arkyar يوللانغان ۋاقتى 2014-6-27 19:24:34

ئەركيار: ئىممانۇئىل كانت ھەققىدە

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arkyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-27 19:26  

ئىممانۇئىل كانت ھەققىدە


Immanuel Kant


مەقسۇت ئەمىن ئەركيار


ئىممانۇئىل كانت 1724-يىلىدىن1804-يىلىغىچە ياشىغان نېمىس پەيلاسوپى،گىرمانىيە كىلاسسىك پەلسەپىسىنىڭ يولباشچىسى.ئۇنىڭ تەلىماتلىرى كىيىنكى پەلسەپىگە چۇڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپ گىرمان ئىدىئالىزمى ۋە كانتىزمىنىڭ نۇرغۇن ئېقىملىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.
كانت ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇ ئائىلىدە توققۇز پەرزەنتنىڭ تۆتىنچىسى ئىدى.بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە كېسەلچان ئىدى.1745-يىلى كيۇنىگسبېرگ ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ ئىلاھىيەت فاكولتىتىنى تاماملىغان.1775-يىلىدىن 1797-يىلىغىچە شۇ يەردە مېتافىزىكا،مەنتىق،ئەخلاق  پەلسەپىسى،فىزىكا،گېئومىتىرىيەدىن دەرس بەرگەن.ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە بويتاق ياشىغان.

كانت ئاقارتىش ھەركىتى دەۋرىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئاساسلىق پەيلاسوپ،شۇنداقلا گىرمان ئىدىئولوگىيسىنىڭ ۋەكىلى. ئۇدىكارتنىڭ ئەقلىيەتچىلىكىنى ۋە فىرانىس بىكوننىڭ تەجرىبىچىلىكىنى ئۆزتەلىماتلىرى ئارقىلىق تەڭشىگەچكە،ياۋرۇپادا مۇھىم تەسىرگە ئىگە مۇتەپەككۇر دەپ قارىلىدۇ.
ئۇ«ئاسماننىڭ ئۇمۇمىي تەبئىي تارىخى ۋە نەزەرىيسى»(1755-يىلى)،«ئەقلىيلىك»(1800-يىلى)،«ئەمەلىي ئەقلىي تەنقىدى»(1788-يىلى)،«ئانتروپولوگىيە»(1798-يىلى) قاتارلىق نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازغان. ھاياتىدا ئەڭ يادرولۇق بولغىنى ئۈچ تەنقىد(«ساپ ئەقلىي تەنقىد»،«ئەمەلىي ئەقلىي تەنقىد»ۋە«ھۆكۈم ئىقتىدارى تەنقىدى»-مەقسۇت ئەمىن ئەركيار يازغۇچىلار مۇنبىرىگە يوللىغان «كانتنىڭ ئۈچ چوڭ تەنقىدى»دېگەن تېمىغا قارالسۇن)تىن ئىبارەت.بۇ ئەسەرلىرىدە بىلىمشۇناسلىق،ئېتىكا،ئىستېتىكىغا دائىر ئىدىيىلىرى سېستىمىلىق ۋە باغلىنىشلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان.بولۇپمۇ«ساپ ئەقلىي تەنقىد»ئالاھىدە ئېتىبارغا ئېرىشكەن بولۇپ،بۇ ئەسەرنىڭ بارلىققا كېلىشى پەلسەپە تەتقىقاتىنىڭ ئاساسلىق يۆنىلىشىنى ئانتولوگىيەدىن(مەۋجۇتلۇق ئىلمى) ئېپىستېمولوگىيەگە(بىلىش ئىلمى) ئۆزگەرتكەنلىكى ئۈچۈن پەلسەپە تارىخىدا دەۋىر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارىلىپ،ھازىرقى زامان پەلسەپىسىنىڭ يول ئاچقۇچىسى بولۇپ قالدى.بۇنىڭدىن سىرت كانتنىڭ دىن پەلسەپىسى،قانۇن پەلسەپىسى ۋە تارىخ پەلسەپىسى قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ مۇھىم ئەسەرلىرى بار.
ئالىم شەخسى ھاياتىدا پەلسەپىۋى مەسلىلەر توغرىسىدا سۆھبەتلىشىشنى ياقتۇرمىغان.بەلكىم،ئۇ ئۆزىنىڭ ئاڭلاشقا ئەمەس،پەقەت ئوقۇتۇشقا قابىليەتلىك ئىكەنلىكىنى ياخشى چۈشەنگەن بولسا كېرەك.
ئۇنىڭدىن باشقا،ھاياتىنىڭ ھەربىر لەھزىسى مۇئەييەن تەرتىپكە سېلىنغان پەيلاسوپ ھەركەچقۇرۇنلۇقى سائەت دەل 10دا ئۇخلاشقا ياتقان،سەھەر سائەت دەل 5تە ئويغانغان.كەچكى سائەت دەل 7دە سەيلىگە چىققان.ئۇ 30يىل داۋامىدا بىر قېتىممۇ بۇ تەرتىپنى بۇزمىغان بولۇپ،ئەتراپىدا ياشىغۇچىلار كانتقا قاراپ سائەتلىرىنى تەكشۈرۈشىدىكەن. نېمىسلارنىڭ نەزىرىدە بۇ ئالىم ناھايىتى ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇپ ئۇ ياشىغان شەھەرنىڭ شەھەرگىربىدە ۋە گىرمان پوچتىسىنىڭ پوچتا ماركىسىغا كانتنىڭ باش سۆرىتى چۈشۈرۈلگەن. ئۇ ئەينى ۋاقىتتا ئىشلىگەن ئۇنىۋېرسىتىت ۋە تۇرالغۇ ھېلىھەم مۇھىم خاتىرە جايدۇر.

كانت پەلسەپىسىنىڭ ئاساسلىق چىقىش نۇقتىسى شۇكى،تەجرىبىنى بىلىشكە ئايلاندۇرىدىغان ئەقلىيلىك(كاتېگورىيە) ئادەم تۇغۇلىشىدىلا باربولىدۇ ، تۇغما كاتېگورىيە بولمىسا دۇنيانى چۈشىنىشكە ئىلاجسىز قالىمىز، دەپ قارايدۇ.
كانتنىڭ يەنە ئەخلاق پەلسەپىسىمۇ ناھايىتى زور تەسىرگە ئىگە.بۇنىڭدىن سىرت ئۇ قۇياش سېستىمىسىنى تۇنجى بولۇپ زامانىۋى نەزەرىيە بىلەن شەرھىيلەپ بەرگەن بولۇپ،كانت-لاپلاس قىياسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.


مۇناسىۋەتلىك فىلىم ئۇلانمىلىرى:
زىيارەت:پەيلاسوپ كانت
http://v.youku.com/v_show/id_XNDIxNzM4NDIw.html
لېكسىيە:كانت ھەققىدە مەخسۇس تەتقىقات 康德专题研究
http://video.chaoxing.com/serie_400004570.shtml

2014-يىلى2-ئاينىڭ28-كۈنى

بەت: [1]
: ئەركيار: ئىممانۇئىل كانت ھەققىدە