ArslanTekin يوللانغان ۋاقتى 2014-6-27 14:20:58

گۇناھكارى مۇئەللىممۇ ؟(ئابدۇقادىر مەتسېدىق)

گۇناھكارى مۇئەللىممۇ ؟

ئابدۇقادىر مەتسېدىق

قۇدۇقتا سايرىسا قومچاق ، گۇناھكارى مۇئەللىممۇ ؟
يېرىلماي قالسا گەر چومچاق ، گۇناھكارى مۇئەللىممۇ ؟

كىۋەزگە چۈشسە گەر ئوغرى ئەيىپ قانداقچە خالۋاپتا ؟
پىيازلىق تۇغسا مۇچ سامساق گۇناھكارى مۇئەللىممۇ ؟

كۈيۈپ شامدەك يۇرۇق بەرسە بولالمايمىز ئاڭا شامدان ،
غۇۋالاشسا روجەك قاپقاق ، گۇناھكارى مۇئەللىممۇ ؟

تۈكۈپ تەر قىلسا باغ ئەھيا تېپىلماس ھەمدۇ ھەشقاللا ،
كۈرۈنسە بىر دەرەخ پاخپاق گۇناھكارى مۇئەللىممۇ ؟

ئۆكۈزنى كۈندە بوردايدۇ كۈزى كورلار ئىنەك چاغلاپ ،
ئالالماي قالسا سۈت قايماق ، گۇناھكارى مۇئەللىممۇ ؟

نىشاننى كۆرسىتىپ بەردى ، سەپەرگە كۈچ - مەدەت بەردى ،
چېلىقسا يولدا ئىز مايماق ، گۇناھكارى مۇئەللىممۇ ؟

ئىلىم سالدى ئېغىزلارغا بىراۋنى قويمىدى يەكلەپ ،
ئۇتۇن ھۆل پىشمىسا قۇيماق ، گۇناھكارى مۇئەللىممۇ ؟

باش ئاغرىپ قالسىمۇ دوختۇر ئۇراركەن يىڭنە يانپاشقا ،
جۇۋانلار تارتمىسا پايپاق ، گۇناھكارى مۇئەللىممۇ ؟

ھاۋادا كىمە ئۇچقاندا ، ئېلىنماس تىلغا بىر مەرتەم ،
قاتاردىن چىقسا بىر سايپاق ، گۇناھكارى مۇئەللىممۇ ؟

پايانسىز كەڭرى بۇ ئالەم قۇياش مىھرىدە كۆكلەيدۇ ،
يېشىنسىز سۇلسا گۈل يايلاق ، گۇناھكارى مۇئەللىممۇ ؟

ھاياتنىڭ ئىمتاھانى كۆپ ، ئۆتەر ھەركىم ھۇشى بىرلە ،
سىناققا قىلسا كىم چاقچاق ، گۇناھكارى مۇئەللىممۇ ؟

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-27 15:36:19

قومچاق سايرامدۇ؟ چومچاق دىگەن نىمە؟

begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-6-27 16:09:15

بىزنىڭ ماۋۇ يەردە چومچاق دىگەن سەت گەپ.   ئاۋۇ يەردە نىمىنى كۆزدە تۇتقاندۇ.

begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-6-27 16:09:48

يۇمۇرلۇق يىزىلىپتۇ لىكىن.

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-6-27 16:13:09

ئەسكىلىكنىڭ يىلتىزى ، رەزىللىكنىڭ مەنبىئى ، مۇناپىق ۋە خائىننىڭ سەۋەپكارى مۇئەللىم ،
ئالىم ،ئابىد، مۆمىننىڭ مۇئەللىمى يوقمىكىن ؟ بەڭگى -ئوغرى ، پاھىشۋاز ، جاۋاپكارى مۇئەللىم .
سىياسەتتە بۇرانغا ، جەمىئەتتە تۆھمەتكە ، تىجارەتتە پىخسىقنىڭ تۈپ نىشانى بۇپ قالغان ،
تنقىد بىلەن جەرىمانە ، قەلەم-ئەلەم ئازاۋى ،ئەزسە سىنى تاغ كەبى ، كىمنىڭ كارى مۇئەللىم .
بۇۋىقىنى تۇغۇپلا ، تاشلاپ بىرىپ بومىيغا ، ئىككى ياشقا كىرمەستىن سۇلاپ يەسلى-تۈرمىگە ،
ئاش-نان بەرسە پۇل بەرسە ، روھى بىلەن كارى يوق ، ھايۋانلارنى تەربىيلەپ سەن ئاۋارى مۇئەللىم .
باشلانغۇچنى پۈتتۈرمەي ، پاھىشخانىدا چوڭ بولسا ، رىستۇران ۋە دىبانى ، ئانىسىدىن ئۈگەنسە ،
پاھىشخاندىن دادىسنىڭ ئۈلىگىنى ئەپچىقسا ، ئاشۇ بۇزۇق باللارنىڭ تۆھپىكارى مۇئەللىم .
ئۆيدە ھاراق سورۇنى ، كۈلكە-چاخچاق ھاياسىز ، دوقمۇشلاردا "ساتىراچ" پاھىشخانا چىللىسا ،
دىسكوخانا ، تورخانا ، ياتاقلاردا سەبىيلەر ، بولدى ئازراق پۇل ئۈچۈن كىمنىڭ "يارى" مۇئەللىم .
دەرس ئۆتسەڭ ئۇخلايدۇ ، ئىشلىمەيدۇ تاپشۇرۇق ، تەنقىتلىسەڭ ئازىراق ، ئون بالىنىڭ بىرى يوق ،
قول تەككۈزسەڭ "تاك" كىدەك ، كالتەك يەيسەن دادىستىن ،ئازاپتىن ياش تۈكىسەن ئەي بىچارى مۇئەللىم .
بىرتەرەپتىن تۈگىمەس "ئۈگىنىش"لەر قىينايدۇ ، تەھدىت سېلىپ رەھبىرىڭ ، يانچۇقۇڭنى كولايدۇ ،
ئويگە بارساڭ باللىرىڭ ، ئاش-نان دەيدۇ يىغلايدۇ ، خەلقىڭ تېخى تىللايدۇ ، يوق غەمخارى مۇئەللىم .
نادانلىقتىن مىللەتنى ئويغاتقىنى سەن ئەمەس ، ئالىم، دوكتۇر ، دوختۇرلار ، سىنىڭسىزلا يىتىشكەن ،
خومسى ، خائىن مۇناپىق ، ناجىنىسلار سىنىڭكى ، سىنى قاغار موللاملار ، يوق دۇئارى مۇئەللىم .
********************************************************************
********************************************************************
سەن ئۇقۇتقان ۋىجدانسىز مەيلى سىنى تىللىسا ، تەۋرەنمىگىن يۇلۇڭدىن ھەتتا دۈشمەن قىينىسا ،
ئۇنۇتمىغىن رەببىڭنى ، نىشانىڭنى يۇلۇڭنى ، بەخت -دەفئىي بۇپ كەتسە ، گۆر ئازاۋى ، مۇئەللىم .






                                                  ----     لاتــــــــــــــــــــا  شېئىرى

Qarabeg يوللانغان ۋاقتى 2014-6-27 16:36:43

xahla91 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-27 15:36 static/image/common/back.gif
قومچاق سايرامدۇ؟ چومچاق دىگەن نىمە؟

شەھلا ئايلا،
قومچاق دىگەن پاقا.
چومچاق دىگەن دومچاق.
پاقا سايرىمايدۇ كۇكىرايدۇ.
بىلدىڭىزمۇ ھامما؟

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-6-27 16:52:46

Qarabeg يوللىغان ۋاقتى  2014-6-27 16:36 static/image/common/back.gif
شەھلا ئايلا،
قومچاق دىگەن پاقا.
چومچاق دىگەن دومچاق.


دومچاق دىگەن نىمە ؟

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-6-27 18:11:03

چومچاق دىگەن دومچاق ئەمەس، ئۇيغۇردەك گەپ قىلىڭلا باللا،قانداق چۈشەندۈرۈشلەر بۇ؟
چومچاق دىگەن
1. دەرەخنىڭ يان شېخىنى كېسىۋەتكەندە دەرەخنىڭ غول قىسمىدا قېپقالغان تۈۋى، كېرەكسىز يېرى،ئوتۇن قىلىشتىن باشقىغا يارىمايدىغان يېرى،
2. ناھايىتى رەتسىز،پاخپاق،شاخ پۇتاقلىرى كۆپ ئوتۇن

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-6-27 18:12:53

iltersh يوللىغان ۋاقتى  2014-6-27 18:11 static/image/common/back.gif
چومچاق دىگەن دومچاق ئەمەس، ئۇيغۇردەك گەپ قىلىڭلا بالل ...

كېرىيەدە دومچاق دەپ قۇيۇتۇ شۇ :lol

uygurjan09 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-27 20:30:26

parakende يوللىغان ۋاقتى  2014-6-27 18:12 static/image/common/back.gif
كېرىيەدە دومچاق دەپ قۇيۇتۇ شۇ

خە خە خە  تايىنلىق دۈمچەك دىمەي  :lol :lol :lol

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-6-27 21:43:28

نەق گەپ يېزىلىپتۇ. ا

kvzyapriqi يوللانغان ۋاقتى 2014-6-27 22:12:22

لاتىنىڭ شېئىرىمۇ ئاجايىپ ئېسىل چىقىپتىكەن!

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-6-27 22:52:36

بىرەرى تىللىمىسا ،تىلى چىقماس مۇئەللىمنى ،
بىرەرى پوقلىمىسا،دەردى چىقماس مۇئەللىمنى .
بىرەرى چىللىمىسا ،مىھمان كەتمەس مۇئەللىمنى ،
بىرەرى چاقالمىسا،ئۇيقا كەلمەس مۇئەللىمنى .
بىرەرى چاتالمىسا ،ئىشى ئاقماس مۇئەللىمنى .
................................،...................ماس مۇئەللىمنى .

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-6-27 22:54:14

iltersh يوللىغان ۋاقتى  2014-6-27 18:11 static/image/common/back.gif
چومچاق دىگەن دومچاق ئەمەس، ئۇيغۇردەك گەپ قىلىڭلا بالل ...

بەك ئورۇنلۇق .

esir يوللانغان ۋاقتى 2014-6-28 09:06:20

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   esir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-28 09:27  

مۇئەللىم- ئاجايىپ بىر ئىنسان:

مەسچىتنىڭ ئىشىكىدە گۇندىپاي، شۇڭا موللىلار تىللايدۇ؛
مەھەللىدە ئۆي چارلاپ ئىشپىيون، شۇڭا دېھقانلار تىللايدۇ؛
مەكتەپتە، يىغىن زالىدا ئەيىبكار، پارتىيەگە ۋاكالەتەن مۇدىر ۋە ئۇنىڭ چوماقچىلىرى تالىشىپ تىللايدۇ؛
بازاردا «پىششىق» دەپ سودىگەرلەر تىللايدۇ؛
سىنىپتا «چىڭ تۇتتى» دەپ ئوقۇغۇچىلار تىللايدۇ؛
ئوقۇش پۈتتۈرۈپ جەمئىيەت كۆرگەن ئوقۇغۇچىلىرى «چىڭ تۇتسا بولمامتى بىزنى… مۇنداق بوپكېتەر
ئىدۇق» دەپ تىللايدۇ؛
مۇئەللىم سۈكۈتتە…

ئۇ ئاجايىپ بىر ئىنسان.

esir يوللانغان ۋاقتى 2014-6-28 09:15:34

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   esir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-28 09:21  

تەكرار، تەھرىرلەندى

esir يوللانغان ۋاقتى 2014-6-28 09:16:56

ئۆتكەندە مەكتىپىمىزدە تولۇقسىز مەلۇماتىغا ئىگە، ھەربىيلىكتىن ئالماشقان يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى مەخسۇس تېمىلىق يىغىن ئېچىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساپاسىنىڭ تۆۋەنلىكىنى ئىسپاتلاپ ھەممىنى قايىل قىلىپ چاۋاك چالدۇرۇۋەتكەنتى.

esir يوللانغان ۋاقتى 2014-6-28 09:17:00

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   esir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-28 09:22  

تەكرار، تەھرىرلەندى

esir يوللانغان ۋاقتى 2014-6-28 09:17:04

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   esir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-28 09:23  

تەكرار، تەھرىرلەندى

esir يوللانغان ۋاقتى 2014-6-28 09:17:10

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   esir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-28 09:23  

تەكرار، تەھرىرلەندى
بەت: [1] 2
: گۇناھكارى مۇئەللىممۇ ؟(ئابدۇقادىر مەتسېدىق)