CHaghritekin يوللانغان ۋاقتى 2014-6-26 22:16:40

چېقمىدى

چېقمىدى
(چاغرىتېكىن)
چىقتى روھ تەندىن بۇدەم،ھىجراندا بۇجان چىقمىدى.
لالما ئىتتەك  تەلمۈرۈپ  يۈرگەندە  غەمخان چىقمىدى .

دۈشمۈنۈم سالغان يارا ئاھ قانسىراپ بولدى چاقا،
ئوينىشۇر چىۋىن قۇنۇپ ،ئەملەشكە لوقمان چىقمىدى.

سۆيگۈنىڭ بۇ دەشتلىرىدە تىترىدىم ياپراق بۇلۇپ،
تەمتىرەپ يۈردۈم لىكىن،توڭغاندا گۇلخان چىقمىدى.

ھالسىراپ كەتسەممۇ گەر ماڭدىم ئۈمىددە نۇر تەرەپ،
ئۆمىلەپ  قالدىم  مانا ، ئارمانغا  دەرمان  چىقمىدى.

خەق كۈلۇر مەن قىينىلۇرمەن،ھەسرىتىڭدە دەمبەدەم،
ئاڭا نىچە شۇنچە خەقتىن زەررىچە ھەيران چىقمىدى.

ئامرىقىم ۋەسلىڭنى دەپ،باقتىم ئۈمىددە تاڭغا مەن،
تۈننى چىللاپ سايرىغان ھوۋقۇشقا زىندان چىقمىدى.

2010.7.6

ozugh يوللانغان ۋاقتى 2014-6-27 10:35:03

ئەلشىر ناۋايىنىڭ ئۇسلۇبىما بۇ... ياخشى چىقىپتۇ{:112:}
      ئەمما، بىراق ئىملاغا دىققەت قىپقويسىلا تەقسر:
«دۈشمۈنۈم» ئەمەس «دۈشمىنىم»
«قۇنۇپ» ئەمەس «قونۇپ»
«بۇلۇپ» ئەمەس «بولۇپ»
« گۇلخان» ئەمەس «گۈلخان»
«ھوۋقۇش» ئەمەس «ھۇقۇش» بولا؟؟؟
بەت: [1]
: چېقمىدى