yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-6-26 20:06:12

جوڭگۇ تېلېگرافى مۇلازىمەت قىزىق لىنىيە تېلېفۇنى ئېلان قىلدى

6- ئاينىڭ 26- كۈنى جوڭگۇ تېلېگرافى خېرىدارلار مۇلازىمەت قىزىق لىنىيە تېلېفۇنى 4008810000 نىنى ئېلان قىلدى، ئاۋال ئۆلكە ئىچىدىكى  10000 غا ن مەلۇم قىلىش،  يوللانغان مەسىلىنىنىڭ نەتىجىسى بولمىسا 4008810000 غا تېلېفۇن قىلسا بولۇدىكەن، ھەققى شەھەر ئىچى ھېساۋىدا بولىدىكەن، تېلېفۇن قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن تەۋەلىكتىكى مەسئۇل تېلېگراف شىركىتىگە ئۇلاپ بېرىدىكەن. تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىشنى بەش كۈندە تاماملاپ نەتىجىسىنى جوڭگۇ تېلېگراف خېرىدارلار مۇلازىمەت نازارەت باشقارمىسىغا يوللاپ بېرىدىكەن.

ئەسلى مەزمۇن
中电信公布客服监督热线:用于处理二次咨询投诉

6月26日消息,针对用户对客服改善呼声的需求也越来越高,中国电信推出了全新升级版的客户服务监督热线4008810000,用户如果拨打客服热线10000号咨询、投诉未果,可拨打此电话。具体来说,全国电信用户如发现资费或服务有问题,可先拨打本省电信客服热线10000进行查询及投诉,如对本省处理结果感到不满意,或在规定时间内未得到相应答复,均可向中国电信客户服务监督热线4008810000反映。

此外,在北京市区内,用户拨打中国电信客户服务监督热线4008810000咨询或申诉,全部按照市话收取费用, 一旦接到用户申诉电话,相关处理人员会及时将申诉转于责任省电信公司,各省公司接收到信息之后,将于5个工作日之内为用户完成调查处理,并将结果反馈至中国电信客户服务监督处。

据相关工作人员表示,中国电信此次推出的举措更加注重用户需求,可帮助解决实际问题,同时也展示出中国电信融合创新带来的综合信息服务能力。

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-6-26 20:51:35

مۇشۇ باھانىدە تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بىر سۇئال سورىۋالاي
ئۆيگە سىملىق تور ئورنىتاي دىگەن (سىمسىز تورغا پۇل توشىمىدى) 4 م ب بىلەن 8 م ب بار ئىكەن . قايسىسى ياخشى مۇشۇ ھەقتە بىر چۈشەنچە بىرىۋېتىڭلار تۇغقانلار{:90:}

dilmurat يوللانغان ۋاقتى 2014-6-26 21:14:44

4m ئاستىراق. 8m تېزراق بولىدۇ. چاقچاق ھە..
8م لىقى 800يۈەن،4م لىقى 600 يۈەنغۇ دەيمەن . تېلگىرافنىڭ. تورغا چىقىدىغان ۋاقتىڭىز كۆپ ،كىنو كۆرىمەن دېسىڭىز 8نى ئورنىتىڭ.
ئادەتتىكى تور بەت كۆرىدىغان ئىشلارلا بولسا 4م مۇ يېتىدۇ.

0903Galaxy يوللانغان ۋاقتى 2014-6-26 21:45:25

دىتال چۈشىرە بوسىچا

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-6-26 22:39:51

شۈكرى  سىنىپتا  قېرىق بېشى بوپ يۈرگەن چاغلاردا دادامنى قاقشىتىپ تور تارتىۋاپتىكەنمەن  ھېلىغىچە چاچنى ئوبدان ئېلىۋاتىدۇ:lol

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-6-27 00:46:45

تىلىگقراف تورىنى ئەكىرىش ئۈچۈن چوقۇم  مۇقىم تىلفۇن ئورنىتىش كىرەكمۇ؟ مەن مۇقىم تىلفۇننى ئەكىرمەي پەقەت تورنىلا ئەكىرىشنى ئويلىغان ، بۇنداق قىلغىلق بولامدۇ

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-6-27 06:09:19

ilter يوللىغان ۋاقتى  2014-6-27 00:46 static/image/common/back.gif
تىلىگقراف تورىنى ئەكىرىش ئۈچۈن چوقۇم  مۇقىم تىلفۇن ئور ...

مۇقىم تېلىفۇن ئەكىرمىسىمۇ بۇلىدىغان ئوخشايدۇ . تېلىگراف زالىغا بېرىپ سۈرۈشتۇرسەم يانفۇن نۇمۇرى بولسىمۇ بۇلىدۇ دەپ تىزىملىۋالدى .

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-6-27 08:11:27

parakende يوللىغان ۋاقتى  2014-6-27 06:09 static/image/common/back.gif
مۇقىم تېلىفۇن ئەكىرمىسىمۇ بۇلىدىغان ئوخشايدۇ . تېلىگ ...

ئەڭ ياخشىسى ئازراق چىداپ ياخشىسىنى تارتىڭلا  كىيىنچە تورغا بولغان تەلىپڭلار ئاشسا ئىچىڭلا سىقىلىپ قاتۇ

tuz يوللانغان ۋاقتى 2014-6-27 09:01:55

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم

مەن تىلگىراف شىركىتىنىڭ ئاساسى قاتلام خادىملىرغا غەىزىپىم كەلسە ،يۇقۇرى قاتلامدىكى خادىملىرغا رەھمىتىمنى بىلدۈرمەن .
تېلگىراف شىركىتى مۇقۇم تىلپۇنغا ،ۋاي ئۇندىغەي ، مۇندىغەي دەپ كاپشىپ كۈندە كىلۋىلىپ ، بىر قول تىلپۇننى ھەقسىز بەردى . تور بىر قول تىلفۇن ،مۇقۇم تىلپۇننى ئايلىق توسەن دەپ 180 نەچچە يۈنگە ئىچىپ بەردى . بەش ئاي 180 يۈئەن بويىچە پۇل چىقتى . ئۇنىڭدىن كىيىن پاي چىكى ئۆرلىگەندەك چىقىۋەردى. تۆلەۋەردىم . بىر ئىيى 580يۈئەن چىقتى دەيدۇ . ئاچچىغىمدا نېمىشقا مۇنداق چىقىدۇ دەپ مۇلازىمەت سۇپىسىدا قاتتىق دىيىشتىم . مۇلازىمەتچى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ ، قول تىلپۇنغا كۆپ چىقىپ كىتىپتۇ ، مەن بىلمەيدىغان نۇرغۇن كەسىپلەرنى دەپ كەتتى . شۇنىڭ بىلەن تىلپۇن كەلسە ۋاي دەپ ئالىدىغاندىن باشقا بارلىق كەسىپلەرنى ئىتىۋىتىڭ ، دىسەم بولىدۇ دىدى . شۇنىڭ بىلەن پۇلنى تۆلەپ قايتتىم . بىر ئاي توشقاندىن كىيىن 900يۈئەن چىقىپتۇ دەيدۇ . ئاچچىغىم بەك كەلدى . شۇنىڭ بىلەن مۇلازىمەىت سۇپۇسىغا يەنى باردىم . بۇ قانداق ئىش نىمانچە كۆپ پۇل چىقتى يەنە دىسەم ، سۆزلەشسە چىقىدۇ دەيدا ، سۆزلەشكىنىمنىڭ ھىساۋىتىنى قىپ بىرىڭ ، دىسەم قىپ بەردى . سۆزلەشكىنىم ، 100يۈئەگىمۇ بارمايدىكەن . تور ھەققى 68يۈئەن ، ئۇچى بۇچى ھەققى دەپ 10نەچچە يۈئەن دىدى . قول تىلپۇنۇمنىڭ ھىساۋاتىدا 500 نەچچە يۈئەنلىك كىنو كۆرۈپتىمىشمەن . يەنى ھەر خىل مەن بىلمەيدىغان ، يىمىگەن مانتىنىڭ پۇللىرىنى قوشۇپ 900نەچچە يۈئەننى ساق ھىسابات قىلىپ چىقاردى . مۇلازىمەتچى قىزچاق ماڭا قدنداق دېگەندەك تەكەببۇرلۇق بىلەن بىر قارىۋىدى . مەن كىنو كورمەيدىغىنىمنى كىنو كورسەم تور بارلىقىنى دەپ بىرمۇنچە كايىدىم ، پايدىسى بولمىدى . ئاخىرى 900 يۈئەننى تۆلىدىم . ئۇنىڭدىن كىيىن ئكتۆەن ئايدا بارلىق كەسىپلەرنى ئەتكۈزۋەتسەم ، نىمىشقا ئىتىۋەتمەيسىلەر ، بۇ مەسئۇلىيەتنى كىم ئۈستىگە ئالىدۇ دىسەم ، سىز ئۇنداق دىمىگەن دەپ تۇرۋالدى . مەن دەرھال باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىغا چىقىپ بۇ ئەۋەلنى دىسەم ، ئۇمۇ مەسئۇلىيەتتىن قاچقاندەك قىلىپ گەپ يورغىلاتتى . شۇنىڭ بىلەن مەن شۇ كۇندكى تىلكامىرانى ئىچىڭ تەكشۈرۈڭ مەن مۇلازىمەت سۇپسىغا چىقىپ نېمە دىگەنلىكىم ئايدىڭلىشىدۇ دىسەم ، دۇدۇقلاپ ئەتە چىقىڭ تەكشۈرۈپ كۆرۈپ خەۋەرنى بىرەي دىدى . مەن ياق ، بۈگۈن تەكشۈرسىز ، يا مەن يالغانچى بولىمەن ، يا مۇلازىمەتچى يالغانچى بولىدۇ دەپ قاتتىق تۇردۇم . شۇنىڭ بىلەن ، بىر سائەتتىن كىيىن ، مۇلازىمەت سۇپسىغا چىققىنىڭىز راستكەن لىكىن كەسىپلەرنى ئەتۈرۋەتمەپسىز دەپ تۇرۋالدى . شۇنىڭ بىلەن ئۈرۈمچىدىكى باش ئاپىراتقا تىلپۈن قىلىپ ، ئەۋالنىڭ ھەممىنى دەپ ، تەكشۈرۈپ بىقىشنى دىسەم ، ئۇلار سىز بىلەن 24 سائەت ئىچىدە ئالاقىلىشىمىز دەپ ، ئەتىسى تىلفۈن ئۇرۇپتۇ . شۇنڭ بىلەن تخقارەت زالىنىڭ باشلىقى مىنى چاقىرتىپ ، ئوشۇق پۇلنى تىلپۇنۇمغا ھەر ئايدا ئۇرۇپ بىردىغانلقىنى ، بۇنىڭدىن كىيىن مۇنداق ئەۋال بولمايدىغانلىقىنى دەپ 700نەچچە يۈئەن ھەر ئايلىق ھىساۋاتىمغا ئۇرۇپ بىردىغان بولدى . شۇنىڭ بىلەن مەن 4 كۈن ئاۋارە بولۇپ بۇ ئىشنى ئاشۇنداق ھەل قىلدىم . ھازىر ئايدا 180نەچچە يۈئەنلا چىقىدۇ . :lol

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-6-27 10:47:13

بايا ماڭا تىلگىرافتىن تىلفۇن كەلدى ، بىر قىز مەن سىزگە مەسئۇل مۇلازىمەتچى دەيدۇ ، مەسلىھەت سورايدىغان ئىشلار بولسا 10000 غا ئۇرماي  ئاشۇ قىزغا تىلفۇن ئۇرۇپ سورىسام بولىدىكەن ،   نۇمۇرى يانفۇن نۇمۇرلىرى بىلەن ئوخشاش 11 خانىلىق ئىكەن 181 باشلىنىدىغان ، مۇلازىمەتلىرى ياخشى بوپكىتىپتۇ

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-6-27 15:46:13

tuz يوللىغان ۋاقتى  2014-6-27 09:01 static/image/common/back.gif
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم

مەن تىلگىراف شىركىتىنىڭ ئاساسى قا ...

يانفۇنغا قارىغاندا ئۆي تېلىفۇنىغا ئورناتسا بۇلامدۇ نىمە ؟ ئۆي تېلفۇنىدا كىنو كۆرگىلى بولمىغاندىكىن پارچە - پۇرات غەلۋىسى چىقماس دەيمەنا ....

تېلىگرافتىكىلەر يانفۇنىڭىزغا ئۇلاپ بېرىلى دەيدۇ :dizzy:

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-6-27 15:46:32

kakkur يوللىغان ۋاقتى  2014-6-27 08:11 static/image/common/back.gif
ئەڭ ياخشىسى ئازراق چىداپ ياخشىسىنى تارتىڭلا  كىيىنچە  ...

ياخشىراقىنى تەۋسىيە قىلماملا ھەزىرتىم

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-6-27 16:05:17

parakende يوللىغان ۋاقتى  2014-6-27 15:46 static/image/common/back.gif
ياخشىراقىنى تەۋسىيە قىلماملا ھەزىرتىم

ئەڭ قىممىتىنى تاللىسىلا ھەزرەت

doctor يوللانغان ۋاقتى 2014-6-27 16:10:08

مەنمۇ 8mb لىق قىلىپ ئۆي تېلفۇنى +كەڭبەلباغ تور+iP-TV+تېلگىرافنىڭ سىمسىز كارتىسى قاتارلىقلارنى بىرگە باغلاپ 1000يۇەنگە ئىككى يىللىق توختام بىلەن بىجىرگەن لىكىن ھەرئايدا تېلگىرافىڭ كارتىسىغا 69يۈەن تۆلەيمە.
ئاۋۇ 1000 يۈەن ئىككى يىللىق توربىلەن تېلۋىزورنىڭ ھەققىدەك قىلىدۇ ،لىكىن ئىككى يىل بۇكەسىپكە مەجبۇرى باغلىنىپ قالدىمدە .
تېلگىرافتىكىلەر بۇلىدۇ دەپ قالسا ھېچقايسىسىنى مەجبۇرى چاتماي يىللىق توختاملاشماي ھەرئايلىقىنى شۇئايدا تۆلەيدىغان قىلىپ تورنى 8mdقىلىپ ھېلىقى ئىككى يىللىق توختامدىكىدەك ئىككى يىللىقىنى 800 يۈەن ھىسابىدا بىجىرىپ بەرسە شۇنداق بىجىرگەن ياخشىدەك لىكىن بۇلارنىڭ قىلتىقى تولىدە

begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-6-27 16:16:25

مەن 600 يۈز يۈەنگە بىر يىللىقىنى 2 مىگا تور تارتقان ، ھازىر بىر نەرسە چۈشۈرسەم 1 مىگادىن چۈشىدۇ. بەك ئەرزان دەيمەن.  لىكىن يەكەندە كۆچمىنىڭ 8مىگا يىللىقى 500يۈەنلىك تور چىقىپتۇ،  ئىشلىتىپ باققانلار دەپ بىقىڭلار ، كۆچمىنىڭ مۇقىم تورى قانداراق؟
بەت: [1]
: جوڭگۇ تېلېگرافى مۇلازىمەت قىزىق لىنىيە تېلېفۇنى ئېلان قىلدى