begir يوللانغان ۋاقتى 2014-6-27 09:13:34

39 پەلەمپەي

39 پەلەمپەي
ئابدۇشۈكۈر غوپۇر

ئۆمىلەپ چىققانغۇ ئەڭ دەسلەپ چوقۇم،
بىرىنجى پەلەمپەي تارتقاندا قولۇم .
تايتاڭلاش ، تېنەشلەش باشلانغان چېغى
ئىككىنجى پەلەمپەي بولغاندا يولۇم .

ئۈچ ياشتا ئەي نىگار سەن يوق جاھاندا،
پىياژغا ، پويوغا(پولو) كۆيگەنكەن شۈكۈر.
ئول سەھرا شۇ قەدەر ساپ ئىرۇرلەركىن  ،
شور توپا مېنىڭكى مىڭ قەترە شۈكۈر ....

تۆت بەش ئالتە پەلەمپەي شەھەرلىك قىلدى،
شۇ قەدەر ئەركىنتىم شەھەر مېنىڭتى .
ئادەم بېدىكلىرى يوق يوق بىر تال يوق ،
بۇ تاغلار مېنىڭتى ، ئۇ باغ سېنىڭتى .

قومۇشتا كەسكەندە ئاغزىمدا تۇخۇم ،
چىممىدە قىلغاندا كۆزلىرىمدە ياش .
رەھمەتلىك قاسىمكام سىمايىڭ ئۇچتى،
ئاھ ! ئوغۇلمەن ! ئاھ مەن يەتتە ياش !

قاچاتتىم كۈندىلا دەريا توقايغا ،
بەڭباشلىق كۈندىلا ھەمراھتى ماڭا .
تاماكا چەككەننى دىمەيلا قوياي ،
سارغايغان بارماقلار گۇۋاھتى ئاڭا .

ئۆسمۈرلۈك بىر بىرلەپ يېتىلەپ يەنە،
كۆتۈردى ئون بەش پەلەمپەيگىچە .
يىگىتلىك دەۋرىم باشلاندى دەردىم ،
ئاشىقلىق قارايدۇ ئەيمەنگىنىچە ...

يەنە تۆت يىل ئۆتتى ھايت ھۇيتلا ،
تۆمۈر تاۋاق قولۇمغا تەككەنمۇ بولدى.
كەپسىزلىك بار ئىكەن بار ئىكەن يەنە،
ئايلىقنىڭ ئاز قىسمى تەككەنمۇ بولدى ...

قېرىپتىمەن ھەي قېرىپتىمەن ھەي ،
ساناقتىن ئازدىم ھە ؟ توساتتىن ئازدىم..
نەچچە پەلەمپەينى ئاتلاپلا بۈگۈن
ئوتتۇز توققۇزغا دەسسىدىم مەزمۇت .


تۇغۇلغان كۈنۈمنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-27 12:28:39

:lolمۇبارەك بولسۇن! مەن بىر قانچىسىگە ئۇچۇر قىلىۋىتەي!

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-27 13:25:36

شەھلا  بىغىرنىڭ تۇغۇلغان كۇنىنى قاتتىق تەبرىكلىمەكچى ئوخشىمامدۇ ؟  :lol

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-6-27 13:35:46

xahla91 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-27 12:28 static/image/common/back.gif
مۇبارەك بولسۇن! مەن بىر قانچىسىگە ئۇچۇر قىلىۋىتەي!

رەھمەت تەڭتۇشۇم :lol

Qarabeg يوللانغان ۋاقتى 2014-6-27 14:10:02

39- پەلەمپەي دەپ بىر كىنو بولىدىغان. مەن تېخى شۇ كىنونىڭ پارىڭى چېغۋا دەپتىمەن.

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-6-27 14:11:07

Qarabeg يوللىغان ۋاقتى  2014-6-27 14:10 static/image/common/back.gif
39- پەلەمپەي دەپ بىر كىنو بولىدىغان. مەن تېخى شۇ كىنونىڭ  ...

قارىغاندا سىزمۇ تەڭتۈشۇمدىن چوڭراق ياكى تەڭتۇشۇم ئوخشايسىز

kaman1 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-27 15:11:31

Qarabeg يوللىغان ۋاقتى  2014-6-27 14:10 static/image/common/back.gif
39- پەلەمپەي دەپ بىر كىنو بولىدىغان. مەن تېخى شۇ كىنونىڭ  ...

غۇۋا ئېىسمدە بار ،ئۇ فىلىمنىڭ ئسمى 39 -پەلەمپەي ئەمەستۇ ؟باش پىرسۇناژ ئېگىز مۇناردىكى سائەت سىتىرىلكىسىگە ئىسىلىپ قالىدىغان يېرى يادىمدا قاپتۇ

Qarabeg يوللانغان ۋاقتى 2014-6-27 15:24:39

begir يوللىغان ۋاقتى  2014-6-27 14:11 static/image/common/back.gif
قارىغاندا سىزمۇ تەڭتۈشۇمدىن چوڭراق ياكى تەڭتۇشۇم ئوخ ...

ئېھتىمال!

Qarabeg يوللانغان ۋاقتى 2014-6-27 15:28:24

kaman1 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-27 15:11 static/image/common/back.gif
غۇۋا ئېىسمدە بار ،ئۇ فىلىمنىڭ ئسمى 39 -پەلەمپەي ئەمەست ...

كىنونىڭ ئىسسمى 39 -پەلەمپەي.
بۇ 70- يىللاردىكى خېلى مۇنەۋۋەر كىنالارنىڭ بىرىتتى. دىگىنىڭىزدەك باش پىرسۇناژ ئاخىرى سائەت ئىستىرىلكىسىغا ئېسىلىپ قالىدۇ.

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-6-27 17:55:22

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   muztag تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-27 18:13  

تۇغۇلغان كۇنىڭىزگە  مۇبارەك بولسۇن
ئەمما ئويلىغۇنۇمدىن قىرى كەنسىز  :lol:lol:lol

Qarabeg يوللانغان ۋاقتى 2014-6-27 18:01:12

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qarabeg تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-27 18:03  

muztag يوللىغان ۋاقتى  2014-6-27 17:55 static/image/common/back.gif
مۇبارەك بولسۇن، ئويلىغۇنۇمدىن قىرى كەنسىز

قېرى بولسا مۇبارەك بولامدۇ؟ توۋۋۋۋۋااا ما گەپنى.:( :( :o

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-6-27 18:16:15

Qarabeg يوللىغان ۋاقتى  2014-6-27 18:01 static/image/common/back.gif
قېرى بولسا مۇبارەك بولامدۇ؟ توۋۋۋۋۋااا ما گەپنى.    ...

ئەمدى بولدىمۇ ؟
سىزنىڭچە قىرى ئادەمنى مۇبارەكلەشكە نىمە دىسەك بولا ؟ (تۇغۇلغان كۇنىدە )

0996 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-27 19:23:50

مۇبارەك بولسۇن!

meyxor يوللانغان ۋاقتى 2014-6-27 19:55:18

muztag يوللىغان ۋاقتى  2014-6-27 18:16 static/image/common/back.gif
ئەمدى بولدىمۇ ؟
سىزنىڭچە قىرى ئادەمنى مۇبارەكلەشكە ن ...

چاتاق بوپتۇ دەيلى.:lol

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-27 23:38:23

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ruslan007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-27 23:40  

ۋاقتىڭ  ئاز قاپتۇ دەمدۇق يا

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-6-28 19:50:10

Qarabeg يوللىغان ۋاقتى  2014-6-27 14:10 static/image/common/back.gif
39- پەلەمپەي دەپ بىر كىنو بولىدىغان. مەن تېخى شۇ كىنونىڭ  ...

شۇڭا، «يامان گۇي جۇمۇ بۇ !  » دەپ قويۇمىز مۇشۇ بېغىردەكلەرنى.

uygurjan09 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-28 19:57:59

24 ياشلىقلارنى نىم دەيمىز    :lol:lol:lol

paliwan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-29 16:56:39

تۇغۇلغان كۈنىڭزگە مۇبارەك بولسۇن،
مۇنبەردە تىمىڭىز ئىنكاسقا تولسۇن.
دوشمەنلەر لىفىتلىك يۈرۈپ مەنزىلگە،
دوسىت-قاياش ھاياتنىڭ پەيزىنى سۇرسۇن.:lol

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-6-29 22:00:15

paliwan يوللىغان ۋاقتى  2014-6-29 16:56 static/image/common/back.gif
تۇغۇلغان كۈنىڭزگە مۇبارەك بولسۇن،
مۇنبەردە تىمىڭىز ئى ...

مەن پەلەمپەيدە ماڭسام ئۇلار لېفىتلىك ماڭامدا ؟:lol  

MSM يوللانغان ۋاقتى 2014-6-29 22:12:21

uygurjan09 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-28 19:57 static/image/common/back.gif
24 ياشلىقلارنى نىم دەيمىز

24 ياشلىق باللا دەيمىز:lol
بەت: [1]
: 39 پەلەمپەي