iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-6-27 17:54:35

يۇلتۇزلارنىڭ ئارىلىقى قانداق ئۆلچىنىدۇ؟ 1-قىسىم

قۇياش سېستىمىسى ئىچىدىكى ئالەم جىسىملىرىنىڭ ئارىلىقى رادار دولقۇنى،لازېر نۇرىنىڭ قايتىشى قاتارلىق ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ ئۆلچىنىدۇ.
قۇياش سېستىمىسى سىرتىدىكى يۇلتۇزلار ئارىلىقىنى ئۆلچەشتە تۆۋەندىكى ئۇسۇللار قوللىنىلىدۇ.(مەن تونۇشتۇرماقچى بولغان بۇ  ئۇسۇللار جەمئى تۆت خىل ، ھەر بىر قىسىمدا بىرنى تونۇشتۇرىمەن )
1.ئۈچبۇلۇڭلۇق پاراللاكىس ئۆلچەش ئۇسۇلى
ئالەم جىسىملىرى ئارىسىدىكى ئارىلىقنى ئۆلچەش ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس. ئاستىرونوملار ئارىلىقىنى ئۆلچىمەكچى بولغان ئالەم جىسىملىرىنى يىراق يېقىنلىقى بويىچە بىر قانچە دەرىجىگە بۆلىدۇ.
بىزگە ئارىلىقى بىر قەدەر يېقىن بولغان ئالەم جىسىملىرىنىڭ ئارىلىقى ئەڭ يىراق بولغاندىمۇ 100 نۇر يىلىدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ ( بىر نۇر يىلى 9.5 تىرىليون كىلومېتېر ) ، ئاستىرونوملار ئۈچبۇلۇڭلۇق پاراللاكىس ( كۆرۈش پەرقى ) ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ بىز بىلەن بولغان ئارىلىقىنى ئۆلچەيدۇ.
ئۈچبۇلۇڭلۇق پاراللاكىس ئۆلچەش ئۇسۇلى بولسا ئۆلچەنمەكچى بولغان يۇلتۇز جايلاشقان بىر غايەت چوڭ ئۈچبۇلۇڭ شەكلىنىڭ چوققىسى ، يەر شارى قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىدىغان ئوربىتا دىئامېتېرىنىڭ ئىككى ئۇچى بۇ ئۈچبۇلۇڭنىڭ ئىككى چوققىسى بولىدۇ، ئۆلچەش ئارقىلىق يەر شارى بۇ يۇلتۇزنىڭ كۆرۈش بۇلۇڭىغا كەلگەندە بىز ئاللىبۇرۇن بىلگەن يەر شارى قۇياشنى ئايلىنىدىغان ئوربىتا دىئامېتىرىنى ئىشلىتىپ ئۈچبۇلۇڭ فورمىلاسىغا ئاساسەن بۇ يۇلتۇزنىڭ بىز بىلەن بولغان ئارىلىقىنى ھېساپلاپ چىقىرالايمىز.
بۇنىڭدىن يەنى 100 نۇر يىلىدىن يىراق ئالەم جىسىملىرىنىڭ بىز بىلەن بولغان ئارىلىقىنى بۇ ئۇسۇلدا ئۆلچىگىلى بولمايدۇ،چۈكى يەر شارىدا تۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئېنىق پاراللاكىس پەرقىنى بېكىتكىلى بولمايدۇ.

ئەمىسە بۇنىڭدىن يىراقتىكى يۇلتۇزلارنىڭ ئارىلىقىنى قانداق ئۆلچەيمىز ؟
دىققىتىڭىز بۇ تېمىنىڭ كېيىنكى قىسىملىرىدا بولغاي .........
ئىلتەرش

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-6-27 18:03:31

ئۈچبۇلۇڭلۇق پاراللاكىس ئۆلچەش ئۇسۇلى

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2014-6-27 23:32:20

ئېسىل تېما.
مۇشۇ ئاددىي تېئورما بىلەن ھېساپلايدىغان قىممەتنى ئۆلچىگەندە، گىرادۇسنىڭ قىممىتى ئونلۇق كەسىر چېكىتىدىن  كېيىنكى نەچچە خانىغىچە ئېلىنىدۇ؟
تېلېسكوپنىڭ بۇلۇڭ تەڭشەش ماتورى ۋە سۈرئەت ئاستىلاتقۇچىنىڭ  ھەسسىلىكىنى بىر بىلىپ باقساق بوپتىكەن.

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-6-28 19:34:54

سوئاللىرىڭىزغا ماۋۇ تۆت خىل ئۇسۇلنى يوللاپ بولغاندىن كېيىن تەپسىلى جاۋاپ بېرەي دوستۇم
ھازىرقى ئالدىراشچىلىقلىرىمدا چالا پۇلا جاۋاپ بېرىپ يۈرمەي بىكار

aplapsaplap يوللانغان ۋاقتى 2014-7-1 09:58:51

ئىزدىنىشكە تىما چىقارغاندا خەتلەر بىلەن، رەسىمنى بىر بىرىگە
كىرىشتۈرۈپ چىقارغىلى بولمامدۇ?

بۇتېما ناھايىتى ياخشى بوپتۇ  ، قارىماققا تۇرمۇشقا يىراق بولغان بىلەن، بىلىۋالساق بولغۇدەك. مەنمۇ يەرشارىغا ئائىت بىر تىمىغا تۇتۇش قىلۋاتىمەن پات يېقىندا چىقىرامەن.

sabira يوللانغان ۋاقتى 2014-7-1 13:21:38


‏قۇياش سېستىمىسى ئىچىدىكى بىر نەچچە پىلانىتلارنىڭ ئارلىقى رادار دولقۇنى، لازىر نۇرنىڭ قايتىشى بىلەن ئۆلچەنسە ، قۇياش بىلەن باشقا پىلانىتلارنىڭ قۇياشقا يىراق يېقىنلىقىنى مۇشۇ ئۇسۇلدا ئۆلچەپتىكەندە.
‏رادار دولقۇنى دىگەن نىمە؟
‏لازىر نۇرى دىگەنچۇ؟ تەپسىلىي چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز؟

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-7-1 21:26:24

sabira يوللىغان ۋاقتى  2014-7-1 13:21 static/image/common/back.gif
‏قۇياش سېستىمىسى ئىچىدىكى بىر نەچچە پىلانىتلارنىڭ ئا ...

laser قوزغىتىلغان نۇر،بىر خىل نۇر ياكى يورۇقلۇق،كوھېرىنتلىق نۇر.
لازېر نۇرى يۇقرى ئېنىرگىيە، ساپ رەڭ ، يۇقىرى يۆنىلىشچانلىققا .... ئىگە نۇر، لازىر نۇرى ھاۋادا تارقالغاندا ئاسانلىقچە چېچىلمايدۇ، يەنە كېلىپ يۇقىرى دەرىجىدە بىر نۇقتىغا يىغىپ مەركەزلەشتۈرگىلى بولىدۇ، مېتاللارنى كەسكىلى ، ئوپېراتسىيە پىچىقى قىلغىلى بولىدۇ، لازىر نۇرلۇق قوراللارنى ياسىغىلى بولىدۇ، پەن تەتقىقات،سانائەت ، تۇرمۇشتا كۆپ ئىشلىتىلىدۇ.
ئۈچ ۋالېنتلىق خىروم ئىئونى ئارىلاشتۇرۇلغان قىزىل ياقۇت ، گېلىي نېئون گازى ، كاربون تۆت ئوكسىد ئىشچى ماددا قىلىنغان لازىر نۇر چىقارغۇچلار بار، ئىشچى ماددىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ چىققان لازىر نۇرىنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلۇقى ۋە ئېنىرگىيە دەرىجىسى ئوخشىمايدۇ.


رادار دولقۇنى دىگىنىمىز رادىئو سىگنالىغا ئوخشاش ھەر خىل چاستوتىدىكى ئېلىكتىر ماگنىت دولقۇنلىرىدىن ئىبارەت، شۇ كونكىرت راداردا ئوخشىمىغان ئېھتىياج ، ئىشلىتىشكە ئاساسەن ئوخشىمىغان دولقۇن بۆلىكىدىكى ئېلىكتىر ماگنىت دولقۇنى ئىشلىتىلىدۇ
بەت: [1]
: يۇلتۇزلارنىڭ ئارىلىقى قانداق ئۆلچىنىدۇ؟ 1-قىسىم