ozugh يوللانغان ۋاقتى 2014-6-27 11:52:55

جۇڭگونىڭ ئەڭ يېڭى مەشغۇلات سېستىمىسى bolod xos

     مىكروسوفىت win xp مەشغۇلات سېستىمىسىنى قوللاشنى توختاتقاندىن كېيىن، دۆلىتىمىز كەڭ كۆلەملىك سېستىما يېڭىلاش مەسلىسىگە دۇچ كەلدى، لېكىن ئېلىمىز ھۆكۈمىتى ھۆكۈمەت تەرەپ ئورگان ئىشخانىلاردىكى كومپىيۇتېر ئۈسكىنىلىرىگە  win 8 مەشغۇلات سېستىمىسىنى قاچىلاشنى چەكلىدى ۋە   win 8 مەشغۇلات سېستىمىسىنى سېتىۋېلىشنى توختاتتى.
       تۆۋەندىكىسى مەركەزنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۇقتۇرۇشى:
http://www.zycg.gov.cn/article/show/242846
      بۇنىڭدىن مەخسەت: چەتئەلدە ئىشلەنگەن مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ ئېلىمىز ئۇچۇر مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارلاپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بولۇپ، ئېلىمىز ئۆزى ئىشلەپ چىقارغان مەشغۇلات سېستىمىسنى ئىشلىتىش ئارقىلىق خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۆزدە تۇتقان ئىدى. نۆۋەتتە ھەربى ۋە بىرقىسىم بانكا ساھەسىدە ئىلىمىز ئۆزى ئىشلەپ چىقارغان مەشغۇلات سېستىمىسىنى ئىشلىتىۋاتىدۇ.
      bolod xos مەشغۇلات سىستىمىسى بولسا ئىلىمىز كومپيۇتېر مۇتەخەسىسلىرى قولايلاشتۇرۇپ ياساپ چىققانLinuxئاساسىدىكى كومپىيۇتېر مەشغۇلات سېستىمىسى بولۇپ ئورگان تور بېتىدە تۆۋەندىكىدەك چۈشەنچە بېرىلگەن:
     « bolod xos ئۈستەل يۈزى تولىمۇ چىرايلىق؛ 3د ئۈنۈملىرى ئۆزگىچە؛ قاچىلاش ھەم تىز ھەم ئاسان؛ ئىشلىتىش ناھايىتى قولاي، سۈرئىتى ئىنتايىن تىز؛ سېستىمىنى قاچىلاشقا 2مىنۇتمۇ ۋاقىت كەتمەيدۇ.  5 سىكۇنتتا سېستىمىنى  بىر كونۇپكا بىلەن يۇيىۋىتەلەيسىز».
        bolod xos 宝龙 ئورگان تور بېتى:
http://www.bolod.net/

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-6-27 14:14:12

مەن ھەپىلىشىپ قاچىلىيالمىدىم   قاچىلاپ باققانلار يول كۆرسىتىڭلا

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-6-27 14:14:21

مەن ھەپىلىشىپ قاچىلىيالمىدىم   قاچىلاپ باققانلار يول كۆرسىتىڭلا

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-27 14:39:08

تۇزىنى يەپ تۇزلىقىنى چېقىشقا بەك ئۇستا جۇمۇ...
دەۋلىتىمىزنىڭ سېستىمىسى بەك بەلەن ئوخشىمامدۇ قارىغاندا ، نازارەت قىلمايدىغان، شەخسى ئۇچۇرنى بىزگە ساقلىشىپ بەرمەيدىغان ...
ھەقسىزدۇ ھە :lol

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-6-27 15:32:32

Linux مۇ چەتئەلنىڭغۇ

Qarabeg يوللانغان ۋاقتى 2014-6-27 15:33:39

alip يوللىغان ۋاقتى  2014-6-27 15:32 static/image/common/back.gif
Linux مۇ چەتئەلنىڭغۇ

چاپىنىنى ئۆزگەرتىپلا....

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-27 17:12:39

گوگۇل چۇرتلا ئېچىلماس بولدىمۇ نىمە؟؟

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-6-27 17:31:28

ئۆزى ساسىغان ئوخشايدۇ دېسەم چاپان كەيدۈرۈپتىغۇ.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

QUYASH يوللانغان ۋاقتى 2014-6-27 19:27:24

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   QUYASH تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-27 19:38  

نوچى چىققان بولسا بۇلار لىنۇكىس ئاساسىدا ئۆزگەرتىپ چىققان‹‹قىزىلبايراق››مەشغۇلات سېستىمىسىچىلىك نوچى چىقار. شۇ سېستىمىنىمۇ ئۇمۇملاشتۇرالماي تاشلىۋەتتى.
دۆلىتىمىزنىڭ لىنۇكىس ئائىلىسىدىكى مەشغۇلات سېستىمىسىنى ئۇمۇملاشتۇرۇشى ئۈچۈن ئۇزاق جەريان كېتىشى مۇمكىن. ئەمما دۆلەت ئۆزى غەيرەتكە كېلىپ ئومۇمى يۈزلۈك لىنۇكىسقا يۈرۈش قىلسا ئېلېكتىرون بازىرى ئاستىن ئۈستۈن بولۇپ كېتىدۇ.
1. ھەرقايسى بانكىلار ئۆزىنىڭ تور يۈزى يۇمشاق دىتاللىرىنى لىنۇكىسقا ھەم لىنۇكىستا ئىشلەيدىغان ئوت تۈلكە تور كۆرگۈچىگە ماسلاشتۇرۇشى كېرەك. بۇرۇنقىدەك قىستۇرما بىلەن تەمىنىلەپلا قۇتۇلىدىغان ئىش ئۆتمۈشكە ئايلىنىدۇ. بىخەتەرلىك قىستۇرمىسى ئىشلەتمىسە تورنىڭ بىخەتەرلىكى پۈتۈنلەي مۇلازىمېتىرغىلا تايىنىدۇ دىگەن گەپ. تور يۈزى پۇل مۇئامىلىسى ئەمىلىيلەشمىسە بۇ سېستىمىنىڭ ئەملىلىيلىشى تەس.
2. ۋىندوۋس مەشغۇلات سېستىمىسى مەيلى قانداق بولۇپ كەتسۇن ئالدى بىلەن ئىشلىتىشكە قولايلىق بولۇشى، ئاندىن قوللىنىشچان يۇمشاق دىتاللارنىڭ تولۇق بۇلۇشى بىلەن ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ كەلدى. بۇ مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ يادروسى لىنۇكىس بولسىمۇ لىنۇكىس ئائىلىسىدىكى يۇمشاق دىتاللار بىر-بىرىنى قوللىمايدۇ. مەسىلەن دېبىيان بىلەن ئۇبۇنتۇ بىر ئائىلە. قىزىل قالپاق بىلەن فېدورا بىر ئائىلە. دېبىياننىڭ يۇمشاق دىتاللىرىنى فېدورادا ئىجرا قىلغىلى بولمايدۇ. بۇلارمۇ جوڭگۇچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بۇ سېستمىسىدا ئەسلىدە بار بولغان لىنۇكىس ئائىلىدىكى يۇمشاق دىتتاللارنى قوللايدىغان قىلىپ ياسىماسلىقى مۇمكىن.ئۇنداق بولغاندا ھېچكىم جوڭگۇنى دەپ بۇ مەشغۇلات سېستىمىسىغا قارىتا يۇمشاق دىتال يۈزۈپ بەرمەيدۇ. چوڭ تىپتىكى يۇمشاق دىتاللارنى تۈزۈش ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس. كىيۇكىيۇدەك ئىككى تۆتتال دىتالنى تۈزۈپ قويۇپ شۇنىڭ بىلەن بولدى قىلسا بۇ سېسىمىنىڭمۇ ئۆمرى كۆتە بولاپ قالىدۇ.
3. بۇ سېستىمىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن مەملىكەت بويىچە كەم بولغندىمۇ نەچچە ئاي تەربىيلەش ئېلىپ بېرىش كېرەك. ئىشلەتكۈچىلەرنى ئايرىم، تور باشقۇرغۇچى، ئاسراش ئۇستىلىرىنى ئايرىم..... تەربىيلەش كېرەك. لىنۇكىس دىگەن ۋىندوۋستەك قولايلىق ئەمەس. بولۇپمۇ ۋىندوۋس ئىشلىتىپ كۆنگەنلەر ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق. بۇ قاپاقۋاش بەسەيلىنىڭ ئالدىغا كومپيۇتېرنى ئەكىلىپ بەرسە بەلكىم كۇلىسىغا كېتىپ يەر سۈپۈرۈشكە رازى بولۇشى مۇمكىن. ئەمما لىنۇكىس بىلەن ماسلىشىشى مۇمكىن ئەمەس.
4. بۇ مەشغۇلات سېستىمىسى بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلالامدۇ؟
ياق. لىنۇكىسنىڭ ئۆزى ئوچۇق كودلۇق بولغىنى بىلەن يادروسى ئوچۇق كودلۇق ئەمەس. بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن چاۋشىيەنگە ئوخشاش چەتئەل بىلەن ئۇلىنىدىغان تور يوللىرىنى ئۈزۈپ دۆلەت ئىچىدىكى قىسمى تورنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. پەقەت تورلا بولىدىكەن. بىخەتەرلىك مەسىلىسى ھامىنى بولىدۇ. ئۆتكەندە گۇگۇل شىركىتى ئامېرىكا بىخەتەرلىك ئورۇنلىرىنىڭ ئاندروئىد مەشغۇلات سېستىمىسىغا بەزى كودلارنى مەجبۇرى قوشقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. بۇ يانغۇز ئاندروئىدتىلا ئەمەس ئامېرىكىدا تەتقىلىق قىلىنىدىغان بارلىق قاتتىق-يۇمشاق دىتاللارنىڭ ھەممىسىدە بار. بۇنىڭدىن قانداقمۇ ساقلىنىش مۇمكىن؟

Mouse يوللانغان ۋاقتى 2014-6-27 19:56:27

بۇنى كۆرۈپ ئۇلار چوتنى چورتلا خاتا سوققاندەك ھېس قىلدىم.

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-6-27 20:07:15

talmas1 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-27 17:12 static/image/common/back.gif
گوگۇل چۇرتلا ئېچىلماس بولدىمۇ نىمە؟؟

سىلە نەدىن

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-27 21:25:46

kakkur يوللىغان ۋاقتى  2014-6-27 20:07 static/image/common/back.gif
سىلە نەدىن

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىدىن

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-6-27 22:06:13

talmas1 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-27 21:25 static/image/common/back.gif
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىدىن

ھە مۇنداقمىتى  مەن تېخى  لوس ئانجىلىس 6- دادۈيدىن چېغى   دەپ قاپتىمەن ھې  ھې  ھې  

بىزنىڭ خوتەندە ئېچىلماس بوپ قالغان ئىدى سىزنىمۇ خوتەنلىكمىدۇ  ياكى ھەممە يەردە شۇنداقمىدۇ  دەپ سورىشىم

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-27 22:20:41

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   talmas1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-27 22:28  

ئېھتىمال پۈتۈن جۇڭگۇدا ئوخشاش بۇلىشى مۇمكىن.
بومۇ( گوگۇلغا چىقىش )بىر پۇل تېپىشنىڭ ۋاستىسى بۇلۇپ قالدى.

Qarabeg يوللانغان ۋاقتى 2014-6-27 22:36:50

ئېنتىرنىت تور كۆرگۈنى ئاچساملا ھېلىقى 123 دىگەن سەت چىقىۋېلىپ ئىچىمنى بەك پۇشۇرەۋتتى. شۇنىڭ بىلەن ئېنتىرنىت تور كۆرگۈنى ئىشلەتمەسلا بولدۇم.

xaqanjan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-28 12:57:11

Google نىڭ جۇڭگودىكى ئابوتلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىۋاتقان، مۇلازىمىنتىرى شاڭگاڭدا بولغان Google ئېچىلماس بولۇپ قالدى،Google نىڭ مۇلازىمىتىرىنى ئامرىكىغا كۆچۈرۈپ كەتكەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلاپ تەكشۈرۈپ باقسام نەتىجە ھەقىقەتەن شۇنداق چىقتى.




زىيارەت  مىقدارى يۇقۇرى،ئىشلەتكۈچىلىرى كۆپ بۇ بېكەت شۇنداق قىلىپ مۇشۇنداقلاچېكىنگەن بولامدۇ؟
بەت: [1]
: جۇڭگونىڭ ئەڭ يېڭى مەشغۇلات سېستىمىسى bolod xos