرىنى قالدۇردىڭىز. شۇ تۈپەيلى كامىلغا ھېسىداشلىق قىلىپ سىزگە نەپرەتلىنىپ يۈرگەن ئىدىم. شۇڭا مەھلىيانىڭ كامىل بىلەن ئارلىشىپ يۈرۈشلىرى ماڭا قىلچىلىك غەيرى بىلىنمىگەن، شۇنداقلا بۇنى دىلى ئازار يىگەن بىر ئەرنىڭ ئېلىشقا تىگىشلىك بەھرى دەپ قارىغان ئىدىم، ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە سىز خىيالىمدىكىگە قىلچە ئوخشىمايدىغان بىر سۈپەت بىلەن ئالدىمدا ئولتۇرۇپسىز. شۇ تاپتا سىزگە بولغان ئەينى ۋاقىتتىكى خاتا تەسەۋۋۇرۇم ئۈچۈن ئۆزەمنى قويارغا يەر تاپالماي قېلىۋاتىمەن.
ئەلى سۆزىنى تۈگىتىپ پەزىلەتنىڭ چىرايىغا قاراشقىمۇ پېتىنالمىغان بىر ھالەتتە بېشىنى ئېگىپ ئولتۇردى، شۇ تاپتا ئۇ خۇددى ھۆكۈم كۈتىۋاتقان جىنايەتچىگىلا ئوخشايتتى. پەزىلەتنىڭ يۈرىگى بوغۇزىغا كەپلىشىپ قالغاندەك، نەپەس ئېلىشقا ھاۋا يىتىشمەيۋاتقاندەك ناھايىتى بىئارام بولدى. « شۇنچە يىل بىر ئۆيدە ئەسرالىشىپ ياشىغان تۇرۇغلۇق كامىلنىڭ مىنى زادىلا چۈشەنمەي قېلىشى مۇمكىنمۇ؟ مەن ئۇنى يۈلەنچۈگۈم، باشپاناھىم دەپ بىلگەندىكىن ئۇمۇ مىنى ماشايىغىم، ۋاپادارىم دەپ بىلىشى كېرەك ئىدىغۇ. ئۇ ئۆزىغۇ ئۇنداق گەپلەرنى قەتئىي دىمەسلىگى، باشقىلار دىگەن ھالەتتىمۇ دەرھال ئۇلارنىڭ دەككىسىنى بېرىپ مىنىڭ نامىمنى قوغدىشى كېرەك ئىدىغۇ. بولمىسا بىزنى قانداقمۇ تەقدىرداش دىگىلى بولسۇن. يائاللا، مېنىڭ تارتقۇلۇقۇم تېخى تۈگىمىگەن ئىكەن-دە. ماڭا بىراۋدىن يامانلىق كېلىشكە توغرا كەلسە ھەرقانچە بولسىمۇ ئۆز ئېرىمدىن كەلمەسلىگى كېرەك ئىدىغۇ. ..» قەلبى ئۆرتەنگەن پەزىلەتنىڭ كۆز ئالدىدا ئىلگىرى يۈز بەرگەن بىر كۆڭۈلسىز ئىش قايتىىدىن نامايەن بولدى.
كېچىسى ئۆيگە تولىمۇ كېيىن قايتقان كامىل ئۇيقۇسىغا قانالماي ناھايىتى ۋاقچە ئورنىدىن تۇرۇپ، پەزىلەت تەييارلاپ قويغان چاينىمۇ ئىچمەي ئالدىراپ-تېنەپ ئىشقا ماڭغاچقا يانفۇنى ئۆيدە ئۇنتۇلۇپ قالدى. يانفۇن دىگەن بۇ نەرسە دۇرۇس كىشىلەر ئۈچۈن ناھايىتى زور قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ لېكىن، ناتوغرا ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشنى ھاياتنىڭ مەنىسى قىلىۋالغان، خۇپىيانە ئىش قىلىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن نۇرغۇن كۆڭۈلسىزلىك ۋە سورۇقچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدىكەن. دەرۋەقە بۈگۈنمۇ يانفۇننىڭ ئۆيدە ئۇنتۇلۇپ قېلىشى پەزىلەتكە بىر تالاي كۆڭۈل غەشلىگى ئېلىپ كەلدى. ناۋادا ئارقا-ئارقىدىن توۋلاۋەرمىگەن بولسا پەزىلەت ئۇ يانفۇننى تەكشۈرۈپمۇ يۈرمەس ئىدى. چۈنكى يېقىندىن بېرى كامىلنىڭ ئۆيگە قايتقاندىن كېين قىلىدىغان تۇنجى ئىشى ئۆي تېلفۇنى ۋە پەزىلەتنىڭ يانفۇنىنى تەكشۈرۈش ئىدى. « ماۋۇ نىمە نومۇر، ئاۋۇ كىمدىن كەلگەن تېلفۇن؟...» دىگەندەك سۇئاللاردىن ئۆلگىدەك بىزار بولغان پەزىلەت، بىھۇدە گۇمان ۋە رەنجىشلەرگە ئورۇن بەرمەسلىك ئۈچۈن كامىلنىڭ يانفۇنىنى ئەزەلدىن تەكشۈرمەيتتى. ئەمما بۈگۈن ئارقا-ئارقىدىن سايراۋەرگەچكە ئېلىشقا مەجبۇر بولدى:
- ۋەي كامىلما، قانداق ئەھۋالىڭىز؟ كېچىدىن ياخشى ئۇخلاپسىزمۇ؟،- بىر ئايالنىڭ نازلىق ئاۋازىدىن پەيدا بولغان سوغۇق بىر ئېقىم ئۇنى ئەندىكتۈرىۋەتتى.
- ۋەي، گەپ قىلمايسىزغۇ، گەپ قىلىش قولايسىزمۇ يە؟
- كامىل كېچىدىن ناھايىتى ياخشى ئۇخلاپ ئەتتىگەندىلا خىزمەتكە كەتتى. ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، - دىدى پەزىلەت ئۆزىنى مىڭ تەستە بېسىپ تۇرۇپ.
- ۋەي سىز كىم؟- دىدى ھېلىقى ئايال تەپتارتماي.
- مەن كامىلنىڭ ئايالى، ئۆزىڭىز كىم؟
قارشى تەرەپ گەپ-سۆز قىلمايلا تېلفۇننى قويىۋەتتى. قوبۇل قىلىش ئىنتايىن قىيىن بولغان، ئەمما قوبۇل قىلمىسا زادىلا بولمايدىغان رەھىمسىز، بەتبەشرە رىئاللىق پەزىلەتكە خىرىس قىلىپ تۇراتتى. « مۇدۇكى بارنىڭ خۇدۇكى بار» دىگەندەك، كامىلنىڭ ئۆزىنى سەۋەپسىز كۈنلەشلىرىنىڭ، ئورۇنسىز ئىشلار ئۈچۈن دىلىغا ئازار بېرىشلىرىنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنىپ يەتكەن پەزىلەت « ئالغاينىڭ كۆزىگە جاھانمۇ مايماق كۆرىنىدۇ» دىگەن گەپنىڭ ناھايىتى توغرا ئېيتىلغانلىغىنى ھىس قىلدى. ئۇ ئەلەم ئىچىدە لىۋىنى مەھكەم چىشلىگىنىچە يانفۇندىكى ئۇرغان-كەلگەن نومۇرلارنى بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈشكە باشلىدى. «بارچە گۈلنىڭ غۇنچىلىشى ئېچىلىش ئۈچۈن ئەمەس، بارچە سۇنىڭ ئېقىشى دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئۈچۈن ئەمەس، مىنىڭ سىزنى سۆيۈشۈم ھەرگىزمۇ توي قىلىش ئۈچۈن ئەمەس...»، « سىز ئۈچۈن قەلب ئىشىگىم ھەر ۋاقت ئوچۇق، قاچان كەلسىڭىز بولىۋېرىدۇ، سىزنى كۈتىمەن...» داۋاملىق كۆرىۋېرىشكە پەزىلەت زادىلا بەرداشلىق بېرەلمىدى. قانداق قىلىش كېرەك؟ ئۇ ماڭا ۋاپاسىزلىق قىلغان ئىكەن دەرھال ئاجرىشىش كېرەكمۇ؟ ئاجرىشىشنىغۇ ئاجرىشارمەن، بىراق قىزىم قانداق قىلىدۇ؟ ئاتا -ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەن بالىلارنىڭ ئەھۋالىنى كۆرىۋاتىمەنغۇ. سىنىپىمدىكى تىرىك يىتىم بالىلارنىڭ چۈشكۈن روھى كەيپىياتىغا قاراپ ئىچىم سىرىلىپ كېتەتتى. ئۇلارنى ھەرقانچە چىرايلىق كىيىندۈرۈپ، ئوبدان يىگۈزگەن بىلەنمۇ چىرايىدىن مىسكىنلىك، كەيپىياتىدىن چۈشكۈنلۈك چىقىپلا تۇراتتى. ئۇلار خۇددى بىر نەرسىدىن قورققاندەك، يۈرەكلىك سۆزلىسە ئۆزلىرىگە زەرەر يىتىپ قالىدىغاندەك دائىم دەككە -دۈككە ئىچىدىلا يۈرەتتى، بالىلار بىلەنمۇ يۈرەكلىك ئارلىشالمايتتى. بۇ خىل ھالەت داۋاملىشىۋەرسە بالىلارنىڭ روھى پىسخىكىسىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىپ ئاللىكىملەردىن ئۆچ ئېلىش ياكى ئۆزلىرىمۇ چۈشەنمەيدىغان مەقسەتلەر ئۈچۈن ئاسانلا جىنايەت يولىغا مېڭىپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى. مەن مۇشۇلارنى بىلىپ تۇرۇپ ئېرىمنىڭ سەۋەنلىگى تۈپەيلىدىن بالامنى يىتىملىك ئورىسىغا ئىتتەرسەم قانداق بولىدۇ، مەن بىر ئاياللا ئەمەس بەلكى بىر ئانىمەن، نەسىل قالدۇرۇش دىگەن ھايۋانلارنىڭمۇ ئالاھىدىلىگى. بىراق، بىز ئىنسانلانىڭ ئۇلاردىن بولغان ئەڭ تىپىك پەرقىمىز شۇكى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغان ئەشۇ پەرزەنتلەرنى ئىدراكلىق، ئەقىل-پاراسەتلىك، ياراملىق قىلىپ تەربىيەلەشتىن ئىبارەت. شۇنداق ئىكەن مەن توپان بالاسىغا دۇچار بولساممۇ لىۋمنى چىشلەپ ھەممىگە چىدىشىم، بالامنى تىرىك يىتىمغا ئايلاندۇرماسلىغىم كېرەك. ئېرىمنىڭ مەندىن سوۋۇپ باشقىنى تېپىۋېلىشىدا بەلكىم مىنىڭمۇ مەلۇم سەۋەنلىگىم بولىشى مۇمكىن. مەن سەۋرىچانلىق بىلەن ئۆزەمدىكى يىتەرسىزلىكلەرنى ئۆزگەرتىپ يولدىشىمنى ئائىلىگە قايتتۇرۇپ كېلىشىم، ئۇنىڭ ئۆز سەۋەنلىگىنى تونىۋېلىشىغا بىر قېتىم پۇرسەت بېرىشىم كېرەك....» ئۇ ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ يانفۇننى جايىغا قويۇپ قويدى. ئۆيلەرنى تازىلاپ بىر قۇر بېسىقتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، تاماققا تۇتۇش قىلدى.
-ئاپا، چۈشتە نىمە يەيمىز؟-دەپ سورىدى قىزى ئىشىكتىن كىرىپلا.
- لەغمەن يەيمىز قوزام.
- يەنە لەغمەن يەمدۇق، لەغمەن ئەتكىچە پولو ئەتسىڭىز بولمامدۇ،-دىدى قىزى دومسايغان ھالدا.
- دادىڭىز لەغمەننى ياخشى كۆرىدۇ ئەمەسمۇ. پولونى ئەتە ئېتەيلى، بولامدۇ؟
- داداممۇ مەندەك پولوغا ئامراق بولسا بوپتىكەن.
شۇ ئەسنادا ئىشىك ئېچىلىپ كامىل كىرىپ كەلدى. پەزىلەتنىڭ يۈرىگى «قارتتىدە» قىلىپ خۇددى ئۆزى بىرەر گۇناھلىق ئىش قىلىپ قويغاندەك كامىلنىڭ چىرايىغا تىك قارىيالمىدى. يۈرىگىگە يىڭنە سانچىلغاندەك بىر ئاغرىق پۈتۈن بەدىنىگە قەدەر تارىغاندەك بولدى.
- بۈگۈن ئىشقا بارمىدىڭمۇ؟- دەپ سورىدى كامىل. ئۇنىڭ تەلەپپۇزىدا مۇھەببەت ئۇرغۇپ تۇرمىسىمۇ ھەرھالدا سوغۇقلۇق يوق ئىدى. خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك شۇ قەدەر نورمال، شۇ قەدەر ئادەتتىكىچە ئىدى.
- بۈگۈن دەرسىم يوق ئىدى، شۇڭا بارمىدىم- دېدى پەزىلەت ئۆز كەيپىياتىنى تەڭشەشكە كۈچەپ تۇرۇپ.
- ئەتتىگەن ئالدىراشلىقتا يانفۇنۇمنى ئۇنتۇپ قاپتىكەنمەن، بىرەرسدىن تېلىفۇن كەلمىگەندۇ؟- دەپ سورىدى كامىل.
- ياقەي، كەلمىدى- دىدى پەزىلەت. ئەمما ھېلىقى يىڭنە يۈرىگىگە يەنە بىر قېتىم سانچىلغاندەك بولدى. كامىل يانفۇننى ئېلىشىغا پەزىلەت ئالدىراپ ئاشخانىغا كىرىپ كەتتى، ئۇ بىر تەخسە لەغمەننى كۆتۈرۈپ چىققاندا كامىل يانفۇننىڭ ئاللىقانداق كۇنۇپكىللىرىنى بېسىپ ئولتۇراتتى. پەزىلەت تاماقنى ئالدىغا قويىشىغا كامىل بېشىنى كۆتۈرۈپ جىددى تەرۇزدا پەزىلەتنىڭ چىرايىغا قارىدى، پەزىلەت بېشىنى كۆتۈرمەي ئاشخانىغا كىرىپ كەتتى. ئاشخانىغا كىرىپلا خۇددى بەزگەك كىسىلى بولۇپ قالغان ئادەمدەك پۈتۈن بەدىنى تىترەشكە باشلىدى، كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياشلار قۇيۇلدى. ئۇ ئۆزىنى-ئۆزى بەزلەپ يىغىسىنى ناھايىتى تەستە بېسىپ يۈزىنى سوغۇق سۇدا يۇدى، ئاندىن ئاستا چىقىپ ئېرىگە چاي قۇيۇپ بەردى.
- يەنە يەمسىز؟- دەپ سورىدى ئۇ چىرايىغا مەجبۇرى كۈلكە يۈگۈرتۈپ.
- ياق، ئۆزەڭ يىمەمسەن؟- دەپ سورىدى كامىل. ئۇنىڭ تەلەپپۇزى پەزىلەتكە بۇرۇنقى ۋاقتلارغا قارىغاندا خېلىلا يۇمشاپ قالغاندەك بىلىندى. شۇ تاپتا گېلىمدىن تاماق ئۆتمەيۋاتسا، ھەسەلمۇ زەھەر تېتىيدىغان تۇرسا قانداقمۇ بىر نىمە يىيەلەيمەن دىگىلى بولامدۇ؟
- مەن سىلەر كېلىشتىن بۇرۇنلا يەۋالغان.
قىزى مەكتەپكە، ئېرى خىزمەتكە كېتىپ پەزىلەت يەنە ئۆزى يالغۇز قالدى. ئۇ خۇددى روھى چىقىپ كەتكەندەك خېلى بىر ھازاغىچە ھاڭۋېقىپ ئولتۇردى، ئاندىن يانفۇننى قولىغا ئېلىپ، ئۆزى تېخى بۈگۈنلا كۆرگەن، ئەمما يۈرىگىگە خۇددى تىغدا ئويغاندەك ئورناپ كەتكەن ھېلىقى نومۇرنى بىر-بىرلەپ بېسىشقا باشلىدى. ئۇ دەسلەپ دىلىغۇل بولغان، ھودۇققان ئىدى، ئەمما نومۇرنى بېسىۋاتقان ئەشۇ ۋاقتتا ئۆزىگە غايىپتىن كۈچ قوشۇلغاندەك شۇنداق سالماق، دادىل بولۇپ كەتكىنىگە ئۆزىمۇ ھەيران قالدى.
- ۋەي ياخشىمۇ سىز؟ مەن پەزىلەت، سىز بىلەن كۆرىشەي دىۋىدىم،- قارشى تەرەپ بىر ھازا گەپ قىلماي تۇرغاندىن كېيىن:
- ھازىرلىما؟- دەپ سورىدى.
- شۇنداق، ھازىرلا، مەن سىزنى «كۆكلەم» تاماقخانىسىدا ساقلايمەن، تېز كېلىڭ،- پەزىلەت قارشى تەرەپنىڭ سۆزلىشىگە ئىمكان قالدۇرمايلا تېلفۇننى قويىۋەتتى. ئاندىن ھايالشىمايلا دېيىشكەن ئورۇنغا يىتىپ كەلدى. بۈگۈن خىزمەت كۈنى بولغاچقا يول، دوقمۇشلاردا ئادەم ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى. پەزىلەت ئۇ قىزنى تونىمايتتى، ھەتتا ئىسمىنىمۇ بىلمەيتتى. شۇڭا ئۇ قىز بۇ يەرگە كەلگەن ھەتتا يېنىدىن ئۆتۈپ كەتكەن تەقدىردىمۇ ئۇنى بىلمەي قېلىشى مۇمكىن ئىدى. «ي اق، تونىيالايمەن،- دىدى پەزىلەت ئۆزىگە -ئۆزى - ئەشۇ تېلفۇننى قۇبۇل قىلىپ، ئۇچۇرلارنى كۆرگەندىن كېين ئۆينىڭ ھەممىلا يېرىدە، يوللاردا، دوقمۇشلاردا ھەرقاچان بىر جۈپ كۆز ماڭا تىكىلىپ تۇرغاندەكلا تۇيىلىدۇ، ھەتتا كۆزلىرىمنى يۇمۇۋالسام ئۇ بىر جۈپ كۆز مېڭەمدە ئەكس ئېتىدۇ. مەن ئۇنى شۇنداق تونۇپ كەتكىنىمدىن ھەتتا ئۆزەمنى ئۇنتۇپ قالايلا دىدىم... » پەزىلەت ئايرىمخانىنىڭ يولغا قارايدىغان دەرىزىسىدىن، يىراقتىن ئاستا مېڭىپ كېلىۋاتقان بىر قىزنى كۆرۈپ «چوقۇم شۇ» دەپ جەزىم قىلدى. پۇچقىغى كەڭ پادىچىلار ئىشتىنى، بەدىنىگە چىپپىدە كېلىدىغان يەڭسىز قىزىل مايكىسى، ئىزغىرىن شامالدا ئاتنىڭ يايلىدەك يەلپۈنۈپ تۇرغان قىزغۇچ چاچلىرى، تۈز ھەم توم چەملىك ئايىغى بىلەن بۇ قىز كىشىگە تولىمۇ مودا ھەم ئەركىن-ئازادە تۇيغۇ بېرەتتى. دىگەندەك قىز ئۇدۇل تاماقخانا تەرەپكە قاراپ كەلدى. پەزىلەت قىزنىڭ ئۆزى ئويلىغاندىن خېلىلا كىچىك ئىكەنلىگىنى، ئەمما تۇرقىدىن يېشىغا ماس كەلمىگىدەك دەرىجىدە خېلىلا ئىش كۆرگەنلىگى چىقىپ تۇرىدىغانلىغىنى بايقىدى. چۈنكى ئۇنىڭ گەۋدىسىنى مەغرۇر كېرىپ مېڭىشلىرى، خانىگە كىرىپ پەزىلەتكە تىك قاراشلىرىدىن ھېچبىر ھېيىقىش، خۇدۈكسىرەش، ئىزا تارتىش ئالامەتلىرى كۆرۈلمەيتتى. پەزىلەت ئۆز كۈندىشىنىڭ ئۇنچىۋىلا بوش قىزلاردىن ئەمەسلىگىنى، ئۇنىڭ قولىدىن ئېرىنى يۇلۇپ ئېلىش ئۈچۈن خېلىلا كۈچەشكە توغرا كېلىدىغانلىغىنى ھىس قىلدى. ئۇ بۈگۈن قانداق بەدەل تۆلىسە تۆلەپ ئېرىنى قايتۇرىۋېلىشقا بەل باغلىدى.
- ياخشىمۇ سىز، تونۇشۇپ قالايلى، ئىسمىم پەزىلەت،- دىدى ئۇ تەمكىنلىك بىلەن.
- ياخشىمۇ سىز، ئىسمىم كەرىمە. مەن سىزنى تونۇيمەن، سىز كامىلنىڭ ئايالىغۇ؟- دىدى قىز خۇددى قالتىس بىر ئىش قىلىۋەتكەن قەھرىماندەك غالىبانە ھەم بىپەرۋا قىياپەتتە. ئۇنىڭ ھېچبىر دۇدۇقلىمايلا «كامىل» دىگەن ئىسىمنى تىلغا ئالغىنىغا پەزىلەتنىڭ ناھايىتى ئاچچىغى كەلگەن بولسىمۇ لېكن ئۇ ئۆزىنى زورىغا بېسىۋالدى. ئارىدا تولىمۇ زىرىكىشلىك، ئەندىشىلىك، بۇزۇش قىيىن بولغان ئېغىر سۈكۈنات بىر ھازا ھۆكۈم سۈردى.
- مىنى بۇ يەرگە قاراپ ئولتۇرغىلى چاقىرمىغانسىز؟ مەن ئالدىرايمەن، گېپىڭىز بولسا تىزراق دەڭ!- دىدى كەرىمە. پەزىلەتنىڭ يەنە بىر رەت جۇدۇنى ئۆرلىدى، ئۇنى چېچىدىن تۇتۇپ پۇخادىن چىققىچە ئۇرۇپ -دەسسەشنى ئويلىدى، شۇندىمۇ يەنىلا ئۇنىڭ ئاچچىغى چىقمايتتى، ئۇنىڭچە بولسا كەرىمە دىگەن بۇ ئالۋاستىنى چايناپ -چايناپ پۈركىۋەتسە، ئۇ مەۋجۇت مۇشۇ جاھانغا ئوت قويىۋەتسە...
- مېنىڭ سىزنى نىمىگە ئىزدىگىنىمنى بىلىسىزغۇ دەيمەن. كامىل ئىككىمىزنىڭ توي قىلغىنىمىزغا توپتوغرا 13 يىل بولدى، شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى ئىزچىل ياخشى ئۆتۈپ كېلىۋاتقان. ئەمدى سىزنىڭ سەۋەبىڭىزدىن ئائىلەمنىڭ بۇزۇلىشىنى خالىمايمەن. سىزدىن ئۆتىنەي، بىزنىڭ 13 يىللىق تۇرمۇشىمىزنى بۇزماڭ.
- ۋاقتنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىغى ھەرگىزمۇ مۇناسىۋەتنىڭ چوڭقۇر ياكى تېيىز ئىكەنلىگىنى ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ. سىلەر تۇرمۇش قۇرغىلى 13 يىل بوپتۇ، بىز تونۇشقىلى ئىككى يىل بولاي دىدى. بۇ يەردە گەپ ھەرگىزمۇ ۋاقتتا ئەمەس بەلكى كۆڭۈلدە. بىلەمسىز، كامىل تېخى تۈنۈگۈن ئاخشاملا ماڭا « مەن سىزنى سۆيىمەن، سىزگە بولغان مۇھەببىتىم مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ» دىدى. دىمەك ئۇ ھازىر سىزنى ئەمەس بەلكى مىنى سۆيىدۇ. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى...
- ئۇ بۇرۇن ماڭىمۇ شۇنداق دىگەن، -دىدى پەزىلەت كەرىمەنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ - مەن ئۇنىڭ تۇنجى سۆيگىنى. ئۇ ئاشۇ گەپلەرنى تۇنجى بولۇپ ماڭا دىگەن. بىر يۈرەككە ئىككى ئادەم سىغمايدۇ، كېيىنكىلىرى ئۇنىڭ مۇنداقلا دەپ قويغان گەپلىرى.
- سىز ئۇنىڭ تۇنجى سۆيگىنى بولسىڭىز مەن ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى سۆيگىنى. سىز 13 يىل بۇرۇن ئاق-قارىنى پەرق ئىتەلمەيدىغان بىر ۋاقىتتا ياشلىقنىڭ بەڭۋاشلىغى تۈپەيلىدىن مۇنداقلا دەپ قويۇلغان گەپكە ئىشىنەمسىز ياكى پىشىپ يىتىلگەن بىر ئەرنىڭ تۈنۈگۈنلا ئېيتقان گېپىگىمۇ؟ بىلەمسىز، ئۇ يەنە ماڭا « ئايالىمغا زادىلا كۆڭلۈم يوق، بىزنىڭ مۇھەببىتىمىز ئاللىقاچان بۇزۇلغان» دىدى. شۇنداق بولغاندىكىن ئۇنىڭغا يېپىشىۋالماي خېتىڭىزنى ئالسىڭىز بولمامدۇ؟
- كەرىمە، بىزنىڭ بالىمىز بار، - دېدى پەزىلەت تولىمۇ ئىلاجىسىز قىياپەتتە.
- مىنى تۇغماس چاغلاپ قالغان ئوخشىمامسىز، ئىككى ئاي ئىلگىرى مەنمۇ بىر بالا ئالدۇرىۋەتتىم. كامىل ھەمرا بولۇپ بىللە باردى، سىزنىڭ بالا تۇققىنىڭىز باشقىلار قىلالمايدىغان قالتىس ئىش ئەمەسقۇ.
پەزىلەتنىڭ يۈرىگى ئېغىپ پۇت -قولىدا جان قالمىدى. ئۇ ھاياتىدىكى ئەڭ كەسكىن، ئەڭ ئېغىر سىناققا دۇچ كېلىۋاتقانلىغىنى ھېس قىلدى. شۇنداقتىمۇ ئۇ قىزى ئۈچۈن ھەرقانداق خورلۇققا چىداشقا، زادىلا بەل قويىۋەتمەسلىككە نىيەت قىلدى.
- كەرىمە، -دىدى پەزىلەت ئېغىر ھەم ۋەزمىن تەلەپپۇزدا - ئىككىمىزنىڭ بىر ئەرنى تالىشىش كۈرىشىمىز سىزگە تولىمۇ مەنىلىك ھەم قىزىقارلىق تۇيۇلۇپ كەتكەن ئوخشىمامدۇ. بىر قىزنى ئىندەككە كەلتۈرۈشكە نىيەت قىلغان ھەرقانداق شاللاق ئەر ئىككىلەنمەيلا «ئ ايالىمغا كۆڭلۈم يوق، بىزنىڭ مۇھەببىتىمىز ئاللىقاچان بۇزۇلغان، مەن سىزنىلا سۆيىمەن...» دەيدۇ. ئۇلار شۇنداق دىسە ئىش كۆرمىگەن ساددا قىزلار ئاسانلا تەسىرلىنىدۇ، ئاندىن ئۇلارنىڭ قۇرغان قىلتىقىغا ئاسانلا ئىلىنىدۇ ئەمەسمۇ. بۇ دىگەن ئۇلارنىڭ ھىيلىسى. ئۇ ماڭا دىگەن شۇ گەپلەرنى قىزارماي، قىلچە ھودۇقماي سىزگە دىگەن يەردە يەنە بىرسىگە ئۇنىڭدىن ئاشۇرۇپراق دىمەي قالامدۇ؟
- سىز...
- توختاڭ، گېپىمنى بۆلمەڭ. ئۇلارنىڭ شۇ سۆزىنى يۈرەك سۆزى دەپ ئويلىغان بولسىڭىز خاتالاشقان بولىسىز. مىنى دېسىڭىز كامىل بىلەن ئىلگىرى قانداق ئۆتكەن بولىشىمدىن قەتئىنەزەر ئۇنىڭ ماڭا قىلغان مۇشۇ ۋاپاسىزلىغى ئۈچۈنلا ئۇنى مەڭگۈ كەچۈرمىگەن، سىز بىلەن بۇ يەردە تاپا تالاشقان ئىتلاردەك خىقىرىشىپ ئولتۇرمىغان بولاتتىم. بىراق ھازىر مەندە سىز تېخى ھىس قىلىپ يىتەلمەيدىغان بىر تۇيغۇ يەنى ئانىلىق مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بار. مەن سىزگە بىر ھېكايە ئېيتىپ بېرەي: بۇ راست بولغان ۋەقە. بىر كۈنى ئاناملار بىلەن نان ياقماقچى بولدۇق. تونۇرغا ئوت ياقايلى دەپ قارىساق دادام باققان كەپتەرلەردىن بىرسى تونۇر ئىچىگە ئۇۋا سالغان ئىكەن. ئۇۋىدا بىر جۈپ باچكا تۇرىدۇ. باچكىلارنى كەپتەرخانىدىكى بىر بوش ئۇۋىغا يۆتكەپ قويۇپ تونۇرغا ئوت يېقىۋەردۇق. دان ئىزلەپ كەتكەن كەپتەرلەر قايتىپ كەلگەن چېغى، بىر كەمدە ئىككى كەپتەر تونۇر ئەتراپىدا ئايلىنىشقا باشلىدى. تونۇردا ئوت شىددەت بىلەن كۆيىۋاتاتتى. ئۇلارنى بىر دەم ئايلىنىپ كىتەرمىكىن دەپ تۇرسام ئانا كەپتەر قىززىق تونۇرغا ئۆزىنى زەرپ بىلەن شۇنداق ئۇردىكى ئەشۇ پىداكار كەپتەرنىڭ چۇچۇلىغا ئايلانغان ھالىتى ھازىرغىچە كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ. بىز بىر ئىنسان تۇرۇپ ئەجەبا ئەشۇ كەپتەرنىڭ پەرزەنتلىرىگە بولغان جان پىدالىغى بىزدىن تېپىلماسمۇ. مىنىڭ ھەر قېتىم كامىلدىن دىلىم رەنجىپ ئاجرىشىشنى ئويلىغان ۋاقتىمدا ئاشۇ ۋەقە ئېسىمگە كېلىدۇ. ئەگەر كامىل سىزگە شۇ قەدەر كېرەك بولسا مەن سىز ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ۋاز كېچەلەيمەن. بىراق، ئوماق پەرزەنتىمنى ئاتا مېھرىدىن، ئىللىق ئائىلە قوينىدىن ئايرىۋېتىشكە يۈرۈكۈم چىدىمايدۇ. سىز بۇلارنى ھازىر چۈشەنمەسلىگىڭىز مۇمكىن، ئەمما سىز مەڭگۈ مۇشۇ ھالەتتە تۇرمايسىز، « كالىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن موزاينىڭ بېشىغىمۇ ھامان كېلىدۇ» ئەنە شۇ ۋاقىتتا سىز ھەممىنى چۈشىنىپ يېتىسىز. بىر ئانا ئۈچۈن مۇھەببەتتىنمۇ مەسئۇلىيەتنىڭ مۇھىم ئىكەنلىگىنى بىلىپ قالىسىز، ئەنە شۇ چاغدا مىنىڭ قىلغانلىرىمنىڭ توغرا ئىكەنلىگىنى ئېتراپ قىلىسىز، ئىلگىرى ئۆتكۈزگەن سەۋەنلىكلىرىڭىز ئۈچۈن پۇشايمان قىلىسىز....
كەرىمە كۆزلىرىنى پارقىراتقىچە پەزىلەتكە قاراپ بىر ھازا ئولتۇرۇپ قالدى. ئۇ بايام يولدا كېلىۋاتقىچە «ب ۇ ئايال بىر بىشەم خوتۇن بولسا قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەك» دىگەنلەرنى ئويلاپ كەلگەن ئىدى. مانا ئەمدى كۆز ئالدىدا ئولتۇرغان بۇ ئايالنىڭ ناھايىتى ئالىجاناپ ئىكەنلىگىنى، بۇ ئايالنىڭ ئېسىللىغى ئالدىدا ئۆزى چوقۇنۇپ كېلىۋاتقان كامىلنىڭ ئەمىلىيەتتە بىر تىيىنغىمۇ ئەرزىمەيدىغانلىغىنى ھىس قىلدى.
- ئىككى يىل ئىلگىرى مەن نۇرتاغ يېزىلىق مەدەنىيەت پونكىتىدا ئىشلەۋاتقان ۋاقتىمدا ناھىيىدىن بىر يىللىق ئەۋەتىلگەن خىزمەت گۇرۇپپىسى خادىملىرى ئىچىدىكى يولدىشىڭىز كامىل بىلەن تونۇشۇپ قالدىم. بىر مەھەل خېلى قويۇق ئارلاشتۇق، كېين يولدىشىڭىز قايتىپ كەتتى. ئۇزۇن ئۆتمەي مېنىڭ خىزمىتىممۇ ناھىيىلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىغا يۆتكەلدى. « ئوت قالىغان ئورۇننىڭ سېرىق توپىسى كەتمەپتۇ» دىگەندەك بىز يەنە تېپىشپ قالدۇق. مەن ئۇنىڭ «ئ ايالىمغا كۆڭلۈم يوق، سىزنىلا سۆيىمەن» دىگەن گەپلىرىنى راست دەپ قاپتىمەن. ئۇ يەنە ماڭا « مەن نۇرتاغ يېزىسىدىكى ۋاقتىمدا ئايالىم ناشايان ئىش قىلىپ يۈرۈپتۇ. مەن ئۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن بولسىمۇ سىز بىلەن ئارلاشقىنىم ئارلاشقان...» دىسە مەن سىزنى تولىمۇ چاكىنا ئايال كۆرۈپ نەپرەتلىنىپ يۈرۈپتىمەن. مىنى كەچۈرۈڭ، سىز بۈگۈن ماڭا بىر قېتىملىق ئوچۇق دەرس ئارقىلىق ھايات سەپىرىمنى توغرا يولغا بۇراپ داۋاملاشتۇرۇش پۇرسىتى يارىتىپ بەردىڭىز، رەھمەت سىزگە! ماڭا ئىشىنىڭ، مۇشۇ مىنۇتتىن باشلاپ قەلبىمدىكى «كامىل» دىگەن ئىسىمنى تولۇق ئۆچۈرىۋېتىمەن. بىراق ئۇنىڭ ئىسمى ئىككىمىزنىڭ قەلبىدىلا بولغان بولسىغۇ تەلىيىڭىز، ناۋادا يەنە باشقا قەلبلەرگىمۇ ئويۇلغان بولسا ھەممىنى بىر -بىرلەپ ئۆچۈرۈپ بولالارسىزمۇ؟
ئۇ ۋاقىتتا پەزىلەت بۇ گەپلەرنى ئانچە چوڭقۇر ئويلاپ كەتمىگەن، مەغلۇبىيەت زەربىسىگە چىدىمىغان قىزنىڭ كىنايىسى دەپلا قارىغان ئىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇ قىز كامىلنىڭ مىجەزىنى پەزىلەتكە قارىغاندا چوڭقۇرراق چۈشىنىدىكەن ئەمەسمۇ. مانا ئەمدى راست دىگەندەك «كامىل» دىگەن بۇ ئىسىم مەھلىيا ئاتلىق قىزنىڭ قەلبىدىمۇ بار ئىكەن، ئۇنى قانداق ئۆچۈرۈش كېرەك، ئەڭ مۇھىمى باشقىلار تەرىپىدىن خالىغانچە دەپسەندە قىلىنىپ بىر تىيىنغا ئالغۇسسىز قىلىۋېتىلگەن كىشىلىك ئىززەت -ئابرويىنى قانداق ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك؟ «ك امىل، ھەي كامىل، ئەسلىدە سەن مۇشۇنداق ئادەممىتتىڭ؟ ئەخلاق ھەققىدە، ئاياللارنىڭ دىيانىتى، ئەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى توغرىسىدا ۋەز ئېيتىشقا ئاجايىپ ئۇستا ئىدىڭغۇ. ئۆزەڭ ئېيتقان مىڭ ئېغىز گەپنىڭ بىرەرسىگە بولسىمۇ ئەمەل قىلساڭ بولماسمىدى؟ كىيىملەر كىرلىشىپ قالسىغۇ سوپۇنلاپ يۇيۇپ پاكىزلىغىلى بولىدىكەن، كىرلىشىپ قالغان كۆڭۈلنى پاكىزلايدىغان نەرسىمۇ بارمىدۇ؟ بىلىشىڭ كېرەككى، مەن ھازىرغىچە سىنى ھەممىدىن كېچىپ سۆيەلىگەن ئىكەنمەن، يەنە بۇنىڭدىن كېين ھەممىدىن كېچىپ نەپرەت ياغدۇرالايمەن...»
پەزىلەتنىڭ چىرايىغا دەممۇ -دەم كۆز سېلىپ ئولتۇرغان ئەلى ئۇنىڭ چىرايىدىكى ھەر بىر ئۆزگىرىشلەردىن، كۆزلىرىگە سايە تاشلاپ ئۆتكەن گاھى ئەسلىمە، گاھى غەم بۇلۇتلىرىدىن، يالتتىدە چاقناپ بارغانسىرى ئۇلغىيىۋاتقان نەپرەت ئۇچقۇنلىرىدىن ئۇنىڭ ئىچكى تۇيغۇلىرىنى، ئازاپلىق كەچمىشلىرىنى ئېنىق كۆرگەندەك بولۇپ ئۆز قىلمىشلىرىدىن يەنە بىر رەت چەكسىز ئۆكۈنۈش ھىس قىلدى. ھەرقانداق بىر جازا ئادەمنىڭ ئۆز-ئۆزىنى ئەيىپلىشىدەك ئازاپلىق ۋە ئېغىر بولمىسا كېرەك.
- تىلغا ئېلىشتىن شۇنچىلىك نومۇس قىلىۋاتقان تۈنۈگۈن كېچىدىكى ھېلىقى ئىشقا كەلسەك،- دىدى ئەلى پەزىلەتنىڭ سۇئال نەزىرىدە قارىغان كۆزلىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ - ئۇ كۈنى مەن نۆۋەتچى ئىدىم. كەچتە كىچىكرەك بىر ئوپراتسىيىدىن چىقىپ ئىشخانامدا كومپىيۇتېر مەشغۇلاتى قىلىپ ئولتۇرسام شۇ كۈنلۈك نۆۋەتچى سېستىرا مەھلىيا كىرىپ بىر ئىشقا ياردەم قىلىشىمنى ئۆتۈندى. شۇ ۋاقتتىكى ھىسياتىم بويىچە بۇ قىزغا ياردەم بېرىشنى شەرەپ ھېس قىلىدىغان تۇرسام، رەت قىلىشىم مۇمكىنمۇ؟
-كامىلنى چاندىر يېزىىسغا مۇئاۋىن يېزا باشلىغى قىلىپ تەيىنلەپتۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن بەكلا كۆڭلۈم يېرىم بولىۋاتىدۇ،- دېدى ئۇ.
-ئۇ ئۆسۈپتىغۇ،- دىدىم مەن.
-شۇنىمۇ ئۆسۈش دىگىلى بولامدۇ، ئۆستۈرىدىغان ئىش بولسا ناھىيىلىك ئىدارە -ئورۇنلارنىڭ بىرسىگە ئۆستۈرسىمۇ تامامەن بولىدىغۇ. چاندىر يېزىسىنىڭ قانداق جاي ئىكەنلىگىنى بىلمەيدىغاندەكلا گەپ قىلىسىزغۇ. ھەممىسى ئاشۇ قارا كۆڭۈل خوتۇنىنىڭ ھىيلىسى. ئۆزىنىڭ ناشايان ئىشلىرىغا كامىلنىڭ توسالغۇ بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئەمەلدار ئاشنىللىرىنىڭ قولى ئارقىلىق ئۆستۈرۈپ كۆزدىن يۇقاتقان گەپ. شۇ تاپتا بىچارىنىڭ كۆڭلى قانچىلىك بىئارام بولۇپ كەتكەندۇ. بىر-ئىككى ئېغىز تەسەللى بېرىپ قوياي دىسەم يانفۇنىنى ئاچماپتۇ. ئۆيىگە ئۇراي دىسەم ھەمىشە ئەشۇ ھازازۇل خوتۇن ئالىدۇ، كامىلغا كۆڭۈلسىزلىك تېپىپ بەرمەي دەپ گەپ قىلمايلا قويىۋەتتىم. خوش بوپ كىتەي، سىز بىر ئۇرۇپ بېقىڭا، كامىل ئالسا گەپ قىلمايلا ماڭا بېرىڭ، خوتۇنى ئالسا خاتا ئۇرۇپتىمەن دەپ قويىۋېتىڭ، بولامدۇ؟
مەن دەسلەپ سەل ئىككىلەندىم، ئەمما كېين ئۇنىڭغا ياردەم قىلىش ھىسياتىم ھەممىنى بېسىپ چۈشتى ھەم ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغان كامىلنى بۇنىڭغا ھەقلىق دەپ قارىدىم. شۇنىڭ بىلەن ھەم ھودۇققان ھەم بىراۋلارنىڭ قورغىنىغا خالىغانچە ھۇجۇم قىلىشنى خالىمىغان بىر قىياپەتتە ئەشۇ تېلفۇننى ئۇرۇپ ئۆز نامىمنى بۇلغىغان ئىدىم. شۇ چاغدىلا بۇ ئىشىمنىڭ دۇرۇس بولمىغانلىغىنى كۆڭلۈم تۇيۇپ تۇراتتى، ئەمما ئىشنىڭ بۇنچىلىك چوڭىيىپ، يۈز-كۆزىڭىزدە جاراھەت ئىزى، قەلبىڭىزدە ھەسرەت دېغى، ئائىلىڭىزدە قارا تۇمان پەيدا قىلىشىنى زادىلا ئويلىمىغان ئىكەنمەن، شۇ تاپتا « مىنى كەچۈرۈڭ» دىيىشكىمۇ سالاھىيىتىم توشمايدىغانلىغىنى ھىس قىلىۋاتىمەن.
پەزىلەتنىڭ بۇرنى ئېچىشقاندەك بولۇپ، كۆزلىرىگە لۆممىدە ياش كەلدى.
- دىگەن ئىكەنمەن ھەممىنى بىراقلا دەۋېتەي. بۈگۈن مەھلىيا ئىشقا تولىمۇ روھسىز كەلگەن ئىكەن، سەۋەبىنى سورىسام تۈنۈگۈن كەچ كامىلنىڭ ئىزدەپ كەلگەنلىگىنى، ئىككىسى پاراڭلىشىپ ئولتۇرغاندا ئۇنىڭ مۇنداقلا ئارلىشىدىغان بىر تىجارەتچى تونۇشىنىڭ ياتاققا رۇخسەتسىزلا كىرىپ ئالا-جوقا سۆزلەپ كەيپىنى ئۇچۇرغانلىغى، شۇ تۈپەيلى كامىلنىڭ ئۇنى خاتا چۈشىنىپ رەنجىگەن پېتى چىقىپ كەتكەنلىگىنى ئېيىتپ بەردى. قارىغاندا ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى بۇزۇلغان ئوخشايدۇ. گەرچە مەن توي قىلمىساممۇ « ئەر تۇتقان ئۆينى ئايال بۇزالايدۇ، ئايال تۇتقان ئۆينى شەيتانمۇ بۇزالمايدۇ» دەپ ئاڭلىغان ئىدىم. سىز ئۆيىڭىزنى شۇنچىلىك ئەجىر-مېھنەت بىلەن تۇتۇپ كەپسىز، سىزنىڭ قەلبىڭىزنى يولدىشىڭىز ھامان چۈشىنىپ يىتىدۇ. ئۇنىڭغا پۇرسەت بېرىڭ، بارلىق ئازاپلارنى ئۇنتۇپ، تۇرمۇشىڭىزنى قايتىدىن باشلاڭ، بولامدۇ؟
پەزىلەت « ئۇنتۇش شۇنچىۋىلا ئاسانمۇ؟ دىمەككە ئاسان بولغان بىلەن قىلماقنىڭ قانچىلىك قىيىن ئىكەنلىگىنى چۈشىنەمسىز؟ يېڭىدىن باشلاڭ دىگەن نىمە گەپ ئۇ؟ تۇرمۇش دېگەن بىر قول ئويناپ يېڭىلىپ قالسا يەنە قايتىدىن باشلاپ ئوينايدىغان شاھمات ئەمەس ياكى يېشىمى كۆڭۈلدىكىدەك بولماي قالسا يىرتىۋېتىپ قايتىدىن يازىدىغان رومان ئەمەسقۇ» دىمەكچى بولدىيۇ، ئويلىغانلىرىنى كۆز ياشلىرى بىلەن قوشۇپ ئىچىگە يۇتۇۋېتىپ ئاستا باش لىڭشىتتى. كامىلنىڭ ئەتتىگەندە ئۆزىگە قىلغان مۇئامىلىسى ئېسىگە كېلىپ كۆڭلى تېخىمۇ غەش بولدى. « ئەسلىدە ئۇ پالتا -كەكىسىنى قاقتۇرۇپ دەككىسىنى يىگەچكىلا ماڭا شۇنداق قۇيرۇق شىپاڭشىتقان ئىكەن-دە. ئۇنىڭ مەھلىيا بىلەن بولغان ئىشلىرىنى ئاخىرلاشتىمۇ دەيلى، ئەمما ئۇنىڭ شاللاق تۇرمۇشتىن تامامەن قول ئۈزگەنلىگىگە كىم گۇۋاھ بولالايدۇ؟...»
پەزىلەت شۈمشۈيۈپ ئولتۇرغان ئەلىگە نىمە دىيىشنى بىلەلمىدى. ۋۇجۇدىدا ئالىجاناپلىق بىلەن رەزىللىك، بىلىم بىلەن دىۋەڭلىك، ناتىقلىق بىلەن ئەخمەقلىق زىچ گىرەلىشىپ كەتكەن بۇ بويتاق يىگىت بىلەن ئۈنسىز خوشلۇشۇپ، ئۆيىگە قايتتتى.
يۇلتۇز تاپشۇرۇقلىرىنى ئىشلەپ ئاللىبۇرۇن ئۇيقىغا كەتكەن بولسىمۇ لېكىن، پەزىلەتنىڭ كۆزىگە زادىلا ئۇيقۇ كەلمىدى. ئويلىماي دىسىمۇ ئېرىنىڭ قىلغانلىرى ئېسىگە كېلىۋېلىپ ئۇنىڭ دىلىغا زادىلا ئاراملىق بەرمىدى. « ئاجرىشىش، ئاجرىشىش» پەزىلەتنىڭ خىيالىدا مۇشۇ بىر سۆز ئۈزۈلمەي تەكرارلىناتتى. ئەمىلىيەتتە ئاجرىشىشنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلالايدىغان بىردىن-بىر ئاقىلانە چارە ئەمەسلىگى پەزىلەتكە ئايان. قاچانكى ئۇنىڭ ئېغىزىدىن «تەگدىم» دىگەن ئاشۇ سۆز چىققان مىنۇتتىن باشلاپ ئۇلارنىڭ تەقدىرى، ھاياتى چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەن. كامىل ئىلگىرى تولىمۇ ياخشى يىگىت ئىدى، ئۇ ۋاقتتا پەزىلەت ئۇنى ئاجايىپ سۆيەتتى. كېين كامىل تۇرمۇشنىڭ سىناقلىرىغا، شەيتاننىڭ ئېزىقتۇرۇشلىرىغا بەرداشلىق بېرەلمەي ئاينىپ كەتتى. ئەمدى ئۇنى ئەسكى دەپلا ئاجرىشىپ كەتسە گۈلنى سۆيۈپ تىكىنىنى ئۆچ كۆرگەندەك بىر ئىش بولمامدۇ. كامىل تۇغۇلىشىدىنلا ئەسكى ئەمەس، دەرۋەقە « ھەممە ئادەم بۇ دۇنياغا ئاق كۆڭۈل تۇغۇلىدۇ». ئەمدى ئەشۇ سەۋەنلىكلىرى ئۈچۈن پەزىلەت ئۇنىڭدىن ئاجرىشىپ كەتسە...
يانفۇنىنىڭ تۇيۇقسىز جىرىڭلىشى بىلەن پەزىلەتنىڭ خىيالى بۆلۈندى. كامىلدىن تېلفۇن كەلگەنلىگىنى بىلىپ يۈرىگى زىڭڭىدە ئاغرىپ كەتتى، ئالايمۇ -ئالمايمۇ دەپ بىر ئاز ئىككىلەندىيۇ يەنە ئالدى:
-ۋەي!
-يۇلتۇز ئۇخلاپ قالدىمۇ؟
-ھە-ئە.
-يېزىلىق ھۆكۈمەت ئائىلىكلەر قوروسىدىن ئىككى ئېغىزلىق بىر ئۆينى تەييارلاپ قويۇپتىكەن، نەرسە-كېرەكلىرىمنى جايلاشتۇرۇپ ھېلىلا بىكار بولدۇم.
ئارىدا بىر پەس جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى، بۇ خىل جىمىتلىقتىن ئىككىلا تەرەپنىڭ يۈرىكى سىقىلغاندەك بولدى.
-ئائىلىنىڭ جىمى يۈكى ساڭىلا قالدى پەزىلەت. جاپا تارتساڭمۇ بىر مەزگىل چىدىغىن، مەنمۇ ئامال بار تىزراق قايتىپ كىتىدىغاننىڭ يولىنى قىلاي.
پەزىلەت يەنە گەپ قىلمىدى. جاۋابەن بىر نىمە دىيىشى كىرەكلىگىنى ئويلىدى-يۇ، ئەمما نىمە دىيىشنى بىلەلمىدى. گەرچە كامىلنىڭ تەلەپپۇزى سىلىق، كۆيىنىش ئىپادىلىرى چىقىپ تۇرسىمۇ نىمىشقىدۇر بۇ خىل مۇئامىلە پەزىلەتنىڭ دىل يارىسىنى كوچىلاپ بارغانسىرى بىئارام قىلىۋەتتى. كامىل ئايالىنىڭ روھى ھالىتىنى چۈشەنسە كېرەك، ئارتۇق گەپ-سۆز قىلمايلا ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ تېلفۇننى قويىۋەتتى. تېلفۇن ئەمدىلا ئۈزۈلىشىگە يەنە كەلدى. «كامىلغۇ» دەپ ئويلىغان پەزىلەت ئېرىنچەكلىك بىلەن نومۇرغا قارىدى. پەزىلەت نومۇرنى كۆرۈپ تولىمۇ ھەيران قالدى، دىمىسىمۇ ئەلى قايسى يۈزى بىلەن پەزىلەتكە تېلىفۇن ئالىدۇ؟ ئۇ ئەمدى زادى نىمە دىمەكچىدۇ؟ تېپىپ بەرگەن ئاۋارىچىلىقىنى يىتەرلىك دەپ ئويلىمامدۇ يە؟ پەزىلەت يانفۇنغا قاراپ ئولتۇرىۋەردى، يانفۇنمۇ ئېرىنمەي سايراۋەردى. پەزىلەت يانفۇننى ئالمىسا ياكى ئېتىۋەتمىسە قارشى تەرەپ ئۇرۇشنى توختاتمايدىغاندەك قىلاتتى. ئۇ ئاخىر ئالدى:
-ياخشىمۇ سىز پەزىلەت، ئەھۋالىڭىز قانداقراق؟
-ئەتىدىن سىز كۆرگەندىكىدەك،-دىدى پەزىلەت روھسىز ھالدا.
-ئويلاپ كۆرسەم يېشىم خېلى بىر يەرگە بارغان بىلەن تۇرمۇشتا بەكلا ساددا ئىكەنمەن. ياق، ساددا ئەمەس بەلكى بىر دۆت-كالۋا ئىكەنمەن. ئەتىدىن پاراڭلاشقان ۋاقتىمىزدا «كەچۈرۈڭ» دىگەن گەپنى كۆپ قىلدىم. ئەمما سىزگە تېپىپ بەرگەن كۆڭۈل ئاغرىقلىرىنى قۇرۇق گەپ بىلەنلا يۇيالمايدىغىنىم ئېنىق. ئەگەر قوشۇلسىڭىز ئېرىڭىزنى ئىزدەپ بېرىپ ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ، سىزنىڭ گۇناھسىزلىغىڭىزنى بىلدۈرۈپ قويسام دەيمەن. رۇخسەت قىلارسىزمۇ؟
-بولدىلا،- دىدى پەزىلەت ئېغىر تىنىپ،- ئۆتكەن ئىشلار ئۆتتى، ئەمدى ئۆزىڭىزنى ئەيىپلەۋېرىشنىڭ ھاجىتى يوق. كامىلغا چۈشەندۈرىمەن دەپمۇ يۈرمەڭ، بەزى ئىشلارنى ئارتۇقچە چۈشەندۈرۈپ كەتسە ئەكسىچە تەسىر بېرىپ قويىدۇ. بولۇپمۇ ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىشلاردا.  
-ئەمىسە ئېيتىڭا، مەن سىزگە زادى نىمە قىلىپ بېرەي؟
-نىمىمۇ قىلىپ بېرەلەيتتىڭىز، ئەڭ ياخشىسى مېنى بۇنىڭدىن كېين ئاۋارە قىلماڭ، شۇنىڭدىلا سىز ماڭا ئەڭ چوڭ ياردەم قىلغان بولىسىز،- پەزىلەت گېپىنى تۈگىتىپلا تېلفۇننى قويىۋەتتى.

كامىل چاندىردىن تۇنجى قېتىم قايتىپ كەلگەن كۈنىلا ئۆي تېلفۇنىنى قايتىدىن ئۇلاپ راۋانلاشتۇرۇپ قويغان ئىدى. بىكار ۋاقت تاپسىلا ئۆيگە تېلفۇن ئېلىپ ئايالىنىڭ، قىزىنىڭ ئەھۋالىنى سورايتتى، قىلىۋاتقان ئىشلىرىدىن ئۆزىچە مەلۇماتلار بېرەتتى. خاپا بولغان، خۇش بولغان ئىشلىرىنىڭمۇ بىرىنى قويماي پەزىلەتكە ئېيتاتتى. ئەمما پەزىلەت ئاڭلايتتىيۇ، ئارتۇقچە ئىپادە بىلدۈرمەيتتى. كامىل قايتىپ كەلگەندە بولسا ئادەتتىكىدەكلا كۈتىۋالاتتى، ھەرقانچە ئىش بولسىمۇ ئېرى ياخشى كۆرىدىغان تاماقنى راسلاپ قويۇشنى ئەستىن چىقارمايتتى. پەقەت كېچىلەرنى ئۆتكۈزۈش پەزىلەت ئۈچۈن بىر زۇلۇم ئىدى. كامىل ئۇنىڭغا يېقىنچىلىق قىلسا بەدەنلىرى تىكەنلىشىپ ناھايىتى بىئارام بولاتتى، شۇئان قانلىرى سوۋۇپ، چىشلىرى مەھكەم كىرىشەتتى. بەلكىم مەن ھازىر ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى باشقا بىر ئايال بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولىۋاتقان بولىشىم مۇمكىن، بەلكىم ئۇ شۇ تاپتا باشقا بىر ئايالنى خىيال قىلىپ تۇرۇپ مېنى سۆيىۋاتقان بولىشى مۇمكىن، بەلكىم ئۇ ئۆزىمۇ تۇيمايلا باشقا بىر ئايالنىڭ ئىسمىنى چاقىرىپ سېلىشىمۇ مۇمكىن.... ئۇ بارا -بارا بۇ ئازاپلارغا بەرداشلىق بېرەلمەي قالدى. ئۆزىنىڭ ئېرى ئالدىدىكى سېھرى كۈچىنى تامامەن يوقاتقىنىغا زادىلا ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى. شۇنداقلا ئۆزىنىڭ يېڭىلگىنىگە تەن بەرگۈسى يوق ئىدى. « بۇ جاھاندا مېنىڭ دەردىمگە يېتىدىغان، قەدرىمنى بىلىدىغان قىسقىسى مېنى چىن دىلىدىن ياخشى كۆرىدىغان بىر ئادەمنىڭ چىقماي قېلىشىغا ئىشەنمەيمەن» دەپ ئويلىدى ئۇ.
ئەلى خۇددى پەزىلەتنىڭ مۇشۇ ھېسىياتلىرىنى بىلىپ تۇرىۋاتقاندەك، « بۇنىڭدىن كېيىن مېنى ئاۋارە قىلماڭ» دىگەن ئۆتۈنۈشكىمۇ، بۇيرۇققىمۇ ئوخشىمايدىغان ئۇ گېپىكە زادىلا پەرۋا قىلمىدى. ھەر كۈنى دىگۈدەك تېلفۇن ئۇرۇپ ياكى ئۇچۇر يوللاپ پەزىلەتتىن ئەھۋال سوراشنى ئادەت قىلىۋالدى. پەزىلەت ھەمىشە ئەمدى تېلفۇن كەلسە قەتئىي ئالمايمەن دەپ ئويلايتتى، ئەمما كەلگەندە بولسا ئىختىيارسىز ئېلىپ سالاتتى. كېيىنچە تېلفۇن كەلمەي قالسا غەلىتىلىك ھېس قىلىدىغان، ئۇچۇر كەلدىمىكىن دەپ يانفۇنىغا قارايدىغان ھەتتا بەزىدە ئۆزىمۇ ئۇچۇر يوللاپ قويىدىغان بولۇپ قالدى. كامىل ئارىلاپ كېلىپ تۇرىدىغان بولغاچقا پەزىلەت ھەر قېتىم ئەلى بىلەن سۆزلىشىپ ياكى ئۇچۇر يوللىشىپ بولۇپلا ھەممىنى پاك -پاكىزە ئۆچىرىۋېتەتتى. ئەمەلىيەتتە تازىلاپ يۈرۈشنىڭ ھېچقانداق زۆرۈرىيىتىمۇ يوق ئىدى. چۈنكى كامىل ھازىر پەزىلەتنىڭ يانفۇنىنى زادىلا تەكشۈرمەيتتى. شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ يانفۇن ئالاقىسى كۈندىن- كۈنگە قويۇقلاشتى. مول- مەزمۇنلۇق، قىزغىن، لىرىك ئۇچۇرلار دىلدىن - دىلغا يول ئېلىپ، سېغىنىش پەيدا قىلماقتا ئىدى. پەزىلەت قەلبىنىڭ گاھىدا تەسۋىرلىگۈسىز شاتلىق ھېسلىرىغا چۆمۈلگەنلىكى ھېس قىلاتتى ۋە يەنە ئۆز - ئۆزىنى ئەيىپلەش تۇيغۇلىرى ئۇنىڭ خۇشاللىقىنى بىر دەمدىلا تالان- تاراج قىلاتتى. پەزىلەت قەلبىنىڭ يەنە خۇددى بەتخەج بايۋەچچىنىڭ يانچۇقىدەك بىردەمدىلا قۇرۇقدىلىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلاتتى. ئەلى نەچچە قېتىم ئۇنى بىللە تاماق يېيىشكە تەكلىپ قىلدى، ئەمما پەزىلەت ھەر قېتىم چىرايلىقچە رەت قىلىپ ئايرىم ئۇچرىشىشقا زادىلا بېرىپ باقمىدى. «بارايچۇ» دەپ ئويلايتتى بەزىدە. لېكن يەنىلا جۈرئەت قىلالمايتتى. ھېلىمۇ ئۆزىنى ئېرىگە زادىلا يۈز كېلەلمەيدىغاندەك، ئېرى ھەممىنى بىلىپ تۇرىۋاتقاندەك، بىر كۈنلەردە ھېساپ -كىتاپنى بىراقلا ئالىدىغاندەك بىلىنىپ دەككە -دۈككە ئىچىدە قالاتتى. كامىل كەلگەندە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭغا نەپرەتلەنسە، بىر تەرەپتىن ئۆز قىلىمىشلىرىدىن ئۇيۇلۇپ چىرايىغا تىك قارىيالمايتتى. ئېرىنىڭ چاندىرغا تىزراق قايتىپ كېتىشىنى ئارزۇ قىلاتتى. « ھەي، مەن ئىنتىلگەن بەختلىك تۇرمۇش مۇشۇمىدى، بۇ كۈنلەر زادى قاچانغىچە داۋاملىشار؟ ئىلگىرى كامىلنىڭ دائىم ئۆيدە بولىشىنى، بىزدىن مەڭگۈ ئايرىلماسلىغىنى تىلەيتتىم. بىراق، ھازىر نىمىشقا ئۇنىڭدىن بىزار بولىدىغاندىمەن؟ بىزار بولغان تۇرۇغلۇق يەنە نىمىشقا ئاجرىشىپ كېتىشكە چىدىمايمەن؟ يا كېچەلمەي، يا بىرگە ئۆتەلمەي جاننى بىھۇدە قىينايدىغان بۇ تۇرمۇشقا زادى قاچانغىچە بەرداشلىق بېرەلەرمەن؟....» ئۇنىڭ خىياللىرىنى بۆلۈپ ئەلىنىڭ سىماسى كۆز ئالدىدا پەيدا بولدى. ئۇ ئۆزىگە قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى، كۆزلىرىدىن پەزىلەت بۇ دۇنيالىقتا ئەڭ مۇھتاج ۋە تەقەززا بولغان ئىشقى- مۇھەببەت، كۆيۈنۈش ۋە مېھرىبانلىق قانچىلىك لازىم بولسا شۇنچىلىكى سەن ئۈچۈن سەدىقە بولسۇن دېگەندەك تۆكۈلۈپ - تۆكۈلۈپ تۇراتتى.
- سىز سۆيۈش ئۈچۈنلا ئەمەس، يەنە سۆيۈلۈش ئۈچۈنمۇ يارالغان،- دەيتتى ئەلى. پەزىلەتنىڭ قەلبى شۇررىدە ئېرىگەندەك بولدى، ئارقىدىنلا ئۇ « ئەستاغپۇرۇللا شەيتان» دېگىنىچە كۆزلىرىنى مەھكەم يۇمىۋالدى.
بۈگۈن پەزىلەت ئىككىنچى سائەتلىك دەرستىن چىقىپ تۇرۇشىغا پوچتا خادىمى ئۇنىڭغا بىر دەستە گۈل ئەكىلىپ بەردى. گۈل ئارىسىدىكى باغاقچىغا « تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇباەك بولسۇن! سىزنى سۆيۈپ: ئەلى » دەپ يېزىلغان ئىدى. ئۇ گۈلنى كۆرۈپ قەۋەتلا خۇش بولدى. خىزمەتداشلىرىمۇ:
- ئېرىڭىز ئەۋەتكەن ئوخشىمامدۇ، ئۇ نىمە دىگەن رومانتىك. سىز بەكلا بەختلىك ئىكەنسىز. تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن! – دېيىشتى. ناۋادا بۇ گۈلنى ئۇلار دىگەندەك كامىل ئەۋەتكەن بولسا قانداق ياخشى بولاتتى-ھە؟! ئەپسۇس، كامىل خوتۇنىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى تۈگۈل ئۆزلىرىنىڭ توي قىلغان خاتىرە كۈنىنىمۇ ئۇنتۇپ قالغىلى نىكەم. بىراق، ئەلى بۇ كۈننى قانداق بىلگەندۇ؟ شۇ ئەسنادا پەزىلەتنىڭ يانفۇنى سايرىدى. «چوقۇم كامىل»، پەزىلەتنىڭ ئۈمىدى يەنە يوققا چىقتى.
- تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن!- دېدى ئەلى، - گۈلنى تاپشۇرۇپ ئالدىڭىزمۇ؟
- تاپشۇرۇۋالدىم، رەھمەت سىزگە!
- كەچلىك تاماقنى بىللە يېگەچ بۇ خاتىرە كۈننى ئىككىمىز تازا ئوبدان بىر تەبرىكلەيلى. شۇنداق كېلىشتۇق ئەمىسە، خوش، كەچتە كۆرىشەيلى!
ئەلى ئۇنىڭ سۆزلىشىگە ئىمكان بەرمەيلا تېلفۇننى قويىۋەتتى. ئۇ بۇ ئىشتىن يا خۇشال بولۇشنى، يا خاپا بولۇشنى بىلەلمىدى. ئەلى بىلەن كۆرۈشسەم بولمايدۇ دەيتتى ئۆزىگە -ئۆزى. ئەمما يەنە تۇرۇپلا قەلبى ئۇچرىشىش ئىستىكىدە تىپچەكلەيتتى. ناۋادا بۈگۈن كامىل قايتىپ كەلگەن ياكى ھېچبولمىسا بىرەر پارچە ئۇچۇر بولسىمۇ يوللاپ قويغان بولسا قانداق ياخشى بولاتتى-ھە؟! ئەپسۇس كەچ سائەت ئالتە بولغىچە كامىلدىن ھېچبىر سادا بولمىدى. ئەلىمۇ خۇددى ئەتىگەن دىگەن گېپىنى ئۇنتۇپ قالغاندەك قايتا تېلفۇن ئالمىدى يا ئۇچۇر يوللىمىدى. پەزىلەت تېلفۇننى نەچچە قېتىم قولىغا ئالدىيۇ، يەنە توختاپ قالدى. تەسۋىرلىگۈسىز بىر خىل يالغۇزلۇق، غېرىپسىنىش ئازابى ئۇنىڭ يۈرىگىنى مىتە قۇرتتەك غاجىلىماقتا ئىدى. سائەت يەتتە بولاي دىگەندە ئەلى تورت، كاۋاپ، يىمەك-ئىچمەكلەرنى كۆتۈرۈپ ئۇدۇللا ئۆيگە كەلدى. پەزىلەت ئۇنى كىرگۈزمەسلىككە ھېچقانداق سەۋەپ كۆرسىتەلمىدى.
- ئاپا، كىمۇ؟- دەپ سورىدى يۇلتۇز ئەلىنى كۆرۈپ. پەزىلەت نىمە دەپ جاۋاپ بېرىشنى بىلمەي ئەلىگە قارىغىنىچە تۇرۇپلا قالدى.
- مەن ئاپىڭىزنىڭ خىزمەتدىشى، ئەلى دادىڭىز بولىمەن، – دېدى ئەلى ھېچ ئىش بولمىغاندەك كۈلۈپ تۇرۇپ.
- تورت ئەكەپسىزغۇ، بۈگۈن بىرەرسىنىڭ توغۇلغان كۈنى ئوخشىمامدۇ؟
- سىز تېخىچە بىلمەمسىز؟ بۈگۈن دىگەن ئاپىڭىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنى؟
- نېمە، ئاپامنىڭمۇ توغۇلغان كۈنى بارمۇ؟
- ئەخمەق قىز، سىززە مېنىڭلا تۇغۇلغان كۈنۈم بار، ئاپامنىڭ بولسا تۇغۇلغان كۈنى يوق دەپ ئويلايدىكەنسىز-ھە.
- ئىلگىرى ھەمىشە مېنىڭ ۋە دادامنىڭلا تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزەتتۇق. شۇڭا مەن تېخى ئاپامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى يوق ئوخشايدۇ دەپتىكەنمەن.
قىزىنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ پەزىلەتنىڭ كۆزلىرىگە غىللىىدە ياش كەلدى. ئۇنىڭغىچە ئەلى بىر نەچچە ئېغىز گەپ بىلەنلا ۋەزىيەتنى ئوڭشىۋەتتى:
- بۇندىن كېين باشقا كۈننى ئۇنتۇپ قالسىڭىز مەيلىكى، ئاپىڭىزنىڭ تۇغۇلغان بۈگۈنكى قۇتلۇق كۈنىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ قىزىم! پىچاق ئەكىلىڭلار، تۇغۇلغان كۈن تورتىغا ئېغىز تىگەيلى.
پەزىلەتنىڭ بۇنداق رەسمىيەتچىلىك ۋە ھەشەمەتچىلىك بىلەن زادىلا خۇشى يوق ئىدى. ئەمما نىمىشقىدۇر بۈگۈن يىگەن تورت ئۇنىڭغا باشقىچە تەملىك، بۇ دەقىقىلەر ئۇنىڭغا باشقىچە مەنىلىك بىلىنىپ قەلبى سۇس ھاياجاندىن يىنىك داۋالغۇغاندەك بولدى. ئۇلار يەپ - ئىچىش، كۈلكە چاخچاق بىلەن ۋاقتنىڭ خېلى بىر يەرگە بېرىپ قالغانلىغىنى تۇيمايلا قېلىشتى. پەزىلەت مۈگدەۋاتقان قىزىنى ھۇجرىسىغا ئەكىرىپ ياتقۇزۇپ قويدى.
- ئازراقتىن ئىچىشەيلىچۇ، - دېدى ئەلى بوتۇلكىنى قولىغا ئېلىپ. پەزىلەت دەرھال قارشىلىق بىلدۈردى:
- ياق، ياق. مەن ئىچمەيمەن.
- ھەي، بۇ ھاراق ئەمەس، ئامىرىينو. بۇچۇ، كەيپىياتنى كۆتۈرىدۇ. بۈگۈنكى تۇغۇلغان كۈنىڭىز مەڭگۈ ئۇنتۇلماس بىر خاتىرە بولۇپ قالسۇن، ماقۇل دەڭ، ئازراقتىن ئىچىشەيلى.
ئەلى ئۇنى نىمە دەپ تەرىپلىمىسۇن، ئۇ بوتۇلكىدا تۇرغاندا جىممىدە تۇرغان بىلەن ئادەمنىڭ ئىچىگە كىرگەندە جىم تۇرمايدىغانلىغىنى پەزىلەت بىلمەيدىغان يەردە ئەمەس ئىدى. شۇڭا ئۇ:
- ئۆزەم قىلىشنى خالىمىغان ئىشنى قىلىشقا زورلىسىڭىز سىزدىن رەنجىپ قالىمەن،- دېدى كەسكىنلىك بىلەن.
- بوپتۇ، ئىچمىسىڭىز ئىچمەڭ، مەن بىر ئىككى رومكا ئىچىپ قوياي، بۇنىڭغىغۇ قارشى ئەمەستۇرسىز؟
- ئىختىيارىڭىز!
ئەلى VCD نى ئېچىپ ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ «خىيالدىكى سۆيگۈ» دىگەن پىلاستىنكىسىنى سېلىپ قويدى. ئەلى، پەزىلەت، ئۆي ئىچىدىكى ھەممىلا نەرسە يارقىن كۈي، لىرىك ناخشا، سېھىرلىك مۇڭ قوينىغا سىڭىپ كەتتى...
ئەلى ئۆزىگە ھاراق قۇيۇپ، پەزىلەتكە «خوشە» دېگەندەك تەڭلەپ قويۇپ كۆتۈرىۋەتتى. ئۇ يەنە بىر رومكا لىقلاپ بولۇپ، ئۇنى ئىچمەي بىر ھازا ئولتۇرۇپ قالدى. پەزىلەت ئارىدىكى جىمجىتلىقنى بۇزۇشنىڭ ئىنتايىن زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان بولسىمۇ، ئەمما قانداق بۇزۇشنى، نىمە دېيىشنى، قانداق قىلىشنى بىلەلمەي ئاخىرى يەنىلا ئىلاجىسىز بىر قىياپەتتە ئەلىنىڭ چىرايىغا قارىدى. ئەلى گەپ - سۆز قىلمايلا رومكىدىكىنى ئىچىۋەتتى. ئۇ ئارقا - ئارقىدىن ئۈچ رومكا ئىچىۋەتكەندىن كېيىن، رومكىنى بوتۇلكىنىڭ ئاغزىغا دۈم كۆمتۈرۈپ قويۇپ پەزىلەتكە قارىدى، ئۇنىڭ بۇ قاراشلىرىدا ئۆزىنىڭ كۆز ئالدىدىكى بۇ ئايالغا دەيدىغان ناھايىتى مۇھىم سۆزلىرىنىڭ بارلىقى، ئەمما گېپىنى نەدىن باشلاشنى بىلەلمەيۋاتقانلىقى، ئاخىرى باش - ئاخىرى ئالمىشىپ كەتسىمۇ مەقسەتنى ئىپادىلەپ بەرسىلا بولدى، جان كېتىدىغان ئىش بولسىمۇ كۆڭلۈمدىكىنى ئۇنىڭغا بىلدۈرمەي قويمايمەن دەيدىغاندەك بىر خىل ئىپادە چىقىپ تۇراتتى. دەرۋەقە ئۇ ئاخىرى ئېغىز ئاچتى:
- مەن... مەن سىزنى... مەن ... مەن سىزگە...
ئۇ شۇنچە غەيرەت قىلغان بولسىمۇ يەنىلا سۆزىنى داۋاملاشتۇرالمىدى. ئۇنىڭ لەۋلىرى گوياكى گۈل بەرگىگە قونۇش ئۈچۈن تەييارلىنىۋاتقان مەستانە كېپىنەكنىڭ قاناتلىرىدەك سۇس تىترەيتتى، كۆزلىرىدە دۇنياغا ئوت قويىۋەتكۈدەك كۈچلۈك يالقۇن پاراسلاپ كۆيۈپ تۇراتتى، پەزىلەت ھودۇققان ھالدا دەرھال يەرگە قارىۋالدى، ئۇنىڭ بۇ ھالىتى ئالدىدىكى ئەرگە تىك قاراشتىن، ئۇنىڭدىكى ئوتنىڭ ئۆزىگە تۇتىشىپ كېتىشىدىن، ئۇنىڭ ئالدىدا ئاق بايراق چىقىرىپ سېلىشتىن قورقۇۋاتقاندەك بىر خىل ئىپادە خۇددى يوپۇرماق ئارىسىدىن مارىلىغان جانان ئۆرۈكتەك ئۇنىڭ جەسۇرلىقى، ئۆزىنى تۇتىۋېلىشلىرى ئارىسىدىن جىلۋە قىلىپ تۇراتتى. بۇ ھال ئەلىگە يېڭىدىن غەيرەت ئاتا قىلغاندەك بولدى:
- پەزىلەت، مەن بۈگۈن ئۆيىڭىزگە ئىككى ئىش بىلەن كەلدىم، بىرسى سىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىڭىزنى تەبرىكلىگەچ كەچلىك تاماقنى بىللە يېيىش. يەنە بىرسى سىزگە كۆڭۈل سوۋغامنى تەقدىم قىلىش، - ئەلى شۇنداق دەپلا يانچۇغىدىن بىر قۇتىنى چىقاردى. ئىچىدىن بىر ئالتۇن ئۈزۈكنى ئېلىپ:
- قولىڭىزنى ئەكىلىڭ، ئۈزۈكنى سېلىپ قوياي!- دېدى. كۈتۈلمىگەن بۇ سوۋغىدىن پەزىلەت بەكلا چۆچۈپ كەتتى.
- ئەلى، نىمە قىلىۋاتىسىز؟ ھەر قانچە بولسىڭىزمۇ ئۈزۈك سوۋغا قىلىشنىڭ خارەكتىرىنى بىلمەيدىغان يەردە ئەمەستۇرسىز.
- بىلىمەن! - ئەلى بىردەم جىم تۇرىۋالغاندىن كېين پەزىلەتنڭ ھەيرانلىقتىن چەكچەيگەن كۆزلىرىگە تىكىلىپ تۇرۇپ، - مەن مۇشۇ ئۈزۈك ئارقىلىق سىزگە توي تەكلىپى قويماقچىمەن، ماڭا ياتلىق بولۇشنى خالامسىز؟ - دېدى.
ئۇدۇللا ئېيتىلغان بۇ گەپنى ئاڭلاپ پەزىلەت چۆچۈگەن ھالدا:
- نىمە دەۋاتىسىز؟ مەن دىگەن ئېرى بار ئايال، - دېدى.
- ئاجرىشىپ كېتىڭ!
- سىز ئىچمەي تۇرۇپلا مەست بوپ قالمىغانسىز. بۇنى شۇنداق ئاسان ئىش دەپ قارامسىز؟
- كامىل سىزنىڭ سۆيۈشىڭىزگە ئەرزىگۈدەك ئەر ئەمەسكەن. كىم بىلىدۇ، ئۇ يەنە چاندىر يېزىسىدا نىمە بۇزۇقچىلىقلارنى قىلىپ يۈرىدىكىن. ئىككىلىنىپ تۇرماي ئاجرىشىپ كېتىڭ پەزىلەت، مەن سىزنى چوقۇم بەختلىك قىلىمەن. قىزىڭىزنىمۇ ئۆز قىزىمدەك كۆرىمەن.
- بۇ مۇمكىن ئەمەس.
- جاھاندا مۇمكىن بولمايدىغان ئىش يوق. بۇ گەپلەرنى مەن بىردەملىك ھاياجان تۈپەيلىدىن دەۋاتمايمەن، خېلىدىن بېرى قايتا -قايتا ئويلىنىپ ئاندىن چىقارغان قارار بۇ. ئەمدى ھەممە گەپ سىزنىڭ جاۋابىڭىزغا قاراشلىق بولۇپ قالدى.
بىرلا شامال بىلەن ئۆرۈكلەر تۆكۈلۈپ دەرەختە قېلىن يوپۇرماقلار بىلەن مەزمۇت غوللا قالدى. پەزىلەت پۈتۈنلەي بۇرۇنقى ھالىتىگە قايتتى.
- ئەلى، نەزىرىڭىزدە مەن كۆپ ئۇۋالچىلىق تارتقان بىر ئايال، شۇنداقمۇ؟ بۇ ئۇۋالچىلىقلاردا سىزنىڭمۇ بىر ئۈلۈش خاتالىقىڭىز بولغانلىغى ئۈچۈن ئۆز گۇناھىڭىزنى مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن يۇماقچى بولىۋاتامسىز؟ كەچۈرۈڭ ئەلى، سىز بەك ئاددى ئويلاپ قاپسىز. ئەمەلىيەتتە مېنىڭ قىسمەتلىرىم سىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز. ئۆزىڭىزنى كۆپ ئەيىپلەپ كەتمەڭ، ھەممە ئىش ئۆتۈپ كەتتى.
- ياق پەزىلەت، مەن ئۇنداق ئويلىمىدىم. سىز ئىسمى-جىسمىغا لايىق پەزىلەتلىك ئايالسىز. كامىل دىگەن كالۋانىڭ قەدرىڭىزنى بىلمىگىنىگە ئاچچىغىم كېلىۋاتىدۇ. گۈلدەك ھاياتىڭىز ئۇ ناكەسنىڭ قولىدا بەربات بولۇپ كەتمىسۇن دەيمەن. يەنە كېلىپ مەن سىزنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرۈپ قالدىمكى، بۇنى شۇ تاپتا ئاددى تىللار بىلەن قانداق ئىپادە قىلىشنىمۇ بىلەلمەيۋاتىمەن. سىز ئاستا - ئاستا ھەممىنى بىلىپ قالىسىز. سىزگە ھەقىقى ئاشىق ئىكەنلىكىمنى، ياشاشتىكى بىردىن بىر باھانەمنىڭ پەقەتلا ئۆزىڭىز ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالىسىز. پەزىلەت، قەدىرلىكىم، مەن بۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىمنى پەقەت سىزنى بەختلىك قىلشىقىلا ئاتىدىم، باشقىسى بىلەن كارىم يوق.
پەزىلەت قەلبىنىڭ ئەلىگە بارغانسېرى مايىل بولۇپ قېلىۋاتقانلىغىنى، كامىلغا بولغان نەپرەت ۋە يۈرىكىدىكى ھەسرەتلەرنى پەقەت ئەلىگە بولغان يېڭى ۋىسال شاتلىقى ئارقىلىقلا يېڭىپ كېلىۋاتقانلىغىنى ھېس قىلدى. پەزىلەت ئىككىلىنىپ تۇرىۋاتقان ئەشۇ پەيتتە ئەلى جاۋاپ كۈتۈپ ئۇنىڭ كۆزلىرىگە تەلمۈرۈپ ئولتۇراتتى. ئۇ نېمە دەپ جاۋاپ بېرىشنى بىلەلمەي قالدى. ماقۇل دەي دېسە كۆڭلى ئېرىگە، قىزىغا تارتىشاتتى، تارتىشىپ تۇرۇپ يەنە كامىلغا ئۆچلىكى كېلەتتى، ياق دەي دېسە بىراۋ تەرىپىدىن چالما دەپ تاشلىۋېتىلگەن قەلبىنىڭ يەنە بىركىملەر تەرىپىدىن ئالما دەپ قەدىرلىنىۋاتقاندىكى ئۆزگىچە تۇيغۇلاردىن ھوزۇر ئېلىش ئىستىكى ئەلىنى رەت قىلىشتىن توسۇپ ئۇنى ئېزىقتۇراتتى. « كامىل، نەدە سەن؟ دەرھال كېلىپ مېنى قۇتۇلدۇرىۋال! مەن بۇنداق قىلسام بولمايدۇ، ھەرگىز بولمايدۇ...» دەپ ئۆزىنى ئاگاھلاندۇراتتى. « بولمايدىغان نېمىسى بار؟ ئەجەبا كامىل قىلسا بولىدىكەنۇ مەن قىلسام بولمامدىكەن؟»، « بولمايدۇ، بولمايدۇ». ئۇ ئەلىگە قارىدى:
- مەن بىر ئەرنىڭ ئىلكىدىكى ئايال، ماڭا ئۇنداق گەپلەرنى قىلماڭ.
- پەزىلەت، مەن سىزگە ئاشىق! ئەسلى ۋەسلىم سىزگە تالىق! مېنى رەت قىلماڭ جېنىم. قالغىنىنى كېيىنكى ئەمەلىيىتىمدىن كۆرۈڭ! بىلىمەن، سىز يەنىلا كامىلغا تارتىشىۋاتىسىز، سىز ئۇنى ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ سۆيدىڭىز، ئەمما سۆيۈلۈشكە ئېرىشەلمىدىڭىز. پۇتىڭىزنى قىستايدىغان بۇ ئاياغنى قاچانغىچە كىيىپ يۈرمەكچىسىز؟ ئۇنى دەرھال سېلىۋېتىڭ. مەن سىزگە چىرايلىق بىر جۈپ ئالتۇن كەش ئېلىپ بېرەي.
تېڭىرقاش، قىيالماسلىق، ۋاز كېچىش، ئازاپ، سۆيۈلۈش تەشنالىقى... ھەممىسى پەزىلەتكە بىراقلا ھۇجۇم قىلدى. ئۇ ئۆزىنى خۇددى سۇغا چۈشۈپ كەتكەندەك، ئەتراپىدا قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرەلىگۈدەك ھېچنەرسە كۆرۈنمەيۋاتقاندەك، بەلكىم ئازراق كۈچىسىلا قىرغاققا چىقىپ كېتەلەيدىغاندەك، ئەمما نىمىشقىدۇر سۇ ئىچى بەكلا راھەت بولغاچقا سۇدىن قايتىپ چىقىش ئۈچۈن ھەركەت قىلىشقا ھېچبىر رايى بارمايۋاتقاندەك، ئاخىرى ئۆزىنى قويىۋېتىپ سۇغا ئاستا غەرق بولىۋاتقاندەك ھېس قىلدى. ئەلى ئۇنى چىڭ قۇچاقلىۋالغانىدى، ئەلىنىڭ باغرى شۇنچىلىك راھەت، شۇنچىلىك ئىسسىق ئىدى. ئەمما ئۇ پەقەت پەزىلەتنىلا قۇچاقلاۋاتقان بولۇپ، يۇلتۇزنىمۇ قۇچاقلاپ كېتەلىشى ناتايىن ئىدى. پەزىلەت چۆچۈپ كەتتى. « مەن نېمە بولدۇم، مەن نىمە قىلىۋاتىمەن، ئاھ خۇدا!»
- ياق! - ئۇ تۇيۇقسىز كۈچەپ ۋاقىرىدى ۋە سۇدىن قايتىپ چىقىش ئۈچۈن بار كۈچى بىلەن تىپىرلىدى. شۇ ئەسنادا ئۆي تېلفۇنى ئىختىيارسىز جىرىڭلاپ كەتتى. « ئۇ ئېھتىمال كامىل» دەپ ئويلىدى ئۇ.
- كارىڭىز بولمىسۇن، تېلفۇننى ئالماڭ! - ئەلى شۇنداق دەپلا پەزىلەتنى تېخىمۇ چىڭ قۇچاقلىدى. سۆڭەكلىرىنىڭ غىرىسلاۋاتقىنى پەزىلەتنىڭ قۇلىقىغا ئېنىق ئاڭلاندى. تېلفۇن توختىماي جىرىڭلاۋەردى. بۇ ئاۋاز خۇددى ئۆزىگە بېرىلگەن سىگنالدەك پەزىلەتنىڭ زەرەتلەنگەن ھېس-تۇيغۇلىرى بىردىنلا ئەسلىگە قايتتى. ئۇ ئەلىنىڭ قۇچىقىدىن يۇلقۇنۇپ چىقىپ تېلفۇنغا قول سوزدى،
- ئالماڭ،- دېدى ئەلى. پەزىلەت ئۇنىڭ قولىنى ئىتتىرىۋەتتى. تېلفۇن دەرۋەقە كامىلدىن كەلگەن ئىدى.
- ئۇخلاپ قالغانمىتىڭ، ئويغىتىۋەتتىم - ھە، كەچۈرگىن، بۈگۈن تۇغۇلغان كۈنۈڭ ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالغىلى تاسلا قاپتىمەن. ھازىر ئېسىمگە كېلىپ مۇبارەكلەپ قوياي دەپ تېلفۇن ئۇرغان ئىدىم. بۈگۈنچە قۇرۇق بولسىمۇ تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن خوتۇن! كېمىنى مەن ئۆيگە بارغاندا تولۇقلاپ بېرەي ھە! ... نېمە بولدۇڭ؟ گەپ قىلمايسەنغۇ. يەنە مەندىن رەنجىپ يۈرەمسەن؟ ئۇنتۇغاقلىغىمنى بىلىسىەنغۇ، كۆڭلۈڭگە ئالما. بولامدۇ؟ ...
- ياقەي، كۆڭلۈمگە ئالمىدىم.
- ئەمىسە بالدۇرراق ئارام ئال. خوش، ياخشى چۈش كۆر، ئەتە كۆرىشەيلى!
ئاھ يېرىم كېچىدە كەلگەن تېلفۇن! ئىلگىرى يېرىم كېچىدە كەلگەن بىر قېتىملىق تېلفۇن پەزىلەتنىڭ بارلىق خۇشاللىقىنى ئۆزىگە يەم قىلغان، ئائىلىسىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلغىلى تاسلا قالغان ئىدى. مانا، يېرىم كېچىدە كەلگەن يەنە بىر قېتىملىق تېلفۇن ئۇنى قۇتۇلدۇرۇپ قالدى. ئۇ ئىلگىرى ئۆچ كۆرۈپ نەپرەتلەنگەن تېلفۇنغا ئەمدى مىننەتدارلىق نەزىرى بىلەن قاراپ قويدى -دە، ئۈنسىز -ئۈمىدسىز ھالدا ئۆزىدىن جاۋاپ كۈتۈپ تۇرغان ئەلىگە قاراپ ئاستا كۈلۈمسىرىدى.
- ئەلى، سىزنىڭ ماڭا « ئەر تۇتقان ئۆينى ئايال بۇزالايدۇ، ئايال تۇتقان ئۆينى شەيتانمۇ بۇزالمايدۇ» دېگىنىڭىز ئېسىڭىزدە بارمۇ؟ - دەپ سورىدى.
- ئەلۋەتتە ئېسىمدە.
- مانا، شۇ تاپتا بىز ئاشۇ ئۇرغۇلۇق گېپىڭىزنى ئەمەلىي ھەركىتىمىز ئارقىلىق ئىسپاتلايدىغان ھالقىلىق دەقىقە ئۈستىدە تۇرۇپتىمىز. ئەگەر سىز مېنى ھەقىقىي ياخشى كۆرسىڭىز مېنىڭ ئېرىمگە بولغان مۇھەببىتىمگە ھۆرمەت قىلىڭ. مەن كامىلدىن كېچەلمەيمەن، نۆۋىتى كەلگەندە بۇ مېنىڭ بىر ئەر كىشىگە بولغان مۇھەببىتىمنىڭلا گۇۋاھچىسى ئەمەس بەلكى بارلىق ئاياللارنىڭ نىكاھقا، نىكاھنىڭ ئۇلۇغلىقىغا، ئانىلىق مەسئۇلىيەت، ئاياللىق مەجبۇرىيەتنىڭ يۈكسەك ئورنىغا بولغان ئېتىقادىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈش ھەرقانداق ئادەمنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ۋە بەھرىمەن بولۇشقا تىگىشلىك نېسىۋە بولسىمۇ ئەمما كىمنى سۆيۈش ۋە كىم تەرىپىدىن سۆيۈلۈش ئادەمدىن ئەقىل ۋە ئىدراك تەلەپ قىلىدىغان بىر مەسىلە. ئەگەر خاتالاشمىغان بولسام سىزلا ئەمەس، ھەرقانداق بىر ئەقىل ئىگىسى بۇ خىل ئالىيجاناپ ھېسياتنى قەدىرلەيدۇ، ئۇنى ئەرزىمەس ئىشقى-مۇھەببەت ئۈچۈن تۇترۇق قىلىۋەتمەيدۇ دەپ ئويلايمەن. مېنى شۇ قەدەر ياخشى كۆرگىنىڭىزگە ئېگىلىپ تۇرۇپ رەھمەتلەر ئېيتىمەن ۋە شۇ ياخشى كۆرۈش بەدىلىگە مەن سىزدىن كىچىككىنە ھۆرمەت، كىچىككىنە يول قويۇشنى تەلەپ قىلىمەن! سىز ئەقىللىق يىگىت، مېنىڭ دېمەكچى بولغانلىرىمنى چوقۇم چۈشەندىڭىز، مېنڭچە بىز ئالتۇننى پارقىرىغىنى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ساپ بولغانلىقى ئۈچۈن ئەتىۋارلايمىز. مېنىڭ ئەشۇ ئالتۇندەك ساپلىقىمنى ساقلاپ قېلىشىم ئۈچۈن ياردەم قىلىڭ. شۇ ئالىجاناپلىقىڭىز بىلەن سىز چەكسىز ھۆرمەتكە نائىل بولىسىز. چاكىنىلىق ئارىلاشمىغان بۇ خىل ساپ ھېسىيات سىزنىڭ كېيىنكى ھاياتىڭىزدا خاتىرجەم ھەم بەختلىك ياشىشىڭىزنىڭ تەسەللىيسى بولالايدۇ دەپ ئويلايمەن. مېنى كەچۈرۈڭ!
ئەلى چوڭقۇر سۈكۈتكە پاتتى. بېشىنى ئالقانلىرى ئارىسىغا ئېلىپ بىر ھازا ئولتۇرۇپ قالدى. ئۇنىڭ شۇنداقلا ۋاز كەچكۈسى كەلمىدى:
- پەزىلەت، - دېدى ئۇ، ئەمما نېمە دېيىشنى بىلمەي توختاپ قالدى.
- ئەلى، بىزگە يەنە سۆزلىشىپ ئولتۇرۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ؟ ئەگەر يەنە دېيىشكە تېگىشلىك گەپ بار دەپ قارىسىڭىز، بۇ گەپ دەل مېنىڭ سىزدىن تۆۋەنچىلىك بىلەن ئەپۇ سورىشىم بولىشى كېرەك. بايامقى گەپنى يەنە تىلغا ئالماسلىقىڭىزنى سورايمەن. ئاللا سىزگە ۋاپادار، ئەقىللىق، گۈزەل بىر ھەمرا ئاتا قىلغاي!
- بىراق، مەن پەقەت سىزنىلا سۆيىمەن، بۇ ئۆمرۈمدە سىزدىن باشقىغا كۆڭۈل بېرىشىم مۇمكىن ئەمەس. سىزدىن ئۆتىنەي، مېنى قىينىماڭ. ماڭا ئىچىڭىز ئاغرىسۇن!
- ئىچ ئاغرىتىشنىڭ مۇھەببەت بولالمايدىغانلىقىنى بىلمەيدىغان يەردە ئەمەسسىز. مۇھەببەتلا بولۇپ، مەسئۇلىيەت بولمىسا بەخىتتىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس. تەلىۋىڭىزنى قوبۇل قىلسام بەلكىم ئىككىمىز خۇشاللىققا چۆمەرمىز، ئەمما ئېرىم ۋە قىزىمنىڭ بەختسىزلىكى ئۈستىگە قۇرۇلغان بۇنداق بەخىتكە سىزمۇ قىزىقمايسىزغۇ دەيمەن، چۈنكى بۇنداق قىلىش سىزدەك ئالىيجاناپ ئادەمگە ھەرگىز ماس كەلمەيدۇ ھەم سىزمۇ بۇنداق قىلىشنى خالىمايسىز. مېنىڭ نەزىرىمدىكى مۇھەببەت خاس ئېرىشىشلا ئەمەس، بەلكى قۇربان بېرىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ماڭا بولغان مۇھەببىتىڭىزنى ئائىلەمنىڭ سەدىقىسى ئۈچۈن قۇربان قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
- ئەمىسە بىر گېپىمگە جاۋاپ بېرىڭ، - دېدى ئەلى جىددىي قىياپەتتە، - سىز مېنى زادىلا ياخشى كۆرۈپ باقمىدىڭىزمۇ؟
- ياخشى كۆرىمەن ئەلى، ئاجايىپ ياخشى كۆرىمەن. شۇ تاپتا سىز قەلبىمنى پۈتۈنلەي ئىگەللەپ تۇرىۋاتىسىز. ئەمما مەن سىز بىلەن بىللە بولۇش يولىنى تاللاشقا ئامالسىزمەن. چۈنكى مەن ... بىلەمسىز ئەلى، ئېرىم ئەرلەر ئىچىدىكى ئەڭ ياخشىسى بولمىسىمۇ بىراق مەن شۇ تاپتا پەقەت ئۇنىلا سۆيىدىغانلىقىمنى قايتىدىن ھېس قىلىۋاتىمەن. مېنى كەچۈرۈڭ!
ئەلى پەزىلەتنىڭ كۆزلىرىگە ئۇزاق تىكىلىپ تۇردى. ئۇ كۆزلەردە چاقناپ تۇرغان نۇرنى ئەلى ئەزەلدىن باشقا بىرىنىڭ كۆزلىرىدە كۆرۈپ باقمىغان ئىدى. ئۇ نۇرلار ئىچىدە ياخشى كۆرۈش بىلەن سۆيۈشنىڭ چەك - چېگرىسى ئېنىق كۆرىنىپ تۇراتتى. ئەلى ئاشۇ چېگرىغا تىكىلگەن ھالدا ئاستا سۆزلىدى:
- پەزىلەت، مەن سىزنى ياخشى كۆرۈپ راستلا خاتا قىلماپتىمەن. شۇ تاپتا سىزنىڭ ئالىيجاناپلىغىڭىز ۋە ئېسىللىغىڭىز ئالدىدا مېنىڭ مۇھەببىتىم تولىمۇ چاكىنا ۋە ئەرزىمەس بىر نەرسىدەك تۇيۇلىۋاتىدۇ. كەچۈرۈم سوراشقا تېگىشلىك ئادەم مەن پەزىلەت، مەن تولىمۇ شەخسىيەتچى بىر ئادەمكەنمەن، ئەمما شۇ ئېسىڭىزدە بولسۇن، مەن مەيلى نەدە، قانداق بىر ھالەتتە ياشىشىمدىن قەتئىينەزەر سىزگە بولغان مۇھەببىتىم بارغانسېرى كۈچىيىپ ۋە جۇلالىنىپ بارىدۇكى، ۋاقتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ھەرگىزمۇ سۇسلاشمايدۇ. بۇ ھاياتىمدا ھېچكىمنى سىزنى سۆيگەندەك سۆيۈپ باقمىدىم ھەم بۇنىڭدىن كېيىنمۇ سۆيەلمەيمەن. ماڭا ئايان، مەنمۇ سىزنىڭ قەلبىڭىزدىن قىسمەن ئورۇن ئالالىدىم. مەن شۇنىڭغا مىڭ مەرتىۋە رازى. سىزدىكى مەسئۇلىيەتنى تونۇش، ھېسىياتنى قەدىرلەش تۇيغۇسىدىن ئىنتايىن تەسىرلەندىم. قەلبىڭىزدىن ئالەمچە سۆيۈش بالقىپ تۇرىدۇ. ئەتراپىڭىزنى بولسا چەكسىز سۆيۈش ئوراپ تۇرىدۇ. سىز شۇنىڭغا تامامەن ھەقلىقسىز. « بۇ جاھاندا مېنى جېنىدىنمۇ ئېزىز كۆرىدىغان، ئەمما مېنىڭ بەختىم ئۈچۈن ئۆز خۇشاللىغىدىن كەچكەن بىر ئاشىق ياشايدۇ، مەن ئۇنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ھايات» دىگەن بىر ئىزگۈ ئىستەكنىڭ تەسەللىيىسى بىلەن مەڭگۈ بەختلىك ياشاڭ پەرىشتەم!
ئەلى چىقىپ كەتتى، پەزىلەت ئۇنىڭ كەينىدىن قاراپ ئاستا پىچىرلىدى:
- خەير-خوش، مېنى سۆيگەن ئەر، مەڭگۈ ئامان بولۇڭ!

پەزىلەت ھەم ئايرىلىش قەتئىيلىكى ھەم قىيالماسلىق ئىستىگى بىلەن ئۇنىڭ كەينىدىن قاراپ قالدى. سۆيۈلۈش ئۇنىڭغا كۈچ ۋە ئەقىل بەردى. ئۇ شۇ كۈچ بىلەن ئۆز سۆيگۈسىنى ئۇلغايتتى، شۇ كۈچ بىلەن ھاياتىغا يېڭى- يېڭى مەنالارنى بەردى، ئۇ يەنە شۇ كۈچ بىلەن ھەممىدىن غالىپ ۋە مەغرۇرئايالغا ئايلاندى. ئۇ بۇرۇلۇپ تامغا ئېسىقلىق تۇرغان توي رەسىمىگە قارىدى، ئېرى كامىل ئۇنىڭغا قاراپ ئىللىق تەبەسسۇم قىلىپ تۇراتتى...

تۈگىدى

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-6-28 22:16:30

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   iltersh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-28 22:19  

ئەسەر ھەققىدە گەپ قىلمايمەن
ئەمما پەزىلەت ئىسىملىك بۇ پېرسوناژ ئوبرازى بەك ئېسىل،مۇۋەپپەقىيەتلىك  يارىتىلىپتۇ

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-6-28 22:17:10

ئېسىل ئايال

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-6-29 14:00:27

خوش !

sabira يوللانغان ۋاقتى 2014-6-29 14:09:20

‏ھاياتقا مەسئۇلىيەت بىلەن قاراش كېرەك، شۇندىلا ھەقىقىي بەخىتكە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

Destur يوللانغان ۋاقتى 2014-6-29 17:15:40

ماقالىنىمۇ ئوقۇدۇم.تىما يازغۇچىغا رەھمەت. قەلەم قوۋۋىتى كۈچلۈك ئىكەن.مانا جەمىيەتتىكى ئىشلارنى ياخشى يورۇتۇپ بېرىپتۇ.مىۋىڭىزگە بارىكاللا.
ھەييييييييي! ئىنسان=ئۇنۇتقۇچى دېگەن ھە. ھەتتا قىيامەتتە ئوتقا تاشلايدىغان چاغدىمۇ ، ماڭا دۇنياغا قايتىپ ئىبادەتنى ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ قىلىشىمغاپۇرسەت بېرىلسە  دەپ ئىنتىزار بولىدۇ.ئەگەر پۇرسەت بېرىلگەن تەقدىردىمۇ دۇنياغا قايتىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا يەنە رەببىنى ئۇنتۇيدۇ.

Destur يوللانغان ۋاقتى 2014-6-29 17:24:25

بەختنىڭ ئېنىقلىمىسى ، تىئورمىسى،ئىزاھاتىغا ئىنسانلار ھەرخىل ھەر تۈردە جاۋاب بېرىشىدىكەن.
بەخت،بەخت،بەخت؟؟؟؟؟؟؟؟؟
ئەمما ئىنسانلارنىڭ ياراتقۇچىسى ئۇلارغا نىمىنىڭ ئەڭ ياخشى بەخت ۋە مۇۋاپقىيەت ئىكەنلىكىنى ئىنسانلارغا يىتەكچى بولسۇن دەپ چۈشۈرگەن كىتابلىرىدا ئىزچىل ھالدا مۇنداق ئېنىقلىما بېرىپتۇ:
Who believe in the Ghaib and perform As-Salāt (Iqāmat-as-Salāt), and spend out of what we have provided for them . (Al-Baqarah 2:3And who believe in (the Qur'ān and the Sunnah) which has been sent down (revealed) to you (Muhammad Peace be upon him ) and in which were sent down before you and they believe with certainty in the Hereafter. (Resurrection, recompense of their good and bad deeds, Paradise and Hell, etc.). (Al-Baqarah 2:4)They are on (true) guidance from their Lord, and they are the successful. (Al-Baqarah 2:5)
«ئۇلار غەيىبكە ئىشىنىدۇ ھەم نامازنى ۋاقتىدا ئادا قىلىدۇ.بىز ئۇلارغا بەرگەن رىزىقنى(زاكات بىرىشكە،ئۆزىنىڭ ئىھتىياجىغا ،ئۆزلىرىنىڭ ئاتا-ئانىسى،باللىرى،ئاياللىرى ۋە مىسكىنلەرگە رەببىنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن)سەرپ قىلىشىدۇ.ساڭا (مۇھەممەد س ئە ۋ س) ئەۋەتىلگەن(قورئان ۋە سۇننەتكە) ۋە سەندىن ئىلگىرىكىلەرگە ئەۋەتىلگەن (ئىنجىل ۋە تەۋراتقا )ئىشەنگەنلەر ئاخىرەتكە مۇستەھكەم ھالدا (يەنى قىيامەتتە ئۆزلىرى قىلغان ياخشىلىق ۋە يامانلىق توغرىسىدا قايتا تېگىشلىك جازا مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغانلىقىغا ھەمدە جەننەت ۋە دوزاخقا قاتارلىقلارغا )ئىشىنىدۇ.ئۇلار بولسا رەببى تەرىپىدىن ھەق يولغا يىتەكلەنگەنلەر ھەمدە ئۇلار بولسا بەخىتلىك كىشىلەر(ياكى مۇۋاپىقيەت قازانغانلار)».       [سۇرە بەقەرە5 -ئايەتكىچە].

gapbar يوللانغان ۋاقتى 2014-6-29 21:47:28

بەك مۇرەككەپمۇ قانداق ؟ مىنىڭچە پەزىلەت ئەلى بىلەن توي قىلغان تەقدىردىمۇ ئۇنى يەنە بىر بەختسىرلىك كۈتۈپ تۇردىغاندەكلا .
مەن ئاياللارغا ئىچى باغرىنى ئاسان تۆكىۋىتدىغانلارنى ئىشەنچىسىز دەپ قارايمەن ، شۇڭا ھىكاينىڭ ماۋزۇسى خەير _خوش ئەلى دەپ قويۇلسا بولىدىكەنتۇق :lol

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-29 22:43:30

gapbar يوللىغان ۋاقتى  2014-6-29 21:47 static/image/common/back.gif
بەك مۇرەككەپمۇ قانداق ؟ مىنىڭچە پەزىلەت ئەلى بىلەن توي ...

ما بالىغا كەش بازىرىدا نىمە بادۇ؟؟؟؟:@

Watandax يوللانغان ۋاقتى 2014-6-30 11:17:37

ئۇزۇن ھىكايىلەرنى ئوقۇپ باقمىغىلى ئۇزۇن زامانلار بوپتىكەن.
پەزىلەر ئىگىلىرى ئادەمنى ھەقىقەتەن ئۆزىگە مەھلىيا قىلىدۇ.

bayawat يوللانغان ۋاقتى 2014-6-30 12:16:48

ئايال يازغۇچنڭ مۇنداق تەسرلىك ھىكايە يازغىننى تۇنجى قىتىم كۆرشۈم، ئايال يازغۇچىلارنى بوش چاغلقغىلى بولمىغۇدەك{:112:}

musilina1 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-30 15:05:56

مۇنبەرگە ئەزا بولماستا شۇنداق ياقتۇرۇپ ئوقۇغان ئىدىم....

پەزىلەتنىڭ ئوبرازىنى ياخشى يارىتىپسىز....
بەت: [1]
: خەيرى خوش، مېنى سۈيگەن ئەر