israpil يوللانغان ۋاقتى 2014-6-27 11:12:44

[قانۇن]جىنايى ئىشلاردىكى دىلو مىسالىنى ئىشلەش ئۇسۇلى


جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى دىلو مىسالى تەھلىل قىلىش ئۇسۇلى
جىنايى ئىشلاردىكى سۇئالدا بىر كونكىرت دىلو مىسالى بىرىپ،قىلمىشچىنىڭ جىنايىتى ۋە جاۋاپكارلىغىنى تەھلىل قىلغۇزىدۇ.سۇئال قىسقا بولسىمۇ،بىراق سىنالماقچى بولغان بىلىم قۇرۇلمىسى كەڭ بولغاچقا ،قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقۇرى .بۇنىڭ ئۈچۈن تكۋەندىكىلەرەە دىققەت قىلىڭ!
1.        بىرىلگەن دىلو مىسالىنى تەپسىلى كۆرۈپ چىقىڭ.
ئادەتتە بۇ خىلدىكى سۇئاللار جىنايى ئىشلاردىكى ئەڭ مۇھىم مەزمۇن ياكى قانۇن ماددىسىدىكى ئالاھىدە بەلگۈلىمىلەردۇر،يەنى ئاساسى ئۇقۇم ۋە ياكى قانۇن بەلگۈلمىسىنى پۇختا ئىگەللىۋالسا،ئىمتىھاندا قېينالمايدۇ.
2.        دىلو مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى تېپىپ چىقىش.
تۆۋەدىكى بىلىملەر دائىم كۆرىلىدۇ:
باش پىرىنسىپ قىسمىدا:
(1)        قەستەن、 سەۋەنلىك、 تاسادىپى ۋەقەنىڭ بىكىتىلىشى؛
(2)        جىنايى جاۋاپكارلىق يېشى 14كە توشۇپ 16گە توشمىغانلارنىڭ جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىش دائىرسى؛
(3)        يوللۇق قوغدىنىشنىڭ شەرتلىرى؛
(4)        جىنايەتنىڭ تەييارلىغى 、ئەمەلگە ئاشمىغان ۋە ئاخىرلاشقاننىڭ پەرقى؛
(5)        ئورتاق جىنايەتنىڭ شەرتلىرى、 باش、 ئەگەشكۈچى、 ياردەمچى كۈكۈرتكۈچى جىنايەتچىلەرنىڭ بىكىتىلىشى؛
(6)        تەكرار جىنايەت 、ئۆزىنى مەلۇم قىلىش.
تارماق پىرىنسىپ:ئامىۋى بىخەتەرلىككە دەخلى قىلىش、 جىسمانى ھوقۇققا 、مال-مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزۈش جىنايىتى、پارىخورلۇق
ئادەتتە دىلو مىسالى مۇشۇ جىنايەتلەرگە چېتىلىدۇ.
3.        سۇئال ئىشلەشتە ئۈچ تەرتىپ بويىچە ئىشلىسڭىز ئۈنۈمىنى كۆرەلەيسىز:
(1)        جىنايەتچى قايسى خىل قىلمىشلارنى سادىر قىلغان،جىنايەتنىڭ نامىنى قانداق بىكىتىش كىرەك؛
(2)        جىنايەتچىنىڭ ئېغىر يىنىك ياكى يىنىكلىتىپ جازا بەرمىسىمۇ بولىدىغان ئەھۋاللىرى بارمۇ؟جىنايەتچىنىڭ ئالاھىدە سالاھىتى بارمۇ؟ئۆزىنى مەلۇم قىلغان ئەھۋال بارمۇ؟
(3)        ئىناۋەت كارتىسى ئوغۇرلاش،زوراۋانلىق、 تەھدىد ئۇسۇلى بىلەن تاموژنىغا قارشىلىق قىلغانلارنى ئەتكەسچىلىك ۋە ھۆكۈمەت خىزمىتىگە توسقۇنلۇق قىلىش جىنايىتىنى قوشۇپ قازالاش.ئېغىرلىتىپ بىر جىنايەت بىرىش كىرەكمۇ ياكى كۆپ جىنايەتنى قوشۇپ جازالاش كىرەكمۇ دىگەن مەسىلە ،نەزىريە ئەمەلىيەتتە مۇھىم مەسىلىدۇر.
ئاخىرىدا ،سۆزلەرنى قىسقا مەزمۇنلۇق،ئاساسلىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇش ،چۇۋالچاق،سوبىكتىپ پەرەز بىلەن جاۋاپ بىرىشتىن ساقلىنىش كىرەك.
   

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-6-27 13:42:17

ئەمىلىي دېلودىن بىرنى بەرسىڭىز بىز ئىشلەپ باققان بولساق بوپتىكەن . ئاندىن ئەڭ ئاخىرىدا توغرا ھۆكۈمنى بەرگەن بولىسىڭىز .

israpil يوللانغان ۋاقتى 2014-6-27 17:43:00

begir يوللىغان ۋاقتى  2014-6-27 13:42 static/image/common/back.gif
ئەمىلىي دېلودىن بىرنى بەرسىڭىز بىز ئىشلەپ باققان بولس ...

بولىدۇ ،شۇنداق قىلايلى!
بەت: [1]
: [قانۇن]جىنايى ئىشلاردىكى دىلو مىسالىنى ئىشلەش ئۇسۇلى