oychan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-26 21:18:12

جۇڭگودىكى ئون چوڭ مارشالنىڭ ئەۋلاتلىرى ھازىر نېمە ئىش قىلىدۇ

جۇڭگودىكى ئون چوڭ مارشالنىڭ ئەۋلاتلىرى ھازىر نېمە ئىش قىلىدۇ
تەرجىمە قىلغۇچى :شېرىپ ھاشىم

جۇدې (1886 - 1976)، 1955-يىلى ئون چوڭ مارشالغا ئۇنۋان بېرىلگەندە بىرىنچىسى بولغان.
قىزى جۇمىڭ، بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ رۇس تىلى فاكولىتېتىدا ئىشلەپ، كافېدرا مۇدىرى بولغان، 1986-يىلى دەم ئېلىشقا چىقىپ بېيجىڭ ئارمىيە- يەرلىكتە ئىشلىيەلەيدىغان ئىككى خىل ئىختىساسلىقلارنى تەربىيلەش ئىنىستىتوتىنى قۇرۇپ (ھازىر بېيجىڭ ئارمىيە- يەرلىك مەخسۇس ئۆگىنىش ئىنىستىتوتىغا ئۆزگەرتىلگەن) ئىنىستىتوت مۇدىرلىقىنى ئۈستىگە ئالغان.
كۈيئوغلى ليۇ جېڭ جۇڭگونىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ تەرجىمانى بولۇپ ئىشلەۋاتقاندا سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئوقۇۋاتقان جۇمىڭ بىلەن تونۇشۇپ توي قىلغان
نەۋرىسى ليۇ جيەن (جۇمىڭنىڭ ئوغلى) ئازادلىق ئارمىيە خىمىيىۋى قوراللاردىن مۇداپىئەلىنىش تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى.
نەۋرىسى ليۇكاڭ (جۇمىڭنىڭ ئوغلى) جۇڭگو- گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئالماشتۇرۇش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
نەۋرىسى ليۇمىڭ(جۇمىڭنىڭ ئوغلى) فرانسوز تىلى تەرجىمانى.
نەۋرىسى ليۇۋۇ (جۇمىڭنىڭ ئوغلى) ئازادلىق ئارمىيە مەلۇم تەتقىقات چوڭ ئەترىتىنىڭ باشلىقى.
پېڭ دېخۇەي (1898-1974)، 1955-يىلى ئون چوڭ مارشالغا ئۇنۋان بېرىلگەندە ئىككىنچىسى بولغان.
جىيەن قىزى پېڭ گاڭ، ھەربىي ئۇنۋانى شياۋجاڭ، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى.
لىن بىياۋ (1906- 1971)، 1955-يىلى ئون چوڭ مارشالغا ئۇنۋان بېرىلگەندە ئۈچىنچىسى بولغان.
ئوغلى لىن لىگو بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا فاكولىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى، 1967-يىلى 3-ئايدا ھاۋا ئارمىيە پارتكومى ئىشخانىسىنىڭ كاتىپى بولغان،1967-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ھاۋا ئارمىيە سىلىڭبۇسى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى قوشۇمچە ئۇرۇش قىلىش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن. 1971-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى ئەتىگەندە ئاتا- ئانىسى بىلەن بىرگە ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ئالدىراپ- تېنەپ چەتئەلگە قېچىپ مۇڭغولىيىنىڭ ۋۇندېرخانغا بارغاندا ئايروپىلان پاچاقلىنىپ چۈشۈپ كېتىپ ئايروپىلاندىكى ھەممە ئادەم ئۆلگەن.
قىزى لىن لىخېڭ (لىن دۇدۇ)، <<ھاۋا ئارمىيىسى گېزىتى>> نڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى بولغان، 1974-يىلى 7- ئاينىڭ 31-كۈنى ماۋزېدۇڭ لىن لىخېڭغا قارىتىلغان ئايرىپ تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ھەققىدە بىۋاسىتە تەستىق سالغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئوغۇل دوستى جاڭ چىڭلىن بىلەن توي قىلغان ھەمدە جېڭجۇدىكى بىر ئاپتوبىل ياساش زاۋۇتىغا خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. 11-نۆۋەتلىك 3-ئومۇميىغىندىن كېيىن، لىن لىخېڭنىڭ بېيجىڭدىكى خىزمەت ۋە نوپۇس مەسىلىسى ئارقا ئارقىدىن ھەل بولغان ھەمدە جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان، ئۇنىڭ ئېرىمۇ بېيجىڭدىكى بىر سەھىيە تارمىقىغا خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. 2002-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى لىن لىخېڭ يۇرتىدىكى مەلۇم بىر شىركەتنىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن بېيجىڭ خۇاڭخې كاتتا مەيخانىسىنىڭ لىدىرى ۋە باش دېرىكتورلىقىنى ئۈستىگە ئالغان.
ليۇبوچېڭ (1892-1986)، 2-دالا ئارمىيىسىنىڭ ۋەكىلى، ھەربىيلىك ھاياتى جۇدېدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ھەربىي ئۇنۋان بېرىلگەندە ليۇ بوچېڭنىڭ پارتىيە، ئارمىيە ئىچىدە ھېچقانداق ئەمەلىي ھوقۇقى يوق بولۇپ، ئۇنىڭ تۆتىنچى بولۇشىدىكى سەۋەب ھەربىي ئسىتاژى ۋە ئارمىيە ئىچىدىكى يۇقىرى نوپۇزى.
چوڭ ئوغلى ليۇ تەيخاڭ، ھاۋا ئارمىيە مەلۇم تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، كېيىن بىرونېۋىك قىسىمى ئۇرۇش قىلىش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان.
ئىككىنچى ئوغلى ليۇ مېڭ، باش شىتابنىڭ سەنمۇسى بولغان، ئەدەبىياتقا قىزىقىدۇ، <<ليۇ بوچېڭ خاتىرىلىرى>> نى يېزىش خىزمىتىگە قاتناشقان، كىنو سېنارىيىسى <<ياش ليۇ بوچېڭ>> نى يازغان.
ئۈچىنچى ئوغلى ليۇ تەيچى ھەربىي ئۇنۋانى شياۋجاڭ، ھاۋا ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتاب قورال- ياراغ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى.
قىزى ليۇخۇابىي، 1945-يىلى 6-ئايدا يەنئەندە دارىلئېتامدىكى چېغىدا باشقىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن.
قىزى ليۇمىچۈن، ھەربىي ئۇنۋانى گېنرال شياۋجاڭ، ھاۋا ئارمىيە قوماندانلىق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى.
قىزى ليۇ جىېشيەن، بېيجىڭ باش ئارقا سەپ دوختۇرخانىسى 1- ئامبۇ- لاتورىيىسىدە دوختۇر.
قىزى ليۇيەنلىڭ، ئازادلىق ئارمىيە باش دوختۇرخانىسى يادرو مېدىتسىنا بۆلۈمى، بېيجىڭ مېدىتسىنا ئىلمىي جەمئىيىتى يادرو مېدىتسىناسى مەخسۇس كومىتېتىنىڭ ئەزاسى.
خې لوڭ (1896- 1969)، نەنچاڭ قوزغىلىڭى باش قوماندانى ۋە قىزىل 2-يۈنۈلۈش ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى سالاھىيىتى سەۋەبىدىن مارشال بولغان.
ئوغلى خې پېڭفېي، ھەربىي ئۇنۋانى جۇڭجياڭ، دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى.
قىزى خې جىېشېڭ، ھەربىي ئۇنۋانى شياۋجياڭ، ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ھەربىي ئىشلار قامۇسى تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى.
كۈيئوغلى لى جىنجۈن، سابىق قوراللىق ساقچى قىسىم باش شىتابىنىڭ سىياسى كومىسسارى.
چېن يى (1901-1972)، جەنۇبىي جۇڭگودىكى ئۈچ يىللىق پارتىزانلىق ئۇرۇشى، يېڭى 4-ئارمىيە، 3-دالا ئارمىيىسىدىن ئىبارەت ئۈچ گۇرۇھقا ۋەكىل بولۇپ كەلگەن، يېرىم يولدا قوشۇلۇپ ئارمىيىگە قاتناشقان ئەدىب.
چوڭ ئوغلى چېن ۋۇسۇ، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان، ھازىر جۇڭگو خەلق تاشقى دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى قوشۇمچە جۇڭگو- رۇسىيە دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى.
ئىككىنچى ئوغلى چېن دەنخۇەي، ھەربىي ئۇنۋانى شياۋجياڭ، ئازادلىق ئارمىيە باش قورال- ياراغ بۆلۈمى پەن- تېخنىكا كومىتېتىنىڭ ئەزاسى.
ئۈچىنچى ئوغلى چېن شياۋلۇ، جۇڭگو خەلقئارا ئىختىساسلىقلارنى ئېچىش مەركىزى كادىرلار ئىشلىرى ۋەكالەت ئورنى خەلقئارا ئۆلچەملىك مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى.
قىزى چېن سى سى، كۈيئوغلى ۋاڭ گۇاڭيا جۇڭگو دېپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى.
لوروڭخۇەن (1902- 1963)، سىياسى خىزمەت مارشالى، سىياسى خىزمەتنىڭ ئارمىيىدىكى ئورنىغا ۋەكىللىك قىلىپ، جۇڭگو ئارمىيىسىدە ئالاھىدە بار بولغان جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكتىن دېرەك بېرىدۇ. ئون چوڭ مارشال ئىچىدە ئۇنىڭ ئىستاژى ئەڭ قىسقا بولۇپ، 1927- يىلى پارتىيىگە كىرگەن، ئەزەلدىن ئىستراتېگىيە جەھەتتىكى ئەڭ يۇقىرى ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىپ باقمىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا ئۇ يەنە ئون چوڭ مارشال ئىچىدە ئوقۇش تارىخي ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان.
ئوغلى لو دۇڭجىن، ھەربىي ئۇنۋانى جۇڭجياڭ، سابىق جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى 2-توپچىلار قىسىمىنىڭ سىياسى كومىسسارى.
شۈي شياڭچيەن (1902 - 1990)، شۈي شياڭچەنمۇ خېلوڭغا ئوخشاش قىزىل 4-ئارمىيە باش قوماندانلىق سالاھىيىتىنىڭ ۋاستىسى بىلەن مارشال بولغان.
ئوغلى شۈي شياۋيەن، ھەربىي ئۇنۋانى شياۋجياڭ، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى باش شىتاب خەۋەرلىشىش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان.
     جىيەنى خۇاڭ يۇەنجى، سابىق خۇبېي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى.
      نىې رۇڭجېن  (1899 - 1992)، شىمالىي جۇڭگو دالا ئارمىيىسىنىڭ ۋەكىلى، خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپىدە ئىشلىگەن.
      قىزى نىې لى، ھەربىي ئۇنۋانى جۇڭجياڭ، دۆلەت مۇداپىئە پەن- تېخنىكا سانائىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان، ھازىر جۇڭگو كەشپىياتچىلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن كېڭەش باشلىقى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى.
كۈيئوغلى دېڭ خېڭگاۋ، ھەربىي ئۇنۋانى شاڭجياڭ، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكا- دېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى، دۆلەت مۇداپىئە پەن- تېخنىكا سانائىتى كومىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، مۇئاۋىن مۇدىرى، مۇدىرى بولغان. ھازىر جۇڭگو ئىنېرتسىيە تېخنىكىسى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش باشلىقى.
يې جيەنيىڭ (1897 - 1986)، يې جيەنيىڭنىڭ مارشال بولۇپ بېكىتىلىشى ئۇنىڭ ئالاھىدە ئورنى ۋە خىزمەت ئىستاژىدىن بولغان، شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشىدىن جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ ھاكىمىيىتى قۇرۇلغىچە ئۇ باشتىن ئاخىر <<جۇڭگو كومپارتىيىسى ھەربىي تەرەپنىڭ سىياسى مۇنبەردىكى ۋەكىلى>> لىك رولىنى ئالغان، ئۇنىڭدىن باشقا پارتىيە، ئارمىيە ئىچىدە بۇ خىل ئالاھىدە ئورنى بار كىشىدىن بىرسىمۇ يوق.
چوڭ ئوغلى يې شۇەنپىڭ، مەملىكەتلىك سىياسى كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى.
كېلىنى ۋۇشياۋلەن (يې شۇەنپىڭنىڭ خوتۇنى)، ۋۇيۈجاڭنىڭ نەۋرە قىزى، شېنجىن شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى.
نەۋرىسى يې شىنفۇ (يې شۇەنپىڭنىڭ ئوغلى)، شياڭگاڭ ۋەنشىن شىركىتىنىڭ باش لىدىرى.
ئىككىنچى ئوغلى يې شۇەننىڭ (يۆفېڭ) ئازادلىق ئارمىيە باش سىياسى بۇ ئالاقە بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان، ھەربىي ئۇنۋانى جۇڭجياڭ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي ئەزاسى.
كىچىك ئوغلى يې شۇەنليەن، مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەشنىڭ ئەزاسى،كەيلى شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى قوشۇمچە لېدىرى.
قىزى يې چيۇ مېي، ماشىنىسازلىق سانائىتى مىنىستىرلىكى ئىستانوك ئىدارىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى.
كۈيئوغلى زۇجياخۇا (يې چيۇ مېينىڭ ئېرى) گوۋۇيۇەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى.
قىزى يې شاڭجېن، رېژىسسور، ھازىر شياڭگاڭدا تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئۇنىڭ ئىككىنچى ئېرى چيەن جۇاڭفېينىڭ نەۋرىسى لو دەن.
قىزى يې ۋېنسى، خەينەن مۇھاجىرلار مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇدىرى، شياڭگاڭ ئاسىيا- تېنىچ ئوكيان بېندې  چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى بولغان. ئۇنىڭ ئېرى يۈچيۇلىنىڭ ئوغلى يۈ فاڭ فاڭ.   
中国十大元帅后人现在干什么
此文来自于人民网

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-6-27 08:03:38

ھوقۇق تۇتماي، پۇخرا بولۇپ ئۆتكەنلىرى يوقما؟ :lol

meyxor يوللانغان ۋاقتى 2014-6-27 08:28:37

بوشىلەينىڭ دادىسى يوقكەندە بۇلارنىڭ ئارىسىدا.

Neshter يوللانغان ۋاقتى 2014-6-27 08:38:26

لىن  بىياۋنىڭ بالىلىرىغا ئۇۋال بوپ كىتىپتۇ :lol

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-27 08:58:02

لىيۇبوچىڭ تازا تۇغۇمچان خوتۇن ئېلىۋالغان ئەدەمكەنتۇق :lol

ozugh يوللانغان ۋاقتى 2014-6-27 10:10:00

«سۇغا يېقىنلار سۇدىن، تاشقا يېقىنلار تاشتىن» دەپ ھەممىسى دېگۈدەك بىكار قالماپتۇ ھە:lol
ھەنىم بولسا ياش ۋاقتىدا  تۆھپىسى 72 پۇشتىغىچە يەتكۈدەك ئۇرۇش قىپ قويۇپتىكەن.

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-6-27 15:49:50

meyxor يوللىغان ۋاقتى  2014-6-27 08:28 static/image/common/back.gif
بوشىلەينىڭ دادىسى يوقكەندە بۇلارنىڭ ئارىسىدا.

شىياۋبونىڭ دادىسىنى مۇئاۋىن زۇڭلى بولغان دەپ كۆرگەندەك قىلغان بىر بەتتە .....

ھەربىيمىكىنە ؟

doctor يوللانغان ۋاقتى 2014-6-27 16:20:36

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   doctor تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-27 16:22  

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-27 17:50:47

‹‹جاپانىڭ تېگى ئالتۇن ››
بەت: [1]
: جۇڭگودىكى ئون چوڭ مارشالنىڭ ئەۋلاتلىرى ھازىر نېمە ئىش قىلىدۇ