baxtax يوللانغان ۋاقتى 2014-6-28 16:03:22

ئادوبى Cs6 تۈرىدىكى دېتاللارنى ھەقسىزلەشتۇرۇش

ئادوبى Cs6 تۈرىدىكى دېتاللارنى ھەقسىزلەشتۇرۇش

ئادوبى شىركىتىنىڭ دېتاللىرى خەلقئارادا مىكروسوفت دىتاللىرىدن قالسا ئىشلىتىش دائىرىسى بىر قەدەر كەڭ بولۇپ، ئابودى شىركىتىنىڭ دېتاللىرى مەخسۇسلاشقانلىقى بىلەن داڭلىق.
ئابڭدى شىركىتىنىڭ كومپيۇتېر بىلەن ئۇچراشقانلار دائىم ئىشلىتىدىغان دېتالى PhotoShop بولۇپ، رەسىم بىر تەرەپ قىلىشتا مۇتلەق ئۇستۇنلۇكنى ئىگەللىمەكتە، تور بەت لاھىيلەشتە نۆۋەتتە ئەڭ قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەن كەسپى يۇمشاق دىتالمۇ دەل ئابودى شىركىتىنىڭ Dreamweaver يۇمشاق دېتالى بولۇپ، مىكروسوفىت شىر كىتىنىڭ Frontpage يۇمشاق دېتالىنىڭ يېڭىلىنىش سۇرئىتىنىڭ ئاستىلىقى تۈپەيلى تور بەت لاھىيلەشتە Dreamweaver ئەڭ كەڭ قارشى ئېلىشقا ئېرىشمەكتە. ئۇنىڭدىن باشقا كىنو-فىلىم كىرشتۇرۇشتە Premiere، ھەرىكەتچان ئېلان ئىشلەشتە Flash قاتارلىق دېتاللىرى قارشى ئېلىشقا ئېرىشمەكتە ياكى كەڭ ئومۇملىشىشقا قاراپ يۇزلەندى.
نۆۋەتتە ئابودى شىر كىتىنىڭ Cs6 تۈرىدىكى دېتاللىرىدىن Fireworks CS6,Dreamweaver CS6,Flash CS6,Photoshop CS6,Illustrator CS6,Premiere Pro CS6,After Effects CS6,InDesign CS6 قاتارلىقلار ئېلان قىلىنغان بولۇپ ، ئاساسەن ئومۇملىشىشقا قاراپ يۇزلەندى، بىراق ھەقىقىي نۇسخىلىرىنىڭ باھاسى بەكلا قىممەت بولۇپ، نۆۋەتتىكى بىزنىڭ ئەھۋالىمىزدا كۆتۇرەلمىگۇدەك دەرىجىدە قىممەت.
سىز كۆرۈۋاتقان ئادوبى Cs6 تۈرىدىكى دېتاللارنى ھەقسىزلەشتۇرۇش بولسا دەل Fireworks CS6,Dreamweaver CS6,Flash CS6,Photoshop CS6,Illustrator CS6,Premiere Pro CS6,After Effects CS6,InDesign CS6 مۇشۇ دېتاللارنىڭ غول مۇندەرىجىسىدىكى بىر dll ھۆججەتنى ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ھەقسىزلەشتۇرۇش ئۇسۇلى بولۇپ، سىز ئادوبى Cs6 تۈرىدىكى دېتال قاچىلانغان غول مۇندەرىجىدىكى amtlib.dll نى ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق پۈتۈنلەي ھەقسىزلەشتۇرەلەيسىز.
بۇ يەردە 32 بىتلىق ۋە 64 بىتلىق ئىككى خىل نۇسخىنىڭ amtlib.dll ھۆججىتى تەمىنلەندى، ماس كەلگىنى تاللاپ ئىشلىتىڭ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:  سىز ئادوبى Cs6 تۈرىدىكى دىتالنى تولۇق قاچىلاپ بولغاندىن ئۆزىڭىز قاچىلىغان دىتالنىڭ نۇسخىسىغا ئاساسەن amtlib.dll ھۆججىتىنىڭ ماس نۇسخىسىنى تاللاپ، ئادوبى Cs6 تۈرىدىكى دېتال قاچىلانغان غول مۇندەرىجىدىكى amtlib.dll ھۆججىتىنى باستۇرۋەتسىڭىزلا بولدى.

چۈشۈرۈش ئادرىسى: http://www.baxtax.cn/derslik/tools/9160.html     (قوشۇمچە يوللاش چېكى بولغاچقا مۇنبەرگە يوللاش مۇمكىن بولمىدى.)

Typography يوللانغان ۋاقتى 2014-6-28 16:59:53

بۇ دىتاللارنىڭ قىممەتلىكىدە بۇ ئۇسۇلنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئىتراپ قىلساممۇ ئەمما ئۇلۇغ رامزاندا بۇ سوۋغا‹سەل›ئېشىپ كەتكەندەك............:(:)

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-28 19:35:14

مەن مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن ئىشلىتىۋاتىمەن.ئەمما قىسمەن ئىقتىدارلىرىنى تۇلۇق ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ئۇخشايدۇ.مەسلەن 3D ئىقتىدارىنى.ئەمما يەنىلا ئىنتايىن مۇقىم ئىشلەيدىكەن،دىتال ئۈزلىكىدىن ئۈچۈپ قىلىش،،دىگەندەك ئىشلار يۇقكەن .CS3نى ئۇزۇن يىل ئىشلىتىپ بىراقلا CS6غا كۈچىۋالدىم.
دائىم ئۇغۇرلانغان نۇسخىسىنى ئىشلەتسەممۇ PhotoShop نىڭ مەشخۇلات كۈزنىكىگە بەك چوڭ ئۈزگەرتىش كىرگۈزمىسىكەن دەيمەن.ھەر يېڭى نۇسخا چىققاندا مەشخۇلاتقا پەقەتلا كۈنەلمەيمەن.

kvzyapriqi يوللانغان ۋاقتى 2014-6-28 20:32:20

رەھمەت.ۋاقتى كەلگەندە  ئەسقاتقىدەك.

مەن 9 يىلدىن بۇيان CS نۇسىخىسىنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمەن.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2014-6-28 22:37:13

PhotoShop نىڭ تېز كۇنۇپكىلىرى ئۇستىخانلىرىمغا يېزىلىپ كېتىپتۇ. مەن بۇنىڭغا بەك ئامراق.

newstar يوللانغان ۋاقتى 2014-6-30 12:58:47

بولۇپمۇ InDesign CS6  دە ئۇيغۇرچە بەت تۈزۈش كۆپ قولايلىشىپ كېتىپتۇ.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-30 21:35:12

newstar يوللىغان ۋاقتى  2014-6-30 12:58 static/image/common/back.gif
بولۇپمۇ InDesign CS6  دە ئۇيغۇرچە بەت تۈزۈش كۆپ قولايلىشىپ ك ...

ئىشلىتىپ باقتىڭىزمۇ؟ كىتاب، ژۇرنال بەتلىرىنى ياسىسا بولامدىكەن، ۋوردقا خەت يازغاندەك بىۋاسىتە يازغىنى بولامدىكەن؟

newstar يوللانغان ۋاقتى 2014-7-1 20:25:39

niyazdixan يوللىغان ۋاقتى  2014-6-30 21:35 static/image/common/back.gif
ئىشلىتىپ باقتىڭىزمۇ؟ كىتاب، ژۇرنال بەتلىرىنى ياسىسا  ...

ئىشلىتىپ باقتىم، بىۋاستە يازسا بولىدىكەن، خەتنى ئۇلاپ چىقىرىشتا بىر يېرىنى تەڭشىسىلا ئۆلچەملىك ئۇلىنىدىكەن.
بەت: [1]
: ئادوبى Cs6 تۈرىدىكى دېتاللارنى ھەقسىزلەشتۇرۇش