arkyar يوللانغان ۋاقتى 2014-6-27 19:38:42

ئەركيار:كانت« ئۈچ چوڭ تەنقىد»تە نېمە دەيدۇ؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arkyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-27 19:49  

كانت« ئۈچ چوڭ تەنقىد»تە نېمە دەيدۇ؟

مەقسۇت ئەمىن ئەركيار

كانتنىڭ ھاياتىنى 1770-يىلىنى بەلگە قىلىپ تۇرۇپ ئالدىنقى ۋە كېيىنكى مەزگىل دەپ ئىككىگە بۆلۈپ تەھلىل قىلىشقا بولىدۇ.
كانتنىڭ ئەسەرلىرى كېينكى مەزگىللەردە يەنى ،داڭلىق ئەسەرلىرىدىن1781-يىلى«ساپ ئەقلىيلىك تەنقىدى»،1788-يىلى«ئەمەلىي ئەقلىي تەنقىد»،1790-يىلى بولسا ئۈچىنچى تەنقىد(«ھۆكۈم ئىقتىدارى تەنقىدى»)بارلىققا كېلىپ ئەينى دەۋىردىكى پەلسەپە ساھەسىگە ئىنقىلاپ ئېلىپ كەلگەن.
ساپ ئەقلىي تەنقىد: بۇ بىز نېمىنى بىلەلەيمىز؟دېگەنگە جاۋاب بېرىدۇ.كانتنىڭ جاۋابى،بىز پەقەت تەبىئەت پەنلىرى بىزگە تونۇتقاننى بىلەلەيمىز،پەلسەپىنىڭ  بىلىشنىڭ مۇمكىنچىلىك زۆرۈر شەرتىنى ئايدىڭلاشتۇرغاندىن باشقا رولى يوق.ئەپلاتوندىن باشلانغانغان مېتافىزىكا مەسلىلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق يېشىمى يوق.

ئەمەلىي ئەقلىي تەنقىد: بۇنىڭ جاۋاب بېرىدىغىنى،بىز قانداق ئۈمىدتە بولساق بولىدۇ؟ كانتنىڭ جاۋابى،«ئەخلاقنى چىن مەنىسىدىن بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ھاياتلىق ئاخىرلاشسىلا ھەمما ئاخىرلىشىدۇ دەپ قارىماستىن،خۇدانىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قىياس قىلىشىمىز زۆرۈر،دەپ قارايمەن»دەيدۇ.

ھۆكۈم ئىقتىدارى تەنقىدى ياكى ئۈچىنچى تەنقىد: ئاساسلىقى ئىنسانىيەتنىڭ ئەقلىي،ھېسسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى بايان قىلىنىدۇ. بۇنىڭدا كانتنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنى ئىنسانىيەتنىڭ مەنىۋى پائالىيتىنىڭ مەقسىدى،ئەھمىيتى ۋە تەسىر قىلىش ئۇسۇلى بولۇپ، ئىستېتىك زوقلىنىش ئىقتىدارى ۋە خىيالپەرەسلىكنىمۇ ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.

mutellipiqbal يوللانغان ۋاقتى 2014-6-28 18:00:55

Kant yashighan dewrde ilmiy sahede delilchilik pelsepisi hukum surgen we oni tenqid qilidighanlar chiqishqa bashloghan idi. Chunki tejribe we pakitqa tayinip hemme nersilerni bilgili bolmaytti. Insan peqet tejribe qilalighinini we tejribiden irishkinila bileleydu. Amma bilimde biz bilgen nersiler esli sheyining kichikkine bir qismi, tamamen hemmisi emes.shunga delilchilik bugunki kunde unche bek put basidighan mitod emes
بەت: [1]
: ئەركيار:كانت« ئۈچ چوڭ تەنقىد»تە نېمە دەيدۇ؟