CHaghritekin يوللانغان ۋاقتى 2014-6-26 22:22:47

ھەسرەتا

ھەسرەتا            
(چاغرىتېكىن)
ھەسرەتا باستى دىلىمنى دەردۇ ھىجراننىڭ تېغى.
بۇلبۇلى كەتتى ئۇزاپ پەسلى غازان سۆيگۈم بېغى.

مىڭ ئەسىرگە يەتكۈسىدۇر ئىشقىڭ ئۇتىدا كۆيگۈنۈم،
لەھزىگە يەتمەس ئىرۇر دىل خۇشال كۈلگەن چېغى.

ئەي سىتەمكار بولدى بەس يەتكەي بېشىمغا سالغىنىڭ،
داتقا ئايلاندى نىتەي،ئشقىڭ تىگىپ قالغان دېغىى.

بۇ بالالىغ كۈن كۈرۈش ئەسلا كۆڭۈلگە كەلمىگەن،
لەختە–لەختە ئەيلىمەكتە باغرىمە ئىشقىڭ تىغى.

ئەيلىدىڭ دەشتۇ–باياۋان  قالدى نەدە گۈلچىمەن،
چۈشمۇ نىگار چاغرىنىڭ سەندىن ۋاپا تاپماقلىغى.

2006.10

ozugh يوللانغان ۋاقتى 2014-6-27 10:27:53

قارشى ئالىمىز.{:112:}
ئىزدىنىشمۇ پات-پات شىئېرسىراپ قالاتتى. شەخسەن مەن ياقتۇردۇم.{:92:}
بەت: [1]
: ھەسرەتا